رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك21-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك21-باب

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 1299 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن ئوقيانىڭ مىنىڭ بەدىنىمگە پۈتۈنلەي سانچىلىپ كىرمىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. شۇنداقتىمۇ كۆكرەك قىسمىم قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى. مەن جىددىيلىشىكە باشلىدىم. مەن تېخى ياپياش تۇرسام ، ھەتتا قىزلارنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان تۇرسام، ئەجىبا مۇشۇ قەبرىنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كىتەرمەنمۇ؟ ئەگەر بۇ يەردە ئۆلۈپ كىتىدىغان بولسام يەنە يۈز يىلدىن كېيىنمۇ مىنىڭ جەسىدىمنى بىرتەرەپ قىلىدىغان ئادەم چىقمايدۇ.  نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق- ھە!.......
ئوقيا خۇددى يامغۇردەك ئېتىلىپ كىلىشكە باشلىدى. زادى قانداق نەرسىنىڭ بىزگە قارىتىپ ئوق ئۈزىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئوقيانىڭ سۈرئىتى بەك تىز ھەم بەك كۆپ بولغاچقا يۇشۇرۇنۇشقىمۇ ئامال يوق.  سىمىز دۈمبىسىگە يۈدىۋالغان سومكىسىنى قالقان قىلىپ بىردەمدىلا مىنىڭ ئالدىمغا ئۆتتى. ئۇ بىزگە قاراپ كىلىۋاتقان ئوقيالارنى دۈمبىسى بىلەن تۇسىۋالدى.  مەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قاراپ ئىچىم سىيرىلدى.  ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ناھايتى كۆپ ئوقيا سانچىلىپ قالغان ئىدى. خۇددى قەبرىستانلىقتا كۈجە ياققاندا سانچىلغان كۈجىگە ئوخشايتتى. بۇ ئوقيالارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بىۋاستە سانچىلىپ قالغان ئىدى.  بىراق ئۇ نىمىشقىدۇر ھېچ ئاغرىق ھىس قىلغاندەك ئەمەس.  بىردىنلا ئىلگىرى ئوقۇغان رومانلاردىكى «ئوقيا سانچىلىپ كىرپىگىلا ئوخشاپ قالغان»دىگەن ئوخشىتىشلار يادىمغا كەلدى. كىتابتىكى ئاشۇ تەسۋىرلەر مانا ئەمدىلىكتە كۆز ئالدىمدا يۈز بىرىۋاتاتتى.
بۇ ۋاقىتتا بىرسى تۇيۇقسىز بىرسى كىلىپ ئارقا تەرىپىمدىن مىنىڭ كىيىمىمنى چىڭ تۇتۇپ مىنى ئالدىغا ئىتتىرىپ ماڭدى.  مەن ئۆرۈلۈپ قارىدىم، ئۇ نىڭ خانقىز ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى غەلىتىلىكنى بايقىدىم. ئۇ مىنى قالقان قىلىپ ئالدىغا ماڭماقچى ئىدى. مەن كۈچەپ سىلكىنىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولۇپ مىدىرلىشىمغىلا ئۇ مىنىڭ بېلىمگە قاتتىق بىرنى تىزلىدى. بېلىم ئوقيا سانجىلغاندىنمۇ بەكرەك ئاغرىپ، بىردىنلا پۇت-قولۇم بوشىشىپ كەتتى.  ئۇ مىنى ئىتتىرگىنىچە ئوتتۇرىدىكى ھوڭ قاشتېشى ئىشىككە قاراپ ماڭدى.  مىنىڭ مۈرە، قۇرساق، كۆكرىكىمگە يەنە بىرقانچە تال ئوقيا تەگدى.  ئاغرىقتىن ھۇشۇمدىن كىتەيلا دەپ قالدىم.
مەن باشقىلارنىڭ «ئاياللارنىڭ كۆڭلى قارا بولىدۇ»دىگىنىنى ئاڭلىغان، بىراق ئىشەنمىگەن ئىدىم. ئاياللارنىڭ كۆڭلىنىڭ راستىنلا مۇشۇناق زەھەرخەندە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.  باياتىن تېخى قورقۇپ تۈگۈلۈپ قالغان بۇ خوتۇن، ئەمدىلىكتە بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ مىنى تىرىك قالقان قىلىۋالغان ئىدى.
مەن قەھرىمانلارچە ئۇنىڭغا قالقان بولۇپ ئۇنىڭ جېنىنى قوغداۋاتاتتىم. بىراق مەن ئۇنداق ئۇلۇغ ئەمەس. مەن بىردىنلا غەيرەتكە كىلىپ بۇ خوتۇندىن قۇتۇلماقچى بولدۇم. ئۇ مەنچىلىك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. مەن بىر يۇلقۇنۇپلا ئۇنىڭ قۇلىدىن ئاجراپ تىزلىكتە يانغا ئۆتۈپ تامغا يېقىن جايدىكى ئېرىققا ئوخشايدىغان جايدا يەرگە چاپلىشىپ يېتىۋالدىم.  بۇنداق قىلغاندا ئوقيادىن مۇداپىئەلەنگىلى بۇلاتتى. ئۇ خوتۇن قالقاندىن ئايرىلغىنىنى كۆرۈپ، ناھايتى چاققانلىق بىلەن بىر قانچە تال ئوقيادىن ئۆزىنى قاچۇردى، ۋە بۇرۇلۇپ ماڭا ئالايدى. «ئاناڭنى! سىنىڭ يەنە ماڭا قارىغۇدەك يۈزۈڭ بارمۇ؟!»دەپ ۋارقىرىغىنىمچە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ ئۇنى تارتتىم.  ئۇ ماڭا سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، چاقماق تىزلىكىدە بىر موللاق ئىتىپ ئارقىدىن بىرسەكرەپلا تامغا دەسسەپ بىردەمدىلا بىخەتەر جايغا بېرىۋالدى. ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايتى تىز بولۇپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تاماملاندى.
مەن ئۇنىڭغا بىر تالمۇ ئوقيا تەگمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئاچچىقىمدا يەرگە قاتتىق مۇشتلىدىم. ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ قولىنى ئېغىزىغا تەككۈزۈپ ماڭا«سۈيۈش»دىگەن مەنىدە بىر ئىشارەت قىلدى، ئارقىدىن ساغرىسىنى تولغىغىنىچە ئوتتۇرىدىكى قاشتېشى ئىشىككە كىرىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ قالدىم.  بىراق نىمە ئامال؟    مەن نائىلاج بايىقى ئېرىققا ئوخشايدىغان جايدا دۈم يېتىپ جېنىمنى ساقلاپ قالماقچى بولدۇم.  ئوقيالار بېشىمدىن ۋىڭ-ۋىڭ ... قىلىپ ئۇچۇپ  ئۆتۈپ تامغا ئۇرۇلۇپ خۇددى تۈمۈرگە ئۇرۇلغاندەك ئاۋاز چىقىراتتى.  بۇ ئوقيالار يامغۇر ياغقاندەك توختىماي بەش مىنۇتتىن كۆپرەك ئېتىلىپ ئاندىن توختاپ قالدى.  مەن بىرىنچى بولۇپ سىمىزگە قارىدىم. ئۇ ئاللىقاچان چوڭ كىرپىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.  ئۇ توختىماي ئىرغاڭلايتتى، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەكلا.    مەن ئالدىراش ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى يۈلىۋالدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ قولى بىلەن «ھېچ ئىش يوق» دەپ ئىشارەت قىلدى.  ۋە مەندىن:« شىياۋۋۇ، قارىسام بۇ ئوقيالار بىرئاز غەلىتىرەك تۇرىدۇ، ئوقيالار بەدىنىمگە سانچىلسىمۇ ئانچە ئاغرىق ھىس قىلمىغىنىم نىمىسى؟  سەن ئۈستۈمدىن بىرقانچە تال ئوقيانى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ماڭا كۆرسەتكىن» دىدى.
مەنمۇ بىرئاز غەلىتىلىك ھىس قىلىۋاتاتتىم. نىمە ئۈچۈن بۇ ئوقيالار ئادەمنى ئۇنچە ئېغىز يارلاندۇرمايدۇ؟ مىنىڭ نەپەسلىنىشىم شۇنداق نورمال،  مەنئۆلۈپ كىتەرمەنمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق مانا ھازىر ساپساق تۇرۇپتىمەن.
سىمىز ماڭا يەنە بىر قېتىم ماڭا قاراپ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئوقيانى سۇغۇرۇپ ئېلىشنى ئىشارەتقىلدى. بىراق مەندە نەدىمۇ ئۇنچىلىك يۈرەك بولسۇن؟  مەن خېلىغىچە ئىككىلىنىپ قالدىم.  بۇ ۋاقىتتا جاڭ چۇقۇر ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ سىمىزنىڭ كەينىدە تۇرغان بولۇپ، سىمىز تۇسىۋالغاچقا بىر تالمۇ ئوقيا تەگمىگەن ئىدى.  ئۇ سىمىزنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، «خاتىرجەم بول، ھېچ ئىش بولمايدۇ»دەپ قويدى.
سىمىز بىلەن ئىككىمىز تەڭلا بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق ۋە ھەيران قالدۇق.  بۇ چۇقۇرنىڭ ئاۋازى نىمەبولۇپ ئۆزگۈرۈپ قالغاندۇ؟ يەنە كىلىپ ناھايتى تۇنۇش ئاۋاز.  ئۇ تۇيۇقسىز كىرىلدى، قاراس-قۇرۇس قىلغانئاۋاز بىلەن تەڭلا  ئۇنىڭ بويى بىرقانچە سانتىمىتىر ئىگىزلىدى. ئارقىدىن قولىنى ئالدىغا سوزدى، ئۇنىڭ قولى تۇيۇقسىز ئۇزىراپ قالدى.  بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران بولدۇم.  كۆڭلۈمدە:« بۇ سۈڭەك كىچىكلىتىش گۇمپىسى ئەمەسمۇ؟»دەپ ئويلىدىم.
مەن بۇنى كەنجى تاغامنىڭ خاتىرىسىدە كۆرگەن ئىدىم. بۇ قەدىمكى زامانلاردىكى قەبرە قازىدىغانلارنىڭ ئالاھىدە گۇمپىسى بولۇپ، ناھايتى تار قەبرە يوللىرىدىن، كىچىك تۆشۈكلەردىن ئۆتكەندە  مۇشۇ گۇمپا ئەسقاتاتتى. مەن ئەزەلدىن بۇ بىر قۇرۇق گەپ دەپ ئويلايتتىم، ئەگەر بۇ قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام بۇ خىل گۇمپىنىڭ راستىنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەسكەنمەن.
(يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بىرى لوياڭدىكى قەبرەقازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى مۇشۇ خىل گۇمپىنى قوللۇنۇپ، قەبرە ئېغىزىنى ناھايتى كىچىك ئېچىپ قەبرە ئىچىگە كىرگەن. ساقچىلار بېرىپ تەكشۈرگەندە چاشقان ياكى بۆرىنىڭ تۆشىگى دەپ ئويلاپ قالغان، كېيىن بۇنىڭ قەبرە ئوغرىلىرىنىڭ قىلغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قەبرىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، ئىچىگە كىرىپ بولغۇچە ئىچىدىكىلەر ئاللىقاچان ئالىدىغاننى ئېلىپ باشقا تەرەپتىن تىكىۋەتكەن.  بۇ گۇمپىنى مەشىق قىلىش ناھايتى قىيىن بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ جاپالىق مەشىق قىلغاندا، بەدەندىكى سۈڭەكلەر ماسلاشقاندا ئاندىن بولاتتى. بىراق بۇ گۇمپىنى ئۆگۈنۈپ غەلبە قىلغانلار ناھايتى ئاز ئىدى.)
ئۇ (جاڭ چۇقۇر) قاتتىق بىر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، قۇلىقى تەرىپىنى تۇتىۋېلىپ  كۈچەپ تارتىپ يۈزىدىن بىر نىقاپنى يىرتىپ ئالدى. شۇندىلا ئۇنىڭ ئەسلى چىرايى ئىنىق كۆرۈندى.  مەن ئۇنى كۆرۈپ ھاڭۋاقتىدەك قاراپلا قالدىم.  نىقاپئىچىدىكى ئادەم بوتولكا ئىدى.  بۇنىمىدىگەن ھەيران قالارلىق ئىش-ھە!؟ شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى نىقاپلىنىپ بىزنى ئالداپ يۈرۈپتۇ، بىز ئازراقمۇ بايقىماپتىمىز دىسە....
بوتولكا مۈرىلىرىنى كېرىشكە باشلىدى. خۇددى ئۇزۇن ۋاقىت ھەركەت قىلماي بەدەنلىرى ئۇيۇشۇپ كەتكەن ئادەمدەك.  سىمىزمۇ بىر ھازاغىچە گەپ-سۆز قىلماي تۇرۇپ قالدى.  خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنى تارتىپ:« بۇ سىنىڭ نىمە قىلغىنىڭ؟ بۇ قەستەن ئىچ پۇشۇقىڭنى چىقارغىنىڭ ئەمەسمۇ؟! »دىدى.
بوتولكا گەپ قىلماي سىمىزنىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويۇپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى ئوقيانىڭ ئوقيا بېشى تەرەپتىن تۇتۇپ بىر تارتىپلا بىر تال ئوقيانى سۇغاردى.  مەن بوينۇمنى سوزۇپ قارىدىم، سىمىزنىڭ بەدىنىدە پەقەت ئازراق ئىز قالغان، ئوقيا تەككەن جاي ئازراق قىزىرىپ قالغان بولۇپ يارلانمىغان ئىدى.
مەن ھەم ھەيران بولدۇم، ھەم كۆڭلۈم يايراپ كەتكەندەك بولدۇم. كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. مەنمۇ بوتولكىنىڭ قىلغىنى بۇيىچە بەدىنىمدىكى ئوقيادىن بىرتال سۇغاردىم. ئەسلىدە بۇ ئوقيانىڭ ئوقيا بېشى ناھايتى ماھىرلىق بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئوقيا بىرەر نەرسىگە تەگكەن ھامان ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئۇچى ئىچىگە كىرىپ كىتىدىكەن، ئارقىدىن ئوقيانىڭ ئۇچىدىن گۈلگە ئوخشاش بىر كىچىك تۈمۈر پەيدا بولۇپ ئادەمنىڭ بەدىنى قاماللاپ تۇرىۋالىدىكەن.
بوتولكا يەردىكى شۇنچە كۆپئوقيانى كۆرۈپ، پەس ئاۋازدا:« باياتىن ھېلىقى ئايال يەرگە قەستەن دەسسىگەن، قارىغاندا ئۇئۆزىنىڭ ماھارىتىگە بەك ئىشەنچ قىلسا كېرەك، ئۇ بىزنى بۇيەردە ئۇجۇقتۇرماقچى بولدى»دىدى.
مەن ئۇنىڭ بايىقى ھەركەتلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭ مىنى زاڭلىق قىلغانلىقىنى چۈشەندىم، بۇنى ئويلاپ ئىختىيارسىز قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى.  دەرۋەقە چىرايلىق قىزلارغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك كېرەككەن. بۇ مەن ئۈچۈن بىر چوڭ ساۋاق بولدى.
سىمىزنىڭ دۈمبىسىدىكى ئوقيالارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچىدا بايا دەپئۆتكەندەك كۈلسىمان تۈمۈر پەنجە بار ئىدى.  ئۇ:« ھۇ ئاناڭنى! تەلىيىمگە بۇ ئوقيالارنىڭ ھەممىسى گۈلسىمان چاپ؛ىشىپ قالىدىغان ئوقيا ئىكەن، ئادەمنى يارلاندۇرمايدىكەن. بولمىسا ئۇ خوتۇن راستلا مەقسىدىگە يىتەركەنتۇق.  مەن سىمىزنىڭ كىرپىدەك قىياپەتتە ئۆلگىنىمنى ئاڭلىسا باشقىلار مازاق قىلمامدۇ؟ » دىدى.
مەن بۇ غەلىتە ئوقياغا قاراپ سورىدىم:«نىمە ئۈچۈن  بۇ يەردىكى ئوقيالارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق غەلىتە؟ بۇنىڭ بىرەر مەنىسى بارمۇنىمە؟»  
بوتولكا:« مەنمۇ بىلمىدىم، مەن ساڭا ئوقيا تەگكەندىلا  مۇشۇ خىلدىكى ئوقيا ئىكەنلىكىنى پەزەر قىلدىم، بىراق نىمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. بەلكىم بۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى بىزگە چىكىنىش يولىنىڭ يوقلىقىنى، ئۆزىنىڭ يامانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بىزنى مۇشۇنداق قورقۇتقان بولىشى مۇمكىن» دىدى.
كاللامدا نۇرغۇن چۈشۈنۈكسىز مەسىلىلەر ئەگىپ يۈرەتتى.  بىراق ھازىر بۇلارنى مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس.  ھېلىقى خوتۇن ئاللىقاچان ئاساسى قەبرىگە كىرىپ بولدى، بىراق ئۇ داپ يۈزنىڭ بۇ يەردىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ تىكىۋېتىشىگە يول قويساق بولمايدۇ.  شۇلارنى ئويلاپ ئىشىكتىن ئۈسۈپلا كىرىشكە تەمشىلىشىمگە بوتولكا مىنى تۇسىۋالدى، ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:«  باياتىنقى ئىدىشتىكى ئالۋاستىنىڭ ھەركەتلىرىدىن قارىغاندا ئۇ بىزنى سول تەرەپتىكى ئىشىككە باشلاپ ماڭغاندەك قىلدى، بۇنىڭ چۇقۇم بىرەر سەۋەبى بار. بىز يەنىلا تەرتىپ بۇيىچە كىلەيلى. ھازىر باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى جايدا تۇرىۋاتىمىز، قالايمىقان ھەركەت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر بايىقى ئۇسال خوتۇن(نىڭ خانقىز) بىردەم تۇرۇپ قايتىپ چىقىپ قاچسا ئۇ چاغدا ئۇنى قاياققا بېرىپ ئىزدەشنى بىلەلمەي قالىمىز»دىدى.   سىمىز:« قورقماڭلار، بىز ئاۋال بېرىپ سۇ ئۈزۈش ئەسۋابلىرىنى يۇشۇرۇپ قۇيايلى. ئۇ زەھەرخەندە خوتۇننىڭ(نىڭ خانقىز) بۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى مەن بىر كۆرەي!»دىدى.
ھالقىلىق پەيتتە يەنىلا سىمىزنىڭ كاللىسى ئىشلەپ قالدى.  مەن كۆڭلۈمدە «نىمىدەپ بۇلارنى ئويلاپ باقمىغاندىمەن»دەپ ئويلىدىم، ۋە دەرھاللا بېشىمنى لىڭشىتتىم. بىز ئۈچ ئادەم دەرھال قۇشۇمچە قەبرىگە قايتتۇق.  مەن قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ بىزنىڭ جابدۇقلىرىمىز قۇيۇلغان جايغا قاراپ قېتىپلا قالدىم.   ئۇ يەردە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى!!




جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى