رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك28-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك28-باب

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 1084 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 سىمىز گېپىنى دەپ بولۇپلا يەنە يۆتىلىپ كەتتى ۋە يەنە بىر مۇنچە سۇ ياندۇردى. مەن تاقەتسىزلىنىشكە باشلىدىم، ئالدىراپ ئۇنى داۋاملىق سۆزلەشكە ئۈندىدىم. سىمىز دۈمبىسىنى قاشلاپ قويۇپ:" مىنى ئازراق دىمىمنى ئېلىۋالغىلى قويساڭچۇ! بۇ ئىش بەكلا تىز يۈز بەرگەچكە دەيدىغان گېپىمنى تاپالمايۋاتىمەن"دىدى.
 ئۇنىڭ چىرايى راستىنلا تاتىتىپ كەتكەن ئىدى، ئاۋازىمۇ ناھايتى پەس چىقىۋاتاتتى. قارىغاندا كانىيىدا يەنە سۇ بولسا كېرەك. مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ دۈمبىسىگە كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇ راستلا نۇرغۇن سۇ ياندۇرىۋەتتى. ئارقىدىن ئاغرىنغاندەك:" بولدى، بولدى! مىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويما يەنە!"دىدى.
 مەن زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى تىزراق سۆزلەپ بىرىشكە ئۈندىدىم.
 ئۇ بۇرنىنى تارتىپ قويۇپ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاددىيلا قىلىپ ماڭا سۆزلەپ بەردى. ئىشلار بەكلا تىز يۈز بەرگەچكىمۇ ئۇنىڭ بايان قىلىشلىرىمۇ بىر ئاز قالايمىقانراق تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى ھەر ھالدا چۈشەنگەندەك بولدۇم.
 ئەسلىدە ئەينى ۋاقىتتا سىمىز مىنىڭ يەردىكى فار-فۇر قاچىلار ئۈستىگە سىزىلغان رەسىملەر بىلەنلا بولۇپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ، مىنى تىزراق ئالىدىغاننى ئېلىپ ھېلىقى جەسەت ساندۇقى يېنىغا چىقىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، بىراق مەن بەك بىرىلىپ كەتكەچكە ئۇنىڭ گېپىگە ئېرەن قىلماي داۋاملىق ئۆزۈمنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كىتىپتىمەن.  سىمىزنىڭ پۈتۈن مەقسىدى ساندۇقتىكى سۇنى تازىلىۋېتىپ ھېلىقى قىممەتلىك بويۇملارنى قولغا كىرگۈزۈش بولغاچقا مىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئۆزى ھېلىقى جەسەت ساندۇقى بار ئۆيگە چىقىپ كىتىپتۇ. بىز قاچا ئېلىش ئۈچۈن كىرگەن ئۆي بىلەن جەسەت ساندۇقى قويۇلغان ئۆينىڭ ئارلىقى ناھايتى يېقىن بولغاچقا بىرەر كۈتۈلمىگەن يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىكەن.   بىراق سىمىز ئۇ يەردىن ئايرىلىپلا كۆرگەن نەرسە ئۇنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىۋاپتۇ، سىمىز ھېلىقى تاش ئىشىكنىڭ قاچانلاردا يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلىپمۇ قويماپتۇ.
 ئۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ يېنىغا چىقىپ بوتولكا بىلەن بىرگە ساندۇق ئىچىدىكى سۇلارنى تازىلاپتۇ. ساندۇقتىكى جەسەتنىڭ پۈتۈن شەكلى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ناھايتى ئىنىق نامايەن بوپتۇ. سىمىز سەپسېلىپ قاراپ ھاڭ-تاڭ قاپتۇ. ئەسلىدە بىز ئادەم بېشى دەپ قارىغان ھېلىقى بىر قانچە نەرسە ئاياللارنىڭ ئەمچىكى ئىكەن. سىمىز بۇنى كۆرۈپ گاڭگىراپلا قاپتۇ. ئۇ بۇ ساندۇقتىك جەسەتنىڭ ئايال كىشىنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەن.   بىراق قائىدە بۇيىچە 12 تال قول بولغاندىكىن 12 دانە ئەمچەك بولسا ئاندىن توغرا بولىشى كېرەك. بىراق پەقەت 5 تاللا تۇرسا، ئەجىبا بۇنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەنە بارمىدۇ؟ ئۇلار بۇ جەسەتنى قانداق قىلىپ ساندۇقتىن چىقىرىش ئۈستىدە ئويلىنىپتۇ.
 سىمىز ئاۋال قۇرالنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ بېقىپتۇ، بىراق جەسەت بەك يۇمغاق بولغاچقا ھەرقانچە قىلىپمۇ كۈچىيەلمەپتۇ. قولىغا پەلەي كىيىپ قولى بىلەنلا كۆتىرەي دىسە، قولى بىلەن ھەر بىر قېتىم تۇتقاندا بىر قەۋەت ئادەم مېيى چۈشىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكمۇ يىرگىنىشلىك.  ئاخىرىدا بوتولكىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۇلار كىيىمىنى سېلىپ قۇرالنىڭ ئىككى تەرىپىگە باغلاپ ئىككى تەرەپتىن تۇتۇپ خۇددى ئەپكەشنى كۆتۈرگەندەك جەسەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تىقىپ كۈچەپ كۆتۈرگەن ئىكەن ئاخىرى جەسەت ساندۇق ئىچىدىن ئاجراپتۇ. ئۇلار جەسەتنى يەردە قويۇپتۇ.  
 چارلاش چىرىقىنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا جەسەت بىردەمدىلا قۇرۇپ قارىداپ كىتىپتۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇلار جەسەتنى ئىنىق كۆرۈپتۇ. باشقا بىر قانچە ئەمچەك ئاللىقاچان كىسىپ ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ ، پەقەت قاچىنىڭ ئېغىزىدەك چوڭلۇقتا كىسىلگەن ئىز قالغان ئىكەن.  شۇ چاغدا ئۇلار بۇ جەسەتنىڭ قۇرسىقىنىڭ نىمىشقا بۇنداق چوڭلىقى ھەققىدە ئويلاشماپتۇ، پەقەت يۈزەكى ھالدىلا شۇنداق سىمىز بولسا كېرەك دەپلا ئويلاپتۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا بۇ ئىككەيلكەن ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكىسىنىڭ بوۋاق ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتۇ.
 جەسەتنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ساندۇقنىڭ تىگىدىكى ئويۇلغان خەت ئىنىق كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت بىر يۇغان خەت ئويۇلغان ئىكەن. بوتولكا ئۇ خەتنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئوقۇيالماي شۇ ۋاقىتتىلا ئاندىن تويۇقسىز مىنى ئىسىگە ئاپتۇ.  دەل شۇ چاغدا ئۇلار تامدىكى ھېلىقى تاش ئىشىكنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ.  سىمىز ئالاقزادە بولۇشقا باشلاپتۇ، ئۇنىڭ ئەنسىرىگىنى مەن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كىتەلمەسلىكى ئىكەن. بوتولكا ئۇنىڭغا ئەنسىرىمەسلىكنى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئىشىكنىڭ يەنە پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىپتۇ. ئۇ يەنە:" ھازىرقى ئەڭ مۇھىم بولغىنى ، قولىمىزدىكى ماۋۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىۋېتىش" دەپتۇ.   سىمىز ئۇنىڭ بۇنداق سوغۇققانلىقىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بوپتۇ.
 ئىككەيلەن ساندۇقنىڭ ئىچىدىكى خەت ئويۇلغان تاش تاختاينى چىقىرىۋالماقچى بوپتۇ، بىراق بەك ئېغىر بولغاچقا يەنە كىلىپ ئەتراپى ئۆتكۈر يىلىم بىلەن يەملەنگەن ئىكەن.  سىمىز بىر ئاز غەلىتىلىك ھىس قىلىپ قولى بىلەن تاشنى ئۇرۇپ بېقىپتۇ. دەرۋەقە تاشنىڭ ئاستى تەرىپى بوش ئىكەن.
 ئۇلار قولىدىكى قەغەزگە ئوت يېقىپ يەملەنگەن ئورۇندىكى يىلىمنى ئىرىتىپ تاش تاختاينى كۆتۈرۈپ ئاپتۇ. تاشنىڭ ئاستى تەرىپىدە بىر كامار باركەن. بۇنى كۆرۈپ ئېغىزلىرىنى يۇمالماي قاپتۇ، ئۇ بۇنى قەبرە لاھىيىلىگۈچى لايىھىلىگەن نەرسە ئەمەس، بۇ دىگەن قەبرە ئوغرىلىرى كولىغان تۈشۈك دەپتۇ.
 بۇ ھەقىقەتەن بىر چوڭ بايقاش. قەبرە ئوغرىلىرى كولاپ، كولاپ مۇشۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستىغا كەلگەن، تاش تاختاي توسۇقلۇق بولمىغان بولسا ساندۇقتىكى جەسەت ئاللىقاچان يوق بولاتتى. ئۇلار قەبرە ئورنىنى ناھايتى توغرا پەرەز قىلغان. ئەڭ غەلىتە بولغىنى بۇ قەبرە دېڭىز ئاستىدا تۇرسا ، ئۇلار بۇ كامارنى قانداق ئۇسۇلدا ئاچقان بولغىيتتى؟
 ئەگەر بۇ قەبرە لىفىتقا ئوخشاش دىيىلسە، جەسەت ساندۇقىنىڭ تەگ تەرىپىدە يەنە بىر قەبرە ئۆيى بولىشى كېرەك. قانداقسىگە بۇ يەردىكى بوشلۇقتىن مۇشۇنداق چوڭ تۈشۈكنى كولىغىلى بولسۇن؟  بۇ چاغدا سىمىز بىزنىڭ قەبرىنىڭ قورۇلمىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپتۇ.
 سىمىز پۈتكۈل ئىشنىڭ قايتىدىن سىرلىق تۈس ئالغانلىقىنى پەرەز قىپتۇ. ئىككىسى جىم بولۇپ قاپتۇ. سىمىز شىمال پەرەس بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ جەسەت ساندۇقىدىكى جەسەتنى يۆتكىۋەتكەن ئىشىنىڭ بىرەر كىلىشمەسلىك ئېلىپ كىلىشىدىن ئەنسىرەپتۇ.   ئۇ بۇ جەھەتتە يىتەرلىك بىلىمگە ئىگە بولمىغاچقا ئىشنىڭ ئاخىرىنى ئويلاپ ئىنىق بىر يەكۈن چىقىرالماپتۇ. سىمىز تاختايدىكى خەتنى ئەڭ ھالقىلىق نەرسە دەپ ئويلاپ، خەتكە سىنچىلاپ قاراشقا باشلاپتۇ. ھېلىقى ئايالنىڭ جەسىتى يېنىدا تۇرغان بوتولكا بىردىنلا "چاتاق بولدى!!" دەپ قاتتىق ۋارقىراپتۇ.  
 سىمىز بۇرۇلۇپ قارىسا، بوتولكىنىڭ سول قولى ئۈلۈك ئايالنىڭ قۇرسىقىدىن سوزۇلۇپ چىققان ئاپئاق تۈك ئۈسۈپ قالغان كىچىك قول تەرىپىدىن چىڭ تۇتىۋېلىنغان ئىكەن.  سىمىز بۇ ئايالنىڭ قۇرسىقىدا يەنە بىر دانە بوۋاقنىڭ بارلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەن.  ئۇ بەك قورقۇپ كىتىپتۇ، بىراق دەرھال ئىسىنى يىغىپ قولىغا قۇرالنى ئېلىپ ئايالنىڭ قۇرسىقىغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپتۇ. ئۇ دەل جايىغا ئاتقان ئوخشايدۇ، ھېلىقى قول بوتولكىنىڭ قولىنى قۇيۇپ بىرىپتۇ. سىمىز يەنە ئاتماقچى بولغاندا بوتولكا:" ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرەلمەيسەن! تىز ماڭايلى!" دەپ ۋارقىراپتۇ.  بوتولكا شۇنداق دىگىنىچە سىمىزنى تارتىپ بايىقى تۈشۈك ئىچىگە شۇڭغۇپتۇ.  سىمىز تۈشۈك ئىچىدىكى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرىدىغان سۇيۇقلۇقنى كۆرۈپ يىرگىنىپ ئۇ يەرگە شۇڭغۇشتىن باش تارتماقچى بوپتۇ، بىراق كەينىگە شۇنداق قارىغان ئىكەن ئايالنىڭ قۇرسۇقىدىن ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە جېنىنىڭ بارىچە سىرتقا چىقماقچى بولىۋاتقان مىدىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئايالنىڭ قۇرسىقىنىڭ تىرىسى يىرتىلاي دەپلا قالغان ئىكەن. بارا-بارا ھېلىقى نەرسىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇشقا باشلاپتۇ.  ئۇنىڭ تەنلىرى شۈركۈنۈپ، بەدىنىگە تىتىرەك ئولۇشۇپتۇ ۋە چىشىنى چىشلەپ بوتولكىغا ئەگىشىپ تۈشۈكتىن تۆۋەنگە شۇڭغۇپتۇ.
 بوتولكا ئاللىقاچان بىر قانچە قەدەم ئالدىغا قاراپ ئۈزۈپ كەتكەن بولۇپ سىمىز جېنىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زادى نەدىن چىقىدىغانلىقىنى، بۇ يەرنىڭ نەگە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇلار كۆپ ئۈزمەستىنلا قەبرە بىر تەرەپكە قىيسايغاندەك مىدىرلاپتۇ.  ئۇلار سۇ يولىنىڭ ئۇنداق ئۇزۇن ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ ۋە شۇنداق قارىغۇدەك بولسا بىر نۇر سۇ ئىچىدە غۇۋا كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار ئۇنى مەن دەپ پەرەز قىلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ يۇرۇقلۇق بار تەرەپكە قاراپ ئۈزۈپتۇ، ئۇلار بىردىنلا بىر كۆلگە ئوخشايدىغان جايغا كىلىپ قاپتۇ.  شۇ چاغدا ئۇلار تۇنجۇقۇپ قالاي دەپ قالغان ئىكەن، ئۇلار سۇدىن بېشىنى چىقىرىشىغىلا مىنىڭ ئۆزلىرىگە قۇرال تەڭلەپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپتۇ.
 ئاڭلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە: " ئەپسۇس سەن پەقەت بىر تاللا قولنى كۆرۈپسەن-دە، ئەگەر ئىككىلىسىنى كۆرگەن بولساڭ ئىش باركەن" دىدىم چاقچاق قىلىپ.
" مەنغۇ ئۇ نەرسىدىن قورقمىدىم، بىراق ماۋۇ ئاداش ئۇ نەرسىنى كۆرۈپلا قاچقۇسى كىلىپ قالدىغۇ تاڭ، راست گەپنى قىلسام مەن بىزنىڭ نىمىگە شۇنچە ئالدىراش قاچقانلىقىمىزنى چۈشەنمىدىم،  ئۇ نەرسە راستلا شۇنداق يامانمۇ؟ ئۇنى بىر نەچچە پاي ئوق بىلەنلا بىرتەرەپ قىلالايتتۇق ئەمەسمۇ؟"دىدى سىمىز.
 " ئۇ ئاق مويلۇق قۇرغاقچىلىق ئىلاھى دىيىلىدۇ، سەن پەقەت ئۇنىڭ بېشىنى ئۈزىۋېتەلىسڭلا ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرەلەيسەن، بىراق ئۇ ئۆلىدىغان بولسا بىر خىل زەھەرلىك گاز تارقىتىدۇ، ئۇ خىل گاز ئادەمنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ" دىدى بوتولكا قولىنىڭ بېغىشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
 مەن بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. مەن قۇرغاقچىلىق ئىلاھى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان، بەزى شىئېرى ئەسرلەردىمۇ ئاڭلىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ نەرسە توغرىسىدا مىش-مىش گەپ سۆزلەر بەك كۆپ ئىدى، ئۇنىڭ شەكلىنىڭ سىمىز دىگەندەك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.  بىراق بۇ ئىشلار ئانچە مۇھىم ئەمس، مەن بۇ قەبرىگە كىرىدىغان ۋاقىتتىلا مۇشۇنداق غەلىتە نەرسىلەرگە قارىتا ئىدىيەمدە تەييارلىقىم پۇختا ئىدى.   ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھېلىقى سىمىزلەر شۇڭغۇغان تۈشۈك تازا غەلىتە تۇرىدۇ. ئۇ مۇشۇ كۆلچەككە تۇتىشىدىكەن، بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ مەن ئۇنى چىقىش ئېغىزى دەپ ئويلىغان ئىدىم. مىنىڭچە قەبرە ئوغرىلى بۇ تۈشۈكنى قازغاندا ئاساسى قەبرىنىڭ ئورنىنى ئىنىق جەزىملەشتۈرەلمىگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىزىگە ئاساسەن بىر قانچە يۈنىلىشكە قاراپ تۈشۈك ئېچىپ باققان. بۇ دەل شۇ تۈشۈكلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بۇلىشى مۇمكىن. ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇلاردىن باشقا ئاچا يول بايقىغان ياكى بايقىمىغانلىقىنى سورىدىم.
 سىمىز بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ بۇ يولنىڭ ناھايتى ئىنىقلا مۇشۇ يەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ گېپىدىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمىدىم. ئۇلار قىشلارنى ئېلىۋېتىپ ئېچىلغان تۈشۈك ئىكەنلىكىنى دىيىشتى، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئېچىپ بولغان تۈشۈكنى قىشلار بىلەن تۇسۇپ قويمىدى دىگىلى بولمايتتى.
 گەرچە ئەھۋال مەن ئويلىغاندەك بولۇپ قالسىمۇ بىراق ئۇ تۈشۈك يەنىلا مۇشۇ قەبرىگە تۇتىشىدىغان تۇرسا، ئىزدەپ تاپقان تەقدىردىمۇ ھېچقانداق كېرىكى يوق. بىراق قەبرە كولىغان ئادەم ئۆزىنىڭ كولىغان تۈشۈكىنىڭ تاش تاختاي بىلەن تۇسىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغاندا يەنە باشقا جايدىن تۈشۈك ئېچىل ئاساسى قەبرىگە كىرگەن بولسىچۇ؟
 مەن شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقىنىمدا سىمىز:" سىلەرنىڭچە قۇرغاقچىلىق ئىلاھى سۇ ئۈزەلەرمۇ؟" دەپ سورىدى.
 مەن بىردىنلا چۈچىدىم. ئۇنىڭ نىمىنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇ قولى بىلەن كۆلچەكنى كۆرسەتتى. مەن شۇنداق قارىسام كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن توختىماي سۇ كۈپۈكچىلىرى چىقىۋاتاتتى.



جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى