رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك25-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك25-باب

ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 786 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جەسەت ساندۇقى ئېچىلى بىلەنلا مەن بىرخىل غەيرى پۇراقنىڭ دىمىغىمغا ئۇرۇلغانلىقىنى ھىس قىلدىم. بوينۇمنى سۇزۇپ ساندۇق ئىچىگە قارىدىم، ساندۇق ئىچى قاپقارا سۇيۇقلۇق بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ساندۇقتىن بۇس كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. قارا رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئارىسىدىن ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئادەم ئەزالىرىنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى.   "ئىچىدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ جەسىدى ئوخشايدۇ"دەپ ئويلىدىم-مەن.  بىراق زادى قانچە ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىنىق پەرقلەندۈرەلمىدىم. جەسەتلەر بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت ئادەمنىڭ قولىدىنلا 12 نى سانىيالىدىم. كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنىڭ نەقەدەر يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكىنى دىمەيلا قويۇڭ.
 بوتولكا بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ قاپىقىنى تۈرۈپ قويدى. بىراق ئۇنىڭ چىرايىدىن بايىقىدەك جىددىيلەشكەن ئالامەتلەر كۆرۈنمەيتتى. ئۇ قولىدىكى قۇرالنى چۈشۈردى.  مەن ئۇنىڭغا قاراپ بۇ نەرسىنىڭ ئۇنچىۋالا خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلدىم.  بىراق بوتولكىنىڭ باياتىن نىمىگە ئۇنچىۋالا جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلمەيتتىم.
 ساندۇقنىڭ ئىچى تەرىپىگە  ئارلىقىنى بىر قانچە سانتىمىتىردىن قالدۇرۇپ ئۈستىدىن-ئاستىغا قاراپ بىر قانچە قاتار سۇس ئالتۇن رەڭلىك يۇمىلاق مىخ قېقىلغان ئىدى. مىخلار سۇ ئىچىدە غۇۋا كۆرۈنگەچكە راست ئالتۇنمۇ ياكى ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەنمۇ ئىنىق پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى.  يەنە جەسەتلەرنىڭ ئاستى تەرىپىدە بىر پارچە غەلىتە نەرسە باردەك كۆرۈندى. سىمىز قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ تەپسىلى قاراشقا باشلىدى. قارىماققا خۇددى خەت ئويۇلغان تاش تاختايدەك كۆرۈندى. جەسەتلەر ئارىسىدا ۋە قوللىرىدا ھەرخىل قاشتېشى بۇيۇملىرى ۋە پىل چىشى دىگەندەك نەرسىلەر تۇراتتى. بۇ نەرسىلەر ھەم پۇلغا يارايتتى ھەم ئېلىپ چىقىپ كېتىش قۇلايلىق ئىدى.
 سىمىزنىڭ ئەلپازىدىن ئۇنىڭ قوللىرى قىچىشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق جەسەتلەر بەك يىرگىنىشلىك بولغاچقا قولىنى ئادەم مايلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن ساندۇققا تىقىپ ئۇ نەرسىلەرنى سۈزىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.  ئۇ خېلى ئويلۇنۇپ باقتى، بىراق بىرەر ياخشى ئامال تاپالماي ئاخىرى ۋاز كەچتى. ئۇ بىر تەرەپكە ئۆتۈپ ساندۇق ئىچىدىكى جەسەتلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ساندۇققا قارىسا يەنە بىر تەرەپتىن توختىماي بېشىنى چايقاپ:" بۇ نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال-ھە! ھۇ ئاناڭنى! قەبرە خۇجايىنىمۇ تازا بىر ئادەمكەن، ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ.  ئۇ قانداق قىلىپ بۇ غەلىتە نەرسىلەرنى بۇ يەرگە قويۇپ قويىدۇ!؟ بىزمۇ ئىش تېپىلمىغاندەك بۇ يەرگە قەبرە قازىمىز دەپ كىرگەندىكىن خوپ بولدى!" دىدى.
 مەن بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە يىتەلمەيتتىم. ساندۇق ئىچىگە قاراپ بەك يىرگىنىپ كەتكەچكە ئىككىنچىلەپ قارىغۇم كەلمىدى. "بۇ جەسەتلەر بىرىكتۈرۈپ دەپنە قىلىنغان ساندۇق نىمىدىگەن يىرگىنىشلىكتۇ؟" دەپ سورىدىم-مەن.
 سىمىز قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ:" شاكىچىك! سەن ساراڭ بولۇپ قالمىغانسەن؟! بۇ نەدىمۇ بىرىكتۈرۈپ دەپنە قىلىنغان جەسەتلەر بولسۇن؟ كىممۇ جەسەتلەرنى گۈللۈك يۇتازىغا ئوخشاش كىرىشتۈرۈپ ساندۇق ئىچىگە سالسۇن؟ بۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ تىرىك پېتى دەپنە قىلىنغانلىقى ئىنىقلا چىقىپ تۇرمامدۇ! بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك پېتى ساندۇققا سېلىپ ئاندىن ئۈستىگە دۇرا چېچىپ، ئارقىدىن ساندۇق ئىچىنى لىق سۇ بىلەن توشقۇزۇپ سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، بۇنى بىز تۇنجۇقتۇرۇپ دەپنە قىلىش دەپ ئاتايمىز" دىدى.
 مەن گۈللۈك يۇتازىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز تۈكۈرۈكلىرىمنى يۇتتۇم، قۇرسۇقۇم راستىنلا بەك ئاچقان ئىدى. كۆز ئالدىمغا ئوخشىغان تاماقلار كىلىشكە باشلىدى.      ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نەرسىنىڭ ئارقا كۆرۈنشىنى بىلگەندەك بولدۇم.  مەن تېخىمۇ تەپسىلىيرەك سورىماقچى بولىۋاتقىنىمدا، سىمىز مىنىڭ تازا چۈشەنمىگەنلىكىمنى پەملىدى بولغاي، " سەن تېخى مۇشىنىمۇ بىلمەمسەن؟ بۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. گەپنى يەنىلا چاڭبەيشەندىكى ۋاقىتلىرىمدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ..........."               مەن سىمىزنىڭ يەنە قۇرۇق گەپ سېتىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ :" ھۇ پور كۆتەك! يەنە كىسىلىڭ تۇتتى! بۇلارنى دەپ نىمە قىلىسەن!؟ بۇ قەسەتلەر بىلەن سىنىڭ دىگىنىڭنىڭ نىمە ئالاقىسى بولسۇن!؟؟ تۇلا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمە!"دەپ ۋارقىرىدىم.
 سىمىزدەك ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىشىنى، ئۆزى بىلەن گەپ تاكاللىشىشىنى پەقەت خالىمايتتى. مىنىڭ بۇ گېپىم ئۇنىڭ سەپرايىنى ئۆرلەتتى بولغاي،   " كىم مىنى بىلمەيدۇ دەيدۇ!؟ مەن پەقەت بۇ ئىشنى باشتىن سۆزلىمەكچى. ئاڭلىغۇڭ كەلمىگەن بولسا بوپتۇ. بۇ خىل دەپنە قىلىش ئۇسۇلى "سۇ، شامال ئىلمى" دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە تاغدىكى قەبرىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئادەتتە قەبرە ئىچىدىكى نەملىك ۋە شامال ئۆتۈشۈشىشى ياخشى بولغان ئىككى جايغا مۇشۇنداق ساندۇق قويىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرىگە ئۆزىنى دەپنە قىلسا يەنە بىرىگە ئۆزىنىڭ قانداش تۇققانلىرىنى دەپنە قىلىدۇ، ياكى بوش قويۇپ قويىدۇ.  شۇڭا دەيمەن بۇ يەرگە بىر جەسەت ساندۇقى قويۇلۇپتۇ، دىمەك- بۇ قەبرە ئىگىسىنىڭ دەپنە قىلىنغان ساندۇقىمۇ دەل مۇشۇنداق.  ئەمدى چۈشەندىڭمۇ!؟" دىدى سىمىز.
 سىمىز خۇددى كىتابتىن يادىلىۋالغاندەك تىز سۆزلىگەچكە ئۇنىڭ گەپلىرىنى تولۇق چۈشىنەلمىدىم.  مەن ئىختىيارسىز تىلىمنى چايناپ:" ئۇنداقتا ساندۇقتىكى بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قەبرە ئىگىسىنىڭ.............."  گېپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىلا سىمىز تىزىغا مۇشتلاپ قويۇپ:" شۇڭا دەيمەن، بۇ قەبرە ئىگىسى بەك رەھىمسىزكەن، بۇ ئەبلەخ ئۆزى بىلەن قوشۇپ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ ساندۇققا سامان تىققاندەك تىقىپ ئۆزى بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا يولغا ساپتۇ. نىمىدىگەن رەھىمسىز! نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق!" دىدى.
 " نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن؟ بۇ قەبرە ئورنى كېيىنكىلەرنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن تاللاپ قويۇپ قويىلىدىغان تۇرسا، مانا ھازىر پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قوشۇپ دەپنە قىلىپ بۇ يەرگە قويۇپ قويۇپتۇ!"دەپ ۋارقىرىدىم مەن.
 سىمىز مىنىڭ ھەممىنى راست دەپ ئويلاپ قالغىنىمنى كۆرۈپ -" بۇ دىگەن پەقەت پەرەز، قارا سىنىڭ نادانلىقىڭنى، راستىنلا ئىشىنىپ قالدىڭ. ئۇ پۇلدار غۇجاملار نەدىمۇ سەندەك دۆت بولسۇن؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىراق ، نامرات تۇققانلىرىنى تېپىپ كىلىپ ئاشۇلارنى بۇنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىشدۇ. نەدىمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇنداق قىلسۇن؟ مەن بۇنداق ساندۇقنى كۆپ كۆرگەن ، بىراق بۇنداق چوڭىنى كۆرمەپتىكەنمەن" دىدى.
 مەن ساندۇققا قارىدىم، تىرىك دەپنە قىلىنغان چاغدىكى ئېچىنىشلىق ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلگەندەك بولدى. شۇنىڭ بىرگە بوۋامنىڭ " ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇراپاتلىق، رەزىللىكنىڭ تومانلىرى قاپلىۋالغاندا، ئازراقمۇ رىئال ئاساسى بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن باشقىلارنىڭ جېنىنى ئەرزىمەس ياۋا ئوت-چۆپ قاتارىدا كۆرىدۇ" دىگەن سۆزلىرى يادىمدىن كەچتى.
 ساندۇقنىڭ ئېغىزى ئاللىقاچان ئېچىۋېتىلدى. بۇنداق بولغان ئىكەن سىمىزنىڭ ئۇنچە ئاسان بولدى قىلغۇچى كەلمىدى. ئۇ بېشىنىقاشلاپ تۇرۇپ:" بۇ ئادەملەر نىمىدىگەن بىچارە، مىنىڭچە بىز ئاۋۇ تەرەپتىكى ئۆيگە چىقىپ، ساپال قاچىدىن بىر قانچىنى ئېلىپ كىلىپ ساندۇق ئىچىدىكى سۇنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىنىمىز تۈزۈك. جەسەتلەر سۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇن تۇرىۋەرسە بولمايدۇ" دىدى.
 مەن ئۇنىڭ نىمىنى كۆزلەپ شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.   " قارا سەن ئوغرىنى، ئاچكۆزلىكىڭ يەنە تۇتتى-دە!؟ بىردەم تەخىر قىلغىن، سەل تۇرۇپ بىرەر قىممەتلىك نەرسە ئۇچراپ قالسا ساڭىلا بىرەيلى" دىدىم-مەن.
 سىمىزنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى، " ھۇ ئاناڭنى! مەن سىمىز ئاشۇنداق ئادەمما؟!!!!!........." دەپ تىرىكىپلا كەتتى ئۇ.
 ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ بىلەن قەستەن چېقىشىپ قويىۋاتاتتىم.   " ھازىرچە بۇنداق قۇرۇق خىياللارنى قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس. سەل تۇرۇپ بۇ يەردىن چىقىپ كىتەلمەي مۇشۇ يەردە تۇنجۇقۇپ ئۆلسەك ، ئۇ چاغدا بىزگە كىممۇ ئىچ ئاغرىتار؟" دىدىم مەن.
 بۇ گەپ تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا بىز يەنە جىددىيلىشىشكە باشلىدۇق. سىمىز گەپ-سۆز قىلماي قەبرە ئىچىنى بىر قېتىم ئاختۇرۇپ چىقتى. پەقەت بىر ئۆلۈك مۈشۈكتىن باشقا كارغا كەلگۈدەك نەرسە تاپالمىدى.
 بوتولكا ھېلىقى ساندۇق ئىچىدىكى جەسەتكە ھاڭۋاقتىدەك قاراپ تۇراتتى. خېلى ئۇزۇندىن كېيىنلا خۇددى بىر نەرسە بايقىغاندەك  ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى. بۇ ئادەم ئادەتتە ناھايتى ئېغىز-بېسىق، بىراق ئۇ جىددىيلىشىدىغان بولسا چۇقۇم بىرەر ئىش يۈز بىرەتتى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى مىنى قورقىتىۋەتتى. ئۇ ئالدىراش ئىڭىشىپ قۇرالنى ئالدى. ئۇ يەنىلا قاپاقلىرى تۆرۈلگەن قىياپەتتە بايىقى ئورنىدا تۇراتتى. كۆزلىرى جەسەت ساندۇقىغا مىختەك تىكىلگەن ئىدى. ئالھەزەل بەش مىنۇت مۇشۇنداق تۇرغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپ بىزگە :" ئەمەلىيەتت ساندۇق ئىچىگە دەپنە قىلىنغىنى پەقەت بىرلا ئادەمكەن!" دىدى.



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى