رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك33-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك33-باب

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 784 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

غايىپ بولىدىغان غەلىتە ئىشىك قەدىمى يۈي دەۋرىدە يەنى بۇندىن4600يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان بولۇپ، جۇڭگۇنىڭ يېزىق ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. دۇنيادا تۈنجى بولۇپ غەلىتە غايىپ بولىدىغان ئىشىكنى ئىشلەتكىنى قەدىمقى خۇاڭدى ئىدى. شۇندىن باشلاپ بۇ ئۇسۇل ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشقان. بۇ توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى جۇڭگۇ تارىخىدىكى ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمى يازمىلاردا ئانچە-مۇنچە ئۇچرۇتۇپ تۇرالايسىز. بىراق خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ خىل ئۇسۇل ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا باشلىغان.
مىنىڭ غايىپ بولىدىغان غەلىتە ئىشىك ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئىككىنجى تاغام(كەنجى تاغا ئەمەس) ماڭا ئېيتىپ بەرگەن. جاڭچىلىڭ مۇشۇلارنى سۆزلەۋاتقاندا مەن سىمىزدەك خۇددى چۆچەك ئاڭلاۋاتقاندەك ئولتۇرمىدىم، بەلكى نۇرغۇن خىياللار كاللامدىن كىچىشكە باشلىدى.  خۇاڭدى زامانىسىدا پۈتۈلگەن خاتىرىلەردىن ئىككىنجى تاغامدا بىرقىسمى بار ئىكەن. مەن ئەينى ۋاقىتتا كۆپ ئىرەن قىلمىغان ئۇ نەرسە ئەسلىدە بۇندىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن خاتىرىلەنگەن پۈتۈك ئىكەن-دە؟ بۇ ھەقىقەتەن كەم تېپىلىدىغان بىباھا پۈتۈك ئىكەن ئەمەسمۇ؟  ئۇنىڭدىن باشقا كەنجى تاغام قەبرە قېزىش جەريانىدا تېپىۋالغانلىرىنى قوشقاندا بۇ خېلى مۇكەممەل بولۇپ قالغۇدەك.
غايىپ بولىدىغان غەلىتە ئىشىك گەرچە چۈشىنىپ بولمايدىغان سىرلىق نەرسە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇرۇش سەنئىتى، قىسمەت نەزىريىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سەككىز تەرەپلىك سەپ سىخىمىسىنى بايقاشقا بولىدۇ.
جاڭچىلىڭ بايقىغان بۇ سەككىز دانە غەلىتە ئىشىك ھەركەتلىنىپ مەلۇم جايغا بارغاندا ئىتتىرسە قارشى تەرەپتىكى ئىشىك ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئادەم يانچە ماڭسا ئاران پاتىدۇ. ئارقىدىنلا ئاپتۇماتىك ئىتىلىپ قالىدۇ.
جاڭچىلىڭ تاش ئابىدىنىڭ يېنىغا قايتىپ كىلىپ يۇقارقى ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەردى. ئەمدىلا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، كىتابتىكىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان بۇ بىر توپ ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ دىگىنىنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن؟ ۋېنجىن بىرپەس جىم تۇرغاندىن كېيىن:" باياتىن سەنشىڭنىڭ ھەركىتى ناھايتىمۇ غەلىتە تۇرىدۇ، خۇددى ئالۋاستى چاپلىشىۋالغاندەكلا، بۇ ئالۋاستى دەل مۇشۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى بولۇپ قالمىسۇن يەنە؟ سەنشىڭ كىرىپ كەتكەن بايىقى ئىشىك دەل ھاياتلىق ئىشىكى بولۇپ قالمىسۇن يەنە؟" دىدى.
جاڭچىلىڭ ۋېنجىننىڭ كۆزلىرىدىكى ئۈمىد نۇرلىرىنى كۆرۈپ:" بىرەر ئىش يادىڭىزغا كەلدىمۇ قانداق؟" دەپ سورىدى.
ۋېنجىن باشقىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ھېلىقى تاش ئابىدىنىڭ تۈۋىگە كىلىپ كەنجى تاغىنى دوراپ چاچلىرىنى تارىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ناھايتى قورقۇنۇچلۇق بولۇپ قارىسا ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرەتتى. ئۇ بىردەم چېچىنى تارىغاندىن كېيىن بېشىنى بۇراپ باشقىلارغا قارىدى. ئارقىدىن:" مەن تاپتىم!" دەپ توۋلىدى.
ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتى. ئۇلار تاشقا قارايتتى. لىكىن ئۇلار ھېچنىمىنى كۆرەلمىگەن ئىدى. ۋېنجىن:" سىلەر ماڭا ئوخشاش زوڭزۇيۇپ ئولتۇرساڭلار ئاندىن كۆرەلەيدىكەنسىلەر"دىدى.  جاڭچىلىڭ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولۇپ، دەرھال كىلىپ قارىدى. ۋېنجىن ئۇنىڭ مۈرىسىدىن بېسىپ "بەك ئىگىز بوپ كەتتى يەنىمۇ پەسرەك، ئەينەككە تۈپتۈر قارىماي سەلك يانتۇ قاراڭ" دىدى.
جاڭچىلىڭغا بۇ ئىش قىزىقارلىق تۇيۇلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ۋېنجىننىڭ دىگىنى بۇيىچە چېچىنى بىر نەچچە رەت تارىدى. ئۇ بىردىنلا تاشنىڭ ئىچىدە ئۈچ دانە باش ۋە قۇيرۇقى تۇتۇشۇپ كەتكەن بېلىقنى كۆرگەندەك بولدى. كۆرۈش گىردۇسىنى ئازراقلا ئۆزگەرتسە كۆرۈنمەي قالاتتى.
ئۇ ھەيران بولغان ھالدا كۆزلىرىنى تېخىمۇ يوغان ئاچتى. ئۇ ئاخىرى بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى. قارىغاندا پەقەت ياسىنىشقا ئامراق ساھىبجاماللارلا بۇ تاش ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ چېچىنى تارىسا ئاندىن بۇلارنى كۆرەلىگۈدەك. بەك ئىگىز ياكى بەك پاكار ئولتۇرىۋالسا ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدىكەن. ھېلىمۇ ۋېنجىن بۇنى بايقاپتۇ.
ئۇ بۇ بېلىقلارغا تەپسىلى قارىدى، ئۇلار توختىماي ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتاتتى. قارىغاندا مۇشۇ تاش ئابىدىدە بىر گەپ بولىشى مۇمكىن.  ئۇ دەرھال ۋېنجىننى بۇيەرگە ئوبدان قاراپ تۇرۇشنى بۇيرۇپ ئۆزى قولچىرىقىنى ئېلىپ كۆل تېمى تەرەپكە ھېلىقى غۇۋا ئىشىكلەر بار جايغا يۈگۈردى. ئۈچىنجى ئىشىككە كەلگەندە تامدىكى بەلگە بىلەن قولچىراق نۇرى دەلمۇدەل كەلدى.  بۇ ۋاقىتتا ئۇ" " مانا، دەل مۇشۇ ئىكەن!" دەپ ۋارقىرىدى.
كۆپچىلىك ھەممىسى خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. جاڭچىلىڭمۇ خۇشاللىقىدا مۇشتۇمى بىلەن تامغا ئۇرۇپ قويدى. جاڭچىلىڭ بىرىنجى بولۇپ بەدىنىنى يانتۇ قىلىپلا ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئىچى ناھايتىمۇ تار بىر كارىدور شەكىللىك يول بولۇپ، ئۇدۇل ئىچىگە قاراپ سوزۇلغان. بۇ چاغدا جاڭچىلىڭ ھۇشيارلىق بىلەن تامنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ يەنە باشقا توزاق بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ چاتاق يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگگندىن كىيىنلا ئاندىن باشقىلارنى كىرىشكە بۇيرۇدى.
بۇ تار يولمۇ كۆك رەڭلىك خىشلاردىن ياسالغان ئىدى. بىر ئادەم ئارانلا ماڭالايتتى. جاڭچىلىڭ قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ ئەڭ ئالدىدا ماڭدى. قارىغانسىرى قورققىسى كەلدى. ئۇ پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ناھايتى ئاۋايلاپ مېڭىشقا باشلىدى. ئازراق غەلىتە ئاۋاز ئاڭلاپ قالسا خېلى ئۇزۇنغىچە جىم تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بۇ بىر توپنىڭ "مەنىۋى داھىيسى"بولۇپ قالغان ئىدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلاتتى، ھېچكىممۇ بىرەر ئېغىز ئارتۇق گەپ-سۆز قىلىشقا پېتىنالمايتتى.
ئۇلار بىر ھازا ماڭدى، ئالدى-كەينى پۈتۈنلەي قاپقاراڭغۇ. جاڭچىلىڭ شۇ تاپتا پۈتكۈل يەر شارىدا پەقەت مۇشۇ بىرنەچچەيلەن قېپقالغاندەك تۇيغۇدا بۇلىۋاتاتتى. ئۇمۇ كۆڭلىدە بىرئاز بىئارام بولۇشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار مېڭىۋاتقان بۇ تار يول ئۈستى تەرەپكە قاراپ ئايلىنىشقا باشلىدى. جاڭچىلىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان ئىدى ئۈستىدە ناھايتى يىراق بىر جايدا ئازراق يۇرۇقلۇقنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇ يۇرۇقلۇق بارغانسىرى يېقىنلاۋاتاتتى. جاڭچىلىڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ جىم قاراپ تۇراتتى،  بىردەمدىلا بۇ يۇرۇقلۇق تار يولنى پۈتۈنلەي يۇرۇتتى، جاڭچىلىڭ قورققىنىدىن ۋارقىراپ كەتتى ۋە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ قالغىلى تاسلا قالدى.
شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پارالپىپىد شەكىلدىكى بىر ئۆي نامايەن بولدى. بۇ ئادەتتىكى چوڭلۇقتا ئەمەس غايەت زور كەڭ بىر ئۆي ئىدى. ناھايتىمۇ دەبدەبىلىك بىر ئۆي- دەپ تەرىپلىدى جاڭچىلىڭ بۇ ئۆينى.
ئۆينىڭ ھەربىر تەرىپىدە 10 تالدىن چوڭ تۈۋرۈك بار ئىدى. بۇ تۈۋرۈكنى ئۈچ ئادەم غۇلاچلىسىمۇ غولىچى يەتمەيتتى. پۈتۈن ئۆي سېرىق رەڭلىك خىشتىن قۇپۇرۇلغان. تۇرۇستا غاز تۇخۇمىچىلىك چوڭلۇقتا يۇلتۇزلار سىزىلغان بولۇپ ھەممىسى نۇر چىقىرىپ تۇراتتى. ئۆينىڭ تۆت تەرىپىدە تۆت دانە چوڭ ئەينەك قويۇلغان، نۇرلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ پۈتۈن ئۆي ئىچىنى يۇرۇتۇپ تۇراتتى. ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا چوڭ تاش تەخسە قۇيۇلغان، تەخسە ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپلا جاڭچىلىڭ بۇنىڭ دەل خان ئوردىلىرىنىڭ مودىلى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ناھايتىمۇ ھەشەمەتلىك ئىدى.
جاڭچىلىڭ روھلىنىپ يۈگۈرگىنىچە بېرىپ تاش تەخسىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ چىقتى. ئۇ بۇنى كۆرۈپ بۇ يەرنىڭ دەل پەلەككە چىقىپ كىتىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدى. قارىغاندا بۇ قەبرىنى لاھىيىلىگۈچى ۋاڭساڭخەي ھەقىقەتەنمۇ ئەرش ئوردىسىنى ياسىغان ئىكەن. ئۇنداقتا ئەرش ئوردىسى زادى قەيەردە؟ راستىنلا ئاسماندىمۇ؟
بۇ بايقاش ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇشال قىلاتتى. ھەممەيلەن خۇشاللىقتا ۋارقىرىشىپ كەتتى. بىر نەچچە ئوغۇل ئۇقۇغۇچى خۇشاللىقىدا خولىڭنى كۆتۈرۈپ تاش تەخسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويدى. خولىڭ ئەمدى تۇرا-تۇرمايلا قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتى، ۋە دەرھال سەكرەپ چۈشىۋالدى. " ئۈستىدە بىر ئادەمنىڭ جەسىدى باركەن!" دىدى-خولىڭ.
جاڭچىلىڭ ھەيران بولۇپ، سەكرەپلا چىقىپ قارىدى. تاش تەخسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قاشتېشى گۈللۈك بولۇپ، گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تاش كارۋات بار ئىدى. كارۋات ئۈستىدە پۈتۈنلەپ قۇرۇپ كەتكەن بىر جەسەت تۇراتتى. ئۈستىدىكى كىيىملەر ئاللىقاچان كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەن، جەسەت قارىداپ كەتكەن، بۇ جەسەتنىڭ بىر قولى يەرنى، بىر قولى ئاسماننى كۆرسىتىپ تۇراتتى. جەسەتنىڭ چېچى ۋە تىرناقلىرى ناھايتى ئۇزۇن ئۆسۈپ كەتكەن.
جاڭچىلىڭ سەكرەپلا جەسەت يېنىغا كەلدى. ئاۋال ئۇنىڭ ئېغىزىغا قارىدى، ئېغىزىدا ھېچنىمە يوق ئىدى. جاڭچىلىڭ ئۇنىڭ قولتىقىدىن باشلاپ تەپسىلى سىلاپ ئاختۇردى. بۇ چاغدا ۋېنجىنمۇ سەكرەپلا جاڭچىلىڭنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ جەسەتنى كۆرۈپ قورقۇپ جاڭچىلىڭنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدى. پەس ئاۋازدا:"ساڭا بۇ يۈرەك نەدىن كەلدى؟ سەن بۇنداق قەبرە قېزىشنى نەدىن ئۆگەنگەن؟" دەپ سورىدى.
جاڭچىلىڭ ئۇنىڭغا قاراپ قويدى، ھېچنىمە دىمىدى. ۋېنجىننىڭ ئاچچىقى كىلىپ جاڭچىلىڭنى تارتىپ تۇرۇپ:"سەن سېپى ئۆزىدىن قەبرە قازغۇچى ئىكەنسەن؟ سىنىڭ بىزنىڭ ئارىمىزغا كىرىۋېلىشتىكى مەقسىدىڭ زادى نىمە؟" دەپ سورىدى.
جاڭچىلىڭ ئۇنى گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلدى. بۇ جەسەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:" بۇلار ئانچە مۇھىم ئەمەس"دىدى، ئۇ شۇنداق دىگىنىچە جەسەتنىڭ كىيىمىنى سالدۇردى. جەسەتنىڭ قۇرساق قىسمىدا ئۇزۇن بىر يارا ئىزى بار ئىدى.  ئۇ جەسەتنىڭ قۇرسىقىنى قولى بىلەن بېسىپ باقتى، ئارقىدىن ۋېنجىننىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ جەسەتنىڭ قۇرسىقىنى باستى. ۋېنجىن شۇندىلا جەسەتنىڭ قۇرسىقىغا بىرنەرسىنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى بايقىدى.
جاڭچىلىڭ بېشىنى كۆتۈردى، جەسەتنىڭ قۇرسىقىنى ئېچىش ياكى ئاچماسلىق توغرىسىدا ئىنىق بىر قارارغا كىلەلمەيۋاتاتتى. ئەگەر بۇ ئادەم ئۈلۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ قۇرسىقىغا بۇ نەرسىنى يۇشۇرۇپ قويغان بولسا بۇ نەرسىنىڭ ئۇنىڭغا نىسپەتەن ناھايتى مۇھىم ئىكەنلكىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئادەتتە ئۇلار قەبرە قازغۇچىلار قەسەتنىڭ قۇرسىقىنى يارمايدۇ -دەپ قارايدۇ.
جاڭچىلىڭ بىر ئاز ئىككىلەندى، ئۇ ۋېنجىنگە قارىدى. ۋېنجىن ئۇ بىر شىمال پەرەس، قائىدىگە بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ.
ۋېنجىن:" بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلساق چۇقۇم تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايمىز"دىدى.
جاڭچىلىڭ ئۇھسىنىپ قۇيۇپ ، بۇنداق قىلىشتىن ۋاز كەچتى. ئۇ جەسەتنى تۈزەشتۈرۈپ قويماقچى بولۇپ ئىڭىشىپ قارىغان ئىدى جەسەت ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتاتتى.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى