رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك7-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك7-باب

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 1154 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1-خاتىرە 2-بۈلۈم غەزەپ دېڭىزى


يەتتىنجى باب ئايال
قارشى تەرەپ دائىرىسىناھايىتى كەڭ بىر خەلىقئارالىق دېڭىز بايلىقلىرى ئېچىش شىركىتى بۇلوپ ، ئاساسلىقىھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن دېڭىز يۇلى ئۇچۇرلىرى بىلەن تارىخى ماتىرياللارنىبىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق چۈكۈپ كەتكەن كىمىلەرنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش ۋەسۈزۈپ چىقىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن .
بۇ كەسپى دېڭىز ئوكيانقەبرە ئوغۇرلىرىغا ئىنتايىن ئوخشايتتى ، ئۇچۇق دېڭىزدا يۇقاپ كەتكەن كىمىنىبايقىغۇچىلارنىڭ ھەركىتى قانۇنلۇق ھىسابلىناتتى ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئەلۋەتتەئۇلار دېڭىزدىن سۈزىۋالغان نەرسىلەرنىڭ  ئۇچۇقدېڭىزنىڭ ياكى ئەمەسلىكىنى ئىنىقلاشقا ئامالسىز .
بۇ خىل كەسىپ ئىككى تۈرگەبۇلىنىدۇ ، بىرىنجىسى يىقىنقى دەۋىردە چۈكۈپ كەتكەن كىمىلەرنى سۈزۈش ، بۇئاساسلىقى تېخى چىرىپ كەتمىگەن كىمە گەۋدىسىنى ياكى كىلىش مەنبەسىنى كىم ئاشتىقىلىپ سېتىشنى كۆرسىتىدۇ . ئىككىنجىسى ، قەدىمقى دەۋىردە چۈكۈپ كەتكەن كىمىلەرنىسۈزۈش ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى چۈكۈپ كەتكەن كىمىدىن سۈزىۋېلىنغان ئاسار ئەتىقىلەرنى مۇزىيغاياكى يىغىپ ساقلىغۇچىلارغا سېتىپ بىرىلىدۇ .
بۇ شىركەت پەردەئارقىسىدىكى بىرەيلەنگە تەۋە بۇلۇپ ، ئاساسلىق نىشانى قەدىمكى دەۋىرلەردە چۈكۈپكەتكەن كىمىلەر بۇلۇپ ، بۇ شىركەتنىڭ ئارخولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىمۇ خېلى كۆپ ، ھەربىر تۈرنى نۇرغۇن ئارخولوگلار ۋە دېڭىز مۇتەخەسىسلىرى ئىككى –ئۈچ يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تاماملايدۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنىمۇ ناھايىتىكۆپ ، شۇڭا ئۇلاردا نۇرغۇن ئىلغار ئۈسكىنىلەر بار .
كەنجى تاغام ھېلىقى دېڭىزئاستى قەبرىسىنى تىزراق تېپىش ئۈچۈن كاپالەت بىرىش شەكلى بىلەن بۇ شىركەتتىن ئۈسكۈنەۋە ئادەم ئارىيەت ئالغان ، شىركەتمۇ ئۆز نامىدىن بەش كىشىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىئەۋەتكەن . ئەسلىدە بۇ ناھايىتى ياخشى سودا بولغانىدى ، ئويلىمىغان يەردىن كىمەيولغا چىقىپ بەشىنجى كۈنى ئۇلارنىڭ خۇجىلىق بۈلۈمى بىلەن تەكشۈرۈش ئەترىتىكىمىسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ، ئۇلار 48 سائەت ساقلاپ ھېچقانداق خەۋەربولمىغاندىن كىيىن ئاخىرى ئۇلار ئادەم چىقىرىپ كىمە يۇقاپ كەتكەن دېڭىز تەۋەلىكىنىئىزدىگەن بولسىمۇ ، ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغان .
ئۇلار يۇقاپ كىتىشتىن ئۈچ سائەت ئاۋالقى ئەڭتوغرا مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا كەنجى تاغام بىلن يەنە ئىككى نەپەر تەكشۈرۈش خادىمىئاللىبۇرۇن قەدىمى قەبرە ئىچىگە كىرىپ بولغان .
شىركەتتىكىلەرنىڭ كىلىپمىنى ئىزدىشىدىكى سەۋەب بولسا كەنجى تاغام يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا ، ئەگەربىرەر كىلىشمەسلىك بۇلۇپ قالسا مۇشۇ تېلىفۇنغا تېلىفۇن قىلىپ مىنى ياردەمگە چقىرسابۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن .
ئۇ ئادەم تېلىفۇندا:<< ھازىر بىز قىدىمى قەبرە ئىچىدىكى ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى ، ھېلىقىئۈچەيلەننىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى تېخى بىلمەيمىز ، شۇڭى بىز يەنە بىرگۇرپپا تەشكىللەپ قەبرىگە كىرمەكچى ، بىزنىڭ بۇيەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇقنەزىريەچى ، شۇڭا بىز تەجىربىسى مول بىر يول باشلىغۇچى بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ،ھېچ بولىغاندىمۇ ئۇلارغا ياردەملىشىپ قەدىمى قەبرىنىڭ ئىنىق ئورنىنى تېپىپبىرەلىشى كىرەك .>> دىدى .
مەن ئۇنىڭ «يول باشلىغۇچى» دىگەن سۆزنى ناھايتى ئۇرغۇلۇق ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. خۇددى ئۇ مىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىمنى بىلىدىغانلىقىنى ماڭا يۇشۇرۇن ئاگاھلاندۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى، بىراق بۇ ئىشنىڭ خاراكتىرى سەل مۇھىم ئىدى. مەن جەزمەن ئۆزۈم بارمىسام بولمايتتى. مەن ئۆزۈمنى ئوڭشىۋېلىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ:« سىلەرنىڭ ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالى ماڭا ناتۇنۇش، بولسا مەن بارغاندىن كېيىن ئاندىن سۆزلىشەيلى» دىدىم. قارشى تەرەپ :« بولىدۇ، قانچە تىز بولسىڭىز شۇنچە ياخشى» دىدى.
 مەن تېلفۇننى قويۇپ ھازىرلا يولغا چىقىشنى قارار قىلدىم. بىر ياندىن نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرغاچ مىھمانخانىغا ماڭا خەيكۇغا ئەڭ بۇرۇن ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان بىلىتىنى زاكاس قىلىپ قۇيۇشنى ھاۋالە قىلدىم. مەن شىشاغا بىر قېتىم بارغان، ئەگەر ھەقىقى شىشا ئارىلىنىڭ تەۋەلىكىگە بارماقچى بولسا ئاز دىگەندىمۇ ئايرۇپىلان، ماشىنا، پاراخۇت قاتارلىق بۇ ئۈچ خىل قاتناش قۇرالىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىشكە توغرا كىلەتتى.
 كېيىنكى 16سائەتتە مەن توىتىماي يول يۈردۈم . باشقا قالايمىقان خىياللارنى قىلىشقىمۇ ۋاقىت يوق ئىدى. پەقەت تەڭرىدىن ئىشنىڭ يامىنىغا ئۆزگىرىپ قالماسلىقىنى تىلەيتتىم.  ئىككىنجى كۈنى چۈشتە مەن چۈشكەن ئايرۇپىلان ئاخىرى خەيكۇغا يىتىپ باردى. ئۇلارنىڭ شىركىتى ئاللىبۇرۇن بىر ماشىنىنى مىنى ئەكىلىشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.
 مىنى كۈتىۋېلىشقا كەلگەن ئادەمنىڭ فامىلىسى لىيۇ ئىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ قېتىمقى ئىشقا شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى ناھايتى ئەھمىيەت بىرىۋېتىپتۇ. چۈنكى كەنجى تاغام بىلەن بىللە يۇقاپ كەتكەنلەرنىڭ بىرى شىركەت يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىرىنىڭ بەگزادىسى ئىكەن. بىراق بۇ قېتىمقى تۈر جەنۇبى جۇڭگۇ تەۋەلىكىدە يولغا قۇيۇلغان بولغاچقا بەك يېيىۋېتىشكە بولمايدىكەن. شۇڭا ئەل ئارىسىدىكى ئەربابلارنى يىغىشقا توغرا كەلگەنمىش.
 دەسلىپىدە مەن «ئەل ئارىسىدىكى ئەربابلار» دىگەن گەپنى تازا چۈشىنەلمىدىم. كېيىن ئويلاپ ئاندىن چۈشەندىم ،ئۆزۈمنى بىلمەي كۈلۈپ تاشلىدىم. بىراق بۇ لىيۇ ئۇستام ئاددى بىر شوپۇر، ئۇنچە كۆپ تەپسىلاتلارنى بىلمەيتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ماشىنىڭ پىرىستان تەرەپكە ھەيدەپ كىلىنگەنلىكىنى بىلدىم.  
 مەن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ئوتتۇرا ياش بىر ئادەم كىلىپ:«سىز ۋۇ ئەپەندىم بولامسىز؟» دەپ سورىدى.  مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ ئادەم ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ:«قېنى ماشىنىغا چىقىڭ، كىمە ھازىرلا قوزغالماقچى» دىدى .
 مەن تېخىمۇ گاڭگىراپ :« كىمە؟ نىمە كىمە قوزغىلىدۇ؟ مىنى مىھمانخانىغا ئاپارمامسىلەر؟» دەپ سورىدىم.   ئۇ بېشىنى چايقاپ:« ۋاقىت قىستاپ قالدى، بىز چۇقۇم 7سائەت ئىچىدە ئۇ جايغا يىتىپ بېرىشىمىز، كېيىنكى 10سائەت ئىچىدە بۇ ھەركەتنى تاماملىشىمىز كېرەك، ھازىر بۇران پەسلى يېقىنلاپ قالدى، يەنە كىچىكسەك دېڭىزدا ھېچقانداق ياردەمگە ئىرىشەلمەيمىز، ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ» دىدى.
 مەن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ گېپىنىلا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر ئاز بىئارام بولدۇم، بىراق بۇ ئىش كەنجى تاغامنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا مىنىڭمۇ باشقا تاللىشىم يوق ئىدى. مەن غۇدىرىغاندەك قىلىپ يۈك-تاقلىرىمنى يۈدۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پىرىستانغا كەلدىم.ئۇ  پىرىستاندا تۇرغان ناھايتى كونا 7توننىلىق، تۈمۈر قاپلىق بىر بېلىقچىلىق كىمىسىنى كۆرسىتىپ:« مانا كەلدۇق، بۇ بىزنىڭ بۇ قېتىم ئىشلىتىدىغان كىمىمىز» دىدى.
 مەن ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.    ئۇ دەرھاللا:« ئامال يوق، بىزنىڭ ئۇ يەردىكى كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرىشىمىز چىگرىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويدى، شۇڭا مۇشۇنداق نىقاپلانمىساق بولمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ كىمىدىكى ئۈسكىنىلەر ناھايتى ئىلغار، دېڭىز سەپىرىدە ھەرگىزمۇ مەسىلە چىقمايدۇ» دىگەچ كىمىنىڭ يېنىغا كەلدى.   شۇ ئارىدا كىمىدىن بىرەيلەن چۈشۈپ يۈك-تاقامنى قولۇمدىن ئالدى ۋە يەرلىك تىلدا كىمىدىكى بىر بېلىقچى بىلەن بىر قانچە ئېغىز پاراڭلاشقاندىن كېيىن، مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ:« كىمىدىكى بارلىق ئىشلارغا نىڭ خانقىز مەسئۇل بولىدۇ، ئۇ سىز بىلەن بىللە ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن! » دىدى.
 مەن بۇ ئىشلارنى چۈشىنىپ بولغۇچە ئۇلار تىز-تىز مېڭىپ بۇ يەردىن ئايرىلدى. مەن كەينىمگە بورۇلسام كەينىمدە ئۈستىگە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان، كالتە چاچ ياش بىر قىزنىڭ ماڭا سەپسېلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.  ئۇ مىنىڭ بۇ يەردە بىچارىلەرچە قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلدى ، ۋە قول ئىشارىتى قىلىپ مەن بىلەن ماڭ دىدى.

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى