رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك27-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك27-باب

ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 906 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 مەن قولۇمنى سوزۇپ سىلاپ ھېلىقى گۈلسىمان ئوقيا تەگكەن جاي ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. نىلۇپەر گۈلىگە ئوخشايدىغان بۇ ئوقيا مىنىڭ تىرەمگە پېتىپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ، گەرچە مىنىڭ جېنىمنى ئالمىغان بولسىمۇ بىراق تىرەمنى سۈرىۋەتكەن ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە بەدىنىم تەرلەپ تەردە ئاشۇنداق ئېچىشىپ قىچىشىۋاتاتتى.
 بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەدىنىمدىكى باشقا ئوقيا تەگكەن جايلارمۇ قىچىشىۋاتاتتى. لېكىن ئۇنچىۋالا چىدىغۇسىز دەرىجىدە بولمىغاچقا، بەدىنىمدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن كارىم بولماي داۋاملىق بۇ غەلىتە قەبرە ئۆيى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.
 مەن مىڭ دەۋرىدىكى قەبرە تۈزۈلۈشلىرىنى تازا چۈشەنمەيتتىم، بىلىدىغانلىرىم پەقەتلا ئاقسۈڭەكلەرنىڭ قەبرىلىرى توغرىسىدىكى بەزى بىلىملەر ئىدى. بۇ ئىككى خىل قەبرىنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى ئىنىق بىلمەيتتىم. مەن بىلىدىغانلىرىم بىلەن كۆز ئالدىمدىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇشقا باشلىدىم.
 مەن تۇرىۋاتقان بۇ قەبرە ئۆيىنى سول تەرەپتىكى يان ساراي دەپ پەزەر قىلدىم،  ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا مىنىڭ قارشى تەرىپىمدە يەنە بىر يان ساراي بار، ئىككىسى قارىشىپ تۇرىدۇ، ئىچىدە ئاق مەر-مەردىن قوپۇرۇلغان گۈەنسەي سۇپىسى بولىدۇ. سۇپا ئۈستىگە ئالتۇن خىشلار ياتقۇزۇلغان، ئوتتۇرا قىسمىدا يەنە بىر تىك تۆتبولۇڭ شەكىللىك كاتەك بولۇپ ئىچى سېرىق تۇپا بىلەن تولدۇرۇلغان، بۇنى ئادەتتە ئالتۇن قۇدۇق دەپ ئاتىشىدۇ. ........... مانا بۇلار مەن ئىلگىرى كۆرگەن قەبرىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان قورۇلۇش شەكلى.  بىراق ھازىر كۆز ئالدىمدا پەقەت بىر دانە چوڭ كۆلچەك تۇرۇپتۇ.
 بۇ يەردىكى ئادەمنى غەلىتىلىك ھىس قىلدۇرۇدىغان نەرسە بۇ كۆلچەك بولۇپلا قالماي يەنە ئىككى دانە يان ساراي ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋۇ ئىشىك. بۇ ئىشىك قائىدە بويىچە ئارقا تەرەپرىكى قەبرە ئۆيىگە يەنى ئىچكى ۋە تاشقى گۈەنسەي قويىدىغان يەرگە تۇتىشىشى كېرەك ئىدى. مەن تۇرىۋاتقان بۇ جايدا جەسەت ساندۇقى بولماسلىقى كېرەك ئىدى. يەنە كىلىپ بۇ جەسەت ساندۇقى يۈز يۇيىدىغان داسقا بەكمۇ ئوخشايدىكەن. بۇنداق نەرسە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر(يېغىلىق دەۋرى) دەۋرىگە تەۋە ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇنداق نەرسىنىڭ بولىشى بىر غەلىتە ئىش-تە؟
  ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر(يېغىلىق)دەۋرىنى خىيال قىلىۋېتىپ بىردىنلا لۇ بىگىنىڭ قەبرىسىدىن ئېلىپ چىققان يىلان قاشلىق مىس بېلىقنى ئىسىمگە ئالدىم. لۇ بىگىنىڭ قەبرىسىدىمۇ، بۇ يەردىمۇ مۇشۇنداق نەرسىنى كۆرىۋاتىمەن، ئەجىبا بۇ بىر تاساددىبىيلىقمۇ؟       مەن بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسىرى گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم. ئەمدى بۇ ئىشلارنى ئويلىغۇم كەلمىدى.
 مەن كۆلچەكنى بىر چۆگىلەپ چىقتىم. يەنە ئىشىك ئالدىغا قايتىپ كەلدىم. بۇ چاغدا ئىھتىياتسىزلىقتىن بايىقى قوغدىنىش قۇرالى قىلغان قاچا قولۇمدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن چۈچۈپ دەرھال ئۇ قاچىنى قولۇمغا ئېلىپ ئۈستىدىكى رەسىملەرگە قاراشقا باشلىدىم.  ئۈستىدىكى رەسىملەردىن ئالاھىدە ئۇچۇرلارغا ئىرىشكىلى بولمىسىمۇ، بىراق سىنچىلاپ قاراپ يۈرۈپ ئۈستىگە سىزىلغان رەسىمدىكى ئادەمنىڭ كىيىنىشىنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىدىم. رەسىمدىكى بىر ئادەم ئىگىز تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ تۆۋەن تەرەپتىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئىش ئورنىغا نەزەر تاشلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىرقانچە ئەمەلدارلاردەك كىيىنگەن ئادەم بولۇپ، قارىماققا قۇرۇلۇشقا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشكە ئوخشايتتى.
 مەن بۇ كۆرۈنۈشتىن بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسىنىڭ قانداقتۇر خان ئۇرۇقىدىن كىلىپ چىققان ئاقسۈڭەك ئەمەسلىكىنى پەزەر قىلدىم. مىنىڭچە ئۇ بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى ياكى قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى بولۇشى مۇمكىن.  پەقەت ئاشۇنداق كىشىلا قەبرىنى مۇشۇنداق غەلىتە ھەم مۇرەككەپ قىلىپ لەيىھەلەپ چىقالايدۇ. باشقا كىشىنىڭ شۇنداق لايىھەلىگۈسى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەقلى يەتمەسلىكى مۇمكىن.
 بىراق مىڭ دەۋرىدە ئۇنداق ئىنژىنىر يوق دىيەرلىك. يەنە كىلىپ بۇ خىل قەبرىنى لايىھەلەش ئۈچۈن سۇ شامال ئىلمى دىگەندەك ئونۋېرسال بىلىم ساپاسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولىشى كېرەك. بۇنداق خان ئوردىلىرىغا ئوخشاش غايەت زور چوڭلۇقتىكى سىرلىق قەبرىنى لايىھىلىگەن ئادەم كىم بولىشى مۇمكىن؟
 مەن خېلى ئويلاندىم، تۇساتتىن كۆز ئالدىم يۇرىغاندەك بولۇپ بىر ئىسىم ئىسىمگە كەلدى-"ۋاڭساڭخەي"!
 بۇ ئادەمنى ھەقىقەتەن بىر غەلىتە كىشى دىيىشكە بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ يەر شارائىتى توغرىسىدىكى بىلىمىنى كامالەتكە يەتكەن.شۇنداق بولغاچقا ئۇ بىۋاستە خاننىڭ يارلىقى بىلەن مىڭ خانىنىڭ ئوردىسىنى، ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگۇدىكى يەنە نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەرنى لايىھەلەپ چىققان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ناھايتى ئابروي قازانغان، ھەم خاننىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن بولغاچقا ئۇ قۇرۇلۇش ساھەسىدە بىردىنبىر داڭدار شەخىس بولۇپ قالغان. مەن يەنە ئۇنىڭ يەر شارائىتى ھەققىدىكى داڭلىق ئەسىرىنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم، بۇ ئەسەردىكى مەزمۇنلارنى كەمدىن-كەم تېپىلىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پەقەت بىرقانچە پارچىسىلا باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن، قالغانلىرى ھەممىسى يوقۇلۇپ كەتكەن.
 ئەل ئىچىدە تارقىلىپ كىلىۋاتقان شېنۋەنسەننىڭ جۇجۇاڭ كۈمۈش دەرياسى سۇ ئاستى قەبرىسىنىمۇ شۇ كىشى لايىھىلىگەن. بۇ ئىقتىساس ئىگىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بۇنداق قەبرىنى لايىھىلىشىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.
 مىنىڭچە مىنىڭ پەرەز قىلغانلىرىمنىڭ ئاساسى بار ئىدى. ئەگەر ئازراق يېزىقچە ماتىرياللارنى تاپالىسام پەرىزىمنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالىشىم مۇمكىن. بىراق بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى خۇددى ساۋاتسىز ئادەمدەك يېزىقچە ماتىريال قالدۇرمىغان ئىدى.
 مەن بېشىمنى قاشلاپ خىيال سۈرۈپ تۇرغىنىمدا تۇيۇقسىز سۇدىن "بۇلدۇق-بۇلدۇق.."قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ قورققىنىمدىن يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ كەتتى. مەن ئالدىراش ھالدا قولچىرىقىنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراتتىم. كۆلنىڭ بۇلۇڭىدىن سۇ كۈپۈكچىلىرى توختىماي ئۈستىگە قاراپ پۇرقىراۋاتاتتى، بەزىدە چوڭ، بەزىدە كىچىك، ناھايتى تەرتىپسىز ئىدى. خۇددى تىگىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ كۆلنىڭ تىگىدە چوڭ بىر مەخلۇق مىدىرلاۋاتقاندەكلا.
 مەن قورقۇشقا باشلىدىم. مەن دەرھال قۇرالنى قولۇمغا ئېلىپ سۇ كۆپۈكچىسى چىقىۋاتقان جاينى قارىغا ئالدىم. بىردىنلا چوڭ بىر ئادەم تىنى ئېتىلىپ چىقىپ كۆلنىڭ لېۋىگە ياماشتى.  مەن بۇنى كۆرۈپ ناھايتى خۇش بولۇپ كەتتىم، ئۇ سىمىز ئىدى. ئۇ ئىشتىنىدىن باشقا كىيىملىرىنى سېلىۋەتكەن بولۇپ، سىمىز قۇرسىقى ئالدىغا چۇقچىيىپ چىقىپ قالغان ئىدى. ئۇ ھاسىرايتتى. سىمىز مىنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن قولىنى پۇلاڭلاتسا ، بىر تەرەپتىن:" ھۇ ئاناڭنى!  تۇن ...تۇن......تۇنجۇقۇپ ئۆلگىلى تاس....تاس....تاسلا قالدىم...." دىدى.
 مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سوراي دەپ تۇرىشىمغا "پولتوڭ" قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا يەنە بىر ئادەم سۇ ئۈستىگە چىقىپ قالدى. بۇ بوتولكا ئىدى. ئۇنىڭمۇ كىيىملىرى يوق بولۇپ قۇرسىقى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. ئۇ سىمىزدەك ئۇنچىۋالا كۈچەپ كەتمىگەندەك قىلاتتى. بوتولكا بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ چوڭقۇر-چوڭقۇر نەپەس ئالدى. ئارقىدىن ماڭا قاراپ:" بۇ ئوڭ تەرەپمۇ ياكى سول تەرەپمۇ؟" دەپ سورىدى.
 مەن سول تەرەپ دىدىم.  ئۇ چوڭقۇر ئۇھ تارتتى، ئارقىدىن يەردە ئولتۇرۇپ قولىنىڭ بېغىشىنى تۇتتى. ئۇنىڭ قولىنىڭ بېغىشىدا بىر نەرسىنىڭ قاماللىغاندا قېپقالغان ئىزىدەك قاپقارا نەرسە تۇراتتى. كۆڭلۈمدە بىر چاتاقنى سەزگەندەك بولدۇم.
 سىمىز خېلى ئۇزۇنغىچە ھاسىراپ كەتتى، ئارقىدىن ئېغىزىدىن بىرقانچە قېتىم سۇ ياندۇردى. ئۇ قۇرسىقىنى تۇتۇپ توختىماي ئاھ ئۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن قانداق كەلگەنلىكىنى سورىدىم.
ئۇ :" دىمەيلا قويغىن،  تەلىيىڭگە سەن كۆرمىدىڭ، قورقۇپ جېنىم چىقاي دىدى.   ئاناڭنى ! تەلىيىمىزگە ھېلىقى جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستىدىكى تاش تاختاينىڭ تىگىدە بىر كىرىش ئېغىزى بولۇپ دەل مۇشۇ يەرگە تۇتىشىدىكەن. ئەگەر بۇ يەردە چىقىش ئېغىزى بولمىغان بولسا بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن بولاتتۇق"دىدى.
 مەن ئازراق تىڭىرقاپ قالدىم. " نىمىكەن ئۇ شۇنچە قورقۇنۇچلۇق؟" دەپ سورىدىم مەن.
 " مەن ئۇنىڭ قانداقلىقىنى سۈپەتلەپمۇ بىرەلمەيمەن، بىر ئېغىز گەپ_ ھېلىقى 6 دانە بىرىكىپ كەتكەن جەسەت تىنىنىڭ قۇرساق قىسمىدا يەنە بىر نەرسە باركەن!" دىدى سىمىز.




جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى