رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك2-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك2-باب

ۋاقتى: 2016-09-09 ئاۋاتلىقى: 1776 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

50 يىلدىن كىيىن خاڭجۇ خىفاڭ كوچىسى . بىر قىرىنىڭ چاقىرشى بىلەن مىنىڭ پىكىرىم چىچىلدى . مەن بوۋامنىڭ خاتىرسىنى يىپىپ قويغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا باشتىن ئاخىرى سەپ سالدىم .   
   " بۇ يەردە نۇسقا ئالامدۇ ؟ " سورىدى ئۇ . چىرايىدىن مۇنداقلا سوراپ قويغاندەك قىلاتتى . ئەمىلىيەتتە مىنىڭ بۇ كەسىپنى قىلىشتا تۇغما تالانتىم بار ئىدى . شۇڭا ئۇنى ئەپلەپ – سەپلەپ يولغا سالماقچى بولۇپ " ئالىمەن ، بىراق پۇلغا لايىقىنى ئالىمەن  " دىدىم . مەنىسى شۇكى سەندە ياخشى نەرسە بولمىسا تىزرەك يوقال ، ئاكاڭ قارىغاينىڭ كىتاپ كۆرىشىگە دەخلى قىلما دىگەندىن ئىبارەت ئىدى .
   بىزنىڭ بۇ ئوقەت ئالتە ئايغىچە دەسلەپ يوق ، دەسلەپ قىلدۇقمۇ ئۈچ يىلغىچە كۆڭۈل توق . ئادەتتە بىكارچىلىققا كۆنۈپ قالغان ؛ ئەڭ بىزار بولىدىغان ئىش بۇ ساھەنى چالا چۈشىنىدىغان خىرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش . ئاستا – ئاستا ئۆزگۈرۈپ ھازىر يولدىن ئۆتكەن خىرىدارنى كۆرگەندە كۆز قىرىمغا ئىلىپمۇ قويمايمەن . بىراق يىقىندىن بۇيان بىكارچىلىقمۇ چىكىدىن ئىشىپ كەتتى ، مەمۇرچىلىق پەسلىنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىگىمۇ ئاز قالدى . بىرەر ياخشى مالمۇ ئالالمىدىم . شۇڭا كۆڭلۈم بىرئاز يىرىم ئىدى .
   " ئۇنداقتا مەن سوراپ باقاي ، بۇ يەردە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپنىڭ نۇسقىسى بارمۇ ؟ يەنى 50يىل ئىلگىرى چاڭشالىق قەۋرە ئوغۇرلىرى ئوغۇرلىغان ، كىيىن بىر ئامرىكىلىق  تەرىپىدىن ئالداپ قويىۋىتىلگەن ھىلىقى بىر قىسمى ؟ " دەپ سورىدى ھىلىقى قىرى مىنىڭ پۇكىيىمدىكى ئاسارە ئەتىقىلەرگە قارىۋەتكەندىن كىين .   
   " سىز ئۆزىڭىزمۇ ئىيىتتىڭىز ، ئاللىقاچان ئامرىكىلىق تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلگەن نەرسە ، نەدە بولىدۇ ؟ " مىنىڭ ئاڭلاپلا ئاچچىقىم كەلدى . " نۇسقا ئىزدىسىڭىز بازارغا بىرىپ ئىزدەڭ ، نەدە نۇسقىنى بىكىتىپ قويۇپ ئىزدەيدىغان ئىش بار ؟ قانداق تاپقىلى بولىدۇ ؟" دىدىم چىچىلىپ .
   ئۇ ئاۋازىنى پەس قىلىپ : " ئاڭلىسام سىزنىڭ يولىڭىز بار ئىكەن ، مىنى لاۋياڭ ئىۋەتكەن " دىدى . مەن يۈرۈكۈمنىڭ ئەنسىز سوققانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن ھىس قىلدىم . لاۋياڭ ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇماچخانىغا كىرىپ كەتكەن ، قانداقسىگە مىنى پاش قىلسۇن ؟ بىرلا ئەنىسرەش بىلەن تەڭ دۈمبەم سوغۇق تەرلەشكە باشلىدى ، " قايسى....قايسى لاۋياڭ.........مەن ئۇنى تونىمايمەن ."   
    " چۈشىنىمەن ، چۈشىنىمەن......." دىدى ئۇ قوينىدىن بىر سائەتنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا تەڭلىگەچ . " قارىگە ، لاۋياڭ سىزنى بۇنى كۆرسىلا چۈشىنىدۇ دىگەن . " .
   بۇ سائەت لاۋياڭ شەرقى شىمالدىكى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى ئۇنڭغا سوۋغا قىلغان بولۇپ ئۇ بۇ سائەتنى جنىدىنمۇ ئىزىز بىلەتتى . مەس بولۇپ قالغان چاغلىرىدا سائەتنى چىقىرىپ " توز ، چارايلىق " دەپ كىتەتتى . مەن ئۇنىڭدىن ھىلىقى قىرى قىزنىڭ ئىسمىنى سورىغاندا ئۇ بىر ئاش پىشىم ئويلاپ ، يىغلاپ تاشلىغاندىن كىيىن " ئاناڭنى ، مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن " دىگەن ئىدى . لاۋياڭنىڭ سائەتنى بۇ ئادەمگە بىرىشى بۇ ئادەمنىڭ تىگى – تەكتىنىڭ ئاددى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرەتتى .  
  لىكىن مەن بۇ ئادەمگە قارىسام ھىچبىر ياخشى ئادەمگە ئوخشىمايتى . لىكىن لاۋياڭ تونۇشتۇرغان ئادەمگە ئازراق يۈز بەرمىسەممۇ بولمايتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇياق ئاللىقاچان مىنى دۇكىنىمغا ئىزدەپ كەلگەن تۇرسا ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۈگەتمىسەم تازا قاملاشماس . مەن ئويلاپ بىقىپ ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن پاراڭلىشىشنى لايىق تاپتىم .   
   " بىگىم سىزنى لاۋياڭ تونۇشتۇرۇپتۇ ، مىنى ئىزدەيدىغان قانداق ئىشتى ؟ "  
  ئۇ ئالتۇن چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ " بىر دوستۇم شەنشىدىن بىر ئاز نەرسە ئەكەلدۈرۈپتىكەن ، سىزگە كۆرسىتىپ راس يالغانلىقىنى بىكىتەي دىگەن ئىدىم " دىدى . _
 مەن ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىى چۈشەندىم ، بۇ دۆت قۇش كىپەن ئوغۇرسىمۇ قانداق ؟ بىرەر ياخشى نەرسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغاندەك . باشقىلارغا باھاسىنى بىكىتمەكچى بولغىنىنى قارا....... ؟ ئاناڭنى ، ئورمانلىقتا قۇشنىڭ تۈرى كۆپ ، بىراق دۆت قۇش ئاسارە – ئەتىقە بازىرىدا باھا بىكىتمەكچى ؛ لىكىن بۇنداق ئادەملەر جىنىنى ئالقىنىغا ئىلىپ قويغان بولۇپ ، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ چىشىغا تەگمەڭ . مەن ئۆزەمنى كەسپى ئىللىق چىراي كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، " تەلەپپۇزىڭىزدىن قارىغاندا بىيجىڭدىن كەلگەندەك تۇرىسىز ، بىيجىڭدىن كەلگەن چوڭ غوجام ئىلىپ كەلگەن ئىسىل مالغا كۆز نۇرۇم ئاجىزلىق قىلارمىكىن ؟!! " دىدىم . ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ؛ "ھەممىسى جەنۇپلۇقلارنى سەگەك دىيشىدۇ ، مىنىڭچە بۇ راستكەن ، سىز تىخى ياش تۇرۇپلا بۇ دەرىجىىگە يىتىپسىز ، گەپنىڭ راستى مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىم سىزنى ئەمەس ، سىزنىڭ بوۋىڭىزنى ئىزدەش " دىدى .
  كۆڭلۇم بىر قىسمىلا بولدى ،  بەلكىم چىرايىممۇ ئۆڭۈپ كەتكەندۇ . چۈنكى بوۋامنىڭ ئارقا كۆرنىشى ئىنتاھىن سىرلىق . ئۇنى بىلىدىغان ئادەملەرمۇ ئىنتاھىن ئاز . باشقىلارنىڭ بوۋامنى ئىزدىشى %70 – %80 ياخشى ئىش ئۈچۈن ئەمەس . " بوۋامنى ئىزديسىز ، بوۋامدا بىرەر ئۆچ ئاداۋىتىڭىز بارمۇ ؟ " سورىدىم مەن سوغىققىنە .   
    ھىلىقى ئالتۇن چىش مىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ ئالدىراپلا : " ياق، ياق ئۆچ ئاداۋىتىم يوق ، مەن پەقەت ئادەتتىكى بىر ئاسارە – ئەتىقە ھەۋەسكارى ، ئەينى ۋاقىتتا سىزنىڭ بوۋىڭىز چاڭشا بىياۋزىلىڭدا قەۋرىدىن كولاپ ئىلىپ كەتكەن ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپتىن يىنىدا بىرەر – ئىككى پارچە بارمۇ – يوق ؟ بار بولسا مەن بىر پارچە سىتىۋىلىپ ئۆزۈمدىكىسىگە سىلىشتۇرۇپ باقاي ، ئوخشامدۇ – يوق دىمەكچى ئىدىم . "  دىدى . ئۇنىڭ گىپى تۈگىمەي تۇرۇپلا مەن بىر تەرەپتە مۈگىدەۋاتقان مۇلازىمغا قاراپ  " ۋاڭ مىڭ ، مىھماننى ئۇزۇتۇپ قوي !!! " دەپ ۋەارقىرىدىم .
 ھىلىقى ئالتۇن چىش  : " چىچىلماڭ ، تىخى پاراڭ تۈگىمەيلا مىھماننى ئۇزاتقان قائىدە نەدە بار " دىدى جىددىيلىشىپ . _ >  
   مەن ئۇنىڭغا ئىيىتتىم ، " بوۋام ئۆتكەن يىلى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ، سىز بەك كۆرۈشمەكچى بولسىڭىز بىرەر دوناي سۆگەت تىپىپ ئۆزىڭىزنى ئىسىۋىلىڭ ، شۇنداق قىلىسڭىز ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئەرىشتە كۆرىشەلەيسىز .  " مەن گىپىمنى تۈگۈتۈپلا ئالتۇن چىشنى دۇكاننىڭ بوسۇغۇسىغا ئىتتىردىم .
   ئويلىماپتىكەنمەن ، ئالتۇن چىشنىڭ يۈزى ئوبدانلا قىلىن ئىكەن ، ئۇ دۇكان ئىشىكىنىڭ قىرىنى تۇتۇۋىلىپ كەتكىلى قەتئى ئۇنىماي ، " ئالدىرىماڭ ، ئالدىرىماڭ ، مىنىڭ گىپىم تىخى تۈگىمىدى ، ئۆتۈنۈپ قالاي " دىگىنىچە ئىشىكنىڭ قىرىغا چاپلىشىۋالدى . يىرىم كۈن ھەپىلىشىپمۇ ئۇنى ئاجىرتالمىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا " ئاناڭنى ، گىپىڭ بولسا تىز سۆزلە ، مىنىڭ تىجارەت قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلما " دىدىم .
  " سەن مىنىڭ نەۋرەمدەك تۇرۇپ نىمىشقا سۆزلىسەم سۆزۈمنى ئاڭلىمايسەن ؟ " ئالتۇن چىش ئوغرىدەك كۈلۈپ تۇرۇپ ، " غوجام غەرىپكە سەپەر قىلغان بولسا بوپتۇ ، مەن بىر نەرسە دىمىدىمغۇ ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ سەن مەن ئەكەلگەن مالغا قاراپ باقمامسەن ، ئازراق بولسىمۇ لاۋياڭنىڭ يۈزىنى قىل " دىدى .   
   مەن ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئادەمنىڭ يۈزى قىلىن بولسا ئامال يوقكەن . سىرىتتا بىر مۇنچە كىشىلەر توپلىشىپ مەن بىلەن يۈزى قىلىن ئالتۇن چىشنىڭ چاڭچىلىسىنى كۆرىۋاتاتتى . ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە مەن ئەتىكى گىزىتكە چىقىپ قىلىشىم مومكىن ئىدى . شۇڭا بىشىمنى لىڭىشتىپ ؛ " بولىدۇ ، ئىچىگە كىر ، بىز ئوبدانراق قاراپ باقايلى ، بىراق ھازىر گەپنىڭ ئوچىقىنى دەپ قوياي ، مەن كۆرۈپ بىر نەرسە دىيەلەمدىم – يوق بىلمەيمەن " دىدىم .  
   " ئەلۋەتتە ، ئەلۋەتتە ، مەنمۇ مۇشۇ ئوقەتنى قىلىمەن ، بۇنچىلىك قائىدىنى بىلگۈچىلىگىم بار "  دىدى ئالتۇن چىش .  
  ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپ 20 تومدىن ئارتۇق ، ھەر بىر تومى ئوخشىمايدۇ . بوۋام ئوغۇرلاپ چىققان بىر بۆلىكى ئىنتاھىن قىسقا بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر نەچچە نۇسقىسى  ھازىرغىچە مىنىڭ ئۆيۈمدىكى كونا ساندۇقنىڭ تىگىدە ساقلىنىۋاتاتتى . يىپەك كىتاپ پۇل بولسىمۇ سىتىۋالغىلى بولمايدىغان تەۋەرۈك بويۇم بولۇپ ، مەن ئالتۇن چىشقا بىلمەيمەن دەپ يالغان سۆزلىسەممۇ ئۇ سىزەلمەيتى .  
   بىز  بىر نەچچىمز ئارقا دۇكانغا قايتتۇق . مەن ۋاڭمىڭغا بۇ مىھمانغا چاي دەملەشنى تاپىلاپ ئالتۇن چىشقا نەرسنى چىقىىرشقا كۆز ئىشارىىتى قىلدىم . ئالتۇن چىش بىرئاز خىىجىل بولغان قىياپەتتە قوينىدىن بىر ئاق رەڭلىك قەغەزنى چىقىرىپ ماڭا سۇنغانتى ، بىر قاراپلا ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچتى :" سىكەي.....، كۆپەيتىلگەن نۇخىسى. "   
   " شۇنداق ، شۇنداق . ھىلىقى گۆھەرنى يىنىدا ئەپ يۈرۈش تازا قاملاشمايدۇ ، سەللا بىخەستىلىك بولسا ئۇۋۇلۇپ كىتىدۇ ." ئالتۇن چىش قەستەنگە ئاۋازىنى پەس قىلىپ ، " ئەگەردە مەن كۈچ چىقارمىغان بولسام بۇ نەرسە ئاللىقاچان چەت ئەلگە ئىقىپ كەتكەن بولاتتى ، جۇڭگو خەلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم دىسەممۇ بولىدۇ . "   دىدى .  
   مەن كۈلكەمنى زورىغا بىسىپ تۇرۇپ :" سىز  ناھايتى بولسڭىز شۇ كىپەن ئوغرىسغۇ ؟؟ مىنىڭچە سىز راست جانىۋارنى چىقىرىشتىن قورقىۋاتىسز ، سىز دىگەن نەرسە دۆلەت گۆھىرى ھىساپلىنىدۇ ، كاللىڭىزنڭ كىتىشىدن قورقىۋاتقانلىقىز ئېنق تۇرۇپ تىخى ، نىمە خەلىق ئۈچۈن خىزمەت ..........ئوسرۇق گەپ " دىدىم .   
  مەن ئۇنىڭ ئەپتى–بەشرىسنى ئىچىۋەتكەندن كىيىن چىرايى بىردىنلا تاتاردى . بىراق ئۇنىڭ مەندە ھاجىتى بار ، شۇڭلاشقا ئۆزىنى زورغا بىسىپ تۇرۇپ سۆزلىدى: " گەپنى بۇنداق دىسەك قاملاشماس ،  ھەر بىر كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق يولى بولىدۇ ، بوۋىڭىز ئەينى ۋاقتتا ‹‹ئالتۇن قازغۇچى›› لىق قىلغان چاغلىرىدا نامى تارالغان ........."  
   مەن چىرايىمنى پۈرۇشتۈرۈپ :" يەنە بوۋامنى تىلغا ئالىدىغان بولسىڭز .........." دەپ ۋارقىرىدىم .
  " ماقۇل ، ماقۇل ، سىز تىزرەك كۆزدىن كەچۈرۈڭ ، مەنمۇ تىزرەك بۇ جايدىن يوقىلاي " دىدى ئالتۇن چىش .  
   مەن كۆپەيتىمە نۇسقىغا بىر قاراپلا ناھايتى ياخشى ساقلانغان ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدكى يىپەك كىتاپ ئىكەنلىكنى بىلدىم . بىراق بۇ نۇسخىسى بوۋام ئەينى ۋاقتتا ئوغىرلاپ چققانلىرغا ئوخشىمايتى . بۇ يىپەك كىتاپ ناھايتى ياخشى ساقلانغان بولسمۇ مىنڭچە ، بۇ كىتاپ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدن كىيىنكى بىر نەچچە سۇلالە دەۋرىدە تەقلد قىلىپ ياسالغىنى ئىدى . ئىنىقلا ئاسارە – ئەتىقىنڭ ئوغۇرلۇقچە نەشىرى، بۇ نەرسنڭ سالاھىتىنى بىكىتىش ئادەمنى ناھايتى ئوڭايسىزلاندۇراتتى . شۇڭلاشقا مەن مىيقىمدا كۇلۇپ تۇرۇپ :" بۇ جانىۋار مىنىڭچە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان تەقلىدى بويۇم ، قانداق سۆزلەي!؟ مۇنداقلا دەي ، بۇ نەرسە راست دىسىڭز راست ئەمەس ، يالغان دىسىڭز يالغان ئەمەس ، ئۇنىڭ راست يىپەك كىتاپقا تەقلىد قىلىپ يىزىلغىنى ياكى بىرەرى قوڭىغا ئۇرۇپلا توقۇپ چىققىنىنى جىن–ئالۋاستىلار بىلىشى مۇمكىن !؟ شۇڭا مەنمۇ نىمە دىيىشمنى بىلمىدىم ."
   " ئۇنداقتتا بۇ بىر پارچىسى بوۋىڭىز ئوغىرلاپ چىققان بىر بۆلىكنىڭ ئارىسىدىكسى ئەمەس؟" سورىدى ئالتۇن چىش .  
   "سىزگە راست گەپنى ئېيتسام ، ئوغىرلاپ چىقىلغان بۆلكى بوۋام ئۆزىمۇ كۆرۇشكە ئۈلگۈرمەيلا بىر ئامرىكىلق تەرپىدىن قويىۋىتىلگەن ، شۇڭا سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭزغا جاۋاپ بىرىشكە ئامالىم يوق ." مەن كۆڭلۇمدە بۇ قىرىنى ئالدىماق ئاسانغا چۇشمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ تۇرسام ئالتۇن چىش سۆزۇمگە ئىشەنگەن قىياپەتتە ئۇھ تارتىپ :" ھەي ! ھەقىقەتەن قاملاشمىدى دە، قارىغاندا ھىلىقى ئامرىكىلقنى ئزدەشتىن باشقا چارە قالمىغان ئوخشايدۇ  " دىدى .   
  "نىمشقا ، سىز نىمشقا بىر پارچە ئەسكى قەغەزگە شۇنچىلىك قىزىقىسز ! ؟ " دەپ سورىدىم . مىنڭىچە ئالتۇن چىشنڭ ئويلىىغىنى چەكتىن سەل ئىشىپ كەتكەن،  بۇ قەدىمى ماتىريالنى يىغىش تەلەيگە باغلىق ، تولۇق 20جىلد ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپنى يىغىۋىلشنى ئويلاش ئازراق ئاچكۆزلۈكمۇ قانداق  
  " كىچىك  بۇرادەر مەن سىزدىن يوشۇرمايمەن ،مەن راستىنلا قەۋرىگە چۈشىدىغانلاردىن ئەمەس ، سىز مىنىڭ  بۇ ئەلپازىمغا قاراپ بىقىڭ ، مەن ‹‹ئالتۇن كولىغىلى›› چۈشۈپ جىن – شاياتۇنلارنڭ ئازابىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغاندەك تۇرامدىم ؟؟؟  بىر دوستۇم مۇشۇ ھۇنەرنىڭ ئۇستىسى ، مەنمۇ ئۇنىڭ نىمە ئويلايدىغنىنى بىلمەيمەن . ھەرقاچان ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى بار  . " دىدى ئالتۇن چىش ھىجىيپ تۇرپ بىشىنى چايقاپ . "مەنمۇ سوراۋەرسەم تازا قاملاشماش ؟؟ بىشمىزغا كەلگىنىنى كۆرمەمدۇق " دەپ پىشىنى قىقپلا كىتىپ قالدى .
 مەن تۇيۇقسىز ئالتۇن چىشنىڭ كۆپەيتىلگەن يىپەك كىتاپىنىڭ تىخىچە قولۇمدا ئىكەنلىكىنى ،  قەغەز يۈزىدە بىر نەقىشنىڭ بارلىقىنى ، بۇ نەقىشنىڭ تۈلكىگە ئوخشايدىغان ئادەم يۈزى بولۇپ كۆز قارچۇقى يوق ، كۆزى قارىغان ئادەمگە شۇملۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلاتتى . يەنى مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بۇ كۆز بىر قاراشقىلا قەغەزگە ئويىۋىتىلگەندەك ، ھازىرلا قەغەز يۈزىدىن تۆكۈلۈپ قالىدىغاندەكلا قىلاتتى . ئويلاپ باقسام بۇ يىپەككە كۆچۈرۈلگەن كىتاپنى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ؛ بەلكىم ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىلى بولىشى مومكىن . مىنىڭ پەرىزىمچە لاۋياڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن مۇشۇ كۆپەيتىلگەن نۇسقىغا ئاساسەن بىر قانچە يالغان كىتاپ ياسىساقمۇ ماۋجۇشىنىڭ قىزىل قەغىزىدىن خىلى كۆپ تاپقىلى بولاتتى . بىراق نەدىن بىلەي مۇشۇ ۋاقىتتا ھىلىقى ئالتۇن چىش كەينىگە بۇرۇلۇپ مەن تەرەپكە كىلىۋاتاتتى . مىنىڭچە ئۇ چوقۇم بۇ نەرسىنى ئالغىلى كەلگەن ، شۇڭلاشقا مەن دەرھال ئارقا دۇكانغا ئۆتۈپ سىفىرلىق فوتو ئاپراتنى ئىشلىتىپ ئوخشىمىغان ئورۇندا تۇرۇپ بۇ جانىۋارنى بىر قانچە پارچە سۈرۈتكە تارتتىمدە قەغەزنى ئىلىپ ئۇچقاندەك دۇكان بوسۇغۇسىغا ئىتىلدىم . ئىتىلدىم يۇ ،  ئۇنىڭ بىلەن ئىشىك بوسوغىسىدا كاللا قويۇشتۇق . " سىز نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز " دىدىم مەن ئالدىراپ تىنەپ. Xm_Ub>N5  
   مىنىڭ بوۋام چاڭشالىق قەبرە ئاچقۇچى . ئىنىقراق قىلىپ ئىيىتقاندا " كىپەن ئوغۇرسى" . بوۋامنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى ئازراقمۇ غەلىتە ئەمەس . ھازىرقى ئىغىز تىلى بىلەن ئىيىتقاندا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى 13 ياشقا كىرگەن يىلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولىدۇ . ئۇ چاغلاردا قۇرغاقچىلىق بولسا ئاچارچىلىق زىمىننى قاپلايدۇ . سىزنىڭ پۇلىڭىز بولسىمۇ يىگۈدەك نەرسە يوق . سىتىۋالاي دىسىڭىزمۇ يوق . ئەينى ۋاقىتتا چاڭشا ئەتراپىدا ھىچنىمە قالمىغان . بار دىيىلگەن تەقدىردىمۇ قەدىمى قەۋرە كۆپ .
   شۇڭلاشقا ئۆيىڭىز تاققا يىقىن بولسا تاققا تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىسىز ، ئۆيىڭىز قەۋرىگە يىقىن بولسا كىپەنگە تايىنىپ . ئۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل كەنىتتىكىلەر  بىرلىكتە يەر ئاستىغا چۈشەتتىكەن . مۇشۇ سەۋەپتىن چاڭشادا نەچچە مىڭلىغان ئادەم ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن جىنىدىن ئايرىلغان ئىكەن . بىراق ئاشۇ كەنىتتىكىلەردىن بىرەرىنىڭمۇ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلمەيلا قالماي بەلكى داۋاملىق ھورمانتىسى يەپ ، سەي شورپىسى ئىچىشنىڭ سەۋەبى بولسا ؛ ئۇلار قەۋرىدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن نەرسىلەرنى چەتئەللىكلەرنىڭ ئاشلىقىغا تىگىشكەنىكەن .
   كىيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ كىپەن ئوغۇرلاشمۇ باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش مەدىنيەتنىڭ بەزى پۇراقلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن . مىنىڭ بوۋاملارنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە كەسىپ ئۆلچىمى ، ئۇسلۇپ ، ئىقىم پەرقى شەكىللەنگەن ئىكەن . ئۇ ۋاقىتلاردا قەۋرە ئوغۇرلاش كەسىپى جەنۇپ ئىقىمى ، شىمال ئۇسلۇبى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن ، مىنىڭ بوۋام جەنۇپ ئىقىمىدا بۇلۇپ ئۇلار لوياڭ گۈرجىكىنى ئىشلىتىپ قەۋرە ئىزدەشكە ماھىر ، ھەتتا بەزى يۇقرى سەۋىيەلىكلىرى بۇرنىغا تايىنىپ توپىنى بىرلا پۇراپ قەۋرىنىڭ قانچىلىك چۇڭقۇرلۇقتا ، قايسى سۇلالە – پادىشاھلىق دەۋرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايدىكەن . ھازىرقى بەزى رومانلاردا لوياڭ گۈرجۈكى كۆپ تىلغا ئىلىنىدۇ . ئەمىلىيەتتە شىمالى ئۇسلۇپتىكىلەر لوياڭ گۈرجىكىنى ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ ، ئۇلار قەۋرىنىڭ ئورنى ، ئىچكى تۈزۈلىشىگە ھۆكۈم قىلىش جەھەتلەردە ئۆزگىچە يول تۇتقان . مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا ئاتالمىش " ئەجدىرھا پەللىسىنى ئىزدەش " . بىراق شىمال ئۇسلۇپتىكىلەر ئازراق غەلىتە . قانداق دەي ؟! بوۋامنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇلار سەمىمى ئەمەس ، ھىيلە – نەيرەڭلىرى كۆپ ، كىپەن ئوغۇرلاشقا نەدىن كەلگەن جىق قائىدە ئۇ ؟ كىلىپلا ئالىدىغىنىنى ئىلىپ قۇيرىغىنى خادا قىلسا بولمىدىمۇ ؟ ؟ شىمال ئۇسلۇپتىكىلەردە بىيۇكراتلىق ئىددىيسى بىرئاز  ئىغىر . ئۇلارغا ئوخشىمايدىغىنى جەنۇپ ئىقىمىدا قائىدە – نىزاملار كۆپ ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە مىيىتتىن تەپ تارتمايدۇ . شىماللىقلار جەنۇپلۇقلارنى غالجىر ئىت ، مەدىنيەت مىرسلىرىنىڭ قاتىلى ، جەنۇپلۇقلار كىرگەن قەۋرىدىن ئۆرۈلمەيدىغىنى يوق ، ھەتتا ئۆلۈكنىمۇ ئەپقىچىپ ساتىدۇ دەپ تىللايدۇ . جەنۇپلۇقلار شىماللىقلارنى ساختىپەز ، ئىككى يۈزلىمىچى ، ئېنىقلا  كىپەن ئوغىرسى بولسىمۇ ، ئۆزىنى نىمە – نىمىلەرگە ئوخشىتىدۇ دەپ تىللايدۇ . ئاخىرىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ، ھەتتا ‹‹ ئۆلۈكلەر ئۇرۇشى ›› قاتارلىق پاجىئەلەر كىلىپ چىققان . ‹‹ ئۆلۈكلەر ئۇرۇشى ›› دىن كىيىن ئىككى تەرەپ چاڭجاڭ دەرياسىنى پاسىل قىلغان . شىمال ئىقىمى ‹‹ قايتا ئاچقۇچى ›› ، جەنۇپ ئۇسلۇبى ‹‹ قۇم تازلىغۇچى ›› دەپ ئاتالغان . لوياڭ گۈرجىكى پاسىل ئايرىلغاندىن كىيىن كەشىپ قىلىنغان . شۇڭلاشقا شىمال ئۇسلۇپىدىكىلەر ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ . ئىلگىرى بوۋام خەت تونىمايتى . كىيىنچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈش سىنىپىغا كىرىپ جاننى تىكىپ ، تىرناقچىلىك مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىرىشكەن . كومپارتىيەگە مىڭ رەھمەت . بوۋام خەت يىزىشنى ئۈگەنگەندىن كىيىن ئۆز بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بىرمۇ – بىر يىزىپ قالدۇرغان ئىكەن .  چاڭشا بىياۋزىلىڭدىكى كەنجىتاي دەل مىنىڭ بوۋام . مومامنى زىيالى دىيىشكە بولىدۇ . چوڭ جەمەتنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى. بوۋامنىڭ غەلىتە كەچۈرمىشلىرى ئەينى چاغدىكى نازىنىن مومامنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغاچقا بوۋامغا ياتلىق بولغانىكەن . كىيىنچىرەك بوۋام ئالتۇن قاچىدا قول يۇغاندىن كىيىن ئۇلار بىرلىكتە خاڭجۇغا كۆچۈپ كەلگىنىكەن .  
   بوۋامنىڭ خاتىرسى بىزنىڭ ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا قالدۇرىدىغان بايلىقىمىز . بوۋام ھىلىقى ‹‹ ئۆلۈكلەر ئۇرىشى ›› سەۋەپلىك پۇراش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغاندىن كىيىن بىر ئىت تەربىيلىگەن . باشقىلار بوۋامغا ‹‹ ئاپشاركا شاھى ›› دەپ نام بەرگەن . بۇلارنىڭ ھەممىسى راس . بۇ ئىشلارنى چاڭشادىكى يىشى چوڭ قىرىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ .
   بوۋامنىڭ قانداق ھايات قالغانلىقى ، ئىككىنچى ئۇلۇغ تاغام بىلەن ئۇلۇغ بوۋام ، ئۇلۇغ ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئاخىرى قانداق بولغانلىقى توغرسىدىكى سۇئاللىرىمغا بوۋام باشتىن ئاخىرى جاۋاپ بىرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن .مىنىڭ ئىسىمدە قىلىشىچە مەن بىر قولى يوق بىرەر تاغامنى كۆرۈپ باقمىغان . مىنىڭچە شۇ ۋاقىتتا پىشكەللىك خەيىرلىكتىن كۆپ . مەن بوۋامغا قانچە يالۋۇرۇپ ، ئەركىلىسەممۇ بوۋام ماڭا : " بۇ دىگەن كىچىك بالىلارنىڭ ئاڭلايدىغان ھىكايىسى ئەمەس " دەپلا جاۋاپ بىرەتتى . كىيىنچە يىشىمنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ بالىلىقتىكى قىزىقىش تۇيغۇسى بارغانسىرى ئاجىزلاپ باردى .  
   كەچ كىرىشى بىلەنلا دۇكاننى تاقىدىم . ھەي....!!! يەنە تىتىقسىز  بىر كۈن ئۆتتى . ھىچنەرسە يىغالمىدىم . دۇكان خىزمەتچىسىنى ئۇزۇتۇپ تۇرۇشۇمغا بىر تال قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم .  
  " سائەت توققۇزدا ، جىيەنخۇاڭشىيا " .
   ئۇچۇرنى ئۈچۈنچى تاغام ئىۋەتكەن بولۇپ ، مەنىسى يىڭى مال كەلدى دىگەنلىك ئىدى .  
    ئارقىدىنلا يەنە بىر تال ، " ئەجدىرھا ئۇمۇرتقىسى ، تىز كەل " .   
  ئۇچۇرغا قاراپ كۆزلۈرۈم چانىقىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتىم . چۈنكى ئۈچۈنچى تاغامنىڭ كۆزۈتۈش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن قالتىس . بۇ ‹‹ ئەجدىرھا ئۇمۇرتقىسى ›› دىگىنى جەزمەن ياخشى جانىۋار . ھىچبولمىسا بىرىپ كۆزۈمنى ئىچىۋالمامدىم . .
   دۇكاننى تولۇق تاقىغاندىن كىيىن ئەسكى ‹‹ جېن بى ›› ماركىلىق ماشىنامنى ھەيدەپ ئۇدۇللا ئۈچۈنچى تاغامنىڭ قىشىغا چاپتىم . بىر تەرەپتىن كۆزۈمنى پۇشۇرغاچ ، يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈن رەسىمگە تارتقان يىپەك كىتاپنى تاغامغا كۆرسىتىپ بىقىشنى ئويلىدىم . چۈنكى ئۈچۈنچى تاغام بىز بىلەن دەۋىرداش كىشىلەر ئىچىدە بىردىن – بىر ‹‹ سىغىزچىلار ›› بىلەن ئالاقىسى بار كىشى ئىدى .
   مەن ‹‹ ئايرۇپىلانىم ›› نى ئەمدىلا ئۇنىڭ بىناسىنىڭ ئاستىدا توختىتىشىمغا ئۈچۈنچى تاغام ئۈستىدە تۇرۇپ : " سەن زادى قانداق نەرسە ؟!! بالدۇر كەل دىسەم كەلگەن ۋاقتىنى.....؟ ھازىر كەلگىنىڭ ئوسرۇققا ھىساپ " دەپ ۋارقىرىدى .    " سىكەي ..." دىدىم ئىچىمدە . " ئۇنداق ئەمەستۇ ، تاغا سەنمۇ ياخشى نەرسە تاپقاندا ئالدىرىمايراق قولدىن چىقارمامسەن ؟ ھىچبولمىغاندا ماڭىمۇ ......"  تىخى گىپىم تۈگىمەيلا ئۈچۈنچى تاغامنىڭ ئۆيىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن ئىگىز بويلۇق بىرسى چىقىپ كەلدى . ئۇ بەزگەك مۆرىسىدە لاتىغا ئورالغان ئۇزۇنراق بىر نەرسىنى كۆتۈرىۋالغان ئىدى . بىر قاراشتىنلا  قەدىمكى جەڭ قۇرالى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى . " ھەي ئىسىت ، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە ، ئەگەر ياخشىراق ساتالىغان بولسا ئۈچۈنچى تاغامنىڭ بىرقانچە يىل يەپ – ئىچىشىگە يىتەتتى . مەن ھىلىقى ئادەمنى كۆرسۈتۈپ تاغامغا كۆز ئىشارىتى قىلىشىم بىلەن تاغام بىشىنى لىڭىشتىپ  جاۋاپ قايتۇردى . بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىيىتقۇسىز دەرىجىدە يىرىم بولدى . قارىغاندا مىنىڭ كىچىك يايمام بۇ يىل ۋەيران بولىدىغان ئوخشايدۇ . مەن ئۈستىگە چىقىپ ئاچچىق قىلىپ قەھۋە دەملەپ ئىچكەچ بۈگۈن ئاسارە – ئەتىقە بازىرىدا يۈز  بەرگەن يۈزى قىلىن ئالتۇن چىشنىڭ دىراممىسىنى ئۈچۈنچى تاغامغا سۆزلەپ بەردىم . كۆڭلۈمدە تاغام چوقۇم ماڭا يان بىسىپ ئۇنى ماڭا تىللىشىپ بىرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم . نەدىن بىلەي ، ئۇ ئاڭلاپمۇ قويماي ھىلىقى سۈرەتنى بىسىپ چىقارغاندىن كىيىن چىرايى بىردىنلا ئۆزگەردى .   
  " نىمە بولدى ؟ بۇ نەرسىدە بىرەر سىر بارمىكەن .....؟ " دەپ سورىدىم .   
  ئۈچۈنچى تاغام چىرايىنى پۈرۈشتۇرۇپ " غەلىتە ئىش ، مىنىڭچە ، بۇ بىر پارچىسى ..... بىر جاينىڭ خەرىتىسى ، چوقۇم شۇنداق ........"  
 
مەزكۇر ئەسەرنى alwastem بىلەن ئىزدىنىش بىرلىشىپ تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ،سالون قوشۇش نومىرى alwasti ياكىalvasti ئەمەس،بەلكى alwastem
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى