رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك3-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك3-باب

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 1179 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈچۈنچى باب: بۇران - چاپقۇن
بىرىنجى خاتىرە ئىككىنچى بۆلەك : غەزەپ دېڭىزىدىكى قۇم ئۈزۈش 


بۇ لى سى دى سۇغا پىششىق ئىدى ، گۇرۇپپىنىڭ سۇدىكى خىزمەتلىرىگە ئۇ مەسئۇل ئىدى ، « بىر سائەت ئىچىدە بۇ يەردە چۇقۇم قاتتىق بۇران – چاپقۇن بۇلىدۇ ، دېڭىز سۈيىنىڭ بۇنداق كۆپ تۈۋەنلىشىنىڭ ئۆزىلا بىر ئىسپات ، سەل تۇرۇپ تۈۋۈن ھاۋا بېسىمى تەرىپىدىن شۇراپ كىتىلگەن سۇلار بىراقلا بېسىپ كېلىدۇ يەنى كىچىكرەك بىر مەيدان دېڭىز شاۋقۇنى دىگەن گەپ ، بىزدە پەقەت ئۈچ دانە كىچىك تىرە قولۋاقلا بار ، مىنىڭچە ئەمدى ئۈمىد يوق !» دىدى . 
ئۇ ئاللىبۇرۇن خەتەرنى ئەڭ سىلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئىپىدىلىگەنىدى ، بىراق كەنجى تاغام ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بۇ قېتىم راستىنلا تۈگەشەنلىكىنى ھىس قىلدى ، بۇلار جاھان كۆرمىگەن كىتاپ خالتىلىرى بولغاچقا قورۇققىنىدىن ھەممىسىنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتكەنىدى ، يەنە بىرقانچە قىز يىغلاپمۇ ئۈلگۈرگەنىدى . 
كەنجى تاغام ۋېنجىننىڭ قولىنى تۇتتى ھەمدە ئالقىنىنىڭ تەرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدى ، ئەلۋەتتە بۇمۇ قوروققانلىقنىڭ ئالامىتى ئىدى ، بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن كەنجى تاغام دىگەن كەسپى قەبرە ئوغرىسى ، مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ روھى – كەيپىياتى باشقىلارنىڭككىگە قارىغاندا خېلىلا ياخشى ئىدى ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ :« جىددىلەشمە ! ئەگەر جىددىلەشسەڭلا پۈتۈنلەي تۈگىشىسەن ! » دىگەنىدى . 
ئۇ ئادەملەرنىڭ سانىنى ئىنىقلىدى ، ئۇلار كەلگەن ۋاقىتتا جەمئى 10 ئادەم ئىدى ، بىر ئادەم ئۆلدى ، يەنە بىرەيلەن ھادىسىنى ۋە دېڭىز ئاستىدىكى بايقىغانلارنى يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن چوڭ كىمە بىلەن قايتىپ كەتتى ، ھازىر قالغىنى سەككىز ئادەم ئىدى ، كەنجى تاغام لى سىدى دىن « بۇران – چاپقۇن قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشار ؟ » دەپ سورىدى . 
لى سى دى : « ياز پەسلىدىكى بۇنداق بۇرا چاپقۇنلارنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىسقا ، نەچچە ئون مىنىۇتتىلا ئۈتۈپ كىتىدۇ ،لىكىن ئۇۋاقىتتا دېڭىز سغيى ھېچ بولمىغاندا بەش – ئالتە مىتىر كۆتۈرلىدۇ ، ۋاقتى كەلگەندە بۇ خادا تاشلارنىڭمۇ ھەممىسە سۇغا غەرىق بۇلىدۇ . » دىدى . ئۇ يەنە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ :« بۇ نەچچە ئون مىنۇتقا سەل قارىغىلى بولمايدۇ ، دولقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىساق ، بىر بولسا خادا تاشلارغا سۇقۇلۇپ ئۆلىمىز ، بىر بولسا دېڭىزغا غەرىق بۇلىمىز ، مىنىڭ سىزنى قورقۇتقۇنۇم ئەمەس ، ھازىر ئەھۋال راستىنلا بەك چاتاق ! » دىدى . 
كەنجى تاغامنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى تىز ئىدى ،ھەش-پەش دىگۈچە ئۇنىڭ كاللىسىغا نەچچە خىل چارە كەلدى ، بىراق دەرھال بىر قارارغا كەلمىسە بولمايتتى ، تىرە قولۋاققا ئولتۇرۇپ قايتىپ كىتىمىز دىسە ،ھەرقانچە تىز ئۈزسىمۇ بۇران-چاپقۇندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، نەپەسلىنىش ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلىتىپ سۇئاستىدا پاناھلىنايلى دىسە ، ۋەنجىياۋ ئەتراپىدىكى دېڭىز تىگىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىمۇ ئاران يەتتە مىتىر ئەتراپىدا ، بۇ تېخىمۇ بولمايتتى . 
كەنجى تاغام كۆز بىلەن كۆرگىلى بولغۇدەك چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز تىگىگە قاراپ ، قاراڭغۇ كىچىدە يۇرۇقلۇققا ئېرىشكەندەك بولدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر پىلان پەيدا بولدى ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ پىلاننىڭ بۇلۇش – بولماسلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشقىلى ۋاقىت يوق ئىدى ، ئۇ باشقىلارغا :« كۆپچىلىك كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلى ، ئوكسىگېن توڭلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ قاراپ باقايلى ، يەنى قانچىلىك ۋاقىت يىتىدىكىن ، بىز قەدىمى قەبرىگە كىرىپ پاناھلىنىپ تۇرايلى .» دىدى . 
كەنجى تاغامغا قەبرىگە كىرىش ئاسان ئىش ، شۇڭا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقىسى يوق ، بىراق باشقلار ھەممىسى كىتاپ خالتىسى ، شۇڭا بۇ تەكلىپ ئۇلارغا ناھايىتى قاپ يۇرەكلىكتەك بىلىندى ، بۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا كۆپچىلىك غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى ، كەنجى تاغام بۇنى كۈرۈپ پايدا – زىيان مۇناسىۋىتىنى قىسقا قىلىپ تاھلىل قىلىپ بەردى . 
ئۇ دېڭىز چېتىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ :« كۆپچىلىك ئۇ بۇران چاپقۇنغا قاراڭلار ، ھازىر بىز تېخى خەتەر ھىس قىلمىدۇق ، بىراق كۆپچىلىك ھەممىسى دېڭىز شاۋقۇنى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەرنى كۆرگەنغۇ دەيمەن ! بۇ نەرسە بىلەن ئوناشقىلى بولمايدۇ ، ئەگەر بۇيەردە بۇران-چاپقۇننىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق بىزگە ئۈلۈمدىن باشقا يول يوق ، ھەتتا باشقىلار جەسىدىمىزنىمۇ تاپالماسلىقى مۇمكىن ، بىراق دېڭىز ئاستىدا خەتەردىن پاناھلىنىدىغان جاي بار ، بۇ قەدىمى قەبرىنىڭ ئىچىدە جەزمەن ھاۋا بارلقى بىزگە مەلۇم ، يەنە كىلىپ ئۇ ھاۋا سىرتتىكى سۇ بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا سۈپىتىمۇ يامان ئەمەس ، بىزنىڭ ئادىمىمىز كۆپ ئەمەس ، قەبرە ئىچىدە بىر سائەت تۇرۇپ قايتىپ چىقىشىمىزغا ھاۋا يىتىشىدۇ ، بۇ بىزنىڭ بىردىن بىر ھايات قېلىق پۇرسىتىمىز . 
كەنجى تاغامنىڭ ئادەم سەپەرۋەر قىلىشتا ئازراق تەبىئى تالانتى بار، ئۇنداق بولمىغان بولسا كىيىنكى تىجارىتىنى ئۇنچە كېڭەيتەلمىگەن بۇلاتتى .باشقىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ،ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭلىدە ئۈمىد تۇغۇلدى . ئۇلار بارلىق غەۋۋاسلىق سايمانلىرىنى بىريەرگە يىغدى ، تىرە قىيىقلارنى قاتلاپ تەخلىدى ، ھەممە تەييارلىق پۈتكەندە ،كەنجى تاغام ئۇلار بىلەن سۇ ئاستى پائالىيىتى جەريانىدىكى قول ئىشارەتلىرىنى بىكىتىۋالدى ، ئاندىن ئۇلارنى باشلاپ سۇغا چۈشتى ، ھەمدە ئۈزى كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ بىرىنجى بۇلۇپ قەبرە يۇلىغا كىردى . 
ئۇۋاقىتتىكى غەۋۋاسلىق سايمىنى ئۇلارنىڭ بېشىدىكى قالپاق ئىدى، قارىماققا ناھايىتى بىئەپ كۈرۈنەتتى ،بىراق بۇنەرسە ناھايىتى پۇختا بۇلۇپ ، ئەگەر ئالدى تەرەپتىن ھەرقانچى چوڭ دېڭىز جانلىقى كەلسىمۇ ، مۇشۇ قالپاق بولسىلا ئۇنچە ئاسان يۇتىۋىتەلمەيتتى . كەنجى تاغام ئامالنىڭ بارىچە ئۈزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىۋاتاتتى ، ئۇ سۇ ئۈزگەچ ئەتراپنى كۈزەتتى . قەبرە يۇلى بارغانچە تارىيىپ كىتىپ باراتتى ، مۇشۇ تەرىزدە كىتىۋەرسە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئۆتەلەمدۇ ئۆتەلمەمدۇ بۇمۇ بىر مەسىلە ئىدى . ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ بارلىق سايمانلىرى يېنىدا ،پەقەت بولمىغاندا يەنە بىر چىقىش يولى ئاچالايتتى . 
قەبرە يۇلىدا نۇرغۇن ئادەم يۈزلۈك قاپارتما نەقىشلەر بار ئىدى ، ھازىر ئۈستىنى قېلىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا قايسى سۇلالىگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ئىنىق بىرنىمە دىگىلى بولمايتتى . جاھان كۆرمىگەن بۇ ياشلار ھەممىسى ھازىرقى ئەھۋالنى ئۇنتۇپ ، نەقىشلەرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلۋېلىپ تەھلىل قىلىۋاتاتتى، كەنجى تاغام ئۇلارنى پات-پات ئالدىرىتىپ بۇلالماي جىلە بۇلۇپ كەتكەنىدى . 
ئۇلار داۋاملىق ئىچكىرىلەپ ئۈزدى ، بىرقانچە يەردە قايرىلدى ، شۇڭا ئاللىبۇرۇن نىشاننى پەرىق ئىتەلمەيتتى . 
كەنجى تاغام بۇ ئادەملەرنىڭ ناھايىتى تەرتىپسىز ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ،ئۇلارنى رەتكە سالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ھەمدە قول ئىشارىتى قىلىپ كەينىدىكىلەرنى توختاشقا بۇيرۇپ ، ۋېنجىننى ئادەملەرنى ساناپ سەپتىن چۈشۈپ قالغانلار بار يوقلىقىنى ئىنىقلاشقا ئۇرۇنلاشتۇردى . بۇنداق تار قەبرە يۇلىدا سۇ ئۈزۈش قىيىن بولغاچقا ،كۆپچىلىك ھەممىسى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى ،شۇڭا ئۇلار قول ئىشارىتىنى كۈرۈپ كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن جىنايەتچىدەك خۇشال بۇلۇپ قەبرە تېمىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇشتى . تاغام ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ ، باش بۇلۇشنىڭ ھەقىقەتەن تەس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى . ئۇ كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئاۋال ئالدى تەرەپنى كۈزۈتۈپ بېقىشنى ئويلاپ تۇرۇشىغا ۋېنجىن ئۇنىڭ پۇتىغا ئۇرۇپ ئۇنى چاقىردى ، كەنجى تاغام بۇرۇلۇپلا ۋېنجىننىڭ چىراي ئىپادىىنىڭ ناھايىتى ئالاقزادا ئىكەنلىكىنى كۆردى – دە « ئەجەبا راستىنلا بىرەرسى سەپتىن چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟ » دەپ ئولىدى . 
ۋېنجىن ئۆزىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەي پۇت-قۇلى كالۋالىشىپ كەتتى ،ئۇ بىر بارمىقىنى چىقىرىپ كەنجى تاغامغا قاراپ توختىماي بىرنىمەلەرنى دەيتتى .كەنجى تاغام ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشىنەلمەي ئۇنىڭدىن سورىدى «بىر ئادەم كەم ،شۇنداقمۇ ؟» ۋېنجخن كەنجى تاغامنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئېغىز شەكلىگە قاراپ ، بېشىنى چايقىدى ۋە بىر قىلىنى تۇلۇق ئاچتى يەنە بىرقولىدىن تۆت بارمىقىنى بىر يەرگە ئەكەلدى ، كەنجى تاغام بۇنى كۈرۈپ تېڭىرقاپ قالدى ،ئۇ ۋېنجىننىڭ گەپ قىلغاندىكى ئېغېز شەكلىگە تەپسىلى قاراپ ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە « بىر ئادەم ئارتۇق !» دىمەكچى ئىكلەنلىكىنى بىلدى .

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى