رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك9-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك9-باب

ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 871 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەممەيلەن ئالاقزادىلىك بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلدى. ھېلىقى ئەسكى كىمىگە ھېچكىم قاراشقا پېتىنالمايتتى. نىمە ئىش بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ ئەھۋالدا مەنمۇ كۆپ ئاتىكاچىلىق قىلماي ، باشقىلاردىن ئۆگىنىپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم. نىڭ خانقىز تىرەپ تۇرۇپ:" مەيلى نىمىلا ئىش يۈز بەرمىسۇن ئارقىڭىزغا قارىماڭ، بىرەر نەرسە سىزگە تىگىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بىلمىگەنگە سېلىۋېلىڭ" دىدى.   بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىنى سوغۇق تەر باستى. مەن ئۇنىڭدىن :" مىنى تولا قورقۇتماڭ، بۇ يەردە نىمىمۇ ماڭا تىگىپ كەتسۇن؟" دەپ سورىدىم.  
ئۇ ماڭا ئالىيىپ، پەس ئاۋازدا:" ئىشەنمىسىڭىز ئامال يوق، سەل تۇرۇپ بىلىپ قالىسىز، ھازىر دەرھال بېشىڭىزنى بۇياققا قىلىڭ" دىدى.
 ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن قارىسام ئەھۋال چاتاق. كىمىدىكى باشقىلارغا قارىسام  ئۇلارمۇ ناھايتى قورقۇپ كەتكەندەك، دىمەك  ئۇ مىنى قورقۇتمىغان ئوخشايدۇ.
 "مەيلى نىمىلا بولمىسۇن  ماڭا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىڭ ئۇ زادى نىمە ؟ " دىدىم مەن ئۇنىڭغا پەس ئاۋازدا.     ھېلىقى خانقىز ماڭا گەپ قىلماڭ دەپ قول ئىشارىتى قىلدى ۋە :" ئېغىزڭىزنى يۇمۇڭ، بۇ ئۇۋال قىلىنغانلارنىڭ ئەرۋاھى، ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى سوراپ كەلگەن" دىدى.
 ئۇ  مۇشۇنداق دەۋەرگەنسىرى مەن قورقۇشقا باشلىدىم. لېكىن بوينۇم ماڭا بويسۇنماي قاراپ كۆرۈپ باققۇسى كىلەتتى.  مەن پاقالچىقىمنى تازا قاتتىق بىر چىمدىدىم، بۇ ۋاقىتتا بوينۇم گىپىسلاپ قاتۇرۇپ قويغاندەكلا بولۇپ كەتتى، كەينى تەرەپكە قارايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
 بىز چۈشكەن كىمە دولقۇندا قاتتىق ئىرغاڭلايتتى، كىمە پالۇبىسى غاچ-غۇچ قىلىپ ئاۋاز چىقىراتتى. ئاڭلىماققا ھازىرلا چۇۋۇلۇپ كىتىدىغاندەكلا قىلاتتى.  مەن كىمە گىرۋىكىدىكى تۈمۈر رىشاتكىنى ئىككى قولۇم بىلەن چىڭ تۇتۇپ كاسامنى كۈچەپ تىرىدىم، بىراق يۇقىرى بەدىنىم توختىماي ئىرغاڭلايتتى.  مەن خۇددى يېقىلماس قونچاقتەك ئۇياق-بۇياققا ئىرغاڭلايتتىم.  
 كىمە بىر قانچە قېتىم باياتىنقىدىنمۇ بەكرەك سىلكىندى، بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ قولۇم رىشاتكىدىن ئاجراپ كەتكىلى تاس-تاس قالدى.   بۇ ۋاقىتتا مەن ئالۋاستى كىمىسىدىن كەلگەن غىچىر-غىچىر قىلغان ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم، پالوبا ئۈستىدە خۇددى بىرسى مېڭىۋاتقاندىك قىلاتتى.    مىنىڭ  پۈتۈن بەدىنىم دېڭىز سۈيىدە ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ ئۇنىڭغا بەدىنىمدىن چىققان سوغۇق تەر قۇشۇلۇپ مىنى ناھايتى بىئارام قىلىۋاتاتتى. مەن زادى چىداپ بولالمىدى. ۋە ھېلىقى خانقىزدىن پەس ئاۋازدا:" پالوبىدا بىرسى ماڭغاندەك قىلدىغۇ؟" دەپ سورىدىم.
 ئۇ ناھايتى قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ماڭا ئېغىزىنى " ئۈشلەپ" ئىشارەت قىلدى. ۋە ماڭا يەنە بىر تەرەپنى كۆرسەتتى. مەن ئۇ تەرەپكە قارىدىم، ئەسلىدە كىمە ئامبىرىنىڭ ئەينىكىدىن كەينىمىزدىكى ئەھۋاللارنى ناھايتى ئىنىق كۆرگخلى بولاتتى.
 چوڭ -كىچىكلىكى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر بېلىقچىلىق كىمىسى كەينىمىزدىن كىلىۋاتاتتى، ئارلىقى بىز بىلەن بارغانسىرى يېقىنلىماقتا.  مەن ئۇنى تېخىمۇ ئىنىق كۆردۈم. ھېلىقى كىمىنىڭ ئۈستىدە پاختىغا ئوخشاش بىر قەۋەت دېڭىز دېتى(تۈمۈر دېتىغا ئوخشاش) بولۇپ، بۇ داتنىڭ قېلىنلىقىدىن قارىغاندا  بۇ كىمە دېڭىز تىگىدە كەم دىگەندىمۇ نەچچە ئون يىل تۇرغىنى ئىنىق.  مىنىڭ ئويلاپ يىتەلمىگىنىم بۇ كىمىنىڭ قانداق قىلىپ دېڭىز يۈزىگە چىقىپ قالغانلىقى، يەنە كىلىپ ئۈستىدە چىراقمۇ يېنىقلىقكەن.   رومانلاردا تىلغا ئېلىنغان ئەرۋاھ كىمىلىرى ھەممىسى ناھايتى ۋەيرانە، بىراق ئىشلىتىشكە بولىدىغان كىمىلەر، لېكىن بۇ كىمە بولسا ئاللىبۇرۇن بىراك قىلىنىشقا تىگىشلىك.  قارىغاندا بۇ كىمە راستلا دېڭىز ئاستىدىن ھەيدەپ چىقىلغاندەك قىلاتتى.    مەن ناھايتى تىزلا ئەرۋاھ كىمىسىگە ئائىت كۆرگەن ماتىرياللارنى ئەسلەپ چىقتىم.  ھېچقايسىسىدا بۇنداق كىمە تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.
 ئۇ كىمە بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلدى. مەن بىر ئاز ئەنسىرەپ پەس ئاۋازدا:" قارىغاندا ئالۋاستى كىمىسى بىزنى سوقماقچى ئوخشايدۇ، بولمىسا بىز كاپىتانغا كىمىنى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەپ كىتىشنى ئېيتساق قانداق؟" دىدىم.
 خانقىزنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ يەنىلا قاتتىق قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.  شۇ دەقىقىدە ئۇ يۈزلىرىنى قالايمىقان يۆگىۋالغان چاچلىرىنى تۈزەشتۈرىۋېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.
ئۇ :" ئەگەر قېچىشقا توغرا كەلسە كاپىتان ئۆزى بىر بىلىدۇ.  ئالۋاستى كىمىسى كىلىپ بىزنى سوققان تەقدىردىمۇ بىزنىڭ كىمىمىز ئېغىر بولغاچقا مەھكەم تۇتىۋالسىڭىزلا چۈشۈپ كەتمەيسىز." دىدى.
 ئۇ مىنى ئاگاھلاندۇرىۋاتامدۇ ياكى  مەسخىرە قىلىۋاتامدۇ بىلەلمەي:" سەل تۇرۇپ كاپىتان كىمىدىن سەكرىۋالسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئامال قىلالماي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىدىم." دىدىم.      
"سىز تۇلا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماڭ، بېلىقچىلىق كىمىسى بېلىقچىلارنىڭ جېنى، ئۇ ئۆلسىمۇ مۇشۇ كىمە ئۈستىدە ئۆلىدۇ. ئەگەر يەنە كوتۇلدايدىغان بولسىڭىز مەن سىزنى دېڭىزغا ئىتتىرىۋېتىمەن" دىدى  ئۇ  ئاچچىقلىنىپ.
 مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئۈندىمىدىم.    دىققىتىمنى يىغىپ ئەينەكتىدىكى ئالۋاستى كىمىسىگە قارىدىم.  نىڭ خانقىزنىڭ دىگىنىدەك ئۇ كىمە بىزنىڭ كىمىمىزدىن كىچىكرەك بولۇپ ، شۇ سۈرئىتى بىلەن كىلىپ سوقۇلسىمۇ بەك چوڭ چاتاق چىقمايدىغانلىقىنى پەملىدىم، ۋە كۆڭلۈم ئاستا-ئاستا جايىغا چۈشۈشكە باشلىدى.
 كىمە بارغانسىرى يېقىنلاشتى. مانا ئەمدىلىكتە ھەممە شۇنداق ئىنىق كۆرىنىۋاتاتتى.  ئەسلىدە مەن كىمە ئۈستىدە بىر قاتار قورقۇنۇچلۇق مەنزىرىلەرنى كۆرىمەنمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن كىمە ئۈستىدە ھېچنىمە يوق .      مەن شۇندىلا "ئۇھ " دىدىم.  بىراق بۇ كاساپەت كىمە خۇددى بىزنىڭ كىمىنى تىشىپ كىرىپ كىتىغاندەكلا تىز-تىز يېقىنلاشماقتا ئىدى.    مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ، چىشىمنى چىشلەپ قاتتىق سوقۇلۇشقا تەييارلىق قىلدى.
 دەل شۇۋاقىتتا ئارقىمىزدىكى ئاۋاز تۇيۇقسىز يۇقاپ كەتتى.   كۆزۈمنى يۇمۇپ ئون سىكنۇتچە تۇردۇم. ھېلىقى كىمە بىزگە سوقۇلسا نەچچە قېتىم سوقۇلۇپ بۇلىدىغان ۋاقىت بولدى.  بىراق ھېچقانداق شەپە يوق.     دەل شۇۋاقىتتا مەن كەينىمىزدىن يەنە ھېلىقى كىمە پالوبىسىنىڭ غىچىر-غىچىر قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.   
ئەمدىلا ئارامىغا چۈشەي دىگەن يۈرىگىم يەنە ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى.  مەن بىر كۆزۈمنى ئوغرىغا ئوخشاش بوشراق ئېچىپ قارىسام ، ھېلىقى ئالۋاستى كىمىسى ئاللىقاچان بىز بىلەن بىر سەپ بولۇپ بىزگە يېقىن تۇرۇپتۇ. لېكىن كەينى تەرىپىمىزدە ھېچنىمە يوق.
مەن ئەمدى خېلى يىنىكلەپ قويغاندەك بولۇپ يېنىمغا قارىدىم. نىڭ خانقىزمۇ كىمە ئامبىرىنىڭ ئەينىكىگە قاراپ قېتىپ قاپتۇ. مەن بىرەر مەسىلە باردەك ھىس قىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈستى-بېشىغا تەپسىلى قارىدىم. ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسدە قۇرۇپ  قېتىپ قالغان بىر جۈپ قولنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ...........


 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ.
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى