رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك29-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك29-باب

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 1334 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر   
     
 كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
1- خاتىرە 1-بۈلەك29– باپ  قۇتا
مەن تىخى ھازىرلا ئۇيقۇدىن ئويغانغان بولغاچقا سىرتتا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيتتىم . شۇڭا كەنجى تاغامدىن نىمە بولغانلىقىنى سوراي دەپ قارىسام ئو يىنىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا ئۇخلاپ قالغان بولۇپ مەندىنمۇ تاتلىقراق ئۇخلاۋاتقاندەك قىلاتتى .  ئۆي سىرتىغا چىقىپ قارىسام كەنىتتىكىلەرنىڭ بەزىسى  قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ بەزىىسى ئىشەك –قچىر ھارۋىلىرىنى ئالدىرىشىپ ھەيدەپ ئورمانلىققا قاراپ كىتىۋاتاتتى . مەن كەنىتتىكى كىچىك بالىدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ ماڭا :" چاتاق چىقتى چاتاق ، ئورمانلىققا ئوت كەتتى"  دەپ جاۋاپ قايتۇردى .  
 مەن بىز ئاز ھودۇقۇپ قالدىم ، ئەجەبا بىز يىرىققا قويغان ئوت ئەتراپقا يامراپ كىتپ ئورمانلىققا ئوت كەتكەن ؟  ئەگەر  راستىنلا بىز قويغان ئوت بولسا ئۇنداقتا  بۇ بىر نەچچىمىز ئورمان قوغداش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىمىز !! شۇڭا مەن ئالدىراپلا كەنجى تاغامنى ئويغاتتىم . تاغام ئىككىمىز باشقا ئىشلىتىدىغان نەرسە تاپالماي يالاڭئاياق دوختۇرنىڭ سۇيدۇك قاچىىسىدىن ئىككىنى كۆتۇرۇپ چىقىشىمىزغا ئىشەك ھارۋىسىغا چىقىۋالغان سىمىز ھارۋىنى ئالدىمىزدا توختىتىپ :" بالا تىرىلدى ، تىز چىقىڭلار " دىيىشگە كەنجى تاغام ئىككىمىز بىر سەكرەپ ھارۋىغا چىقىشىمىز بىلەن تەڭ ھارۋا ئىككى تەرەپكە ئىغاڭلاپ تاغنىڭ ئىچىكىرسىگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى . تاغنىڭ ئىچكىرسىدىن قويۇق ئىس –تۇتەك كۆتۈرلىۋاتقان بولۇپ قارىغاندا ئوت كەتكەن دائىرە كىچىك بولمىسا كىرەك ، شۇڭا كەنجى تاغام بىردەم ھاڭۋىقىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن بىزگە قاراپ پەس ئاۋازدا :" قاراڭلار ، ھەقىقەتەن بىز قويغان ئوت ئىكەن !" دىيىشىگە مەن دەرھال ئۇنىڭ ئىغىزىنى تۇتىۋالدىم . ئالدى تەرەپتىن كەنىت رەھبەرلىرى بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقاچ باشقىلارغا قاراپ ۋاقىردى :" تىزدىن ئوت ئۆچۇرگۇچى قىسىمغا تىلىفۇن قىلىڭلار ، ئالدى تەرەپتىكى تاغ ئۆرۇلۇپ چۈشۇپتۇ ......."
    مەن ئاڭلاپلا ھىلقى ئۆڭكۇر ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىز قويغان ئوتتا كۆيۇپ تۈگەپ ئۆڭكۇر تىمىنىڭ ئۆرۇلۇپ چۇشكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم ، ئەگەردە ئۆڭكۇردىكى ئىپلاس جەسەت بۇرگىلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەر ئۇستىگە چىقىۋالىدىغان بولسا چاتاقنىڭ تىخمۇ چوڭى چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرشۇمغا سىمىز قولىدىكى قامچا بىلەن ئىشەكىنى ساۋىداپ ‹‹ خىت ......خىت ›› لىغلى تۇردى . بىچارە ئىشەك !... بۇ ئۆلگۇر قارا نىيەت سىمىز كۈچەپ ئۇرىۋىرىپ ئىشەكنىڭ ساغىرسىنى  قانىتىپ ئىششىتىۋەتكەنئىدى .
    كەنىت ئەزالىرى ئوت ئۆچۇرۇش بىلىمىدىن خەۋەردار ئىكەن ، بىر توپ ئادەملەر ئورمانلىققا قاراپ دەرەخ كىسىپ يول ئىچىۋاتاتتى ، يەنە بىر قىسىم ئادەملەر بولسا داس–چىلەكلەرگە سۇ ئۇسۇپ ئىچكىرى ئورمانلىققا قاراپ توشۇۋاتاتتى . مەن بۇ سۇ ئۇسۇلغان داس–چىلەكلەرنىڭ ئوت رايۇنىغا بىرىپ –كىلىشىگە كەم دىگەندىمۇ ئىككى سائاتتىن ئارتۇق ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ :" يۇرتداشلار ، سۇ توشۇمايلى ! بۇنچىلىك سۇ  ئوتنى ئۆچۇرۇشكە ھەرگىز كار قىلمايدۇ ، بىكارغا ئاۋارە بولماي ئوت ئۆچۇرگۈچى قىسىمنىڭ كىلىشىنى ساقلايلى !" دەپ ۋاقىرىدىم .
     ئۇلار گىپىمنى ئاڭلاپ خۇددى بىر نىرۋا كىسىلىگە قارىغاندەك نەزەردە ماڭا تىكىلىۋاتاتتى . ئارسىدىن ياشراق بىرسى ئىغىز ئىچىپ :" يىگىت ، بۇ توشۇلغان سۇلار ئىچىشكە ئشلىتىلىدۇ ، ئوت كەتكەن جايدا سۇ بولمىسا ئادەم ناسايتى تىزلا سۇسىراپ ئۆلۇپ كىتىدۇ ، بىز ئوت كەتكەن جاينىڭ ئەتىراپىدىكى دەرەخلەرنى كىسىپ ئوتتىن مۇداپىئە بەلۋىغى ھاسىل قىلساق ئوت كۆيۇپ شۇ يەرگە كەلگەندە كۆيىدىغان نەرسە بولمىغاچقا ئۆزلىكىدىن ئۆچىدۇ ، سىلەر چۈشەنمىگەندىكىن بۇ يەردە قالايمىقىان سۆزلىمەڭلار !....." دىدى –دە قولىمىزدىكى تەرەت قاچىسىغا يىرگىنىش نەزىرىدە قاراپ قويدى .      ئۇلارنىڭ قارىشىدىن يۇزۇممۇ قىززىرىپ كەتتى ، ئاناڭنى ، بۇ قىتىم يۇزۇم بىراقلا نەچچە يۇز كىلو تۆكۇلدى دىسە ! خەپ ، بۇندىن كىين ھەرگىزمۇ قالايمىقان پىكىر قىلماسمەنا ! مەن دەرھال بىشمىنى تۆۋەن سىلىپ زۇۋان سۇرمەي ئۇلارغا ئەگىشىپ تاغنىڭ ئىچىكىرسىگە قاراپ ماڭدىم . يول بويىدىكى دەرەخلەر كىسىۋىتىلگەن بولغاچقا بىز بىر نەچچە سائەتتە باسقان ئورمانلىق يولىنى بىر سائەتتىلا بىسىپ بولدۇق –دە ئەتىراپتىكى ھاۋا تىپىراتۇرسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ بىشمىنى كۆتۇرۇپ 10نەچچە قەۋەت بىنا ئىگىزلىكىدىكى قاپقارا ئىس –تۇتەكنىڭ ئۈستىگە ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇم .  
    كەنىت ئەزالىرى ھەممىسى دىگۇدەك يىنىدىن ماسكا چىقىرىپ سۇغا تىقىپ يۆللەپ ئىغىز –بۇرنىغا تاقىۋىلىشتى ، قارسىام سىمىزنىڭ ئۇستىبىشىدا ئوشۇق لاتا –رەخىت دەيدىغان نەرسە بولمىغاچقا ئۇنىڭ  قىلچە ئىكىلەنمەيلا
سومكىسىدىكى ھىلىقى ئالتۇن يىپلىق  يىپەك كىتاپنى سۇغا چىلاپلا ئىغىز – بۇرنىغا يۆگەپ  باشقىلارغا ياردەملىشىپ ئوتتىن مۇداپئە ئازگىلى كۆلاۋاتقانلىقىنى كۆردۇم .
    ئوتنىڭ يامراش سۇرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپتى شەھەردىكىگە ئوخشىمايدىكەن . شەھەردە بىرەر بىناغا ئوت كەتسە سۇ چىچىپ ئۆچۇرۇشكە بولىدۇ ، بىراق ئورمانلىقتا بولسا ئوت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتىراپتىكى ھەممە نەرسىنى يۇتىۋىتىدىكەن ، سىز دىھققەت قىلماي بىز يەردە تۇرۇپ ئوت ئۆچۇرسىڭىز كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقۇچە ئوت ئەتىراپىڭزنى قورشاپ سىزنى ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالدۇراتتى .
    ھەممىمىز بىرلىكتە چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىگچە ئشلىدۇق . بۇ ۋاقىتتا ئاسماندا ئورمان مۇھاپىزەت ئايرۇپىلانلىرى پەيدا بولدى–دە ھەربى قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرى بىزنىڭ ئورنىمىزنى ئىلىپ ئوت ئۆچۇرۇشكە ئاتلاندى . كۆڭلۇم بىر قىسمىلا بولۇپ بىرەر سىنىڭ بىز قويغان ئوت سەۋەبىدىن تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيتتىم ، خۇداغا مىڭ شۇكىرى ، ئاخىردا ئادەملەرنى سانىغاندا بىز نەچچىسىنڭ يەڭگىل يارلانغانلىقىنى ھىساپلىمغاندا ھەممە ئادەم ساق –سالامەت ئىدى .
    كەنىتكە قايقاندىن كىيىن ھەممىمىز دىگۈدەك ھىرىپ كەتكەنلىكىمىزنى ھىس قىلدۇق . قورسىقىم بەك ئىچىپ كەتكەچكە كەنىتتىكى كىچىك بالا بەرگەن قوتۇرماچنى ئىككى چىشلەپلا يەۋەتتىم–دە بۇ ئۆمۇرۇمدە بۇنداق مەزىلىك نان ياپ باقمىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ ھىلىقى بالىغا يىغلاپ تۇرۇپ مىننەتدارلىق بىلدۇردۇم .  
       كەنىت سىكىتارى بىزنى ماختاپ شەھەردىن كەلگەنلەرنىڭ بىزگە ئوخشاش يۇقىرى ئاڭ –سەۋىيدىكى يولداشلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدىغانلىقىنى ئىيتىشىغا مەن كۆڭلۇمدە :" ھازىز بىزنى ماختاۋاتىسىز ، ئەگەردە ئۇ  ئوتىنى بىزنىڭ قويغانلىقىمزنى بىلسىڭز بىزنى بوغۇپ ئۆلتۇرۋىتىشىڭز مۇمكىن ......." دەپ ئويلىدىم .      كەنىتتىكى يالاڭئاياق سىستىرا پەنزىنىڭ يارىسىنى دىزىنفىكسىيە قىلىپ داكا بىلەن تىڭىپ قويغاندىن كيىن ئۇنىڭغا قىززىتما ياندۇرۇش ئوكۇلىنى ئورۇپ قويدى –دە ماڭا قاراپ ئەنسىرىشىمنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتمەيدىغانلىقىنى ئەگەردە ئوت ئۆچۇرگۇچى ئەسكەر ئارىسىدا يارلانغانلار بولسا پەنزىنىمۇ ئۇلارغا قوشۇپ شەھەردىكە چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ كۆڭلۇمىنى تىنچلاندۇردى .
     كەنجى تاغام ئىككىمىز كەنىتىنىڭ مىھمان كۇتىشىگە قايتىۇق . مەن يۈيۇنۇش ئۇچۇن كىيىملىرىمنى سىلىپ بەدىنىمگە قاراپ ھەيران قالدىم ، بەدىنىمنىڭ ساق يىرى يوق بولۇپ كۆكىرىپ ئىششىمىغان بولسا تىرىسى سۈرۈلۇپ قىززىپ كەتكەنئىدى . ئۆڭكۇردىكى ۋاقىتتا جاننى ساقلاپ قىلىش ئۈچۇن قىچىپ بىلىنمەپتىكەن ، ھازىر بولسا پۇتۇن بەدىنىم ئاغرىپ پۇتۇمىنى يۆتكىمەكمۇ تەس كىلىۋاتاتتى .
     يۈيۈنۇپ چىقىپ ئۆزۇمىنى كارۋاتقا تاشلاپلا شۇنداق تاتلىق ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن . ئويغانغان ۋاقتىمدا بولسا تاڭ يورۇپ قۇياش خىلىلا تىكلىشىپ قاپتۇ ، سىمىز بىلەن كەنجى تاغام ئۆزلىرىنىڭ كارۋىتدا تىخىچە ئۆلگىدەك خوررەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى .
    مەن چۇشتىن كىيىن ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلپ بولۇپ ئوتنىڭ ئاللىقاچان ئۆچۇرۇلگەنلىكىنى قىسىمدىكىلەرنىڭ قايتىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە پەنزىنىڭ قىسىمدىكلەر تەرىپىدىن جېنەن شەھەرلىك چىيەنفۇ تىغى ھەربىي دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم –دە بۇ يەردە تۇرىۋىرىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىتى يوقلۇقىنى ھىس قىلپ قايتىپ كىتىشكە تەييارلىق قىلدىم .
     ئارلىقتىكى قۇرۇق گەپلەرنى يىزىشنىڭ ھاجىتى يوق . نەچچە كۇندىن كيىن بىز جېنەندىكى پەنزىنى داۋلاۋاتقان دوختۇرخانىدا پەنزىنىڭ داۋالىنىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ ئۇنىڭ يىغا كىرىپ پەنزېىنىڭ تىخىچە ھوشىغا كەلمىگەنلىكىنى كۆردۇق . سمىز پەنزىنى يوقلاپ بولۇپلا يىنىدىكى ئالتۇن يىپلىق كىتاپنى كەنجى تاغامغا بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ تىلىقۇن نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇپلا غايىپ بولدى . مەن ياتاققا قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەنجى تاغام ئاچچىقلىغىنىچە كىرىپ كەلدى–دە ماڭا قاراپ :"ئەجەپ جىلە بولدۇما  ، مىنى باشقىلار كۆلدىرلىتىپتۇ ......" دىدى .
    مەن ئۇنىڭ گىپىدىن ھەيران بولۇپ ئاسارە –ئەتىقە بازىرىدا بىرەرسى كەنجى تاغامىنى ئالدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ :" كەنجى تاغا ، سىنىمۇ ئالدىيالايدىغانلار بارمىكەن ؟! قارىغاندا ئۇ ئەبلەخ سەندىنمۇ ئۆتەر ھىلىگەركەندە !!........." دىيىشىمگە كەنجى تاغام ماڭا كۆز ئالايتىۋىتىپ :" ھىلىگەر، ئوسرۇق ..... مىنىڭ دىگىنىم ئادەم ئەمەس ماۋۇ نەرسە ...." دەپلا قولىدىكى يىپەك كىتاپنى كۆرسەتتى .
    مەن يىپەك كىتاپنى كۆرۇپلا كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۇپ ۋاقىرىدىم :" نىمە !؟ مۇمكىن ئەمەس ..."
    كەنجى تاغام ئارقىدىنلا :" ھەقىقەتەن شۇنداقكەن ، مەن بۇ كىتاپنىڭ ئالتۇنىنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى تەكشۇرتۇم ، ئالتۇننىڭ ساپلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن ، ئۇ دەۋىرلەردە بۇنچىلىك ساپلىقتىكى ئالتۇننى تاۋلاش مۇمكىن ئەمەس . بۇ ئالتۇن يىپەك كىتاپ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان ساختىسى ئىكەن !" دىدى .
     مەن نىمە دىيىشمنى بىلەلمەي تۇرسام كەنجى تاغام خۇرسىنىپ تۇرۇپ :" مەن بۇرۇنلا گۇمانلانغان ، ھىلىقى ئاكاش ئىنىقلا قانلىق مۇردىنى بويسۇندۇرالايتتى ، بىراق ئۇ دەسلەپتە نىمشقا قىچىىپ ئاخىردا قانلىق مۇردىنى مەغلۇپ قىلىدۇ ؟ مەنچىە ئۇ چوقۇم بىزنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆزى يالغۇر بىرىپ بىر ئىش قىلماقچى ....." دىدى .  
     مەن ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ:" ئەجەبا بىز چىچىلىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى يالغۇر ھىلىقى ئۆڭكۇرگە كىرىپ لۇشاڭ بىگىنىڭ جەسەت ساندۇقىنى ئىچىىپ ئالتۇن يىپلىق يىپەك كىتاپنى ئالماشتۇرىۋەتكەن ؟! بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟ بىر ئۆزى يالغۇز بۇ ئسشلارنى قانداقمۇ قىلالىسۇن ؟ئۇنىڭ ئۇستىگە دەرەخ كامىرى زەنجىر ئارقىلىق ئىچىكىلدىكەن ، ئەگەر ئۇ ئىچىپ بولغان بولسا بىز سىزىپ قالغان بولاتتۇق ؟....." دىدىم .
     كەنجى تاغام ئۇلاپلا :" سەن جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستى تەرىىپىنى كۆردۇڭمۇ ؟ ئۇ دىگەن ئۇستا كىپەن ئوغىرسى ، ئۇ چوقۇم دەرەخ كامىرىنىڭ ئارقىسىدىن كامار كۆلاپ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستىنى تىشىپ ھەقىقى يىپەك كىتاپنى بۇ ئەخلەتكە ئالماشتۇرىۋەتكەن !" دەپلا خۇرسىنىپ تۇرۇپ يەنە ئىيتتى :" ھەي ئىسىت ! مىنىڭ نەچچە ئون يىل جاھاندارچىلىق قىلغىنىم . ئۇ ئاكاش ھەقىقەتەن ئاددى ئادەم ئەمەس ، مەن ئەسلىدە ئۇنى تاغ يۆتكىگۇچىلەرنىڭ ئەۋلادى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ، قارىغاندا مەن ئۇنى بوش چاغلاپ قاپتىمەن ........
( خەنزۇلار كىپەن ئوغىرلىرىنى ئۇسلۇب جەھەتتىن شمال ئۇسلۇبى ، جەنۇپ ئىقىمى دەپ ئىككى تۇرگە كىپەن ئوغىرلاش ماھارىتى ، ئشلەتكەن ئەسۋاپ – قوراللىرىغا  ئاساسەن : ئالتۇن قازغۇچىلار ، سىغىزچىلار ، توپا قاسساپ ، تاغ يوتكۇگىچىلەر دەپ توت چوڭ تۇرگە ئايرىيدۇ .—–تەرجىماندىن
     مەن ھىچنىمنى ئاڭقىرالماي :" ئەجەبا يىپەك كىتاپتا يىزلغانلارنىڭ ھەممىسى يالغان ؟" دەپ سورىدىم .   
    كەنجى تاغام باش لىڭىشتىپ تۇرۇپ : " بۇ نەچچە مىڭ يىل ئىلگىركى نەرسىلەر ئاڭلىماققىمۇ يالغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ، بىراق بىز ئەينى ۋاقىتتا قەۋرىدە بولغاچقا ئىشىنىپ كىتىپتۇق ، ھازىر ئويلاپ باقسام چىنىپ قالدىغان  يەرلىرى خىلى بار ئىكەن ، ئويلاپ باقە! سىنىڭ شۇ سەۋىيەڭ بىلەن ئەڭ مۇھىم ئىككى بۆلەكنى كۆرۇپ چۇشىنەلىشىڭ مۇمكىنمۇ ؟ باشقا مۇھىم بولمىغان جايلارنى چۇشىنەلمىدىڭغۇ ؟ بۇ ئىككى مەزمۇننى چوقۇم  بىرسى قەستەن يىزىپ قويغان .چوقۇم شۇنداق ....." دىدى .
     مەن ھەيران بولغىنمىدىن ئىغىزىمنى يوغان ئىچىپ ھاڭۋىقىپ تۇرسام كەنجى تاغام خۇرسىنىپ :" قارىغاندا لۇشاڭ بىگىنىڭ مەخپىيەتلىكنى پەقەت ھىلىقى ئاكاشلا بىلىدىغان ئوخشايدۇ..... قەۋرە ئاللىقاچان ئۆرۇلۇپ چۇشتى ، قايتا كىرىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ..." دىدى .
   دەل شۇ ۋاقىتتا كاللامغا بىز ئىش كەلگەندەك بولدى –دە ئالدىراپلا :" توغرا ، توغرا ... پۇتۇنلەي ئۈمىد يوق دىگىلىمۇ بولمايدۇ ، مەن ھىلىقى ئۆڭكۇردىن بىر نەرسە تىپىۋالغان " دەپلا ساراڭلارچە سومكامنى ئاختۇرۇپ ئۇ نەرسىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكنى تىلىدىم . قارىسام قىزىل ئالتۇن قۇتا سومكامدا تۇراتتى . مەن چىقىرىپلا تاغامغا كۆرسىتىپ :" مۇشۇ نەرسە ! بۇنى ھىلىقى تۇلكە يۇز جەسەتنىڭ قولىدىن ئىلىۋلغان " دىدىم .
    كەنجى تاغام قولىغا ئىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن :" بۇ ئىزتقۇ ئوردا قۇتىسى دەپ ئاتىلىدۇ ، قارىغاندا ئىچىگە مۇھىم نەرسە سىلىنغان ئوخشايدۇ ، بۇ قۇتىنى ئىچىش ئاسان ئەمەس ، قارىغىنە .." دەپلا قۇتا ياپقۇچىنى بىرلا بىسىۋىدى قۇتىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى توت تەرەپتىن كىچىك مىتال چىقىپ مىتالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايلانما تەخسىدەك بىز نەرسە كۆرۇندى . تەخسە ئۇستىدە 8دانە توشۇك بۇلۇپ ھەر بىر توشۇكىنىڭ ئىچىگە بىر رەقەم يزىلغان ئىدى. قارىماققا خۇددى بۇرۇنقى تىلىفۇنلارنىڭ نۇمۇر تاختىسىغا ئوخشايتتى .
    بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام :" بۇ دىگەن قەدىمقى دەۋىرلەردىكى مەخپى نۇمۇرلۇق قۇتا ، مەخپى نۇمۇرىنى  
بىلمىسەڭ ئاچقىلى بولمايدۇ ، بىردەم ساقلاپ تۇر ، مەن سىرتقا چىقىپ ماشىنا رىمۇنىت قىلىدىغانلاردىن ئەسۋاپ –جابدۇق سوراپ كىرىپ بۇ نەرسە بىلەن ھەپىلىشىپ باقايلى " دىدە ئورنىدىن تۇرۇپلا چىقىپ كەتتى .
    كەنجى تاغام سۆزلەپ بولۇپلا ئالدىراش چىقىپ كەتكەچكە توسۇۋىلىشقا ئۈلگىرەلمىدىم .
    8خانىلق مەخپى نۇمۇر ؟  ئەجەبا ھىلىقى 02200059 ؟ لىكىن بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بوسۇن ؟ بۇ سان بىر ئامرىكىلىقنىڭ تاسمىسىدىكى پولاتقا ئويۇلغان تۇرسا ؟ دىگەنلەرنى  ئويلاپ سىناپ باقماقچى بولۇپ ئۇرۇپ باقتىم . 0 –2 – 2 –0– 0– 0– 5– 9 . دەو شۇ پەيىتتە ‹‹ تاق ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئالتۇن قۇتا غىچىرلاپ ئۆزلىكىدىن ئىچىلىپ كەتتى .        
                                       
بىرىنجى خاتىرە بىرىنجى بۆلەك تامام،ئەمدى دىققىتىڭىڭ بىرىنجى خاتىرە ئىككىنجى بۆلەكتە بولسۇن.
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى