رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك41-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك41-باب

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 1077 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كېپەن ئوغرىسىنىڭ خاتىرىسى

بېرىنجى خاتىرە ئىككىنجى بۆلەك :غەزەپ دېڭىزى

41-باب مارجان تاش دەرىخى

تەرجىمان : كېپەن ئوغرىسى

بوتۇلكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ، مەن ئانىڭنىڭ چىرايىغا سەپ سالدىم ، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى كاللىسىدىن كەتكەن ئادەمدەك قىتىپ قالغان ئىدى ، بۇرۇنقىدەك لاتاپەتلىك يوق . بوتۇلكا ئانىڭنى يەرگە بېسىۋالغان بولسىمۇ ،ئۇ ئازراقمۇ تىركەشمىدى ، گەپمۇ قىلمىدى ، ھەتتا بىزگە قاراپمۇ قويمىدى ، خۇددى بولىۋاتقان ئىشلار ئۇنىڭ بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوقتەك .

سىمىزمۇ غەلىتىلىكنى سەزدى بولغاي :‹ ئاناڭنى ، قانداق ئىش بۇ ، شۇنچە سەت تىللىساممۇ ئىنكاس يوققۇ ،ئادەتتە كىچىككىنە تىرىكىدىغان گەپ قىلسام ، ئۇ ئاللا قاچان مىنى تىپىپ بولاتتى ›دىدى.

مەن ئۇنىڭ قاراملىقىنى بىلىپ :‹ بايام سەن بەك قاتتىق قوللۇق قىلدىڭمۇ يا ؟ قارا ئۇ ھەتتە گەپمۇ قىلاللمايۋاتىدۇ ، سەن چوقۇم بەك قاتتىق ئۇرىۋىتىپسەن › دېدىم .

سىمىز تىرىكىپ :‹ سەن ئاناڭنى ئاز گەپ قىل ، مەن بىر ئايال كىشىگە مۇشتا مۇئامىلە قىلامەنمۇ ؟ بايام مەن شۇ ئۇنىڭ پۇتىنى بىسىپ تۇرىۋالدىم ، كۈچمۇ ئىشلەتمىدىم تىخى ، ئىشەنمىسەڭ كىچك ئاكىمىزدىن سورا › دىدى .

بوتۇلكا بىزنىڭ گەپ تالىشىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ :‹ خاتىرجەم بولۇڭلار ، ئۇ يارلانماپتۇ ، پەقەت كاللىسى جايىدا ئەمەس ، قارىغاندا بىرەر ئىش تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ › دىگەچ قولىنى ئانىڭنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلاتتى ، ھەتتا قاس چىقىرىپمۇ باقتى ، لىكىن ئانىڭدا ئازراقمۇ ئىنكاس كۆرۈلمىدى .

سىمىز چۈشەنمەي بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ :‹ بۇ خوتۇن بىرەر نەرسىنى كۆرۈپ قىلىپ قورۇپ ساراڭ بوپ قالمىغاندۇ ھە ؟ › دىدى .

مەن ‹ بۇ خوتۇننىڭ يۈرىكى بەك قاتتىق ، ھەم گۇمپىمۇ بىلىدۇ ، ئۇنىڭ ماڭا قانداق قىلغىنىنىمۇ سەن كۆرگەنغۇ ، بۇنداق ئادەم قانداقسىگە قورقۇپ ساراڭ بوپ قالىدۇ ، ئۇنىڭغا ھەرگىز ئالدىنىپ قالمايلى ، كىم بىلىدۇ ، ياسالمىلىق قىلىۋاتامدۇ › دىدىم .

سىمىز ئاڭلاپلا گۇمان قىلىپ :‹دىگىنىڭمۇ توغرا ، خوتۇن كىشىنىڭ كۆڭلى قارا كىلىدۇ ، بىزمۇ ياخشىسى ئاۋايلايلى ، يا بولمىسا بىر ئىككى كاچات ئۇرۇپ باقايمۇ ؟ ئۇ قانداق قىلىدىكىن ، بىز بىر ئىككىدىن ئۇرساق ، ھەرقانچە ياسالمىلىق قىلسىمۇ ئاغرىققا چىدالماس ....› دىدى .

سىمىزنىڭ يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ چىدىمىدىم ‹ ئاناڭنى ، سەن ئىنقىلابى كىنولارنى جىق كۆرىۋەتتىڭمۇ قانداق ؟ ئالاھېدە خادىم بولغىڭ بار ئوخشىمامدۇ ؟ قارا بۇنىڭ چىرايىغا ، يەنە ئۇرۇشقا كۆڭلۈڭ ئۇنامدۇ ؟ ›دىدىم .

سىمىز يوغان قولىنى كۆتۈرۈپ ، ئانىڭنىڭ چىرايىغا نەچچىنى شىلتىغان بولسىمۇ ، قول سالالمىدى :‹ ئەپسۇس ، سىمىز بىگىڭ قىز ئاياللارنى ئۇرۇپ باقمىغان ، ئاناڭنى ، ئەمدە ئېيتە ، قانداق قىلىمىز ؟› دېدى .

مەن ئانىڭ بىلەن تونۇشقىلى ئۇزۇن بولمىدى ، ئۇنىڭ ھەركەتلىرىگە قاراپ راست-يالغانلىقىنى پەرىقلەندۈرىشىم مۇمكىن ئەمەس . مەن :‹ مەنمۇ قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم ، يا بولمىسا بىز ئاۋال ئۇنى باغلاپ قويۇپ ، چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بىر نەرسە دەرمىز ، يا بولمىسا ئۇددۇللا ساقچىغا مەلۇم قىلايلى ، ساقچى بىر تەرەپ قىلسۇن › دىدىم .

سىمىز ئاڭلاپ خاپا بولدى :‹ ئاناڭنى ، سەن زادى راس ساراڭمۇ ، يا مىنى ئەخمەق قىلىۋاتامسە ، بىز ئۈچەيلەن قەبرە ئوغۇرلىغىلى كەلگەن ، سەن قەبرە ئوغۇرلاش دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسەن يا ؟ تىخى ساقچىغا مەلۇم قىلامىش ... بىشىڭنى ئىشىك قىسىۋاپتۇ سىنىڭ .› دىدى .

مەنمۇ سەل كاللامدىم كەتتىممۇ قانداق ، سىمىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ، ئۆزەمنى كاچاتلىۋالغىم كەلدى ، تىخىچە ئۆزەمنى ئەسەر-ئەتىقە بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن .مەن سېمىزغا ‹ مەن ئالدىنقى قىتىملاردا قەبرىگە كىرگەندە ئىت قوغلىغاندەك يىنىپ چىققان ، تىخى ئۆزەمنى ياخشى پۇقرا دەپ ئويلاپ قېلىپ ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ساقچى ئىسىمگە كېلىپ قاپتۇ ، ئېغىزىم ئىتتىكلىك قىلىپ دەپ ساپتىمەن ، مىنى يەل قويىۋەتتى دەپ چۈشەن ، مەن قايتا سۆزلەي › دىدىم .

سىمىز قولىنى پۇلاڭلىتىپ ‹ بولدى . قارىسام سېنىڭمۇ ھېقانداق ياخشى ئامالىڭ يوق ئوخشايدۇ ، ئەڭ ياخشىسى كىچىك ئاكىمىزنىڭ پىكرىنى ئاڭلايلى ، ساڭا ئىشەنسەك ، ئۆلۈمگە باشلايدىغان ئوخشايسەن › دېدى .

ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئامالسىز بوتۇلكىغا قارىدىم ، ئۇ بىزگە قاراپ :‹ تالاشماڭلار ، ئۇنىڭ كۆزقاچۇغىنىڭ ئىنكاسىمۇ ئاستا ، ‹ ساراڭ › دىنمۇ ئېغىر ، ياسالمىلىق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس › دېدى .

بوتۇلكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ گۇمانىمنى يوقاتتىم :‹ ئەمسە نىمىشقا بۇنداق بولۇپ قالغىنىنى بىلگىلى بولامۇ ؟ › دەپ سورىدىم .

بوتۇلكا بىشىنى لىڭشىتىپ :‹ مەنمۇ بۇ توغۇرلۇق كىچىككىنە بىلىمەن ، دوختۇرخانىغا كىرگەندە ئاڭلىغان ، سەۋەبىنى بىلىشقا ئامالسىزمەن ، بىردىن بىر ئامال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتسەك بولىدۇ › دىدى .

بۇنى ئاڭلاپ ئانىڭنىڭ بۇرۇنقى لاتاپەتلىكى ئىسىمگە كېلىپ ئىختىيارسىز ئۇھسىندىم :‹ ئەمسە مەيلى ، قارىغاندا ھازىرچە نېمە ئىش بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىكەن ، بىز ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئاندىن بىرنەرسە دەيلى › دېدىم .

مىنىڭ پىكرىمگە ئۇلار ماقۇل بولدى ، سىمىز بوتۇلكىغا قاراپ :‹ئەمسە شۇنداق قىلايلى ، بۇيەدە ۋاقىت ئۆتكۈزمەيلى ، بۇ يەر بەك غەلىتىكەن ، بىز ئاۋال ئەتراپقا قاراپ باقايلى ، باشقا نەرسە بولمىسا چىقىپ كېتەيلى › دېدى .

مەن ئۆزۈمنى نەدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن ، سىمىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بەدىنىم شۈركۈنۈپ كەتتى ، دەرھاللا چىقىپ كېتىشنى ئويلىدىم ،لىكىن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا نىشانى بولغاچقا ، ئامالسىزلىقتىن ماقۇل بولدۇم .

سىمىز قولچىراقنى ئېلىپ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە تۇتتى ، مەن قولچىراقنىڭ نۇرىنى بويلاپ كۈزەتتىم ، بۇ ئۆڭكۈر ئانچە ئۇزۇن ئەمەس بولۇپ ، ئون قەدەم نىرىدا ئۆڭكۈرنىڭ ئاياق قىسمىنى كۆرگىلى بولاتتى ، لىكىن قولچىراقنى نۇرى ئاجىز بولغاچقا پەقەت ئازراق ئىزىنىلا كۆرگىلى بولدى .

مىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىم سېمىزنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس ، ھەم ئىچىدە نىمە بارلىقىنى بىلمىدىم ، ھازىر ئۈمۈد قىلىدىغىنىم ئۇنىڭ ھېچنىمىنى كۆرەلمەسلىكى ، مىنىڭ بۇيەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇم يوق .

سىمىز ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ ، قوشۇمىسىنى تۈردى . قارىغاندا ئۇ بىر نەرسىنى كۆرگەن ئوخشايدۇ . مەن ئۇ قاراۋاتقان يەرگە قاراپ ھېچنىمىنى كۆرەلمىدىم ، ئۇ تۆۋەن ئاۋاز بىلەن :‹ ئاغىنىلەر ، سىلەر قاراڭلار ، ئىچىدە بىر دەرەخ تۇرامدۇ نىمە ؟ › دەپ سورىدى .

‹ھە ؟ ، قەبرىنىڭ ئىچىدە دەرەخ نىمە قىلىدۇ ؟ يا كۈن نۇرى چۈشمىسە ، يا قەبرە ئىگىسى سۇ قۇيۇپ تۇرمىسا ، بولسىمۇ قۇرۇپ كەتكەندۇ ؟› دېدىم .

سىمىز ئۇزۇنغىچە قاراپ جەزىملەشتۈرەلمىدى ، ماڭا ئوبدانراق قاراپ بىقىشىمنى ئېيتتى ، مەنمۇ كۆزۈم پۇلتىيىپ چىقىپ كەتكىدەك قارىغان بولساممۇ ھېچنىمىنى كۆرەلمىدىم ، تاس قالدى كۆزۈم يەرگە چۈشۈپ قالغىلى ، ئاران دىگەندە بىر دەرەخ شىخىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، شەكلى ئىنتايىن تونۇش ، لىكىن نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم ، ئۇنىڭغا :‹ مەنمۇ ئىنىق كۆرەلمىدىم ، لىكىن چوقۇم دەرەخ ئەمەس !› دېدىم .

سىمىز ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ :‹ مەنچە بىر دەرەخ ، تېخى ئالتۇنرەڭ نۇر چىقىۋاتىدۇ ، ئىشەنمىسەڭ بىللە بېرىپ كۆرۈپ باقساقلا بولمىدىمۇ › دېدى .

مەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم :‹ سەن مېنى سىنىڭ مەقسىتىڭنى چۈشەنمەيدۇ دەپ قالدىڭما ، راستلا بىر ئالتۇن دەرەخ بوپ قالسىمۇ كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتەلەمسەن ؟ › دېدىم .

سېمىز ئۆزىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئاشكارلانغانلىقىنى بىلىپ :‹ كۆتۈرۈپ چىقىپ كىتەلەمدىم ، بېرىپ كۆرگەندىلا بىلىمىز ، تىخى يىنىدا كىچىككىرەكلىرى بارمۇ تىخى ، قارا ، بىز كىرمىگەن بولساق ، كۆرمىگەن بولساققۇ مەيلى ، لىكىن بىر كىرىپ بولدۇق ، ياخشى نەرسە ئۇچۇرغاندا ئوبدانراق كۆرۈپ چىقمىساق بولماس ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مۇشۇ يەرگە كېلىپ بولدۇق ، يا ئىچى ئەمەس ، يا سىرتى ئەمەس ، ئوتتۇرسىدا ، ئىش چىققان بولسا ئاللا بۇرۇن چىقاتتى ، قورققىدەك نىمىسى بار ؟ توغرىدۇ ؟ › دېدى .

تىرىكىپلا قالدىم ، لىكىن ئامال يوق ، سېمىزنىڭ لوگىكىسىنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، كۆرۈپ چىقىش ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ چىقىش ، بۇ ئەبلەخ نەق ئالۋاستىنىڭ ئۆزى ،كىم بىلەن يۈرسە شۇنى نەس باسىدۇ .

مەن ئۇنى يەنە بىر نەرسە دەي دىگۈچە بوتۇلكا گەپ قىلماسلىق ئىشارىتى قىلىپ :‹كەينىمدىن ئەگىشىپ مىڭىڭلار › دەپ ئارقىسىغا قارىماڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كەتتى .

سىمىز ئاڭلاپ خوشاللىقىدا ئانىڭنى يۈدۈپلا كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى . مەنمۇ ئامالسىز ئاقساقلاپ ئەگىشىپ ماڭدىم .

بوتۇلكا تېز سۈرئەت بىلەن ئالدىمىزدا كىتىۋاتاتتى ، ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا دەرەخنىڭ ئالدىغا كەلدۇق ، بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ ئىچى ئىدى ، بوتۇلكا قولچىراقنى ئىگىز تۇتتى ، بىزمۇ ئۇ نەرسىنى ئىنىق كۆردۇق .

ئۇ بىر چوڭ مارجان خادا تاش بولۇپ ، بىر ئادەمنىڭ ئىگىزلىكىدە ، 20 نەچچە پۇتاق بولۇپ ، مۇنداقلا قارىغاندا بىر دەرەختەك كۆرىنەتتى ، پۈتۈن دەرەخنىڭ ئويىلىشى ئىنتايىن ياخشى ، لىكىن ئىشلىتىلگەن ماتىريال ناھايىتى ئاددىي بولۇپ ، ئانچە قىممەتلىك ئەمەس ئىدى .

بۇ مارجان خادا تاش بىر چوڭ ساپال قاچىنىڭ ئىچىدە بولۇپ ، شىخىل تاشلار بىلەن باسۇرۇلغان ، ئۇنىڭ شېخىدا ئالتۇن رەڭلىك قوڭغىراقلار ئېسىلغانكەن ، سېمىز كۆرگەن ئالتۇن نۇر ، مۇشۇ قوڭغىراقلار قايتۇرغان نۇر بولىشى مۇمكىن . لىكىن بۇ قوڭغىراقلار ئالتۇندىن ياسالغان ئەمەسكەن ، ئارلىقلىرىدا مىسنىڭ يىشىللىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى ، بۇ بەلكىم سېرىق مىسقا ئالتۇن ھەل بېرىپ ياسالغان بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا ھازىرغا قەدەر پاقىراقلىقىنى يوقاتماپتۇ .

سىمىز ئالتۇن دەرەخنى كۆرمىگەندىن كېيىن ، ئازراق ئۈمۈدسىزلەندى ، لىكىن يەنىلا :‹ شياۋۋۇ ، سەن دەپ باققىنە ، بۇ مارجان خادا تاش قانچە پۇللارغا يارا ؟› دەپ سورىدى .

مەن بۇنى ئازراق چۈشىنىمەن ، لىكىن سېمىزنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە تېرىكتۈرۈپ :‹ مەن سېنى ئالدىمايمان ، بۇنىڭ سۈپىتىگە قارىغاندا ، بازادا 16 يۈەنگە بىر جىڭىنى ساتالىساڭ چوڭ گەپ › دېدىم .

سېمىز ئاڭلاپ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي بوتۇلكىدىنمۇ سوراپ باقتى ، بوتۇلكىمۇ بىشىنى مىنىڭكىنى ماقۇللىدى ، سېمىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ :‹ئاناڭنى ، مەن تېخى بۇ قىتىم ياخشى نەرسىگە ئۇچۇردۇم دەپ ئويلاپتىمەن ›دېدى .

ئۇنىڭ تېرىككىنىنى كۆرۈپ خوش بوپ كەتتىم . ھەم :‹ سېمىز ، سەنمۇ ئۈمۈدسىزلەنمە ، ساڭا دىسەم ، مارجان تاش پۇلغا يارىمىغان بىلەن ، ئۈستىدىكى قوڭغىراقلارنى كۆردۈڭمۇ ؟ بۇلار ھەقىقەتەن ياخشى نەرسىلەر › دېدىم .

سىمىز ماڭا ئىشەنمىدى :‹ كۈلكەڭدىن ياخشىلىق كۆرۈنمەيدۇ ، مىنى ئالدايمەن دىمە ، بۇنداق قوڭغىراقلارنى مەن جىق ئوغۇرلىغان ، شۇ نەچچە مىڭ كويغا يارايدۇ ، پۇلغا يارىغىدەك نىمىسى بار ؟› دېدى .

مەن :‹ سىنىڭ شۇ كاللاڭ بىلەن سودا قىلامسەن تېخى ؟ ساڭا راستىمدى دىسەم ، بۇنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى مەنمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيمەن ، لىكىن ئوخشاش ھەجىمدىكى ئالتۇننىڭ باھاسىدىن ئەرزان ئەمەس ، قارا بۇ قوڭغىراقلارنىڭ ئۈستىدىكى گۈللىرىگە ، تارىخى مىڭ سۇلالىسىدىنمۇ ئۇزۇن ، شۇ زامانلاردىمۇ بۇ ئەسەر-ئەتىقە ھېساپلىنىدۇ ، چۈشەندىڭمۇ ؟› دېدىم .

سېمىز گىپىمنى ئاڭلاپ ، راست – يالغان دەۋەتقىنىمنىمۇ بىلمىدى ، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ تىخىمۇ خوش بولۇپ كەتتىم ، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بۇ قوڭغىراقلارنىڭ قانداق تارىخى بارلىقىنى بىلمىدىم ، قوڭغىراق دىگەن بۇ نەرسە ، ئەسەر-ئەتىقە ساھەسىدىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ، ئادەتتە ئەڭ پۇلغا يارايدىغىنى ساپال بۇيۇم ، مىتال بۇيۇملار ئاسان داتلىشىدۇ ، ئالاھېدە ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ ، بۇنداق ئۇسۇللارنى پەقەت چوڭ مۇزىيىلارلا ئىشلىتەلەيدۇ ، ئادەتتىكى پۇقرالار ھەرقانچە پۇلى بولسىمۇ ، ئۇنداق ساقلاشلارغا چىداپ بولالمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە قوڭغىراق بەك مۇرەككەپ ، كىچىك مىتاللىرى بەك كۆپ ، ياخشى ساقلانغانلىرى ھەقىقەتەن بەكلا قىممەتلىك .

سېمىز يەنىلا مېنىڭ گىپىمگە ئىشەنمەي ، بىرنى ئۈزۈپ ئېلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى ، شۇ چاغدا بوتۇلكا ئۇنى تۇتىۋىلىپ :‹ چىقىلما › دېدى .

سېمىزنىڭ بىر پۇتى ئۇششاق تاش سېلىنغان ساپال قاچىنىڭ بىر تەرىپىگە دەسسەپ بولغان ئىدى ، بوتۇلكا ئۇنى تارتىۋالدى ، سېمىز ھەيران قىلىپ نىمە بولغانلىقىنى سورىدى ،بوتۇلكا ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي ماڭا قاراپ :‹ بۇنداق قوڭغىراقنى نەردە كۆرگەنلىكىمىز ئىسىڭدىمۇ ؟› دەپ سورىدى .

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى