رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك22-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك22-باب

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 1095 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىز ئۈچىلىمىز ھەيران قېلىشتۇق. بىز بۇيەردىن ئايرىلىپ قايتىپ كەلگۈچە ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىگەن تۇرسا، بۇنداق قىسقا ۋاقىتتا كىممۇ بىزنىڭ جابدۇقلىرىمىزنى بىراقلا يۆتكەپ كىتەلىسۇن؟ يەنە كىلىپ قۇشۇمچە قەبرىدىن قەبرە يۇلىغىچە پەقەت بىرلا ئىشىك بار تۇرسا، بۇ نەرسىلەرنى قەيەرگە يۆتكەپ كەتكەندۇ؟...
بىز بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق، ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن قانداقتۇر بىرخىل ھەيرانلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. راستىنلا «تېزىنى باسسا مېزى»دىگەندەك ئىش بولىۋاتاتتى. سىمىزمۇ قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ:« ئەجىبا بۇ يەردە تىرىك مۇردا بارمىدۇ؟» دەپ سورىدى.   مەن قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ:« ھازىر تىرىك مۇردىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس، ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەنمۇ ئۇ مەخلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشالايمىز، بىراق سۇ ئۈزۈش سايمانلىرى بولمىسا ھېلىقى ئون نەچچە مېتىرلىق دېڭىز ئاستى قەبرە يولىدىن قانداق ئۆتىمىز؟   مانا بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئەگەر بىرەر ئامال قىلمىساق بىز مۇشۇ دېڭىز ئاستى قەبرىسىدە ئۆلگىنىمىز ئۆلگەن» دىدىم.
مەن سىمىزدىن :« باياتىن سەن ئەڭ ئاخىرىدا سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىڭنى سالغان، سەن بىرەر جايغا يۆتكىۋەتتىڭمۇ يە؟» دەپ سورىدىم.
« نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن، قۇرسىقىم ئېھىپ ئۆزۈمنى ئاران كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتسام، يەنە كىلىپ بۇ 8دانە ئوكسىگىن تۇڭى تۇرسا .....»دىدى-سىمىز.
مىنىڭچىمۇ شۇنداقتەك قىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتا بىز ھەممىمىز نەخ مەيداندا بار تۇرساق، ئەگەر بىرەرسى يۆتكىۋەتكەن بولسا بىز بىلمەيدىغان ئىش بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنچە ئېغىز نەرسىنى كىممۇ بىراقلا يۆتكىۋىتەلىسۇن؟
بىز شۇ يەردە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇشتۇق. بۇۋاقىتتا سىمىز بۇنداق تۇرىۋەرسەك ھېچنىمىگە پايدىسى يوقلىقىنى پەملىدى بولغاي، بىزگە باشقا جايلارنى ئىزدەپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى.   «بۇ نەرسىلەرنى ئالۋاستى كىلىپ ئېلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، چۇقۇم بىرەر يىپ ئۇچى قالدۇرۇپ قۇيىدۇ» دىدى-ئۇ.
سىمىزنىڭ گېپىنىڭ خېلى ئاساسى بارئىدى. مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ يەردىكى ئىدىشلارنى ئۇياق-بۇياققا يۆتكەپ قاراشقا باشلىدىم.  ئۇ نەرسىلەر مۇشۇ ئىدىشلار ئارىسىغا يۇشۇرۇپ قۇيۇلغان بولمىسۇن يەنە – دىگەنلەرنى ئويلايتتىم.  باشقىلارمۇ ھەر تەرەپنى ئىزدەشكە باشلىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ بىر ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىنىق بىلەتتى. چۈنكى بۇنچە ئۇچۇقچىلىقتا بىر قاراپلا ھەممە يەرنى ئىنىق پەرق قىلغىلى بولىدىغان تۇرسا . شۇنداقتىمۇ «ئلۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دىگەندەك قولىمىزدىن كىلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بېقىشنى ئويلىغان ئىدىم.
بىز ناھايتى تەپسىلى ئىزدىدۇق. ئالاھەزەل 5-6مىنۇتلارچە ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. بىراق مەن ئىزدىگەنسىرى بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ماڭا غەلىتە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.   ئەڭ ئاخىرى يەنىلا سىمىز ئەقىللىق كىلىپ بۇ مەسىلىنى تۈنجى بولۇپ ئېغىزىدىن چىقاردى.  ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا:« ھۇ ئاناڭنى! بۇ نەدىمۇ بىز باياتىن سايمانلىرىمىزنى قويۇپ قويغان جاي بولسۇن؟!»دىدى.
مەن بۇرۇلۇپ سىمىز قولچىرىقى بىلەن سىمىز يۇرۇتۇپ تۇرغان بولۇڭغا قارىدىم. ئىسىمدە قېلىشىچە ئۇ يەردە ھېچنىمە يوق ئىدى. ھازىر بولسا بىر دانە تاش تۈۋرۈك تۇرۇپتۇ، بىر تەرىپى تامغا پۇتۇرۇلغان، بىر تەرىپى سىرىتقا چىقىپ قالغان ئىدى. ئۈستىگە بنۇرغۇن ئەتىۋارلىق قۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى ئۇيۇلغان ئىدى. بۇ ئالدىنقى قېتىم بىز كۆرگەندىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان بىر جايغا ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى. بىز ئارقىدىن قالغان ئۈچ دانە تامنىڭ بولىڭىغا قارىدۇق. دەرۋەقە ئۇ يەرلەرمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايتتى. بۇلارنى كۆرۈپ كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتتى، بۇ يەردىكى ئۆزگۈرۈش زادى ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى.
مەن بوتولكىغا قارىدىم.ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:« سىمىز توغرا دەيدۇ، بۇ باشقا بىر ئۆيكەن، ئاۋۇ بولۇڭدىكى بالا مۇردا قۇيۇلغان تاۋۇتمۇ كۆرۈنمەيدۇ. يەردىكى نەرسىلەرنىڭ تىزىلىشىمۇ باشقىچە تۇرىدۇ. ئۆينىڭ تۇرىسىمۇئوخشىمايدۇ، قاراپ باققىنە!» دىدى، ۋە تۇرۇسنى كۆرسەتتى.
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاردىم. راستىنلا شۇنداقكەن، تۇرۇشتىكى ئويما رەسىملەر يۇمىلاق گىرەلىشىپ كەتكەن چوڭ يىلانغا ئۆزگۈرۈپ قالغان ئىدى، راستتەك كۆرىنەتتى. خۇددى ھازىرلا ئادەمگە ئېتىلىپ چۈشىدىغاندەك. قارىغانسىرى بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى. مەن دەرھال پەسكە قارىدىم، ۋە ئۇلاردىن:« بۇ نىمە ئىش؟ ئىشىكتىن خاتا كىرىۋالدۇقمۇ قانداق؟» دەپ سورىدىم.
سىمىز:« بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ بۇ يەردە پەقەت بىرلا يول بار تۇرسا، بىز باياتىن مۇشۇ يولدىن چىقىپ ئوقيا يەپ كىرپىگە ئوخشاپ قايتىپ كەلدۇق شۇ. خاتاسى يوق، باياتىن چىققان ئىشىكتىن كىرگىنىمىز ئىنىق تۇرسا» دىدى.
مەن بۇۋاقىتتا كەنجى تاغام 20يىل ئاۋال يۇلۇققان ئىشقا يۇلۇقۇپ قالغانلىقىمىزنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم. بىراق كۆز ئالدىمكى بەزى ئىشلار كەنجى تاغامنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىگە تازا ئوخشىمايۋاتاتتى، بۇنىڭ زادى نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ئەينى ۋاقىتتا كەنجى تاغام ئۈستىدىكى سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىنى سېلىۋەتمىگەن بولغاچقا ھېلىقى بۇلاق ئېغىزىدىن بىخەتەر چىقىپ كىتەلىگەن. مەن بۇ يەرگە كىرگەن چېغىمدا بىرەر ئەھۋال يۈز بىرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولساممۇ بىراق ئالدىن تەييارلىق قىلمىغىنىمغا ئۈكۈندۈم، كۆڭلۈمدە ئىختىيارسىز ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىپلەشكە بالىدىم.
سىمىز بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تېخىمۇ گاڭگىراپ قالغان ئىدى. ئۇ مەندىن:« سىلەر جەنۇپپەرەسلەر قەدىمكى قەبرىلەردىكى سىرلارغا ناھايتى پىششىق ئەمەسمىدىڭلار؟ سەن ئىلگىرى مۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باقمىغانمۇ؟» دەپ سورىدى.
مەن ئەلۋەتتە يۇلۇقۇپ باقمىغان تۇرسام.  مەن ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېتىپ:« بۇ يەردىكىلەر ھەممىمىز ئۆز ئادەم، مەن سىلەرگە راست گەپنى ئېيتاي، بۇ مىنىڭ ئىككىنچى قېتىم قەبرىگە كىرىشىم، ھېلىغۇ سىركەن، قەبرە ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ تۇلۇق نامىنىمۇ ئېيتىپ بىرەلمەيمەن. سىلەر ئەڭ ياخشىسى مەندىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەڭلار» دىدىم.
سىمىز بۇنى ئاڭلاپ ئىشەنمىدى،« مىنى تۇلا قورقۇتما، مەن تېخى سىنى بىرەر ئامال تاپالايدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن» دىدى،-ئۇ.
مەن ئاچچىق كۈلدۈم. قانداق جاۋاب بىرىشنى بىلمەيتتىم. مەن ئۇنىڭغا:« ھازىر ئەھۋال بەك غەلىتە تۇرسا ، مەن كەسىپ ئەھلى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭغا بىر نىمە دىيىش تەس. قارىمامسەن، قىسقىغىنا ۋاقىتتا قانداق سىرلىق كۈچ بۇ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ؟ بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بۇنىڭ جەزمەن باشقا بىر سەۋەبى بار» دىدىم.
بوتولكا بېشىنى لىڭشىتىپ مىنىڭ پىكىرىمگە قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   سىمىز بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ:« ئۇنداقتا بۇ بىر سىھرىگەرلىكمۇ؟» دىدى.
مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ:« نىمە دىسەم بۇلار؟ بەلكىم شۇنداقتۇ، مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىغان _ بىر قەبرە ئوغرىسى بىر قەبرىگە كىرىپتۇ. قەبرەئىچىنىڭ ناھايتى ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىنى، خۇددى پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئادەم بۇ قەبرە ئوغرىسىنى كۆرۈپ ئۇنى ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىپتۇ. يەنە ئۇنىڭغا بىردانە كەمەر سوۋغا قىپتۇ. ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە ئىچىشىپتۇ، ئاخىرىدا قەبرەئوغرىسى مەس بولۇپ قېلىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى ئويغۇنۇپ قارىسا بىر دانە كونىراپ كەتنىڭ تاۋۇتنىڭ يېنىدا ياتقۇدەك، بايىقى كەمەرنىڭ ئورنىدا بىر دانە چوڭ يىلان تۇرارمىش...   بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئاشۇ ئوغرىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ قالامدۇ قانداق؟ » دىدىم.
سىمىز:« نىمىسى ئوخشايدۇ!؟ ئۇ ھەرھالدا ھاراق بولسىمۇ ئىچەلىپتۇ، بىراق بىزچۇ؟ سۇدىن باشقا نەرسە بولمىسا  بۇ نەس باسقان جايدا، قانداقمۇ خەخ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟»  دىدى.
مىنىڭچىمۇ شۇنداق. بۇ ۋاقىتتا مەن كەنجى تاغامنىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن بەزى ئىشلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىدىم. بىراق بۇ بوتۇلكىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ، ھازىر ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلىپ بولمايدۇ. ئەگەر خاتا سۆزلەپ قۇيۇپ ئۇنىڭ چىشىغا تىگىپ سالسام ياخشى بولمايدۇ.  ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ  ئاخىرى ئۇ ئىشلارنىڭ يېرىمىنى سۆزلەپ، يېرىمىنى يۇشۇرۇپ قالماقچى بولدۇم.
سىمىز بايىقى ئورنىدا ئاچچىقىدا پۇشۇلداپ تۇراتتى. مەن ئۇنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدۇم. كەنجى تاغامغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلەشكە باشلىدىم. سىمىز توختىماستىن گەپ قىستۇرۇپ تۇرغاچقا مەن ئامالسىز گېپىمنى ھەم ئاددى ھەم قىسقا قىلىپ تۈگەتتىم. ئاخىرىدا سىمىز تۇيۇقسىز تىللاپ كەتتى« ھۇ ئەبلەخ! شۇنچە كۆپ ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ بىزگە بىر ئېغىزمۇ تىنماپسەن، قارا ھازىرقى ھالىتىمىزگە –ئۆلۈك دىسە ئۆلۈك ئەمەس، تىرىك دىسە تىرىك ئەمەس.... ئەمدى خوش بولغانسەن!؟....»
بوتولكا چوڭقۇر خىيالغا كەتكەن ئىدى، ئۇ تۇيۇقسىز مىنى كاپلا قىلىپ قاماللاپ تۇتۇپ تارتىپ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى،  ۋە مەندىن:« كەنجى تاغاڭ ھۇشىدىن كەتكەن چاغدا نىمە دىدى؟ يەنە بىر قېتىم دىگىن!» دەپ سورىدى.
مەن ئۇنىڭ مۇنداق كەسكىنلىكىنى كۆرۈپ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەيلا قالدىم، مەن كىكەچلەپ تۇرۇپ:« ئۇ...ئۇ ...."لىفىت"دىگەندەك قىلغان» دىدىم.
بوتولكا تۇيۇقسىز كۈلدى، « ھە بىلدىم، ئەسلىدە مۇنداق ئىش ئىكەن-دە؟»دىدى-ئۇ.


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
 توقۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى