12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 24-نويابر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: «جىنسىىيەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئەيدىز كېسىلى بىمارى ئەيدىز بىمارلىرى توپىدا مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلىدى، 2015-يىلى بۇ نىسبەت %85.5 كە يەتتى» دېدى. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نى مىڭجىيەن بىلدۈرۈپ: «جىنسىي يۇقۇش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتا، ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارىسىدىكى جىنسىي يۇقۇش نىسبىتى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا سەل ئاشتى، دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلار ھەمدە بىمارلار %2.6كە يەتتى» دېدى. ئىگىلىنىشچە، 2015-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە ھازىر شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان يېڭىدىن ئاشقان ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 3890، بىمار 1566 ئادەم بولۇپ، 927 ئادەم ئۆلگەن. نى مىڭ جىيەن بىلدۈرۈپ: «2015-يىللىق ئىستاتىستىكىدا، جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇش نىسبىتى %85.5كە يەتتى، زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقۇش نىسبىتى %11.4 بولدى. دېدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2008-يىلدىن ئىلگىرى، جىنسىيەت ئارقىلىق يۇقۇش ۋە زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقۇش نىسبىتى نىسبەتەن تەڭ بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن 1:1 بولغان؛ لېكىن 2008-يىلدىن كېيىن جىنسىيەت ئارقىلىق يۇقۇش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ماس ھالدا ئازلىغان.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.