رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك2-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك2-باب

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 1078 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنجى خاتىرە ئىككىنچى بۆلەك : غەزەپ دېڭىزى 
ئىككىنچى باب : قوش قەۋەتلىك قەبرە تېمى 

ۋېنجىن بىلەن كەنجى تاغامنىڭ ئارقا كۈرۈنىشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ ، كەنجى تاغام يەرلىك ئوغرى ، مۇبادا ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە تۇغۇلغان بولسا ،چۇقۇم قاراقچى بولغان بۇلاتتى، قانداقلىكىن ئىش بولسۇن ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى " مەنپەئەت " دىگەن سۆز ،ئۇ ئادەمگە باھا بىرىشتىمۇ يەنىلا شۇ مەنپەئەتكە قارايدۇ ، لىكىن ۋېىنجىن ئوخشىمايدۇ ، ئۇ مۇھاجىرلىقتىن قايتىپ كەلگەن ، بىرقەدەر ئۇچۇق پىكىرلىك ، ئۇنىڭ قەبرە ئۆرۈشتىكى مەقسىدى ئاساسلىقى يەنىلا قىزىقىش يەنە كىلىپ بىرتەرەپتىن قەبرە ئۆرۈش يەنە بىر تەرەپتىن ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ،شۇڭا كەنجى تاغامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئالدى بىلەن بۇ قەدىمى قەبرىنىڭ ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قىممىتىنى ئويلىدى ،ھەمدە بۇقىياسنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدىلا ساۋاقداشلىرىغا ئېيتىشنى ئويلىدى . 
كېمە چۆكتۈرۈپ دېڭىزغا دەپنە قىلىنغان قەبرىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايتتى ، رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە بۇنداق دەپنە قىلىنغانلاردىن شېن ۋەن سەن (沈万三)نىڭ ئوغلىلا بار ئىدى ، شۇڭا ۋېنجىن بۇقەبرىگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش كىرەك دەپ ئويلىدى ، بىراق كەنجى تاغام بىرئاز تەڭلىكتە قالدى ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنى سۈززۈپ چىقسا مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا ناھايىتى بىئارام بۇلاتتى ، بىراق ۋېنجىننىڭ ئامالى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى ، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كەنجى تاغامنى بىرنى سۈيۈپ قۇيىۋىدى ، كەنجى تاغام لۇلىن باتۇرىلىقىدىن بىراقلا كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تەتقىقاتچىسىغا ئايلاندى ، يەنە كىلىپ بۇئىشلارنى ئۈزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلدى . 
شۇكۈنى كەچتە كەنجى تاغام بىركىچە پىلان پىلان سوقتى ، ئۇ ئەزەلدىن دېڭىزدا قەبرە ئۆرۈپ باقمىغانىدى ، يەنە كىلىپ باشقىلار ئالدىدا بۇلىشاغا پو ئېتىپ قويدى ، ئەتە ئىپادىسى ياخشىراق بولمىسا تېخىمۇ بولمايتتى ، دېڭىزدا گۈرجەك بىلەن قازغىلى بولمايتتى ،بىرىنچىدىن :كۈچىگىلى مۇقىم تۇرغىلى بولمايتتى ، ئىككىنچىدىن : كولىغان تەقدىردىمۇ دېڭىزدىكى لاي بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى توپا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى ، ئۇ ئويلاپ – ئويلاپ ئاخىرى ئۈزىنىڭ ئۇ ئازراق ئەسكى تەجىربىسىنىڭ بۇيەردە پۈتۈنلەي كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى . ئۇ بۇۋامنىڭ خاتىرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئىسىگە ئالدى ، بۇۋام ھەقىقەتەنمۇ بىرقانچە قېتىم دېڭىزدىكى قەبرىلەرنى ئوغۇرلاپ باققان ، بىراق بۇنىڭدىمۇ باشقا بىرەر ئالاھىدە ئۇسۇل يوق ، مۇھىمى يەنىلا يەر شەكلىگە قاراش . 
كېمىنى چۆكتۈرۈپ دېڭىزغا دەپنى قىلىنغان قەبرىلەر بولسا ، قەبرىنى بىركىمە ئۈستىگە ياساپ ئاندىن دېڭىزدىكى بىرەر ھاڭ ياكى دېڭىز جىلغىسىغا كىمىنى مۇقۇمداپ بۇلۇپ ئاندىن تۈشۈك ئېچىپ كىمىنى چۆكتۈرۋېتىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن كىمىنىڭ ئۈستى تەرىپى توپا بىلەن كۈمۈۋېتىلىدۇ ، ئاساسى جەھەتتىن قۇرۇقلۇقتىكى بىلەن ئوخشاش ، پەقەت دەپنە ئورنى دېڭىزغا ئالماشتۇرۇلغان خالاس. كەنجى تاغام " بىز تۇرغان جاي ئەسلىدە جەزمەن دېڭىز ئاستى جىلغىسى كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن تۈزلىۋىتىلگەن ، كىمە چۆكتۈرۋېتىلگەندە تۆت ئەتراپى چۇقۇم نۇرغۇن لەڭگەرلەر ئارقىلىق مۇقۇملاشتۇرۇلغان ، شۇنداق بولغاندا ھېلىقى لەڭگەرلەر قالدۇرۇلغان جاينىڭ مەرگىزى ياكى سەل چەتتىكى يېرى چۇقۇم دەپنە ئورنى " دەپ پەرەز قىلدى . 
كەنجى تاغام ئويلىغانلىرىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى ھىس قىلىپ ئىشەنچىسى بىردىنلا تۇلۇپ تاشتى ، ئىككىنچى كۈنى ئۇ ھېلىقى ئادەملەرنى باشلاپ سۇغا چۇشۇپ ھېلىقى تاش تۈۋرۈكلەرنى ئارغامچا بىلەن ئۆز – ئاراتۇتاشتۇرۇپ ئاندىن ئوتتۇرسىغا بەلگە قىلدى ھەمدە شۇرايۇن ئىچىدىكى بىرقانچە جاينى قېزىپ باقتى ، دەرۋەقە ئۇلار مەركەز قىلىنغان ئۇرۇننىڭ سەل شەرىق تەرىپىدىكى جايدا ئاستى تەرەپتە ياغاچ بارلىقىنى بايقىدى . 
ئارقىدىنلا ئۇلار ئەنئەنىۋى ئۇرۇن بەلگىلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ "土" خېتى شەكىللىك يەنى ئىككى يانئۆي ئىككى قوش ئۆي ، بىركارىدۇر ۋە بىر ئارقا قەسىردىن تۈزۈلگەن قەبرە ئورنىنى بەلگىلەپ چىقتى ، قەبرە ئورنى تەخمىنەن 1000كۇۋادىرات مىتىردىن كۆپرەك يەرنى ئىگىلىگەن بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارقا قەسىر ئەڭ چوڭ ئىدى ، يەنى ئۇزۇنلۇقى 30نەچچە مىتىر كەڭلىكى 10نەچچە مىتىر كىلەتتى ،قارىغاندا جەسەت ساندۇقى مۇشۇ يەرگە قۇيۇلغاندەك قىلاتتى . 
كەنجى تاغام بىرئاز ھەيران قېلىپ " بۇيەگە دەپنە قىلىنغىنى زادى نىمە ئادەمدۇ ؟ قارىغاندا راستىنلا ئاددى ئەمەستەك قىلىدۇ ، بۇنداق چوڭ دائىرىدىكى قەبرە خان قەبرىسىدىنمۇ قېلىشمىغۇدەك " دەپ ئويلىدى . 
شۇكۈنى كەچتە ھەممەيلەن ھاياجانلانغىنىدىن كۈزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى ، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ بىلىق كونسېرىۋاسى يىگەچ ئولتۇرۇپ قەبرىگە قانداق كىرىشنى مۇنازىرە قىلىشتى ، كەنجى تاغام ئۇلارغا كىمىنى چۆكتۈرۈپ دەپنى قىلىنغان قۇرۇلمىنى تەھلىل قىلىپ بەردى :"گۆرلۈك سۇدىن ئەڭ قورقىدۇ ،ھازىر پەستىكى قاراڭغۇ قەسىرگە سۇ كىردىمۇ - كىرمىدىمۇ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ ،ئەگەر سۇكىرىپ بولغان بولسا پەقەت كامار ئېچىپ كىرسىلا بۇلىدۇ ،ھەممىمىزنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمىمىز بار ،بۇنداق بولغاندا ئالدىراپ مەسىلە چىقمايدۇ ، ئەگەر پەستىكىسى ھېلىھەم پۇختا ئىتىلگەن لەھەت بولسا ئۇنداقتا بىرتەرەپ قىلماق سەل تەسكە توختايدۇ ، چۇنكى ئۇشتۇمتۇت تۈشۈك ئېچىلسا ، ئۇچاغدا سۇ شىددەت بىلەن قەبرە ئىچىگە قاراپ ئاقىدۇ –دە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، تەكشۈرۈش ئۈچۈن قېزىۋېلىنغان ياغاچ پارچىسىدىن قارىغاندا ئاستىدا جەزمەن ھاۋا ساقلانغان " . 
كەنجى تاغامنىڭ بۇ نەزىريەسى ئۇنىڭ كۆپ يىللىق قەبرە ئوغرىلاش تەجىربىسى ئىدى ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ھېلىقى كىتاپ خالتىلىرىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ بارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى كامارنى قانداق ئېچىشقا يىغىنچاقلىدى ، سۇنىڭ تىگى ھەممىسى قۇم ،مۇقۇمسىز ، ناھايىتى ئاسانلا ئولتۇۇشۇپ كىتىدۇ ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، سۇ ئاستىدا بېسىلىپ قالسا ئۈلۈمدىن باشقا يول يوق ئۇلار قايتا – قايتا مۇزاكىرە قىلىپ ئاخىرى يەرلىك ئۇسۇل قوللۇنۇشنى قارار قىلدى ، ھېلىقى بىلىقچىلىق كىمىسىدە بىلىق پارتلىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان پارتلاتقۇچ بار ئىدى ، ئاۋال پارتلاتقۇچنى ئىشلىتىپ يان تەرەپكە بىر ئورەك پەيدا قىلىپ ، ئاسان گۆمۈرلۈپ چۈشىدىغان قۇملارنى چۈشۈرۋېتىپ ئاندىن كامار تەشمەكچى بولدى . بۇ ئىش كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تەس ئىش بولسىمۇ ، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى تۇلۇپ تاشقانىدى ، كەنجى تاغام مۆلچەرلەپ باقتى ، تەخمىنەن بىر ھەپتە ۋاقىت كىتەتتى ، بىراق ھېلىقى يولداشنىڭ جەسىدى تېخىچە كىمىدە ئىدى ، ئەمدى ئۇنى ئاپىرىۋەتمىسە پۇراپ كىتەتتى . 
ئۇلار مۇرەسسە قىلىشقا بۇلىدىغان بىر ئامال تاپتى ، چوڭ كىمە ئاۋال جەسەتنى ئاپىرىپ قۇيىدىغان ،ئۇلار بولسا كىچىك كىمىدە ئىشلەيدىغان بولدى ، چۈنكى بۇ بىرقانچە كۈندىن بېرى ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولغاچقا كۆپچىلىك قىلچىمۇ ئەنسىرىمىگەنىدى ، ئۇلار ئۈچ دانە قولۋاقنى بىر قىلىپ باغلىدى ، ئاندىن كىيىن بارلىق لازىمەتلىكلەرنى بىر خادا تاش ئۈستىگە يۆتكىدى . 
ئىككىنچى كۈنى چوڭ كىمە يولغا چىقتى ، كەنجى تاغام بىرئاز خاتىرجەمسىزلىك ھىس قىلدى ،چۈنكى چوڭ كىمە كەتسىلا ئۇلارنىڭ ھاياتى ددېڭىزدا ئازراقمۇ كاپالەتكە ئىگە بۇلالمايتتى ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ھەممەيلەننىڭ خىيالى ھېلىقى چوڭ قەبرىدە ئىدى ، شۇڭا بۇنى ئويلىدىيۇ بىراق ئۇزۇنغا بارمايلا ئىش قا چۈشۈپ كەتتى ، كامار تىشىدىغان ئىش ناھايىتى ئۇڭۇشلۇق كىتىپ باراتتى ، كەنجى تاغامنىڭ ئويلۇغىنىدىن خېلىلا تىز بۇلىۋاتاتتى ، تۆتىنچى كۈنىدىن كىيىن ئۇلار قەبرا تېمىغىچ تىشىپ بېرىپ بولدى ، بىراق ھېلىقى چوڭ كىمە شۇنىڭغىچىمۇ قايتىپ كەلمىدى ، بۇكىشىلەر ئەنسىرەشكە باشلىدى ، كەنجى تاغام ھازىر پەقەت داۋاملىق ئىشلىگەندىلا ئاندىن بىرخىل ياخشىراق كەيپىياتنى ساقلاپ قالغىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلەتتى ، ئەگەر داۋاملىق ئىشلىمىگەندە ئالاقزادىلىك كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى، كەنجى تاغام ئىزچىل ئۇلارغا تەسەللى بىرىپ كەلدى ، ھەتتا ئارلاپ –ئارلاپ ئىلھام بۇلىدىغان بەزى سۆزلەرنى قىلىپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇرايتتى . 
ئۇلار كاماردا تۇرۇپ قەبرە تېمىنىڭ بىر قىسمىنى پاكىزلىدى ، كەنجى تاغام تامنى چىكىپ باقتى ، بۇكىسەكلەرنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك ئىدى ،ئىھتىمال پۈتۈن گۆرنىڭ ئېغىرلىقىنى كېمەيتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بۇلىشى مۇمكىن ، بولمىسا كىمە ھەرقانچە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ ، كىمىنىڭ تىگى بەرداشلىق بىرەلمەيتتى ، كەنجى تاغام قەبرە تېمىنىڭ ھەر بەش مىتىر كەلگۈدەك يېرىدە بىردىن قەلەمنىڭ دىئامىتىرىچىلىك كىلىدىغان تۈشۈك بارلىقىنى كۆردى ، قارىغاندا بۇ قەبرە لاھىيەلەنگەندە سۇ ئارقلىق ئىتىلىدىغان قىلىپ لاھىيەلەنگەن ئىچى جەزمەن سۇ بىلەن لىق توشقۇزۇلغان ، ئۇلار ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كىيىن كۆڭلى تىنىپ كىسەكلەرنى قۇمۇرۇشقا باشلىدى . 
ئەمىلىيەتتە كەنجى تاغام قەنرىگە كىرىشتىن ئاۋال مۇنداق ئويلىغانىدى : 
«سۇئىچىدە ھەرقانداق مىخانىكىلىق قۇرال كارغا كەلمەيدۇ ، چۈنكى دېڭىز سۈيىنىڭ قارشىلىق كۈچى بەك چوڭ ، ئەگەر يۇشۇرۇن ئوقيا بولسا ، ئۇنداقتا ئاتقان ئوقى ئاستا ھەركەتلىنىدۇ ، ئورەك بۇلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، پەقەت چۈشۈپ كەتمەيمەن دىگىلى بولمىسىمۇ ،چۈشۈپ كەتسە يەنە سۇ ئۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا تاش ئاتىدىغان مىخانىكىلىق قۇرۇلمىلار سىمابنىڭ ھەركەتلىنىشى ئارقىلىق تەپكىنى باسىدۇ ، سۇدا پۈتۈنلەي ئۈنۈمى يوق ، سىماب سۇدا ناھىيىتى ئاستا ئاقىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدا ناھايىتى ئاسان تارقىلىپ كىتىدۇ . ئەمىلىيەتتە سۇنىڭ ئۈزىلا بىر جان ئالغۇر مىخانىكا ، قەدىمكى دەۋىرلەردە ئوكسىگىن ئۈسكىنىلىرى يوق ، دېڭىزغا كىرىپ قەبرە ئوغۇرلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، شۇڭا بۇ قەبرىدە مىخانىكىلىق قۇرۇلما بۇلۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى تۈۋەن .» 
ئۇلار قەبرەتېمىدىن چۈشتى ، بىراق تامنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ بوشلۇق ئىدى ، كەنجى تاغام ھازىر بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىسىز دەپ بىلدى ھەمدە ئۇلارنى ھېچقانداق ھەركەت قىلماسلىققا بۇيرۇپ ، ئۈزى چارلاش چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئىچكىرلەپ ماڭدى ، ئۇ بىر مىتىردەك مېڭىپلا ئالدىدا يەنە بىر تام بارلىقىنى بايقىدى ، بۇ تامغا ئىشلىتىلگەن كىسەكلەر سىرتتىكى تامنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تامنىڭ يىرىقلىرىغا ئاق رەڭلىك لاي توپا سۇۋاپ ئىتىۋېتىلگەنىدى ، كەنجى تاغام ئىككى تامنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ ئەتراپنى بىر قۇر كۈزەتتى ھەمدە ئۈستى تەرىپىدە ئۇزۇلۇق كەڭلىكى يېرىم مىتىر ئەتراپىدا كىلىدىغان كۇۋادىرات شەكىللىك قەبرە يولى ئېغىزىنى كۆردى ، كەنجى تاغام بۇنى كۈرۈپ بۇ قەبرىگە كىرىشتە كولاشقا تايىنىشنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى . 
سۇ يۈزىگە چىققاندىن كىيىن ئۇلار بىر خادا تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ يىغىن ئاچتى ،كەنجى تاغام :« بۇقەبرىنىڭ ئىككى قات تېمى بار ئىكەن ، سىرتتىكى تام بىلەن ئىچىدىكى تامنىڭ ئوتتۇرسىغا لىق دېڭىز سۈيى تولدۇرۇلغان ئىكەن ئۇندىن كىيىن ئىچىدىكى تامنىڭ ئۈستىگە سۇ ئايلىنىپ تۇرىدىغان بىر يول ياسالغان ، بۇنداق لاھىيەنىڭ ئىچىدە چۇقۇم سۇ يوق بىر بوشلۇق بار ، ھاۋا بېسىمىدىن پايدىلىنىش پىرىنسىپى بۇيىچە بولغاندا لەھەت ئىچىدە ئاز بىر قىسىم ھاۋا قېپقالىدۇ ، ھازىر قايسى قەبرە يولىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلۇقىنى بىلمەيمىز ، شۇڭا ئەتە ئۈچەيلەن سۇغا چۈشەيلى ، ھەر بىرىمىز تۆتتىن ئوكسىگېن تۇڭى ئېلىۋالايلى ، قېنى قايەرگىچە بەرداشلىق بىرەلەيمىزكىن قاراپ باقايلى » دىدى . 
ئۇلار مۇزاكىرە قىلىشىۋاتاتتى – كەنجى تاغام جەزمەن چۈشمىسە بولمايتتى ، قالغان ئىككەيلەننى ئوبدان ئويلۇشۇپ تاللاشقا توغرا كىلەتتى ،چۈنكى قەبرە ئىچىدە سۇ بولماي قالسا ، ئۇنداقتا ئەھۋال بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ ، خەتەر يۈز بىرىشى مۇمكىن ئىدى – دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ۋېنجىننىڭ چىقىرىغان ئاۋازىدىن ھەممەيلەن چۈچۈپ كەتتى ، كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلسۇن ، ئەسلىدە ئۇلار ئولتۇرغان خادا تاش قاچانلاردىدۇر ئىگىزلەپ قالغانىدى ،كەنجى تاغام پەسكە قاراپ ئەسلىدە دېڭىز يۈىدىن ئىگىزلىكى بىر متىرمۇ كەلمەيدىغان بۇ تاشنىڭ ئەمدىلىكتە دېڭىز يۈزى بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ بەش مىتىردىن ئارتۇق كىلىدىغانلىقىنى كۆردى . 
كەنجى تاغام بۇ ئىشنىڭ بىر ئاز بىنورماللىقىنى ھىس قىلدى ، ھەمدە بېشىنى كۈتۈرۈپ ئاسمان بىلەن دېڭىزنىڭ تۇتاش كۈرۈنىدىغان يېرىدە بىر قارا سىزىقنىڭ يىقىنلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لى سى دى (李四地) ئىسىملىك بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلىقچى ئىدى ، ئۇ بۇ مەنزىرىنى كۈرۈپلا قوروققىنىدىن تاتىرىپ :« بوران – چاپقۇن كەلدى ! » دىدى .
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى