كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك14-باب
-
كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك14-باب
ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 1037 قېتىممەن ئەمىدىلا پالوبىغا چىقىشىمغا ئالۋاستى كىمىسى تولغۇنۇپ ناھايتى ئېچىنىشلىق ئاۋاز چىقاردى. كىمىنىڭ مەلۇم قىسمى سۇنغاندەك قىلاتتى. مەن كىمىنىڭ باش ۋە قۇيرۇق قىسمىنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىنى كۆردۈم. كۆڭلۈمدە چاتاق چىققانلىقىنى پەملىدىم، بېشىمنى بۇراپ كىمە ئىسكىلاتى تەرەپكە قارىدىم ، دەرۋەقە كىمىنىڭ كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى سۇنغان ئىدى.يانفوندا كۆرۈش
كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى سۇنغان ئىكەن ئىنىقكى كىمە يېرىلىپ كىتەتتى، كىمىدىكى كىچىككىنە تۈشۈكمۇ جاننى ئېلىشى مۇمكىن ئىدى. سۇ شىددەت بىلەن كىمە ئىچىگە ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى. مەن يەنە بەش مىنۇتقا قالماي كىمىنىڭ پۈتۈنلەي چۈكۈپ سۇ يۈزىدىن غايىپ بۇلىدىغانلىقىنى پەملىدىم.
جاڭ چۇقۇر جىددىيلىشىپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئۇ :" بىزنىڭ كىمىمىز كەلدى، بىز دەرھال بۇ جايدىن ئايرىلايلى!" دىدى.
بىزنىڭ كىمىمىز بىزگە يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى، بىراق كىمىگە يامىشىپ چىققۇدەك دەرىجىدە ئەمەس. كىمىدىكى كاپىتان بىزگە قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا :" سىلەر قانداقراق؟! " دەپ سورىدى.
جاڭ چۇقۇر نىڭ خانقىزنى يۈدۈپ تۇرۇپ ئۇلارغا قولىنى پۇلاڭلاتتى، كىمىدىكىلەر بۇنى كۆرۈپ ھەممىسى چۇرقۇرۇشۇپ كەتتى، ۋە تىزلىكتە ماتۇرنى ئوت ئالدۇرۇپ بىزگە يېقىنلاپ كەلدى. كىمىدىكى بىر قانچە بېلىقچى ناھايتىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى. باياتىن ئۇلار قورقۇپ ھالى قالمىغان مانا ئەمدى............. بۇ ساددا كىشىلەر بىزگە ئوخشىمايتتى.
ئالۋاستى كىمىسگە سۇ كىرىپ كەتكەچكە سۈرئىتى خېلىلا ئاستىلىغان ئىدى، بىزنىڭ كىمىمىز بىزگە يېقىنلىغاندا بىر قانچە بېلىقچى ئالۋاستى كىمىسىگە سەكرەپ چۈشتى. ئۇلار يەنىلا قورقۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇلار ھاپىلا-شاپىلا نىڭ خانقىزنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭ كىمىگە چىقاردى، ئاندىن بايىقى ئارغامچىنى يېغدى. كاپىتان :" كىمە قوزغالسۇن! كىمە قوزغالسۇن!!، بىز بۇ نەس باسقان جايدىن تىز ئايرىلايلى!" دىدى.
كاپىتان خانقىزنى يەرگە ياتقۇزۇشقا بۇيرۇدى ۋە ماڭا ئۇنى يۆلەپ تۇرۇشقا ئىشارە قىلدى. ئارقىدىن ئۇنىڭ چېچىنى قايرىدى.
مەن ئاللىقاچان ئىدىيەمدە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدىم، بىراق ھېلىقى نەرسىنى كۆرگىنىمدە نەپەس ئېلىشىم ئۆزگەرگەندەك بولدى. مەن ئۇنىڭ چاچلىرى ئارىسىدا ھېلىقى بىر جۈپ قولنىڭ تۈگۈلۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. مەن تەپسىلى قاراپ باقتىم. بۇ بىر جۈپ قول ئۇنداق ئۇزۇن ئەمەس ئىدى، تاشقا ئايلىنىشقا باشلىغان ئىدى. قولنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا بىر كاللەك گۆش ئۈسۈپ قالغان ئىدى. ئادەمنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى گۆشنىڭ ئارىسىدا كىچىك ئادەمنىڭ چىرايى يۇشۇرۇنغان ئىدى. نىمىشقىدۇر بۇ كىچىك ئادەم چىرايى خانقىزنىڭ بېشى ئارقىسىغا چاپلىشىپ ئۇنىڭ مىڭىسىنى شۇراۋاتقاندەك قىلاتتى.
كاپىتان بۇلارنى كۆرۈپ ناھايتى سۈرلۈكلىشىپ كەتتى. ئاۋال ھېلىقى نەرسىگە بىر قانچە قېتىم باش ئۇردى. ئاندىن يانچۇقىدىن بىر باغلام نەرسىنى ئېلىپ ھېلىقى كىچىك چىراينىڭ ئۈستىگە چاچتى. ھېلىقى كىچىك چىراي قاتتىق چىرقىرىغاندىن كېيىن تۈگۈلۈپ تولغۇنۇپ كەتتى. كاپىتان دىرھال بىر تال پىچاقنى ئېلىپ ھەم تىز ھەم ئىھتىياتچانلىق بىلەن خانقىزنىڭ باش تىرىسى بىلەن ھېلىقى كاللەك گۆشنىڭ ئارىسىغا سانجىدى ۋە پىچاقنى بىر قايرىغان ئىدى ھېلىقى قول يەرگە ئاجراپ چۈشتى.
قول يەرگە چۈشكەندىن كېيىن توختىماي تولغىنىشقا باشلىدى، ئەتراپتىكىلەر بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كەينىگە ياندى. بىردەمدىلا بۇ بىرجۈپ قول ئىرىپ شىلىمغا ئوخشايدىغان نەرسىگە ئۆزگەردى ۋە كىمىنىڭ يېرىقلىرىنى بويلاپ دېڭىزغا ئېقىپ چۈشۈپ كەتتى. مەن ئەزەلدىن بۇنداق نەرسىنى كۆرمىگەن ئىدىم. مەن كاپىتاندىن :" بۇ نىمە؟ " دەپ سورىدىم.
كاپىتان پىچاقنى دېڭىز سۈيىدە يۇيىۋەتكەندىن كېيىن، پەس ئاۋازدا:" بۇ ئالۋاستى كىمىسىدىكى ئۇۋال قىلىنغانلارنىڭ روھى، كالىنىڭ تۈكىنى ئۇنىڭ يۈزىگە چاچساقلا ھەممە ئىش تۈگەيدۇ" دىدى.
كاپىتاننىڭ چىرايىدىن ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەرگە چىققىنىدىن پۇشايمان قىلغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. ئۇ خانقىزنىڭ چېچىنى ئۆرۈپ ئەمدى چاتاق يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن كىمە ئىسكىلاتى تەرەپكە ماڭغاچ كىمىدىكى خىزمەتلچىلەرگە كىمىنى ھەيدەش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.
بۇ ۋاقىتتا دېڭىز يۈزى تىنىچلىنىپ قالغان ئىدى. ئاسماندىكى قارا بولۇتلار تېخىچە قاراپ تۇرۇشسىمۇ بىراق ئاللىقاچان پارچە -پارچە بولۇپ ئۈزۈپ يۈرەتتى، قوياش نۇرى بۇلۇتلار ئارىسىدىن چۈشۈپ تۇراتتى. ئاسمان ناھايتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. قارىغاندا ئۆلگۈر دېڭىز بورىنى ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.
بىز خانقىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق. كاپىتان كىمە ئۆگزىسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆزۈتۈش ئۈچۈن ماڭغانلىقى ئىنىق ئىدى. دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئاداۋىتى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەممىمىز ئۇنىڭ پۇرسەت تېپىپ ئۆچ ئالغىلى كىلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق، بىراق شىشانىڭ دېڭىز سۈيى ناھايتى سۈزۈك بولۇپ قوياش نۇرى ياخشى بولغان ئەھۋالدا 40 مېتىر چوڭقۇرلۇقنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەگەر بىرەر نەرسە بىزگە ئەگىشىۋالغان تەقدىردىمۇ قاراپلا كۆرىۋالغىلى بۇلاتتى. مەن خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بىرىشىدىن ئەندىشە قىلمىدىم.
كىمىدىكىلەر ھەممىسى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كىمىمىز كەڭرى دېڭىزدا كىتىۋاتماقتا. مەن باياتىن قاتتىق چارچاپ كەتكەچكە يۇمشاقراق جايدىن بىرنى تېپىپ ياتتىم، يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.
ئويغانغان ۋاقتىمدا قۇياش ئاللىقاچان غەرپ تەرەپكە قىيسايغان ئىدى. كىمىمىز بىر ئارالنى بويلاپ ، ئارالغا ناھايتى يېقىن يۈرىۋاتاتتى. ئالدىمىزدا ناھايتى چىرايلىق بىر ئارال تۇراتتى. ئارالدىكى قۇملار قارىماققا بەك يىرىكتەك كۆرىنەتتى. قارىغاندا ئالدىمىزدىكى بۇ ئارال دەل بىز توختايدىغان پورتتەك قىلاتتى.
مەن مۇشۇ ماڭغانچە كېيىنكى تەكشۈرۈش ئورنىغا بارىدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلىغان ئىدىم، دېڭىز قىرغىقىغا چىقىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. مەن :" بىز ئەمدى نەگە بارىمىز؟" دەپ سورىدىم. يېنىمدىكى بىر ئادەم:" بىز يوڭشىڭ ئارىلىغا بىر قانچە كىشىنى ئالغىلى بارىمىز" دىدى.
مەن بۇرۇلۇپ نىڭ خانقىزنىڭ مىنىڭ يېنىمدىلا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ھازىر خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغاندەك كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ خۇمالىشىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئۇنى ھازىرلا ئويغانغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم . مىنىڭ قىزلارغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچۈم سەل ئاجىز ئىدى. مەن ئۇنىڭ كىسەلچان ھالىتىگە ھەۋەس بىلەن قارىدىم. ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:" بىز كىمنى ئالغىلى بارىمىز؟" دەپ سورىدىم.
ئۇ يىراقتىكى پورتتىكى غۇۋا كۆرۈنگەن بىر توپ ساياھەت سومكىسى يبدىۋالغان كىشىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :" ئەنە ئاۋۇلار شۇ، بىر قانچە غەۋۋاس ۋە يەنە بىر نەپەر سىزگە ئوخشاش مەسلىھەتچى، مىنىڭچە سىز ئۇنى چۇقۇم تۇنۇيسىز" دىدى.
مەن بوينۇمنى سوزۇپ قارىدىم، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىمىز بىرى ماڭا ناھايتى تۇنۇشتەك بىلىندى. بىراق كىملىكىنى ئىنىق ئىسىمگە ئالالمىدىم. بۇ ۋاقىتتا بىر كىمە خىزمەتچىسى كىمىنىڭ باش تەرىپىدە تۇرۇپ :" ھەي، لېي لېي! تەييارلىق قىلىڭلار! بىز بۇيەردە! " دەپ ۋارقىرىدى.
ھېلىقى سىمىز بىز تەرەپكە قاراپ تىللاشقا باشلىدى:" ھۇ ئەبلەخ ! مىنى بۇ يەردە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك شامالدا قىينىدىڭ، سەنلەرنىڭ زادى ۋاقىت قارىشىڭ بارمۇ-يوق!؟ " ........
تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
- 2015-11-04 18:51:02كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك11-باب
- 2015-11-04 18:46:23كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك9-باب
- 2015-10-30 19:41:58كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك17-باب
- 2015-11-03 15:55:31كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك2-باب
- 2015-11-10 15:58:00كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك28-باب
- 2015-10-30 13:51:53كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك4-باب
- 2015-11-01 14:51:57كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك28-باب
- 2015-11-04 19:04:57كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك16-باب
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-