رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك31-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك31-باب

ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 1113 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوتولكا، ياق ئۇنى يەنىلا جاڭچىلىڭ دىگەن تۈزۈك، ئۇنىڭ گەپلىرى ناھايتى تۈز بولۇپ، ئازراقمۇ ھىسيات دىگەن نەرسە يوق. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەن بۇ يەردىكى سىرلىق جاينىڭ بولۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ئىنىق كۆرىۋالغاندەك بولدۇم. بىراق ئۇنىڭ بايانلىرىدىن يەنىلا بۇ كىشىنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. بىز يەنىلا ئۇنى جىمغۇر، دانا ياش دەپلا بىلىپ تۇرايلى.
 چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا تۇرۇپ دېڭىز ئۈستىدىكى شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كىلىۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ نەرىلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمىسىمۇ، بىراق دېڭىز دولقۇنلىرى كىلىش ئالدىدىكى ئاشۇ خىل دىمىق ھاۋانى ھىس قىلغىلى بولاتتى.
جاڭچىلىڭ، ئۇ جىمجىت ھالدا قوشۇمچە قەبرىنىڭ بىر بولۇڭىدا زوڭزىيىپ  ئولتۇرۇپ، ھەمراھلىرىنىڭ بەس-بەستە يەردىكى كۆك رەڭلىك فار-فۇر قاچىلارنى تەتقىق قىلىشىغا قاراۋاتاتتى. بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ ئازراقمۇ دىققىتىنى تارتالمىدى، بىراق ئۇنىڭ بۇ بىرنەچچە ھەمراھى يەردىكى نەرسىلەرگە كىرىشىپلا كەتكەن.
 ئۇلار بۇ قاچىلارنى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ سىنچىلاپ قاراپ بېقىشاتتى، بەزىلىرى قاچىلار ئۈستىدىكى گۈللەردىن دەپتەرلىرىگە نۇسخا ئېلىشاتتى، بەزىلىرى قاچىلار ئۈستىدىكى رەسىملەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلاتتى. بۇ ۋاقىتتا بىرسى تۇيۇقسىزلار:" تىز كىلىپ قاراڭلار! بۇ قاچىلارنىڭ تىگىدە بىر سىر باردەك قىلىدۇ!" دەپ ۋارقىرىدى.
 گەپ قىلىۋاتقىنى خولىڭ ئىدى. ئۇ مۇشۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئەتىرىتىدىكى ئۈچ قىز ئوقۇغۇچى ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى يوقىرى دەرىجىلىك كادىر ئىدى. ئۇ ناھايتى ئەركە چوڭ بولغان، ئادەتتە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ ياقىسىنى تۇتۇپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا ئامراق ئىدى.  ئۇنىڭ گېپى جاڭچىلىڭنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى.  بىراق بۇنداق ئەتىرەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش قىزلار دائىم باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشكەچكە،  ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ  قىلدى.
 باشقا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئالدىراش ھالدا ئۇ تەرەپكى كەلدى. ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى بۇ قىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئويلىغاچقا، بەس-بەستە:" نىمە سىركەن؟ ئەكىلە مەن كۆرۈپ باقاي" دىيىشتى.  خولىڭ قولىدىكى قاچىنى دۈم قىلىپ ئۇلارغا كۆرسەتتى. بىرسى بۇنى بىر كۆرۈپلا "بۇ دىگەن بۇ قاچىنىڭ خۇمداندىن چىققاندىكى نومۇرى، بۇ مۇشۇ قاچىنىڭ ئىشلەپچىقارغان ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ"دىدى.     يەنە بىرى ئۇنىڭ سۆزىگە رەددىيە بىرىپ:" خاتا! مىڭ دەۋرىدىكى خۇمدان بەلگىلىرى بۇنداق بولمايدۇ، بۇ مۇشۇ قەبرە ئىگىسى تەۋە بولغان تۇرار جاي ياكى ساراينىڭ نومۇرىنى ئىپادىلەيدىغان ئويما يېزىق بولىشى مۇمكىن"دىدى.     بىرىنجىسى ئىناۋىتىمنى ساقلاپ قالاي دەپ ئويلىدىمۇ:" ئادەتتە سىنىڭ دىگىنىڭدەك بولسا ئادەتتە تۆت دانە خەتتىن تۈزۈلىشى كېرەك، بۇ يەردە پەقەت بىرلا خەت تۇرمامدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايتى يات بىر خەت ئىكەن. سىنىڭ دىگىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس" دىدى.
 ئىككەيلەن ئۆزلىرىنىڭ بىلىملىرىنى كۆز-كۆز قىلىشىپ، بىر-بىرىگە يول قويۇشماي ئاخىرىدا ئۇرۇشۇپ كەتتى، بارا-بارا ماھارەت سىناشماقچى بولغان گۇمپىچىلاردەك قىلىشىپ بىر-بىرىگە ھۆرپەيدى.   بۇ ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ كەتكەن خولىڭ ئۇھ تارتىپ قويدى.  ئۇ تۇيۇقسىز بىر بولۇڭدا ئولتۇرغان جاڭچىلىڭنىڭ ئۆزىگە پىسەنت قىلماي بەخىرامان ئولتۇرغانلىقىنى  كۆرۈپ قالدى. ئۇ دىمىغىدا"ھىم"قىلىپ قويۇپ، ئۇدۇللا ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاچىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ، شوخلۇق بىلەن:" شىياۋجاڭ، قېنى سىز قاراپ بېقىڭا، بۇ نىمە؟" دىدى.  جاڭچىلىڭغا بۇ گەپ خوشياقمىسىمۇ، شۇنداق بىر قاراپلا قويۇپ:" بىلمەيمەن!" دىدى.
 ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن خولىڭنىڭ چىرايى ئۆزگەردى. ئوغۇللار ئادەتتە ئۇنىڭغا بۇنداق گەپ قىلىپ باقمىغاچقا، بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئېغىر كىلىپ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى. " شىياۋجاڭ، بۇ ئىشقا سەل قارىساڭ بولمايدۇ، ئاۋال تەپسىلىي قاراپ ئاندىن جاۋاب بىرىڭ" دىدى-ئۇ.   ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ھېلىقى قاچىنى جاڭچىلىڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
 جاڭچىلىڭ يەنە بىر ئۇھ ئۇرۇپ قويۇپ، ئامالسىز قاچىنى قولىدا تۇتتى.  خولىڭ كۆرەڭلىگىنىچە قاچىنىڭ تىگىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى.  بۇ فار-فۇر قاچىنىڭ تىگىدە راستلا ئالاھىدە بىر ئويما يېزىق تۇراتتى.
 جاڭچىلىڭ بۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، قاراپلا ھەيران قالدى. ئادەتتە فار-فۇر قاچىلارنىڭ تىگىدە خۇمدان نومۇرى بولىدىغان، بۇ قاچا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر رەت نومۇر تۇراتتى. ئۇ قولىدىكىنى قويۇپ قويۇپ يەنە بىرنى ئېلىپ قاراپ باقتى، دەرۋەقە ئۇنىڭدىمۇ ئاشۇنداق سان بولۇپ، ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاشمايتتى. شۇ تاپتا ئۇ بۇ فار-فۇر قاچىلارنىڭ جەسەت بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنغان ئاددى بويۇم ئەمەسلىكىنى غۇۋا ھىس قىلىۋاتاتتى.
 خولىڭ ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈشنى كۆرۈپ، بۇ "مۆرىمەس"نى ئاخىرى سۆزلىتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ "قانداق، بۇ زادى نىمىكەن؟" دەپ سورىدى.  بىراق جاڭچىلىڭ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك، ئالدىراش ھالدا يەردە تۇرغان قاچىلارنى بىر-بىردىن كۆرۈشكە باشلىدى. قاچا تىگىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان رەت نومۇرى بار بولۇپ، قانۇنيەتلىك ھالدا ئۇيۇلغاندەك، قانۇنيەتلىك ھالدا تىزىپ يەرگە قويۇلغاندەك قىلاتتى.
 نىمىشقا بۇ قاچىلارغا رەت نومۇرى ئويۇپ قويىدۇ؟ ئەجىبا بۇ قاچىلار مەلۇم مەقسەتتە مۇشۇنداق قانۇنيەتلىك تىزىپ قويۇلغانمىدۇ؟ ئەگەر مۇشۇ قانۇنيەتكە بويسۇنمىغاندا مەلۇم مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ دىگەننى ئىپادىلەمدىغاندۇ؟ جاڭچىلىڭنىڭ كۆڭلىدە سانسىز سۇئاللار ئۈزۈپ يۈرەتتى.  ئۇ بۇ قاچىلارغا زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدى.
 ئۇ يەنە قاچىدىكى باشقا رەسىملەرگە قاراشقا باشلىدى. ئۈستىدىكىسى قانداقتۇر تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان كۈرۈنۈش ئەمەس، ۋە ياكى باشقا ئىمارەتلەر ئەمەس، بەلكى بىر قۇرۇلۇشچىنىڭ چوڭ بىر تاش ھەيكەلنى ئويىۋاتقان كۆرۈنىشى، بۇ كۆرۈنۈشنى نىمە دەپ بۇ قاچىلارنىڭ ئۈستىگە ئۇيۇپ قويغاندۇ؟
 ئۇ بىر تەرەپتىن تەرتىپ بويىچە قاراپ بىر ۋەقەلىكنى بايقىغاندەك بولدى.  بۇ رەسىملەرگە ئايرىم-ئايرىم قارىغاندا ھېچقانداق مەنە ئۇقتۇرمايدىكەن، بىراق مەلۇم تەرتىپ بۇيىچە قارىغاندا ئاندىن بۇ رەسىملەرنىڭ چوڭ بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدىكەن.
 بۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ غەلىتە ھەركەتلىرىدىن ھەيران بولۇپ قاراۋاتاتتى. بىرقانچە ئوقۇغۇچى ئۇنى زادى نىمە ئويۇن كۆرسىتىۋاتىدىغاندۇ دىگەندەك ھەيرانلىق ئىچىدە ھاڭ-تاڭ بولۇشقان ئىدى.
 جاڭچىلىڭنىڭ باشقىلار بىلەن كارى يوق ئىدى.  ئۇ ماڭا ئوخشاش بىر-بىر ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقماي ئەڭ ئاخىرىغا قويۇلغان قاچىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئاشۇ قاچىنى قولىغا ئېلىپ قارىدى. ئۈستىدىكىسى پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ بولغاندىكى كۆرۈنىشى ئىدى.
  ئۇ تىل ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان قۇرۇلۇش بولۇپ، ھاۋادا لەيلەپ تۇراتتى. قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار يەردە تۇرۇپ كۆكتىكى بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتكە قاراۋاتاتتى. يان تەرەپتىكى تاغ ئۈستىدە تۇرغان بىر ئادەمنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
 گەرچە بۇ كۆرۈنۈشلەر پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ ناھايتى ھەيۋەتلىكلىكىدىن باشقا نەرسىنى  ئىادىلەپ بىرەلمىسىمۇ، بىراق جاڭ چىلىڭ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ھاياجانلىىنىپ كەتتى.   ئۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاتاقلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسى  ۋاڭ ساڭخەي لاھىيىلىگەن بولۇتقا تاقاشقان ساماۋى قەسىر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
 بۇ بىر رىۋايەت تۈسىنى ئالغان قۇرۇلۇش لايىھىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا دىيىلگەن قۇرۇلۇش كۆكتە لەيلەپ تۇراتتى. ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭساڭخەينىڭ چوڭ بىر گاز شارىغا نۇرغۇن تۈمۈر سىملار ئارقىلىق بۇ قۇرۇلۇشنى مۇقۇملاشتۇرغانلىقىدەك بايانلار بار ئىدى.
 ئەگەر بۇ رىۋايەت راست بولسا، ئۇنداقتا بۇ يەردىكى كۆرۈنۈش زادى نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟  رىۋايەت ، رىئاللىق............... جاڭچىلىڭ قايمۇقۇپلا قېلىۋاتاتتى.
 جاڭچىلىڭ خېلى ئويلانغاندىن كېيىن، بۇ گەپلەرنى ھەمراھلىرىغا ئېيتىپ بەردى. بىراق ئۇلار بۇنىڭغا ئىشەنمىدى. ئۇلارمۇ جاڭچىلىڭنى دوراپ قاچىلارنى بىردىن-بىردىن كۆرۈشكە باشلىدى. ئاخىرى ئۇلارمۇ بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇشۇپ ھات-تاڭ بولۇشتى. بۇ جۇڭگۇ تارىخىدىكى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئىش بولۇپلا قالماي يەنە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بايقاش ئىدى.  ھېلىقى خولىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن پەخىرلىنىپ خۇشاللىقىدىن قېن-قېنىغا پاتماي قالدى. ئۇ خۇشاللىقىدا جاڭچىلىڭنىڭ يۈزىگە بىرنى سۆيدى. بۇنى كۆرۈپ قالغانلارنىڭ كۈندەشلىكى تۇتتى.
 بىراق جاڭچىلىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس يوق، ئۇ بىرىلىپ بۇ ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرىۋاتقاچقا كىمنىڭ ئۆزىنى سۆيۈپ قويغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالغان ئىدى، ھەم بۇنى بىلىشنىمۇ خالىمايتتى.   ئۇ دەرھال ۋېنجىننىڭ يېنىغا بېرىپ دەرھال قەبرە ئىچىنى ئاختۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچىنى ئىچكى ۋە تاشقى قەبرىلەردىكى تاۋۇتلاردىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ-دەپ قارايتتى.
 ۋېنجىن باش مەسئۇل خادىم بولغاچقا، بۇنداق قىلىش بەك خەتەرلىك دەپ ئويلاپ، ئالدىراش:" بولمايدۇ! قەتئىي بولمايدۇ! مەخسۇس يول باشلىغۇچىلار بولمىغان ئەھۋالدا بىز ئۆزىمىز قەبرە ئىچىگە كىرسەك بولمايدۇ!"دىدى.
 جاڭچىلىڭ ئۇنىڭ قۇشۇلمىغىنىنى كۆرۈپ، گەپ قىلماي، ئۆزىنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قەبرە يولىغا قاراپ ماڭدى.
ۋېنجىننى ئاياللار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر زات دىيىشكە بولاتتى. ئۇ جاڭچىلىڭنىڭ ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خاپا بولۇپ قالدى.  ئۇ جاڭچىلىڭنى ئۇچۇغداپ قويماقچى بولدى. ئادەتتە تەتقىقات ئورنىدىمۇ گەپ ئاڭلىمىغان سويمىلارنى ئۆزىنىڭ گۇمپىسى ئارقىلىق ئەدەپلەيتتى.
 ئۇ ئالدىغا چىقىپ قوللىرىغا كۈچ يىغىپ چاققانلىق بىلەن جاڭچىلىڭنىڭ جەينەك بوغۇمىدىن تۇتۇپلا ئۇنى ۋايجان دىگۈزمەكچى بولدى.  باشقا ئوغۇللار كۆپۈنچىسى بۇ گۇمپىنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان بولغاچقا شۇ تاپتا جاڭچىلىڭنىڭ قىززىقچىلىقىنى كۆرۈشكە تەييارلانغاندەك قارىشاتتى.
 ۋېنجىننىڭ ھەركىتى ناھايتى چاققان ئىدى، ئادەتتە خېلى گۇمپا مەشىق قىلغان ئادەملا ئۇنىڭ بۇ گۇمپىسىدىن مۇداپىئەلىنەلەيتتى.  كىم بىلسۇن، ئۇنىڭ بۇ ماھارىتى ئىشلىمىدى. ئۇ ئەمدىلا جاڭچىلىڭنىڭ بىلىكىگە قولىنى ئاپىرىشىغا جاڭچىلىڭ چاققانلىق بىلەن بىرياققا ئۆتۈپ ئۇنىڭغا ئالىيىپ تۇرۇپ:" خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالالايمەن!" دىدى.
 ۋېنجىن سوغۇققىنا كۈلۈمسىرەپ:" سەن نىمىگە تايىنىپ ئۆزۈڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن؟ شىياۋجاڭ، سەن تەتقىقات مەركىزىدىمۇ مۇشۇنداق ئىنتىزامسىز ئادەم ئىدىڭ، بىراق ئوبدان ئويلۇشۇپ باققىن، بۇ دىگەن قەدىمىي قەبرە! سەن ئۆزۈڭنىلا ئويلىساڭ بولمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلۇشۇڭ كېرەك!" دىدى.
 جاڭچىلىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ:" مەن ئويلىشىمەن. خاتىرجەم بولۇڭ، مەن تىز بېرىپ، تىز قايتىمەن" دىدى.
 ۋېىنجىننىڭ ئاچچىقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. ئۇ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ جاڭچىلىڭنى تارتىپ: " بولمايدۇ! بۇنداق قىلىشىڭغا روخسەت يوق! بىزنىڭ ھېلىمۇ بىر ئادىمىمىز كەملەپ كەتتى، ھېلىمۇ مەن يۇقىرىغا بۇ ئىشنى نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيمەن! " دىدى.
 جاڭچىلىڭ تاقەتسىزلەنگەندەك، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپ:" مىنى قۇيىۋېتىڭ!" دىدى.
 ۋېىنجىن ناھايتى كەسكىنلىك بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. مىنىڭچە بۇنداق چىرايلىق بىر قىز بىر ئوغۇلغا مۇنداق قاراپ تۇرسا، ئوغۇل ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ "ئەل" بولماي قالمايدۇ.  بىراق جاڭچىلىڭ تېخىمۇ ئاچچىقلاپ، ئۇنىڭغا سەت ئالىيىپ قارىدى، ۋېنجىن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن قورقۇپ ئاستا قولىنى بۇشاتتى.
 جاڭچىلىڭ ۋېنجىندىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئادەتتىكى ھالەتكە قايتىپ كەلدى. ئۇ ۋېنجىنگە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ:" رەھمەت!"دىدى.
 باشقىلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ۋېنجىننى جاڭچىلىننىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى قايىل بولمىدى. ئادەمنىڭ مىجەزى شۇنداق غەلىتە بولىدىغان ئوخشايدۇ_ ھېچكىم قائىدىنى بۇزمىسا ھەممىسى جىم، بىرسى قائىدىنى بۇزۇپ قويدىمۇ ھەممىسى شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.    باشقىلار جاڭچىلىڭنىڭ قەبرە يولىغا كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بارلىق شان-شەرەپكە ئۇنىڭ ئىگە بولىۋېلىشىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللىقاچان ئۈچەي دەپ قالغان قىزىقىش  ئوتلىرى قايتىدىن يالقۇنجىدى. ئۇلارمۇ ۋارقىرىغان پېتى جاڭچىلىڭغا ئەگەشتى.
 ۋېنجىن بىر ئايال كىشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ باياتىن قولىنى قۇيۇپ بىرىشى بىلەن تەڭ ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكلەرگە قارىتا كونتروللۇق ھوقۇقىنى ئاللىقاچان يۇقاتقان ئىدى. ئىش بۇ يەرگە بېرىپ يەتتى، قولىدا قۇرال بولغان بولسىغۇ ئۇلارنى قورقۇتۇپ بولسىمۇ توسىۋالغىلى بولاتتى..... بىراق ھازىر ئامال يوق.
 كەنجى تاغامنىڭ مىجەزى تېخىمۇ تەرسا، ئەگەر بايىقىدەك ئەھۋالدا ئۇ بولۇپ قالىدىغان بولسا، ئىنىقكى جاڭچىلىڭ بىلەن قاتتىق ئۇرۇشقان بولاتتى، ئۇ چاغدا ئىشنى يىغىشتۇرىۋالغىلى بولمايتتى.  
 شۇنداق قىلىپ ۋېنجىن ئۇلارنى باشلاپ قەبرە يولىغا كىرىپ تەكشۈرۈپ بېقىشنى، بىراق بېرىپلا تىز قايتىشنى قارار قىلدى. ئۇمۇ نۇرغۇن قېتىم قەبرە قېزىشقا قاتناشقان، ئادەتتىكى قەبرە بولغان بولسا ئىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس. بىراق بۇ ئوخشىمايدۇ-دە.
 ئۇنىڭ ئاخىرىدىكى جەريانلار بىزنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن. ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ قاتمۇ-قات تۇساقلار ۋە ئازدۇرۇشلاردىن ئۆتۈپ كۆلنى تاپقانلىقى ۋە كۆل تىگىگە چۈشكەنلىكىگە كەلسەك_ بۇنى مەن تەپسىلىي بايان قىلىشنى توغرا تاپمىدىم، چۈنكى بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئەمەس.  جاڭچىلىڭمۇ بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرماي بىراقلا كۆلنىڭ تىگىدىكى تاش ئابىدىدىن باشلاپ سۆزلىدى.
 بۇ كۆلنىڭ تىگىدىكى تۇمان ئۇلارنىڭ قولىدىكى قولچىرىقىنىڭ يۇرىقىدا ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ھەرخىل-ھەرياڭزا ئادەمنىڭ چىرايىغا ئۆزگۈرۈپتۇ.   ئەڭ ئاخرىغا كۆلنىڭ تىگىگە چۈشكەندە نۇرغۇن ئادەملەر تۇمان ئىچىدە بىر-بىرى بىلەن ئىتتىرىشىپ، خۇددى ھېلى ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك كۆرۈنۈپ ھەممەيلەننى چۈچۈتۈپتۇ.
 جاڭچىلىڭ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئازراقمۇ ھۇدۇقماپتۇ. ئادەتتە پو ئېتىڭ دىسە ئېغىزى بېسىقماي سۆزلەيدىغان باشقا ئوقۇغۇچىلار بولسا شۇ تاپتا جاڭچىلىڭنىڭ كەينىگە مۆكىۋالغان.  بۇنى كۆرگەن خولىڭ " قاراڭلار سىلەرنى، جاڭچىلىڭغا سېلىشتۇرغاندا يېشىڭلاردىن ئۇنىڭدىن چوڭ، ئۇنى ئازراق بولسىمۇ دورىساڭلار بولمامدۇ، تۇلا ئادەمنىڭ يۈزىنى چۈشۈرمەي" دەپتۇ.
  خولىڭنىڭ شۇنداق دىگىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باشقىلار ھەممىسى بىردىنلا روھلىنىپ كىتىپتۇ، ۋە بىردىنلا جاڭچىلىڭنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ مېڭىپتۇ. كۆلنىڭ ئىچى ئانچە چوڭ بولمىغاچقا ئۇلار بىرقانچە قەدەم مېڭىپ بېقىپ ھېچ ئىس بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىكى تېخىمۇ يۇغىناپ ئۇدۇللا تۇماننىڭ مەرىكىزىگە بېرىپ قاپتۇ. ئەڭ ئالدىدا ماڭغىنى بىردىنلا قاتتىق ۋارقىراپ" ئالدىمىزدا بىر غەلىتە مەخلۇق بار ئىكەن!" دىگىنىچە ئارقىسىغا قېچىپتۇ. جاڭچىلىڭ ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي قالغان بىرقانچەيلەننى باشلاپ ئۆزى ئالدىغا مېڭىۋىرىپتۇ، شۇندىلا ئۇ بايىقى ئوقۇغۇچى دەپ ئۆتكەن غەلىتە مەخلۇقنى كۆرۈپتۇ. ئۇ دەل بىز كۆرگەن تۆت دانە تاش مايمۇن ئىكەن. ئارقىدىن يەنە سىرلىق تاش ئابىدىنى كۆرۈپتۇ.
 باشقىلار بۇلارنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپتۇ، گەرچە بۇ نەرسىلەر ئۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ ، بىراق بۇ يەردە مۇشۇنداق نەرسە ئۇچرىتالىغانلىقىغا خۇش ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەنگەن نەزىريىۋى كىتابلىرىنى ئۆرۈشۈپ ئاخىرى بۇ نەرسە مۆلچەرلىگۈسىز ئارخئولوگىيىلىك قىممەتكە ئىگە دىيىشىپتۇ.   ھەتتا ۋېنجىنمۇ بۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن گەپ-سۆز قىلماپتۇ.
 خاپىلىقتىن كېيىن خۇشاللىق كەلگىنىدەك،  بايىقى قورقۇش ھىسلىرى ئاللىقاياقلارغىدۇ يۇقۇلۇپ، ھەممىسى كۆز ئالدىدىكى بۇ نەرسە توغرىسىدا باش قاتۇرۇشۇپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى" ئەگەر بۇ بايقاش سىرتقا ئېلان قىلىنىدىغان بولسا ئۆزلىرىنىڭ بىردىنلا نامى چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ھاماقەتلەرچە ھىجىيىپتۇ، يەنە بەزىلىرى ھاياجاندا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئۇسۇلغا چۈشكىلى تاس قاپتۇ.
 بىراق بۇ ۋاقىتتا كۆلنىڭ تىگىگە چۈشۈپ مۇشۇلارنى بايقاشقا سەۋەبچى بولغان جاڭچىلىڭ بولسا قاپاقلىرىنى تۈرگەن ھالدا، بۇ نەرسىلەرگە ناھايتى تەپسىلىي قاراشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئاللىقاچان ئابىدە تاشقا ئويۇلغان يېزىقنى كۆرگەن،_ "بۇ يەرگە كەلگەن كىشىنىڭ تەلىيى بولسا، بۇ جايدىكى ساماۋى قەسىرنىڭ ئىشىكى ئۆزلىكىدىن ئېچىلىدۇ، ئۇ ئادەم مۇشۇ ئىشىك ئارقىلىق ساماۋى قەسىرگە چىقالايدۇ....."
 ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن تاشقا ئويۇلغان مۇشۇ سۆزلەر ھەققىدە ئويغا چۆمۈپتۇ.  ئۇنىڭچە بولغاندا بۇ جۈملىلەر ھېچ سەۋەبسىزلا بۇ يەرگە يېزىپ قويۇلمىغان، قەبرە ئىگىسىنىڭ بۇ جايغا بۇ نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىشىدا چۇقۇم مەلۇم مەقسەت-مۇددىئاسى بار.
 ئۇنداقتا بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ساماۋى قەسىرگە تۇتىشىدىغان يول زادى قانداق گەپ؟ قانداق كىشى تەلەيلىك كىشى ھىسابلىنىدۇ؟ ئۇ تاش ئابىدىنىڭ ئەتراپىنى ئالا قويماي ئىدەپ بېقىپتۇ، بىراق تاش ئابىدىدە باشقا نەرسە بايقىماپتۇ.
 باشقىلارمۇ بىردەم چۇرقىراشقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا جىم بولۇپ قاپتۇ.  ۋېنجىيەن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇ يەردە يەنە تۇرىۋىرىشنىڭ ياخشى چارە ئەمەسلىكىنى پەملەپ بۇ يەردىن قايتىپ كىتىشكە بۇيرۇق قىپتۇ.  باشقىلار كۈلىدىغىنى كۈلۈپ، كۆرىدىغىنى كۆرۈپ بولغاچقا ھەممىسى پەلەمپەي تەرەپكە يۈزلىنىپتۇ. ۋېنجىيەن ئادەملەرنى ساناپ بېقىپ جاڭچىلىڭنىڭ تېخىچە قايتمىغانلىقىنى بايقاپتۇ.
 دەسلەپتىلا ئىنتىزامغا بويسۇنمىغان جاڭچىلىڭ مانا ئەمدىلىكتىمۇ قايتىپ كىتىشنى خالىماپتۇ.   ۋېنجىيەن بۇنى كۆرۈپ جاڭچىلىڭنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ، باشقىلارنى مېڭىۋىرىشكە بۇيرۇپ، ئۆزى بىر ئادەم تۇمان ئىچىگە قاراپ مېڭىپتۇ.
 ۋېنجىيەن بېرىپ قارىسا جاڭچىلىڭ يەردە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ تاش ئابىدىنى تەتقىق  قىلىۋاتقان.  ئۇ ئاۋازى ناھايتى قۇپال ھالدا:" سىز زادى ماڭامسىز-ماڭمامسىز؟!........"دەپ توۋلاپتۇ. ئۇ ئەمدىلا گەپنىڭ يېرىمىنى دىيىشىگە خولىڭ جېنىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ بىلىكىنى تارتىپ ئۇنى گەپ قىلماسلىققا ئۈندەپتۇ. ۋېنجىيەن ئەتراپىغا قاراپ باشقىلارنىڭ ناھايتى ھۇدۇقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي جىم بولۇپ قاپتۇ.   خولىڭ ئۇنىڭ ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇمان ئىچىنى كۆرسىتىپتۇ.  ئۇ شۇندىلا جاڭچىلىڭنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى