رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك1-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك1-باب

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 1255 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنجى خاتىرە ئىككىنچى بۈلەك : غەزەپ دېڭىزى
بىرىنجى باب : يىلان قاشلىق مىس بىلىق

قۇتا ئاستا –ئاستا ئېچىلدى ،ئىچىدە بارماقچىلىك چوڭلۇقتا بىر بوشلۇق بۇلۇپ ،ئىچىگە بىردانە كىچىك مىس بىلىق سېلىنغانىدى .مەن قۇلۇمغا ئېلىپ قارىسام ،ئۇبىلىقنىڭ شەكلى ئادەتتىكىچە ئىدى ،بىراق بىلىقنى ياسىغۇچى خېلى كۈچ سەرىپ قىلغانىدى ،ئالاھىدىرەكى بىلىقنىڭ قېشىدىكى يىلان شەكلى ئىدى ، قارىماققا خۇددى ھاياتتەكلا كۈرۈنەتتى ،مەن ناھايىتى ھەيران قالدىم " بۇنەرسىنىڭ نىمە قىممىتى باردۇر ؟ نىمىشقا بۇنچە ئىھتىيات بىلەن ساقلايدۇ؟".

بۇۋاقىتتا كەنجى تاغاممۇ بىر سۇۋاركا تۇڭنى سۆرەپ كىرىپ كەلدى ،ئۇ قۇتىنىڭ ئېچىقلىق تۇرغۇنىنى كۈرۈپ ھايرانلىق بىلەن سورىدى‹‹ قانداق ئېچىلدى ؟ قانداق ئاچتىڭ ؟››

مەن ھېلىقى سانلارنىڭ ئىشىنى دەپ بىرىۋىدىم ئۇ قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ :‹‹بارغانسىرى قالايمىقانلاشقىلى تۇردىغۇ ئەمدى ،قارىغاندا بۇئامىركىلىقلار خېلى پۇختا تەييارلىق بىلەن كەلگەن ئوخشايدۇ ››دىدى .ئۇ ھېلىقى مىس بىلىقنى قولىغا ئېلىپ كۈرۈپلا چىرايى ئۆزگەردى دە : ‹‹ ۋۇي! بۇ يىلان قاشلىق مىس بىلىق ئەمەسمۇ ؟››دىدى .

مەن بىر قاراپلا تاغامنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدىم دە – نىمە ئىشلىقىنى سورىدىم ،ئۇ يېنىدىن ئايرىمايدىغان سومكىسىدىن بىر نەرسىنى ئېلىپ ماڭا سۇندى ،مەن بىر قاراپلا ئۇنىڭمۇ ناھايىتى سىپتا ياسالغان مىس بىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ،چوڭلۇقى تەخمىنەن مىنىڭ چىمچىلاق بارمىقىمچىلىك كىلەتتى ،بۇ مىس بىلىقنىڭ قېشىدىمۇ ئوخشاشلا ئىككى دانە دېڭىز يىلىنى بار ئىدى ،بىلىق ئىنتايىن ئىسىل ياسالغان ،ھەربىر قاسرىقى ئىنتايىن نەپىس ، چۇقۇم قۇتا ئىچىدىكى بىلىق بىلەن بۇ بىلىقنىڭ كىلىش مەنبەيى ئوخشاش .

نوقسانسىز گۈزەللىك بولمىغىنىدەك ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى قاسراقلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن جايلىرىدىكى سىزىقچىلاردا ناھايىتى كۆپ ۋە ئىنتايىن كىچىك ، ئاق رەڭلىك تاش تۇزۇندىسىغا ئوخشاش كىر بۇلۇپ ، ناھايىتى مەھكەم يېپىشقانىدى ، مەن قاراپلا بىلدىم ۋە كەنجى تاغامدىن :‹‹بۇ دېڭىز مېلىمۇ ؟›› دەپ سورىدىم . كەنجى تاغام جاۋابەن بېشىنى لىڭشىتتى . مەن ھەيران قالدىم ،دېڭىز مېلى دېڭىزدىن قېزىپ چىقىلغان ئاسار ئەتىقىلەرنى كۆرسىتەتتى ،ئادەتتە ھەممىسى دېگۈدەك گۈللۈك زەڭگەر فارفۇرلار ئىدى ، دېڭىز ئاستىدائاسار-ئەتىقە تازىلاش قۇرۇقلۇقتىكىگە قارىغاندا كۆپ قۇلايلىق ، بىراق دېڭىز ئاستىدا مىكرو جانلىقلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا دېڭىز ئاستىدىن ئېلىپ چىقىلغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئاق رەڭلىك تۇزۇندىغا ئوخشاش كىر بۇلۇپ ،يۇيۇپ چىقارماق ناھايىتى تەس ، شۇڭا بۇنداق ماللارنىڭ باھاسى تۈۋۈن بۇلىدۇ .

مەن گاڭگىراپلا قالدىم ،مىنىڭ بىلىشىمچە كەنجى تاغام بۇنداق تۈۋەن باھالىق ماللارغا قىزىقمايتتى ، مەن كەنجى تاغامدىن :‹‹ ئەجەبا سەن دېڭىزدىمۇ قەبرە ئۆرۈپ باققانمۇ ؟›› دەپ سورىدىم .

كەنجى تاغام بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ :‹‹ پەقەت بىر قىتىم . مەن راستىنلا بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن ، ناۋادا مەن ئۇقېتىم سۇغا كىرمەي چىدىيالىغان بولسام ،بۇۋاققا بالاممۇ چوپ-چوڭ بۇلۇپ بۇلاتتى ››دىدى .


كەنجى تاغامنىڭ ئۇ ھىكايىلىرىدىن مىنىڭمۇ ئازراق خەۋرىم بار ئىدى ، بۇرۇن كەنجى تاغامنىڭ قىز دوستى (ھەم كەسىپتىكى ھەمراھى ) بولغان ،قىزلار ئىچىدىكى مەرت ئەزىمەت ئىدى ،ئاڭلىشىمچە ئۇلار مۇشۇ ساھادە تۇنۇشقانىكەن ،ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ۋېن جىن (文锦) بۇلۇپ ناھايىتى جىمغۇر ئىكەن ،قاراشتا ئۇنىڭ ئالتۇن قازىدىغان شەرىق ئېقىمىدىن ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى ،ئۈچۈنچى تاغام بىلەن ئۇ قىز بەش يىل ياخشى ئۆتكەن بۇلۇپ قىز ئەجدەرھا ئۆڭكۈرى قېزىشقا ،يىگىت ئىزدەپ ئۇرۇن بىكىتىشكە ماھىر بۇلۇپ ،لەقىمى قەبرە ئۆرۈش ساھەسىدىكى سىرلىق بۈركۈتلەر ئىدى .


كىيىن ھېلىقى قىزنىڭ تۇيۇقسىز يۇقاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم ،مىنىڭ بىلىشىمچە قەبرىگە چۈشكەندە قولىدىن ئايرىلغان ،قىزلار بۇكەسىپكە ئەسلىدىنلا ماس كەلمەيتتى ،ئويدىكىلەر ئۇنىڭغا ناھايىتى ھىسداشلىق قىلاتتى ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا مەن ئەمدىلا نەچچە ياشقا كىرگەن بۇلۇپ بۇنچە كۆپ ئىشلارنىمۇ چۈشەنمەيتتىم ،پەقەت كەنجى تاغامنىڭ بىرھەپتە ياغاچقا ئوخشاش بۇلۇپ قالغانلىقىنى ،دائىم كۆڭلىنىڭ يېرىم بۇلىدىغانلىقىنى كۈرەتتىم .كىيىنچە بارا-بارا ياخشىلىنىپ كەتكەنىدى. بۇ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئىشلار بولغاچقا مىنىڭمۇ تازا ئىسىمدە قالمىغانىدى . كەنجى تاغامنىڭ چىرايىدىن بىرنىمە دىمەكچى بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى مىنىڭمۇ راستىنلا بىلگۈم كىلىۋاتاتتى ، كەنجى تاغامدىن ئىنىق سۇراشقا بولمايتتى ،شۇڭا مەن گەپنى ئەگىتىپ سورىدىم :‹‹ئەجەبا دېڭىزدا قەبرە ئۆرۈش جەريانىدا چاتاق چىققانمىدى ؟››


كەنجى تاغام ئېغىر خۇرسىنىۋېتىپ ‹‹ ئۇ ۋاقىتتا ئىككىلىمىز تېخى ياش ئىدۇق ، ئۇنىڭ بىرقانچە ساۋاقدېشى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەتىرىتى قۇرغانىدى، ئۇلارمىنىڭ ھۈنەرۋەنلىكىمدىن ئازراق خەۋەردار ئىدى ،مەنمۇ ئۇلاردىن يۇشۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم ، كۆپچىلىك ناھايىتى يىقىن ئۆتەتتۇق، كىيىن ئۇلار شىشا (西沙) غا بېرىپ چۆكۈپ كەتكەن كىمىلەرنى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرمەكچى بولغاندا مەنمۇ بىللە باردىم ، پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن ،›› ئۈچۈنچى تاغام توىتاپ قالدى ، بەلكىم ئۇ ئىشلارنى ئەسلىگۈسى كەلمىگەن بولسا كىرەك . ئۇ بىردەم دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن ‹‹ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ،سۇ ئاستىغا چۆككەن ئۇ نەرسە دەرۋەقە ناھايىتى چوڭ ئىكەن ››


ھىسابلاپ كەلسەك ئۇ ئوننەچچە يىل ئاۋالقى ئىش ، ئەمىلىيەتتە ئۇ ۋاقىتلاردا كەنجى تاغامنىڭ دېڭىزدىكى قەبرىنى ئوغرىلاشقا نىسبەتەن ھېچقانداق تەجىربىسى يوق ، يەنە كىلىپ مۇھەببەت ئۇنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۋەتكەنىدى . يەنە كىلىپ ئۇ ۋېنجىننىڭ ئالدىدا ئېغىزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ ماختانغانىدى، شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگە ئەگىشىپ دېڭىزغا چىققانىدى . ئۇلار شۇيەرلىك بىر بىلىقچىنىڭ كىمىسىنى كۈتۈرە ئېلىپ ،ئىككى كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ شىجىياۋ (西礁)نىڭ ۋەنجىياۋ (碗礁) غا يىقىن ئەتراپقا كەلدى .


ئۇيەر قەدىمقى دېڭىز ئۈستى يىپەك يۇلىنىڭ خەتەرلىك بۆلەكلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ، چۆكۈپ كەتكەن كىمىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى . كەنجى تاغام سۇغا چۈشۈپلا دېڭىز ئاستىدىكى ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتقان گۈللۈك زەڭگەر فار-فۇر لارنى كۈرۈپ ھايرانلىقتىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى . بۇھال راستىنلا ئادەمنى ھەيرانلىقتىن توختۇتۇپ قۇياتتى . ۋېنجىن ئۇنىڭغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چۆكۈپ كەتكەن كىمىلەردىن چۈشۈپ قالغانلىقنى ،كىيىن دېڭىزنىڭ ھەممە يىرىگە چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى ، بۇرۇنلاردا بىلىقچىلار ھەر بىر تورسالسا تۆت – بەش ساپال بۇيۇم چىقىدىغانلىقى ،بىراق كىشىلەرنىڭ سۇدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەجدەرشاھقا تەۋە دەپ قارىغاچقا سۇغا تاشلىۋىتەتتى .


ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇنەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چىرىپ كەتكەن بولۇپ مۇكەممەل ساقلانغانلىرى ناھايىتى ئاز تېپىلاتتى ، تاپقان تەقدىردىمۇ يۈزىنىڭ كۆپ قسمىدا دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ پارازىتى بار بۇلۇپ ،يۇيۇپ چىقارماق ناھايىتى تەس ئىدى . ۋېنجىننىڭ ساۋاقداشلىرى بۇ نەرسىلەرنىڭ ئارخولوگىيەلىك قىممىتىگە قارايدۇ ، شۇڭا بۇ نەرسىلەر ئۇلارنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى ، كەنجى تاغامغا بولسا بۇجاي قاقاسلىقتەك بىلىندى . ئۇ بۇ نەرسىلەرنى كۈرۈپ يۈرىگى ئېچىشىپ جېنى چىقاي دىگەنىدى ، ئۇكۆڭلىدە " ۋۇ ئاناڭنى ،كىمە چۈكۈپ كەتكەندە مەن نىمىشقا تۇغۇلمىغان بولغىيدىم ؟" دەپ ئۇيلىدى ، ئۇ ئەينى ۋاقىتا بۇ فار –فۇرلارنىڭ ئاسار ئەتىقە ھىسابلانمايدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى .


ئۇلار سۇدا ئىككى – ئۈچكۈن چۆرگىلەپ يۈرۈپ سىۋەت –سىۋەتلەپ فار – فۇر بۇيۇملارنى يىغدى ، كەنجى تاغام ھېلىمۇ ياخشى فار – فۇر بۇيۇملارنى بەش قولدەك چۈشىنەتتى ، ئۇ خالىغان بىر فار –فۇرنى قولىغا ئېلىپ بىرھازا سۆزلىگەندىن كىيىن بىردەمدىلا ئۇلارنىڭ مەنىۋى داھىيسىغا ئايلاندى ، كەنجى تاغامنىڭ فامىلىسى ۋۇ ئىسمى سەنشېڭ بۇلۇپ ، ياشلار كەنجى تاغامنى سەنشېڭ ئاكا دەپ چاقىرىشىدىغان بولدى ،كەنجى تاغاممۇ ئوتتەك قىزىدى ،ھەتتا ئۆزىنى ئۇلارنىڭ بېشى دەپ بىلدى .


تۆتىنجى كۈنىگە كەلگەندە چاتاق چىقتى ، ئارخولوگىيە ئەتىرىتىنىڭ بىر ئەزاسى تىرە قولۋاققا ئولتۇرۇپ چىقىپ كىتىپ گۇگۇم چۈشكەندىمۇ قايتىپ كەلمىدى ، باشقىلار ئەنسىرەپ لەڭگەر تاشلاپ چوڭ كىمىنى توختۇتۇپ قۇيۇپ ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى ، كىيىن ۋەنجىياۋغا ئىككى كىلومىتىردىن يىراقراق جايدىكى خادا تاشتىن شەكىللەنگەن تاغ ئەتىراپىدىكى تېيىز سۇدا توختاپ قالغان تىرە قولۋاقنى تاپتى ، بىراق ئادەم ھېچيەردە كۈرۈنمەيتتى .


كەنجى تاغام ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدى ، ئىھتىمال ھېلىقى ئەترەت ئەزاسى بىرنەرسىنى ئىزدەپ سۇغا چۈشكەن گەپ ، ئۇلار كىچىلەپ سايمانلارنى تەييارلاپ سۇغا چۈشۈپ يېرىم كىچىگىچە ئىزدەپ ئاخىرى ھېلىقى بۇرادەرنىڭ جەسىتىنى تاپتى ،ئۇ بۇرادەرنىڭ پۇتى مارجان خادا تاشلىرى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان بۇلۇپ ، ئاللىبۇرۇن كۆكۈرۈپ ئىشىپ كەتكەنىدى ، ئۇلار جەسەتنى سۈزۈپ چىققاندا كەنجى تاغام ئۆلگۈچىنىڭ سول قۇلىدا بىر نەرسىنى مەھكەم تۇتىۋالغانلىقىنى كۈرۈپ ، قولىنى قارىپ ئېچىپ دەل ھېلىقى يىلان باشلىق مىس بىلىقنى كۆردى، گەرچە ئىش ئاللىبۇرۇن ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،كۆپچىلك يەنىلا ناھىيىتى قايغۇرماقتى ئىدى ، بىراق . كەنجى تاغام سۇئاستىدا بىرەر نەرسە بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن ھىس قىلپ بولغانىدى ، بولمىسا بۇئادەم بۇنداق كىچىلەپ بۇيەرگە كىلىپ نەرسە سۈزمىگەن بۇلاتتى .


كەنجى تاغام " ئىھتىمال كۈندۈزۈ چارلىغان ۋاقىتتا بۇئادەم بىر نەرسىنى كۆرگەن لىكىن ھېچكىمگە تىنماي ، كەچ كىرگەندە ھېچكىم يوق ۋاقىتتا بېرىپ قاراپ باققان ، نەتىجىدە بۇئىش چىققان " دەپ پەرەز قىلدى ، ئەلۋەتتە كەنجى تاغام ئۈزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتمىغان ،چۈنكى ئادەم ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ، بۇلارنى سۆزلىگەننىڭمۇ پايدىسى يوق ، لىكىن ئۇ قۇلىدا تۇتىۋالغان يىلان قاشلىق مىس بىلىق چۇقۇم بىر ئەسكەرتىش .


ئىككىنچى كۈنى كەنجى تاغام بۇئىشنى ۋە ھېلىقى كىشىنى تىلغا ئالدى ، ئەلۋاتتە ئۇ گىپىنى سىلىقلاشتۇرۇپ سۆزلىدى " يولداش پالانى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىدى ،بىراق ئۇنىڭ قۇلىدىكى ئەمگەك مىۋىسىدىن قارىغاندا ئىنىقكى بۇيولداش دېڭىز ئاستىدا بىرەر نەرسىنى بايقىغان ، ئۇ ئۆز ھاياتى بەدىلىگە بۇ يىلان قاشلىق مىس بىلىقنى قالدۇرغان ، شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى مۇنداقلا يەردە قويساق بولمايدۇ " . بىر قوزغۇتۇش بىلەن كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتى خېلى ئەسلىگە كەلدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىلىپ ، سۇغا چۈشۈپ پالاس شەكىللىك ئىزدەش ھەركىتىنى باشلىۋەتتى ،شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىشنىڭ باش ئاخىرى بۇلاتتى .


ئۇلار يىقىن ئەتراپتىكى سۇ ئاستىدىن قىرىق نەچچا دانە غايەت زور تاش تۈرۈكنى ( قەدىمى كىمىلەردىكى لەڭگەر سەپلىمىسى ) بايقىدى ، بۇ تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش ئىدى ،ئۈستىگە ئۇيۇلغان خەتلەر ئاللىبۇرۇن كۆرگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كەتكەچكە ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى ، كەنجى تاغام " بۇ قىرىق نەچچە تاش تۈۋرۈك ياكى چوڭ – كىچىكلىكى .وخشاش قىرىق نەچچە كىمىدىن قېپ قالغان ياكى بولمىسا ھەممىسى بىر كىمىدىن چۈشۈرۈلگەن " دەپ پەرەز قىلدى ھەم دەرھاللا چۈشەندى قىرىق نەچچە دانا چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش كىمىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىرلا يەردە چۈكۈپ كىتىدىغان ئىشى نەدە بار ، بۇنىڭ ئاستىدا چۇقۇم غايەت زور چوڭ كىمە بار ، ھەتتا چوڭلۇقىدىن قىرىق نەچچە دانە لەڭگەر ئاندىن ئۇنى مۇقۇملاشتۇرالىغان .


كەنجى تاغام تارىخقا ناھايىتى پىششىق ،ئۇ بۇيەرنى كۈرۈپ كۆڭلىدا ناھايىتى يۈرەكلىك ھالدا بىرنەسىنى پەرەز قىلدى ، ئۇ سۇيۈزىگە چىققاندا ۋېنجىنغا :" كىمە چۆكتۈرۈپ دېڭىزغا دەپنە قىلىنغان قەبرە باردەك قىلىدۇ ." دىدى .

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى