رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك8-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك8-باب

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 1427 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

[كىپەن ئوغرىسى]1-خاتىرە2-بۈلۈم8-باپ ھاۋا ئۆزگەردى
مەن ئۇنىڭغا (نىڭ خانقىزغا)ئەگىشىپ كىمە ئىسكىلاتىغا كىردىم. ئىچىگە دۆۋە-دۆۋە نەرسىلەر قۇيۇلغان بولۇپ،ھەتتا پۇت قويغۇدەكمۇ يەر يوق ئىدى. قارىغاندا ئۇلار ئالدىراشلا تەييارلىق قىلغان بولۇپ بۇ يەردىكى نەرسە-كېرەكلەرنى مال ئىسكىلاتىغا يۆتكەپ ئەكىرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالايمىقان ھالدا كىرىش ئىغىزىغىلا تاشلاپ قويغاندەك قىلاتتى.
    مەن بىر تەرەپتىن ماڭغاچبىر تەرەپتىن كۆزەتتىم. بۇ يەردىكى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سۇ ئۈزۈش سايمانلىرىبولۇپ چوڭ تىپتىكى ئەسۋابلار، ئۇزۇق-تۈلۈك، ئارغامچا، ئوكسىگىن تۇڭى قاتارلىقلاربار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوكسىگىن تۇڭى كۆپرەك ئىدى.
    بىز بۇ نەرسىلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ماشىنا ئۆيىگە تۇتىشىدىغان ئارقا ئىسكىلاتقا كەلدۇق. بۇ يەرگەقالايمىقان ھالدا بىر قانچى دانە كارۋات قويۇلغان بولۇپ، كارۋاتقا مايلىشىپ قارىداپ كەتكەن گىلەم سېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كارۋاتتا تولغان، ئوتتۇرا  ياشلاردىكى، پەينەكباش بىر ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى مايلىشىپ پارقىراپكەتكەن ئىدى. مىنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ ساراڭدەكلا ئورنىدىن تۇرۇپ مەن بىلەن قولئېلىشتى، ۋە :«كۆرۈشكىنىمدىن خۇرسەنمەن، كۈرۈشكىنىمدىن خۇرسەنمەن، مىنىڭ فامىلەم جاڭ»دىدى.   بۇ ئادەمنىڭ ماڭا بەرگەن تۈنجىتەسىراتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن ئەدەپ يۈزىسىدىن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ قويدۇم.  ئۇنىڭ قولىناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، قارىغاندا ئىلگىرى جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندەك قىلاتتى.
 نىڭ خانقىزتۇنۇشتۇرۇپ :« جاڭ ئەپەندى بولسا شىركىتىمىز ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان تەتقىقاتچى،مەخسۇس مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خانلىق قۇرۇلۇشلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس،بۇ قېتىم ئاساسلىقى مۇشۇ دېڭىز ئاستى ئوردىسىنى تەھلىل قىلىشقا مەسئۇل» دىدى.  مەن نەسەبىنى پەش قىلىدىغانلار بىلەن ئانچەخۇشۇم يوق ئىدى، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.  بىراق ئۇنىڭ كۆرەڭلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىغاقاراپ ئامالسىز:«مەنمۇ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە تەقەززا ئىدىم» دىدىم.   ئۇ مەغرۇر ھالدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ:«مۇتەخەسسىس دىگەن نامغا لايىق ئەمەسمەن، مەن پەقەت ئىلگىرى باشقىلار بىلەن تەتقىق قىلغان، تەلىيىم ئوڭدىن كىلىپ يازغان بىر قانچە پارچە ئىلمى ماقالەم سەۋەبىدىنمۇشۇنداق كىچىككىنە نەتىجىگە ئىرىشتىم، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ» دىدى.   مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ مۇنداقسۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قانداق چۈشىنىشنىمۇبىلەلمىدىم،  ئامالسىز:« سىز تۇلىمۇ كەمتەرئىكەنسىز» دىدىم.  ئۇنىڭغا بۇ گەپلەر خېلى خوشياققاندەك قىلاتتى. ئۇ يەنە قولۇمنى كۈچەپ سىقىپ تۇرۇپ :« ۋۇ ئەپەندىم، سىزنىڭبۇ قېتىم قانداق سالاھىيەت بىلەن بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنىپ كەلگەنلىكىڭىزنى بىلمىدىم.  مەن گەپنى ئۇدۇل دەۋىرەي. ۋۇئەپەندى تەتقىق قىلىۋاتقان تۈر ئانچە تۇنۇشلۇق ئەمەسمۇ ياكى مىنىڭ كۆرگەن بىلگىنىم ئازمۇ، مەن ئەزەلدىن ئاسارە-ئەتىقىلەر تەتقىقاتىغا ئائىت ژورناللاردا ۋۇ ئەپەندىنىڭ نامىنى ئۇچراتمىدىمغۇ؟» دىدى.
بۇگەپتىن ئىنىقلا مىنى كەمسىتىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى قەستەن دىگەن-دىمىگەنلىكىنى بىلمىدىم. مەن بىر تىرىككەك ئادەم بولغاچقا، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلگەندەك بولدى. بىراق بۇ ساھەگە ئەمدىلا باسقىنىم ھەمبۇ يەردىكى مۇچىت ماڭا ناتۇنۇش بولغىنى ئۇچۇن ئاچچىقىمنى بېسىۋالدىم، ۋەخوشياقمىغان تەلەپپۇزدا:«مەن مەخسۇس كولاشنى تەتقىق قىلىمەن»دىدىم.
مىنىڭ سۆز ئۇرانىمدىن گەپ خوشياقمايۋاتقانلىقى ئىنىقلا چىقىپ تۇراتتى. ئۇ بۇنى ھىس قىلمىدى بولغاي، ئارقىدىنلا:«ھە، بىلدىم، سىزئەسلىدە قۇرۇلۇش ئۇستىسى ئىكەنسىز-دە؟ بىز ئەسلىدە بىر كەسىپتىكى ئادەملەرئەمەسكەنمىز، بىراق ھازىر يەنىلا يېرىم كەسىپداش ھىسابلىنىمىز، سىز ھايات كىشىلەرنىڭ ئۆيىنى ياسايسىز، مەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆيىنى تەتقىق قىلىمەن، بىزنىڭ يەنىلا ئازراق ئوخشاش تەرەپلىرىمىز بار ئىكەن» دىدى.
مەن بۇلارنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. قارىماققا بۇ ئادەم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەردىن بولمىسىمۇ ، بىراق سۆزلىگەندە ئاشۇنداق ئادەملەردەك سۆزلەشكە تىرىشاتتى.
مەن ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويۇپ، :« مەن قۇرۇلۇش ئۇستىسى ئەمەس، مەن بىر كولاش ئىشچىسى، سىز تەتقىق قىلماقچى بۇلىۋاتقان ئۆلۈكلەرنىڭ ئۆيىنى مەن كولىغاندا ئاندىن سىز كىلىپ تەتقىق قىلالايسىز » دىدىم.
بۇگەپنى دەپ بولۇپ مەن سەل پۇشايمان قىلدىم. مەن ئەسلىدە ئۇلارنىڭ «ئۆزۈڭ چۈشۈپ كولايسەن» دىگەن شەرتىگە ماقۇل بولمىغان ئىدىم. ھازىر ئۇ تەرەپنىڭ ئەھۋالى تېخى ئىنىق ئەمەس، مەن ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاندىن بىرنەرسە دىمىسەم بولمايتتى. بۇلارنى ئويلاپ مەن: « ۋاقتى كەلگەندە كولاش كولىماسلىقنى ئەھۋالغا قاراپ ئاندىن بىرنىمەدەيمەن، ئەگەر ئەھۋال يول قويمىسا كولاي دەپمۇ كولىغىلى بولمايدۇ-دە» دىدىم.
ئۇ مىنىڭ گېپىمنىڭ تىگىدە گەپ بارلىقىنى چۈشەنمەي، ماڭا ئىسىم كارتۇچكىسىنى سۇندى، ۋە :«نىمىلەرنى دەيسىز؟ بىر دوستۇڭ كۆپەيسە بىر يولۇڭ كۆپىيىدۇ، بۇندىن كېيىن شىمال تەرەپلەردە بىرەر ئىشىڭىز بولسامىنى ئىزدەڭ» دىدى.
مەنئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى ئەمدىلا بىر نەچچە مىنۇت بۇلا-بولمايلا ئون نەچچەيىللىق كونا دوستلاردەك گەپ سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن يەنەبىردەم پاراڭلاشسام مەن بىلەن قەسەم ئىچىشتىن يانمايدىغانلىقىنى پەملىدىم-دە گەپنىباشقا ياققا بۇرىماقچى بولۇپ، ھېلىقى خانقىزدىن ئىش چىققان دېڭىز تەۋەلىكىنىڭئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۈم، ھېلىقى خانقىز ھەرھالدا تەجىربىلىك ئىدى، ئۇ بىر قانچەئىشنى مىسال قىلىپ سۆزلىگەن ئىدى مەن ئەھۋالنى ھەرھالدا چۈشەنگەندەك بولدۇم.   ئەسلىدە كەنجى تاغا ئەينى ۋاقىتتا ھېلىقى دېڭىزئاستىدىكى قەبرىنىڭ ئورنىنى ئىنىق جەزىملەشتۈرەلمىگەچكە قەبرە بولۇش ئىھتىماللىقى بولغان تۆت ئورۇننى ئىزدەپ تاپقان ئىدى. قايتا-قايتا بېرىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ بىراق كىمە يوقاپ كەتكەن ۋاقىتتى ئەڭئاخىرقى بىر قېتىملىق دوكلات بىر قەدەر قىسقا بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى  تۇرىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنمىغاچقا يەنە قايتا-قايتا كىلىپ ئىزلەشكەتوغرا كىلەتتى.
 ئۇلار ئۆزلىرى ھازىر تۇرىۋاتقان ئورۇنغا ئەڭ يېقىن بولغان پەرىلەر خادا تېشى دىگەن جايدىن باشلاپ ئىزدەشنى، ئاندىن يوڭشىڭ ئارىلىغا بېرىپ لازىمەتلىكلەرنى تولۇقلىۋالغاندىن كېيىن چىلىيەنيۈ گە يېقىن بولغان باشقا ئۈچ دانە دېڭىز تەۋەلىكىگە بېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئارلىقتا توختاش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيتتى.
 ئىزدەش ئۇسۇلىغاكەلسەك:« شىشانىڭ دېڭىز سۈيى ناھايتى سۈزۈك بولغاچقا، يۇرۇقلۇق ياخشى بولغان ئەھۋالدا 30مېتىر چوڭقۇرلۇقنى كۆرگىلى بولاتتى. يەنە كىلىپ دېڭىز ئاستىدىكى سۇنىڭ ھەركىتى ئادەتتىكىچە ئىدى. بۇنداق بولغاندا ئالدىنقى كۈنلىرى كولاپ قويغان ئۆڭكۈرلەر ئىتىلىپ قالمايتتى.
 بۇ كىمىدىكى كاپىتان بۇ يەردىكى بىر قانچە دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئەھۋالىغا ناھايتى پىششىق ئىدى.بىز ئادەتتە سۇنىڭ يۈزىدىكى ئەھۋال بىلەن سۇ ئاستىدىكى ئەھۋال ئوخشاش دەپ ئويلايمىز، بىراق ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەربىر دېڭىز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ئاستىسۈيىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. ئەگەر دېڭىز تىگىدە يەر شەكلى ئۆزگىرىشلىرى پەيدا بولۇپ قالسا ئۇلار بىر قاراپلا بىلىۋالالايتتى.
 مەن ھېلىقى خانقىزبىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق خانقىزنىڭ سۇ تىگىدىكى ئۈچ ئادەمنىڭ ھېلىھەم ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بايقىدىم.   بىراق بۇ قارىغۇلارچە ئىشىنىشنىڭ نىمە سەۋەبتىن بولغانلىقىنى بىلمەيتتىم،ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇنىڭ دىگىنىدەك كەنجى تاغامنىڭ مۇشۇ دېڭىزدا بۇلىشىنى ئۈمىدقىلاتتىم.
ھېلىقى جاڭ چوقۇرمىنىڭ نىڭ خانقىز بىلەن مۇشۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ ، يالغۇزبىر تەرەپتە بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن خاپا بولغانلىقى ئىنىقچىقىپ تۇراتتى. ئۇ بىر دەمدىلا كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئۇخلاشقا باشلىدى.   بۇ ئادەم گەرچە ئوتتۇرا ياشلاردا بولسىمۇمىجەزى خۇددى كىچىك بالىلارغا ئوخشايتتى، ئۇنىڭ قىلىقلىرى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرەتتى. بۇندىن كېيىنكى سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن ياخشى چىقىشالامدىم يوق بىلمەيتتىم.
 شۇلارنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا كىمە سىلكىندى. ئەسلىدە ئارقا تەرەپتىكى كاپىتان كىمىنىڭ لەڭگىرىنىئېچىپ كىمىنى قوزغاتقان ئىدى. بۇ كىمە ئەسلىدىمۇ بەك كونا بولغاچقا قاتتىق تەۋرىنىشكە باشلىدى. كىمە پەقەت ئوڭ-سولغا تەۋرىنىپلا قالماي ، ئالدى-كەينىگىمۇقالايمىقان تەۋرىنەتتى. كىمە ئۈستىدە تۇرغان ئادەم خۇددى بۈشۈكتە تۇرغاندەك ھىس قىلاتتى.
 كىمە بىلەن خېلى ئۇزۇن ماڭغاچقا، يەنە كىلىپ مۇشۇنداق تەۋرىنىپ تۇرغاچقا ئىختىيارسىز ئەسنەشكەباشلىدىم. ھېلىقى خانقىز مىنى چۈشەنگەندەك ماڭا قارىدى، ۋە :« سىزمۇ بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىڭ» دىدى.   مەنمۇ كۆپ تۈزۈت قىلمىدىم، چۈنكى راستىنلا چارچاپ قالغان ئىدىم. مەن يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتىم.
 مەن ئويغانغان ۋاقتىمدا، كىمە ئاللىقاچان دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىلىپ قالغان ئىدى.   مەن كىمە دەرىزىسىدىن بېشىمنى چىقىرىپ سىرتقاقارىدىم. ھەش-پەش دىگۈچە ھاۋانىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىدىم. پۈتۈن دېڭىزبىردەمدىلا قارامتۇل رەڭگە ئۆزگەرگەن ئىدى، قۇياش قارا بۇلۇتلار ئارىسىدا غايىپ بولغان بولۇپ، بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئاندا-ساندا نۇر چېچېپ تۇراتتى، ئاسماندا غايەت زور ئالتۇن رەڭلىك ھەل بىرىلگەن رەسىمدەك بىر كۆرۈنۈشنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ناھايتى ھەيۋەتلىك كۆرىنەتتى.   بىراق بۇ مەنزىرە ئوزۇنغا بارمىدى. قارابۇلۇتلار ناھايتى تىزلىكتە توپلىشىپ قۇياشنى پۈتۈنلەي تۇسىۋالدى.  دېڭىز بىردىنلا ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرگىدەك دەرىجىدە قاپقارا بولۇپ ئۆزگەردى. دېڭىز دولقۇنلىرى ئۆركەشلەشكەباشلىدى، كىمە دولقۇنغا ئەگىشىپ تەۋرىنەتتى. بىز دېڭىز دولقۇنىغا قاراپ تۇرىۋاتقان شۇ پەيتتە، دېڭىز سۈيى ئاللىقاچان كىمە پالوبىسىغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان ئىدى.بۇ غايەت زور دولقۇن كىمىنى يۇتىۋېتىدىغاندەكلا قىلاتتى. نىمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق-ھە!!
 مەن كىمىدىكىلەرنىڭجىددىيلىشىپ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار ئەشيالار ئوراپ قۇيۇلغان تورنىڭ ئارغامچىسىنى چىڭىتىۋاتاتتى. ھەممە شۇنداق جىددىيلىشىپ تۇرغان شۇ پەيتتەمەن كاپىتاننىڭ ناھايتى تەمكىن تۇرغانلىقىن كۆردۈم. ئۇنىڭ چىرايىدىن قورقۇنۇچتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
 مەن شەچەردە ياشاپكۈنۈپ قالغان بولغاچقا بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ باشقىچىلا روھلىنىپ كەتتىم. مەنمۇدەرھال ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قۇشۇلۇپ ياردەم بىرىشنى ئويلىدىم.  بىراق ئۈستىگە چىققاندا بۇ خىل ئەھۋالدا مۇقىمتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئىنكاسى تىز بولمىغاندا، يەنە كىلىپ كىمىنىڭ تەۋرىنىشيۈنىلىشىگە دىققەت قىلمىغاندا ۋە ئالدىن تەييارلىق قىلمىغاندا دومىلاپ كىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئىنىقكى بۇنداق مۇھىت ماڭا ناتۇنۇش بولغاچقا، بىر نەچچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا قولۇمنى سوزۇپ تۆمۈر ھالقىنى چىق تۇتىۋالدىم.
 دەلمۇشۇ چاغدا بىر نەچچە كىمە خادىمى بىر نەرسىنى كۆرگەندەك ۋارقىراشقا باشلىدى. مەنئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمىگەچكە ئۇلارنىڭ قول ئىشارىتىگە قاراپ كىمىنىڭ سول يانتەرىپىدىكى كۆتىرىلىۋاتقان دولقۇننىڭ كەينىدە بىر نەرسىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم.ئارلىق يىراق بولغاچقا ئىنىق پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى. بىراق ئۇنى بىر كىمە بولساكېرەك دەپ پەرەز قىلدىم.  
 بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى خانقىز مىنىڭ يېنىمدىن تىز-تىز مېڭىپ ئۆتتى، مەن دەرھال ئۇنىڭدىن:« بۇ كىشىلەرنىمىگە ۋارقىرىشىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدىم.  خانقىزنىڭ ئۈستى بېشى ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، چاچلىرى شامالدا قالايمىقان يەلپۈنەتتى. ئۇ ھېلىقى ئادەملەرنىڭ گېپىنى يەنە بىر قېتىم زەن قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن:« ئۇلار بىر كىمىنى كۆرگەن ئوخشايدۇ» دىدى.    بۇ ۋاقىتتا كاپىتان بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى،ئانچە پىششىق بولمىغان ئورتاق تىل بىلەن:« ئاۋۇ تەرەپتىكى كىمىدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ، قائىدە بۇيىچە بىز بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىمىز كېرەك» دىدى.  ھېلىقى خانقىز بېشىنى لىڭشىتتى. كاپىتان ھەمراھلىرىغا يەرلىك تىل بىلەن بىرنىمىلەرنى دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.   كىمىنىڭ يۈنىلىشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچەئۆزگۈرۈپ سول تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. دولقۇنلار ئىچىدىكى دېڭىزتۈزلەڭلىكلەركە، دېڭىز دولقۇنلىرى ئىگىز تاغلارغىلا ئوخشايتتى. بىراق بىزنىڭ كىمىمىز دولقۇنلارنى يېرىپ ئالغا بېسىۋاتاتتى. كىمە ھەر قېتىم دولقۇن بىلەن سوقۇلغاندا كىمىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھۆل بولۇپ كىتەتتى. بىز بەدىنىمىزنىڭقانچە قېتىملاپ دېڭىز سۇلىرىدا چىلىق-چىلىق ھۆل بۇلۇپ كەتكەنلىكىنىبىلمەيتتۇق.      مەن ئەزەلدىن بۇنداق ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدىم. ئىختىياسىز ۋارقىرىغۇم كىلىپ كەتتى.    كىمە ئون نەچچە دولقۇننى يېرىپ ئۆتۈپ، ھېلىقى كۆرۈنگەن نەرسە كۆز ئالدىمىزدا ئاستا-ئاستا نامايەن بولدى. بۇ ۋاقىتتا مەنتۇيۇقسىز كاپىتاننىڭ ئالاقزادە بولغان ھالدا قاتتىق ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.باشقا كىمە خادىملىرىمۇ ھەممىسى ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.  مەن ئالدىراش ھالدا ھېلىقى خانقىزدىن نىمە ئىشچىققانلىقىنى سورىدىم،  ھېلىقى خانقىزمۇكاپىتاننىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆڭۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مىنىڭقولۇمدىن چىڭ تۇتىۋېلىپ، :« ھەرگىز كەينىڭىزگە قارىغۇچى بولماڭ! ئۇ بىر ئالۋاستى كىمىسى ئىكەن!!» دىدى   .
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى