كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك45-باب
-
كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك45-باب
ۋاقتى: 2016-07-29 ئاۋاتلىقى: 1307 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كېپەن ئوغرىسىنىڭ خاتىرىسى
بېرىنجى خاتىرە ئىككىنجى بۆلەك :غەزەپ دېڭىزى
45-باب
تەرجىمان : كېپەن ئوغرىسى
ئاپلا دەپلا قالدىم ، بوتۇلكىنىڭ ھەركىتىمۇ بەك تېز بولۇپ كەتتى ، بىز تېخى يوشۇرنۇپ بولالمىغان تۇرساق ، ئەمدى پارتىلاپ قالسا ، بىزمۇ يارلىنىدىغان بولدۇق !
لىكىن مەن ئويلاپ بولغىچە كېچىككەن ئىدۇق ، كۆز ئالدىمدا بىر يورۇقلۇق چاقنىشى بىلەنلا ، سېمىز مىنى يەرگە بېسىۋالدى ، ئارقىدىنلا پارتىلاش ئاۋازى بىلەنلا پۈتكۈل قەبرىخانە تەۋرىنىشكە باشلىدى ، بىر قىززىق ھاۋا ئىقىمى بىزنى ئۇچۇرۇپ كەتتى ، مەن ھاۋادا ئالتە – يەتتىنى چۆرگىلەپ ، ئۈچ غۇلاچ يەرگە ئۇچۇپ بېرىپ ، تامغا ئۈسسىۋالدىم .
بۇ قېتىم بەكلا قاتتىق ئۈسسىۋالدىم ، سېمىز ۋاقتىدا مېنى بىسىۋالدى ، بولمىغان بولسا بوينۇم سۇنۇپ كەتكەن بولاتتى . بۇ بىر ئۈسسۈش بىلەنلا ھوشۇمنى يوقاتتىم ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى ، قۇلاقلىرىم ۋىڭىلداپ كېتىۋاتاتتى ، مەن تېخى ئۆزۈمنى ئۆلدۈم دەپ ئويلاپتىمەن ، لىكىن كۆپ ئۆتمەيلا كۆز ئالدىم يورۇشقا باشلىدى ، مەن كۆزۈمنى ئىچىشقا ئۇرۇندۇم ، لىكىن بېشىم پىقىراپلا كەتتى ، بېشىم قىيىپ ياندۇرغۇملا كېلىپ تۇراتتى .
مەن مىڭ تەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇردۇم ، قۇلاق تۈۋۈمدە قالايمىقان ئاۋازلار ، لىكىن نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم ، پەقەت بەكلا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، بېشىم قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى ، قالايمىقانچىلىقتا بوتۇلكا قويۇق ئىس ئىچىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى :‹ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟›دەپ سورىدى .
مەن ھەتتا تىلىمنى چىشلىۋالغان ئىدىم ، ئاغزىمغا گەپ كەلمىدى ، ئامالسىز قولۇمنى شىلتىپ خىلى ياخشى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم ، ئىككىمىز ئىغىزىمىزنى ئىتىپ سېمىزنى ئىزدىدۇق ، سېمىز تامنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ تېرىسىنى بىر كىسەك شىلىۋەتكەن ئىدى، ئۇ بوتۇلكىنى كۆرۈپ :‹ سىكەي ! ئاناڭنى سېنىڭ ھەركىتىڭمۇ بەك تېز بولۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟ ھېچ بولمىسا بىز ئازراق ئارقىغا يىنىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئاتساڭ بولمامتى ! ئەگەرمەن ئازراقلا ئالدىدا بولغان بولسام ، بىر قولۇم تۈگىشەتتى › دەپ تىللاپلا كەتتى .
بوتۇلكا قولىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىپ :‹ خاتالىشىپ قالدىڭ ، مەن ئاتمىدىم ›دېدى .
‹ ھە ؟ سەن ئەمەسما ؟› سېمىز ئىككىمىز ھەيران قالدۇق .
بايامقىدەك كۈچ ، ئۇنداق مەرگەنلىك ، پەقەت ئىنتايىن يامان ئادەمنىڭ قولىدىنلا كېلەتتى ، بوتۇلكا بولمىسا يەنە كىم بولاتتى ؟ سېمىز بايا مېنىڭ يىنىمدا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا قارىسام ، ئۇنچىلىك مەرگەن ئەمەستەك قىلاتتى . مەنغۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، پەقەت بىرلا ئادەم بار .... تۇيۇقسىز بىر ئىش كاللامغا كەلدى ۋە ئانىڭ خانقىزنى ئىزدىدىم .
سېمىز مەن بىلەن ئوخشاش ئويلىدى، بىز قەبرىنىڭ بۇلۇڭىغا كېلىپ قارىساق ، نەدە ئانىڭنىڭ سايىسى بولسۇن ،سېمىز :‹ ۋۇ ساراڭ خوتۇن ، بىلەتتىم يالغاندىن ساراڭ بولىۋالغانلىقىنى ! › دەپ تىللاپ كەتتى .
بوتۇلكىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى ، ئۇنىڭ چىرايى ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيتتى ، قارىغاندا ئۆزىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا بەك ئىشەنچى بولسا كېرەك ، خاتالاشقانلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى . مەن نىڭ خانقىزغا بولغان قارىشىمنى قايتا ئۆزگەرتتىم ، ۋە :‹ بۇ ئايال ھەقىقەتەنمۇ بەك يامانكەن ، قارىغاندا جەمئىيەتتىكى كونا پىشقەدەملەردىن ئوخشايدۇ ، مەن ھېچقاچان ساراڭلىقنى بۇنچىلىك ئوخشاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن .›دېدىم .
سېمىز : ‹ مېنىڭچە پىشقەدەمدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇندا ، ھېلىقى نىمىتى ، ئو بىرنىمىنىڭ ( ئوسكار دېمەكچى ) كىنو خانىشى ! بۇدا تۇتىۋالسام ، ئۇ نېمە بولىۋالسىمۇ ئىشەنمەسمىنا !› دېدى ۋە ئۇنى ئىزدىمەكچى بولدى ، بوتۇلكا ئۇنى تۇتىۋىلىپ :‹بولدى ، ۋاقىت قالمىدى ›دېدى .
مەنمۇ : ‹ ئەمدى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلساق بولمايدۇ ، ھازىر مۇھېمى تورۇستىن تۆشۈك ئېچىلدىمۇ شۇنى كۆرۈپ بىقىش . ئەگەر قورساق كۆپۈكۈڭ بولسا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دىيىشەيلى › گىپىم ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىر تورۇستىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى ، قارىغاندا بىر نەرسە ئاستا ئاستا يېرىلىۋاتقان بولشى مۇمكىن . بۇ ئاۋاز بەكمۇ كۈچلۈك ئەمەس ، لېكىن ئادەمنىڭ يۈرىگىنى بوغىزىغا تىقىپ قويغىدەك قورقۇنۇچلۇق ، كۆڭلۈمدە ئۇنداق ئەمەستۇ ، مۇشۇ پارتىلاش بىلەنلا پۈتكۈل تورۇسۇڭ ئۆرۈلۈپ چۈشمەس ، ماڭا بەكلا يۈز بېرىپ كەتتىڭمۇ قانداق دەپ ئويلىدىم .
سېمىزنىڭ ئاچچىقى تېخى يانمىغان ئىدى ، ئۇمۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى ۋە مەندىن :‹ ئاناڭنى بۇ نىمە ئاۋاز ؟ شياۋۋۇ ، قارىغاندا بۇ سېنىڭ بىر تۆشۈك ئاچىمىز دىگىنىڭدىنمۇ ئېغىر ئەھۋالدەك تۇرامدۇ نېمە ؟› دەپ سورىدى .
مەن تورۇستىكى تۆشۈككە قاراپ كىكەچلەپ كەتتىم ، ئۇ جەسەتنىڭ تىنىدىكى پارتىلاتقۇچنىڭ كۈچى ئويلىغىنىمدىنمۇ كۈچلۈك بولدى ، تورۇستىكى تۆمۈر پارچىلىرىمۇ پارتىلاپ ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولۇپ ، بىر دىئامىتىرى يېرىم مىتىر چوڭلۇقتىكى تۆشۈكتىن دىڭىز سۈيى ئىقىپ چۈشىۋاتقان ئىدى ، دىڭىز سۈيى بىر كىچىك شاقىراتمىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ، بايامقى غەلىتە ئاۋاز بۇ شاقىراتمىنىڭ توختىماستىن چوڭىيىۋاتقان ئاۋازى ئىدى . قارىغاندا كۆپ ئۆتمەي بۇ تۆشۈكمۇ بىراقلا بۇزۇلىدىغان ئوخشايدۇ .
بايامقى بىز ياماشقان تۈۋرۈكمۇ پارتىلاپ ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولۇپ ، يىقىلىپ چۈشەي دەۋاتاتتى ، شۇنداق قىلىپ بۇ بىباھا تۈۋرۈكمۇ ۋەيران بولدى .
قارىغاندا مۇشۇ تۈۋرۈكنىڭ ئۈزۈلگەنلىك سەۋەبىدىن ، تورۇستىكى بىر توغرا لىم تەسىرگە ئۇچىرغان بولۇپ ، بەلكىم ئۆرۈلۈپ چۈشىشى مۇمكىن ، بۇ ئاۋازغا قارىغاندا توغرا لىم دەز كەتكەن بولىشى مۇمكىن ، ھازىر ئۆرۈلمىسىمۇ ، سەل تۇرۇپ چوقۇم ئۆرۈلىدۇ .
مەن سېمىزنى بەزلەپ :‹ ھېچقىسى يوق ، خاتىرجەم بول ، بۇ قەبرە باشقا قەبرىلەرگە قارىغاندا مۇستەھكەم ، ھازىر يەر تەۋرىمىسىلا ، چوقۇم ئۆرۈلمەيدۇ › دېدىم .
گىپىمنى دەپ بولىشىمغىلا ، يەر يۈزى تۇيۇقسىزلا تىتىرەپ كەتتى ، مەن بۇرۇنلا بۇ قەبرىنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان قىسمى بۇزۇلىسىلا ، ئاستىدىكى دىڭىز سۈيىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم ، لىكىن تەسىرىنىڭ بۇنچىلىك كۈچلۈك بولىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ، بىردىنلا جىددىيلىشىپ بىشىم قىيىشقا باشلىدى .
تەۋرەش بارغانسىرى كۈچەيدى ، ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قورقۇنۇچ يالغان ئەمەس ، ھەقىقىي مەۋجۇت ئىدى ، ئەگەر مۇشۇ سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋەرسە ، تورۇس ئۆرۈلمەي تۇرۇپلا ، بىز دەسسەپ تۇرغان يەر يېرىلىپ بولىدىغان بولدى . سېمىز قورقۇپ كەتتى :‹ ۋاي ئانىمەي ، نېمە ئىش بوپ كېتىۋاتىدۇ ، ھەممە يەر تىتىرەپ كېتىۋاتىدىغۇ ، راستلا يەر تەۋرەش بولدىمۇ نىمە ، مەن دىسەم شىياۋۋۇ ، سەن بايام قايسى قىسمىنى پارتىلاتتىڭ ؟›دېدى .
مەن ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردۈم :‹ ھېچقىسى يوق ، تەبىئىي ئەھۋال ، بىز ياخشى تەييارلىق قىلايلى ، بەلكىم سەل تۇرۇپ بۇ يەردىكى يىرىقچىلارنىڭ ھەممىسىدىن سۇ ئىتىلىپ چىقىشى مۇمكىن ، ئاۋايلايلى ، بۇ بىسىم ھەرگىز بوش ئەمەس ، تىگىپ كەتسە بىرسى تەپكەندەك ، سېنى ئۆرىۋىتىدۇ › تىخى گىپىمنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپلا ، بىز بايام يوغان تاش بىلەن ئىتىۋەتكەن ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىدىكى تاش ئۇچۇپ كەتتى ، شۇ ئۆڭكۈردىن دىڭىز سۈيى فونتاندەك يەتتە سەككىز مېتىر ئىگىزلىكتە ئىتىلىپ چىقتى . تىخى تولۇق ئىنكاس قىلىپ بولمايلا يەنە بىر نەرسە شۇ ئۆڭكۈردىن ئىتىلىپ چىقىپ ، ئۇددۇللا تورۇسقا تەگدى ، ئاندىن ئوتتۇرىدىكى تاش سۇپىغا چۈشتى ، سۈرئەت بەك تېز بولغانلىقىدىن ئۇنىڭ نېمىلىكىنى كۆرگىلى بولمىدى ، ئۇ ئۆڭكۈردە يەنە نېمە بولاتتى ، شۇ ھېلىقى ئايال ئالۋاستى .
ئۇ نەرسىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى چوڭمۇ ئەمەس ، كىچىكمۇ ئەمەس بىر ئاۋارچىلىق ئىدى ، ياق ... بەلكىم بەكلا چوڭ ئاۋارچىلىق ، سۇ ئىچىدە ئوت تۇتاشتۇرغىلى بولمايدۇ ، ئەگەر ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قالساق ... ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
مېنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن كاللا قاتتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق ، بايىقى ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدىكى يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى كۆتۈرلۈشكە باشلىدى ، خۇددى يانارتاغ پارتىلىغاندەكلا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ يۈزىنىڭ كۆتۈرلۈش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز ، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بىز بەش ئالتە مېتىر ئىگىزلىككە لەيلەپ چىققىتۇق .
مەن ئانىڭ نى ئىزدەشكە باشلىدىم ، بۇ ۋاقىتتا پارتىلاشتا پەيدا بولغان ئىس تۈتەكلەر سۇسلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، ئۇنى تاپالمىدىم ، بەلكىم بىرەر تۈۋرۈكنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنىۋالدىمىكىن ، سېمىزنىڭ بۇ بەدىنى بىلەن سۇ ئۈزىشى تەسكە چۈشىۋاتاتتى ، ئانىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسىمۇ بولاتتى ، چۈنكى بۇ يەردە پەقەت بىرلا چىقىش ئېغىزى بار ، قانداقلا قىلمايلى سەل تۇرۇپ چوقۇم ئۇچۇرشىمىز ، سېمىز ماڭا كۆز ئىشارىتى قىلىپ ، سەل تۇرۇپ ئۇ قىزنى تۇتىۋىلىپ يەنە بوزەك قىلغىسى كەلدىمىكىن ، لىكىن مەن قىز ئاياللارغا قول تەككۈزەلمەيمەن ، شۇڭا سېمىز بىلەن كارىم بولمىدى .
بىز بىر نەچچە مېنۇت لەيلەپ تۇرغاندىن كېيىن بىشىمىز تورۇسقا تاقاشتى ، سېمىز تۇيۇقسىزلا باشقا تەرەپكە ئۈزۈپ ماڭدى ، ئۇ نېمىنى ئويلاۋاتىدىكىنتاڭ ، مەن :‹ يەنە بىر مېنۇتقا قالماي بۇ يەر سۇ بىلەن توشۇپ كېتىدۇ ، سەن نىمە قىلماقچى ، ئۆلگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ ؟›دېدىم .
ئۇ ئۇددۇل بىر نۇرلۇق گۆھەرنىڭ يىنىغا ئۈزۈپ باردى ، بىرنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈپ كۇسىرىغا سېلىپ قايتىپ كەلدى : ‹ مۇشۇ گۆھەرنى ئېلىپ بولسىمۇ مىنىڭ روھىي زىيىنىمنى تولۇقلىمىسام بولماس › دېدى .
مەن ئۇنى بوغۇپ قويغىلى تاسلا قالدىم ، لىكىن بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ئۇنى تىللايدىغانغا گىپىم يوق ، ھەم ۋاقتىممۇ يوق ، بىردەمدە سۇ مېنىڭ كۆزۈمنىڭ ئاستىغا كەلدى ، مەن بۇرنۇمنى سۇدىن چىقىرىپ ، ئاچكۆزلەرچە ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپەسنى سۈمۈردۈم ، نەچچە سىكىنوتتىن كېيىن بىراقلا سۇغا چۆكتۈم .
مەن سېمىزگە ئىشارەت قىلىپ ئۇنى بىرىنجى بولۇپ چىقىشقا ئۈندىدىم ، سېمىز بىشىنى چايقاپ ئۆزىنىڭ سېمىزلىقىنى ، تاساددىبى چىقىش ئىغىزىغا قىسىلىپ قالسا ھەممىمىزنىڭ ئۆلىدىغىنىمىزنى بىلدۈردى ، مەن بىشىمنى لىڭشىتتىم ، ھەمدە ئۇ تۆشۈككە قاراپ ئۈزدىم ، ئۇ ئۆڭكۈرنىڭ تۆۋىنى كەڭ ، يۇقىرسى تار ئىدى ، مەن بىشىمنى چىقىرىپ باقتىم ، ئۈستى بەلكىم ئون نەچچە سانتا قېلىنلىقتىكى دىڭىز قۇملىرىمىكىن ، ئۈستىدىن توختىماي چۈشىۋاتقاچقا ، ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمىدى ، ئامالسىز داۋاملىق ئۈستىگە قاراپ ئۈزىۋەردىم .
ۋاقىتنى ناھايىتى ياخشى ھېساپلاپتىمەن ، بۇ ۋاقىتتا دىڭىز سۈيى ئىنتايىن تىيىز ئىدى ، لىكىن مېنىڭمۇ نەپسىم ئاخىرقى چەككە يەتتى ، ئاران تەسلىكتە ئۈزۈپ چىقىۋالدىم ، سۇدىن چىقىپلا چوڭقۇر نەپەس ئالدىم .
نەچچە سېكىنۇتتىن كىيىن سېمىز بىلەن بوتۇلكىمۇ سۇدىن چىقتى ، سېمىز سۇدىن چىقىپلا يۆتىلىپ كەتتى ۋە خوشاللىقىدىن قاقاھلاپ كۈلۈپ : ‹ ۋاھ .... راستىنلا چىقىۋالدىققۇ ، مەن سېمىز بېگىم ئاخىرى چىقىۋالدىم ! ھاھاھا !› .
مەن ئۆزەمنى بىسىۋىلىپ ، ئەتراپقا كۆز يۈگۈرۈتتۈم ، بۇ ۋاقىتتا شەپەق قىزارغان بولۇپ ، قۇياش باشقىچە قىزىل ئىدى ، ئەتراپ بىرخىل خاتىرجەملىك تۇيغۇ بېرەتتى .
مەن قۇياش پېتىشىنىڭ بۇنچىلىك گۈزەل بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ باقماپتىكەنمەن ، ئاجايىپ ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىزلا پۇتۇمنىڭ پىيى تارتىشىپ قالىدىغاندەك ھىس قىلدىم ، شۇ زامان بىزنىڭد پاراخوتنى ئىزدىدىم ، پاراخوت بىزدىن يىراق بولمىغان بىر خادا تاشنىڭ يىنىدا تۇراتتى ، كۆڭلۈم خاتىرجەملىككە تولدى ، پاراخوت بار بولسىلا ، بۇ ئازاپلاردىن قۇتۇلۇپ ، ئوبدان ئۇخلىۋالىدىغان بولدۇم .
سېمىز بىر نەرسىنى ئىسىگە ئالدىمۇ ، تۇيۇقسىزلا سۇغا چۆكتى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۆكتۈم ، قارىسام ئانىڭ ھېلىقى تۆشۈكنىڭ ئىغىزىغا قىسىلىپ قالغان بولۇپ ، شۇنچە تىركەشسىمۇ چىقىپ كىتەلمەيۋاتاتتى .
غەلىتە ئىشقۇ بۇ ، ئانىڭ سېمىزدىن جىق ئەۋرىشىم ، سېمىز قىسىلىپ قالمىغان تۆشۈككە قىسىلىپ قالغىنى قىززىق بولدىغۇ .
ئانىڭنىڭ نەپسى يىتىشمىدى ، قارىسام ئۆپكىسىدىكى ئاخىرقى بىر ھاۋانى ئېغىزىدىن چىقىرۋەتتى ، ئارقىدىنلا كۆزىنىڭ قارچۇقى كەينىگە كەتتى ، سېمىز ئىككىمىز تېزدىن چۆكۈپ ، بىرىمىز بىر قولىدىن تۇتۇپ سېرتقا تارتتۇق .
بۇ ۋاققىتتىلا بىر كۈچنىڭ ئۇنى پەسكە تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ، لىكىن بىز ئىككى ئادەم ، كۈچ جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدۇق . بىرلا تارتىش بىلەن ئانىڭنى ئۇ تۆشۈكتىن تارتىپ چىقىرىۋالدۇق . قارىسام بىر چوڭ تۇتام چاچ ئۇقىزغا يىپىشىپ تۇراتتى ، شۇنىڭ بىلەن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەندىم .
ئۇ تۆشۈكنىڭ ئىچى قاپقارا چاچلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ ، قارىغاندا ھېلىقى ئايال ئالۋاستىمۇ تۆشۈكتىن چىقىۋالىدىغان ئوخشايدۇ ، ئەمدى سۇدا تۇرمىغان ياخشىدەك قىلىدۇ . بىز سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقتۇق ، سېمىز ئانىڭنىڭ نەپسى بار يوقلىقىنى تەكشۈردى ، ئانىڭنىڭ بەدىنىدە پەقەتلا كۈچ قالمىغاندەك ، لېكىن نەپسى تېخى توختىماپتۇ ، ئۈچىمىز پاراخوتنىڭ يىنىغا ئۈزۈپ بېرىپ ، ئۇ قىزنى ئاۋال پاراخوتقا چىقاردۇق ، ئۇ چىقىپلا توختىماستىن سۇ ياندۇردى ، كۆزىنىڭ ئېقىمۇ كۆرۈنۈپ قالدى ، ئەھۋالى بەكلا چاتاق .
مەن تۇنجۇقۇپ قالغاننى قۇتۇلدۇرۇشنى بىلمىگەچكە :‹ پاراخوت باشلىقى ، بىرسى بۇيەردە سۇدا تۇنجۇقۇپ قالدى ، تېز چىقىپ قۇتۇلدۇرۇڭلار › دەپ ۋاقىرىدىم .
ئىككى ئۈچ قېتىم ۋاقىرىغان بولساممۇ ، بىرەر ئادەمنىڭ سايىسى كۆرۈنمىدى ، غەلىتىلىك ھېس قىلدىم ، سېمىزگە بۇيەردە تۇرۇپ تۇرۇشنى تاپىلاپ ، ئۆزۈم ئىچىگە كىرىپ ئىزدىدىم ، لىكىن ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق ، كۆڭلۈمدە بىرخىل ئەندىشىلىك پەيدا بولدى ،مۇمكىن ئەمەسلا بىر ئىشقۇ بۇ ، بۇ دىگەن يىراق دىگىز رايونى ، ھەممە ئادەمنىڭ غايىپ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئەگەر سۇغا ئۈزگىلى كەتكەن بولسىمۇ پاراخوتقا قارايدىغانغا بىر ئىككى ئادەم قالاتتى .
مەن يەنە ۋاقىرىدىم ، يەنىلا ئادەم يوق ، لىكىن سېمىز يۈگۈرۈپ كىردى ۋە مەندىن نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى سورىدى ، مەن ئىچىنى ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈپ :‹ ئەھۋال چاتاق ، پاراخوتتا بىرمۇ ئادەم يوقكەن › دېدىم
سېمىز بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى ، بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ :‹ راستلا ئادەم يوققۇ ، لىكىن بىلىق ئىسكىلاتتىكى بېلىقلار تېخى ھاياتكەن ، دىمەك ئۇلار يېرىم سائەت ئىلگىرىلا تېخى بىلىق تۇتۇۋاتقان . لىكىن مۇشۇنچىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار نەگە كېتىدۇ ؟›دېدى .
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
- 2015-11-03 15:55:31كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك2-باب
- 2015-11-14 18:01:57كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك34-باب
- 2015-11-01 14:49:52كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك26-باب
- 2015-11-10 16:01:16كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك31-باب
- 2015-11-08 16:14:22كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك19-باب
- 2015-11-14 18:07:27كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك38-باب
- 2015-11-04 18:54:22كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك12-باب
- 2015-11-04 19:00:34كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك14-باب
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-