رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك16-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك16-باب

ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 1680 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سىمىزنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ روھلىنىپ كەتتى. ئۇ گەرچە قائىدىلەرگە كۆپ ئىتىبار بەرمىسىمۇ بىران قەدىمىي قەبرىلەردىكى ئىپادىسى ناھايتى كەسكىن ۋە ئەستايىدىل ئىدى، ھەم بۇ جەھەتتە تەجىربىسى مول ئىدى. مەن ئۆزۈم يالغۇز قەبرىگە كىرىپ باقمىغان ھەم بۇنداق ھەركەتكە باش بولۇپ باقمىغان بولغاچقا، ئىشتىن ئاۋال يىغىن ئېھىپ سەپەرۋەر قىلىش زۈرۈرلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.   مەنمۇ ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا باشلىدىم.
 سىمىز بەك كۆپ يەۋەلغان بولغاچقا قۇرساقلىرى تومپىيىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قۇرسىغا مۇشتلاپ قويۇپ:« مەن ئەزەلدىن دېڭىز ئاستى قەبرىسىنى قېزىپ باقمىغان. ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىۋالايلى. ئىچىگە كىرىپ بولغاندا ئىشلار قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، بىزنىڭ ھازىر كىرمەكچى بولغىنىمىز يەر ئۈستىدىكى قەبرىلەرگە ئوخشىمايدۇ.    سىلەر قانداق لازىمەتلىكلەرنى تەييار قىلدىڭلاركىن؟    مەن بىر كۆرۈپ باقاي»دىدى.
 نىڭ خانقىز:« ۋاق ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھەركىتىمىزگە قانچىلىك ئىشەنچىڭىز باركىن؟  بىز ئاۋال ياخشى پىلانلايلى، ھەرھالدا كۆڭلىمىزدە سان بولغىنى تۈزۈك»دىىدى.
 سىمىز بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:« بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ. تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا  بۇ دېڭىز قەبرىسى بىرىنجىدىن_ ئورنىنى بەلگىلەش قىيىن.  ئىككىنجىدىن_ قازماق قىيىن. ئۈچىنجىدىن_ ئىچىدىكى ئەھۋال ئىنىق ئەمەس.     يۇقارقىلاردىن بىرىنجى ۋە ئىككىنجىنى ھازىرچە دىمەيلا قۇيايلى، مۇھىم بولغىنى ئۈچىنجىسى، بۇ قەبرىنىڭ ئىچىدە قورقۇنۇچلۇق  مۇردىلار بارمۇ-يوق بۇنى بىلمەيمىز. ئەگەر بار بولۇپلا قالسا چوڭ ئاۋارىچىلىق چىقىدۇ. بولماي قالسا ئۇ چاغدا بۇ قەبرىنى قېزىش يەر ئۈستى قەبرىسىنى قازغاندەكلا ئاسان ئىش»دىىدى.
  مۇردا دىگەن گەپنى ئاڭلاپ كەنجى تاغام ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا قەبرە يوللىرىدا يولۇقتۇرغان غەلىتە مەخلۇقلار كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئويلىغانسىرى بۇ نەرسە بۈگۈن مەن ئالۋاستى كىمىسدە كۆرگەن دېڭىز مايمۇنى شۇمىدۇ؟ دەپ پەرەز قىلىشقا باشلىدىم، ۋە مىنى ئىختىيارسىز سۈر بېسىشقا باشلىدى.  مەن كۆپچىلىككە:« قەبرە ئىچىدەقورقۇنۇچلۇق  مۇردا بارمۇ-يوق بۇنىسى نامەلۇم. بىراق ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇچلۇقراق نەرسە بۇلىشى مۇمكىن» دىدىدىم.  ئارقىدىنلا ئۇلارغا ئالۋاستى كىمىسىدە كۆرگەن ھېلىقى مەخلۇق توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم.  بۇ گەپلەرنى جاڭ چۇقۇر ئۇلارغا دەپ بولغان ئىدى. بىراق ئۇ نىڭ خانقىزنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى ئاساس قىلىپ سۆلىگەن بولۇپ ، بۇ يەردىكىلەر ئۇ نەرسىنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى. مەن ئۇ مەخلۇق توغرىسىدا كۆرگەنلىرىمنى ئاددى، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ چىقتىم.  سىمىزنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى. «ئاناڭنى، يەنە تېخى مۇشۇنداق نەرسىمۇ بارمىكەن؟» دەپ سورىدى ئۇ.
 مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ:« شۇنداق. يەنە تېخى نۇرغۇن جايلاردا مۇشۇ توغرىسىدا رىۋايەتلەرمۇ بار، مىنىڭچە بۇ يالغان ئەمەس»دىدىم.
 نىڭ خانقىزمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:« مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئاڭلىغان، بىراق بۇ چوڭلارنىڭ مىنى دەريا بويىغا بېرىپ ئوينىمىسۇن دەپ قورقۇتۇپ دەپ قويغان گەپلىرى دەپ ئويلايتتىم»دىدى.
 بۇ ۋاقىتتا كاپىتان گەپ قىستۇرۇپ:« خاتا!خاتا! بۇنى سىلەر چۈشەنمەيسىلەر. بۇ يەرگە كىلىپ بېلىق تۇتىدىغان بېلىقچىلىق كىمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇ نەرسىنى كۆرگەن. سىلەرگە دىسەم_ بۇ نەرسە سىلەر ئېيتقان دېڭىز مايمۇنى ئەمەس. ئۇ دىگەن تۈن ئالۋاستىسى! ئۇ لوڭ بىگىمنىڭ(لوڭ بىگىم دىگىنى مۇشۇ دېڭىزنىڭ مۇئەككىلى دىگەندەك مەنىلەردە_ تەرجىماندىن)توققىنى. سىلەر ھازىر چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭلار، ئۇ جەزمەن قايتىپ كىلىپ بىزدىن قىساس ئالىدۇ. بىز ئەڭ ياخشىسى تىزدىن قىرغاققا قايتىپ چىقىپ كالا سېتىۋېلىپ كىلىپ ئۆلتۈرۈپ، باخشىدىن بىرنى تېپىپ كىلىپ نەزىر چىراق قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساقلا لوڭ بىگىم ئىنساپ قىلىپ بىزنى كەچۈرىۋېتىشى مۇمكىن» دىدى.
 جاڭ چۇقۇر بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. « مەن سىزگە دىسەم كاپىتان «بىگىم»! مەن بىر پاي ئوق بىلەن لوڭ بىگىمنىڭ توققىنىنىڭ دۇلىسىدىن تۈشۈك ئېچىۋەتتىم. ئۇنداقتا مەن ئالۋاستى يۇقىتىدىغان سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئۆزى بولمامدىم؟» دىدى.
 كاپىتان بۇ گەپتىن ئاچچىقلىنىپ يۈزلىرى كۆكىرىپ كەتتى. « سىنىڭ بۇ ھالىتىڭ نەدىمۇ سۇنۋۇكوڭغا ئوخشىسۇن! سەن جۇباجىنىڭ ئۆزى !!» دىدى.
 بىز ھەممىمىز بۇ گەپتىن كۈلۈشتۇق. جاڭ چۇقۇر سىمىز ئېڭىكىنى تۇتۇپ باقتى. خۇددى مەن راستىنلا ئوخشامدىم قانداق؟ دەپ سىناپ بېقىۋاتقاندەك.    ئۇ بىردىنلا جىم بولۇپ قالدى.
 سىمىز بىر ھازا كۈلگەندىن كېيىن:« دېڭىز ئاستىدا بۇ خىل نەرسە بولغان ئىكەن، بىز ئەلۋەتتە قۇرال ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك! مۇبادا دېڭىز ئاستى قەبرىسى ئۇلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالسىچۇ تېخى!؟ ئۇ چاغدا بىز ئىنقلا ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن بولمامدۇق؟! قېنى نىڭ خانقىز، سىز دېڭىز ئارىسى دىگەندەكلەرنى تەييار قىلىپ قويغانسىز-ھە؟» دىدى.
 «بىز بۇ ئىشلارنى ئەلۋەتتە ئويلاشتۇق. بىز سۇ ئاستىدا ئىشلىتىلىدىغان قۇرال تەييارلاپ قويدۇق.  بىراق بۇ قۇرال سەل كىلەڭسىز، بىر قېتىمدا بىر پايلا ئوق ئاتقىلى بولىدۇ.  ئەگەر راستىنلا جىددى ئەھۋال يۈز بىرىپ قالسا چۇقۇم جانغا ئەسقاتىدۇ دەپ كىسىپ ئېيتالمايمەن» دىدى-نىڭ خانقىز.
 مەن بۇ قۇرالنى بۇرۇن كۆرۈپ باققان، بۇ قۇرال گازدا ئېتىلىدىغان بولۇپ، قاتلىنىدۇ. ئېتىلغان ئوق تۆت مىتىرغىمۇ بارمايدۇ. بىراق ھەر ھالدا قوغدىنىش قۇرالى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ قۇرالنى تار قەبرە يوللىرىدا چىقىرىپ ئىشلىتىش سەل بىئەپرەك.
 سىمىز:« كارغا كىلەمدۇ-كەلمەمدۇ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسۇن. قۇرال دىگەن بۇ نەرسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئېلىۋالغىلى بولىدىغاننىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالايلى. ئەتە دېڭىز ئاستىغا چۈشكەندە مەن ئەڭ ئالدىدا ماڭاي، ۋۇ ئەپەندىم مىنىڭ كەينىمدىن ماڭسۇن، نىڭ خانقىز ۋە ئاۋۇ چۇقۇر ئەڭ ئاخىرىدا مېڭىڭلار. ئەگەر بىرەر ئەھۋال بايقىسام ئالقىنىمنى پۇلاڭلىتىمەن، سىلەر دەرھال توختايسىلەر. ئەگەر ئەھۋال خەتەرلىك بولسا مۇشتۇمۇمنى پۇلاڭلىتىمەن، بۇ چاغدا سىلەر ھېچنىمىگە قارىماي قاچىسىلەر.»دىدى.
 بىز ئۇنىڭ بۇ پىكىرىگە قايىل بولۇپ بېشىمىزنى لىڭشىتتۇق. بىز ئاخىرىدا يەنە بىر قىسىم ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەشتۇق.  مەن كەنجى تاغام بىلەن يۈرگەن چاغلىرىمدىكى تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن ئۇلارغا بىر تىزىملىك تەييارلاپ بەردىم.  ھەممەيلەن تىزىملىكتىكى_ چارلاش چىرىقى، خەنجەر، سۇ ئۆتمەس خالتا، ئارغامچا، يامىشىش تۈگمىسى، يىمەكلىك، جىددى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى، زەھەردىن ساقلىنىش نىقابى، سايمان ساندۇقى  دىگەندەكلەرنى تۇلۇق تەييار قىلىۋالدۇق.
 بىز بۇ ئىشلارنى تۈگەتكىچە ئالام تاڭ ئاتاي دەپ قالغان ئىدى. « ئەمدى مۇشۇنچىلىك بولسۇن، يەنە گەپ سېتىپ تۇرىۋەرسەك ئەتە سۇغا چۈشكىلى بولمايدۇ. بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك»دىدى سىمىز.
 شۇنداق قىلىپ بىز ھەممىمىز ئارام ئالماق ئۈچۈن تارقالدۇق. بايىقى« ھەلەقنىڭ» كەيپى ئەمدى تۇتىۋاتسا كېرەك ، باشلىرىم ئېغىرلىشىپ بېشىمنى قۇيۇپلا ئۇيقۇغا كەتتىم. شۇ ئۇخلىغانچە چۈشتىن كېيىن بولاي دىگەندە ئاران ئويغاندىم.
 باشقا بىرقانچەيلەن خېلى بۇرۇنلا ئويغۇنۇپ، سۇ ئاستىغا چۈشۈپ دېڭىز ئاستى قەبرىسىنىڭ ئورنى مۇشۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ ئىنىقلاش ئۈچۈن سۇ ئاستىغا چۈشۈپ بولغان ئىدى. مەن دېڭىز سۈيىدە يۈزۈمنى يۇيىۋېتىپ ئۇلارغا قارىدىم، غەۋۋاس كىيىمى كىيىۋالغان بىر قانچى كىشى بېشىنى سۇدىن چىقىرىپ تۇراتتى. ئۇلار نىڭ خانقىزغا قاراپ:« تاپتۇق! دەل مۇشۇ يەر شۇ ئىكەن. قەبرىگە كىرىش ئېغىزىنىمۇ تاپتۇق!» دىدى.
 نىڭ خانقىز ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ:« ئىچىگە كىرىپ قاراپ باقتىڭلارمۇ؟»دەپ سورىدى.
ئۇ ئادەم بېشىنى چايقاپ:« قەبرە ئېغىزىدىكى ئۆڭكۈر بەكلا ئۇزۇنكەن، مەن خېلى بىر يەرگىچە ئۈزۈپ باردىم، بىراق ئاخىرقى نوقتىغا بېرىشقا كۆزۈم يەتمەي يېنىپ چىقتىم» دىدى.
 نىڭ خانقىز بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ ئۇلاردىن يەنە بىرنىمىلەرنى سورىغاندىن كىيىن بىزگە قاراپ:« بولدى، بىز چۈشۈشكە تەييارلىق قىلايلى، ئۇلار قەبرە ئېغىزىنى تازىلاپ، تۇسالغۇلارنى تۈگەتكەندە بىزگە خەۋەر قىلىدۇ»دىدى.
 بىز ھەممىمىز غەۋۋاسلىق كىيىملىرىمىزنى كىيملىرىمىزنى كىيىشكە باشلىدۇق. بۇ كىيىم مەن ۋە باشقىلىرىمىزغا ناھايتى دەل كەلدى. بىراق سىمىزنىڭ قۇرسىقى كىيىمگە چىپلا كىلىپ قالغان بولۇپ، كىندىكلىرى كۆرۈنۈپلا قالغان ئىدى.
 بىز بارلىق ئەسلىھەلەرنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن بىر-بىرلەپ سۇغا مۇللاق ئاتتۇق.

 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ.

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى