رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك26-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك26-باب

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 785 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن سىمىزنىڭ "تىرىك دەپنە قىلىش" توغرىسىدىكى گېپىنى ئەمدىلا چۈشۈنۈپ تۇرىشىمغا، بوتولكا بۇ گەپنى چىقاردى، يەنە كىلىپ گېپىنىڭ باش-ئاخىرى يوق. مەن دەماللىققا ھېچنىمى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭدىن بۇنىڭ زادى نىمە گەپلىكىنى سورىدىم.
بوتولكا جەسەت ساندۇقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:" سەن ئۇلارنىڭ بېشىغا تەپسىلىرەك قاراپ باققىنە، زادى نىمە پەرقى باركىن؟" دىدى.
مەن ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم. ئالتە ئادەمنىڭ بېشىنى كۆردۈم، بۇ ئادەم باشلىرى خۇددى ئۈزۈمدەك بىر چوڭ ئادەم گەۋدىسى ئۈستىدە ئېسىلىپ تۇراتتى. ناھايتى يىرگىنىشلىك بولغاندىن سىرت باشقا ئالاھىدە ئىش يوقتەك قىلاتتى. مەن بېشىمنى چايقاپ بوتولكىغا ھېچنىمىنى بايقىمىغانلىقىمنى ئېيتتىم.  ئۇ مىنى يەنىمۇ تەپسىلىيرەك قاراشقا بۇيرىدى. مەن تېخىمۇ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم. ئاخىرى بنىر ئىشنى بايقىغاندەك بولدۇم.
 ئەسلىدە بۇ جەسەت سۈڭەكلىرى ئارىدىكى ئەڭ ئۈستىدىكى بىرىنىڭ باش، پۇت-قول دىگەندەك ئەزالىرى تولۇق بولغاندىن سىرت قالغانلىرىنىڭ بېشىدىن باشقا ئەزالىرى كۆرۈنمەيتتى. ھەتتا باش سۈڭىكى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. قارىماققا باش سۈڭىكى ئۈستىگە گۆش پارچىسى ئۈسۈپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.
 مانا ئەمدى  ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. مەن ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە يەنە داۋاملىق قاراشقا باشلىدىم.  ھەربىر ئادەم قولىنىڭ بۇغۇملىرى بىر ئادەم گەۋدىسى ئۈستىگە قاتار قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندەكلا قىلاتتى. بۇ گەۋدە خۇددى كىرئالغۇغا سېلىپ يۇيۇپ بولغان كىيىمنى تولغاپ سىققاندەك تولغۇشۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساندۇقنىڭ قارا رەڭلىك سۇيۇقلۇق بىلەن تۇشۇپ ئىنىق كۆرگىلى بولمىغاچقا قارىماققا نۇرغۇن ئادەمنىڭ جەسىتىگە ئوخشايتتى.
قارىغانسىرى تىنىم شۈركىنىشكە باشلىدى. بۇ ساندۇقتا ياتقان 12دانە پۇتى ۋە قولى بار غەلىتە نەرسىنىڭ كىلىش تارىخى ۋە سالاھىيىتى يەنە بىر سىر ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق غەلىتە نەرسە قانداق قىلىپ بۇ ساندۇق ئىچىگە دەپنە قىلىنغاندۇ؟
 سىمىزمۇ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك تىلىنى چاپقىنە:" ۋاي ئانىمەي! بۇ ئادەم ئەمەس بەلكى بىر قۇرت ئىكەن ئەمەسمۇ؟" دىدى. ئۇنىڭ بۇ سۈپەتلىشى خېلى جايىدا بولدى.      " ھازىر سۇ توسىۋالغان بولغاچقا ئىنىق كۆرگىلى بولمايدىكەن، تېخى ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇنداق چوڭ غەلىتە جانىۋارنى ئاتا-ئانىسىمۇ قورقۇپ توغۇلىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ"دىدىم مەن.
 " مۇتلەق شۇنداق دىيىشكىمۇ بولمايدۇ" دىدى- بوتولكا.        مەن بېشىمنى چايقاپ قويدۇم. بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. " ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس، مىنىڭ دىگىنىمدەك يان تەرەپتىكى ئۆيىدىن ئىدىش قاچا ئېلىپ چىقىپ ساندۇقتىكى سۇنى چىقىرىۋېتەيلى، شۇنداق قىلساق ئىنىڭ كۆرەلەيمىز. يەنە كىلىپ بۇ جەسەتنىڭ ئاستىدا بىر تاش تاختاي باركەن، ئۇنى ئېلىپ كۆرۈپ باقساق تەلىيىمىزگە بىرەر يېڭى ئەھۋال بايقاپ قالامدۇق تېخى" دىدى- سىمىز.
 مەن ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى خېلى ئورۇنلۇقتەك ھىس قىلدىم. راست گەپنى قىلسام بۇ دېڭىز ئاستى قەبرىسىگە كىرگەندىن بۇيان بىرەر تال يېزىق ئويۇلغان نەرسىلەرنى ئۇچرۇتۇپ باقمىدۇق، قەبرە ئىگىسىگە بولغان چۈشەنچىمىز ئاساسەن يوق دىيەرلىك، ئەگەر بۇ تاش تاختاي ئۈستىدىكى يېزىقلارنى كۆرۈپ چۈشىنەلىسەم بەلكىم بىزنىڭ كېيىنكى ھەركىتىمىزگىمۇ ياردىمى بولىشى مۇمكىن.
 سىمىز بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق، گەپ-سۆز قىلىشماي يان تەرەپتىكى قەبرە يولىغا قاراپ ماڭدۇق. ئۇ يەردىن ئۈچ دانە تۇتقۇچى بار ساپال قاچىنى ئىزدەپ تاپتۇق. بۇ نەرسىلەر سىرتتا بولسا نۇرغۇن پۇلغا يارايدىغان ئەتىۋارلىق بويۇم بولسىمۇ ، مانا ئەمدىلىكتە مىنىڭ قولۇمدا قىممىتىنى يوقۇتۇپ بىز پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولىۋاتاتتۇق.
 كەسپى ئادىتىم سەۋەبىدىنمىكىن، مەن بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بولۇپلا ئىختىيارسىز ئۈستى تەرەپتىكى نەقىشكە قارىدىم. كۆرۈپلا داڭ قېتىپ قالدىم. تۇرۇشتىكى نەقىش رەسىملەر مانا ئەمدىلىكتە بىر ئىشلارنى بايان قىلىپ بىرىۋاتقاندەك قاتار قىلىپ سىزىلغان مەنىلىك رەسىمگە ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى.
 دەسلەپ كىرگىنىمدە مەنمۇ كەنجى تاغامغا ئوخشاش بىخەستەلىك قىلىپ بۇ نەرسىلەرگە كۆپ ئېرەن قىلمىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. كەنجى تاغاممۇ ئەينى ۋاقىتتا قەبرىگە كىرگەندە جەسەت بىلەن بىرگە قوشۇپ دەپنە قىىنغان  نەرسىلەر بىلەن كارى بولماي ئىچىگە كىرىپلا بىر قۇر قارىۋېتىپلا ئارام ئېلىغقا تۇتۇش قىلغان. لېكىن كەنجى تاغام بىلەن كىرگەن باشقىلارنىڭ تۈنجى قېتىم قەبرىگە كىرىشى بولغاچقا ناھايتى ھاياجانلىنىپ، قەبرە ئىچىدىكى ھەربىر نەرسە ئۈستىدە باش قاتۇرغان. ئەجىبا بۇ نەرسىلەر دەل بىزگە مەلۇم بىر تۈگۈننى يىشىپ بىرىدىغان ھالقىلىق نوقتىمىدۇ؟
 مەن شۇلارنى ئويلىغاچ قولۇمغا بىر قانچە  قاچىنى ئېلىپ تەپسىلى قاراشقا باشلىدىم. قارىسام بۇ نەرسە ئۈستىدە بىر توپ ئادەملەرنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنىشى كۆرۈندى، تاش ئىشچىلىرى، ياغاچ تۇشۇيدىغانلار، يەنە ياغاچچىلار بار ئىدى. ئەسلىدە بۇ يەردىكى قاچىلارنىڭ قويۇلۇش تەرتىپى دەل قورۇلۇشنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىدەك قىلاتتى. مەن قارىغانسىرى ھەيران قالدىم، تەرلەشكە باشلىدىم.  سىمىز مىنىڭ بۇ يەردىكى قاچىلارنى بىرمۇ-بىر كۆزىتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ غەلىتىلىك ھىس قىلغاندەك:" بىر تال قاچا ئېلىش شۇنچە تەسمىكەن؟ تۇلا ئەزمەڭنى ئەزمەي قولۇڭغا چىققاننى ئېلىۋەرمەمسەن" دىدى.
 ئۇنىڭ گېپى قولۇقۇمغا كىرمىدى. مەن ئۆمىلەپ يەردىكى قاچىلارغا بىرمۇ-بىر قارايتتىم. ئەڭ ئاخىرىدا بىر دانە سەككىز بۈرجەكلىك قۇتىنى كۆردۈم. ئۈستىدە بىر چوڭ ئىشىكنىڭ ئىچىدە ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشىۋاتقان كۆرۈنۈش بار ئىدى. قارىغاندا يەنە نۇرغۇن ئىشلار باشقا قاچىلار ئۈستىگە خاتىرىلەنگەندەك قىلاتتى. بۇلارنى كۆرۈپ ھەم ھەيران قالدىم، ھەم ھاياجانلاندىم. ھەتتا نەپەس ئېلىشىممۇ ئۆزگىرىپ كەتتى. گەرچە بۇ رەسىملەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ زادى نىمە ياساۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خان ئردىلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ھەيۋەتلىك قورۇلۇش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. بىراق بۇ قورۇلۇش ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلوبىغا ئوخشىمايتتى. مەن جۇڭگۇ تارىخدا قايسى زامانلاردا مۇشۇنداق ھەيۋەتلىك قورۇلۇشنىڭ بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدىم.
 مەن ئىسىمنى يىغىپ بايقىغانلىرىمنى سىمىزگە ئېيتماقچى بولدۇم. بۇرۇلۇپ قارىسام كەينىمدە قاپقاراڭغۇلۇقتىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمىدى، سىمىزنىڭ سايىسىمۇ يوق.
مەن ھەيران بولدۇم. كۆڭلۈمدە سىمىزنى تىللاشقا باشلىدىم . ماڭىدىغان ئىش بولسىمۇ ماڭا بىر ئېغىز تىنىپ قويسا بولمامدۇ، ئەجىبا مىنىڭ يالغۇز بۇنداق يەردە تۇرۇشتىن قورقىدىغانلىقىمنى بىلمەمدىغاندۇ!؟    مەن بىر تال قاچىنى ئالدىم-دە، ياندىكى قوشۇمچە قەبرە ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردۈم. ئەمدىلا قەبرە يولىغا چىقىشىمغا يەنە ھاڭۋېقىپ قالدىم. بايىقى سىمىز بىلەن ئىككىمىز چىققان قەبرە ئۆيىنىڭ ئىشىكى كۆرنمەيتتى، كۆز ئالدىمدا ئاق قاشتېشى رەڭلىك تام تۇراتتى. مەن بۇنى بۇ قەبرە ئىچىدىكى توزاقنىڭ سەۋبىمىكىن دەپ ئويلىدىم. بىراق بۇنداق تىز ئۆزگۈرۈپ بولىشىنى خيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم. ھەتتا ئازراق تىۋىشمۇ يوق. مەن ئالاقزادە بولۇشقا باشلىدىم.  بىر ئادەم يالغۇز قاپقاراڭغۇ قەبرە ئىچىدە تۇرۇشنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز، تەڭرىم بۇنداق ئىشنى ئىككىنچىلەپ ماڭا يولۇقتۇرمىغاي!
 مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشاتتىم. ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ توختىماي:" بۇ قەبرىنىڭ ھەركىتى مۇشۇنداق پات-پات ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۆزۈڭنى بېسىۋال سەل تۇرۇپ ھېلىقى ئىشىك چۇقۇم يەنە پەيدا بولىدۇ"دەيتتىم.
 يېنىمدا سىمىز يوق قەبرە ئىچىنىڭ جىمجىتلىقى ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرەتتى. يۈرۈگۈمنىڭ سوققاندىكى ئاۋازىمۇ قولۇقۇمغا ئاڭلىناتتى، يۈرۈگۈم  چىقىم كىتىغاندەكلا . بۇنداق ھالەتتە بىر مىنۇتنىڭ ئۆتمىكى خۇددى بىر سائەتتەك بىلىنىپ كەتتى. مەن بۇ يەردە ساقلاشقا تاقەت قىلالمىدىم.
 مەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدىم. قولۇمغا قولچىرىقىنى ئالدىم-دە، ئالدى تەرەپنى يۇرۇتۇپ قاراپ باقتىم. تامدىكى ئويمان جايلار كۆرۈندى بىراق ئىشىك يوق. جاھاندا ئەڭ قورقۇنۇشلۇق نەرسە ئادەمنىەڭ كۆڭلىدە بولىدىكەن. مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا شۇنچە تىرىشساممۇ ئالدىمدىكى تامدىكى ئويمان جاينىڭ ئىچىدىن بىر نەرسە ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋاتقاندەك، خۇددى ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىپ جېنىمدىن جۇدا قىلىدىغاندەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.
 مەن ئۆزۈمنى بىر كاچات سالدىم. بۇ ئارقىلىق ئىسىمنى يىغماقچى بولدۇم.   قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ بايىقى قاچا ئېلىپ چىققان قەبرە ئۆيىگە كىرىپ قاچىلارغا قايتا قاراپ باقماقچى بولدۇم، بەلكىم بىرەر يىپ ئۇچى بايقاپ قالارمەن دەپ ئويلايتتىم.
 مەن ئەمدىلا مېڭىشىمغا تۇيۇقسىز چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. جېنىم چىقىپ كىتەيلا دەپ قالدى.  مەن قولچىرىقىنى تەڭلەپ قارىغانتىم بىر چوڭ دېڭىز مايمۇنىنىڭ بولاق كۆزىدىن ئۆمىلەپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك سىرتقا چىقىپ بولغان ئىدى.  دانە-دانە تەڭگىسىمان نەرسىلەر بىلەن تولغان بەتبەشرە يۇغان چىراي!    بۇ چىراي مىنىڭ مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.  
 مەن قورققىنىمدىن "ۋاي ئانامەي!" دەپ توۋلىۋەتتىم، كەينىمگە يېنىپ بايىقى قەبرە يولىغا قاراپ ئەتراپقا قاراپمۇ قويماي كۆزۈمنى يۇمغان پېتى يۈگۈردۈم، قەبرە يولىغا چىقىپلا ئۆز ئورنۇمدا ئولتۇرىۋالدىم.  كەينىمگە بورۇلۇپ قارىسام بىر جۈپ يېشىل رەڭدە يېنىپ تۇرغان كۆز كۆرۈندى، ئۇ قەبرە ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ماڭا ئېتىلىپ كەلدى.
 مەن چىشىمنى چىشلەپ قولۇمدىكى قاچىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ قولۇمنى كۆتۈردۈم. دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئىنكاسى بەك تىزكەن. ئۇ مىنىڭ قولۇمدا قۇرال بارلىقىنى كۆرۈپ دەرھال بىر سەكرەپلا  تام ئۈستىگە چىقىۋالدى.  مەن بۇ پۇرسەتتى پايدىلىنىپ بىر دومىلىغان ئىدىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تامدىكى ئىشىك بار ئورۇنغا كىلىپ قالدىم. بىردىنلا ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتىرىشكە باشلىدىم. ئىشىك يېنىدىكى بىر تال كونۇپكىغا ئوخشايدىغان نەرسە قولۇمغا ئىلىندى، مەن ئۇنى تارتىپ بېسىپ دىگەندەك قالايمىقان مىدىرلاتقان ئىدىم كىم بىلسۇن بۇ ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى. ئىچىگە كىرىپ بولۇشۇمغىلا يەنە ئىتىلىپ قالدى. دېڭىز مايمۇنى قورقۇنۇچلۇق ۋارقىراپ ئىشىككە ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ئىشىكنىڭ ماتىرىيالى ناھايتى پۇختا بولۇپ ئۇنى ئۈسۈپ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دېڭىز مايمۇنى خېلى ئۇزۇنغىچە ئۈسۈپ بېقىپ ھېچقانداق ئىنكاس يوقلىنقىنى كۆرۈپ، ئىشىكنىڭ يۇچىقىدىن بىر نىمىلەرنى قىلىپ كىرمەكچى بولغاندەك بېشىنى ئىشىككە تىرەپ ھەر كەت قىلىشقا باشلىدى. ئەگەر ئۇ بايامقى كونۇپكىغا تىگىپ سالسا بۇ ئىشىك يەنە ئېچىلىپ كىتىشى مۇمكىن.  يەنە قورقۇشقا باشلىدىم. مەن ئۈستۈمگە ئېسىۋالغان گاز مىلتىقىنى ئالدىم-دە ئىشىك يۇچىقىغا قارىتىپ ئوق ئۈزدۈم. ئوق ئۇنىڭ قايىرىگە تەگدىكىن بىلمىدىم، پەقەت ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئەمدى بۇ يەردىن ۇىراقلاپ كەتكەندەك قىلاتتى.
مەن ئۆزۈمنىڭ نەگە كىرىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. مەن  ئالدىراش ھالدا قولچىرىقى ۋە سۇدا ئىشلىتىدىغان چىراقنى ياندۇردۇم، قەبرە ئىچى پۈتۈنلەي دىگۈدەك يۇرۇپ كەتتى. مەن ئەتراپىمدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتىم. مەن ھازىر يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر قەبرە ئۆيى ئىچىدە تۇراتتىم. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايتى چوڭ بىر سۇ كۆلچىكى بولۇپ، پۇتۇم دەل مۇشۇ كۆلچەكنىڭ لىۋىدە تۇراتتى، ئەگەر يەنە بىر قەدەم ئالىدىغان بولسام سۇغا چۈشۈپ كىتەتتىم.
 كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا داسقا ئوخشاش بىر نەرسە لەيلەپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمگە قاراپ بۇ نەرسىنىڭ ئىككى قەۋەت قىلىپ ياسالغان جەسەت ساندۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. قارىغاندا بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى ئەينى ۋاقىتتا يۇيۇنۇشقا ئامراق بولسا، ئۆزىنىڭ تاۋۇتىنى مۇسۇنداق ياساتقان بولسا كېرەك.
 مەن قولچىرىقىنى سۇغا تەڭلىدىم، بۇ كۆلچەك ناھايتى چوڭقۇر بولۇپ تىگىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بەلكىم مۇشۇ قەبرىنىڭ تىگىگە تۇتاشسا كېرەك.  مەن قەبرە ياسىغۇچىنىڭ زادى نىمە مەقسەتتە مۇشۇنداق لاھىيە قوللانغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.  دەل شۇ پەيتتە مەن تۇيۇقسىز بوينۇمنىڭ قاتتىق قىچىشىشقا باشلىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى