مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى10-ئاينىڭ04-كۈنى  كۆرۈلىشى: 247 رەت   / مەنبە: xjaids.com

كۈلپەتلىك ئاچچىق تەقدىر شور پىشانىسىگە تۇغۇلۇشىدىلا پۈتۈلۈپ كەتكەن بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا ئوخشاشلا ئوماق سەبىي بىگۇناھ بالىلار ئېسىمگە كېلىپ، يۈرىكىم ئېزىلدى.

ئۇلار بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسى ئەيدىز كېسىلى بىلەن كەينى-كەينىدىن ۋاپات بولۇپ، كىچىك تۇرۇپلا يېتىم قېلىۋاتقان ياكى چوڭلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى، تۇغۇلىشىدىنلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلاردۇر. تېخى كىچىك تۇرۇپ مۇدھىش كېسەلنىڭ ياكى يېتىملىكنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان، ئۇنى ئاز دېگەندەك، قورقۇنچلۇق ۋابادەك مۇئامىلە قىلىنىپ جەمئىيەت، خوشنا-خولۇم، مەكتەپ ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىنمۇ كەمسىتىلىپ، رەھىمسىزلەرچە چەتكە قېقىلىۋاتقان، كىچىكلىكىدە كىچىك دوستلىرى بىلەن بىرەر قېتىم قىيغىتىپ كۈلۈپ ئويناپ باقمىغان، كىچىككىنە كېسەللەر بىلەن بىر كۈنلەردە تۇيۇقسزلا يىقىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن يورۇق ئەمما مۇدھىش، سۆيۈملۈك ئەمما قورقۇنچلۇق، بىپايان ئەمما ناھايىتى تار دۇنيادىن تۇيۇقسىز خوشلىشىۋاتقان نارسىدە بالىلاردۇر. ياراتقان ئىگەم ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كېتىپ قالغىنىڭلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىڭلارنى ئايىماي بەرگەي. 

دۆلىتىمىزدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك باسقۇچىغا كىرىشى بىلەن ئەيدىز يېتىم بالىلىرىدىن ئىبارەت كىشىلەر توپى پەيدا بولۇپ، ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، 2010-يىلى 260 مىڭغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ بالىلار ئىنتايىن ئاجىز بولغان توپ بولۇپ، يېتىم بولۇپلا قالماي (ئاتا-ئانىسى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن بالىلار)، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھىمايىسى، كۈتۈشىدىن ئايرىلىش بىلەن تۇرمۇشتا يار-يۆلەكسىز قالغان، تولىراق يالغۇز ياشايدىغان، مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەن ياكى مەكتەپ تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بالىلار بىلەن ئارىلىشىشى، بىللە ئوينىشى چەكلەنگەن، پىسخىكا تەرەپتىن كۆتۈرگۈسىز ئېغىر روھىي ئازاب ۋە كۆڭۈل يېرىمچىلىقىغا دۇچار بولغان، تۇرمۇش سۈپىتى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچى ئىنتايىن تۆۋەن، جىسمانىي ۋە روھىي تەرەپلەردىكى يېتىلىشى زور دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقان بالىلاردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تېخىمۇ بەختسىزلىرى، يەنىلا تۇغۇلۇشىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلغانلاردۇر.

ھەر ھالدا شۇ گۇناھسىز نارسىدىلەرنىڭ بەختىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە-ھۆكۈمەت ئارقا-ئارقىدىن مۇناسىۋەتلىك سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ پۈتۈن جەمئىيەتنى بۇ بالىلارغا كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىۋاتىدۇ ھەم بۇ توغرىلىق دۆلەت كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىپ ساناتورىيە قۇرۇش ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاش، بالىلارنىڭ نورمال تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن مەكتەپ تەربىيىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارغا قارىتا ھەقسىز داۋالاش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. 

گەپنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا يۆتكىسەك، رايونىمىز بۇ يىلقى ئەيدىز تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 67 مىڭ ئەيدىز بىمارى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن دۆلىتىمىز بويىچە خېنەن ئۆلكىسىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. لېكىن ئاھالە نىسبىتىدىن ئېيتقاندا 25 مىليون نوپۇسقا ئىگە شىنجاڭ بۇ نىسبەتتە جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئورۇندا! يەنى، جۇڭگودا ھازىر ئەيدىز كېسىلى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى 700 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، دۆلەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %0.05 ىنى ئىگىلەيدۇ دېسەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونۇم رايونىدا بۇ نىسبەت %0.27 بولۇپ، دۆلىتىمىز ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 5-6 ھەسسە يۇقىرى! يەنە بىر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغىنى ــ شىنجاڭ رايونىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مەنچە ئاز دېگەندە %80 ى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپ، ئۇ چاغدا 10 مىليونچە ئاز سانلىق مىللەتكە توغرا كەلگەن تېخىمۇ چوڭ نىسبەت ئادەمنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ.

مەسىلەن: ئۈرۈمچىنى ئالايلى، 2011-يىللىق ئۈرۈمچى ئەيدىز دوكلاتى مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇلتۇر 31-دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ جەمئىي ئىستاتىستىكا قىلغان مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي  10536 نەپەر، يېڭىدىن قېتىلغانلىرى 1312 نەپەر، ئېشىش نىسبىتى %12.45 بولغان! قازا قىلغانلارنىڭ سانى 997 نەپەر ئىكەن. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. زەھەر چېكىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىش تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ، بۇلار ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان. 

بۇ ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلار ئاساسەن ياشلار ياكى قورامىغا يەتكەنلەر، بۇنىڭ بىلەن يەنە قانچە يۈزلىگەن يېتىم بالىلار كۆپەيدى؟؟؟

ئويلىنايلى! دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ قويۇپ ئويلىنايلى!


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.