رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك20-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك20-باب

ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 1140 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باياتىن مەن پۈتۈنلەي ھېلىقى تاۋۇت بىلەن بولۇپ كىتىپ بۇ ئىدىشقا دىققەت قىلماپتىكەنمەن. مەن ئالدىراش كەينىمگە بىرقانچە قەدەم ياندىم. بۇ ئىدىش بىزتەرەپكە بىرنەچچىنى دومىلاپ ئارقىدىن يۈنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ ئەگمە يولدىكى تاش ئىشىككە قاراپ دومىلىدى.  ئاخىرىدا «داڭ...» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھېلىقى تاش ئىشىكنىڭ كىشىكىگە ئۈسۈپ توختاپ قالدى. بىز بىرقانچەيلەن بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق. مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي قالدىم. ئەجىبا سىمىزنىڭ دىگىنىدەك بۇ ئىدىشنىڭ ئىچىدە تىرىك مۇردا بارمىدۇ؟
 بىز بىرھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدۇق. ئالدىغا مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمايتتۇق.  سىمىز پەس ئاۋازدا:« كۆپچىلىك، بۇ ئىدىش ئازراق غەلىتە تۇرىدۇ، بولمىسا بىز ئاۋال قول سېلىپ ئۇنىڭغا بىرقانچە تال "مىشەك مانتىسى" سوۋغا قىلمايلىمۇ؟»دىدى.
ئۇنىڭ گېپىنى تازا توغرا كۆرمىدىم. مەن  پەس ئاۋازدا :« ئۇنداق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاۋال ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئىنىقلىۋېلىپ ئاندىن بىر نەرسە دەيلى»دىدىم.
مىنىڭ نەزىرىمدە،  بىرىنچىدىن - بۇ  ئىدىش  ئىنىقكى ناھايتى قىممەتلىك بويۇم ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك نەرسە دۇنيادا كەمدىن كەم ئۇچرايتتى.  ئەگەردە ئۇنى چېقىۋېتىدىغان بولساق بۇ تازىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى.  ئىككىنچىدىن- ئىدىش ئىچىدە قانداق غەلىتە نەرسە بارلىقى نامەلۇم، ئەگەر راستىنلا سىمىز ئېيتقاندەك تىرىك مۇردا بولۇپ قالسا،  ئۇ چاغدا ھازىرقى چارچىغان ھالىتىمىز بىلەن قېچىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايمىز،  شۇ ۋاقىتتا ئاندىن سىمىز ئېيتقانداق ئوق چىقارساقمۇ ئۈلگۈرىمىز.
بىز ھازىر نەچچە ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستى قەدىمىي قەبرىسى ئىچىدە، بۇ يەردىكى ھاۋانىڭ يەنە قانچىلىك ۋاقىت بىزنىڭ نەپەسلىنىشىمىزگە يىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.  ئەگەر راستىنلا تىركىشىپ قالىدىغان ئىش بولسا بۇ بىز ئۈچۈن ناھايتى پايدىسىز.  كۆز ئالدىمىزدا ناھايتى چوڭ بىر تاللاشقا دۇچ كىلىپ قالغاندەك دەماللىققا كاللامغا ھېچقانداق بىر ئامال كەلمىدى. جىددىيلىشىپ تەرلەشكە باشلىدىم.
بۇ ۋاقىتتا سىمىز مىنىڭ ئىككىلىنىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ، ماڭا:« بىز ئىدىش ئىچىدە تىرىك مۇردا بار دەپ ئىنىق جەزىملەشتۈرسەك بولمايدۇ، بۇ يەر دېڭىزغا تۇتىشىدۇ.  قىسقۇچپاقا ياكى چوڭ راك دىگەندەكلەر ئىدىش ئىچىگە كىرىۋالدىمۇ تېخى.  بۇ يەردە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قورقۇتۇپ تۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ. يەنىلا ئاۋال بېرىپ قاراپ بېقىپ ئاندىن بىرنىمە دەيلى»دىدى.
خانقىز بېشىنى چايقاپ:« بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىدىمىز يەنىلا ئاساسى قەبرىگە كىرىش، بۇ يەردە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي، بۇ يەردىن ئايرىلىپ باشقا تەرەپتە چىقىش ئېغىزىبارمۇ يوق ئىزدەپ باقايلى» دىدى.
قارىماققا بۇمۇ بىر ياخشى ئامالدەك قىلاتتى.  بىز دەرھال بۇ قۇشۇمچە قەبرە ئۆيىنىڭ تۆت تەرىپىنى تەپسىلى تەكشۈردۇق.  ئەپسۇسكى بۇ يەرگە بىر قاراپلا ئىككىنچى بىر ئىشىكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.  يەنە كىلىپ بۇ يەردىن ئىشىك ئېچىشقىمۇ بولمايتتى.
سىمىز  ئازراق تاقەتسىزلەندى،  ئۇ :« ئىش بۇيەرگە يەتكەندە ئەمدى ئاشۇ ئىدىشنى بۇ يەردىن يۆتكىۋېتىشتىن باشقا ئامال يوقتەك  قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ دىسەڭلار بىز  كەلگەندىن يولىمىزنى بويلاپ قايتايلى.  بىزگە باشقا يول يوق، بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئىنىق دەپ قوياي، بۇ يەرگە كەلگەنكەنمىز بىر ئىدىشتىن قورقۇپ قايتىپ كەتسەك بۇ مەن سىمىز ئۈچۈن بىر نۇمۇس.»دىدى.
مەن نىڭ خانقىزىڭ چىراي ئىپادىسىگەقارىدىم، ئۇ نىڭ چىرايىدىن قەتئىيلىكى چىقىپ تۇراتتى.  جاڭ چۇقۇر ئۈندىمەستىنن قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى. ئۇلار ئۈچى تەڭلا ماڭا قارىدى، خۇددى مىنىڭ پىكىرىمنى ئاڭلىماقچى بولغاندەك.
بىراق مەن ئىنىق بىر قارارغا كىلەلمىدىم.  كۆڭلۈمدە- ئەگەر قاراملىق قىلىپ ئۈسۈپلا ئۈتۈپ كەتسەك ئەلۋەتتە مۇۋاپىق بولمايتتى. لېكىن سىمىزنىڭ دىگىنىمۇ ئورۇنلۇق، بۇ قەبرىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەمنى قورقۇنۇچقا سالاتتى.  مەن نىڭ خانقىزنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئىختىيارسىز كۆڭلۈمدە – ھە ، بوپتۇ بېشىمىزغا كەلگىنىنى كۆرەيلى . ئەگەر بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسا ياخشى بولغىنى، ئەگەر بىرەر كىلىشمەسلىك بولۇپ قالسا  تۆتىلىمىزنىڭ قولىدا قورال بار ھەرھالدا قوغدىنالايمىز.
سىمىز مىنى ئۇرۇپ قويدى، خۇددى مىنى رىغبەتلەندۈرىۋاتقاندەك. مەن گاز مىلتىقنى چىقىرىپ مىلتىقنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ ئىدىشقا توغۇرلىدىم.  سىمىز باش بولۇپ ئالدىدا ماڭدى. قالغانلىرىمىز ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق. بىز ناھايتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تامنى بويلاپ ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق.  مەن بەك قورقمىدىم، بىراق ئازراق جىددىيلىشىۋاتاتتىم. ئۈستۈمگە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىۋالغان بولغاچقا تەرمۇ ئۆتەلمەيتتى، مىنى بەكمۇ بىئارام قىلاتتى.
سىمىز ئىدىشقا يېقىنلىشىپ ئىدىش ئىچىگە قارىشىغىلا تۇيۇقسىز ئاۋاز چىقىپ ئىدىش پىرقىراپ ئايلىنىشقا باشلىدى. مەن تۇيۇقسىز بېشىم قىزىغاندەك بولۇپ ئوق چىقىرىپ سالغىلى تاس-تاس قالدىم. سىزمىز ناھايتى زىرەكلىك بىلەن كەينىگە ئىككى قەدەم ياندى. بىزگە مىدىرلىماسلىققا قول ئىشارىتى قىلدى.   ئىدىش ياي شەكىلدە بىرقانچىنى پىرقىراپ «گۈلدۈر...گۈلدۈر » قىلىپ قاپقاراڭغۇ ئەگمە يولغا كىرىپ كەتتى.  بىز بۇ ئاۋازنىڭ بارغانسىرى يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. يەنە «داڭ....» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا خۇددى بىرنەرسىگە ئۇرۇلغاندەك بولۇپ ئاۋاز يوقالدى.  
بىز دەرھال ئەگىشىپ ئىدىش تەرەپكە ماڭدۇق. ئىچى قاپقاراڭغۇ ئىدى. مەن قول چىرىقىنى ياندۇرۇپ قارىدىم. بۇ يول ئاق رەڭلىك قاشتېشى خىشلاردىن ياسالغان بولۇپ ناھايتى پاكىز  ئىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە چىراق تەكچىلىرى بولۇپ، ھەر بىر مېتىردا بىرسى ئۇچرايتتى. ئەگمە يولنىڭ يەنە بىر بېشىدا بىردانە قاشتېشى ئىشىك، ئوڭ-سول تەرەپتە كىچىكرەك  ئىككى ئىشىك بولۇپ جەمئى ئۈچ ئىشىك بارئىدى. ھەممىسى ئېچىقلىق بولۇپ قارىغاندا ئىچىگە ئادەم كىرىپ كەتكەندەك قىلاتتى.  ئۇ ئىدىش سول تەرەپتىكى كىچىك ئىشىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ مىدىرلىمىدى. مەن بۇ قېتىم ھەقىقەتەنمۇ غەلىتىلىك ھىس قىلدىم. بۇ ئىدىش خۇددى بىزگە يول باشلاۋاتقاندەك، «قېنى ماڭا ئەگىشىڭلار!» دەۋاتقاندەكلا قىلاتتى.  بۇ جەزمەن بىرخىل مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتەك قىلاتتى.  قارىغاندا ئىدىشنىڭ ئىچىدىكىسى تىرىك مۇردا بولمىغاندىمۇ ئالۋاستىغا ئوخشاش بىرنەرسىدەك قىلاتتى. مەن جاڭ چۇقۇرغا قاراپ ئۇنىڭ جىددىيلىشىۋاتقان ياكى قورقۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم. مەن ئويلىغانلىرىمنى كۆپچىلىككە ئېيتتىم. سىمىز ئاڭلاپلا گېپىمنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى بولغاي ، ئىختىيارسىز ئېغىر تىنىپ قويۇپ:« ئەھۋالدىن قارىغاندا سىنىڭ دىگىنىڭ راستتەك قىلىدۇ. مەن بۇ نەرسىنىڭ بايىقى دومىلىشىنى سوقما توپقىلا ئوخشاتتىم»دىدى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم. سىمىز مىنىڭ قايسى يۈنىلىشكە مېڭىشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ يەنە :« ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەندە بىزمۇ بۇيەردە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلى، يەنە ئەگىشەيلى. زادى نىمە ئىش يۈز بىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى، ئەمدى پۇشايمانغىمۇ ئۈلگىرەلمەيمىز»دىدى.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بېشىنى لىڭشىتتى. سىمىز مىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ:« بۇ ھېچنەرسە يوق تاش ياتقۇزۇلغان يولدا مىنىڭچە چۇقۇم توزاق بار،  ۋۇ ئىنىم قاراپ باققىن بۇ يەردە زادى بىرەر مەسىلە بارمۇ قانداق؟» دىدى. مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم بىلىپ بېشىمنى لىڭشىتىپلا قويدۇم ۋە   قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ قارىدىم، بۇ يولنىڭ تىگىگە پۈتۈنلەي كىچىك-كىچىك تاش ياتقۇزۇلۇپتۇ،  قارىغاندا بۇ يەردە بىر سىرلىق ئۆتكەل باردەك قىلاتتى. مەن – كەنجى تاغام بۇ يەرگە  كەلگەنلا بولسا ئۇ ئۆتكەل ئاللىقاچان بۇزىۋېتىلگەن بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.  بىراق ئۇنداق بولماي قالسا بىر ئاۋارىچىلىق بىزنى كۈتىۋاتقان بولىدۇ. مەن باشقىلارغا بۇ ئىشلارنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ، سومكىلىرىمنى بىر قۇر رەتلىۋېتىپ بىرىنچى بولۇپ ئالدىغا قاراپ ماڭدىم.
بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى تامنى بويلاپ مېڭىش. بىراق بۇ ئەگمە يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا ياسالغان چىراق تەكچىلىرىدىكى چىراقلار ناھايتى غۇۋا يېنىپ تۇرغان بولۇپ بۇ ئاجىز نۇردا ئەتراپنى پەرق قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىز پەقەت ئاشۇ غۇۋا نۇرنى بويلاپ ماڭدۇق.  
مەن ئۇلارغا پۇتىنىڭ تىگىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتىم.  مەنمۇ بۇندىن باشقا ياخشىراق بىرەر ئامال يوقلىقىنى بىلەتتىم.  پۇتنى يەرگە قويغاندا تىزلىك ۋە ئېغىرلىققا دىققەت قىلىش كېرەك ئىدى. بۇنىڭغا تەجىربە كېرەك، بىراق مەندە بۇ تەجىربە كەمچىل بولغاچقا ئۆزۈممۇ بارغانسىرى جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.
مۇشۇنداق جىددىيلىك ئىچىدە ئون نەچچە قەدەم  ماڭا-ماڭمايلا سوغۇق تەرلەپ كەتتىم.  كەينىمدىكىلەر مىنىڭ جىددىيلەشكىنىمنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.  بۇ ۋاقىتتا سىمىز:« قارىغاندا بۇ خىزمەت ئويلىغىنىمىزدەك ئاسان ئەمەسكەن، "كىچىك يولداش" بولمىسا بىز بىرئاز ئارام ئېلىۋالايلى»دىدى.
مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشىشقا نەدىمۇ رايىم بولسۇن؟ «بولدى بەس، ئەگەر مىنىڭ دىققىتىم بۆلۈنۈپ كەتسە ئۇ چاغدا چاتاق چىقىشى مۇمكىن..» دىدىم-مەن. مىنىڭ گېپىم تۈگىمەستىلا پۇتۇمنىڭ ئاستى تەۋرەنگەندەك بولدى. مەن بۇرۇلۇپ كەينىمگە قاراپ نىڭ خانقىزنىڭ پۇتى تىگىدىكى تاش خىشنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ،ئۇنىڭ ئالاقزادە بولغان ھالدا ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
مەن ئەلەم بىلەن ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدۇم. كۆڭلۈمدە-«ئەمدى تۈگەشتۇق، بۇنداق نەس باسقىنى نىمىسى!؟»دىگەنلەرنى ئويلىدىم. شۇنداق خىيال قىلىپ تۇرغىنىمدا بىر ئوقيانىڭ ئۇچۇپ كىلىپ نىڭ خانقىزنىڭ قۇلاق تۈۋىگە چاپلىشىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، مەن ئىسىمنى يىغىپ بولغۇچە ئىككىنچى پاي ئوقيا كىلىپ ئۇنىڭ كۆرىكىگە تەگدى.
راستىنلا كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەرگەنىدى. نىڭ خانقىزنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ ، چەبدەسلىشىپ كەتتى ۋە ناھايتى تىزلىك بىلەن كىيىنكى بىر پاي ئوقيانى تۇتىۋالدى.  ئۇنىڭ ھەركىتى ھەقىقەتەن بەك تىز ئىدى.  مەن ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى كۆرۈپ ناھايتى ھەيران قالدىم.  شۇ دەقىقىدە ئويلىمىغان يەردىن مىنىڭ پۇتۇمنىڭ ئاستى تەۋرەنگەندەك بولدى، مەن :« يۇشۇرۇن ئوقدان باركەن، دەرھال ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالايلى» دەپ ۋارقىرىدىم.  گېپىم تۈگىشىگلا 10 نەچچە تال ئوقيا ئېتىلىپ كەلدى.  بۇ ئوقيالار بىرخىل نۇر چىقىرىدىغان بولۇپ ھەرھالدا قايسى تەرەپتىن كىمگە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.   بۇ ۋاقىتتا مەن ئالدى تەرەپتە توختاپ قالغان ئىتىغنىڭ ئىچىدىن پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق تۈكلەش بىر نەرسىنىڭ ئۆمىلەپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ نەرسە ناھايتى تىز سۈرئەتتە سول تەرەپتىكى تاش ئىشىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن ئەمدىلا ۋارقىراي دەپ تۇرىشىمغا ، كۆرىكىمنىڭ تويۇقسىز ئاغرىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.  بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ قارىسام  قاچان تەگدىكىن ماڭا ئىككى تال ئوقيا تەگكەن ئىدى.  قارىغاندا بەدىنىمگە بىر قانچە سۇڭ(ئۇزۇنلۇق بىرلىكى) سانچىلىپ كىرگەن ئىدى.


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى