رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك18-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك18-باب

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 761 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قەدىمى قەبرە ئىچىدە بىر تۇتام چاچ بايقىدۇق، يەنە كىلىپ بۇ چاچ مىدىرلايدىكەن. ھەرقانداق ئادەم بۇن ى كۆرسە ئالۋاستىكەن دەپ ئويلىماي قالمايدۇ.  تەلىيىمىزگە ئارىمىزنى بىر چوڭ تاش تۇسۇپ تۇرغان بولغاچقا ئالۋاستى بولغان تەقدىردىمۇ بىزگە دەماللىققا ھۇجۇم قىلالمايتتى.
 سىمىز چاچنى تۇتالماي سەل جىلە بولغاندەك قولىغا قولچىرىقىنى ئېلىپ تاشنىڭ يېرىقىدىن ئىچىگە قاراشقا باشلىدى.  ئۇنىڭ ئىچىدە زادى نىمە باردۇ؟    مەن سىمىزدەك يۈرەكلىك ئەمەس.  مەن بىردىنلا قورقۇنۇچلۇق فىلىملەردىكى چاچ ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە باشلىدىم.  مەن يىراقتا سىمىزنىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىپ تۇراتتىم.  
 سىمىز بېشىنى يېقىن ئاپىرىپ بىرنەرسە كۆرگەندەك تاشقا تېخىمۇ چاپلىشىپ كەتتى.  بۇ قېتىم ئۇ تۇيۇقسىز بېشىنى تىزلا تارتىپ كەينىگە بىرقانچە قەدەم ياندى، ئۇ جېنىنى ساقلاپ قالماقچى بولغاندەك مەن تەرەپكە تىز-تىز ئۈزۈپ كەلدى.  ۋە بىزگە مۇشتۇمىنى پۇلاڭلىتىپ بىزنى جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار دەپ ئىشارەت قىلدى.
 بىراق ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن تۇرسا،   زادى نىمە ئىشتۇ؟  مەن بۇرۇلۇپ ھېلىقى تاشقا قارىدىم، تاش ئاستا-ئاستا ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ، تاشنىڭ ئاستىدىن قاپقارا رەڭلىك كۆپ مىقداردىكى نەرسە ئېقىپ چىقىشقا باشلىدى. مەن جىددى كەينىمگە چېكىندىم. ئۇنى زەھەرلىك سۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.   مەن بەك قورقۇپ كەتتىم. مەن ئۈزۈپ كىتىۋېتىپ يەنە بىر قېتىم كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم. ئەسلىدە ئۇ ناھايتى كۆپ مىقداردىكى ئادەم چېچى ئىدى.
 سىمىز بىزنىڭ بەك ئاستا ئۈزىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، قايتىپ كىلىپ بىزنى تىز-تىز ئۈزۈشكە بۇيرۇدى.  ۋە مىنى تارتتى. مەن شۇندىلا ئىسىمنى يىغىپ كۈچەپ ئۈزۈشكە باشلىدىم.  سۇ ئاستىدا ئۈزگەندە ئادەم جىددىيلىشىدىغان بولسا ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ جىسمانى كۈچ خۇرايتتى.  مەن سىمىزنى دوراپ قولۇم بىلەن تامنى قاماللاپ ئالغا ئىلگىرلەشكە باشلىدىم. بۇنداق ماڭغاندا سۈرئەت خېلىلا تىز بولاتتى.
 بىز شۇ ئۈزگەنچە يىگىرمە نەچچە مېتىرچە ئىلگىرلىدۇق. بۇرۇلىدىغان جايغا يىتىپ بارغاندا سىمىز توختاپ بىزنى شۇ يەردە يۇشۇرۇنۇشقا ، ئەھۋالنى كۆزۈتۈپ ئاندىن ھەركەت قىلىشقا بۇيرۇدى.  بىز شۇ يەردە توختىدۇق، ھەممىمىز ھارغان بولغاچقا ئوكسىگىننى كۈچەپ سۈمۈرۈشكە باشلىغان ئىدۇق.   بىز كەينىمىزگە بۇرۇلدۇق.  ماۋۇ كارامەتنى كۆرۈڭ!!  كەينىمىزدىكى قەبرە يولى پۈتۈنلەي چاچ بىلەن تولۇپ كىتىپتۇ، كاللەك-كاللەك چاچ سۇدا لەيلىشىپ يۈرەتتى.  مەن قارىغانسىرى گېلىمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ كەتتىم.  زادى قانچە ئۇزۇندا مۇشۇنچىلىك ئۆسكەن چاچتۇ بۇ؟؟  سىمىز قولىغا قۇرالنى ئېلىپ چاچنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا قارىتىپ ئوق ئۈزدى.  ئۇ- ئوق چاچنى تىشىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.  نەدىكىنى ئوق 6-7-مېتىر ماڭا-ماڭمايلا سۈرئىتى ئاستىلاپ چاچلار ئارىسىدا غايىپ بولدى.  بۇنى كۆرۈپ سىمىزنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.  بىراق ھېلىقى بىر پاي ئوق ئازراق رولىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك،  چاچ ئاستا-ئاستا كەينىگە سۈرۈلۈشكە باشلىدى، خۇددى بىرسى كەينى تەرەپتىن تارتىۋاتقاندەك.    چاچ سۈرۈلۈش بىلەن تەڭ بېلىقنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاش پۇلاڭلاپ ھەركەتلىنىشكە باشلىدى، خۇددى بىر نەرسە قۇسۇپ چىقىرىپ بىرىدىغاندەك مىدىرلايتتى.    بىز ھەممەيلەن ئىختىيارسىز ھالدا ھۇشيارلىشىپ كەتتۇق. سىمىز بۇ قېتىم ئالدىغا بىر نەچچە مېتىر ئىلگىرلەپ ئاندىن يەنە بىر پاي ئوق ئاتتى.  بۇ قېتىم چاچ شىددەت بىلەن كەينىگە بىر سۈرۈلۈپ ئاندىن يەنە ئالدىغا سۈرۈلدى.   مەن تەپسىلىي قاراپ چاچنىڭ ئارىسىدىن بىر ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش غەۋۋاسلار كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ بۇرۇن ۋە ئېغىزلىرى قاپقارا چاچلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن، سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگىنى چىقىپلا تۇراتتى. سۇدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغاچقا كۈپۈپ بەك سەتلىشىپ كەتكەن ئىدى.  مەن ئۇنى قەبرىگە كىرگەن ئۈچ ئادەمنىڭ بىرسى مۇشۇ بولسا كېرەك - دەپ ئويلىدىم.
 مەن قورقۇشقا باشلىدىم. قارىغاندا بۇ يەردىن تىزراق ئايرىلمىساق بولمىغۇدەك.   مەن ئالدىراش كەينىمگە بورۇلۇپ سىمىزنى تارتىپ چىكىنمەكچى بولۇپ قارىسام سىمىز يوق.    مەن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ يىراققا قارىسام ئۇ ئاللىقاچان ئۆزى يالغۇز يىراقلاردا ئۈزۈپ كىتىۋاتاتتى.  مەن ئىچىمدە ئۇنى نەچچە مىڭنى تىللىدىم. " ھۇ   پور كۈتەك! سەن ئۆزۈڭ بىخەتەر جايغا بېرىپ بولۇپ ئاندىن بىزنى چاقىرماقچى بولغانمىدىڭ!!؟؟" ...............      مەن نىڭ خانقىز بىلەن جاڭ چۇقۇرغا تىز مېڭىشقا ئىشارەت قىلدىم.    ئەكىسچە سىمىز ئۇ يەردە بىزنىڭ ھەركىتىمىزنىڭ بەك ئاستىلىقىدىن ئاغرىنىۋاتاتتى.  مەن ئاچچىقىمدا ئۇنىڭ كاسىسىغا بىرنى تەپتىم. سىمىز ئاغرىققا بولالماي  مەن بىلەن ئۇرۇشماقچى بولۇپ مەنتەرەپكە كەلگەن ئىدى، نىڭ خانقىز ئۇنى تۇسىۋېلىپ ئارقا تەرەپ نى كۆرسەتتى.  سىمىز توختاپ قالدى. " ھۇ خام سىمىز ، بۇ ھىسابنى سەندىن چۇقۇم ئالىمەنغۇ!"  دىگەنلەرنى ئويلىدۇم مەن كۆڭلۈمدە.
 بۇ ۋاقىتتا ئوۆسىگىن تۇڭىنىڭ كۆرسەتكۈچ سائېتى تىتىرەپ كەتتى. ئەچۋال چاتاق! بىز بۇ يەردە يېرىم سائەتتەك ئۈزگەن ئىدۇق، يەنە كىلىپ ھەركەت قىلىشىمىز ئادەتتىكىدىن جىددى بولغاچقا ئوكسىگىننىڭ خۇرىشى بەك تىز بولۇپ كەتكەن ئىدى.   ئەگەر يەنە ئىلگىرلەش بولمايدىغان بولسا، بىز كەلگەن يولىمىزنى بويلاپ قايتىپ كەتمىسەك بولمايتتى.   لېكىن تا ھازىرغىچە كەنجى تاغام تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قۇشۇمچە قەبرە ئۆيىنىمۇ تاپالمىغان تۇرساق.   بۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇشقا باشلىدى.
 بۇ ۋاقىتتا ئەڭ كەينىدە كىلىۋاتقان جاڭ چۇقۇر ئالدىراش ھالدا مەن ۋە نىڭ خانقىزنىڭ يېنىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ، سىمىزنى تارتىپ توختاتتى. قارىغاندا ئۇ بىرەر نەرسە بايقىغاندەك قىلاتتى.
 ئۇ ھەممىمىزنى ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشقا شەرەت قىلدى. سىمىز تازا قايىل بولمىغاندەك قىلاتتى.  بىراق ھەممىمىز ئۇنىڭ بايىقى ئىپادىسىدىن نارازى بولغاچقا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي جاڭ چۇقۇرغا ئەگەشتۇق.  سىمىزمۇ ئامالسىز بىزنىڭ كەينىمىزدىن ماڭدى.
 جاڭ چۇقۇر كالامپايلارچە بىر نەچچە مېتىر ئۈزگەندىن كېيىن، تامنىڭ ئۈستىدىكى پېتىنقى شەكىلدە بولۇپ قالغان بىر جاينى كۆرسەتتى. ئەسلىدە سىمىز باياتىن ئۈزۈپ كىتىۋاتقاندا پۇتى بىلەن تامنى تىپىپ ئالغا ئىلگىرلىگەن بولۇپ،  بۇ ئورۇننى سىمىز تىپىپ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتكەن ئىدى.  
 مەن بۇنى كۆرۈپ ناھايتى خوش بولدۇم. پەرىزىمچە بۇ دەل كارىدور شەكىللىك قەبرە يولىنىڭ ئاخىرلىشىش نوقتىسى بولۇپ، كەنجى تاغام تىلغا ئالغان قۇشۇمچە قەبرە ئۆيىگە كىرىش ئېغىزى مۇشۇ يەردە بولىشى مۇمكىن.  ئەگەر بىز بۇ يەردىن كىرەلىسەك ئىچىدە ئوكسىگىن تۇڭى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى.   بىراق كىرىش ئېغىزىنى ئاچىدىغان بولساق غايەت زور سۇ ئىچىگە قاراپ ئاقىدۇ. كەنجى تاغام ئەينى چاغدا بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىۋالغاچقا چوڭ چاتاق چىقمىغان. بىراق ھازىر بىزنىڭ بېشىمىزدا سۇ ئۈزۈش كۆزئەينىكىلا بار تۇرسا ناۋادا شىددەتلىك سۇغا يولۇقۇپ قالساق ئۇ چاغدا يارلىنىشىمىز ئىنىق.
 مەن بۇلارنى ئويلىغاچ ئارقامغا قارىدىم. ھېلىقى چاچ بىزنى قوغلاپ كەلگەندەك قىلمايتتى. مەن كۆپچىلىككە بىر ئىشلارنى ئەسكەرتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىمدا، جاڭ چۇقۇر كىرىش ئېغىزىنى ئىتتىرىپ ئاچتى.  مەن ئىسىمنى يىغىپ بولغۇچە سۇ كۆپۈكچىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.     
 مەن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم. مەن جاڭ چۇقۇرنىڭ چاتاق تېرىشتا سىمىزدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.   مەن ئۇنى راسا تىللىماقچى بولۇپ تۇرغىنىمدا غايەت زور بىر كۈچ مىنىڭ كەينىمدىن ئىتتىرىپ مىنى ئىچىگە ئېقىتىپ كىرىپ كەتتى.  سۇ توختىماي پىرقىراپ ئېقىۋاتاتتى.   مەن كەنجى تاغامنىڭ:" ئىچىمدى ئاشقازان، ئۈچەي.......... لىرىم تۈكۈلۈپ كىتىدىغاندەكلا قىلاتتى" دىگەن سۈپەتلەشلىرىنىڭ مەنسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.   ئۆزۈمن ى خۇددى كىرئالغۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم.  شۇ ئەسنادا بارا-بارا سىزىمىم يوقاپ، ھۇشسىزلىنىشقا باشلىدىم. ھېچنىمىنى ئىنىق كۆرەلمىدىم.
 قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئىسىمدە يوق. مەن ھۇشۇمغا كەلگەن ۋاقىتىمدا خۇددى چۇۋۇلغان جازىدەك پۇت-قوللۇرۇم، مۈرەم، بەللىرىم ... ھەممە يىرىپ ئاغرىۋاتاتتى. بولۇپمۇ بوينۇم بەكرەك ئاغرىيتتى. تەلىيىمگە ئوكسىگىن نەيچىسى تېغىچە ئېغىزىمدا بولغاچقا ساق-سالامەت تۇرىۋاتاتتىم.  ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ ، باشقىلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ تۆۋەن تەرىپىمدە بولۇپ ئۇلارمۇ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى. ئەڭ ئۇۋال بولغىنى سىمىز، ئۇ تېخىچە پىرقىراپ ئايلىنىۋاتاتتى.  
 بىز كىرىپ قالغان بۇ جاي قۇدۇققا ئوخشايتتى. مەن قولۇمنى سۇزۇپ تامنى تۇتۇپ باقتىم. تامغا ئىشلىتىلگىنى ناھايتى ئىسىل ماتىرياللار بولۇپ، بۇ يەر كەنجى تاغام دەپ ئۆتكەن قۇشۇمچە قەبرە ئېغىزى شۇ ئىدى.   مەن چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ پۇتۇم بىلەن يەرنى كۈچەپ تىپىپ ئۈستىگە ئۆرلىدىم،  بىردىنلا بېشىم ئىللىغاندەك ھىس قىلدىم، ئەسلىدە بېشىم سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغان ئىكەن.  چارلاش چىرىقىنىڭ يۇرۇتۇش دائىرىسى بەك تار بولغاچقا مەن قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى كۈزىتىشكە باشلىدىم.   قەبرە ئۆيى تىك تۆتبولۇڭ شەكىلدە بولۇپ، تۇرۇستا ئويما رەسىملەر تۇراتتى. باشقا جايلىرى ناھايتى ئادەتتىكىچىلا كۆرىنەتتى.
 قەبرە ئىچىدە تاۋۇت كۆرۈنمەيتتى. مەن خېلى زەن سېلىپ قارىدىم. بۇ يەردە چىقىش ئېغىزى يوق بولۇپ ، پەقەتلا سول تەرەپتە كىچىك بىر تاش ئىشىك تۇراتتى، بۇ ئىشىكمۇ ئالىي دەرىجىلىك يىلىمغا ئوخشاش بىر نەرسە بىلەن چىڭ چاپلىۋېتىلگەن ئىدى.  
 قەبرە تېمىدىمۇ ئاندا-ساندا ئويما رەسىملەر كۆرۈنگەندەك قىلدى، بىراق ئۇزۇن ۋاقىت بولغاچقا لاي-لاتقىلار چاپلىشىپ كۆكىرىپ ئىنىق كۆرۈنمەس بولۇپ كەتكەن ئىدى.
 قەبرىنىڭ ئىچىگە بىر نەچچە يۈزگە يېقىن جەسەت بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنىدىغان كاھىش قاچىلار ۋە ئىدىش تۇراتتى.  بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆك رەڭلىك چوڭ ئىدىش خېلى پولغا يارايتتى.  مەن يەنە يەردە بىر قىسىم ئاياق ئىزلىرىنى بايقىدىم.  بۇ ئىزلار يەرگە يىغىلىپ قالغان ئاز مىقداردىكى لاي-لاتقىلارنى دەسسىگەندە قېپقالغان ئىدى. قارىماققا ناھايتى يېڭى كۆرىنەتتى. بۇ بەلكىم كەنجى تاغامنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ قويغان خاتىرە بويۇمى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
 مەن بۇ يەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ چاتاق چىقمايدىغانلىقىنى پەملىگەندىن كېيىن ئېغىزىمدىكى ئوكسىگىن نەيچىسىنى ئېلىۋەتتىم ۋە باشقىلارنى سۇ يۈزىگە چىقىشقا بۇيرۇدۇم.  نىڭ خانقىز سۇدىن يامىشىپ چىقىپ يەردىكى ئىزلارنى كۆرۈپ ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئۇ:"  بۇلار قەبرە ئوغرىلىرىنىڭ ئىزىمىدۇ؟" دەپ سورىدى.
 مەن قاپىقىمنى تۈردۈم.  شۇنداق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەيتتىم. چۈنكى مەن بۇ ئىزلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ كىچىك بالىنىڭ ئىزىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم.  قارىغاندا بۇ 3 ياشلىق بالىنىڭ ئىزىغا ئوخشايتتى.
 مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كىچىك بالىلارنى قەبرە قازغىلى ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. مەن دەرھال سىمىزنى چاقىردىم. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە تەجىربىسى مەندىن ياخشىراق ئىدى.
 سىمىز بۇلارنى كۆرۈپ گاڭگىراپ قالدى. ئۇ :" سىنىڭ  بۇ ئىزلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! نىمىلا بولمىسۇن بۇ ئىزلار نورمال ئەمەس، سەن يەنىمۇ تەپسىلىيرەك كۆزىتىپ باققىن" دىدى.
 مەن بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ كۆزىتىشكە باشلىدىم. بايىقى ئىزنىڭ ئۈستىدە سېرىق رەڭلىك شامنىڭ ئىرىندىلىرىغا ئوخشايدىغان بىر قەۋەت نەرسە تۇراتتى.  مەن ئۇنى پىچاق بىلەن ئاجرىتىپ ئېلىپ پۇراپ باقتىم. ئىختىيارسىز دىمىقىم ئېچىشىپ كەتتى.   بۇ جەسەت شامى ئىدى!!!


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى