رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك29-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك29-باب

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 923 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھېلىقى سۇ كۈپۈكچىلىرى توختىماي يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتاتتى، رېتىمى بەك تىز ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە سىرتقا قاراپ كېڭىيىپ چەمبەر ھاسىل قىلغان ئىدى، خۇددى سۇ تىگىدە بىر نەرسە توختىماي نەپىسلىنىۋاتقاندەكلا.  بىز ئۈچىمىز كۆلگە قارىغانچە بارغانسىرى ھۇشيارلىشىپ كەتتۇق ۋە ئىختىيارسىز قوللىرىمىزغا قۇراللىرىمىزنى ئېلىپ تامغا چىڭ چاپلاشتۇق. مەن بەك جىددىيلەشكەنلىكىمدىن قوللۇرۇم تەرلەپ بارغانسىرى بۇشاپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنىشكە باشلىدى.  شۇ تاپتا بىزنى قانداق بىر پالاكەتنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.  ھېلىقى سۇ كۈپۈكچىلىرى تەخمىنەن بەش مىنۇتچە بۇلدۇقلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز سۇ تىگىدىن چۈشۈنۈكسىز بىرخىل ئاۋاز ئاڭلاندى.
 شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كۆلدىكى سۇ ئورنى بارا-بارا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. سۇ يۈزىدە ئون نەچچە دانە قاينام ھاسىل بولدى. خۇددى بىرقانچە سۇ پومپىسى كۆلنىڭ سۈيىنى تىگىدىن تارتىۋاتقاندەكلا.  ھېلىقى سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان داسقا ئوخشايدىغان تاۋۇتمۇ پىرقىرىغۇچتەك توختىماي پىرقىراپ بارا-بارا تۆۋەنلەشكە باشلىدى.  بىردەمنىڭ ئىچىدە كۆلدىكى سۇ بىرقانچە مىتىر تۆۋەنلىدى.  مىنىڭ بۇ ئىشقا زادى ئەقلىم يەتمەيتتى.  مەن ئالدىراش ھالدا قولچىرىقىنى ئېلىپ يۇرۇتۇپ قارىغان ئىدىم كۆلنىڭ يان تەرىپىدە تاش پەلەمپەي بارلىقىنى كۆردۈم.  بۇ پەلەمپەي تامنى بويلاپ يۇمىلاق ھالەتتە ياسالغان بولۇپ كۆلنىڭ تىگىگە تۇتىشىدىغاندەك قىلاتتى.
 سۇنىڭ تۆۋەنلىشى بەك تىز بولۇپ بىردەمدىلا كۆلدىكى سۇ پۈتۈنلەي يۇقۇلۇپ، قاپقاراڭغۇ كۆل تىگى كۆرۈندى. پەقەتلا بايىقى سۇ قاينىمىنىڭ بۇلدۇقلىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى.  مەن قولچىرىقى بىلەن يۇرۇتۇپ كۆلنى كۈزىتىشكە باشلىدىم.  بۇ كۆل خۇددى بىر قاچىغىلا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈستى كەڭ ئاستى تار ئىدى. چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 10 مېتىر ئەتراپىدا كىلەتتى.  چوڭقۇر بولغاچقا قولچىرىقىنىڭ ئاجىز نۇرى كۆلنىڭ تىگىنى ئىنىق يۇرىتالمايتتى، يەنە كۆلنىڭ ئىچىدىن تۇمان كۆتۈرۈلۈپ تۇرغاچقا كۆلنىڭ تىگىنى ئىنىق كۆرۈشكە ئامال بولمىدى.
 مەن تۇيۇقسىز سۇ ئاستىدا يۇرۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان چارلاش چىرىقىنى ئىسىمگە ئالدىم. گەرچە ئۇ نەرسىنىڭ رولى بولامدۇ ئىنىق بىلمىسەممۇ، قالغان ئىككەيلەننىمۇ چاقىرىپ، چىراقنىڭ نۇرىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە تەڭشەپ، ئوخشاش بولمىغان ئۈچ نوقتىدىن كۆلگە قاراتتۇق.
 گەرچە ئۈچ دانە چىراق كۆلنىڭ ئىچىنى ئىنىق يۇرىتالمىسىمۇ، بىراق كۆلنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى قىياس قىلغىلى بولاتتى. كۆلنىڭ تىگى چەمبەرسىمان بولۇپ، دىئامىتىرى 10مېتىر ئەتراپىدا كىلەتتى، كۆلنىڭ تىگى تەكشى بولۇپ قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان ئىدى، بىراق قانداق نەسىنىڭ نەقىشى ئىكەنلىكىنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى.  يەنە بىر قانچە چوڭ تۈشۈك بولۇپ، مەن بۇ تۈشۈكلەرنى سۇ كىرىدىغان ئېغىز بولسا كېرەك_ دەپ پەرەز قىلدىم.
 كۆل تىگىنىڭ ئوتتۇرىسىنى تۇمان ئورىۋالغان بولۇپ، تومانلار ئارىسىدا نىمە بارلىقىنى بىلگىلى بولمىدى. سىمىزنىڭ كۆزى ھەقىقەتەن ئۆتكۈركەن، ئۇ  بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن:« سەنمۇ كۆرەلىدىڭمۇ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دانە تاش ئابىدە باردەك قىلامدۇ نىمە؟»دەپ سورىدى.
 مەن ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم. پەقەتلا ئۇ دىگەندەك بىر نەرسىنىڭ غۇۋا ھالىتىنى كۆرگەندەك قىلدىم.
سىمىز يەنە:« بۇ تاش پەلەمپەي نەگە تۇتىشىدىغاندۇ؟ چىقىش ئېغىزى مۇشۇ يەردە بولۇپ قالمىسۇن يەنە. بىز چۈشۈپ قاراپ باقايلى!» دىدى.  ئۇ شۇنداق دىگىنىچە سەكرەپلا تاش پەلەمپەيگە دەسسىدى.
 بۇ قەدىمى قەبرە ئاجايىپ غەلىتە ئىدى. شۇ تاپتا مەن سىمىزنىڭ قارارىنى تازا قوللاپ كەتمىدىم. مەن ئالدىراپ ئۇنىڭغا:« ئالدىرىما! بۇنداق چۈشسەك بەك خەتەرلىك. ھېچ بولمىغاندا كۆلنىڭ تىگىدىكى تۇمان يۇقالغانغا قەدەر كۈتەيلى!»دىدىم.
 مەن گېپىمنى دەپ بولغۇچە سىمىز ئالدىغا بىرقانچە قەدەم ماڭدى. ئۇ بىر تەرەپتىن پەلەمپەيدى پەسكە چۈشكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا:« ھېچقىسى يوق، مەن ئاۋال چۈشۈپ قاراپ باقاي ئەگەر راستلا بىرەر مەسىلە بولسا دەرھال قايتىپ چىقىمەن»دىدى.
 مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە ئۇنى توسىمىدىم. ئۇ پەلەمپەيدىن ئايلىنىپ تامنى بويلاپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، بىر نەرسىگە سوقۇلۇپ كەتكەندەك بولدى-دە، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قاراشقا باشلىدى. ئۇ بىردەم قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۈنلۈك ئاۋازدا:« ھۇ ئاناڭنى! بۇ يەردە چەتئەلچە يېزىق بار ئىكەن!»دىدى.
 مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىدە چەتئەلچە يېزىق باركەن دىگەن قانداق گەپ؟
«سەن نىمىلەرنى دەپ يۈرەيسەن؟ قاپارتما رەسىملەرنى چەتئەلچە يېزىق دەپ يۈرمىگەنسەن-ھە؟»دىدىم مەن.
سىمىز ئاچچىقلاپ:« ئاكاڭ گەرچە چەتئەلچىنى بىلمىسەممۇ ABCDدىگەندەك ھەرىپلەرنى تۇنىغۇچىلىكىم بار جۇمۇ! سەن مىنى بەك سەل چاغلاپ قاپسەن! ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ چۈشۈپ قاراپ باق!»دىدى.
 مەن:« ئۇنداقتا ئۈستىگە يېزىلغانلىرى نىمە خەتلەركىن، ماڭا ئۇقۇپ بەرگىن!»دىدىم.
 سىمىز تېخىمۇ جىلە بولۇپ:« ھۇ ئەبلەخ! ئەگەر مەن بۇلارنى چۈشىنەلىگەن بولسام سىنى كۆرۈپ باق دەمدىم!؟»دىدى.
 مىنىڭ پەقەتلا چۈشكۈم يوق ئىدى، بىراق شۇ تاپتا مەندىمۇ نىمە ئامال؟  مەن ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، سىمىزنى دوراپ پەسكە قاراپ مېڭىشقا باشلىدىم. قارىغاندا بۇ كۆل پۈتۈن قۇراشتۇرۇلۇپ ئاندىن بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك قىلاتتى. پەلەمپەينىڭ بىر تەرىپى تامغا پاتۇرۇلغان ئىدى. مەن پۇتۇم بىلەن قاتتىق-قاتتىق دەسسەپ باقتىم. بۇ پەلەمپەي راستلا بەك پۇختا بولۇپ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كىتىش خەۋىپى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.  بۇ ۋاقىتتا بوتولكىمۇ سەكرەپ چۈشتى، بىز بىرىمىز ئالدىدا، بىرىمىز كەينىدە سىمىز تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق.
 سىمىز خۇددى تامدەك ھېلىقى پەلەمپەينىڭ پەشتىقىدا تۇراتتى. ئۇ كۆلنىڭ يان تېمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:« مانا ئۆزۈڭ قاراپ باققىن، ئەگەر راستلا چەتئەل يېزىقى بولماي قالسا ساڭا قولىقىمنى كىسىپ بىرىمەن!»دىدى.
 مەن سەپسېلىپ قارىدىم، راستلا ئىسكىنە بىلەن ئويۇلغان بىر قانچە چەتئەلچە ھەرىپ تۇراتتى. قارىماققا كونىمۇ ئەمەس، يېڭىمۇ ئەمەس.  مەن بۇلارنى بەلكىم 20يىل بورۇن كەنجى تاغاملار كىرگەندە ئويۇپ قالدۇرۇپ قويغان بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم.  بىراق يەنىلا ھەيران قېلىۋاتاتتىم. ئەجىبا كەنجى تاغام ئۇخلاپ قالغاندا قالغان ئادەملەر بۇيەرگە كىرگەنمىدۇ؟  ئۇنداقتا ئۇلوارنىڭ يۇقاپ كىتىشى مۇشۇ كۆلچەك بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟
 سىمىز مىنىڭ ھاڭۋېقىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ مىنى ئۇرۇپ قويدى، ۋە:« قېنى تىز گەپ قىلە، راست چەتئەل يېزىقىمىكەن؟»دىدى.
 مەن دەرھال بېشىمنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:« راستكەن، راستكەن، مەن سەندىن ئەپۇ سورايمەن. بۇ راستىنلا ئىنگىلىزچە يېزىقكەن»دىدىم.   سىمىز مەغرۇرلانغان ھالدا تىزىغا مۇشتلاوپ قويۇپ:« بۇ قەبرىنى نىمىشقا بۇنداق غەلىتىدۇ، نىمىشقا بىرەر قىممەتلىك نەرسە ئۇچرىمايدىغاندۇ دىسەم، ئەسلى ئەجنەبىيلەر ئاللىقاچان بىزدىن بۇرۇن كىلىپ بۇ يەرنى قۇرۇقداپ قويۇپتىكەن-دە؟ ئەينى يىللاردا سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى كىلىپ ھەممىنى ئېلىپ كىتىپ بىزگە ھېچنىمە قالدۇرمىغان ئىدى، مانا ئەمدى ئۇلار كەلمىگەن مۇشۇ يەرمۇ قالماپتۇ!» دىدى.
 مەن بىر ئاز ئويلىنىۋېلىپ:« بۇ چۇقۇم چەتئەللىكلەر قىلغان دىيىشكىمۇ بولمايدۇ. جۇڭگۇلۇقلارمۇ ئىنگىلىزچە يېزىقنى يازالايدىغان تۇرسا، خەنزۇچە خەت ئويۇشتىن ئىنگىلىزچە ھەرىپلەرنى ئويۇش بىرقەدەر ئاسانراق، ئۇنىڭغا ۋاقىتمۇ ئاز كىتىدۇ. بۇ ھەرىپلەر بەلكىم دىمەكچى بولغان سۆزنى قىسقارتىپ يېزىلغاندەك قىلىدۇ. مىنىڭچە بۇ بىر بەلگە. قارا ، بۇ خەتلەر ناھايتى ئالدىراش ئويۇلغاندەك قىلىدۇ.  ئېھتىمال ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار تۆۋەنگە چۈشىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىرەر جىددى ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا كەينىدىكىلەرگە بەلگە بىرىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان بولىشى مۇمكىن»دىدىم.
 سىمىز:« سىنىڭ دىگىنىڭمۇ ئاساسى باردەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار بۇ كۆلنىڭ تىگىگە چۈشۈپ نىمە قىلغاندۇ؟ ئۇ يەردە بىرەر قىممەتلىك بويۇم بارمىدۇ؟» دىدى.
 ئۇنىڭ يەنە بايلىقخۇمارلىق كىسىلى قوزغىلىۋاتقانلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرىۋاتاتتىم. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلمىدىم.     سىمىز دەرھال گەپنىڭ «پاسونى»نى ئۆزگەرتىپ:« بىزنىڭ يەنە ۋاقتىمىز بار، بىز يەنىلا چۈشۈپ قاراپ باقايلى، بۇ يەردە تۇچ دىگەندەك نەرسىلەر ئۇچراپ قالسا ئۇنى قۇرال ئورنىدا ئىشلەتسەك بولىدۇ» دىدى.
 مەن تۆۋەنگە قارىدىم. قىممەتلىك بويۇملارغا مەن قىزىقمايمەن ئەمەس، بىراق جان ئامان بولمىسا بايلىق بولغاننىڭ نىمە كېرىكى؟  مەن شۇلارنى ئويلاشقا باشلىدىم.    بىراق پەسكە چۈشۈپ كۆرۈپ باقساق ۋېنجىيەن لەر توغۇرلۇق بىرەر يىپ ئۇچى بايقىلىپ قالسىچۇ؟ ئۇ چاغدا بەك ياخشى بولغان بۇلاتتى.  
 شۇ تاپتا مەن پەسكە چۈشۈش ياكى چۈشمەسلىك توغرىسىدا ئىككىلىنىپ تۇرىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز بوتولكا ئېغىز ئاچتى.
» بۇ يەرگە مەن بۇرۇن كىلىپ باققاندەكلا قىلىمەن!» دىدى-ئۇ.




جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى