رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك40-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك40-باب

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 1153 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ ئۆڭكۈر پۈتۈن ۋەقەلىكنىڭ ئەڭ مۇھېم نۇقتىسى بولىشى كېرەك ، لىكىن بوتۇلكىنىڭ خاتىرىسى مۇشۇ يەردە توختاپ قالغان ئېدى ، كىيىنكى ئىشلار بىر سىر بولۇپ قالدى ، ئۆڭكۈردە نېمە بار ، بوتۇلكا قانداق چىققان ، باشقىلار ئۇنىڭغا ئوخشاش خاتىرىسىنى يوقاتقانمۇ ، بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا ئامالسىز بولۇپ قالدۇق .

مەن بۇ ئۆڭكۈرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتتىم ، سىرتقى جەھەتتىن قارىغاندا ، بۇ ئورنى مۇۋاپىق بولمىغان بىر ئادەم كۈچى بىلەن قازغان ئۆڭكۈر ئىدى ، ئىشىك ئىچىدىكى كۆرۈندىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى سىرتقا ئوخشاش سېرىق كىسەك بولۇپ ، قۇرۇلۇش جەھەتتىن ئىنتايىن نورمال ، بۇنداق ئۆڭكۈرنى مەن شەنشى خۇمدانلاردا تولا كۆرگەن ، لىكىن بۇيەردە بۇنداق تۇرسا ، قەبرىنىڭ ئىچىدە كۆزگە بەكلا چىلىقاتتى ، بۇ ئۆڭكۈرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بولىدىغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى .

مىنىڭ ئىسىمدە قىلىشىچە ، قەبرىلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن سىمىتىرىك كېلەتتى ، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم قەبرىلەردە ئاساسسىزلا بۇنداق لەخمە ياكى لەھەت چىقىپ قالاتتى ، پەقەت قەبرە ئىگىسىنىڭ مۇشۇنداق خاھىشى بولۇپ قالمىسىلا بۇنداق قەبرىلەر ئۇچىرمايتتى . ئەگەر بۇ سەۋەپ بولمىسا ، ئۇنداقتا ئىككى خىل ئېھتىماللىق بولىشى مۇمكىن .

مىنىڭ بېرىنجى بولۇپ ئويلىغىنىم ، بۇنىڭ ئىچىگە ئىنتايىن مەخپى بولغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرى قويۇلغان بولىشى مۇمكىن ، بۇمۇ غەلىتە ئەمەس ، بوۋامنىڭ خاتىرىسىدە بۇنداق يوشۇرۇن قەبرەخانىلەر كۆپ خاتىرىلەنگەن ، لىكىن ئىنتايىن ياخشى يوشۇرۇنغان ، بۇ ئۆڭكۈردە يوشۇرۇن ئىشىكمۇ يوق ، ھەم نىقاپلانمىغان ، سىرتىغا پەقەت بىر ئەينەك قويۇپ قويۇلغان ، كىچىك بالىنىڭ ئىشىدەك ...

ئىككىنجى خىل ئەھۋال يەر شارائىتى ( ئالدىنقى بابلاردا بەلكىم شامال سۇ ئىلمى دەپ ئېلىنغان بولىشى مۇمكىن ، ئەمدى بىردەك يەر شارائىتى دەپ ئېلىنىدۇ ) بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن ، ئەينەك يەر شارائىتى ئىلمىدا ئىنتايىن مۇھېم بولغان بىر قورال ، بۇ يەردە بىر ئەينەك قويۇپ قويغانلىقى بىر ئاساسىي بولىشى كېرەك ، ئادەتتە بىر ئۆيدە ئىشىك قويۇلسا يەر شارائىتى ئىلمىدا ‹ ئۆتۈشۈش › دىگەنلىك بولۇپ ، بىرەر نەرسىنى ئۆي ئىچىگە ئەكىرىش ، ياكى ئۆيدىن تالاغا چىقىرۋىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .

بۇ پەقەت كىچىك يەر شارائىتى ئىلمى ، قەدىمقى زاماننىڭ چوڭ يەر شارائىتى ئىلمىغا ئوخشىمايدۇ ، كىچىك يەر شارائىتى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ، بەزى ئاماللارنى قوللىنىپ كىچىك دائىرە ئىچىدىكى ياخشى بولمىغان نەرسىلەرنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ ، بۇ بىلىمگە مەن بىرقەدەر قىززىققاشقا ، چوڭ يەر شارائىتىغا قارىغاندا كۆپرەك بىلىمەن .

مەن ئۆزەم ئېھتىياجلىق بولغان يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ، ئەينەكنىڭ دىئاگونالىنى بويلاپ ، باشقا يەرلىرىنى كۈزەتتىم . بۇ قەبرەخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بوتۇلكىنىڭ ئىيتىپ بەرگىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش چىقتى ، لىكىن بۇ يەر يىگىرمە يىل ئاۋالقى ھالىتىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان بولۇپ ، تۆت ئەتراپتىنى نۇرلۇق مەرۋايىت يورۇتۇپ تۇراتتى ، ئوتتۇرىدىكى پەلەك ئوردىسى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كۆرۈنمىگەچكە ، قولچىراق ئىشلىتىپ قىسمەن قىسىملىرىنىلا كۆرگىلى بولاتتى ، تۇيۇقسىزلا مىنى تامدىكى رەسىم ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى .

بۇ تۆت پارچە تام رەسىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئالدىنقى قىسىملاردا تەسۋىرلەپ بەرگەن ، لىكىن ئۇنى بوتۇلكا ماڭا تەسۋىرلەپ بەرگەن بولغاچقا ئىنتايىن تۇتۇق ئىدى ، ئەمدى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ، بۇ رەسىملەرنىڭ سىزىلىشى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن رىئاللىقنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ ، سىز ئىنچىكە بولسىڭىزلا ، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بايقىيالايتتىڭىز .

مىنىڭ بىرىنجى بايقىغىنىم بولسا ، رەسىم ئىچىدىكى ئاپئاق تاغ تىزمىسى ، بۇ بەلكىم جىلىندىكى چاڭبەيشەن تىغىنىڭ شىمالى تەرىپى بولىشى مۇمكىن ، بۇ مىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنىڭ كۈچلۈكلىكى ئەمەس ، بەلكى چاڭبەيشەن تىغىنىڭ چوققىسىنىڭ ئالاھېدىلىكى بولۇپ ، پەقەت بىر قىتىملا چاڭبەيشەن تىغىغا بېرىپ باققان ئادەم بولسىلا بىلىۋالالايتتى .

مەن ئىككىنجى پارچە رەسىمدە كۆرگىنىم ، ئۇچىسىغا يۈەن سۇلالىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۆلۈم ئۇزىتىۋاتقان بىر قوشۇن ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى ، تاۋۇت ئىچىدىكى ئادەمنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھوقوقى ئىنتايىن چوڭ بىر ئادەمنىڭ بولىشى مۇمكىن ، ئۇنداقتا بۇ پەلەك ئوردىسىمۇ يۈەن سۇلالىسى ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە سېلىنغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ، شۇ قالايمىقانچىلىق دەۋىرلەردە پەلەك ئوردىسىدەك چوڭ قۇرۇلۇشلارنى سېلىشقا قۇدرىتى يەتكەن بۇ قەبرە ئىگىسى ھەرگىز ئاددىي ئادەم ئەمەس .

ئۈچىنجىدىن مىنى ھەيران قالدۇرغىنى بولسا ، ئۆلۈم ئۇزۇتۇش قوشۇنىنىڭ ھەممىسى ئايال كىشى بولۇپ ، بۇ ئەقىلگە پەقەتلا مۇۋاپىق ئەمەس ، مەن مۇڭغۇللارنىڭ ئۆلۈم ئۇزۇتىشىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن ، لىكىن پۈتۈن ئۆلۈم ئۇززۇتۇش قوشۇنىنىڭ ھەممىسى ئايال كىشى بولىشىنى مەن ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .

باشقا ئىنچىكە نۇقتىلىرى بەك كۆپ بولۇپ ، رەسىم سىزىغان ئادەم ئاتايىتەن يىپ ئۇچى قالدۇرۇپ قويدىمۇ ، ياكى ئۇلار ئۆزى شۇنداقمۇ بۇنىسى نامەلۇم .

كۆرۈپ بۇيەرگە كېلىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مۇشۇ يىپ ئۇچىسىغا ئاساسەن ، شۇ يەرنىڭ يوللىرىغا پىششىق بولغان يەرلىك كىشىلىرىنى تاپسىلا ، پەلەك ئوردىسىنىڭ ئورنىنى تىپىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ، شۇغىنىسى پەلەك ئوردىسى نەچچە يۈز يىللىق قار ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان بولۇپ ، توڭلىغان يەرنى كولىغاندا سەللا بىخەستەلىك قىلسا ، كىچىككىنە قار كۆچۈش سىزنى قار ئاستىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا سېلىشى مۇمكىن .

لىكىن بۇ يىپ ئۇچلىرى بۇلۇڭدىكى ئۆڭكۈر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولىشى كىرەك ، مەن باشقا بۇلۇڭلار ۋە ئەينەك ئارقىسىدىكى تاملارنى قايتا قايتا تەكشۈرۈپ ، ھېچقانداق ئالاھېدىلىكى يوقلىقىنى بايقىدىم ، قارىغاندا ھەممە مەسىلىنىڭ جاۋابى شۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە ئوخشايدۇ . مەن ئۆڭكۈر ئالدىغا كېلىپ بوتۇلكىنىڭ تىخىچە ئۆڭكۈر ئالدىدا ، ئىككىلىنىش نەزىرىدە ئۆڭكۈرگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم . ئۇ مىنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ ‹ قارىغاندا مەن يەنە بىر قىتىم كىرمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ › دېدى .

‹ بولمايدۇ › مەن ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ،‹بۇنداق قىلساڭ ، ئۆزۈڭنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن بولمامسەن ، ئەگەر خاتىرەڭنى يەنە يىگىرمە يىل يوقاتساڭ ، ھەممىسى تۈگەيدۇ ! ›

ئۇ سوغۇقلا قىلىپ ‹ مەن سىلەر بىلەن ئوخشىمايمەن ، سىلەر ئۈچۈن ئىيتقاندا بۇ پەقەت بىر غەلىتە كەچۈرمىش ، لىكىن مەن ئۈچۈن ئىيتقاندا ، بۇ ئىنتايىن چوڭ تۈگۈن ، بۇ تۈگۈننى يەشمىسەم ، خاتىرەم ئەسلىگە كەلگەن تەغدىردىمۇ ، بىر ئۆمۈر خاتىرجەم بولالمايمەن › دېدى .

مەن بۇ گەپى ئاڭلاپ تىت – تىت بولۇپ نەچچە قىتىم بولمايدۇ دەۋەتتىم ، مەن ئۇنى چۈشەنمەيمەن ئەمەس ، بەلكى بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭغا يول قويمايدۇ . تېز چىقىپ كىتىش بىزنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىمىز . چىقىپ كىتەلمىسەك ، دۇنيادىكى ھەممە مەخپىيەتلىكنى بىلگەننىڭ نىمە پايدىسى ، ئوكسىگىن خوراپ تۈگىسە ، بۇ يەردىكى ھەممىمىز ئۆلىمىز ، مەخپىيەتلىكلەرمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قىممىتىنى يوقىتىدۇ .

مەن بوتۇلكىغا ئەنسىرىشىمنى دىدىم ، ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ :‹ ئەمسە سىنىڭ چىقىپ كىتىشىمىزگە قانچىلىك ئىشەنچىڭ بار ؟ › دەپ سورىدى .

بۇ سوئالنى ئاڭلاپ ، ئۆزەمنىڭ بۇ يەرنىڭ تورۇسىنى ئىنچىكە كۈزەتمىگىنىم ئىسىمگە كەلدى .

مەن كۆرگەن خاتىرىلەردە ئىيتىشىچە ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ تورۇس قىسمى ئىنتايىن مۇستەھكەم ، مەن بۇ تورۇس ، سۇ بېسىمىغا قارشى تۇرۇش ئۇچۈن ياي شەكلىنى قوللانغان دەپ ئويلاپتىمەن ، لىكىن ھازىر قارىسام بۇ قۇرۇقلۇقتا ئىشلىتىدىغان تۈز تورۇس شەكلىنى قوللىنىپتۇ ، مەيلى قايسى يېرىدىن تۆشۈك ئاچساق نەتىجىسى ئوخشاشتەك تۇرىدۇ .

تورۇس بىزدىن ئون نەچچە مېتىر ئىگىزلىكتە ، تورۇسقا چىقىش ئۈچۈن تۈۋرۈكتىن يامىشىشقا توغرا كىلىدۇ ، ئاندىن تورۇسنىڭ كىسەكلىرىنى بۇزىۋەتسەكلا بولدى ، ئانچە ئاۋايلاپ كەتمىسەكمۇ ، ۋاقىتنى توغرا ھېساپلىيالىساق ، بىسىم كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى بۇزۇلسىلا ، تورۇستىن بىر تۆشۈك پەيدا بولىدۇ ، بىز پەقەت دىڭىز سۈيىنىڭ بۇ لەھەتنى توشتۇرىشىنى ساقلىساقلا ، قىنالمايلا ئۈزۈپ چىقىپ كىتەلەيمىز .

بۇ پىلاندا ۋاقىتنى توغرا ھېساپلاش ئەڭ مۇھېم ، ئەگەر دىڭىز سۈيىنىڭ پەسىيىشىگە ئۈلگىرەلمىسەك ، بىسىم كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى بۇزۇلسىلا ، دىڭىز سۈيى پۈتكۈل تورۇسنى بۇزۇپ ئۆرىۋىتىدۇ . بىزمۇ مەڭگۈ مۇشۇ قەبرىنى ساقلاپ ياتىمىز .

مەن بۇ پىلاننى بوتۇلكىغا ئىيتتىم ، ھەمدە بىزنىڭ چىقىپ كىتىش ئىھتىماللىقىمىزنىڭ يۇقىرلىقىنى ئەسكەرتتىم ، بىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ، بۇ قەبرە تۈگىشىدۇ ، لىكىن ھەرگىز بىراقلا غايىپ بولمايدۇ ، ئىچىدە بولۇشقا تىگىشلىك نەرسىلەر يەنىلا بار بولىدۇ . بىز بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئوبدان جابدۇنۇپ قايتىپ كەلسەكمۇ بولىدۇ .

ئۇ ئاڭلاپ بىشىنى لىڭشىتتى ، ئاخىرى قايىل بولدى ، سىمىزمۇ ساقلاپ بولالمىدى :‹ ئەمسە نىمىنى ساقلايمىز ؟ بىز ھاززىرلا تۇتۇش قىلايلى ، ئاۋۋال بۇ تۈۋرۈكنى بىر تەرەپ قىلايلى ، بىشىمىزنى قاشلاپ تۇرماي ! ›

قول سائىتىمگە قارىسام ، تاشقىن تۆۋەنلەيدىغانغا يەنە 6 سائەت باركەن ، ۋاقىت يىتىپ ئاشىدىكەن ‹ بەدەن كۈچىمىزنىڭ ئىسراپ بولىشى ئىغىر بولدى ، تىخى تاماقمۇ يىمىدۇق ، بەدەن ئەھۋالىمىز ئىنتايىن ناچار ، بىز ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئوبدانراق ئالام ئىلىۋالايلى ، چىقىپ كەتكەندىن كېيىن نىمە خەتەرلەرگە يولىقىدىغىنىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ، كۈچىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسەك ، چىقىپ كەتسەكمۇ ھامىنى تۇنجۇقۇپ ئۆلىمىز ، پايدىسى يوق › دىدىم .

سىمىزنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى ، چۈشەندۈرۈشۈمنىڭ ئاساسى بارلىقىنى ئاڭلاپ بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ :‹ ئاناڭنى ، يەنە ساقلامدۇق ؟ مەيلىلا ، مەن بىردە ئۇخلىۋالاي ، قاچان ئىش باشلىساڭلا شۇ چاغدا ئويغۇتۇڭلار ھە ! ›

مەنمۇ بىر ئورۇننى تىپىپ ئولتۇردۇم ، لىكىن كاللام توختاپ قالمىدى ، دىڭىز سۈيى قۇيۇلغاندىن كىيىن قانداق ئىشلار بولىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىمەن ، ھازىر پەستىكى تۆشۈكنىمۇ ئىتىۋەتتۇق ، ھىم ئىتىلمىگەن بولسىمۇ ، سۇ كىرىشى ئاستا بولىدۇ . ئەڭ ئاۋۋال كۆپلىگەن سۇ ھېلىقى غەلىتە ئۆڭكۈرگە كىرىدۇ ، ئۇ ئۆڭكۈر قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتىدۇ ؟ ئەگەر باشقا قەبرىخانىلەر بىلەن تۇتاش بولسا چاتاق ، ئۇ چاغدا بىز تۈگىمەس قاينامنىڭ ئىچىدە قالىمىز دىگەن گەپ .

خىيال قىلىپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئىختىيارسىز ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە قاراپ سالدىم ، قانداق قىلغاندا بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىنى ئىتىپ سۇ كىرمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ ، ئۆڭكۈر ئېغىزىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە زادى قانداق قىلىپ توسىغىلى بولىدۇ .

دىققىتىم مەركەزلەشكەن شۇ پەيىتتە ، كۆڭلۈمدە غەلىتىلا بىر سېزىم پەيدا بولدى ، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقتا بىرخىل كۈچ مىنىڭ دىققەت نەزىرىمنى ئۆزىگە تارتماقتا ...بۇ خىل كۈچ كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە بېسىممۇ بار ئىدى ، مەن بېشىمنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولدۇم ، لىكىن قانداقلا قىلماي بوينۇمنى مىدىرلىتالمىدىم ، ھەتتا كۆزۈمنىمۇ مىدىرلىتالمىدىم .

بىرلا ۋاقىتتا تىت – تىت بولىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم ، بۇ خىل بىئارامچىلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن ، خۇددىي ئاچ قالغان ئادەمگە بىر خالتا يىمەكلىكنى قولىغا ئېلىپ ، قانداق قىلسىمۇ خالتىنىڭ ئېغىزىنى ئاچالمايۋاتقاندەك ... بۇخىل بىئارامچىلىق مېنى شۇ ئۆڭكۈرگە بىر كىرىپ چىقىشقا ئۈندەۋاتاتتى .

بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر سىكىنۇت ئىچىدە يۈر بەردى ، ئازراقمۇ بىشارەت يوق ، ئۇلار تىخى سەزمەي تۇرۇپلا بوتۇلكىنى ئىتتىرىۋىتىپ ئۆزۈمنى ئۆڭكۈر ئىچىگە ئاتتىم ، مەن ئۆڭكۈرگە يىقىن بولغاچقا ئازراق مىڭىپلا ئۆڭكۈر ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەتتىم . ئۇلار مىنى تۇتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ ئۈلگىرەلمىدى . ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ زادى نىمە قىلماقچى بولغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم ، پەقەت ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باققىم كەلدى ، مەن ھەتتا قول چىراقمۇ ئېلىۋالمىدىم ، ھەتتا بوتولكىنىڭ ماڭا ئەگىشىپ كەلگەن – كەلمىگىنى بىلەنمۇ كارىم بولمىغان ئىدى .

ئازراق يۈگۈرمەيلا پۇتۇمغا بىر نەرسە تېگىپ يىقىلىپ چۈشتۈم ، بۇ قىتىم بەك قاتتىق يىقىلدىم ، ئۇددۇل يەرگىلا ئۈستۈم ، ئاغرىق دەستىدىن بىشىم ۋىڭىلداپ كەتتى ، بۇرنۇمدىنمۇ قان چىقىپ كەتتى . لىكىن بۇ بىر يىقىلىش بىلەن بىئارامچىلىق غايىپ بولدى ، ھەممە نەرسە ئەسلىگە كەلدى .

كۆڭلۈمدە بىر خىل غەلىتىلىك ھېس قىلىۋاتىمەن ، بۇ ئۆڭكۈردە بىرخىل سېھرى كۈچ باركەن ، پەقەت بىرلا قاراش بىلەنلا ئادەمنى ئەقلىدىن ئاداشتۇرىدىكەن ، مەن بايام دىققەت قىلىپ قاراپ قىلتاققا دەسسەپتىمەن .

ئارقىمغا قارىسام بوتۇلكا بىلەن سىمىز ماڭا يىتىشىپ كەپتۇ ، يەردە بىر قول چىراق تۇراتتى ، قارىغاندا بوتۇلكا مۇشۇ قولچىراقنى پۇتۇمغا ئاتقان ئوخشايدۇ .

ئۇلار مىنىڭ يىنىمغا كېلىپ گەپمۇ قىلماي ، قولتۇقۇمدىن كۆتۈرۈپ سىرتقا سۆرەپ ماڭدى ، لىكىن مىنىڭ بىر تىزىم يارلانغاچقا ئورنىمدىن تۇرالمىدىم ، ئۇلار بۇ تار ئۆڭكۈردە مىنى سۆرەيدىغانغا كۈچەلمىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەر قاراڭغۇ بولغاچقا قالايمىقان بوپ كەتتۇق .

سىمىز بىر قوللاپ كۈچىيەلمەي ، قولچىراقنى قولتىقىغا قىسىپ ئىككى قوللاپ سۆرىمەكچى بولدى ، شۇ پەيىتتە قولچىراقنىڭ يورىقى بىر يەرگە چۈشتى ، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەندەك بولدۇم .

قول چىراقنىڭ سۈرئىتى بەك ئىتتىك بولغاچقا ئىنىق كۆرەلمىدىم ، لىكىن مەن جەزىملەشتۈرەلەيمەن ، ئۇ چوقۇم بىر ئادەم ، مەن كەنجى تاغامنى ئىسىمگە ئالدىم ‹ توختاڭلار ، ئالدىدا ئادەم باركەن › دەپ ۋاقىردىم .

سىمىز ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا قولچىراقنى توغىرلىدى ، ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى . شۇ ۋاقىتتا بىز ئۈچەيلەن ئىنىق كۆردۇق ، لىكىن كىملىكىنى بىلەلمىدۇق ، بوتۇلكىنىڭ ئىنكاسى تېز بولۇپ ‹ قوغلايلى › دىگەن بىلەنلا يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى . سىمىز ئاغزىنى بۇزۇپ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى .

پۇتۇم يارلانغاچقا ئىتتىك ماڭالمىدىم ، ئامالسىزلىقتىن تامنى تۇتۇپ ئاقساقلاپ كەينىدىن ئەگەشتىم ، بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكا ئۇ ئادەم بىلەن پومداقلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، سىمىزمۇ ئۆزىنى ئاتتى ، ئۇلار بىرلىشىپ ئۇنى تۇتىۋالدى ، سىمىز قولچىراقنى يىقىپ ‹ ۋوي ... ئانىڭ قىزكەنغۇ › دەپ ھەيران قالدى .

مەن ئەگىشىپ باردىم ، راسلا ئانىڭ ئىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستى بىشى ئىنتايىن مەينەت بوپ كەتكەن بولۇپ ، غەۋۋاس كىيىمىمۇ يىرتىلىپ، بەدىنىدىن بىر سېسىق پۇراپ تۇراتتى ، ئېغىز ئەتراپى ، بۇرنىدا قان يۇقى تۇراتتى . ئۇنىڭ زادى قانداق ئىشلارغا يولۇقۇپ ، بۇنداق بولۇپ قالغىنى نامەلۇم . لىكىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكىن ، بىز ئۈچىمىزمۇ ھېچقانچە ياخشى تۇرمىغان ئىدۇق ، بولۇپمۇ سېمىز ، ھەممە يىرى يارا ئىزى ، قاراشقىمۇ كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ .

سىمىز بۇ قىزنى كۆرسىلا نىرۋىسى ئۆرلەيدۇ ، ئەمدى ئۇ قىزنى تىللاي دەپ تۇرىشىغىلا بوتۇلكا ئۇنى توسىۋالدى : ‹ توختا ، ئۇ سەل چاتاقتەك تۇرىدۇ ›.

تۇنجى قېتىم ئەسەر تەرجىمە قىلىشىم بولغاچقا ، ئىملا خاتالىقلىرى كۆپ بولىشى مۇمكىن ، بۇرۇن ئەسەر تەرجىمە قىلىپ باقمىغان ، مىنىڭ ئويلايدىغىنىم ، ياخشى ئەسەرلەرنى ھەمبەھېرلىنىش ! رەھمەت .

باشقا سالونچىلارنىڭ رۇخسەتسىز ئۆز سالونىغا يوللىشى چەكلىنىدۇ !

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى