رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك18-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك18-باب

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 1101 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر  
كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى  
 1- خاتىرە 1-بۈلەك 18-باب گىگانىت دەرەخ
مەن ئاۋايلاپ دىگۇدەك كاماردىن ئۆمىلەپ چىقتىم . كامارنىڭ سىرتىدىكى چوقچىيىپ چىققان كىچىككىنە قورام تاش ئۈستىدىلا دەسسەپ تۇرغىدەك بوشلۇق بار بۇلۇپ تاشنىڭ نىرىسى تىك يار ، تەخمىنەن يەر يۇزدىن  15مىتىر ئىگىزلىكتە ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىز تۇرىۋاتقان كامارنىڭ چىقىش ئىغىزىدا شامال كۈچلۇك بولغاچقا مەن ھاڭ تىمغا چاپلىشىپ تۇرغاندىلا ئەتىراپنى كۆزىتەلەيتتىم .
    راس گەپنى قىلسام  مەن بۇ جاينى قانداق تەسۋىرلەشنى بىلمەيلا قالدىم ، كۆز ئالدىمدا تەبىئى شەكىللەنگەن پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى تاغ ئۆڭكۈرى تۇراتتى . ئۆڭكۈرنىڭ تورىسدا خىلىلا چوڭ يىرىق بولۇپ ئاي يورۇقى مۇشۇ يوچۇقتىن ئۆتۇپ ئۆڭكۇر ئىچىنى يورۇتىۋاتاتتى . مەن ھازىر تۇرغان جاي ئۆڭكۈرنىڭ غەربى تەرىپىدىكى تاش تام ئۈستىدە بولۇپ ئەتىراپىمدا ياماشقۇدەك ھىچقانداق نەرسە يوق ئىدى . مەن ئەتىراپىمغا كۆز يۈگىرتۈپ ئۆڭكۈر تىمنىڭ كۆپ قىسم جايلىرىدا بايا بىز ئۆمىلەپ چىققان كامارئىغىزىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان  كامار ئىغىزنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم . پەمىمچە نەچچە مىڭ كامار ئىغىزى ، تۆشۇكچىلەر بار بولىشى مومكىن . ئۆڭكۈر تىمىدىكى تۆشۇكچىلەرنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بۇ تامغا سىانسىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ زەمبىرەك ئوقى تەككەن بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قالدىم .
     بۇ جاينىڭ ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يىرى شۇكى ؛ ئۆڭكۇر ئوتتۇرسىدا 10نەچچە قەۋەت بىنا ئىگىزلىكىدىكى ، ئون نەچچە ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان گىگانىت دەرەخ بار ئىدى . ئۇ چوڭ دەرەخنىڭ ئۇستىگە قالايمىقان تارتقان توك سىمىدەك نۇرغىنلىغان پىلەك غوللۇق ئۆسۇملۇكلار يامىشىپ كەتكەن بولۇپ بىر –بىرى بىلەن چىرمىشىپ دەرەخ ئۈستىدىكى ياماشقىلى بولىدىغان جاينىڭ ھەممىسىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى .     غەلىتە ئۆسۇملۇكنىڭ بەزىسى دەرەخ ئۈسىتىدىن پەسكە ساڭگىلاپ قالغان ، يەنە بەزىسى دەرەخ ئاستىغىچە ئۆسۈپ يەرگە تىگپ قالغان ئىدى .  ھەتتا بەزىلىرى ئۆڭكۈر تىمىدىكى كامارغا قاراپ ئۆسۈپ كامار ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى .  
   ئومۇمەن قىلىپ ئىيقاندا ئۆڭكۈر  ئىچىدىكى يامىشىش ئىمكانىيتى بار يەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولاتتى .
   سەپسىلىپ قارىغاندا ئۆسۈملۈك چىرمىۋالغان دەرەخ شىخىغا بىر نەرسىنىڭ ئىسىقلىق تۇرغانلىنى كۆرگىلى بولاتتى . مەن دەسلەپتە بۇ گىگانىت دەرەخنىڭ مىۋىسى بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان بىراق تىخمۇ ئىنچىكلەپ قاراپ ئىسىقلىق نەرسىنىڭ دەرەخ مىۋىسگە ئوخشىمايدىغانلىقنى ھىس قىلدىم . ئىسىقلىق نەرسىلەر بەزىدە شامالغا ئەگىشىپ يەڭگىل تەۋرىنىپ ئادەمدە ئىنتايىن غەلىتە كۆرۇش سىزىمى ھاسىل قىلاتتى .
  ئۆڭكۇر ئاستىدا ئەتىراپى تاشتىن توسۇلغان تۆت مىتىر كەڭلىكتە كارىدۇر ياسالغان بولۇپ بۇ كارىدۇر نەزىر چىراق سۇپىسىدەك كىچىك بىر قۇرۇلۇشتىن باشلىنىپ تاكى چوڭ دەرەخنىڭ شىخى ئاستىغىچە سوزۇلغان ، ھەمدە كارىدۇرنىڭ ئاخىرلاشقان يىرىدە ئون نەچچە پەشتاقىلق تاش پەلەمپەينىڭ ياسالغانلىقىنى ، پەلەمپەي ئۈستىگە قاشتېشىدىن ياسالغان كارۋاتنىڭ قويۇلغانلىقىنى ، كارۋات ئۈستىدە بىرسىنىڭ ياتقانلىقىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم . بىراق ئارلىق يىراق بولغاچقا ھىلىقى تاش كارىدۇردىن باشقا نەرسىلەر راسمۇ ياكى مىنىڭ تۇيغۇممۇ بۇنىڭغا ھۆكۇم قىلالمايتىم .
  سىمىز ھاياجىنىنى باسالماي :" ئاناڭنى ، پىقىر ئاخىرى ئىزدەپ تىپىپتۇ دە ! بۇ يەر چوقۇم غەربى جوۋ قەۋرىسىنىڭ مەركىزى لەھەت رايۇنى ، قاشتىېشى كارۋات ئۈستىدە ياتقىنى چوقۇم لۇشاڭ  بىگىنىڭ جەسىتى ، لۇشاڭ بىگى دىگەن سولتەك ئىنساپسىز بىر نىمە ئىكەن ، باشقىلارنىڭ قەۋرىسىنى ئوغىرلىغىنى ئاز دەپ ئۆزىنىڭ جەسىتىنى باشقىلارنىڭ قەۋرىسىگە قويىۋالغىنى نىمىسى ؟ بۈگۈن مەن سىمز غوجام تەڭرى يولىنى تۇتۇپ ئۇ سولتەككە  كەسپى ئەخلاقى يوق كىپەن ئوغىرسىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالدىغانلىقنى بىر تونۇتۇپ قوياي !!" دەپ ۋاقىرۋەتتى . ئۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ بىر كىپەن ئوغىرسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنمۇ قوشۇپ تىللىۋەتتى .  
   بۇ چاغدا پەنزې تۇيۇقسىز : " سىلەر قاراملىق بىلەن ئىش قىلماڭلار ، لۇ شىياڭ بىگى ئىنتاھىن غەلىتە ، بۇ يەردە باشقىچە بىر سىر بولىشى مومكىن ، مىنىڭچە بىز ئامال قىلىپ ئۈستىدىكى يوچۇققا يامىشىپ يەر ئۈستىگە چىقىپ كىتەيلى " دىدى .   
      مەن بىشىمنى كۆتۇرۈپ تورۇسقا قاراپ ھەيران قالغىمنىدن تىلىمنى چىشلەپ سالدىم. ئۆڭكۈر تورىسىغا يامىشىپ چىقىش ئاسان گەپ ئەمەس ، ئۆڭكۈر تىمىغا ياماشتۇق دىگەن تەقدىردىمۇ تورىستىكى يوچۇققا قانداقمۇ چىقارمىز ؟ بەلكىم بىز ئۆمۈچۈك پالۋان بولساق مۇمكىن بولار ، شۇڭلاشقا سىمىزنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بىقىش ئۈچۈن سىمىزغا قارىسام سىمىزنىڭ ئاستىنقى بەدىنى ياردىن چۈشۈش ئۈچۈن ئۈزۈك ئۆڭكۈر تىمىغا ئىسىلىپ بولغان ئىدى . سىمىزنىڭ پۇت - قولىنىڭ چاققانلىقىنى بىردەمدىلا بىر - ئىككى مىتىر يامىشىپ چۈشۈپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ توسۇش نىيتىمدىن ياندىم . سىمىز يەنە بىر كامار ئىغىزىغا يامىشىپ پۇتىنى تۆۋەن تەرەپكە يۆتكەي دىيشىگە توساتتىن كامار ئىچىدىن بىر قول ئىتىلىپ چىقىپ ئۇينىڭ پۇتىنى " كاپلا  " قىلىپ تۇتۇۋالدى . سىمىز قورۇققىنىدىن چۆچۈپ كىتىپ پۇتىنى كۈچەپ سىلكىپ ھىلىقى قولنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولىۋىدى ، ئارقىدىنلا كاماردىن بىر كىشىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .  " مىدىرلىما ، يەنە بىر قەدەم مىدىرلىساڭ ئۆلگىنىڭ شۇ "    مەن بۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم . " كەنجى تاغا ... بۇ سەنمۇ ؟ !!
   ئارقىدىنلا تۆۋەندىكى كاماردىن ئاۋاز قايىتتى . :"چوڭ جىيەنىم ... ئاناڭنى ... سەن نەلەردە يۈردۈڭ ..؟  مىنى ئەنسىرىتىپ ئۆلتۈرەيلا دىدىڭغۇ ؟ ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ "
  ئاڭلىسام ھەقىقەتەن كەنجى تاغامنىڭ ئاۋازى ، مەن خاتىرجەم بولۇپ چوڭ بىر نەپەس ئالغاندىن كىيىن : " ماڭا ھىچ ئىش يوق ، بىراق پەنزې يارلاندى ، ھەممىسى مۇشۇ سىمىز ھارامتاماقنىڭ كاساپىتى " دەپ ۋارقىرىدىم - دە ، ھاڭغا قاراپ بىقىش ئۈچۈن بوينۇمنى سوزۇپ پەسكە قارىدىم . سىمىز دەسسەپ تۇرغان كامار دەل مەن تۇرغان يار تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قۇرام تاشنىڭ ئاستىدا بولغاچقا بىر قاراپ بىشىم قىيىپ بۇ نىيتىمدىن ياندىم ،  ئارقىدىنلا سىمىزنىڭ يىلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى : " پىشقەدەم يولداش، پۇتۇمنى قويىۋەتسىڭىز بولامدۇ ؟ "
     كەنجى تاغام ئىغىزىنى بۇزۇپ : " ئۆلگۈر سىمىز سەن زادى كىم ؟  ئاناڭنى ئازراق گەپ قىل ، قالايمىقان دەسسىمەي تىز چۈش ، بۇ غەلىتە ئۆسۈملۈكلەرگە ھەرگىز تىگىپ كەتمە ! " دەپ ۋارقىرىدى .  
     ئارقىدىنلا : " سىمىز قايسىسىغا تەگمەيمەن ؟ ماۋۇنىڭغىمۇ ياكى ئاۋۇنىڭغىمۇ ؟ " دەپ پۇنىڭ ئۇچىدا غەلىتە ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىشىگە ، كەنجى تاغامنىڭ " ياق  !!! " دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭلا ، قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرىنىدىغان ياماشقاق ئۆسۈملۈك خۇددى يىلاندەك بىشىنى كۆتۈرۈپ ، دەقىقە ئىچىدە گۈلگە ئوخشاش ئىچىلدى . ياق  گۈلگە ئوخشاش ئىچىلدى دىگەندىن تۈگۈگۈك مۇشتىمىنى ئاچتى دىسەم مۇاپىق بولىدۇ . بۇ نەرسە مۇنداقلا قارىسا ئالۋاستىنىڭ قولىغا ئوخشايتتى . ئۇ بىشىنى كۆتۇرۇپ ئۇزۇن تىنىنى تىكلەشتۇرۇپ سىمىزنىڭ تۇرغان جايىنى مۇقىملاشتۇردى بولغاي سىمىز قاياققا مىدىرلىسا ئۇمۇ سىمىزغا ئەگىشىپ شۇ ياققا مىدىرلايتتى . مەن غەلىتە ئۆسۇملۈكنىڭ سىمىزغا ئەگىشىپ مىدىرلىشنى كۆرۇپ ھىندىستانىڭ يىلان ئوينىتىش ئويۇنىنى كۆرگەندەك بولدۇم -دە توساتتىن چۆچۈپ كەتتىم ، ئەسلىدە  پەنزې ئىككىمىز كۆرگەن بەش بارمىقى تەڭ ئالۋاستى قولى بۇ ئۆسۇملۈك ئىكەندە!
    سىمىز ھەقىقىەتەن ئويۇنغا ئامراق ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىر پۇتىدا كامار ئىغىزىغا دەسسەپ يەنە بىر پۇتىىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ غەلىتە ئۆسۇملۈكىنى ئۇسۇلغا سىلىۋاتاتتى . مەن كۆڭلۈمدە بۇ ئەبلەخكە راسلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، مۇشۇنداق چاغىدىمۇ قىلۋاتقان قىلىقىنى ، ئۇنىڭ يالغۇز بىر ئۆزىنىڭ ئالتۇن قازغىلى چۇشكەنلىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن ، ئەگەر ئۇ بىزگە ئەگەشسە ھامىنى بىر كۇنى بىزنى چوڭ بالاغا تىقىدۇ .......دىگەنلەرنى ئويلاۋاتسام كەنجى تاغامنىڭ ئاچچىقتىن ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى :" ھەي چوشقا ، بولدى قىلامسەن يوق ؟ تىز چۈشۈپ كەت "  كەنجى تاغامنىڭ گىپى تۇگىمەيلا سىمىز پىشكەلچىلىككە يولۇقتى . غەلىتە ئۆسۈملۇك بىردىنلا سىمىزنىڭ پۇتىغا چىرمىشىپ بىر يۆگىشىپلا سىمىزنى تىك ياردىن چۈشۇرۋەتكىلى تاسلا قالدى ، تاش ئويدىكى چاغدا سىمىز بىلەن ئىككىمىز بىرلىشىپمۇ ئالۋاستى قولىنىڭ كۇچىگە تەڭ كىلەلمىگەن ، ھازىر سىمىز تىك يار ئۇستىدە ، كۇچىگىدەك ئورۇن ھەم ماجالى يوق . قارىسام سىمىز بولالمايلا قالدى ،شۇڭا مەن تاش پارچىسى تىپىپ ئۇ نەرسىنى سوقماقچى بولۇپ قارىسام بۇ تاقىر تاغدا كىچىكرەك تاش باردەك قىلمايتتى . مەن ئۇياق -بۇياقنى قالايمىقان سىلاپ تاش پارچىسى ئىزلەۋەتسام تۇيۇقسىز پۇتۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇنغاندەك بولىۋىدى دەرھال بىشىمنى تۆۋەن سىكىپ پەسكە قارىدىم . چاتاق ! پۇتۇمغا قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر  ئالۋاستى قولى چاپلىشىۋالغان ئىدى . مەن دەل شۇ پەيىتتە بىر   نەرسىنى تۇتىۋىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ئۈلگىرەلمىدىم . ئىنتايىن كۈچلۈك بىر كۈچ <<شارىتلا >>  قىلپ تارتقاندەك بولدى-دە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قارىسام ئۆزۇمنىڭ بوشلۇقتا ئۇچىۋاتقانلىقمنى بايقىدىم .
  ئۇ دەقىقدىكى تۇيغۇ خۇددى ماڭا بىردىنلا قانات چىقىپ قالغاندەك بولۇپ نەچچە دەقىقىدىن كىيىن << جاققىدە >> قىلغان ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ ئۆزۇمنىڭ قانداقتۇر بىر يارگە سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم .  سوقۇلۇشتىن كۆزۇمدىن ئوت چاقناش بىلەن تەڭلا ئىغىز -بۇرنۇمدىن قىپقىزىل قىنىم چاچىراپ چىققىنى ھەمدە پۇتۇمغا يۆگىشىۋالغان ئالۋاستى قولىنىڭ مىنى كۇچەپ پەسكە تارتىۋاتغانلىقىنى ھىس قىلدىم . دەل شۇ پەيتتە مەن ئىختىيارسىزلا قول بارماقلىرم يىرىلىپ قاناپ تىرناقلىرىم يۈلۇنۇپ كەتكۇدەك كۇچەپ تاتىلاپ ئەتىراپىمدىكى بىر نەرسىگە ئىسلىۋالماقچى بولدىميۇ بىراق ھىچ نەرسىنى تۇتالىمىدىم ، ئارقىدىنلا ئىغىرلىق كۇچىنىڭ تەسىرىدە 15 مىتر ئىگىزلىكتكى تىك ياردىن پەسكە قاراپ چۇشۇپ كەتتىمدە ئىختىايسىز كۆزۇمىنى يۇمۇپ كۆڭلۇمدە ": تۇگەشتىم ، ئۆلىدىغان بولدۇم ، قۇدرىتى چەكسز ئاللا ئىگەم ، ياتقان جايىمىنى جەننەتتە قىغايسەن ؟!!" دىگەنلەرنى ئويلىدىم .
مەن دەل  تىك ياردىن پەسكە چۇشىۈپ كىتىۋاتقان دەقىقىدە مىنىڭ ھىدىم يەنە ئۈچ - تۆت تۇپ ئالۋاستى قولىنى جەلىپ قىلغان چىغى ، ئۇلار تىك يار ئاستىدىن چاقماق تىزلىكىدە يوپۇرلۇپ ئارىسدىكى ئەڭ تومى بوغما يىلاندەك  بىلىمدىن يۆگەپ ئالدى قالغانلىىرى پۇت -قولۇمغا چىرماشتى ، ئارقىدىنلا ئۆسۈملۈكنىڭ كۇچەپ يۇقىرىغا تارتىشى بىلەن تەڭ ئارقا مىڭەم يار تىمىغا قاتتىق ئۇرۇلدى -دە قۇلىقىم غوڭلىداشقا باشلاپ كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ھوشىمدىن كىتەيلا دەۋاتاتتىم  ، بەلكىم ھوشۇمدىن كەتكەندە ئۆلسەم ئاسانراق ، ئاغرىقسىز ئۆلەرمەن ! لىكن ئۇ دۇنياغا بارغاندا بوۋام مەندىن قانداق ئۆلدۇڭ ەپ سوراپ قالسا ھۇشمدىن كىتىپلا ئۆلدۇم دەپ جاۋاپ بەرسەم بوۋام مىنى نىمە دەر ؟  شۇ دەقىقىدە  نەچچە تۇپ غەلىتە ئۆسۈملۈك مىنى ئۈسىتگە سۆرەۋاتاتتى . سۆرىلىش جەريانىدا بىشىم تاشقا تەگمىسە بەدىنىم دەرەخ شاخلىرىغا ئۈرۇلاتتى ، ئۈرۇلۇپ -سوقىلىۋىرىپ  ئاغىرىقنىمۇ سەزمەس بولۇپ قالغان چاغدا رەمەتلىك بوۋام كۆزۇمگە كۆرۇنگەندەك بولدى  
    ئاخىردا ئۆزۇمىنىڭ توختاپ قالغانلىقمنى ھىس قىلغان ۋاقىتتا  بىشم قىيىپ كۆڭلۇم ئىلىشىۋاتاتتى . كۆزۇمنى ئىچىشقا ئۇرۇندىميۇ بىراق ھەر قانچە قىلپمۇ كۆزۈمىنى ئاچالمىدىم ، بىر نەچچە قىتىم چوڭقۇر نەپەس ئىلىپ بارا -بارا ئىسىمگە كىلىشىم بىلەن تەڭ كۆزۈممۇ يورۇشقا باشلىدى .
    بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ ھىلىقى گگانىت دەرەخنىڭ چوڭ شىخىغا ئىسىقلىق ئىكەنلىكىمنى بايقىدىم . پەسكە ساڭگلاپ قالغان بىشىمنىڭ ئاستىدا سىرلىق جەسەت قويۇلغان جەسەت سۇپىسى بار ئىدى . مەن سەپسىلىپ قاراپ ھەيران قالدىم . ئەسلىدە جەسەت سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە ئىككى جەسەت بولۇپ بىرسى ئايالنىڭ جەسىتى ئىدى .  بۇ ئايالنىڭ جەسىتىگە يىپەك رەخىت يىپىلغان بۇلۇپ بىر جۈپ كۆزى چىڭ يۇمۇلغان چىرايىدىن بىر خىل خاتىرجەمىلىك چىقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالنىڭ جەستىدە ھىچبىر چىرىگەن ئالامەتلەر يوق بۇلۇپ خۇددى بايا ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭ يىنىدا ياتقان ئەرنىڭ جەسىتىنىڭ يۇزىگە تۇلكە يۇزلۇك نىقاپ تاقالغان بولۇپ بەدىنىگە چىڭ يىپىشىپ تۇرىدىغان ساۋۇت كىيدۈرۈلگەندى . ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە قويىۋالغان بولۇپ ئككى قولىنىڭ ئارلىقىدا قىزىل ئالتۇندىن ياسالغان قۇتا تۇراتتى .  
مەن ساۋۇت كىيگەن جەسەتكە قارسىام باشقىچىلا كۆرۇنەتتى . سىنچىلاپ قاراپ جەسەتنىڭ يۇزىدىكى نىقاپنىڭ كۆرۈش تۆشىكى ئارقىسىدىكى بىر جۈپ ئادەمىنىڭ تىنى جۇغىلدىتىدىغان غەلىتە كۆزنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ماڭا بىر خىلى سوغۇق نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى ھس قىلىدىم ، خۇددى ئۇنى مەن ئۆلتۇرىۋەتكەندەك !
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى