مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 999 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب.  ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلاردا HIV بىلەن  يۇقۇملىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشپ، ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارغاندا ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. لېكىن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا  ھەممىلا كىشىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىشى ناتايىن. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلار ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. شۇڭا نىسبەتەن ئاددىي، ئەرزان دورىلارنى ئىشلىتىپ HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياخشى چارە  ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز:

SMzco دورىسىPCP نى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە خېلى ياخشى رولغا ئىگە بولۇشتىن سىرت، يەنە كۆپ خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشقا، مەسىلەن: يا شەكىللىك تەنچە، ئۆپكە يەللىكى شارچە باكتېرىيە، تارقىلىشچان زۇكام قان خۇمار تاياقچىسى، غەيرىي كېزىك سالمۇنىللا باكتېرىيىسى ۋە ئالتۇن رەڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىدىن بولغان يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاش جەھەتتىمۇ مۇئەييەن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولىغا ئىگە. شۇڭا SMzco دورىسىنى ئىشلەتكەندە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلار تۇبېركۇليوز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۇلاردا تۇبېركۇليوزنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقۇملانمىغانلارنىڭكىدىن 30 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلار تۇبېركۇليوزغا يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۇلاردا تۇبېركۇليوز پەيدا بولۇش نىسبىتى %5 بولىدۇ. شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئارىسىدا تۇبېركۇليوز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، رىمىفون ئارقىلىق تۇبېركۇليوز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنسا، ھەرىكەتچان تۇبېركۇليوزنىڭ يۇقۇش خەۋپىنى %40 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، قايتا قوزغىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.