كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك44-باب
-
كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك44-باب
ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 1441 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كېپەن ئوغرىسىنىڭ خاتىرىسى
بېرىنجى خاتىرە ئىككىنجى بۆلەك :غەزەپ دېڭىزى
44-باب
تەرجىمان : كېپەن ئوغرىسى
‹ نەدىكى قۇيرۇقكەن ؟ مەن ھەجەپ كۆمىدىمغۇ ؟› دېدى مەن سېمىزنى تىخى مېنى ئەخمەق قىلىۋاتقان چىغى دەپ ‹ سەن مىنى ساز قىلما جۇما !›
‹ ماناغۇ › دېدى سېمىز تەمكىنلىك بىلەن :‹ سىنىڭ كۆزۈڭمۇ ئاجايىپ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىپتۇ ، بۇنداق چوقچىيىپ تۇرغان نەرسىنىمۇ كۆرمىدىڭما ؟ ›
مەن سېمىز ئىشارەت قىلغان يەرگە قارىدىم ، جەسەتنىڭ قۇيرۇق سۆڭىكىنىڭ ئستىدە ھەقىقەتەن بىر ئۈچ سۇڭ ئۇزۇنلۇقتىكى قاپقارا قۇيرۇق تۇراتتى ، قارىماققا بىر قېتىپ كەتكەن كالىنىڭ قۇيرىقىغا ئوخشاپ قالاتتى .
غەلىتىلىك ھېس قىلدىم ، بايا يۆتكەش جەريانىدا بۇ نەرسىنى كۆرمىگەندەك قىلغان ، ئەجىبا ھازىر ئۆسۈپ چىقمىغاندۇ ؟
بەلكىم بەك جىددىلىشىپ كەتكەچكە كۆرمىگەندىمەن ، لىكىن كۆڭلۈمگە بىر قورقۇنۇچ كىرىۋالدى ، تۇيۇقسىزلا بۇنداق غەلىتە نەرسە پەيدا بولۇپ قالدى دىسە .
مەن ئۆزۈمنى بۇنداق نەرسىلەرگە قورقۇپ كەتمەسلىككە ئەسكەرتتىم ، بۇ نەرسە بەلكىم قۇيرۇق بولماسلىقى مۇمكىن ، مەن سېمىزگە :‹ سەن بەك بالدۇر قارار چىقىرۋەتمە ، نەدە ئىنساننىڭ قۇيرىقى بولسۇن ، بۇ بەلكىم كىچىك قۇچقىچى بولىشى مۇمكىن ، ئوبدانىراق قارا ! › دېدىم .
سېمىز كۈلۈپ كەتتى :‹ يوقىلە لاتا ، سېنىڭ قۇچقىچىڭ قۇيرۇقۇڭغا ئۆسۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بۇنداق ... بۇنداق ... ›
مەن سېمىزنىڭ نېمە دىمەكچى بولغىنىنى بىلدىم ۋە دەرھاللا گىپىنى بۆلۈپ :‹ بولدى قىلە ، نېمىلىكى بىلەن كارىڭ نىمە ؟ بەرىبىر ھېلى پارتىلىغان ۋاقىتتا ھەممىسى كۆيۈپ كۈل بولىدۇ ، سەن داۋاملىق تەتقىق قىلىۋەرسەڭ ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن باشقىلار بىزنى تەتقىق قىلمىسۇن يەنە › دېدى .
سېمىز گىپىمنى ئاڭلاپ ئۇ نەرسە بىلەن كارى بولماي ، ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى .
مەن ياردەملىشىپ جەسەتنىڭ بېشىنى يەرگە قارىتىپ تۇتۇپ بەردىم ، ھەمدە بېلىمدىكى ئارقاننى يېشىپ ، جەسەتنى تۈۋرۈككە مىڭ تەسلىكتە مۇقۇملاشتۇردۇق ، بىر ھازىرچە بۇنىڭ پارتىلاش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى بىلمەيمىز، لىكىن ھېلىقى كونا دەۋىرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندا ، سۆزلەنگەن زەمبىرەكنىڭ ئون قەۋەتلىك پولات تامنى كۈكۈم-تالقان قىلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ، شۇڭا بۇ نەرسىمۇ خېلى كۈچلۈكمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم .
مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تارتىپ باقتىم ، يەنىلا مۇقۇم بولماپتۇ ، لىكىن پارتىلاتقۇچە بەرداشلىق بېرىشۇ مۇمكىن . مېنىڭ ئۈستىدە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇم يوق ، شۇڭا تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن چۈشۈشكە تەمشەلدىم .
پارتىلاش پەيىتىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ئويلاپ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم ، ئەمدى چىقىپ كىتىشىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش بولماسلىقى ، مۇشۇ ئامالغىلا قاراشلىق ، باشقا ئىشلارنى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دىيىشەرمىز ، ھايات قالساقلا بولدى .
خىيال قىلىپ تۇرسام سېمىز مىنى تارتىۋالدى :‹ توختا ، مەن تېخى قىلىپ بولالمىدىم › دېدى .
مەن ھېلىلا تەكشۈرۈپ بولغان تۇرسام :‹ يەنە نېمە قىلىسەن ؟›دېدىم .
سېمىز مېنى چۈشمەي تۇرۇشىمنى ئېيتتى ، ۋە جەسەتكە قاراپ :‹ قۇيرۇقلۇق پىشقەدەم ئەپەندىم ، سېنىڭ ئادەم ياكى مايمۇن بولىشىڭدىن قەتئىينەزەر ، ئىشقىلىپ غەرىبكە سەپەر قىلىپ بولدۇڭ ، بۇ تېرىنىڭمۇ ساڭا كېرىكى قالمىدى ، بىزنىڭ بەدىنىڭنى پارتىلاتقۇچ ئورنىدا ئىشلەتكىنىمىزمۇ تازا قاملاشمىدى ، لېكىن بۇمۇ ئامالسىزلىقتىن بولىۋاتىدۇ ، سەن بىزگە ئاتا – بوۋا سۈپەت بولغاندىن كېيىن ، كۆڭلى كۆكسۈڭنى كەڭ تۇتۇپ ، بىزنى كەچۈرۋەتكىن ، ھېلى ئۆزەڭنى ساڭناغا چۈشكەندەك ھېس قىلساڭلا بولىدۇ › دېدى ، ھەم جەسەتكە تازىم قىلدى .
مەن كۆرۈپ تېرىكتىم :‹ ئاناڭنى ، مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ نېمە قىلغىنىڭ بۇ ؟›دەپ ۋاقىرىدىم .
سېمىز سېرىلىپ مىنىڭ يىنىمغا چۈشۈپ :‹ سەن چۈشەنمەيسەن ، بۇ نەرسە قارىماققا مۇدھېش كۆرىنىدۇ ، ئۇ بۇ يەردە بىر ئوبدان ئولتۇرسا ، بىز ئۇنىڭ پارتىلاتقۇچ ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىمىز ، ئاچچىقى كېلىپ قالسا چاتاق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئەزەلدىنلا خاتا تۇرسا ، ۋاقتىدا كەچۈرۈم سورىۋالغان ياخشى › دېدى .
مەن ئۇنىڭ تىللاپ :‹ بولدى قىلە ، سەن ئون ئىككى قوللۇق جەسەتنى يۆتكىگەندە ھەجەپ باش ئۇرغىنىڭنى كۆرمەپتىمىنا ، ئۇنىڭ قۇيرىقى ئۆسۈپ قالغىنىغىلا مۇشۇنداق قىلىۋاتامسە ؟ قورقانچاق !›دېدىم .
جەنۇب مەزھېپى بىلەن شىمالى مەزھەپنىڭ ئىختىلاپلىرى مانا مۇشۇنداق چىقاتتى ، سېمىز مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ خاپا بولۇپ ، ھېم دىگىنىچە مەن بىلەن كارى بولمىدى .
بىز يەرگە چۈشكەندىن كېيىن ، بوتۇلكا ئانىڭنى يۈدىۋالدى ، ھەمدە بىزنى قەبرىخانىنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىپ تۇرىشىمىزنى ئېيتتى ، بىز باشقا مىس ئەينەكلەرنىمۇ ئالدىمىزغا قويۇپ ، قالقان قىلدۇق ، ئەگەر پارتىلاش كۈچى بەك چوڭ بولسا ، ئۇششاق تاشلاشنىڭ بىزنى زەخمىلەندۈرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئەمدى بوتۇلكىنىڭ مەرگەنلىك كارامىتىنى كۆرىدىغان ۋاقىت كەلدى ، ئەينى ۋاقىتتا بوتۇلكا تاس قالغان ئۇچقۇر پىچاق بىلەن سېمىزنىڭ جىنىنى ئالغىلى ، بۇ قىتىممۇ چوقۇم دەل تەككۈزىدۇ . ھازىر بىردىن بىر ئۈمۈد قىلىدىغىنىم ، مۇشۇ ئامالنىڭ كارغا كېلىشى .
دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلەش پەسىيىش قانۇنىيىتى بولسا : ھەر 12 سائەتتە بىر قېتىم ئۆرلەيدۇ ، ھەرقىتىم ئۆرلەپ يۇقىرى چەككە يېتىپ ، بىر سائەتتىن كېيىن پەسىيىشكە باشلايدۇ ، ئەڭ پەسلىگەن ۋاقىت ئىككى يۇقىرى چەككە يەتكەن ۋاقىتنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ۋاقىت ، بۇ چاغدا دىڭىز يۈزى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن بولىدۇ ، ھەتتا بەزى ۋاقىتتا دىڭىز ئاستى كۆرۈنۈپ قالىدۇ .
لىكىن بۇ يەرنىڭ دىڭىز ئاستى ئۇنچىلىك تېيىز بولىشى ناتايىن .
مەن تۆۋەن دېڭىز سۈيىنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغىنىنى بىلمەيمەن ، ئىسىمدە قېلىشىچە ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت بولىشى كېرەك . بىز دېڭىز سۈيىنىڭ بۇيەرنى توشتۇرۇپ بولىشىنى ساقلىغىچە خېلى ۋاقىت كېتىدۇ ، شۇڭا بىر مېنۇتنىمۇ ئىسراپ قىلماسلىقىمىز كېرەك .
بۇ بىر قەدەر خوشاللىنارلىق مۆلچەر ، ئەگەر ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالسا ، باشقا ئامال ئىزدەرمىز ، مەن ئويلىغانسىرى قالايمىقان خىيال قىلىۋاتاتتىم ، ئەگەر ئىشلار مىنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولماي ، پۈتكۈل تورۇسنى بىراقلا بۇزىۋەتسە ،مەن بۇ ئىككىسىگە يۈز كېلەلمەيمەن ، سېمىز مىنىڭ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ :‹ راستىڭنى دىگىنە ، سىلەرنىڭ ئازراقمۇ ئىشەنچىڭلار يوق ، شۇنداقمۇ ؟›دېدى .
مەن ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمىدىم ، شۇڭا :‹ ئەمدى بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرەيلى ›دېدىم .
سېمىز ئۇھسىنىپ :‹ ھەي ، سەن جىددىيلەشكەن سىرى ، مەنمۇ بىر قىسىم بولىۋاتىمەن ، ئەگەر ئۇ نەرسە پارتىلىماي قالسا ، باشقا ئامال بارمۇ يوق ؟ بولسا دىگىنە ، ئازراق بولسىمۇ خاتىرجەم بولاي › دېدى .
‹ ئامالغۇ بار ، شۇ سەن بايا دىگەن كەلگەن يولىمىزدىن قايتىش ، ئەگەر ئۇمۇ ئەپلەشمىسە ئامالسىزلىقتىكى بىر ئامال بار ، باشقىلارنىڭ بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ كېتىشىنى ساقلاش › دېدىم .
سېمىز :‹ قانداقمۇ ساقلاپ بولغىلى بولسۇن ؟ ھېچكىم كىرمىسە بىز قانداق قىلىمىز ؟ بىر ئۆمۈر ساقلامدۇق ؟ بۇ يەردە يا يەر تېرىپ جان باققىلى بولمىسا ›دېدى .
مەن سېمىزنىڭ كۆڭلىنى ياساپ :‹ مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ، بۇ قەبرە خەتەرلىك بولسىمۇ ، بىز چىقىپ كېتەلمىسەكمۇ ، تېزلا ئۆلۈپ قالمايمىز ، پەقەت ۋاقىتلا بولسا ، باشتىن پىلانلىغىلى بولىدۇ ، ھامىنى بىر ئامال چىقىدۇ ، سەن بۇ يەرنىڭ چوڭلىقىنى كۆردۈڭمۇ ، ئوكسىگىنمۇ نەچچە كۈن يىتىدۇ ، مېنىڭچە بىر ھەپتىگە بەرداشلىق بېرەلەيمىز . كۆپ ئۇخلاپ ، ئاز ھەركەت قىلساقلا ئوكسىگىن يىتىدۇ ئاچمايدۇ ›دېدىم .
سېمىز :‹ ئاناڭنى ، ئوكسىگىنغۇ يىتە ، قورساقچۇ ؟ سېنىڭ ئاچمامدا ؟ بۇ يا تاغ-ئورمان بولمىسا ، ھاۋا يەپ بوران كىكىرىپ يۈرگىلىمۇ بولمايدۇ . مەن ئىچىم پۇشۇپ ئۆلسەم رازىمەنكى ، ئاچ قېلىپ ئۆلگۈم يوق !›دېدى .
مەن كۈلۈپ كەتتىم :‹ ئامال دىگەننى ئادەم ئويلاپ تاپىدۇ ، قارا بۇ بەدەن شەكلىڭگە ، بىر ھەپتە ئاچ قالساڭمۇ ئۆلمەيسەن ، ئەگەر قورسىقىڭ بەكلا ئېچىپ كەتسە پەستە دىڭىز مايمۇنى بار ، ئۇنىڭغىمۇ تويمىساڭ ، يەنە بىر ئايال ئالۋاستىمۇ بارغۇ ؟› دېدىم .
سېمىز ئاڭلاپ خوشال بولۇپ كەتتى ، بۇ ئەبلەخكە ئۇنىڭ بىلەن ئىتىشىدىغان ئادەم بولسىلا خوشال بولىدۇ ، مىنىڭ مۈرەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :‹ ياخشى ، سېنىڭ بۇ گىپىڭ نەق مىنىڭ ئۇسلۇبىمدەك بولدى ، ئىنقىلاب دىگەننى مۇشۇنداق ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان روھ بولغاندىلا قىلغىلى بولىدۇ ، قارىغاندا بۇ قىتىم سەندە ئىلگىرلەش ناھايىتى چوڭدەك تۇرىدۇ › دېدى .
مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قىلغىنىمدىن ھەيراق قالدىم ، نىمىشقا مەنمۇ مۇشۇنداق تاقا – تۇقا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىم دەيمىنا ، قارىغاندا سېمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالغان ئوخشايمەن ، بولمايدۇ ، سېمىزدەك بولۇپ قالسام قەتئىي بولمايدۇ . شۇزامان سېمىز بىلەن گەپ تالاشماي ، دىققىتىم بىلەن قول سائېتىمگە قاراشنى داۋاملاشتۇردۇم ، يەنە بەش مىنۇت قالدى ، بۇ ۋاقىتتا پارتىلاتساقمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ، مەن بوتۇلكىغا تەييارلىقتا تۇرۇشنى ، ھەرگىز مەغلۇب بولماسلىقنى ئېيتتىم ، ئۇ نەرسە ئەسلىدىنلا تازا مۇقۇم ئەمەس ، ھېلى چۈشۈپ كىتىپ يەردە پارتىلاپ كەتسە ، ھەمىسى تۈگىشىدۇ .
بوتۇلكا قولىدىكى نەرسىنى دەڭسەپ كۆرۈپ بىشىنى لىڭشىتتى ، بۇ چاغدا سېمىز تۇيۇقسىزلا : ‹ ۋوي ... جەسەت قېنى ؟› دەپ ۋاقىرىدى . بىز چاتاق چىققانلىقىنى بىلىپ ، بىشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىدۇق ، ھېلىقى تۈرۈككە جەسەت يوق ، مىنىڭ بىرىنجى ئىنكاسىم بولسا مۇقۇم باغلىماي يەرگە چۈشۈپ كەتكەنمىدۇ دەپ يەرگە قارىدىم ، يەردىمۇ يوق ، ئاناڭنى ، غەلىتە ئىشقۇ بۇ .
بۇنداق پەيىتتە بۇ ئىشنىڭ چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ، بايام بىشىمىزغا كەلگەننى كۆرەمىز دىگەنتىم ، ئەمدى قاندا كۆرىمىزكىن تاڭ .
‹ قاراقارا ، دېمىدىممۇ ، ئاناڭنى ، قۇيرىقى بار نەرسە چوقۇم بىر غەلىتىلىك بار دەپ › دېدى سېمىز :‹ ئىزدەپ باقايلى ، نەدىكىن !›
بىز ئۇ نەرسىنىڭ تۈۋرۈك ئارقىسىدىكى توۋرۇسقا چىڭ چاپلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق ، ئۇ نەرسىنىڭ بەدىنىدىكى قارا تېرىسى يىرىلىپ چۈشىۋاتاتتى ، ئىچىدىن قىپقىزىل بىر نەرسە كۆرۈندى .
مەن بايامقى ئارقاننىڭ تېخىچە ئۇنىڭ بەدىنىدە باغلاغلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ، ئۇ ئارقان غەۋۋاسلىق كىيىمىدىن ياسالغاچقا ، بىر ئادەمنى باغلاپ قويسا چىڭ تۇراتتى ، شۇڭا ئۇ يىراققا قىچىپ كىتەلمىگەن بولىشى مۇمكىن ، لىكىن قارىغاندا ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ .
سېمىز :‹ تېز ، ئۇنىڭ قاچالمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئاۋال پارتىلىتاپ ئاندىن بىر گەپ قىلايلى › دەپ ۋاقىرىدى .
بوتۇلكاغا ئەسكەرتىش كېتەمدۇ ، سېمىزنىڭ گىپى تۈگىمەي تۇرۇپلا ، ۋىڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر نەرسە ئۇچۇپ بېرىپ ، جەسەتنىڭ قورسىقىغا سانجىلدى .
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
- 2015-11-03 16:00:04كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك6-باب
- 2015-11-01 14:35:17كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك20-باب
- 2015-11-10 16:00:01كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك30-باب
- 2015-11-08 16:24:01كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك23-باب
- 2015-11-03 16:00:52كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك7-باب
- 2015-11-26 16:54:30كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك45-باب
- 2015-11-01 14:34:21كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك19-باب
- 2015-11-01 14:51:57كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك28-باب
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-