رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك28-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك28-باب

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 1213 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر   
كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
1- خاتىرە 1-بۈلەك 28– باپ ئوت
 باش– كۆزى قانغا بويالغان يۇزنىڭ تىرىسى ئىرىپ كەتكەنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ تىرىسى ئاستىدىكى    گۆشلىرى تىلىم–تىلىم بولۇنۇپ كەتكەن ئىدى . مەن بىرلا قاراپ بۇ يۇزنىڭ تونۇش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىش بىلەن بىرگە ئىنايىن قورقۇپ كەتتىم ، ئۇ غەلىتە يۇز ئاكۈينىڭ ئىدى . توۋا خۇدايىم ، ئاكۈينىڭ چىراي بەئەينى قانخۇر ئالۋاستىنىڭكىگە ئوخشاپ قالغانتى .
    ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئالقانچىلىك گۆشىنى پەنزې ئاتقان ئوق ئۈچۈرۋەتكەن بولۇپ ئىچىدىكى سۆڭىكىمۇ كۆرۇنۇپ قالغان ئىدى . بىراق ئاكۈينىڭ ياشاش ئىرادىسى كۈچلۈكمۇ ياكى ئەزرائىل ئۇنىڭ جىنىنى ئىلىشنى خالىمىدىمۇ قانداق ! ئىشقىلپ ئۇ تىخى ئۆلمىگەن ئىدى . مەن ئۇنىڭ تىخى ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ خۇش بولغىنمىدىن :" تىز ياماش ، بەلكىم ساقىيىپ كىتەرسەن !" دىدىم .
    بىراق ئاكۈينىڭ چىرايىدا ھىچبىر مىنى كۆرۇپ خۇش بولغانلىق ئىپادىسى كۆرۇنمەيتى ، كۆزلىرىدىن بىر خىل نەپرەت – ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنى چاقناپ تۇراتتى ، قارىغاندا ئۇ بىزنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىمىزگە ئۆچمەنلىك ساقلاۋاتقان چىغى . بۇ ۋاقىتتا ئاكۈي مىنىڭ قولۇمنى تۇتىۋالغان بولغاچقا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قورقۇنۇچلۇق قان قىزىللىق مىنىڭ قولۇمغا يامراۋاتاتتى ،دەل شۇ پەيىتتە مەن قولۇمنىڭ ئىنتايىن ئاچچىق ئىچىشىۋاتقانلىقىنى ھس قىلپ كۆڭلۇمدە :" تۈگەشتىم " دەپ ئويلىدىم .
    بىردىنلا ئاكۈي ئىغىزدىن نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاۋاز  چىقىرىپ قولۇمغا ئىسىلىپ مىنى پەسكە تارتىشقا باشلىشىغا توۋەندىكى  ئىپلاس جەسەت بۇرگىلىرى ئسىمگە كىلىش بىلەن كۇچۇمنىڭ بارىچە ئاكۈينىڭ قولىنى سىلكىپ چۈشۇرۋىتىپ  يۇقىرغا يامىشىشقا باشلىدىم . بىراق ئۇ قولۇمدىن ئاجىراپ دەرھال پۇتۇمغا چاپلىشىپ پەسكە تارتىپ پىدائىلاردىن ئۆگىنىپ   مىنى ئۆزىگە قوشۇپ دەپنە قىلماقچى بولىۋاتاتتى .
    مەن دەرھال :" ئاكۇي بىگىم ، مىنى قويىۋەتسىلە ،تەقدىر شۇنداقكەن ، ئەگەردە ھايات قالغۇلىرى بولسا مەن بىلەن بىللە ماڭسىلا ، ئۇنداق بولمىسا مىنى ئۆزلىرىگە قوشۇپ دەپنە قىلىشىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق ...... ئۇنىڭ ئۇستىگە مەنمۇ ئەركەك ...... سىلىگە ھەقىقەتەن ھەمرا بولالمايمەن......!!" دىدىم .
    ئۇ گىپىمىنى ئاڭلاپ خۇددى ساراڭ كالىدەك تىپىرلاپ ئىتىلىپ كەلدى ، ئۇنىڭ كۆزىدە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى . توساتتىن ئاكۇي بىرلا يامىشىپ چىقىپ گىلىمنى بوغىۋالدى ، قارىسام ئۇ مىنى بوغۇپ ئۆلتۇرمىگچە بولدى قىلمايىدىغان چىراي ، ئۇ ئۆلمىسە مىنىڭ ئۆلىشىمدە گەپ يوق . شۇڭا بارلىق  كۈچۈمىنى پۇتۇمغا يىغىپ ئۇنى تەپكەن دەقىقنىڭ ئۆزىدە بوينۇمغا ئسىقىلىق مىلتىقىنىڭ ستىۋولىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ  قىلچە ئىكىلەنمەيلا تەپكىنى باستىم . " پاڭ " قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوق پەسكە چۈشۇپ كىتىۋاتقان ئاكۈينىڭ كۆكرىكىنى تىشىپ ئوتۇپ قىپقىزىل قىنىنى چاچىرتىۋەتتى . ئۇ بوشلۇقتا پۇت –قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىر نەرسىنى تۇتماقچى بولاتتيۇ بىراق ھىچنىمنى تۇتالماي پەستىكى جەسەت بۇرگىسى دىڭىزىغا چۈشۈپ كەتتى .
   بۇ ۋاقىتتا ئاكۈي تۇتىۋالغان قولۇمدا تۇيغۇ يوق بولۇپ ئۆزۈمنىڭ دەرەخ شىخىنى تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىمنى بىلمەيتىم . توساتتىنلا ئۆزۇمىنىڭ پەسكە چۇشۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھس قىلىپ يەنە بىر قولۇمنى سۆزۇپ دەرەخ شىخغا يامىشىپ ئۆسكەن پىلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكىنى تۇتۋالماقچى بولىشىمغا بۇ قولۇمغا تاش توپىسى سۇركەلگەن بولغاچقا ئۆسۇملۇك يىغىلىپلا ئۆزىنى ئەپ قاچتىدە مەن تۆۋەندىكى چوڭ دەرەخ شىخىغا قاتتىق ئۇرۇلدۇم .
    چوڭ شاخقا نۇرغۇن جەسەت بۇرگىلىرى يامىشىپ كەتكەن بولۇپ مىنىڭ سوقۇلىشىمدىن يىرىمدىن كۆپرەكى پەسكە چۈشۈپ كەتتى . دەرەخ شىخغا سوقۇلغان دەقىقىدە مەن دەرھال ئىككى تىزىم بىلەن شاخنى قىسىۋىلىپ بۇرگىلەر ئارىسغا چۇشۇپ كىتىشتىن ساقلاندىم . ئەتىراپىمدىكى جەسەت بۇرگىلىرنىڭ ماڭا قاراپ ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ئچىمدە ئاچچىق كۇلۇپ تاشلىدىم .ھازىز ئالدىمدا نەچچە خىل ئۆلۇش ئۇسۇلى تۇرۇپتۇ ، يىقىلپ ئۆلسەممۇ ياكى ئىپلاس بۇرگىلەرگە يەم بولساممۇ ۋە ياكى زەھەرلىنىپ ئۆلسەممۇ بولىۋىرىدۇ ، قارىغاندا ئەزرائىل مىنى بەك ياخشى كۆرسە كىرەك .  
    ھەسرەت چىكىپ تۇرسا، ھىلىقى ئۆلگۇر سىمىز بىر نەچچە جەسەت بۇرگىسىنى تىپىپ تۆۋەندىن يامىشىپ چىقتى . توۋا خۇدايىم ، مەندىمۇ ئاستا يامىشىدىغان ئادەم باركەن دىسە ! سىمىز مىنى كۆرۇپ ئىغىزىنى بۇزۇپ :" ئاناڭنى!! سىنىڭ تىخى بۇ يەردە دەرەخ شىخىغا ئىسىلىپ بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ۋاقتىنىڭ باركەن ھە ؟! قارىغىنە ، سىمىز غوجاكاڭنىڭ كاسسىنى ئىپلاس بۇرگىلەر چىشلەپ ھەرە ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى ...." دەپلا مىنى يۆلەشكە تەمشىلىشىگە سىمىزگە قاراپ ۋاقىردىم :" مىنى تۇتما  زەھەرلەندىم ،  ماڭا ئامال يوق ، سەن كىتىۋەر ..."     سىمىز ھىچنىمە دىمەيلا مىنى يۇدۇپ :" ئاناڭنى ، ئەينەككە قاراپ باقە! سەن بىر نىمنىڭ ئىككى مەڭزىڭ قىپقىزىل ، يۇز تىرەڭ پاقىراق ،  قايسى زەھەرلەنگەن ئادەم ساڭا ئوخشايدۇ ؟!" دىدى .
    مەن سىمىزنىڭ گىپىگە ئىشەنمەي بىلىكىمگە قارىسام بىلىكىم قىپقىزىل قاپارتما بىلەن تولغان بولۇپ خۇددى نەچچە مىڭ پاشا چىقىۋالغاندەك قىززىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى . لىكىن بۇ قىزىل قاپارتمىلار مۈرەمگە كىلىپ توختاپ قالغان بولۇپ باشقا يىرىمگە تارقىماي ئەكىسچە بارا –بارا يوقاپ كىتىۋاتاتتى . بۇنى كۆرۇپ ھەيران قالغىنىمدىن :" ئۇ زەھەر ماڭا كار قىلمايدىكەنغۇ ؟؟!" دەپ ئويلىدىم .    سىمىز مىنى يۇدۇپ چىشىنى چىشىغا چىشلەپ دىگۇدەك ئۈستىگە يامىشىۋاتقان بولغاچقا مەن ئۇنىڭ دۇمبىسىدە  ئارقىمىزدىكى جەسەت بۇرگىلىرىدىن مۇداپىئە كۆرىدىغان گۆش قالقىنىغا ئايلاندىم ، بىرمۇنچە جەسەت بۇرگىلىرى سەكرەپلا چىقاتتى –دە كاسسامنى چىشلەيتتى ، شۇڭا مەن ئىغىزىمنى بۇزۇپ :" ئاناڭنى ئۆلگۇر چوشقا  ، سىنى تىخى ياخشى نىيەت بىلەن مىنى يۇدىۋالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن .... ئەسلىدە سەن مىنى ‹‹ يا ئوقىدىن ››مۇداپىئە كۆرىش ئۇچۇن يۇدىۋاپتىكەنسەندە؟......." دەپ ۋاقىردىم .
    سىمىز ئۇلاپلا :" نىمە كوتىلدايسەن ؟ قايىل بولمىساڭ مىنى يۇد ئەمسە ! ئاكاڭ قارىغاينىڭ كاسسىدىمۇ ساق يەر قالمىدى..... " دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
   مەن ئۇنىڭ بىلەن تالىشىۋىرىشىنى خالىمىدىم . بۇ ۋاقىتتا سىمىز مىنى يۇدۇپ توققۇز باشلىق يىلان دەرىخىنىڭ نۇرغۇنلىغان جەسەت ئىسلغان يىرىگە يامىشىپ چىقتى .  ئالدىراپ –تىنەپ يامىشۋاتقان بولغاچقا دىققەتسىزلىكىتىن ئىسىقلىق تۇرغان جەسەتلەرگە سوقۇلۇپ  جەسەتلەرنى مىدىرلىتىۋەتكەچكە كەينىمىزدىن قوغلاپ كىلىۋاتقان بۇرگىلەر بىزنى قوغلاشتىن توختاپ بەزى تولۇق چىرىپ بولالمىغان جەسەتلەرگە يامىشىىپ قالايمىقان چىشلەشكە باشلىدى . سىمىز بىرلا ئارقىغا قاراپ :" بۇ ئىپلاسلار بەك دۆتكەن ، بىر ئوبدان تىرىك يىڭى گۆشتىن ۋاز كىچىپ چىرىپ كەتكەن سىسىق گۆشكە ئىتىلدى دىسە ......." دەپ چالۋاقىدى .
    سىمىز بۇ ئامالىنىڭ كارغا كىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ مىنى  قولۇپ يەتكەن جايلاردىكى جەسەتلەرنى مىدىرلىتشقا بۇيرىدى ، مەن گەرچە بۇ ئاللىقاچان ئۆلگەن جەسەتلەرنى ئاۋارە قىلىشىنى مىڭ مەرتىۋە خالىمىساممۇ بىراق جاننى ساقلاپ قەلىش ئۇچۇن يەنىلا سىمىزنىڭ دىگىنى  بويچە قىلدىم . ئارقىمىزدىكى بۇرگىلەر بىزنى تاشلاپ جەسەتلەرگە ئىتىلىپ بىزگە تىنىۋلغۇدەك پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەردى .
   بايامقى جىددىيلىكتىن كىيىن قولۇمنىڭ سىزىمى ئاستا –ئاستا ئەسلىگە كەلدى . شۇڭابوۋامنىڭ خاتىرسىدىكى مەزمۇنلارنى ئىسىمگە ئالدىم ، بوۋاممۇ زەھەرلىنىپ ئۆلمەپتىكەن ، قارىغاندا تىنىمدە تۇغما زەھەرگە قارشى ئىمىۇنىت كۈچى بارمۇ – قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم .
    ئويلاپ ئاخىرىنى چىقىرالمىغاندىن كىيىن سىمىزگە " مىنى چۈشۇرۇپ قوي " دىدىم . سىمىز مىنى چۈشۇرۈپلا چالا بوغۇزلانغان چوشقىدەك خىقىراپ نەپەسلىنىشكە باشلىدى . قارسىام ئۇ ھىرىپ كەتكىنىدىن كۆزلىرىمۇ قىززىپ كەتكەن بولۇپ ئىچمدە كۇلۇپ:"  ئالدىنقى قىتىم تاش سۇپا ئۈستىدە سىنى يۇدۇپ قان قۇساي دەپ قالغان ئىدىم ، بۇ قىتىمقىسى بىلەن تەڭلەشتۇق ......!" دىگەنلەرنى ئويلاۋاتسام توساتتىن سىمزىنىڭ ئارقىسىدىكى درەخ شىخدا بىرسىنىڭ ماڭا قاراپ كۆز ئىشارىسى قىلۋتقانلىقىنى كۆردۇم .
    مەن دەرھال بىشىمنى سىلكىپ كۆزۇمنى ئۇلىۋىتىپ شاخ ئۇستىگە قارىسام ھىچكىم يوق ، شۇڭا ئەجەپلىنىپ تۇرسام سىمىز :" ئاناڭنى ، نىمە ھاڭۋىقىپ تۇرىسەن ؟ تىز ماڭايلى !" دەپ ۋاقىردى .
    " توختاپ تۇر ! " دەپ سىمىزنى تارتىپ تۇرۇپ ئىيتتىم :" سولغا ماڭ سولغا ، بايا بىرسى ماڭا قاراپ كۆز ئىشىارىسى قىلدى !" .
    سىمىز كالىدەك پۇشۇلداپ ماڭا ئەگىشىپ ياماشتى . بىرىپ قارىساق ھىچكىم يوق ، لىكىن مەن كۆرگەن شاخنىڭ ئاستىدا بىر ئادەم ئاران پاتقۇدەك كەڭلىكتىكى دەرەخ كامىرى تۇراتتى .
   سىمىز دەرھال قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ كامار ئىچىنى يورۇتتى . كامار ئىچدە نۇرغۇنلىغان ئالۋاستى ئۆسۇملۇكلەر  ئىغىر دەرىجىدە چىرىپ كەتكەن بىر جەسەتنى ئورىۋالغان بولۇپ جەسەت ئىغىزى ناھايتى چوڭ ئىچىقلىق ،كۆزىنىڭ ئەتىراپى كۆكىرىپ كەتكىنىدىن كۆز قارچۇقىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى . سىمىز ماڭا قاراپ :" ئۆلۈككەنغۇ ؟؟ سەن جىن كۆردۇڭمۇ نىمە ؟" دەپ سورىدى .
    مەن ئۇنىڭ بىزگە قاراپ كۆز ئىشارىسى قىلىپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كىلىشىنىڭ چوقۇم بىر سىرى بار دەپ ئويلاپ جەسەتنىڭ ئۇستىبىشىنى ئاختۇرۇپ ئۇنىڭ قولىدا مىتالدىن ياسالغان مىدالىئوننى سىقىمدىۋالغانلىقىنى بايقىدىم .
    دەل شۇ پەيىتتە تۆۋەندىكى بۇرگىلەر بىزگە قاراپ چىرىلداشقا باشلىدى . شۇڭا مەنمۇ ئاختۇرۇشنى توختىتىپ ئىزىتقۇ كىيىم كىيىۋالغان  جەسەتكە قاراپ ھەربىيچە سالام بەرگەندىن كيىن يۇقىرغا يامىشىشقا باشلىدىم . ئەسلىدىنلا  سىمىز مىنى يۇدۇپ يامىشىپ يىرىققا ئاز قالغان بولغاچقا بىز بىردەم يامىشپلا يىرىق ئۈستىگە چىقىپ كەتتۇق .
    ئىككىمىز يىرىقىتىن چىقىپلا پەسكە قارىساق بىزنى قوغلاۋاتقان بۇرگىلەر ھىچ توختاپ قالىدىغاندەك قىلمايتتى . ئۇلار توختىناي يامىشىپ يىرىقىنىڭ ئاستىغلا كىلىپ قالغان بولغاچقا سىمىز ماڭا قاراپ :" ھازىر تىخى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت ئەمەسكەن ! تىز قاچايلى " دەپ ۋاقىردى .
    مەن يەر ئاستىدا ئۇزاق تۇرغاچقا يولىنىشنى پەرىق قىلالماي ھاڭۋىقىپ  تۇرسام  ئالدىمىزدىكى قويۇق چۆپلۇكتىن مۈرىسىدە  بىر نەرسە  كۆتۇرۋالغان كەنجى تاغام يۇگرەپ چىقىپلا ۋاقىردى :" تىزدىن كەينىدىكى بىنزىن تۇڭىنى يۆتكەپ كەل !
   مەن يۈگرەپ بىرىپ قارىسام بىز قىچىپ چىققان يىرىق بىلەن قەۋرىگە چۈشۈش ئۇچۇن كۆلىغان ئوغىرى كامارنى  ئىگىزلىكى ئالتە -يەتتە مىتر ئەتىراپىدىكى كىچىڭ دوڭلۇك  ئايرىپ تۇرغان  بۇلۇپ ئەمىليەتتە بىز كۆلىغان ئوغىرى كامىرىغا ئىنتايىن يىقىن ئىدى .
    مەن يۇگرەپ بىرىپ قارىسام بىز قالدۇرۇپ قويغان ئەسۋاپ – جابدۇقلار جايىدا ئىكەن . شۇڭا كۆڭلۇمدە:"  سەن نىجىسلارنىڭ ئەدىۋىنى بىرىدىغان پەيىت كەلدى !" دەپ ئويلاپ بىنىزىن تۇڭىدىن بىرنى مۈرەمگە ئارتتىم .     سىمىز بىلەن ئىككىمىز بىنزىن تۇڭىنى كۆتۇرۇپ  كەلگەن ۋاقىتتا كەنجى تاغام ئاللىقاچان بىرىنچى تۇڭ بىنزىننى يىرىققا تۆكۇپ بولغان بولۇپ چاقماقنى ياندۇرۇپ يىرىققا تاشلىشىغا  " گۇپ" قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يىرىقىنى ئوت يالقۇنى قاپلاپ بۇرنۇمغا ئىنتايىن سىسىق كۆيگەن گۆشىنىڭ پۇرىقى ئۇرۇلدى . كۆيىۋاتقان بىنزىن يىرىقتا ئوت سىپىلىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ ئىپلاس بۇرگىلەرنىڭ ئىچىنىشلىق چىرىلداشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ  ، كۆيۇپ چىقارغان سىسىق پۇرىقىنى پۇراپ كۆڭلۇم ئىنتايىن يايراپ كەتتى . بىز بۇ ۋاقتتا ئوت ئۈستىگە يەنە ماي چىچىپ ئككىنچى ، ئۈچۈنچى تۇڭ بىنزىننىمۇ يىرىققا قاراپ تاشلىشىمىزغا تۇڭدىكى بىنزىن پارتىلپ ھاسىل بولغان ئىسىق ھاۋا ئىقىمى قاش –كىرپىكلىرىمنىمۇ كۆيدۇرىۋەتتى .   
    مەن دەرھال ئارقامغا يىنىپ قولۇمدىكى مىدالئىونغا قاراپ ئىگىسىنىڭ ئىسمىنىڭ JIEMS ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ سۇرتىۋىتىپ يانچۇقۇمغا سىلىپ پۇرسەت بولسا ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقىمنى ئۇنىڭ ھازىرچە شۇ يەردە يىتىپ تۇرۇشىنى ئويلاپ تۇرىشىمغا سىمىز كەنجى تاغامدىن :" قالغان ئىككەيلەنچۇ ؟" دەپ سورىدى .      كەنجى تاغام كەينىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :" پەنزىنىڭ ھالى خاراپ ، ئوتتەك قىزىپ كىتىپتۇ ، ھىلىقى ئاكاشنى كۆرمىدىم ، سىلەر بىللە ئەمەسمىدىڭلار؟" دەپ جاۋاپ قايتۇردى .  
     سىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ :" پارتىلاشتىن كىيىن ئۇنى كۆرمىدىم ، قارىغاندا ئۇنىڭغا بىرەر تالاپەت يەتكەن  ئوخشايدۇ !!" دىدى .     كەنجى تاغام ئارقىدىنلا بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ :" ئۇنداق بولىشى ناتايىن ، ئۇ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ ئەڭ ئالدىمىزدا يامىشىۋاتقان ........ بەلكىم پارتىلاشتىن بۇرۇنلا قىچىپ چىققان بولىشى مۇمكىن " دىدى .  ئارقىدىنلا ھەممىمىز ئەتىراپنى ئىزدىگەن بولساقمۇ بىراق بوتۇلكىنىڭ قىچىپ چىققانلىق ئىزناسىنى تاپالمىدۇق . بۇ چاغدا كەنجى تاغام ئاچچىق بىر كۇلۈپ قويدى .
    ھەممىمىز چىدىرغا قايتىپ گۇلخان يىقىپ ئىسىپ قالغان گۆش كونسىرۋاسىنى قىزىتىپ يىدۇق . مىنىڭ قورسىقىم بەك ئىچىپ كەتكەن بولغاچقا قۇتىدىكى نىمە گۆشى ئىكەنلىكىگە دىھقەتمۇ قىلماي ئاچ قالغان بۆرىدەك كاپ ئەتتىم . كەنجى تاغام ئارقىمىزدىكى دۆڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :" قاراڭلار ، بۇ چىدىر بىز چىققان يىرىققا بەكلا يىقىن ئىكەن ، قارىغاندا ھىلىقى قىرى كۆرگەن ئالۋاستى دەرەخ چۇقۇم قەۋرىدىكى توققۇز باشلىق يىلان دەرىخى شۇ ! ئۇلار بۇ  يەردە چىدىر تىكىپ تۈنىگەن بولغاچقا ئالۋاستى ئۆسۇملۇكلەر ئۇلارنى يايقاپ يىرىقىتىن چىقىپ ئۇلارغا تالاپەت يەتكۇزگەن ، بىز ھەرنىمە بولسا بۇ يەردە قونۇپ قالماپتىكەنمىز ، ئۇنداق بولمىغاندا بىزمۇ ئۇلاردەك ..........!" دىدى .  
     ئارقىدىنلا سىمىز :" بىز قويغان ئوت قاچانغىچە كۆيىدۇ ؟ بۇنى بىلمەيمىز ، ئوت ئۆچۇپ بۇرگىلەر ئۇستىگە چىقسا چاتاق بولىدۇ ، بىز تىزدىن بۇ ئورمانلىقتىن چىقىپ كىتەيلى " دىدى .
     مەن ئالدىراپلا باش لىڭىشتىپ ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدىغانلىقىمنى بىلدۇردۇم ھەمدە سىمىز بىلەن ئىككىمىز پەنزىنى نۆۋەتلىشپ كۆتۇرۇپ ئورمانلىققا قاراپ يولغا چىقتۇق .
    يول بويى ھىچكىم گەپ قىلمىدى . كەلگەن ۋاقتىمىزدا پاراڭلىشىپ ، كۇلۇشۇپ كەلگەندۇق قايتقان ۋاقتىمىزدا بولسا خۇددى تۇرمىدىن قاچقان جىنايەتچىدەك  ئالدىراپ –تىنەپ شەپىسىزلا ماڭدۇق .
     مەن ئاللىقاچان ئىككى كىچە –كۇندۇز كىرپىك قاقمىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭەم  48سائەت  جىدىچىلىك ئاستىدا خىزمەت قىلغان بولغاچقا يول ئاز قالغان چاغدا پەقەت ئىڭەمدىكى تۇيغۇ . ئارزۇ – ئارمانغا تايىنپلا يولىنى داۋاملاشتۇردۇم .   تىنىم بەكلا ھىرىپ كەتكەنلىدىن ھازىرلا يىقىلىپ قالىدىغاندەكلا قىلاتتىم . ۋاي خۇدا !!بۇنداق بولارنى بىلسەم  ھەرگىزمۇ كىپەن ئوغىرلىغىلى چۇشمەيتتىم . كۆڭلۇمدىكىنى ئىيتسام ئاپىسىنىڭ كۆكسىنى قاتتق چىشلىگەن ئادەم كىپەن ئوغىرلىقىنى قىلىدىكەن .......!!! _
   بىز توپتوغرا بىر كۇندۇر  ماڭغاندىن كىيىن ئورمانلىقىتن چىقىپ ھىلىقى لاي –شىغىل ئىقىنى شەكىللەندۇرگەن چىغىر يولدىن ئوتۇپ ئاخىرى سۆيۇملۇك كىچىك كەنىتنى كۆردۇق .
    بىز كەنىتكە كىرىپلا پەنزىنى كەنىتتىكى يالاڭئاياق دوختۇرنىڭ قىشىغا ئاپاردۇق .يالاڭئاياق دوختۇر پەنزىگە قاراپ قوشۇمىسىنى تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىگە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا ئوزۇممۇ بىلمەي بۇخاراغا كەتتىم .
   بۇ قىتىمقى ئۇيقۇ ئۆمىرىمدە ئۇخلىغان ئۇيقىنىڭ ئەڭ تاتلىقى بولسا كىرەك ، بەكلا ھىرىپ كەتكەچكە بىرەر يىرىم تال چۈشمۇ كۆرمەپتىمەن . قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئىسىمگە كىلىپ سىرتىن ئاڭلانغان ۋاراڭ –چۇرۇڭ ئۆرە –تۆپىدىن بىرەر كىلىشمەسلىكنىڭ يۇز بەرگەنلىكىنى ھس قىلىدىم .
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى