كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك43-باب
-
كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك43-باب
ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 1623 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كېپەن ئوغرىسىنىڭ خاتىرىسى
بېرىنجى خاتىرە ئىككىنجى بۆلەك :غەزەپ دېڭىزى
43-باب
تەرجىمان : كېپەن ئوغرىسى
ئۈچەيلەن بىر-بىرىمىزگە قاراپلا قالدۇق ، ھەتتا سىمىزنىڭمۇ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى .
كىسەك ئارىسىغا تۆمۈر سۈيى قۇيۇپ قاتتۇرۋەتكەندىن كېيىن ، ھازىرقى سىمونتقا تۆمۈر چىۋىق ئارلاشتۇرغانغا ئوخشاش بولۇپ كېتىدۇ ، ساڭا بىر بازغان بەرگەن تەقدىردىمۇ ھېچنىمە قىلالمايسەن ، بىزنىڭ بۇ شارائىتىمىزدا تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس .
بۇنىڭ ئۈستىدە ھېچ بولمىغاندا يەتتە قەۋەت مۇشۇنداق تۈزۈلگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر بىررىگە كىرىشتۈرۋىتىلگەن ، بۇنداق قۇرۇلمىنى بۇزۇش ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئەسۋابلىرى بولمىسا ، بۇزۇش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس .
مىنىڭ ئىچىم تىتىلدىدى ، ئۆزەمنىڭ نىمىشقا بۇ ئېھتىماللىقنى ئويلىمىغىنىمنى دەيمەن ، بۇ كىسەكنىڭ ئۈستىدە چوقۇم تىخىمۇ مۇستەھكەم قۇرۇلما بار ، قەبرە ئىچىدە بۇنداق قۇرۇلمىلارغا باشقا ئامالمۇ يوق ، ئۆزەمنىڭ بىر خاتىرە ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ قويغان قۇرۇلۇش بىلىمىمغا قاراپ ، ئاغزىمدا شەھەر ئالغىنىمغا تويدۇم .
سېمىز ماڭا قاراپ :‹ قۇرلۇش ئىنجىنىرى ، قانداق قىلىمىز ئەمدى ؟ بىر ئامال تاپقىنە › دېدى .
‹ يەنە قانداق قىلالايتتۇق ، سىناپ باقايلى › مېنىڭ يەنىلا تەلەي سىناپ باققىم كەلدى :‹ ئىككى يۈز نەچچە يىل بوپتۇ ، مەن بۇنىڭ ھازىرمۇ شۇنچىلىك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن › دېدىم .
سېمىز مىنىڭ ھودوقمىغىنىمغا قاراپ ، مەسىلىنى ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس دەپ ئويلىدى بولغاي ، ئۇ كىسەكلەرنى چوقۇشقا باشلىدى ، كىسەكلەرنى چوقۇش ئانچە تەس ئەمەس ، لېكىن ئىككى كىسەك ئارىسىدىكى تۆمۈر شۇ پىتى ، سېمىز كۈچەپ نەچچىنى ئۇرغان بولسىمۇ ئارانلا ئىز چىقىرالىدى ، ئۇ ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى سېزىپ :‹ بولمىدى ، بۇ تۆمۈر ئالقاندەك قېلىنكەن ، سەن ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ چوڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلسەڭمۇ سوقۇپ تىشەلمەيدىغاندەك تۇرىسەن › دېدى .
مەنمۇ سىناپ باقتىم ، بۇ ھەقىقەتەن قارا كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان نەرسە ئەمەسكەن ، مەن :‹ قارىغاندا مەن قەدىمكىلەرنىڭ قۇرۇلۇش تىخنىكىسىنى سەل چاغلاپ قالدىم ، بۇ تۆمۈرنىڭ ساپلىقىمۇ بەك يۇقىرىكەن ، قانچە كۈچىسەكمۇ بىكاركەن › دېدىم .
سېمىز :‹ ياكى بولمىسا بىلەپ باقامدۇق يا ، كونىلار داۋاملىق تىرىشساڭلا ، تۆمۈرنىمۇ بىلەپ يىڭنە قىلىۋىتەلەيسەن دىگەنغۇ › دېدى .
‹ ئىششىڭنى قىلە ، بۇنداق قىلىن تۆمۈرنى بىلەپ بولغىچە قانچە يىل ئۆتۈپ كىتە ؟› دېدىم مەن :‹ يەنە يىگىرمە مىنۇتتىن كېيىن دېڭىز سۈيى پەسىيىدۇ ، سەن بىلەپ بولغاندا ، بىزمۇ غەربكە سەپەر قىلىپ بولىمىز ›
سېمىز تېرىكتى :‹ ئەمسە سېنىڭچە قانداق قىلىمىز ؟ سەن ئۇ خوتۇننىڭ دىگىنىنى ئاڭلىمىغان ئوخشىمامسەن ؟ بۇ رايوندا ئاز ئۆتمەي شامال چىقىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېر ھەپتىدەك توختىمايدىكەن ، بىز ھازىر چىقىپ كېتەلمىسەك ، بۇنىڭ ئاستىدا بىر ھەپتىدەك تۇرىمىز دىگەن گەپ › دېدى ، ھەمدە تەكىتلەپ تۇرۇپ :‹ يەتتە كۈن ، بۇ يەردە ئىچىمىز پۇشۇپ ئۆلمىسەكمۇ ، ئاچ قېلىپ ئۆلىمىز !› دېدى .
مەن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىمەن ، ئۇلارغا :‹ سىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىن تەجىربەڭلارنىڭ مىنىڭكىدىن كۆپ ، ئەگەر ئادەتتە مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقساڭلار ، قانساق قىلىسىلەر ؟› دېدىم .
سېمىز بىلەن بوتۇلكا ئويلانماستىنلا :‹ پارتىلاتقۇچ › دېدى .
سېمىز :‹ سەن ھەيران قالما ، بۇنداق تامنىڭ مۇستەھكىنى سەن ئويلاپمۇ يىتەلمەيسەن ، ئاكاڭ قارغاي بۇنداق قەبرىلەرگە كىرگەندە ، مۇشۇنداق تامدىن ئۆتۈش توغرا كېلىپ قالسا ، پارتىلاتقۇچتىن باشقىسى بىكار ! › دېدى .
ئەمدى كۆڭلۈم رەسمىي يىرىم بولدى ، ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنىمەن ، ھازىر بۇ ئەھۋالدا مەن نەدىن پارتىلاتقۇچ تاپاي ؟! ئەمدى پۇشايمان قىلىۋاتىمەن ، ئىسىمدە قىلىشىچە ، سۇغا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئانىڭ ماڭا پارتىلاتقۇچ ئېلىۋېلىشىمنى ئەسكەرتكەن ، ئۆتكەندە لۇ بەگلىكىنىڭ قەبرىسىدە پارتىلاتقاندا بەكلا قورققان ، شۇڭا پارتىلاتقۇچنى خالىمايتتىم ، شۇڭا ئالمىغان ، ئەگەر كەنجى تاغام بولغان بولسا چوقۇم ئېلىۋالاتتى .
ھازىر ئويلىسام ، بەك ساددىلىق قىپتىمەن ، ئەگەر يەنە بىر قېتىم بۇنداق بولسا ھەرگىز كىچىك بالىنىڭ قىلىقىنى قىلمايمەن .
قارىغاندا ئۈستىدىن چىقىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ ، ئامالسىز ۋاز كەچتىم :‹ بۇ ئامال ئاقمىدى ، بىز باشتىن پىلان تۈزەيلى › دېدىم .
‹ قايسى باشتىن پىلان تۈزىمىز ؟ بىزنىڭ ئارانلا 20 مىنۇت ۋاقتىمىز قالدى › دېدى سېمىز :‹ مىنىڭچە بىز كەلگەن يولىمىزدىن قايتايلى ، بىزنىڭ غەۋۋاس كىيىملىرىمىز ساقلانغان قەبرەخانە قايتىپ كەلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن ›
مېنىڭ ئۇ گۆر لەخمىسىگە كىرگۈم بولمىسىمۇ ئامالسىز بېشىمنى لىڭشىتتىم ، ئەمدى يەنە ھېلىقى مەخلۇققا يولىقىدىغان بولدۇق ، بىر باش ئاغرىقى بولدىغۇ بۇ .
بۇ چاغدا بوتۇلكا تۇيۇقسىزلا :‹ سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار ، مىنىڭچە بىر يەردە پارتىلاتقۇچ بولىشى مۇمكىن › دېدى .
سېمىز ماڭا سوئال نەزىرىدە قارىدى ، مەن چۈشەنمىدىم دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم .
بوتۇلكا دېگەن مۇز چىراينىڭ چاقچاق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ، لىكىن بۇ قەبرىنىڭ قەيىرىدە پارتىلاتقۇچ بارلىقىنى ئويلاپمۇ تاپالمىدىم ، ئۇمۇ ھازىر بىزگە ئوخشاش كىيىملىرىنى سېلىۋىتىپ بىر كۇسار بىلەنلا قالغان ئىدى ، پارتىلاتقۇچنى تىقىۋالغىدەك يانچۇقىمۇ يوق . مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي ئۇنىڭ بىر تاقلاپلا قەبرە خانە ئوتتۇرسىدىكى پەلەك ئوردىسىنىڭ رەسىمى سىزىلغان تاش سۇپىغا چىققىنىنى كۆردۈم ، ئۇنىڭ قولچىرىقى سۇپا ئۈستىدىكى ھېلىقى قۇرۇق جەسەتنى يورۇتۇپ تۇراتتى .
ئۇ جەسەتنىڭ ئۈستىدىن بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى ، تۇيۇقسىزلا بىر ئىش ئىسىمغا كەلدى ، ھە ... ئەسلى مۇنداقكەندە .
بۇ چاغدا بوتۇلكا ئۇ جەسەتنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ماڭدى ، جەسەت قۇرۇپ پەقەت ئۇستىخاننىڭ ئېغىرلىقى قالغاچقا بوتۇلكا ھېچقانچە كۈچ ئىشلەتمىگەن ئىدى . سېمىز مەندىن :‹ ئۇ زادى نېمە قىلماقچى ؟›دەپ سورىدى .
مەن :‹ بۇمۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم ، ئۇ جەسەتنىڭ ئىچىدە بىر مىخانىك قۇرۇلما بولىشى مۇمكىن ، كىم بىلىدۇ ، پارتىلاتقۇچمۇ تېخى ، ئەگەر قەبرە ئوغۇرلىرى جەسەتكە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ، جەسەت ئىچىدىكى گۆھەرھەرنى ئالماقچى بولسا ، بەلكىم بىۋاستە پارتىلىشى مۇمكىن › دېدىم .
سېمىز كىكەچلەپ :‹ ئۇ بۇ ئىشنى قانداق بىلگەندۇ ؟›دېدى .
:‹ يىگىرمە يىل ئىلگىرى ، ئۇ بۇ جەسەتنى سىلىغان ، بەلكىم شۇ ۋاقىتتىلا ئىچىدە نېمە بارلىقىنى بىلگەن بولىشى مۇمكىن ، سەن ئاڭلىمىدىڭمۇ ؟ بايام ئۇ ( بەلكىم ) دېدى ، ئۇمۇ جەزىملەشتۈرەلمەيدۇ › دېدىم ‹ شۇغىنىدى ، نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى پارتىلاتقۇچنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ ›
بوتۇلكا جەسەتنى تۈۋرۈكنىڭ يىنىغا قويۇپ بىزگە قاراپ :‹ بىرىڭلار چۈشۈپ ياردەملىشىڭلار › دېدى .
قارىسام سېمىزنىڭ چۈشۈپ ياردەم قىلىشى بىر چوڭ ئاۋارچىلىق ، شۇڭا ئۇنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزۈم چۈشتۈم ، بوتۇلكا جەسەتنى مىنىڭ دۈمبەمگە قويۇپ ، ئارقان بىلەن باغلاپ قويدى ، ھەمدە :‹ ھەرگىز بىرەر يەرگە سوقۇلۇپ كەتمە ، بۇنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇلما ھازىرمۇ ھەركەتلىنەلەيدۇ ›دېدى .
مەن يىقىن ئارلىقتىن بۇ جەسەتنى كۆردۈم ، بوتۇلكىنىڭ بىزگە تەسۋىرلەپ بەرگىنىدىنمۇ ئوچۇق كۆرىۋالدىم . جەسەتنىڭ ھەممە يېرى قارىداپ كەتكەن بولۇپ ، قارىلىقىدىن پارقىراپ تۇراتتى ، بۇ بىر گۆشكە ئوخشىمايتتى ، بەلكى بىرەر پارقىراق ماتىريالدىن ئويۇپ چىقىلغاندەكلا ، مۇسكۇللىرى ئولتۇرشۇپ كەتكەن ، ئاغزىچۇ تېخى ، كۈلىۋاتقاندەكلا ، كۆرگەن ئادەمنىڭ توخو ئەتلىرى ئۆرلەپ چىقىدۇ ، ئىشقىلىپ بۇ جەسەت بۇتخانىلاردا كۆرگەن چوڭ راھېپلارنىڭ جەسىتىگە ئوخشىمايتتى ، قارىغان ئادەمگە كىلىشمەسلىك باردەك تۇيغۇ بېرەتتى .
مەن جەسەتكە قارىغان سىرى بىئاراپ بولدۇم ، بوتۇلكىدىن :‹ بۇجەسەتتە مەسىلە يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەمسەن ؟ مەن بۇنىڭ بىرەر ھېلە مىكرى باردەك ھېس قىلىۋاتىمەن ، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قارىغىنا ، بىر خىل ، بىرخىل .... ئىشقىپ بىرخىل ... ھېلىقىدەك ›
‹ غەلىتە مەخلۇقتەك › دېدى بوتۇلكا سۆزۈمنى ئاڭلاپ :‹ مەنمۇ چۈشەنمىدىم ، بۇ جەسەت ئادەمگە باشقىچە تۇيغۇ بېرىدىكەن ، لىكىن ئۇ ھازىر قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتتى ، مۇردىغا ئۆزگىرەلمەيدۇ ›
مىنىڭ پىشانەمدىن تەر چىقىپ كەتتى ، ئۇنىڭدىن :‹ ئۇنداقتا ياخشى ، سەن بۇنىڭ ئىچىدىكى پارتىلاتقۇچنىڭ ئىشلىنىدىغىنىغا جەزىم قىلالامسەن ؟›دەپ سورىدىم .
ئۇ :‹ سەككىز گۆھەر ئايلانمىسى ئىشلەنسىلا پارتىلايدۇ ، لىكىن قۇرۇلمىنى كونىراپ كەتكەنمىدۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن › دېدى .
بىر قۇرۇق جەسەتنى يۈدىۋىلىپ ، پۈتۈن بەدىنىم بىر قىسما بولىۋاتىدۇ ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن تىرنىقىنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرىشىنىڭ قانداقلىقىنى دىمىسەممۇ پەرەز قىلالايسىلەر ، پۇتلىرىممۇ بوشىشىپ كېتىۋاتىدۇ ، تۇرۇپلا مۇردا يۆتكەيدىغان ئۇستاملارنىڭ مۇردىلارنى قانداق يۈدىۋالدىغانلىقى كۆز ئالدىمغا كەلدى ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىچى تىشىنى ئوبدان ئورىۋالىدۇ ، مەنچۇ ، يالىڭاچ بەدەنگە قۇرۇق جەسەتنى چاپلاپلا ماڭدىم ، ئۇنداق غەلىتە سېزىمنى دىمەيلا قوياي .
لېكىن ھازىر باشقا ئامالمۇ يوق ، ھەرھالدا ئازراق بولسىمۇ يورۇقلۇق بار ، قالايمىقان خىيال قىلمىساممۇ بولىدۇ ، مەن چىشىمنى چىشلەپ ، ئۆزۈمنى بىر يوغان خالتا يۈدىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ ، تۈۋرۈككە ياماشتىم ، بوتۇلكا مىنىڭ يىقىلىپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەپ كەينىمدىنلا يامىشىپ چىقتى .
مەن ئازراق ياماشمايلا ، ئۇ جەسەتنىڭ بىر نورمال ئەمەسلىكىنى سەزدىم ، چۈنكى ئۇ مىنىڭ دۈمبەمگە چاپلىشىپ تۇرغاچقا سېزىمىم خاتا ئەمەستى ، جەسەت تۇيۇقسىزلا چوڭىيىپ قالدى ، مەن توختاپ ھېس قىلىپ باقتىم ، ئەمدى ھېچنىم بولمىغاندەكلا .
مەن بوتۇلكىغا قارىدىم ، ئۇ مىنىڭ تۆۋەن تەرىپىمدىلا ، ئەگەر جەسەتتە باشقىچە ئەھۋال بولسا ، ئۇ چوقۇم سېزىپ قالاتتى ، لېكىن ئۇ سەزگەندەك ئەمەس ، يا مەن ئارتۇقچە ئويلىۋالدىممۇ ؟
بۇنداق قۇرۇق جەسەتنى يۈدىۋالسام ، ئارتۇقچە ئويلىشىممۇ نورمال ئەھۋالغۇ .
تۇيۇقسى سېمىزنىڭ مېنى ئالدىراتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ، ئامالسىز داۋاملىق يامىشىشقا باشلىدىم ، بەك جىددىيلىشىپ كەتكىنىمدىن پۇتلىرىم تىتىرەپ كېتىۋاتاتتى ، مەن بۇ ئىشلارنى تېزرەك ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، ئۈچ قەدەمنى ئىككى قىلىپ ، ئاران دېگەندە تورۇسقا يىقىنلاشتىم .
سېمىزنىڭ كۆرگەن قۇرۇق جەسەتلىرى ساناقسىز ، لىكىن بۇ جەسەتنى كۆرگەندىن كېيىن چىرايى پۈرلۈشۈپلا كەتتى ، دىمىسىمۇ بۇ جەسەت ماڭا بۇنداق چاپلىشىپ تۇرسا كىمنىڭ چىرايى پۈرلەشمەيدۇ .
مەن ئۇنىڭغا :‹ سەن بۇنى تورۇسقا مۇقۇملاشتۇرغىن ، ئاندىن بىز پەسكە چۈشۈپ ئۇنى پارتىلتايلى ، ئەگەر قۇرۇلما ئىشلەنسە ، بىز چىقىپ كېتەلەيمىز دىگەن گەپ › دېدىم .
سېمىز تورۇسقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن :‹ مىنى ساز قىلىۋاتامسە ؟ ئاناڭنى مەن قانداق مۇقۇملاشتۇرىمەن ؟ مىنى دوڭ سوڭرۈيدىن ئۈگەنگىن دىمەكچىما ؟› دېدى .
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ تورۇسقا قارىدىم ، دىمىسىمۇ ئىسىپ قويغىدەك يەر يوقكەن ، پارتىلاتقۇچنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنىمىنى چىقىرىش ئۈچۈن ، تورۇسقا چىڭ چاپلاپ مۇقۇملاشتۇرمىساق بولمايتتى ، بۇ بىر مەسىلە بولدىغۇ ئەمدى .
مەن بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن :‹ زادى بولمىسا ، ئۇنىڭ بىشىنى پەسكە قىلىپ تۈۋرۈككە باغلاپ قويايلى ، تېز ، ۋاقىت قالمىدى › دېدىم .
سېمىز جەسەتنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ، ئۇيان بۇيان قىلىپ كۆرۈپ ماڭا :‹ ۋوي ، غەلىتە ئىشقۇ بۇ ، بۇ جەسەتتە قۇيرۇق باركەنغۇ ؟›دېدى .
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
- 2015-11-10 15:59:02كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك29-باب
- 2015-11-26 16:52:27كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك43-باب
- 2015-10-30 19:38:03كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك13-باب
- 2015-11-03 16:00:04كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك6-باب
- 2015-11-14 18:05:52كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك37-باب
- 2015-11-03 15:55:31كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك2-باب
- 2015-11-26 16:53:23كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك44-باب
- 2015-11-10 15:57:04كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك27-باب
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-