رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك24-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك24-باب

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 1181 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ قەبرىنىڭ بۇنداق غەلىتە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان قىلىپ ياسالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ شۇنداق خۇلاسىگە كىلىشكە بولىدۇكى _ بۇ يەردە تۇيۇقسىز بىر ئىشىك پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس.  ئىنىقكى ھازىر بىز پاراڭلىشىپ تۇرغان ۋاقىتتا بۇ ئۆيدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولغان.  بۇ قەبرەئىگىسىنىڭ قەبرىنى بۇنداق لاھىيىلەشتىكى غەرىزىنى بىلگىلى بولمايتتى.  بۇ قېتىم  بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ مەن بۇرۇنقىدەك ئالاقزادە بولمىدىم.
 بىراق ئۆي ئىچىدىكى چوڭ تاۋۇت مىنى چۈچىتىۋەتتى.  بۇ كىمخاپ ماخىل دەرىخى ياغىچى بولسا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ماتىريال ئىدى. مەن بۇنداق چوڭ تاۋۇتنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.  بۇ تاۋۇت ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ماتىريالدىن ياسالغان،  بۇ خىل ياغاچنى پەقەت پادىشاھلارنىڭ قەبرىلىرىدە ياكى ئوردىلاردا  ئۇچرىتىش مۇمكىن.  بۇ تاۋۇت مۇشۇ تاۋۇت چوڭلىقىدىكى كۈمۈشتىنمۇ كۆپرەك پۇلغا يارىشى ئىنىق.
 بىراق بۇنداق قىممەتلىك تاۋۇتنى قۇشۇمچە قەبرە ئىچىگە قۇيۇپ قويغانلىقى كىشىنى ئەجەپلەندۈرەتتى. بۇنداق قىممەتلىك نەرسىنى قۇشۇمچە قەبرە ئىچىگە قۇيۇپ قويغىنىغا قارىغاندا ئاساسى قەبرە ئىچىدە پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان تاۋۇت بارمۇ نىمە؟... بۇ ئىشلارغا بارغانسىرى ئەقلىم يەتمەي قالدى.  بۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى ھېچقانداق قائىدىلەرگە ئەمەل قىلماستىن بۇ يەرنى ئۆزى بىلگەنچە ناھايتى سىرلىق قىلىپ لاھىيىگەن، يەنە كىلىپ قەدەمدە بىر توزاق قۇرۇپ ماڭغان، يا بۇ توزاقلار ئادەمنىڭ جېنىنى ئالالمايدىكەن. ئۇ زادى نىمە ئويلىغان بولغىيتتى؟...
 قەبرە قازغۇچىلار تاۋۇتنى كۆرسە قولى قىچىشماي قالمايدۇ،  بولۇپمۇ بۇنداق قىممەت باھالىق تاۋۇتنى كۆرەگەندە. بۇنداق تاۋۇتنى كۆرگەن ئوغرى ئەلۋەتتە ئىچىدە يەنە قانداق قىممەتلىك نەرسە باردۇ دەپ قىزىقىدۇ.  مەن سىمىزنىڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە تاۋۇتقا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:" ھە، نىمە بولدى؟ بۇ تاۋۇتنى كۆرۈپ جېنىڭنى ئېلىپ قېچىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ نىمە؟ يا بولمىسا تاۋۇتنى ئېچىپ قىممەت باھالىق نەرسىلەردىن ئازراق ئېلىۋالامسەن يا؟" دىدىم. مەن ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتاتتىم.
 كىم بىلسۇن، ئۇ ناھايتى تەمكىنلىك بىلەن:" ئاكاڭ تېخى ئويغاق جۇمۇ! بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز قۇرال تېپىپ بۇ نەس باسقان جايدىن تۆشۈك ئېچىش. مىنى ئۇنداق ئاچكۆز كۆرۈپ قالما! "جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان" دەپتىكەن، بىز بۇ يەردىن ئامان-ئىسەن چىقىپ كەتسەك، كېيىن يەنە كىلىپ ئېلىپ كەتسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز!" دىدى.  ئۇ ئۆزىنى بايلىققا كۆز قىرىنى سالمايدىغان ئالىيجاناپ ئادەملەردەك كۆرسىتىۋاتاتتى.
 مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ناھايتى كۈلكىلىك ھىس قىلدىم، مەن يەنە ئۇنىڭغا:" سەن قايتىپ كەلگۈچە  بۇ ئىشىك يەنە مۇشۇ پېتى تۇرامدۇ يوق، بۇنى كىم بىلسۇن؟ " دىدىم.
 سىمىز بۇ يەردىكى قىممەتلىك ئاخىرەتلىك بۇيۇملارنى ئويلاپ مىنىڭ سۆزلىرىمنىڭ ئاساسى بار دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي، بىردىنلا چىرايىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ قالدى.   بۇ ۋاقىتتا بوتولكا تۇيۇقسىز بىزگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ پەس ئاۋازدا:" گەپ قىلماڭلار"دىدى.
 بىز ئۇنىڭ چىرايىدىكى كەسكىنلىكنى كۆرۈپ ئالدىراش ئېغىزىمىزنى تۇتۇشتۇق. نىمە ئىش بولغانلىقى نامەلۇم ئىدى.  ئۇ گاز مىلتىقنى چىقىرىپ ، پەس ئاۋازدا:" بۇ ئادەتتىكى تاۋۇت ئەمەسكەن، بۇ چۇقۇم مۇردا باقىدىغان جەسەت ساندۇقى، بۇنىڭ ئىچىدە چۇقۇم تىرىك مۇردا بار"دىدى.
 مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئىنىق چۈشىنەلمەي گاڭگىراپ قالدىم، ۋە ئۇنىڭغا قارىدىم. بىراق ئۇ كۆپ چۈشەندۈرۈشنى خالىمىدى. ئۇ ئېڭىشىپ جەسەت ساندۇقى قۇيۇلغان جايغا ماڭدى. ئۇنىڭ ماڭغىنىنى كۆرۈپ سىمىزنىڭ بايىقى ئالىيجاناپ ھالىتى يۇقۇلۇپ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتتتى. ئۇ بوتولكىنىڭ جەسەت ساندۇقى تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھاللا بوتولكىغا ئەگىشىپ جەسەت ساندۇقى تەرەپكە ماڭدى. مەن تۇرىۋاتقان بۇ ئەگمە يول ناھايتى قاراڭغۇ بولغاچقا يالغۇز بۇ يەردە تۇرىۋىرىشتىن قورقۇپ ئۇلارغا ئەگەشتىم.
 بۇ ئۆيمۇ بىز بۇرۇنقى كۆرگەن ئۆي بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تۇرۇستا ھەرخىل ئويما رەسىملەر، ئوتتۇرىدا بىر بۇلاق كۆزى بارئىدى.  پەقەتلا ھېلىقىدەك چوڭ-كىچىك ساپال قاچا ۋە ئىدىشلار كۆرۈنمەيتتى.  تامدىن ئۈچ چى يىراقلىققا بايىقى جەسەت ساندۇقى قويۇلغان ئىدى.
 بوتولكا مىلتىقنىڭ پىچىقىنى چىقىرىپ جەسەت ساندۇقىنىڭ يېرىقىغا تىقىپ ئۇ يەر بۇ يەرلەرنى سانچىپ قايرىپ باقتى، ئۇ بىرەر يىپ ئۇچى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.  سىمىز ئۇنى بۇ ساندۇقنى ئاچماقچى بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ:" ئاستىراق، ئاستىراق! ئادەتتە جىم يۈرگىنىڭ بىلەن جەسەت ساندۇقىنى كۆرسەڭ ساڭىمۇ جان كىرىپ قالىدىكەن-ھە؟! ساڭا جان لازىم ئەمەسما؟!" دەپ ۋارقىرىدى.  گېپىنى تۈگىتىپلا بىر تال شامنى ئېلىپ تامنىڭ بولىڭىغا ماڭدى، ئۇ بۇ شامنى  ياندۇرماقچى ئىدى.
 مەن بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپ :" ھۇ ئاناڭنىئ! بۇ يەردە ھاۋا ناھايتى ئاز تۇرسا ، مەن تېخى بۇ يەردىكى ھاۋا بىزنىڭ يەنە قانچىلىك نەپەسلىنىشمىزگە يىتەركىن دەپ غەم قىلىۋاتسام، سەن شام ياندۇرماقچىما؟" دىدىم.
 سىمىز بۇ گېپىمگە پىسەنت قىلماي:" بىر تال شام قانچىلىك ھاۋانى خۇرىتاتتى؟ بوپتۇ ، مەن بىرقانچىنى ئازراق نەپەس ئالاي! قانداق؟ "دىدى. ۋە شۇنداق دىگىنىچە قولىدىكى بوران-يامغۇرلاردىمۇ بىمالال ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئالاھىدە چاقماقنى ياندۇرۇپ شامنى ياقتى.  شامنىڭ يېنىشى بىلەن تامنىڭ بولىڭىدىكى بىر نەرسە شام يۇرۇقىدا ئىنىق كۆرۈندى. سىمىز ئادەتتە ناھايتى يۈرەكلىك ئىدى. بىراق ئۇ بۇ نەرسىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ئىشتىنىغا قۇيىۋەتكىلى تاسلا قالدى، ۋە ئالاقزادە بولۇپ ئۆزىگە-ئۆزى پۇتلۇشۇپ يەرگە يېقىلىپ چۈشتى. مەن ئۇنىڭ يېقىلغىنىنى كۆرۈپ قولچىرىقىنى ئۇنىڭغا قاراتتىم، مەنمۇ قورقۇپ تۈگۈلۈپلا قالدىم.
  تامنىڭ بولىڭىدا بىر دانە قۇرۇپ قېتىپلا قالغان ئۈلۈك مۈشۈك تۇراتتى.  بۇ بىر ناھايتى چوڭ مۈشۈك بولۇپ، ئاللىقاچان ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالغان، بەدىنىدىكى تۈكلىرى ئاساسەن چۈشۈپ بولاي دىگەن، ئاستىنقى تۇمشۇقى ساڭگىلاپ تۇراتتى، چىشلىرى ھازىرلا كىلىپ چىشلەيدىغاندەك كۆرىنەتتى. بىر جۈپ كاماردەك كۆز ئۇۋىسى سىمىزگە تىكىلىپ تۇراتتى.  ئۇنىڭغا قارىغان ئادەمنىڭ تىنى شۈركەنمەي قالمايتتى.  
  مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا ئۆلۈك مۈشۈكتىن ئەڭ قورقاتتىم.  كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيىمىزدىكىلەر دائىم بېلىق ئوغۇرلىغان ياۋامۈشۈكنى تۇتىۋېلىپ، دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرەتتى. مۈشۈكنىڭ جەسىتى قۇرۇپ كەتكىچە دەرەختە ئېسىقلىق تۇراتتى.  مەن ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ نىمىلىكىنى ئۇقمايتتىم.  بىر كۈنى دەرەخ ئاستىدا ئويناۋاتقىنىمدا ئۈستىگە ئېسىپ قويۇلغان ئۈلۈك مۈشۈكنىڭ بوينى چىرىپ ئۈزۈلۈپ دەل مىنىڭ قولۇمغا چۈشتى، مەن ئۇنىڭ قورقۇنۇشلۇق چىشى ۋە ماڭا تىكىلىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزىنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن ئىشىتىنىمغا سىيىۋەتكەن ئىدىم، ھەتتا بىر قانچە كۈنگىچە ساراڭدەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم.
  سىمىز ئۆزىگە قاراپ تۇرغان بۇ نەرسىنىڭ مۈشۈكنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى تىللاپ كەتتى ۋە ئۇنى بىرنى تەپتى. ئارقىدىن شامنى  شۇ يەرگە مۇقۇملاشتۇرۇپ قويۇپ جەسەت ساندۇقى تەرەپكە ماڭدى.  مىنىڭچە بۇ ئىش بەك غەلىتە تۇراتتى. قەبرىنىڭ ئىچىگە مۈشۈكنىڭ جەسىتىنى قويۇپ قويغىنى نىمىسى؟
بىراق بۇ يەردە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولغاچقا، مەن كۆڭلۈمدە – بەلكىم بۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى قەستەن قائىدىگەئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتسا كېرەك - دەپ ئويلىدىم.  بۇ يەردىكى ھەممە ئىش بىز ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە بولىۋاتاتتى.  قەبرە ئىچىدە بولماسلىققا تىگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە بار ئىدى.  مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا ئاساسى قەبرىگە بېرىپ قالساق  ئۇ يەردە يەنە قانداق غەلىتە ئىشلارغا ئۇچرارمىز؟
بۇ ۋاقىتتا بوتولكا ئاللىقاچان ھېلىقى جەسەت ساندۇقىنىڭ قۇلۇپىنى تاپقان ئىدى. ئۇ سايمان ساندۇقىدىن ئىككى تال تۈمۈر ئىلمەكنى ئېلىپ كۈچەپ بىر قايرىغانتى "قاراس-قۇرۇس" قىلىپ ساندۇقنىڭ ئېغىزى ئاجرىدى، بوتولكا قولىنى تارتىشى بىلەن تەڭ خۇددى ئىچىدىن بىرسى ئۈستىگە قارىتىپ پۇتى بىلەن تەپكەندەك ساندۇقنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قالدى. ساندۇق ئىچىدىن بىر خىل قاپقارا سۇيۇقلۇق سىرتقا قاراپ ئېقىپ چىقتى.  سىمىز كۆڭلى ئېلىشقىنىغا قارىماي ساندۇقنىڭ ئىچىگە قارىدى، " ۋاي ئانامەي! نىمىدىگەن كۆپ تىرىك مۇردا بۇ! " دەپ ۋارقىرىدى- سىمىز ، قورققىنىدىن.


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى