كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك42-باب
-
كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك42-باب
ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 1456 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كېپەن ئوغرىسىنىڭ خاتىرىسى
بېرىنجى خاتىرە ئىككىنجى بۆلەك :غەزەپ دېڭىزى
42-باب قىيىنچىلىق
تەرجىمان : كېپەن ئوغرىسى
بوتۇلكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ، بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار ئىسىمگە كەلدى .
ئۇ چاغدا بىز يەتتە يۇلتۇز لۇ بىگىنىڭ قەبرىسىگە مىڭىش ئالدىدا ، ھېلىقى جەسەتلەر بىلەن توشقان ئۆڭكۈردىن ئۆتىۋاتقان ئىدۇق . شۇ چاغدا بىز چوڭ بىر جەسەت بۈرگىسىنى تۇتىۋالغان ، ئۇنىڭ قۇيرىقىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قوڭغىراق ئىسىقلىق بولۇپ ، ئىچىدىن چوڭ بىر سەكسەنپۇت چىققان ، قوڭغىراق چىلىنغاندىكى ئاۋازى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ ، بىرخىل سىرلىق كۈچ باردەك قىلاتتى ، شۇ چاغدا بىز مۇشۇ قوڭغىراقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىسىمىزنى يوقاتقان ، بەختىمىزگە يارىشا بوتۇلكا بىزنى سۇغا تىپىپ چۈشۈرۋەتتى ، بىز ئاندىنلا ئىسىمىزگە كەلدۇق .
كەنجى تاغام بۇ قوڭغىراقنى كۆرۈپ ، ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىنمۇ ئۇزۇن تارىخى بارلىقىنى ، لىكىن قايسى سۇلالىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇ ۋاققىتتا ئەھۋال خەتەرلىك بولغاچقا ، مەنمۇ ئانچە ئىرەڭشىمەپتىمەن ، كىيىن لۇ بەگلىكىنىڭ قەبرىسىدىكى ئىشلار خۇددى دوزاققا كىرىپ قالغاندەك ، ساراڭ بولۇپ قالمىدىم ، قانداقسىگە بۇنى ئىسىمدە ساقلىيالاي .
ھازىر مەنمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيمەن ، چۈنكى شۇ چاغدىكى ئەھۋال ھازىرقىغا ئوخشاش ، چىراق يورىقىمۇ ئاجىز ، تىخى كۆرۈپ بولالماي تۇرۇپلا پەنزى ئۇنى بىرنى دەسسەپ بۇزۇۋەتكەن ، ئىككىسىنى سىلىشتۇرۇپ باق دىسە مۇمكىن ئەمەس ، لىكىن ئازراق ئوخشىشىپ قالىدىكەن .
ئەگەر بۇ جەسەت ئۆڭكۈرىدىكى ئاشۇ قوڭغىراقنىڭ بىر تۈرى بولسا ، بايام سىمىز چىقىلىپ قويغان بولسا ئىش چاتاق بولاتتى ، شۇ چاغدىمۇ بىرتال قوڭغىراقنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىسىمىزنى يوقاتقان ، بۇ يەردە قىرىق نەچچە تال باركەن ، ئازراقلا تىگىپ كەتسە نىمە ئىش بولۇپ كىتەتتىكىنتاڭ .
بوتۇلكا مىنىڭ ئىسىمگە كەلگىنىنى كۆرۈپ :‹ ئۇ جەسەت ئۆڭكۈرى تىخىمۇ غەلىتە بولىشى مۇمكىن ، ئەمەلىيەتتە جەسەت ئۆڭكىرىمۇ بىر چوڭ قەبرە ، لىكىن ۋاڭ زاڭخەي بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى باركىن تاڭ › دېدى .
سىمىز بۇرۇن بۇ توغۇرلۇق دىيىشكىنىمىزنى ئاڭلىغان ، ھەم :‹ سىلەر خاتا كۆرىۋالمىغانسىلەر ھە ؟ ئۇرۇشقاق بەگلىكىدىن بۇرۇنقى بۇ نەرسە ، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ ؟ بۇ تاساددىبىلىقمۇ يا ؟ ياكى بولمىسا ، بۇ ۋاڭ زاڭخەي دىگەن ئەسلىدىنلا قەبرە ئوغۇرسىمۇ يا ؟ › دېدى .
ئۇ بۇگەپنى قىلىشى بىلەنلا بوتۇلكا ئىككىمىز قىتىپلا قالدۇق .
‹ بۇنداقچە بولغاندا ، بۇ ئېھتىماللىقمۇ يوق ئەمەس › دېدى بوتۇلكا :‹ ئۇ ياش ۋاقلىرىدا نېمە ئىش قىلىدىغىنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارائىتى ئىلمىغا پىششىق ، ئۇنىڭغا قەبرە ئوغۇرلاش ھېچقانچە تەس ئەمەس ، لىكىن ئىسىمدە قىلىشىچە ئۇنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى باي ، نەچچە ئەۋلاد يەر شارائىتى تاللاش پىشۋاسى ، بۇنداق پەس ئىشلارنى قىلماس ؟›
بوتۇلكا ‹ پەس › دىگەن گەپنى قىلغاندا چىرايى ئۆزگىرىپمۇ قويمىدى ، قارىغاندا بىز ئۈچىمىزنىمۇ قوشۇپ تىللىغىنىنى بىلمىگەن بولىشى كىرەك ... مەن :‹مىنىڭچە ئانچە مۇمكىنچىلىكى يوق ، قەبرە ئوغىرسى ئۆزىنىڭ قەبرىسىدە بىرەر يىپ ئۇچى ياكى بەلگە قالدۇرۇپ قويىدۇ ، كىيىنكىلەر كىرىپ قالسا كەسىپدىشىمىزكەن دەپ ئوغۇرلىمايدۇ ، سەن بۇنداق بەلگىنى كۆردۈڭمۇ ؟›دىدىم .
بوتۇلكا بىشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ :‹ مەن كىرگەندىن بۇيان ھەممە نەرسىگە دىققەت قىلىۋاتىمەن ، راستىلا ئۇنداق نەرسىلەرنى كۆرمىدىم ›دېدى .
بوتۇلكىنىڭ بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن تالانتى بار ، ئۇ يوق دىگەنكەن چوقۇم يوق ، مەن :‹ ئەمسە بۇ نەرسىنىڭ بۇيەردە بولىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئەزەلدىنلا ئەسەر-ئەتىقىنى ياخشى كۆرگەچكە ، بۇ نەرسىنى ئۆزىگە ھەمدەپنە قىلدىمۇ – يا ؟›دېدىم .
‹ بىز يول بويى ھېچقانداق ياخشى نەرسىلەرنى كۆرمىدۇق ، دىگىنىم توغرىدۇ ، قارىغاندا يەنە بىرخىل ئەھۋال بار ›سېمىزنىڭ كاللىسىغا بىرەر نەرسە كىلىپ قالدىمۇ :‹ ئەمەلىيەتتە قەبرە ئوغىرسىدىن باشقا يەنە بىرخىل ئادەم دائىم دائىم قەبرىگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ ، ئېيتىپ بىقىڭلار ، قانداق ئادەمدۇ ؟› دېدى .
مىنىڭ ئىسىمگە كەلدى :‹ سەن دىمەكچى ، قۇرۇلۇق قىلىۋتقاندا ، قۇرۇلۇش مەيدانىنى كولىغاندا ئۇچىرايدۇ ؟› دېدىم .
سېمىز بىشىنى لىڭشىتپ :‹ بۇ ئادەمنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ ئىش بېشى دەپ ئاڭلىغانتىم ، ئۇ بۇنداق نەرسىلەرگە ئاسانلا ئۇچىرايدۇ ، بىز قايتىپ ماتىريال ئىزدىسەكلا ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ شەندۇڭدىكى ھېلىقى قەبرە ئەتراپىغا بارغان بارمىقانلىقىنى بىلسەكلا بولىدۇ › دېدى .
سېمىزنىڭ گىپى ئىنتايىن ئورۇنلۇق بولدى ، مەن ئۇنىڭغا ئازراق قايىل بولۇپ قالدىم ، لىكىن بۇ دەرەخكە چىقىلساق قەتئىي بولمايدۇ ، قارىغاندا ئانىڭ مۇشۇنىڭغا چىقىلىپ قويغان گەپ ، بۇنچە جىق قوڭغىراق تەڭ سايراپ ئۇنىڭ نىرۋىسىغا تەسىر قىلغان گەپ ، پەقەت ئۇنىڭ كاللىسىغا قانداق تەسۋىرلەر كۆرۈندىكىن ، قانداق ئۈنىمى بولىدىكىن بۇنى بىلمىدىم .
مەن بەزى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچىرايمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبرە ئىچىدە ، كەيپىيات نۆل ، نىرۋام ئاجىز ، يەنە بىرەر نەرسە تەسىر قىلسا ساراڭ بولۇپ قالامدىمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە ، بوتۇلكىنىڭ خاتىرىسىنى يوقىتىشىمۇ مۇشۇ قوڭغىراقلارنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن ، چۈنكى بۇ قوڭغىراقلار ئىنتايىن ئىنچىكە مىس سىم ئىشلىتىپ ئۇستىلىق بىلەن بۇ مارجان تاش دەرىخگە باغلىنىپتۇ ، مارجان تاشنىڭ ئەسلىدىنلا نۇرغۇن تۆشكچىلىرى بولىدۇ ، ئاۋاز ئۆتىشىشىمۇ ئىنتايىن ياخشى ، بۇ يەرگە قويۇپ قويسا قوڭغىراقلار قوشۇلۇپ بىر چالغۇ ئەسۋاپقا ئوخشاش ھەرخىل ئاۋازلارنى چىقىرىدۇ ، ئادەم خاتىرىسىنى يوقاتمايمەن دىيەلمەيدىدە .
لىكىن مىنىڭ بۇ خىيالىم دۇلدۇل سامادا ئۈزگەندەك ئالاھېدە بولغاچقا ، ئۇلارغا دىيىشتىن خىجىل بولدۇم ، ئۈچىمىز بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن سېمىز :‹ قارىغاندا بۇ ئۆڭكۈر مۇشۇنچىلىك ئوخشايدۇ ، پەقەت بۇ قوڭغىراقلارلا ئالاھېدىكەن شۇ ، لىكىن ئېلىپ چىقىپ كىتەلمەيمىز ، قانداق قىلايلى ؟› دېدى .
بۇ ئۆڭكۈردىمۇ ئالۋاستى جىنلار يوقكەن ، كۆڭلۈممۇ ئارامىغا چۈشۈپ قالدى ، ۋاقىتقا قارىسام دىڭىز سۈيىنىڭ پەسىيىدىغانغىمۇ ئاز قاپتۇ ، بۇ يەردە تۇرىۋەرگەننىڭمۇ پايدىسى يوقكەن ، شۇنىڭ بىلەن تۆتىمىز كەينىمىزگە ياندۇق .
يولدا خىيالغا كىتىپتىمەن ، كۆڭلۈمدە ئىككى تۈگۈن ، بىرى بوتۇلكا يىگىرمە يىل ئىلگىرى بۇ ئۆڭكۈرگە كەنجى تاغامنىڭ تەرىپىدىن ئەكىرىلگەن ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھوشىدىن كەتكەن ئادەملەرچۇ ؟ ئۇلار ھازىر قەيەردە ؟ كەنجى تاغام ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنمۇدۇ يا ؟
ئىككىنجىسى بوتۇلكا بۇرۇن كىرگەن چاغدا بىر غەلىتە خۇش پۇراقنى پۇراپتىكەن ، لېكىن ھازىر يوق ، قارىغاندا ، يىگىرمە يىل ئىلگىرى بۇ ئۆڭكۈردە باشقا نەرسە بارمۇ نېمە ؟
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى پەقەت كەنجى تاغامنى تاپقاندىلا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ .
لىكىن ھازىر كەنجى تاغام غايىپ بولدى ، ئۇنى قاچان تاپالايدىغىنىم نامەلۇم ، بەلكىم ئۇنى ھەرگىز تاپالماسلىقىم مۇمكىن ، ئۇنداقتا بۇلار مەڭگۈلۈك سىر بولۇپ قالىدۇ .
ئەگەر سېمىزنىڭ دىگىنىدەك بولۇپ قالسا ، بەلكىم كەنجى تاغامغا بۇ قەبرىدىكى ئەرۋاھلار چاپلىشىپ قالغان بولىشى مۇمكىن ، ئۇنداقتا ئۇ نەگە كېتىدۇ ؟ ئۇ بوتۇلكىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندە ‹ مەن چۈشەندىم › دېگەن ، ئۇ زادى نىمىنى چۈشەنگەندۇ ؟
بۇلارنى ئويلاپ پۈتكۈل ئىشتا بىر نەرسە كاملىقىنى سەزدىم ، ئەگەر ماڭا يەنە ئازراقلا يىپ ئۇچى بەرسە ، مەن ھەممە ئىشنى بىر بىرىگە باغلىيالايمەن ، مىنىڭ بىۋاستە سېزىمىز شۇنى ئېيتتىكىن ، بۇلارنىڭ ھەممىسى لۇ بەگلىكىنىڭ قەبرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
مەن خىيال بىلەن بۇ ئۆڭكۈردىن چىققىنىمنىمۇ سەزمەپتىمەن ، سېمىز ئانىڭنى يەرگە قويۇپ :‹ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى ، بىزمۇ ئەمدى ئىشىمىزنى باشلايلى › دېدى .
مەن چىقىپ كىتىشىمىزنىڭ ھەممىدىن مۇھېملىقىنى ئويلاپ خىياللىرىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم ، مەن قانداق قىلىشىمىز كىرەكلىكىنى يەنە بىر قىتىم ئېيتتىم ، مەنمۇ قەبرىنىڭ تورىسىنى ئېچىپ بامىغان ، شۇڭا ھېچقانچىلىك ئىشەنچىم يوق ، قانداق ئىشلار بولىدۇ ، بىشىمىزغا كەلگەندە بىلەمىز .
بىز ئۈچىمىز ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق ، سېمىز بىر تۈۋرۈكنىڭ يىنىغا كېلىپ چوقۇشقا باشلىدى ، لىكىن ئۇ نەچچىنى چوقۇپلا ھېرىپ نەپسى قىسىلدى ، تۈۋرۈككىمۇ ئاران كىچىككىنە ئىزلا چىقتى .
سېمىز :‹ شىياۋۇ ، بۇ تۈۋرۈك بەكلا مۇستەھكەممۇ نېمە ؟ بۇنداق قىلساق ، بىرەر ھەپتىدىمۇ بۇ ئىشنى قىلىپ بولالمايدىغان ئوخشايمىز . › دېدى .
مەن :‹ ئالدىرما ، سەن سىرتىدىكى قىسمىنى چوقىساڭلا ، ئىچىدىكى قىسمىنى چوقۇش ئاسان › دىدىم .
سىمىز ئىشەنمەي بار كۈچىنى ئىشلىتىپ يەنە چوقىدى ، بىر قانچىنى چوقىغاندىن كېيىن ، تۈۋرۈكنىڭ سىرتىدىكى تۆمۈرگە ئوخشاش قىسمىنى چوقۇپ ، پۇت دەسسىگىدەك ئورۇن چىقاردى .
مەن بايامقى ئۆڭكۈرنىڭ باشقا قەبرەخانىلارغا تۇتاشمايدىغىنىنى بىلگەندىن كېيىن خاتىرجەم بولدۇم ، ئەمدى دىڭىز سۈيى كەلسىمۇ بىز بايام ئىتىۋەتكەن كىچىك تۆشۈككىلا كىرىدۇ ، قاينام شەكىللىنىشىدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولىدىغان بولدى ، مەنمۇ سېمىزغا ياردەملىشەي دەپ سىناپ بېقىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى ، بۇنداق ئىشنى سىمىز قىلسىلا بولىدىكەن ، ئۇنىڭ كۈچىنىڭ چوڭلىقىنى دىمەي ، بەدەن قۇۋۋىتىمۇ ياخشى ئىكەن ، يول بويى نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇققان بولساقمۇ ، ئۇ ئازراقمۇ ھارغاندەك ئەمەستى ، مەن بولسام ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن ئىدىم .
بىز ئۈچ سائەتچە ھەپىلەشكەندىن كېيىن ، تۈۋرۈككە پۇت دەسسىگىدەك يەر چىقىرىپ بولدۇق . لىكىن ئىگىز يەرلىرىگە كۈچ ئىلىشالمىغاچقا ، ئىلىشقىدەكلا ئورۇن چىقاردۇق ، ئىشقىلىپ نىمىلا دىمىگەن بىلەن پۈتتۈردۇق .
بىزنىڭ كىيىملىرىمىز غەۋۋاسلىق كىيىمى بولغاچقا ، ئىلاستىكىلىقى كۈچلۈك ئىدى ، شۇڭا كىيىملىرىمىزنى يىشىپ ، كىسىپ بىر بىرىگە ئۇلاپ ئارقان قىلدۇق ، ھەمدە تۈۋرۈككە باغلاپ ياماشتۇق .
بىز ھەر بىر قەدەم ياماشقاندا خۇددىي ئۆلىۋاتقاندەك قىينىلىپ كەتتۇق ، سېمىز :‹ سىلەر ئەگىشىپ چىقىپ نېمە قىلىسىلەر ؟ مەن ئۆزەم يامىشىپ تورۇسنى تەشسەملا بولدى ، ئىشقىلىپ سۇ كەلسىمۇ سىلەر ھامىنى لەيلەپ چىقالايسىلەر ، بۇ ئارغامچا مىنىڭ گۆشۈمنى تىلىۋىتەيلا دەپ قالدى ، شياۋۋۇ ، ئاناڭنى چۈشۈپ كەت ! › دەپ ۋاقىرىدى .
مەن :‹ سېنىڭچە مىنىڭ چىققىم بارمىكەن ؟ مەن ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرمەي ، سېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرسەم بولمايدۇ ! بۇنىڭ ئۈستىدە يوشۇرۇن قەۋەت بارمۇ تېخى ، ئەگەر بولۇپ قالسا ، سەن تىشىۋەتسەڭلا ، ئاقما قۇم پۈتۈن قەبرەخانىنى كۆمۈپ قويىدۇ › دېدىم .
مەن سېمىزنى ئالدىمىغان ئىدىم ، قەبرىنىڭ تاملىرىغا ئاقما قۇم قەۋىتى قوشۇش كۆپ ئۇچىرايدىغان قەبرە ئوغۇرسىدىن ساقلىنىش ئامالى بولۇپ ، قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ، ئۈنىمىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى ، ئەگەر ئاقما قۇم قەۋىتى بولغان قەبرىگە كىرمەكچى بولسا ، تۆشۈك ئاچقاندا يەرگە قۇم چۈشىدىغان ئورەك كولاپ ، ئاۋال ئاقما قۇمنى چىقىرۋىتىش كېرەك ، بەزىدە بىر تامنىڭ قۇمىنى چىقىرىش ئۈچۈن نەچچە كۈن ۋاقىت كىتىدۇ . لىكىن بىزدە بۇنداق شارائىت يوق ، ئەگەر راستلا شۇنداق قەبرىگە يولۇقساق ، باشقا ئامال ئىزدىشىمىز كېرەك . ئەگەر ئۈستىدىكى ئاقما قۇم بولماي كۈچلۈك كىسلاتا ياكى كىرسىن بولۇپ قالسا ، ئۇنداقتا ئىش تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ .
سېمىز قەبرىلەرگە جىق كىرگەن ، شۇڭا دىگىنىمنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ، شۇڭا مىنى چىقىۋەر دېدى .
بىز يېرىم سائەت ھەپىلىشىپ ئاران دىگەندە تورۇسقا يامىشىپ چىقتۇق ، سىمىز مەزمۇت تۇرىۋالغاندىن كېيىن ، تۈۋرۈكنى قۇچاقلاپ چىڭ چاپلىشىپ :‹ ئاناڭنى ، ئەمدى يەنە مۇشۇنداق قىينىلىۋەرسەم ، ۋاڭزاڭخەي بىلەن كۆرۈشۈپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن › دېدى .
مەن ئۇنىڭغا ئاۋال ئازراق دەم ئېلىۋىلىشنى ئەسكەرتتىم ، سەل تۇرۇپ تورۇستى تىشىدىغانغا يەنىلا سېمىزدىن باشقىسى بىكا ، بوتۇلكا بارمىقى بىلەن تورۇسنى تۇتۇپ كۆرۈپ :‹ يوشۇرۇن قەۋەت يوقكەن › دېدى .
سېمىز ئاڭلاپ دەم ئېلىشنىمۇ ئويلىماي ، تورۇسنىڭ گەج قىسمىنى چوقۇشقا باشلىدى ، ئارغامچا مۇستەھكەم ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە ، كۈچەلمەيۋاتاتتى ، چۈنكى ئارغامچا ئۈزۈلسە ، ھەممىمىز يىقىلىپ ئېغىر يارلىنىدىغان گەپ .
گەج قىسمى چۈرۈك بولغاچقا ، بىر ئىككىنى چوقىمايلا ئىچىدىكى كىسەك قىسمى كۆرۈندى ، سېمىز تۇيۇقسىزلا :‹ چاتاق ، شياۋۋۇ ، كۆرۈپ باقە › دېدى .
مەن كۆرۈپ قىتىپلا قالدىم . چۈنكى بۇ كىسەكلەرنىڭ ئارلىقىغا تۆمۈر قۇيىۋىتىپتۇ .
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
- 2015-10-30 19:38:03كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك13-باب
- 2015-11-14 18:00:21كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك33-باب
- 2015-11-01 14:53:32كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك29-باب
- 2015-11-26 16:53:23كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك44-باب
- 2015-11-10 16:01:16كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك31-باب
- 2015-11-03 15:55:31كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك2-باب
- 2015-11-26 16:51:40كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك42-باب
- 2015-11-01 14:34:21كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك19-باب
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-