شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ‹‹ ئورتاق ئالغا بېسىپ ، ئىناق مەكتەپ قۇرۇپ چىقايلى ›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 21–ئاپرېل ، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا–سانائەت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىدىكى 170 تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشخىزمەت پونكىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى زاھىدەنىڭ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىنى ئاڭلىدى .
زاھىدە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېپىغا قوشۇلغانلىقىنى ، خىزمەت جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە توختىماي تىرىشىش ، ئىزدىنىش ئارقىلىق زەھەر چەكلەش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا قىسقىچە سۆزلەپ بەردى . ئارقىدىن زەھەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان نەشە ، چۇمادو ، خىروئىن ، كوكايىن... قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ كىشىلەرگە ، جەمئىيەتكە كەلتۈرۈۋاتقان زىيىنىنى شۇنداقلا زەھەرنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئالامەتلىرى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى . ئارقىدىن ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى زەھەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغان ، زەھەر چېكىشنى ئۆگىنىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسى توغرىسىدا توختۇلۇپ ، ئالدىنى ئېلىش ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن ، ھېسىياتىنى ئاسان كونترول قىلالمايدىغان ، دوستلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىدىغان ، سالاپەتكە ، مەنمەنلىككە ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق ، روھىي كەيپىياتىنى باشتىن ئاخىرى تەڭشىيەلمەيدىغان ، ئىرادىسى ناھايىتى ‹‹قاتتىق ›› ، مەن تاشلىۋېتەلەيمەن دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ ئاسانلا زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى . زاھىدە يەنە ئەيدىز توغرۇلۇق توختىلىپ ، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ كىشىلەرگە بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش ياش ئەۋلادلارغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بەردى . ئەڭ ئاخىرىدا زاھىدە شىنجاڭنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي بىلىملىرىنى بېيىتتى .
شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى ، ئۈرۈمچى يارپ ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەت قۇربان لېكسىيە سۆزلىمەكتە
زاھىدە لېكسىيە سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ، شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى ، ئۈرۈمچى يارپ ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەت قۇربان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىدە ياخشى ۋە ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكى ، ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەپ ، ئۆگىنىش ، خىزمەت ۋە باشقا بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى . ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ۋە بۇنى ئۆزىدىن باشلاشقا سەپەرۋەر قىلدى .
بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ياتاق باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن سودا–سانائەت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، سودا–سانائەت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى بۇ قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى : بىزنىڭ بۇ قېتىملىق زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىدىمىز بولسا ، جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زەھەر ۋە ئەيدىز توغرىسىدىكى بىلىملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ تىنچ ، خاتىرجەم مەكتەپ مۇھىتىدا ساغلام تەربىيەلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىدە زەھەر ۋە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ ، ئورتاق ئالغا بېسىپ ، ئىناق مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىش ، بالىلىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاتا–ئانىلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىشتىن ئىبارەت .
زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بولسا جەمئىيىتىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج . بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ، ئۇلارنىڭ زەھەر ۋە ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشقا بولغان ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.