رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك39-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك39-باب

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 1164 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

مەن سەل تىڭىرقاپ قالدىم، شۇنچە ئېغىر تاشنى زادى قانداق بىر نەرسە كۆتۈرگەندۇ؟ مەن كۆڭلۈمدە ئانىڭ ياكى كەنجى تاغام دەپ ئويلىدىم. چۈنكى بۇ قەدىمىي قەبرىدە بىز ئۈچىمىز ۋە ئۇلار ئىككىسىدىن باشقا ئادەم يوق. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قارىسام يۈزلىرى تۈكلەش، بەتبەشرە بىر دېڭىز مايمۇنى بېشىنى تۆۋەنگە ئىگىپ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى قان داغلىرىنى كۆردۈم، يەنە بىردانە يا ئوقى سانجىلىپ قاپتۇ. "قارىغۇنى ياردا قىستاپتۇ" دىگەندەك بۇ نەرسىنىڭ ماڭا رۇدىپايدەك چاپلىشىۋالغانلىقىنى دىمەمدىغان. يۈرىگىم ئىختىيارسىز دۈپۈلدەشكە باشلىدى.
مەن ئالدىمدا بۇ چوڭ خەتەرنىڭ مىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم. دەماللىققا نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم.  بۇ ۋاقىتتا بىرسى مىنىڭ ئىشتىنىمنى تارتتى. مەن تۆۋەنگە قارىدىم، ئۇ بوتولكا ئىدى، ئۇ مىنى تىز قېچىشقا ئىشارەت قىلىۋاتاتتى. دېڭىز مايمۇنىنىڭ گەۋدىسى ناھايتى چوڭ ئىدى، مەن دەرھال ئىسىمنى يىغىپ تۆۋەنگە قاراپ ئۆمىلەشكە باشلىدىم. بۇ ئۆڭكۈر ئەسلىدىنلا تار بولۇپ ھازىرقىدەك جىددىيلەشكەندە ھەركەت قىلىش تېخىمۇ قۇلايسىز ئىدى. مەن شۇنچە كۈچەپ ئارانلا بىر نەچچە قەدەم تۆۋەنگە چۈشتۈم. كىم بىلسۇن شۇ ئەسنادا دېڭىز مايمۇنى بىر ھۆركىرەپلا بېشىنى تۆۋەنگە تىقىپ تىپىرلاشقا باشلىدى. مەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ بەتبەشرە چىرايىنىڭ ماڭا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىشتىنىمغا چىقىرىۋېتەيلا دەپ قالدىم. جىددىيلىشىپ پۇتۇم سىيرىلىپ يېقىلىپ چۈشۈپ كاسام ئۆڭكۈر تېمىغا قاتتىق تەگدى.
كاسام قاتتىق ئاغرىپ تۇرسىمۇ ئاغرىققا چىداپ مۇشۇ پۇرسەتتە سىيرىلىپ يەنە بىرقانچە قەدەم تۆۋەنگە چۈشتۈم. كۆڭلۈمدە ئەمدى قۇتۇلىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىم. دېڭىز مايمۇنىنىڭ بەدىنى چوڭ بولۇپ ئۇ ھەرقانچە قىلسىمۇ بۇ يەرگە كىرەلمەيتتى. كۆڭلۈم ئازراق ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى.  مەن ناھايتى تاتلىق خىيال قىلىپتىكەنمەن، كىم بىلسۇن تۆۋەنگە قاراپ يەنە ئازراق سىيرىلىپ چۈشۈشۈمگىلا سىمىز بىلەن ئىككىمىز دۇقۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇ ئالاقزادە بولغان ھالدا:" ئۈستىگە، ئۈستىگە چىق.. تىز بول ، ھېلىقى چاچ يەنە كەلدى!!!" دەپ ۋارقىرىدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئالدىراش ھالدا ئۇنىڭ كەينى تەرىپىگە قارىدىم. راستلا بىر دۆۋە چاچ ئەڭ ئاخىرقى "" خېتى شەكىللىك جايغا كىلىپ بولغان ئىدى. كۆڭلۈمدە ئەمدى راستىنلا تۈگەشتۇق، نەس باسقان دىگەن مانا مۇشۇ! دىگەنلەرنى ئويلىدىم. بىر تەرەپتە جادۇگەر ئايال ئالۋاستى "سۇمبۇل"چاچلىرىنى ئوينۇتۇپ تۇرغان، يەنە بىر تەرەپتە ھېلىقى بەتبەشرە مايمۇن.....  بارچە كەلگۈلۈك بىزگىلا كىلىۋاتامدۇ نىمە؟     مەن دەرھال چاقماقنى سىمىزگە ئېتىپ بېرىپ ئاۋال چاچلارنى تۇسۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ، ئۆزۈم ئۈستىدىكى ئەھۋالغا قارىدىم.  بېشىمنى ئەمدىلا مىدىرلىتىشىمغا مۈرەم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. بۇرۇلۇپ شۇنداق قارىسام، دەل ھېلىقى دېڭىز مايمۇنى. دېڭىز مايمۇنىنىڭ بەدىنى چوڭ بولغىنى بىلەن ئۇنڭ بوينى ئۇزىرايدىكەن ئەمەسمۇ.    دېڭىز مايمۇنى ئوڭ مۈرەمنى چىشلىگەن ئىدى.
ئۇنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى مۈرەمنى چىشلەپ تۇراتتى، شۇ تاپتا ئاغرىقتىن چىدىيالمايۋاتاتتىم. ئۇ مۈرەمنىڭ تىرىسىنى چىشلىگەن بولۇپ، سۈڭىكىم ساق ئىدى، شۇڭلاشقىمۇ ھەر ھالدا تىپىرلاپ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشماقچى بولدۇم.  مەن ئىمدىلا مىدىرلىشىمغا ئۇ مىنى چىشلىگەن پېتى ئۈستىگە قاراپ سۆرىدى.
دېڭىز مايمۇنى مىنى چىشلەپ ھاۋادا ساڭگىلىتىپ تۇراتتى، قارىغاندا ئۇ مىنى ئالدىراپ ئۆلتۈرمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئەگەر ئۇ كۈچەپ چىشلەپ سىلكىيدىغان بولسا مەن ئىككى پارچە بولماي قالمايتتىم.  مەن قورقۇپ بۇنداق تۇرسام بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ ئويلىنىشقا باشلىدىم.   قانداق قىلىش كېرەك؟    مەن تويۇقسىز ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى مەن ئەينى ۋاقىتتا ئاتقان ئوقيانىڭ سانجىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. بىردىنلا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئوقيانى تەپتىم. دەل جايىغا تەپكەن ئىدىم،  ئوقيا مايمۇننىڭ بەدىنىگە يەنە بىرقانچە سانتىمېتىر سانجىلىپ كىرىپ كەتتى.  دېڭىز مايمۇنى ئېچىنىشلىق ئىڭراپ مىنى قۇيۇپ بىرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى.
مەن چىشىمنى چىشلەپ يەردە يەتتە-سەككىزنى دومىلاپ تۆۋەنگە چۈشتۈم. چۈشكەن ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ يەرگە چۈشكەندىكى ئاغرىقنى ئازراق بولسىمۇ ئازايتتىم. ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم، بىراق ئوڭ قولۇمدا كۈچىيەلمەيۋاتاتتىم.  ھېلىقى دېڭىز مايمۇنى قاتتىق ھۆركىرەپ ماڭا يەنە ئېتىلدى. بۇ قېتىم دەل مىنىڭ بوينۇمنى نىشانلاپ ئېتىلغان ئىدى، قارىغاندا مىنىڭ بوينۇمنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغاندەك.
ئۇ ناھايتى تىز ئېتىلىپ كەلدى. مەن قولۇم بىلەن تۇسىۋالدىم. ئۇندىن باشقا نىمىمۇ قىلالايمەن، ئەگەر قولۇمدا بولسىمۇ توسىۋالمىسام، كاللامنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىغىنىم ئىنىق.  بۇ ۋاقىتتا سىمىز تويۇقسىز ئېتىلىپ كىلىپ دېڭىز مايمۇنىنىڭ پۇتىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى پۇتلىدى، ئىككىسى قۇچاقلاشقىنىچە يەردە دومىلاشقا باشلىدى. سىمىزنىڭ ھەركىتى چاققان ئىدى، ئۇ يەنە ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەندىكى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ دېڭىز مايمۇنىنىڭ دۈمبىسىگە چىقىۋالدى. بىراق ھەرنىمە قىلغان بىلەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ كۈچى زور بولۇپ، ئۇ بىردىنلا سىلكىنىپ سىمىزنى تىپىپ يىراققا ئۇچىرىۋەتتى.
كۆڭلۈمدە"سىمىزمۇ ئۇنى بويسۇندۇرالمىدى، ئەمدى نىمە ئىش بۇلار"دىگەنلەرنى ئويلىدىم. دېڭىز مايمۇنى سىمىزگە قاراپ چىشلىرىنى چىقىرىپ ھۆركىرىدى. ئارقىدىنلا بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ ئېتىلدى. "ھۇ ئاناڭنى ئەبلەخ!! مەن بىلەنلا قالامسەن!؟" دىگەنلەرنى ئويلىدىم -كۆڭلۈمدە.  بىردىنلا قۇرال ئىدىمگە كەلدى،  يېنىمنى سىلىدىم. بىراق باياتىن قىسىلىدىغان تامدىن قۇتۇلۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى چۆرىۋەتكەن ئىدىم، كۆڭلۈمدە مىڭ پۇشايمان قىلدىم.
دېڭىز مايمۇنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالدىمغا كىلىپ بولدى. مەن ئۇ چۇقۇم مىنىڭ بوينى ئۈزۈپ تاشلايدۇ دەپ ئويلىدىم. كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئۆلۈمنى كۈتتۈم. ئۇ خۇددى ئاچچىقى بېسىلمىغاندەك، ئاچچىقىنى راسا چىقىرىۋېلىپ ئاندىن مىنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغاندەك پۇتى بىلەن قۇرسۇقىمغا قاتتىق دەسسىدى. خۇددى ئۇمۇرتقىلىرىم ئۈزۈلۈپ كىتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىدى، ئېغىزىمدىن قان چىقتى، سەزگۈم خىرەلىشىشكە باشلىدى. ئۇ يەنە بولدى قىلماي كۆكرىكىمگە دەسسىمەكچى بولۇپ پۇتىنى كۆتۈردى. دەل شۇچاغدا "گۇم"قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ دېڭىز مايمۇنى قاتتىق ئىڭراپ ئارقىغا بىزقانچە قەدەم ياندى.  مەن بۇرۇلۇپ قارىسام سىمىزنىڭ قولىدا چوڭ بىر مىس ئەينەڭ تۇراتتى. ئەگەر مايمۇننىڭ ئورنىدا ئادەم بولىدىغان بولسا ئۆلگەن بولاتتى. سىمىزنىڭ بۇنداق قاراملىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ قولىدىكى مىس ئەينەك ھېلىمۇ ئاۋاز چىقىرىپ تۇراتتى. مەن كۆڭلۈمدە"ھەرگىزمۇ سىمىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمىسەم بولغۇدەك"دىگەنلەرنى ئويلىدىم.
سىمىز ئارقىدىنلا يەنە ئېتىلىپ بېرىپ مايمۇننىڭ يۈزىگە قارىتىپ قاتتىق كۈچەپ بىرنى سالدى. تاياق زەربىسىدە مايمۇننىڭ يۈزى ياپىلاق بولۇپ قالدى. مايمۇن يەنە بىر قانچە قەدەم كەينىگە ياندى. گەرچە دېڭىز مايمۇنىنى يارلاندۇرالمىغان بولسىمۇ بىراق ئۇ سىمىزنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىنى سەزگەندەك ئەمدى ئېتىلىپ كىلىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بىر دانە تۈۋرۈككە يامىشىپ تۇرۇپ سىمىزگە قاراپ ھۆركىرىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۈستى تەرەپتىكى ئۆينىڭ دەل بوتولكا ئېيتقان پەلەك ئوردىسى شەكلىدىكى ئۆي ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۆينىڭ تۆت تېمىدا ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر بار ئىدى. رەسىملەرنى ئىنىق كۆرۈشكە ئامال بولمىسىمۇ بىراق مەن بۇ دەل ئۇلار 20 يىل ئاۋال كىلىپ قايتقان ئۆي شۇ دەپ جەزىملەشتۈردۈم. بىراق بۇ ئۆي ئۇ ئېيتقاندەك چوڭ ئەمەس ئىدى. ھەيۋەتلىك دىيىشكە بولاتتى، تۆت تۈۋرۈك ناھايتى چوڭ بولۇپ ئۈچ ئادەمنىڭ غولىچى ئاران يىتەتتى. تۈۋرۈككە ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن ئىدى.
سىمىز ئۆز غەلبىسىدىن پەخرلىنىپ:" ھۇ ئاناڭنى چۇپپۇر يۈز مايمۇن! غۇجىكاڭ قانچىلىغان تىرىك مۇردىلارنى ئۆلتۈرگىنىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن، سەندەك بىر چۇپپۇر يۈز مايمۇن مىنىڭ ئالدىمدا نىمە ئىدىڭ!"دىدى. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قولىدىكى مىس ئەينەكنى چۆرىۋەتمەكچى بولدى، بىراق ئۇنى مىدىرلىتالماي ئورنىدا ئىرغاڭلاپ كەتتى.
بۇ دېڭىز مايمۇنى ناھايتى ھىيلىگەر ئىدى، ئۇ سىمىزنىڭ كۈچىيەلمەي قالغانلىقىنى كۆرۈپلا تۈۋرۈكتىن سەكرەپ چۈشۈپ سىمىزنى يەرگە بېسىۋالدى.  سىمىز ھەرقانچە كۈچەپمۇ ئۇنى ئاجرىتىۋېتەلمىدى. دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى سىمىزنىڭ بىر پارچە گۆشىنى يۇلۇپ ئالدى. سىمىزنى قاچان بۇنداق زىيان تارتىپ باققان دەيسىز؟   بىردىنلا كۆزلىرى قىزاردى- ۋارقىرىغىنىچە دېڭىز مايمۇنىنىڭ يۈزىنى قاتتىق چىشلىدى. دېڭىز مايمۇنى چىرقىرىغىنىچە يىراققا قاچتى.
مەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ يۈزىدىن بىر پارچە گۆشنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، توختىماي قان ئېقىۋاتاتتى. ئۇ تېخىمۇ سەگەكلىشىپ يىراقتا تۇرۇپ بىزنى كۆزىتىشكە باشلىدى. خۇددى سىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىزدەۋاتقاندەك.   بۇ ۋاقىتتا سىمىز قاتتىق چارچىغان بولۇپ توختىماي ھاسىرايتتى.
ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرىشاتتى.  بىراق ھايۋان دىگەن بەرىبىر ھايۋان-دە، ئۇنى قانداقمۇ ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ دېڭىز مايمۇنى ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلىدى. بوتولكا ئۆڭكۈر ئېغىزىدىكى تاشنى يۆتكەۋاتاتتى. گەرچە تاش ئېغىر بولسىمۇ ئۇ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئاز-ئازدىن يۆتكەۋاتاتتى.  دەل شۇ پەيتتە دېڭىز مايمۇنى بوتولكىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى.
مەن چۈچۈپ كەتتىم. بۇ نەرسە خۇددى ئادەملەردەك تەپەككۇر قىلالايدىكەن، ياماندىن قورقۇپ يوۋاشنى تاپسا بۇزەك قىلسام دەپلا تۇرىدىكەن دىسە.    مەن:" ئىھتىيات قىل!" دەپ ۋارقىرىدىم.
بوتولكا كەينىدىن ھۇجۇمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دېڭىز مايمۇنى ئېتىلىپ كىلىشىگە بىر موللاق بىلەن يىراققا قېچىۋالدى، دېڭىز مايمۇنى قۇرۇق يەرنى قاماللىدى، ئارقىدىن يەنە بوتولكىغا ئېتىلدى. مەن بوتولكىنىڭ بۇ نەرسىگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلگەچكە ئۇنچىۋالا ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم. ئۇ ئالدىغا بىرقانچە يۈگىرىپ دېڭىز مايمۇنىنى تۈۋرۈككە  يېقىنلاشتۇردى، تۇيۇقسىز بىر سەكرەپلا بىرىنجى قېتىم تۈۋرۈككە دەسسىدى، ئارقىدىن بىر سەكراپلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇسۇل ئوينىغاندەكلا بىر پىرقىراپ ئىككى تىزى بىلەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ مۈرىسىگە قاتتىق تىزلىدى، دېڭىز مايمۇنى زوڭزۇيۇپلا قالدى. دېڭىز مايمۇنى ھېچنىمە بولمىغاندەك دەرھال بەدىنىنى رۇسلىدى. بوتولكا يەنە يەرگە بىر دەسسەپلا چاۋاغا كۈتۈرۈلۈپ ئىككى تىزى بىلەن دېڭىز مايمۇنىنىڭ بېشىنى چىڭ قىسىپ، قولى بىلەن ئۇنىڭ بىشىنى كۈچەپ ئۆزى تەرەپكە تارتتى. "قىرىس" قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ دېڭىز مايمۇنىنىڭ بېشى 180گرادۇس تولغۇنۇپ بويۇن ئۇمۇرتقىسى سۇنۇپ كەتتى.
بۇ بىر قاتار ھەركەتلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا تاماملانغان ئىدى. مەن ۋە سىمىز ئىككىمىز ھاڭ-تاڭ بولغىنىمىزدىن ئىڭىكىمىز چۈشۈپ قالايلا دەپ قالغان ئىدى.
بوتولكا سەكرەپ چۈشۈپلا ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىدىكى تاشنى يۆتكەپ ئۆڭكۈر ئېغىزىنى ئەتمەكچى بولدى. ئۇ بىردىنلا ۋارقىراپ ھېلىقى چاچ يەنە كەلدى، تىز ياردەم قىل دەپ سىمىزگە ۋارقىرىدى. سىمىز يۈگىرەپ بېرىپ كونا ئۇسۇل بۇيىچە چاقماقنى ياندۇرۇپ چاچقا ئوت ياقتى، چاچ كەينىگە ياندى. بوتولكا بىلەن سىمىز ئىككىسى بىرلىكتە ئۆڭكۈر ئېغىزىنى ئىتىۋەتتى. ھېلىقى جادۇگەر ئايال ئالۋاستى تاشنىڭ ئاستىدا قايتا-قايتىلاپ سۇقۇنۇپ باقتى، خۇددى تاشنى پارچىلاپ چىققۇسى باردەك.   سىمىز ئەنسىرىگەندەك ئۆزىنى تاشلاپلا تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالدى.
تاشقا ئۇرۇلغان ئاۋاز ئون نەچچە مىنۇتچە داۋاملاشتى. شۇنچە ئېغىر تاش يەنە سىمىز قۇشۇلۇپ ئۇنى مىدىرلىتالىشى مۇمكىن ئەمەس. تۆۋەندىكى نەرسە بىردەم سوقۇنۇپ بېقىپ جىمىپ قالدى. سىمىز بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ تاشنىڭ ئۈستىدە مىدىرلىماي ياتتى.
مەن خەتەرنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى. بۇ ۋاقىتتا ئوڭ قولۇمنىڭ سىزىمىمۇ خېلى ئەسلىگە كىلىپ قالغان ئىدى.  شۇنداق قىلىپ بۇ خەتەرلەردىنمۇ قۇتۇلۇپ ئۆڭكۈردىن ئامان ئىسەن بۇ قەبرە ئۆيىگە كىرىۋالدۇق.  بوتولكا شەرقى جەنۇب تەرەپتىكى بولۇڭغا قاراپ ماڭدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ئۇ يەردىكى ئەينەك ئاللىقاچان يۆتكىۋېتىلگەن بولۇپ تامدا ئادەمنىڭ بىلىگە كەلگۈدەك قاپقاراڭغۇ بىر تۆشۈك تۇراتتى. قارىماققا ناھايتىمۇ چوڭقۇر بولۇپ نەگە تۇتىشىدىغانلىقى نامەلۇم ئىدى.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى