رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك6-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك6-باب

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 1415 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى خاتىرە ئىكىنچى بۈلەك غەزەپ دېڭىزى


ئالتىجى باب خەينەن
كەنجى تاغام ئون نەچچە يېشىدىلا جاھان كەزدىچىلىكنى باشلىغان ، ئۇنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتكەن ، بىررەر ئىش قىلماقچى بولسا ئۆتكەن قېتىم قەبرە ئوغرىلىغاندىكىگە ئوخشاش ئالدى – كەينىنى ئوبدان ئويلىشىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەييارلايتتى ، مەن بەزىدە ئۇنى بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتكەندەك ھىس قىلىپ قالىمەن ، ئۆتكەن قېتىممۇ تەييارلىغان سايمانلارنىڭ %80 تىنى ھېچنىمىگە ئىشلەتمىدۇق ، بۇنداق يىنىكلىك بىلەن يۈك – تاقنى كۈتۈرۈپلا چىقىپ كىتىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ، مەن ئۇنى تۇسۇۋالاي دەپمۇ تۇسالمىدىم دە :<< ئۈزۈڭگە دىققەت قىل ! >> دەپ توۋلىدىم ، ئۇ جاۋابەن << ھېم >> دەپلا لىفىتقا چىقىپ كەتتى .
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مىھمانخانىنىڭ پۇت يۇيۇش ئورنىدىكى بىر مۇلازىمەتچى مەن بىلەن ھىسابلاشقىلى چىققانىكەن ، ئۇ بۇ مەنزىرىنى كۈرۈپ : << سىزنىڭ بۇ تاغىنىڭىز ئەجەپ سىزدەك جىيەنىدىنمۇ ئالدىراڭغۇ ئىكەن ، ھەتتا سىزنى ئۆزىدىن ئەنسىرىتىپ يۈرۈيدىكەن . >>دىدى كۈلۇپ تۇرۇپ . مىنىڭ بۇنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالىم يوقىدى ، شۇڭا پەقەت كۈلۈپلا قويدۇم ۋە ھىساۋات تالۇنىنى قۇلۇمغا ئالدىم ، ئالدىميۇ تالۇنغا قاراپ يۈزلىرىم قارىداپ كەتتى ، ھىساۋات تالۇنىدىكىسى 4000 يۇەندىن كۆپرەك پۇل ئىدى ، ئىچىمدە << ۋۇ ئانناڭنى ! بۇ قىرى ئەبلەخ تۈنۈگۈن يەنە چۈشۈپ ھېلىقىدەك ئىشلارنى قىپتۇ دە >> دەپ تىللىدىم .
بۇ ھىساۋات تالۇنىغا قاراپ مەن بىر ئاز غەم قىلىدىم ، بۇ بىرقانچى كۈندىن بىرى بىز پۇلنى خېلى ككپ خەجلىۋەتتۇق ، ئەسلىدە كەنجى تاغامنىڭ يانچۇقى خېلى توم ئىدى ،بىراق قەبرىدىن قېچىپ چىققاندىن كىيىن ئۇ پۇلنى سۇدەك خەجلىدى ، يەنە كىلىپ ھېلىقى ئوتكەتكەن ئورمانلىقتىكى كەنىتكە ئازراق ئىئانە قىلدى ، شۇڭا يېىنىدىكى نەق پۇل ئاساسەن تۈگەپ قالغانىدى ، ئىنىڭ بىر ئادىتى شۇكى سىرتقا چىقسا بانكا كارتىسىنى ئېلىۋالمايتتى ، ئۇنىڭ دۇيىشىچە بۇ كونا ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىستىلىمىش ، بۇ بىرنەچچە كۈندىن بىرى يۈزىنى قېلىن قىلىپ مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلەۋەتاتتى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە شىركەت ئۇنىڭغا پۇل ئەۋەتكەندە ماڭا قايتۇرۇپ بىرىمىش ، مەن مۇشۇ ئىشلارنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ << مىنىڭمۇ پۇلۇم قالمىغانلىقىنى ئويلىشى كىرەكتىغۇ ! >> دىدىم كۆڭلۈمدە .
كۆڭلۈم يېرىم ھالدا پورتمالىمنى چىقاردىم ، لىكىن پورتمالىمغا قاراپلا چۈچۈپ كەتتىم ، مەنمۇ پۈتۈن پۇل خەجلەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەنىدىم ، شۇڭا دىققەت قىلماپتىمەن ، پورتمالىمدا پەقەت بىر نەچچە ۋاراقلا تىزا قالغانىدى . پەنزى تا ھازىرغىچە ھۇشسىز ئىدى ، قاچان ھۇشىغا كىلىدىغانلىقىنى بىرنىمە دىگىكى بولمايتتى ، ھېلىقى دۇختۇرنىڭ دىيىشىچە پەنزىنىڭ كىسىلى ئۇنچە ئېغىرمۇ ئەمەسكەن ، ئاساسلىقى پەنزىنىڭ بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە باغلىقكەن ، مەن ھېچ بولمىغاندا ئون – ئون بەش كۈنگىچە بىر يەرگە بارالمايدىغانلىقىمنى بىلدىم ، پەنزى بىر غېرىپ مىسكىن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق ، لىكىن بۇنچىلىك پۇل ھېچنىمىگە يەتمەيدۇ .
ئەڭ يامان بولغىنى ھازىر كۆز ئالدىمدا تۆت خانىلىق ھىساۋات تالۇنى ماڭا قاراپ تۇراتتى ، بۇ بىر ئازاپلىق ئەھۋال بولدى . مەن خىجىل بۇلۇپ ئۇنىڭغا ھازىر يېنىمدىكى نەخ پۇلنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى ، مۇمكىن بولسا سەل تۇرۇپ بانكىدىن ئاجرىتىپ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈم بەرسەم بۇلىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم ، ئۇ مىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بىرى پۇل خەجلىگەندىكى مەرتلىكىمنى كۈرگەن بولغاچقا كۈلۈپ تۇرۇپ :<< ھېچقىسى يوق ئەتە يەتكۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، ئەمىسە سىزنى ئاۋارە قىلماي ، ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ >> دەپ چىقىپ كەتتى .
ئۇچىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم ، ئۆلگۈر پەنزىنىڭ كۈندىلىك داۋالاش دۇرا پۇللىرى تۆت خانىلىق بۇلىۋاتىدۇ ، بۇ قېرى ئەبلەخ كىتىپ بولدى ئەمدى مەن نەگە بېرىپ پۇل تېپىپ ئۇنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تۈلەيمەن ئەمدى ، بوۋايغا تېلىاۇن قىلايمۇ يە ! ياق ياق . بولمايدۇ ، ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلسام ئۇمىنى تىللاپ ئۆلتۈرۋېتىشتىن يانمايدۇ ، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان سودىنىڭ بوش بۇلىشى ئۇنىڭ ماڭا بولغان نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغانىدى ، ھازىر بۇۋاي ئەڭ يارىماس دەپ بىلىدىغان كەنجى تاغام بىلەن قەبرە ئوغۇرلىغى چىققان دىسەم …. ۋاي بولدى بولدى !
مەن ياتاققا قايتقاندىن كىيىن ئىچىم تىتىلداپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز كۈزۈم كارۋاتتىكى سومكىدا تۇرغان ئالتۇن يىپلىق قاشتېشى جەسەت ساندۇقى قېپىغا چۈشتى ، كەنجى تاغام بۇنەرسىن ىناھىيىتى پۇختا ساقلىغان بۇلۇپ ، ماي قەغىزى بىلەن بەش – ئالتە قات ئوراپ قويغانىدى ، مىنىڭ كاللامغا ئانچە ئاقىلانە بولمىغان بىر خىيال كەلدى << قارىغاندا بۇ ئون نەچچە كۈننى ياخشىراق ئۇرۇنلاشتۇرمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ ، بۇ يەردە ھەركۈنى يەپ ئىچىپ ئۇخلاشقىلا بىرمۇنچە پۇل كىتىغان تۇرسا ، ھەركۈنى ئۇلارغا ئاق ھۆججەت بەرگىلى بولمايدۇ دە ! بولمىسا مەن بىرەر ئاسار ئەتىقە سودا بازىرىنى تېپىپ بۇ نەرسىنى سېتىۋىتەي ئاندىن كىيىن پۈتۈن جىنەن شەھرىنى بىر ئايلىنىپ چىقاي ، بۇنداق بۇلغاندا ۋاقىتمۇ ئىسراپ بولمايدۇ >> .
مەن خىيال قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە خىيالىمنىڭ ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، مەن ئەسلىدىمۇ ساياھەت قىلىش مەقسىتىدە بۇيەرگە كەلگەن ، بىراق ھازىر قىلىۋاتقىنىم x ئارخىپىنى تەكشۈرۈشكە ئوخشاپ قالدى ، نىمە ھاجىتى ، بىراق ھازىر ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتتى ئەمدى ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، مەن باشقىلار تەرپىدىن مىھمانخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلسامغۇ ھېچقىسى يوق ، لىكىن پەنزىنىڭ دورىسى توختىتىۋېتىلسە چاتاق بۇلىدۇ ، كۈن تېخى كەچ بولمىدى تىزراق بىرتەرەپ قىلىشىم كىرەك .
مەن زالغا چۈشۈپ مۇلازىمدىن بۇيەردە ئاسار –ئەتىقە ،كونا بۇيۇملارنى ساتىغان جاي بارلىقى سورىدىم ، بۇ مۇلازىم قىزغىنلىق بىلەن مىنى باشلاپ سىتقا چىقتى ۋە ماڭا ياردەملىشىپ تاكسى تۇسۇشۇپ بەردى . ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن مەن شوپۇرغا نەدە ئاسار –ئەتىقە ،كونا بۇيۇملارنى ساتىغان جاي بولسا شۇيەرگە بارايلى دىدىم ، شوپۇر ئۇستام :<< ئۇنداق بولسا سىزنى قەھرىمانلار سودا بازىرىغا ئاپىراي ، ئۇ يەردە خېلى ياىشى نەرسىلەرمۇ بار >> دىدى .
مەن يولدا بارغۇچە بۇ ئۇستام بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ قالدىم ، ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇيەر بىرقەدەر چوڭ بازار بۇلوپ ئاساسلىقى قەدىمى بۇيۇملار ۋە ھۆسنىخەت بۇيۇملىرى توپلاشقان جاي ئىكەن ، ئادەم ناھايىتى كۆپمىش ، ناھايىتى ۋاراڭ – چۇرۇڭ دەيدۇ ،يەنى كىلىپ ساختا مالمۇ كۆپمىش ، بۇ ئۇستام بوش ۋاقىتلىرىدا بۇيەرگە كىلىپ بۇيەردىكى خۇجايىنلار بىلەن قارتا ئويناپ ،ئانچە – مۇنچە پو ئېتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ قۇيىدىكەن .
مەن ئېغىرلىقىدىن ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان ھېلىقى قاشتىشى جەسەت ساندۇقى قېپىنى يۈدۈپ بازار ئايلانغاچ چوڭراق بىرەر ئىشىكنى ئىزدىدىم ، بۇ نەرسىنى ئادەتتكى ئادەملەر سېتىۋالالمايتتى ، چوڭراق ماگىزىنلارنىڭ ئەلۋەتتە ئۈزىگە يارىشا چوڭ – چوڭ خىرىدارلىرى بۇلاتتى ، ئۇداقلا تۇنۇشتۇرۇشنى ھاۋالە قىلساق ، مال سېتىلسا ئۇنىڭغا %20 چاي بەرسەكلا بۇلىدۇ ، بۇجەھەتتە مەنمۇ كەسىپ ئەھلى ، شۇڭا بىرەرى مىنى ئەخماق قىلىمەن دىيىشى مۇمكىن ئەمەس . بىز قەبرىدىن قايتىپ كىلىدىغان چاغدا كەنجى تاغام بىلەن بۇنەرسىنىڭ باھاسى توغرىسىدا سۆزلەشكەن ، كەنجى تاغام بۇ نەرسىنى بىرە مىلىيۇنغا ياراپ قالار ،بۇنداق نەرسىنىڭ باھاسى بار ،بازىرى يوق ، بىرىنجىدىن بۇنداق قىممەت نەرسىنى ئالىدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز ، ئەجنەبىلەردىن باشقا . ئىككىنچىدىن بۇنەرسە بەك چوڭ ، چوڭ نەرسىلەرنى قولدىن چىقارماق كىچىك نەرسىلەرنى قولدىن چىقارغانغا قارىغاندا تەس دىگەنىدى ، ئۇ يەنە << ئەگەر بۇ نەرسىگە خىرىدار چىقسا سەككىز يۈزمىڭغىچە ئالسا قولسىن چىقىرىۋەتسەك بۇلىدۇ >> دىگەنىدى .
كەنجى تاغامنىڭ شۇگەپلىرىگە ئاساسلاغاندا مىنىڭ كۆڭلۈمدىمۇ سان بار ئىدى ، مەن ئۇيەردە ئۇياق – بۇياققا قاراپ كۆپ ماڭمايلا بىر يايمىدا بىردانە مىس ئىسرىقدان قۇيۇلغانلىقىنى كۆردۈم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم سىياقى چۈشۈرۈلگەنىدى ، مەن قاراپلا ھەيران قالدىم ، ئۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرسىقى يوغان بولۇپ ، كەنجى تاغام تىلغا ئالغان قەبرە تېمىدىكى رەسىملەر بىلەن ئوخشاش ئىدى ، مەن ئىڭىشىپ تەپسىلىراق قاراپ باقماقچى بولدۇم ، بۇ ۋاقىتتا خۇجايىن چىقىپ :<< ئو ھوي ! سىز راستىنلا مال تۇنۇيدىكەنسىز ،مىنىڭ يايمامدا پەقەت مۇشۇ نەرسىلە پۇلغا يارايدۇ ! >> دىدى .
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭ بىر ساختىپەز ئىكەنلىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن : << بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيولغىنى نىمە ؟ نىمانداق غەلىتە ،تورقۇدىن قارىغاندا خەينەندىن كەلتۈرۈلگەن ئوخشىمامدۇ ؟>> دەپ سورىدىم .
ئۇ ئادەم مىنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ،چىرايى ئۆزگەردى ھەمدە ئالدىراپ مىنى دۇكان ئىچىگە تەكلىپ قىلدى دە : << بۈگۈن راستىنلا كەسىپ ئەھلىگە ئۇچراپتىمەن ، بۇنەرسىنى ئۇ يەردە قۇيۇپ قويغىلى بىر يىل بۇلاي دىدى ، سىز تۇنجى سىنچىلاپ قارىغان ئادەم ، توغرا بۇ ھەقىقەتەن خەينەننىڭ مېلى .>> دىدى .
قەدىمى بۇيۇملا سۇدىسى قىلىدىغانلارنىڭ ئېغىزى تاتلىق بۇلىشى ئىنىق ، مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۇنىڭ ھازىرقى گەپلىرىنىڭ راسلىقىنى ، ياكى پەقەت ئاشۇ نەرسىنى ماڭا سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا دىگەن گىپى ئىكەنلىكىنى زادىلا بىلەلمىدىم ، مىنىڭ بۇ توغرۇلۇق بىلىدىغىنىم كۆپ ئەمەس ،كەسىپ ئەھلى سىياقىغا كىرىۋالسام ئاشكارىلىنىپ قېلىشىم ئىنىق ، شۇڭا :<< كەسىپ ئەھلى ئەمەس ! كەسىپ ئەھلى ئەمەس ! ئاشۇرۋەتتىڭىز ، مەن بۇ نەرسىنى خەينەندە كۆرۈپ ناھايىتى غەلىتە ھىس قىلغانىدىم ، بۇ نەرسىنى نىمە دەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن .>> دىدىم .
ئۇ ئادەم مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ بىر ئىستاكان چاي كەلتۇردى ھەمدە : << بەك كەمتەركەنسىز ، ئەگەر سىز راستىنلا بىلمىسىڭىز ھېقىسى يوق ، مەنسىزگە دەپ بىرەي ، بۇ ئىسرىقداننىڭ ئۇستىگە ئۇيۇلغىنى بىرخىل ئالۋاستى ، ئۇلار بۇ نەرسىنى < نەەر بەنىت قىلىنغان مۇماي > دەپ ئاتايدۇ ، بۇنىڭ كىلپچىقىشىنى سۆزلىسەك گەپ ئۇزۇن ، سىز راستىنلا قىزىقسىڭىز مەن سىزگە باشتىن سۆزلەپ بىرەي . >> دىدى .
مە ن قىزىق ئويۇن چىقىۋاتقانلىقىنى پەملەپ ، مەن ئىسرىقداننى راسلا ئالىدىغان قىياپاتكە كىرىپ بېشىمنى لىڭشىتتىم . ئۇ ماڭا سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ دەپ قول ئىشارىتى قىلىپ بېرىپ مال جازىسىغا تىزىلغان ئسرىقداننى چاي ئۈستىلىگە قويدى ، شۇئان بۇرنۇمغا بىرخىل ناھايىتى خۇشبۇي ھىد ئۇرۇلدى ، مەن ھەيران بولدۇم ، ئۇ ھى ھى دەپ كۈلۇپ :<< بۇ خۇشپۇراق ئالاھىدىمىكەن ؟ >> دەپ سورىدى .
<< ئىچىدىكى قانداق خۇشپۇراق ماتىريال ئۇ ؟ >> دەپ سۇرىدىم مەن .
ئۇ ئىسرىقداننىڭ ئېغىزىنى ئاچتى ، مەن ئىسرىقداننىڭ ئىچىگە قارىسام كىچىككىنە تاشقا ئوخشايدىغان بىر قارا نەرسە تۇراتتى ، مەن ھاڭۋېقىپلا قالدىم ، ئۇ مىنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۈرۈپ كۈرەڭلىك بىلەن :<< بۇ بولسا دەل < نەزەر بەنىت قىلىنغان موماي > نىڭ سۆڭىكى ، بۇ خۇشپۇراقنى سۈڭەك ئەنبەر دەيمىز . بىراق بۇنەرسە ياخشى نەرسە جۇمۇ ، سىز ئۇخلىغان ۋاقىتتا بۇنى بېشىڭىزدا قۇيۇپ قويسىڭىز ، ناھايىتى ھۇزۇرلۇق ئۇخلايسىز ! >> دىدى .
مەن تۇيۇقسىز بىر ئاز كۆڭلۈم ئېلىشقاندەك ھىس قىلدىم ۋە :<< بۇ موماي زادى قانداق نىمە ؟ ئۇنىڭ سۈڭىكىنى پۇراپ ئۇخلىساق ، بۇ ئانچە ياخشى بولماسمىكىن ! >> دىدىم .
ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :<<بۇ < نەزەربەنىت قىلىنغان موماي > دىگەن ئەمىلىيەتتە بىر كەڭ ئۇقۇم ، يەنى بىر خىل يامان نەرسىنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئاتىلشى ، ئۇ يەرلىك ئادەملەر ئاغرىپ قالسا ياكى يارلانسا ھەممىسى بۇنى شۇ < نەزەر بەنىت قىلىنغان موماي > نىڭ زىيانلكەشلىكى دەپ بىلىدۇ ، سىز ئۇنى قانداق نەرسە دىسىڭىز مەنمۇ تازا ئىنىق تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن ، ئىشقىلىپ ئۇنى بىر قەبىھ ئالۋاستى دىيىشكە بۇلىدۇ . >> .
<< بۇ شۇ نەرسىنىڭ سۈڭىكى دەڭا؟بۇ نەرسە قەيەردىن كەلتۈرۈلگەن ؟ ئېغىزى ئۈستىدىكى كىرگە قارىغاندا بۇ دېڭىز مېلى ئوخشىمامدۇ ؟ >> دىدىم مەن قۇشۇمامنى تۈرۈپ.
ئۇ ئادەم سەت ھىجىيىپ :<< ئۆزىڭىز كەسىپ ئەھلى ئەمەس دەيسىز تېخى ! كۆزىڭىز باركەن ، بۇ نەرسىنى بىر بىلىقچى دېڭىزغا تور سالغاندا سۈزۈۋالغانىكەن ، بىراق ئاز تېپىلىدىغان نەرسە قىممەت بۇلىدۇ ، دەرۋەقى ئۈستىدە ئازراق دېڭىز كىرى بار ، لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇ قىممەت نەرسىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە ! >> دىدى .
مىنىڭ يېنىمدىكى پۇل ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى ، شۇڭا << ھەي ! ئەپسۇس ، مەن ئەزەلدىن پاكىزە نەرسىلەرنى يىغىمەن ، بۇ دېڭىز مېلىنى مەن ئالمايمەن ، ئەگەر ساتاي دەپ قالسىڭىز مەن ماۋۇ سۈڭەك ئەنبەرنى ئالاي قانداق ؟ >> دىدىم
بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگەردى ۋە دەرھاللا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ << بۇنىڭدا قانداق بۇلىدۇ ! سىز بۇ ئەنبەر ئېلىپ كەتسىڭىز ، مەن بۇ ئىسرىقداننى نەگە ئاپىرىپ كىمگە ساتىمەن ؟ >> دىدى .
مەن بۇنەرسىنىڭ ئۈستىگە چاڭ –تۇزاڭ قۇنۇپ كەتكىنىگە قاراپ بۇنى تىزىپ قۇيغىلى خېلى بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم ، بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بازىرى كاسات ،قولدىن چىقارماق تەس ، ئادەتتە سېتىۋالغۇچىلار بۇنداق نەرسىلەرنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ ، ئەنسىز يىللاردىكى ئالتۇن كۈمۈش ،گۈللىنىش دەۋرىدىكى بۇيۇم دىگەنلەر ساتقىلى بولمايدىغان نەرسىلەر ، دۇكان خۇجايىنىمۇ ئۈنچە قىلىپ كەتمىدى ، مەن بېشىمنى چايقاپ << مەن بۇ نەرسىنى سېتىۋالغىنىم بىلەنمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق ، توختا مەن ھېلىقى جەسەت ساندۇقى قېپىنى ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈپ باقاي ، مۇبادا ئۇ سېتىۋالغۇچى بىلەن ئالاقىلىشالىسا بۇنەرسىنى ماڭا بىرىۋىتەمدۇ تېخى ! >> دەپ ئويلاپ :<< بۇ لىدۇ ، بىز ئاۋال بۇنى قۇيۇپ تۇرايلى ، مەن سىزگە بىر نەرسىنى كۆرسىتەي >> دەپ ئۇنىڭغا قاشتېشى جەسەت ساندۇقى قېپىنىڭ بىر بۇرجىكىنى چىقىرىپ كۆرسۈتۈپ قويدۇم ، ئۇنىڭ كەسىپ ئەھلى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىپادىسىگە قاراپلا بىلگىلى بۇلاتتى ، ئۇ بۇ نەرسىنى كۈرۈپلا چىرايى ئۆزگەردى ، ھەمدە گەپ قىلمايلا نەرسىنى يۆگىدى ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ماگىزىننىڭ يىغما ئىشىك دەرىزىلىرىنى تارتىۋېتىپ كىلىپ ، مىنىڭ چېيىمنى تۈكىۋېتىپ قايتىدىن بىر ئىستاكان چاي دەملىدى ، مەن چاينى پۇراپلا :<< ۋۇ ئانناڭنى ، ئالى دەرىجىلىك تىيې گۈەن يىن چېيى كەنغۇ ! قارىغاندا مەن بىر قېتىم ئالدىنىپ بوپتىمەن دە ! >> دەپ ئويلىدىم .
ئۇ پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتىۋېتىپ :<< ئۇستام ! ئۆزلىرىنىڭ نام - شەرەپلىرى نىمىكىن ؟ >> دىدى .
مەن ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ يالغۇز تىجارەت قىلىدىغان ئادەتتكى تىجارەتچى ئەمەسلىكىنى بىلدىم ، يەنە كىلىپ ئۇ بىر قاراپلا بۇ نەرسىنىپ قەبرىدىن ئوغرىلاپ كىلىنگىنىنى بىلدى ، شۇڭا مەنمۇ ئاخسالىق بىلەن :<< پېقىرنىڭ فەمىلىسى ۋۇ ، خۇجايىن ئۆزلىرىنىڭ نام – شەرەپلىرى نىمىكىن ؟ >> دەپ سورىدىم ، ئۇ ئادەم :<< مىنى لاۋ خەي دەپ چاقىرسالا بۇلىۋىرىدۇ ، ئۇنداقتا ، ۋۇ ئۇستام بۇنەرسىنى قولدىن چىقارماقچىمۇ ياكى مىنىڭ كۈزۈم ئېچىپ قۇياي دىدىلىمۇ ؟ >> دەپ سورىدى .
<< ئەلۋەتتە قولدىن چىقىرىمەن ، بۇ نەرسىنى يېنىمدا ئېلىپ يۈرسەم قۇلۇمنى كۆيدۈرىدۇ !>> دىدىم مەن جاۋابەن .
ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق –بۇياققا بىرقانچە قېتىم ماڭغاندىن كىيىن ،پۈتۈنمۇ ياكى ،،؟ >>دەپ سورىدى .
مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ : << ئازراقمۇ كەم ئەمەس ، تېخى يىڭىلا قاسقاندىن چىققان تېخى قىززىق >> دىدىم .
ئۇ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇرۇپ پەس ئاۋازدا << ۋۇ ئۇستام ، مەن تۈز گەپ قىلىدىغان ئادەم ، مەن شۇنداق دەپ كىسىپ ئېيتالايمەنكى سىزنىڭ بۇ نەرسىڭىزنى پۈتۈن قەھرىمانلار سودا بازىرى تەۋەسىدە وەقەت مەنلا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايمەن ، بىراق بۇيەردە بۇ نەرسە توغرۇلۇق سىز بىلەن باھا تالىشىپ ئولتۇرىشىمىز بىھاجەت ، گۈھەر بىباھادۇر ، سىز كۆڭلىڭىزدىكى دەڭ قانچىلىك ئالىسىز ؟ مەن دوستۇمغا تېلىفۇن قىلىپ سىزگە ئالاقىلىشىپ بىرەي . >> دىدى .
مەن كۆڭلۈمدە قانداقلا بولمىسۇن بىرەر مىلىيۇننى ئېلىشىم كىرەك ، داكۇينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە 300 مىڭنى بەرسەم . پەنزى دوختۇرخانىدا ئاز دىگەندىمۇ 200مىڭى كىتىدۇ ، سىمىزمۇ ئاللىبۇرۇن ، نەرسىنى قوللدىن چىقارغاندا پۇنلى كارتىغا ئۇرىۋىتەرسىلەر دپ قايتقان ، بۇنداق ئادەم ئاز دىگەندىمۇ 100مىڭدىن ئارتۇقراق تەلەپ قىلىدۇ . ماڭا كەلگەندە ئۈزۈمنىڭ جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قۇيۇپ ئېلىشقىنىمنى ئويلاپ بەكلا ئاز ھىس قىلىدىم . بىراق كەنجى تاغام << قەبرە ئوغۇرلاش مۇشۇنداق خەتەرلىك ئىش ، بىراق بۇئىشنى بىرقېتىم قىلساڭ يەنە بىرقېتىم قىلغۇڭ كىلىدۇ ، سەن بىر قەبرىگە چۈشۈپ ئوغۇرلاپ كەلگەن نەرسەڭ ھەر قانچە قىممەتلىك بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا خىرىدار چىقمىسا ئۇۋااقىتتا ئۇ ئەخلەت ھىسابلىنىدۇ . >> دەيتتى ،شۇڭا ئۇ ئەزەلدىن بەك ئىسىل نەرسىنى ئالمايتتى ،ئالسىمۇ ئۇنى قولدىن چىقارغىلى بولمايتتى .
مەن بىر مىلىيۇن بولسا بولار دەپ پەررەز قىلىپ لاۋ خەيگە بىر بارمىقىمنى كۆرسەتتىم ، ئۇ بۇنى كۈرۈپ خۇشال بۇلۇپ كەتتى ، بۇنى كۈرۈپ < ئەرزان دەپ قويدۇممۇ نىمە ؟ > دەپ بىر ئاز ئىچىم پۇشتى . لاۋخەي تېلىفۇننى قولىغا ئېلىپ بىربۇلۇڭغا بېرىپ بىرسىگە تېلىفۇن قىلىپ پەس ئاۋازدا بىر نىمىلەرنى دىيىشكەندىن كىيىن ،خۇشاللىقىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ << پۈتتى ! پۈتتى! ۋۇ ئۇستام تەلىيىڭىز باركەن ، بۇ نەرسىنى بىر ئادەم خىېلىدىن بىرى ئىزدەۋەتقانىكەن ، بۇ نەرسە بىر مىلىيۇنغا ئەرزان ، ئىككى مىلىيۇنغا قىممەت ، شۇڭا مەن سىز ئۈچۈن بۇنى بىرمىلىيۇن 200 مىڭ دېدىم ، قانداق سىزنىڭچە بوپتۇمۇ ؟>>دىدى .
مەن ئاڭلاپلا كۆڭلۈمدە < سىنىڭ قانچە پۇل دىگىنىڭنى كىم بىلىدۇ ، باھاسىنى بىرھەسسە ئۆستۇرۇپ مەلۇم قىلدىڭمۇ تېخى بىرنىمە دىمەك تەس ! > دەپ ئويلۇدۇم ، بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن مىنىڭ قىياسىمدىكىدىن 200مىڭى كۆپ بولغاچقا كۆڭلۈم يەنىلا خۇشال ، مەن ئۇنىڭدىن << ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۈلۈشىڭىز يەنىلا كونا قائىدە بۇيىچە بۇلامدۇ ؟ >> دەپ سورىسام ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :<< سىزدىن يۇشۇرمايمەن ، قارشى تەرەپ ماڭىمۇ قۇشۇپ ئەۋەتىدۇ ، بۇ بىرمىلىيۇن 200 مىڭنى سىز ئېلىىڭ ، سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى يارىغا قارىسام بۇنەرسىنى خېلى تەستە ئېپ چىققاندەك قىلىسىز ، پەقەت مىنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بۇلىدۇ ، كىيىنكى قېتىم مۇشۇنداق نەرسىلەر بولسا ، باشقىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يۈرمەي ئۇدۇللا مىنىڭ يېنىمغا كىلىڭ ، مەيلى سىز قانچە باھا قۇيۇڭ مەن سىزگە %20 ئۆستۈرۈپ بىرىمەن بىرىمەن ، بىلىشىڭىز كىرەككى مىنىڭ كەينىمدىكى ئاساسلىق خىرىدارىم كاتتا باي . باشقىلار ئېلىشقا پېتىنالمىغاننىمۇ ئالىدۇ . >> دىدى ، ئۇمىنىڭ بىرئاز جىددىلىشىۋاتقىنىمنى كۈرۈپ ، ئالدىراپلا << بىر ئاز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ، مەن سىزگە پۇلنى تەييارلاپ بىرەي ، مىنىڭ بۇ يايمامنى كىچىك كۆرمەڭ ، بىرە ئىككى مىلىيۇن دىگەن چىقىدۇ ، ھازىرلا سىزگە ئاچىقىپ بىرەي .>> دەپ ئىچكىرىگە ماڭدى .
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، گىپى ئەجەپ چوڭكىنا ، قەدىمكىلەرنىڭ << ھەر تۈرلۇك كەسىپ بار ، ئاسار ئەتىقە سودىسى خان سانىلار !>> دىگەن سۆزى راستكەن ، قارىغاندا بۇئەبلەخ ىېلى مەر نىمە ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم ۋۇ دەرھاللا <<توختاڭ ! ئۇنداقتا ماۋۇ ئوچاقنى ؟ بۇنى ماڭا بەرمىسىڭىزمۇ بىر باھا قويمامسىز ، مەن بىراقلا سېتىۋالاي . >> دىدىم .
ئۇ ئادەم ئېلىپ كىتىڭ دەپ قول ئىشارىتى قىلغاچ ، كۈلۈپ << سىز ياقتۇرغان بولسىڭىز ئېلىپ كىتىۋىرىڭ ، سىزگەقىلغان سوۋغام بۇلۇپ قالسۇن ، سىزدىن يۇشۇرمايمەن ، مەن بۇنەرسىنى بەش يۇەنگە سېتىۋالغان ، بايىقى گەپلارنىڭ ھەممىسى سىزنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن دىيىلگەن . >> دىدى .
ئۈچ سائەتتىن كىيىن مەن نۇرغۇن پۇلنى ئېلىپ ،خۇشاللىقتىن بېشىم كۆككە يەتكەن ھالدا مىھمان خانىغا بارغىنىمدا ئىشىك تۈۋىدىكى كۈتكۈچىلەرگىمۇ پەرۋا قىلماي ماڭدىم ، كەينىمدە بەزىلەر << قاراڭلا ماۋۇ ئەبلەخنى ، لاتارىيەدىن بەش مىلىيۇن چىقتىمۇ نىمە ، خۇشاللىقىدىن كۈلۈپ كۆزلىرىنىمۇ ئاچالماي قاپتۇ . >> دەپ مۇلاھىزە قىلىپمۇ ئۈلگۈردى .
مەن ياتاققا كىرىپ پۇلنى رەتلىگەندىن كىيىن مىھمانخانىنىڭ بارلىق قەرىزلىرىنى ئۈزدۈم ، ئاندىنكىيىن دوختۇرخانىغابېرىپ پەنزىنىڭ بىر ئايلىق داۋالىنىش كۈتۈنۈش پۇلىنى تاپشۇردۇم ، سىمىزگە پۇل سالدىم ، ئاندىن تەنتەنىلىك ھالدا ئۈزۈمگە تەئەللۇق بولغىنىنى ، يەنە كەنجى تاغامنىڭ مەندىن قەرز ئالغىنىنىمۇ قېتىپ ئۈزۈمنىڭ بانكا كارتامغا ئۇرىۋەتتىم . كۆڭلۈم ئاخىرى ئارامىغا چۈشتى .
بۇ بىرنەچچە كۈندىن بىرى چىرايلىق ساياھەت يىتەكچىسىدىن بىرنى تېپىپ ،جىنەننىڭ ھەممە جايلىرىنى بىرقېتىم ئايلىنىپ چىقتىم ، مەن خاڭجۇدىن كەلگەندىن بىرى ، ئادەم مەنزىرىسىنى كۆپ كۈرۈپ كەتتىم ، بارغانسىرى قىزىقىشىم قالمىغىلى تۇرغانىدى ،شۇڭا بىر بىلىقچىلىق مەيدانىنى تېپىپ بىلىق تۇتتۇم ، بۇ بىرنەچچە كۈن مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ راھەت كۈنلەر بولدى ، بىراق ئادەم دىگەن بەك رەزىلكەن ، مەن مۇشۇ راھەت ئۆتكەن كۈنلىرىمدە ، قەبرە ئوغرىلىغاندىكى شۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى بىر ئاز سېغىنىپ قالدىم .
قۇرۇق گەپنى تۇلا قىلماي ، مۇشۇنداق راھەتلىك تۇرمۇش تەخمىنەن بىر ھەپتىدەك داۋاملاشتى ، مەن بىلىق تۇتۇش مەيدانىدىن قايتىپ ياتاققا كىرگىنىمدە ياتاقتىكى تېلىاۇن سايراۋاتقانىكەن ، مىنىڭ بۇ مىھمانخانىدىكى ياتىقىمنىڭ تېلىفۇن نۇمىرىنى پەقەت كەنجى تاغاملا بىلەتتى ، مەن ئۇنى ئىشنىڭ قاش كىرپىكىنى ئايرىپ بولغان چېغى دەپ ئويلاپ ، ئالدىراش بېرىپ تېلىفۇننى ئالدىم ، لىكىن تېلىفۇننى ئېلىپلا ھايران قالدىم ، قارشى تەرەپ بىر ناتۇنۇش ئەر كىشى ئىدى ، ئۇنىڭ بىرىنجى ئېغىز سۈزى :<< سىز ۋۇسەنشېڭ ئىسىملىك بىرىنى تۇنۇمسىز ؟>> دىگەن گەپ بولدى ،
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بىر ئاز جىددىلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم – دە ئالدىراپلا : << تۇنۇيمەن نىمە بولدى ؟>> دەپ سورىدىم .
<<ئۇ يۇقاپ كەتتى .>> دىدى سېلىقى ئادەم .
مەن بۇنى ئاڭلاپلا بېشىم پىرقىرىدى ، ئالدىراپ ئۇنىڭدىن سورىدىم : <<بۇ نىمىگەپ ؟ قانداقسىگە ئۇنى يۇقاپ كەتتى دىيسىز ؟ >> .
<< ئۇ بار كىمىنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغىلى ئون كۈن بولدى ، سىز ئۇنىڭ نىمىسى بۇلىسىز ؟ >> دىدى ھېلى ناتۇنۇش كىشى .
<<مەن ئۇنىڭ جىيەنى >> دىدىم جاۋابەن .
ھېلىقى ناتۇنۇش كىشى << ئۇنداقتا سىز دەرھال خەينەنگە بىر كەلسىڭىز بوپتىكەن !>> دىدى .
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى