كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك46-باب
-
كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك46-باب
ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 2203 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كېپەن ئوغرىسىنىڭ خاتىرىسى
بېرىنجى خاتىرە ئىككىنجى بۆلەك :غەزەپ دېڭىزى
46-باب
تەرجىمان : كېپەن ئوغرىسى
مەن پاراخوتنىڭ كۆرسەتكۈچ سائەتلىرىنى تەكشۈرۈپ باقتىم ، قارىماققا ناھايىتى نورمال :‹ بۇ پاراخوت خېلى نورمال ئىكەن ، بىرەر ئىشقا يولۇققاندەك ئەمەس ، دىڭىز چارلىغۇچىلارغائۇچىراپ قېلىپ ، ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ كەتتىمۇ يا ؟›دەپ سېمىزدىن سورىدىم ، سېمىز بىشىنى چايقاپ :‹ ئادەمنى تۇتۇپ كەتسە ، پاراخوتنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ ، مېنىڭچە دىڭىز چارلىغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق . بۇ ئەتراپ قالايمىقان ، ھەرخىل پاراخوتلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ ، بىز ئاستىدىكى ئىسكىلاتقا چۈشۈپ قاراپ باقايلى ، ئەگەر نەرسىلەر بولمىسا ، دىڭىز قاراقچىلىرىغا ئۇچىرىغان بولىدۇ › دېدى .
مەن دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئىشىنى بىلىمەن ، كەلگەن يولدا پاراخوت باشلىقى ماڭا خېلى كۆپ سۆزلەپ بەرگەن ، كۆڭلۈمدە تېخى بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، سېمىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ، ھەمدە :‹ بۇ يەر يىقىن دېڭىز رايونىغا تەۋە ئەمەس ، لېكىن يىراق دىڭىز رايونىغىمۇ تەۋە ئەمەسقۇ ، دېڭىز قاراقچىلىرى شۇنچىلىك قاراملىشىپ كەتتىمۇ ؟› دەپ سورىدىم .
سېمىز مىنىڭ ساددىلىقىمنى مازاق قىلىپ :‹ پاھ ، سەن ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ قولىدىن ھەرقانداق ئىش كېلىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ ؟ يولۋاسنىڭمۇ مۈگدەيدىغان ۋاقتى بولىدۇ ، ساڭا دېسەم ، بۇ دېڭىز رايونىدا ۋىتناملىقلارمۇ ، ياپونلۇقلارمۇ ، مالايسىيالىقلارمۇ بار ، مۇنداقلا قارىساڭ ھېچنىمېنى بىلمەيسەن ، لېكىن نۇرغۇنلىغان زەھەر ئەتكەسچىلىك ، ئوغۇرلۇقچە چىگرىدىن چىقىش ، دىڭىز قاراقچىلىرىنىڭ پاراخوتلىرى ، ئىشقىلىپ ئەسكىلىكنىڭ ھەممىسى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسىدە قورال بار ، بۇ يەردە ئادەمسىز پاراخوت پەيدا بولۇپ قالسىمۇ ، غەلىتىلىك ھېس قىلمىساڭمۇ بولىدۇ › دېدى .
بىز ئىسكىلاتقا كىردۇق ، كىرىشىمىز بىلەنلا چاينىڭ پۇرىقى ئۇرۇلدى ، سېمىز ئىككىمىز ئىسكىلاتنىڭ بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىغىچە قارىدۇق ، ھەممە نەرسە ئۆز جايىدا ، تىخى بىز ئۇخلايدىغان پولنىڭ ئۈستىدە بىر ئىستاكان چاي تۇراتتى ، مەن تۇتۇپ بىقىپلا :‹ غەلىتە ئىشقۇ بۇ ، بۇ چاي ئىسسىقكەن › دېدىم .
سېمىز ئاڭلاپ :‹ غەلىتە ئىشلار كۈندە دېگىدەك يۈز بېرىدۇ ، لېكىن بۈگۈن بەكلا كۆپ يۈز بەردى ، بۇ پاراخوتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى جىن ئەپقاچتىمۇ يا ؟› دېدى .
‹قارا ، بۇ چاينى نەچچە يۇتۇملا ئىچىپتۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستاكاننىڭ ئۈستىنى يىپىپ قويۇپتۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ ئالدىراشلا چىقىپ كەتكىنىنى ، لېكىن قالايمىقانچلىق يۈز بەرمىگىنىنى چۈشەندۈرىدۇ ، سەن دەپ باقە ، قانداق ئەھۋالدا مۇشۇنداق بولىدۇ ؟› دېدىم .
سېمىز مۈرىسىنى چىقىرىپ بىلمەيمەن دېدى ، مەن ئويلاپ باقتىم ، لېكىن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈستىگە قايتىپ چىقتۇق ، سېمىز سىمسىز ئاپاراتتا قۇتقۇزۇڭلار دەپ نەچچىنى ۋاقىرىدى ، لىكىن ھېچقانداق قايتۇرما ئاۋاز يوق ، مەن بىر تەرەپكە قويۇپ قويۇلغان رادىئونى ئاچتىم ، رادىئودا تەيۋەن ئىستانىسىنىڭ تەيفىڭ بورىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرىنى بېرىۋاتاتتى .
بىز چىققان ۋاقتىدىلا بوران كۈچىيىپ قالغاندەك ھېس قىلغان ، لېكىن گۇگۇم چۈشكەندە بەك يىراق يەرلەرنى كۆرگىلى بولمايتتى ، مەن بەزى گەپلەرنى چۈشىنەلمىدىم ، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزى ‹دېڭىزدىكى پاراخوتلار ، يىقىن ئەتراپتىكى پورتلارغا كىرىپ دالدىلىنىڭلار › دېگەننى قايتىلىدى .
سېمىز ئىككىمىزنىڭ چىرايى قارىداپ كەتتى ، ئەسلى بۇ ۋاقىتتا ھېچنىمە بىلەن كارىمىز بولماي ئارام ئالغان بولساق ، پاراخوت باشلىقى ئۆزى ئامال ئىزدەيتتى ، ھازىر پاراخوتتىكى ھەممە ئادەمنى غايىپ قىلىۋىتىپتۇ ، بۇ تەڭرىمۇ بىزگە چاقچاقنىڭ چوڭىنى قىلىۋەتتىمۇ نېمە .
سېمىز قول سائېتىگە قاراپ :‹ بۇ يەردە تۇرىۋەتسەكمۇ بولمايدۇ ، بۇ كىچىككىنە پاراخوت ، سەل تۇرۇپ بىللە ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىشىمىز مۇمكىن ، مەن ئاۋال پاراخوتىنى ھەيدەپ ماڭاي ، چوڭقۇر دېڭىز رايونىدا تەيفىڭغا ئۇچىراپ قالساق تىركىشىپ باقىمىز ، لېكىن بۇ يەردە يوشۇرۇن خادا تاشلار بەك جىق ، دولقۇن كۆتۈرۈلسە ، سوقۇلۇپ پاچاقلىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ ›
سېمىز تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرغاچ ، پاق پاق پاق قىلىپ بىر نەچچە سائەتنى ياندۇردى ، قارىماققا راستەكلا :‹ سەن پاراخوت ھەيدەشنى بىلەمسەن ؟ بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس جۇمۇ ، بىز تۆتەيلەن ئاران دېگەندە قۇتۇلۇپ چىقتۇق ، ھەيدەيمەن دەپ خادا تاشقا ئۈسسىۋىلىپ ، بىزنى بېلىققا يەم قېلىپ بەرمە يەنە › دېدىم .
سېمىز ھې ھې دەپ كۈلۈپ كەتتى ، دىيىشىچە بۇ ئۇنىڭ تالانتىكەنمىش، ھېلىدۇ پاراخوتكەن ، ئايروپىلان بولسىمۇ ئاسمانغا ئۇچىرىۋىتەرمىش .
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ راست يالغانلىقىنى بىلەلمەي خاتىرجەم بولالمىدىم ، ئۇ كونا ماتىروسلاردەك ماتورنى قوزغاتتى ، ئۇ يەنە ماڭا ئەينى چاغلاردا بېلىق تۇتۇش ئەترىتىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش باشلىقى بولغانلىقىنى ، بۇ ھۈنەرنى ئاساسىي جەھەتتىن بىلىدىغانلىقىنى دېدى ، تىخى ئۇ ماتىروسنىڭ مەشغۇلات قىلغانلىقىنى كۆرۈپتىكەن ، بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق نەرسىلەرنى ئۇ بىرقۇر كۆرۈپ چىقىپ ، ئەگەر بەك كۈچلۈك بورانغا يولۇقۇپ قالمىساقلا ، قايتىپ كېتىشىمىزگە ئىشەنچى بارلىقىنى ئېيتتى .
ئەمەلىيەتتە ئىشلەپ چىقىرىش باشلىقى دېگىنى ، ئۇزۇن بامبۇكنى تۇتۇپ ، ئېرىقتا سال ھەيدىگىنى ئىكەنتۇق ، لىكىن مەن ئىشىنىپلا كىتىپتىمەن ، تېخى ئۇنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىنى قىلىپ كېتىپتىمەن .
پاراخوت قوزغالغاندىن كېيىن ، سېمىز ئۆزىگە دەخلى قىلماسلىقىمنى ، بۇ يەردە نۇرغۇن يوشۇرۇن خادا تاش بارلىقىنى ، ئۇ دىققىتىنى مەزكەرلەشتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ، چىراي ئىپادىسىمۇ شۇنچىلىك جىددىي ، شۇنىڭ بىلەن مەن پالوبىغا چىقىپ كەتتىم .
بوتۇلكا ئانىڭ خانقىزنىڭ قولىنى ئۇۋىلاپ ، قان ئايلىنىشىنى تېزلەشتۈرىۋاتاتتى ، قارىماققا ئۇ قىز يىڭى سۇدىن چىققان ۋاقتىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ قالغاندەك تۇراتتى ، لېكىن چىرايى يەنىلا تاتىرىپ تۇراتتى ، نەپسىمۇ ئاجىز ئىدى ، بوتۇلكا ئۇقىزنىڭ خېلى ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى دېدى .
مەن ئازراق يىمەكلىك ئېلىپ چىقىپ ، ئۇلارغا بەردىم ، نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىپتۇ ، ھازىرچە خەتەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلمىغان بولساقمۇ ، ئۆزىمىزگە تونۇش بولغان يەرگە كېلىۋالدۇق ، مېنىڭ ئۇيقۇم كېلىشكە باشلىدى ، ئۆزۈمنىڭ ئادەتتە كىيىدىغان كىيىملىرىمنى كىيىۋىلىپ ، بىر ئەدىيال ئېلىپ ، ھەيدەش بۆلىمىسىنىڭ ئىشىكىگە يۆلەنگىنىمچە ئۇيقىغا كەتتىم .
ئەسلىدە بىر نەچچە سائەت ئۇخلىۋىلىپ ، سېمىز بىلەن سىمىنا ئالماشماقچى ئېدىم ، لېكىن ئىككىنجى كۈنى بىراقلا ئويغىنىپتىمەن .
مەن دېڭىزغا قاراپ باقتىم ، دېڭىز دولقۇنى بەكلا كۈچلۈك ئىدى ، ئانچە مۇنچە دىڭىز قۇشلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى ، لېكىن ھەممىسى تۆۋەن ئۇچىۋاتاتتى ، ھاۋامۇ بۇلۇتلۇق بولۇپ ، يامغۇر ياغىدىغاندەك قىلاتتى . دېڭىزدا بۇلۇتنى توسىۋالغىدەك ئېگىز بىنالار يوق ، نەگىلا قارىساڭ قاپقارا بۇلۇت ، ئۆزۈڭنى شۇنچىلىك كىچىك ھېس قىلىسەن ، بۇنداق بېسىمنى شەھەرلەردىن ھېس قىلالمايسەن .
مەن ھەيدەش بۆلىمىسەگە قارىدىم ، سېمىز بىر تەرەپتە ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى ، بوتۇلكا رولنى باشقۇرىۋاتاتتى ، مەن ئەمدىلا ئويغانغان ، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇخلاپ قالدىم ، چۈشتە سېمىز مېنى ئويغاتتى .
‹ كۆڭلىدە يامانلىق يوق ساددا ( ۋۇ شىيە 吴邪 دېگەن 无邪 بىلەن ئاھاڭداش بولۇپ天真无邪 دېگەن لەقەمنى سېمىز ئاپتۇرغا قويۇپ قويغان ) يولداش ، تاماق پىشتى ، ئۆزەڭ چوكا ئېلىپ كەل › دېدى سېمىز .
مەن كۆزۈمنى ئاچتىم ، سېمىز يەنە بېلىق شورپىسى قىلغان بولۇپ ، چوكا بىلەن ئارلاشتۇرىۋاتاتتى ، شورپىسىنىڭ پۇرىقى قورسۇقۇمنىڭ ئاچقىنىنى ئىسىمگە سالدى ، قارىسام بۇ بېلىق تونۇشلا ، پاراخوت باشلىقىنىڭ ھېلىقى چىپار بېلىقىمۇ نېمە ، ئىچىمدە خوش بولۇپ كەتتىم ، پاراخوت باشلىقى بۇ بېلىقنى بىزگە پەقەتلا پىشۇرۇپ بەرمىگەن ، تېخى چوڭ مېھمانخانىلارغا سېتىپ بىرىمەن دىگەنتى ، لېكىن سېمىزنىڭ ئالقىنىدىن قېچىپ كىتەلمەپتۇ .
سېمىز تىتىقۇلارنى سېلىۋاتاتتى ، مەن :‹ سېمىز ، بولىدىكەنسەن جۇمۇ ، خېلى جىق ھۈنىرىڭ باركەن سېنىڭ ، نەلەردىن ئۈگەنگەن ھۈنەرلەر بۇ ؟ › دەپ سورىدىم .
سېمىز :‹ پىقىر جاھاندارچىلىق قىلغاندا ، يا ئانام ، يا خوتۇنۇم يوق ، ھەممە ئىشنى ئۆزەم قىلاتتىم ، ئۇچاغلاردا تاغلاردا ئوۋ ئوۋلاپ ، دەريالاردا بېلىق تۇتاتتىم ، قىلىپ باقمىغان ئىشىم يوق ، بۇ كىچىككىنە بىر قاچا بېلىق شورپىسى ھېچقانچە ئىش ئەمەس › دېدى .
مەن ئۇنىڭغا باش بارمىقىمنى كۆرسىتىپ :‹ سېمىز ئاكا ، سېمىز بىگىم ، مەن ئاسانلىقچە بىر ئادەمگە قايىپ بولمايمەن ، سەن ئاناڭنى بەكلا قالتىسكەنسەن ، مەن سەندىن ئۈگۈنمىسەم بولمىغىدەك › دېدىم .
سېمىز ئاچچىقلاپ :‹ ئاناڭنى سەن ئاز خوشەمەت قىل ! يىسەك تېز يە ، يىمىسەڭ يوقال ! شۆلگىيىڭنى چاچىرتىۋەتمە › دېدى .
مەن مېزىلىك تائامدىن ئەلۋەتتە ۋاز كەچمەيمەندە ، شۇنىڭ بىلەن چوكا ئېلىپ كىلىپ گۆش تالىشىشقا باشلىدىم ، 20 مىنۇتقا قالماي ، 3 جىڭ كېلىدىغان چىپار بېلىق قورسىقىمىزغا كېرىپ بولدى .
يەپ بولغاندىن كېيىن سېمىز بوتۇلكا بىلەن ئالماشتى ، بۇ پاراخوتنىڭ ئاپتوماتىك باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى بار ، لېكىن ئىشلىتەلمىدۇق ، بولمىسا پاراخوتنى باشقۇرۇش ھاجەتسىز ئىدى ، سېمىز قورسىقىنى ئوبداش تويغىزىۋالغان بولۇپ ، بىر قولى بىلەن رولنى باشقۇرغاچ ، بىر قولىدا ھېلىقى نۇرلۇق گۆھەرنى كۆتۈرۋالغانتى ، تېخى ناخشىمۇ ئېيتىۋاتاتتى :‹ كەپە ئۆيدىكى گۈزەل جانان ، كۆزنى چاقىدىغان نۇرلۇق گۆھەر ...›
سېمىز مىنىڭ ھاڭۋىقىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ، نۇرلۇق گۆھەرنى ماڭا بەردى :‹ سەن بىكار ئولتۇرساڭمۇ ئولتۇرىدىكەنسەن ، بۇنىڭغا قاراپ باھالاپ باقە ، قانچە پۇللارغا يارايدىغاندۇ ؟›دېدى .
مەن قولۇمغا ئېلىپ دەڭسەپ كۆرۈپ :‹ نۇرلۇق گۆھەر ئەمەسكەن › دېدىم .
سېمىز گىپىمنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كەتكىلى قىل قالدى ، ماڭا تىكىلىپ قارىدى . مەن ئۇنى بەزلەپ :‹ سەن جىددىيلەشمە ، ساختىسى بولسىمۇ پۇلغا يارايدۇ ، بۇ بىلىق كۆزى تېشى ، سەن نىمىنىڭ بېلىق كۆزىنىڭ تاشقا ئارلىشىشى دېگەننى بىلەمسەن ؟ نەق مۇشۇشۇ ، بۇنداق نەرسە ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدۇ ، سېتىۋالىدىغان ئادەم بارمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن ، مەن بايام كۆرگەندىلا بىلىپ بولغان ، سەن ئويلاپ باقە ، بىر تورۇسقا نۇرغۇنلىغان نۇرلۇق گۆھەرنى ئېسىپ قويىدىغان ۋاڭ ساڭخەينى نىمە ئادەم دەپ چاغلاپ قالدىڭ ؟ مۇمكىنما ؟ پۈتكۈل جوڭگو خاندانلىقى نەچچە مىڭ يىل يىلنىڭ ياقى ، يىغىپ ساقلىغىنى ئون نەچچە تاللا › دېدىم .
سېمىز ئاڭلاپ خېلى ئوڭشىلىپ قالدى :‹ سەن ئاناڭنى گەپنى قىلغاندا ئاۋال يېرىمىنىلا دېمىسەڭ بولمامدا؟ تاس قالدىڭ مېنى يۈرەك كېسىلى قىلىپ قويغىلى ، ئەمسە قاراپ باقە ، قانچە پۇلغا يارايدىغاندۇ ؟› دېدى .
بۇ نەرسە مېنىڭ قولۇمدىن ئۆتۈپ باقمىغان ، شۇڭا پەقەت بىر نەچچە خېرىدارىمنىڭ قانچە پۇل چىقىرالايدىغانلىقىنىلا پەرەز قېلىپ سېمىزغا دەپ بەردىم ، سېمىز ئاڭلاپ رازى بولمىدى ، ھەمدە : ‹ بۇنەرسىنى مەن جىنىمنى تىكىپ ئېرىشكەن ، ئەگەر ياخشىراق پۇل بېرىدىغان ئادەم چىقمىسا ، ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ ، ئۈستەل چىرىقى ئورنىدا ئىشلىتىمەن ! ›دېدى . مەن :‹ ئەمسە مەيلى ، مەن نەنجىڭدا بىر چوڭ خېرىدار بىلەن تونۇشۇپ قالغان ، قايتقاندا مەن بىر سوراپ باقاي ، بىرەر چوڭ داچىغا تىگىشىش چوڭ مەسىلە ئەمەس ›دېدىم ، سېمىز :‹ ئەمسە جاپا چىكىدىغان بولدۇڭ ، مېنىڭ داچام ساڭىلا قاراشلىق قالدى ئەمسە ، بىلگەن بولسام ، سۇ ئاستىدا ئۇزاقىراق تۇرۇپ يەنە بىرنى ئېلىپ چىقسام بوپتىكەن ، ئۇنداق بولغاندا كىچىكىرەك ئايروپىلانغا تىگىشىپ ھەيدەپ ، ئامرىكىنىڭ بايلىرىنى دوراپ باققان بولساق ، قانداق دېمىدىم ؟›دېدى .
مەن ئۇنىڭ ئۇخلىماي چۈش كۆرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىدى ، سېمىز گۆھەرنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى ، ھەمدە :‹ بۇ قىتىم سېنىڭ كەنجى تاغاڭنىڭ تاپالمىدۇق ، ئەمدى قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسەن ؟ مەن قارىسام بۇ ئىشلار تېخى تۈگىمىگەندە تۇرىدۇ ، سەن يەنە نۇرغۇن جاپالارنى تارتىشىڭ مۇمكىن › دېدى .
مەن ئەسلىدە قايتقاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئوبدانىراق ئاختۇرۇپ ، ئۇنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ باقماقچى ئىدىم ، لىكىن سېمىزنىڭ سوئالىغا بۇنداق جاۋاب بەرسەم بولمايدىدە ، ئامالسىز كۈلۈپ تۇرۇپ :‹ مېنىڭ يەنە نېمە پىلانىم بولسۇن ؟ قايتىپ دۇكىنىمنى ئاچىمەن شۇ ، ئەدى قەبرىگە ھەرگىز چۈشمەيمەن ، بۇ پۇل تاپىدىغان ، جىنىنى سېلىپ بىرىدىغان ئىشكەن ، قىلچىلىك پايدىسى يوق › دېدىم .
سېمىز كۈلۈپ قويۇپ باشقا گەپ قىلمىدى .
بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ، بىز يوڭشىڭ ئارىلىغا يىتىپ كەلدۇق ، ئارالدا ئاپەتكە قارشى تەييارلىق كۆرىۋاتقان بولۇپ ، پاناھلانغىلى كەلگەن بېلىق كىمىسىمۇ كۆپ ئىدى ، بىز يۈك تاقىلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ ، قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئارالغا چىقىۋالدۇق ، پاراخوتىمىزنىڭمۇ كېرىكى قالمىدى . سېمىز ئانىڭنى يۈدۈپ ئارالدىكى ھەربىي دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى ، ئاندىن بىز قونالغۇ تېپىپ كىرىۋالدۇق ، بېلىقچىلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ كىمىسىدە تۇراتتى ، چۈنكى بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئامال قىلىشقا ئەپلىك بولىدۇ ، تەيفىڭ بورىنى بولغاچقا بۇ يەردە باشقا ساياھەتچىلەرمۇ يوق بولۇپ ، قونالغۇلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك بوش ئىدى .
بىز ئارالدا نۆۋەتچى پاراخوتنى ئەسلىگە كېلىشىگىچە ساقلاپ تۇردۇق ، ھېسابقا بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ ئارلىقتا بىز دېڭىز ئاستى قەبرىسىنى مۇلاھېزە قىلدۇق ، ھەم كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى تەھلىل قىلىپ چىقتۇق .
بىرىنجىدىن ، بىز بۇ قەبرىنىڭ ۋاڭ ساڭخەينىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ، لېكىن قەبرە ئىچىدىكى تاش سۇپا ئۈستىدە ئولتۇرغان قۇرۇق جەسەت ۋاڭ ساڭخەي شۇمۇ ئەمەسمۇ ، بۇنىسى نامەلۇم ، چۈنكى ئۇ جەسەتكە بىرسىنىڭ چىقىلغىنى ئىنىق ، ۋاڭ ساڭخەي غەلىتە بولسىمۇ ، بۇنچىلىك دەرىجىدە ساراڭ ئەمەستۇ . ( ئۆزىنىڭ بەدىنىگە پارتىلاتقۇچ ئورنىتىشنى دىمەكچى ).
ئىككىنجىدىن : پەلەك ئوردىسى چاڭبەيشەن تېغىدا ، لىكىن ئىچىگە كىمنىڭ كۆمۈلگەنلىكى ئىنىق ئەمەس ، ھەم بىلگىلىمۇ بولمايدۇ ، پەقەت ئۇنىڭ مۇڭغۇل ئىكەنلىكىنىلا ، مەنسەپ ئورنىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر ئايال كىشى ئىكەنلىكىنىلا پەرەز قىلغىلى بولىدۇ .
ئۈچىنجىدىن : يىلان قاشلىق بېلىق لۇ بەگلىكى ۋە دېڭىز ئاستى قەبرىسىدە پەيدا بولدى ، ئالتە بۈرجەكلىك قوڭغىراقمۇ مۇشۇ ئىككى قەبرىدە پەيدا بولدى ، بۇ يىلان قاشلىق بېلىق بىلەن ئالتە بۈرجەكلىك قوڭغىراقنىڭ مەلۇم باغلىنىشلىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . لۇ بېگى بولسا قەبرە ئوغىرسى ، ۋاڭ ساڭخەي قۇرلۇش قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ بىردىن بىر ئوخشاشلىقى توپا قازىدۇ ، ئۇلار ئوخشاش بىر يەردە يەر كولىغانمۇ ، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ .
تۆتىنجىدىن : بۇنى بوتۇلكا ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇ بىر رەسىم سىزىپ ، بىزنىڭ قەبرە ئىچىدىكى ماڭغان يولىمىزنى كۆرسەتتى ، ھەمدە قەبرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەخمىنى ھالدا سىزىدى ، ئاندىن ئۇ بىر يەرنى كۆرسەتتى ، بۇ يەر بىز قېچىپ چىققان قەبرىخانە بىلەن ئاستىدىكى باشقا قەبرە ئارلىقىدا بولۇپ ، بۇ يەردە يەنە باشقا قەبرەخانىلەرنىڭ بولۇش ئھتىماللىقى ئېيتتى . بوتۇلكىنىڭ پەرىزىچە ، بۇ قەبرىخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ، ئۇرۇشقاق بەگلىكىنىڭ پادىشاھ قەبرىلىرىنىڭ تۈزۈلىشىگە ئوخشىشىدىغانلىقى ، ئارىسىدىكى بىر قەبرىخانىدە غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكى ، بەلكىم بىزگە ئۇچىرىغان ھېلىقى غەلىتە مۇشۇ قەبرىخانىدىن كەلگەن بولىشى مۇمكىنكەن .
مەن ئاڭلاپ سوغۇق تەرگە چۆمۈپ كەتتىم :‹ سېنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭ بۇ ۋاڭ ساڭخەي دېڭىز مايمۇنى بىلەن ئايال ئالۋاستىنى تۇتۇپ كېلىپ ئەرمەك ھايۋان قىلىۋالدى ؟ ئاناڭنى ، ئەمسە ئۇ بەكلا قالتىس ئادەممۇ قانداق ؟› دېدىم .
بوتۇلكا بىشىنى لىڭشىتىپ :‹ پەقەت بىر ئۇ ئەمەس ، باشقا بەگلىكلەرنىڭمۇ قەبرىسىدە بۇنداق مەخلۇقلار بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاڭ ساڭخەي بۇنىڭغا ئالاھېدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىمۇ نورمال › دېدى .
مەن بىكار قالغان ۋاقتىمدا قول كومپىيوتىرىمنى ئېلىپ تورغا چىقىپ ، ۋاڭ ساڭخەي توغۇرلۇق ئىزدىنىپ باقتىپ ، لېكىن ناھايىتى ئاز ئىكەن ، پەقەت ئاۋمىننى ئۇنىڭ لايىھېلىگىنىلا بىلدىم . تېخى باشقا بىر شەھەرنىڭ قىياپىتىنى كۆچۈرۈپ قويۇپتىكەن . باشقا كۈنلىرى ناھايىتى زېرىكىشلىك ، شامالنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن سىرتقىمۇ چىققىلى بولمىدى ، تۆتىنجى كۈنى بولغاندا تېلفون سىمىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى ، ئامالسىزلىقتىن سېمىز بىلەن تۈگمەس قەرت ئويناپ ئولتۇردۇق ، بوتۇلكا بۇنىڭغا قىززىقمايتتى ، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى كارۋاتتا يېتىپ ، تورۇسقا قاراپ ئولتۇرۇش ، بىر ئولتۇرىشىدا پۈتۈن بىركۈن قاراپ ئولتۇراتتى ، بىزمۇ ئامال قىلالمىدۇق .
سېمىزنىڭ دۈمبىسىدىكى ھېلىقى ئاق تۈكلەر ئۆزلىگىدىنلا غايىپ بولدى ، مەن ئۆزۈمنىڭ شۆلگىيىنىڭ شۇنچىلىك دورىلىق قىممىتى بارمىدۇ يا دەپمۇ گۇمان قىلىپ قالدىم .
بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەن بوتۇلكىنىڭ سەزگۈرەشتىسىنى بىلمەكچى بولۇپ بوتۇلكىدىن سورىدىم ، لېكىن ئۇ ئاڭلىمىغاندەك تۇرىۋالدى ، بۇ ئادەمنىڭ يالغاندىن ساراڭ بولىۋالىدىغان قابىلىيىتى ئانىڭ خانقىزنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان ئوخشايدۇ .
بەشىنجى كۈنى بولغاندا تېلفون سېمى ئۇلاندى ، مەن داۋاملىق تورغا چىقتىم ، بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ كاللامدا پەقەتلا جاڭ چىلىڭ ( بوتۇلكا ) نىڭ سەزگۈرەشتىسى ، تۇيۇقسىزلا بىر ئىش كاللامغا كەلدى، جاڭ چىلىڭنىڭ خاتىرىسى ئەسلىگە كەلگەنىكەن ، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش خاتىرىسىنى يوقۇتۇپ ، يەنە ئەسلىگە كەلگەن بولىشى مۇمكىن ، مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىزدەش كۆزنىكىگە يازدىم ، ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئوخشاش ئىسىملىكلەرچىقتى ، مەن بىر نەچچىسىنى بېسىپ كۆردۈم ، ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئۇچۇرلار ئىكەن .
بۇنداق ئىزدىسەممۇ پايدىسى يوق ئوخشايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەن كەنجى تاغامنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ كىرگۈزدۈم . بۇ قىتىپ پەقەت بىرلا ئۇچۇر كۆرۈندى ، ئۇچۇرنىڭ ماۋزۇسى ‹ ئادەم ئىزلەش ئېلانى › ئىدى .
بۇ بايقاش مېنىڭ ئويلىغىنىمنى سىرتىدا ئىدى ، مەن تۇيۇقسىز نەپسىم قىسىلغاندەك ھېس قىلدىم ، ئېچىپ باقتىم ، ئويلىمىغان يەردىن ماڭا كۆرۈنگىنى ئۇلار يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى پورتتا چۈشكەن ھېلىقى سۈرىتى بولۇپ ، بىرسى ئۇنىڭ سىنكارلاپ تورغا چىقارغان ئىدى ، ئاستىدا ھەممە ئادەمنىڭ ئىسمى يىزىلغان بولۇپ ، ئەڭ ئاخرىدا بىر جۈملە سۆز تۇراتتى .
بۇ بىر جۈملە سۆز پەقەت بىر قانچە خەت بولسىمۇ ، مېنىڭ ئەس خىيالىمنى ئۆزىگە تارتىۋالدى .
‹ بېلىق مىنىڭ قولۇمدا ›
بىرىنجى خاتىرە ئاياقلاشتى، داۋامىنى بار، تېزرەك ئوقۇشنى ئويلىسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
- 2015-11-26 17:00:08كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك46-باب
- 2015-11-04 18:55:44كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك13-باب
- 2015-11-03 15:56:31كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك3-باب
- 2015-11-04 18:46:23كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك9-باب
- 2015-11-10 15:58:00كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك28-باب
- 2015-10-30 19:30:58كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك11-باب
- 2015-10-30 19:25:46كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك7-باب
- 2015-11-08 16:14:22كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك19-باب
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-