رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك24-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك24-باب

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 1226 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

    1- خاتىرە 1-بۈلەك 24– باپ  تىرىك جەسەت


    ھەممىمىز قورىققىنىمزدىن تەڭلا دىگۇدەك ئارقىمىزغا داجىدۇق . گەرچە جەسەت ساندۇقىدا غەلتە نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ يەتكەن بولساقمۇ بىراق ساندۇقىنىڭ ئىچىلىش ئالدىدىكى  قورقۇش تۇيغۇسىدىن يەنىلا قوتۇلالمايۋاتاتتۇق . جەسەت سەندۇقىنىڭ ئۆزلىكدىن تىتىرەپ مىدىرلىشى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى.
   ئاكۈينىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ قورىققىنىدىن تىتىرەپ  :" كەنجى بىگىم ، قارىغاندا ئىچىدىكى نەرسە تىرىك ئوخشىمامدۇ ؟ .....مەنچە بۇ جەسەت ساندۇقىنى ئاچمىساق بولارمىكىن ..." دەپ سورىدى   .
   كەنجى تاغام جەسەت ساندۇقىنىڭ جىپسىلاشتۇرۇلغان جايلىرىغا سەپسىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن بىشنى چايقاپ تۇرۇپ :" مومكىن ئەمەس ،   جەسەت ساندۇقى ئنتايىن چىڭ جىپشىلاشتۇرۇلغان ھەم ياخشى ھىملاشتۇرۇلغان ، ھاۋا ئۆتىشىشى مۇمكىن ئەمەس، ئىچىدىكى ھەر قانچە ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرىدىغان جانلىق بولسىمۇ نەچچە مىڭ يىل ياشىيالماس ! ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ جەسەت ساندۇقى قوش قەۋەتلىك ، بىز بىرىنچى قەۋىتىنى ئىچىپ كۆرۈپ باقمايمىزمۇ ؟ " دىدى .  
   مەن كۆڭلۈمدە بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىغىرلىقىنى پەرەز قىلدىم . ئىسىمدە قىلىشىچە مەن بىلىدىغان ئەڭ ئىغىر قوش قەۋەتلىك جەسەت ساندۇقى بولسا لىگودۈندىكى سىڭ خوۋ يىنىڭ قەۋىرسىدىن چىققان گىگانىت جەسەت ساندۇقى بولۇپ ئىغىرلىقى توققۇز توننا كىلەتتى . ( خۇبى ئۆلكىسىنىڭ سۈي جوۋ شەھرىنىڭ لى گوۋدۈن دىگەن جايىدىن بايقالغان غايەتزور  دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قەۋرە قەۋرە ئىگىسى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى سۈي بىگى سىڭ يې . << تەرجىماندىن >> ) قارىسام كۆز ئالدىمدىكى جەسەت ساندۇقىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىمۇ شۇنچىلىك  ، بىراق سىڭ يېىنىڭ جەسەت ساندۇقى قىممەتلىك ياغاچ ساندۇققا تۇچ قىستۇرۇپ ياسالغان . لىكىن كۆز ئالدىمدىكى بۇ جەسەت ساندۇقى پۈتۈنلەي سۇس يىشىل رەڭلىك تۇچتىن ياسالغان بولۇپ ئىغىرلىقى توققۇز توننا بىلەن چەكلەنمەس . زادى قانچىلىك ئىغىرلىقتا ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئىيتىپ بىرىشكە ئامالسىز ئىدىم .
   ئاكۈي بىلەن كەنجى تاغام ئاۋال خەنجەر ئىشلىتىپ ساندۇقنىڭ تۇتاشتۇرۇلغان جايىدىكى ھىملاش موملىرىنى چىقىرىپ ئارقىدىن لوم تۆمۈرنى تىقىپ " ھىھ ... " دەپ بىرلا كۈچەپ لوم تۆمۈرنى بىرلا پەسكە بىسىشىغا جەسەت ساندۇقىنىڭ تۇچ ياپقۇچ تاختىسى ئازراقلا ئۈستىگە كۆتۈرۈلدى . مەنمۇ دەرھال بىرىپلا ياپقۇچ تاختاينى ئىتتىرشىپ بەردىم . ۋاي ئانامەي ، مۇشۇ ياپقۇچنىڭ ئۆزىمۇ ئاز دىگەندە تۆت - بەش يۈز كىلو كىلەتتى . ئالاھىزەل يىرىم سەئەتتەك ئىتتىرىپ ياپقۇچىن كىچىككىنە يوچۇقنى ئاچتۇق . بۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز ھىرىپ نەپەسلىرىمىز  تىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ بىردەمدىن كىيىن ھەممىمىز تەڭلا مۆرىمىزنى ياپقۇچ تاختايغا تىرەپ بىر ، ئىككى  ، ئۈچ دەپ بىرلا كۈچەپ ياغاچ تاختاينى بىر تەرەپكە ئۆرۈپ جەسەت ساندۇقىنى ئاچتۇق .
     جەسەت ساندۇقىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن قاشتىشى قىستۇرۇلغان بولۇپ قاشتاشلار ناھايتى رەتلىك تىزىلغان ئىدى . پاتۇرۇلغان تاشلار ناھايتى چىرايلىق ھەم سۈزۈك بولۇپ خۇددى تۇخۇم تىزغان تەخسىگە ئوخشايتى . پەنزېنىڭ كۆزى قاشتاشلارنى كۆرۈپ چانىقىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى . ئۇ بىر قولىدا يارا ئىغىزىنى تۇتىۋىلىپ غەلىتە ئاۋاز چىقىرىپ ھىجىيىپ : " ئاناڭنى نىمە دىگەن جىق قاشتىشى بۇ ، كۆتۈرۈپلا ماڭايلى ! " دەپلا قاشتاشلارنى تۇتىشىغا كەنجى تاغام : " بولمايدۇ ، بۇ شىنجاڭ ماناسنىڭ قاشتىشى ، بۇ تاشلارنى چۇۋۇپ ئىلىپ كەتسەك ھەرقانچە قىممەت ساتالىساقمۇ نەچچە يۈز مىڭ يۈەن ، بىزنىڭ بۆلىشىشىمىزگە يەتمەيدۇ ، ئەگەردە مۇشۇ قىستۇرۇقلۇق پىتى رەت تەرتىۋىنى بۇزماي ئالالىساق بۇتساتىۋانىڭ بەرگىنى شۇ " دىدى . پەنزې بىر قىتىم بالا تىرىپ قويغان بولغاچقا كەنجى تاغامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ غىڭ قىلماي كەينىگە ياندى .
   كەنجى تاغام ساندۇق ئىچىدىكى رەڭلىك ئويمىلارنى سىلاپ تۇرۇپ : " ئادەتتە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى ئاقسۆڭەك بەگلەر قوش قاتلىق ، ياكى ئۈچ قەۋەتلىك ساندۇققا ياتقۇزۇلىدۇ . ئەگەر بۇ قەۋەتنى بىر قەۋەت دەپ ھىساپلىساق ، بىز ھازىر ئىككىنچى قەۋەتنىمۇ كۆرۈپ بولدۇق . مىنىڭچە گۆھەرلەرنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى يەنە بىر قەۋەتتە " دىدى - دە ، قولىدىكى كىچىك خەنجەر بىلەن ئاۋايلاپ تۇرۇپ قشتىشى پاتۇرۇلغان ياغاچ تاختىنىڭ ئەتراپىدىكى يىملاش ئالتۇن سىملىرىنى چۇۋۇپ يىرىم سەئەتتە دىگۈدەك قاشتىشى پاتۇرۇلغان تاختىنى ئاخىرى چىقىرىۋالدى .
     قاشتىشى پاتۇرۇلغان تاختىنى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىغا ئويۇلغان رەڭلىك رەسىملەرگە كۆزۈم چۈشتى . بۇ رەڭلىك رەسىملەرنى قەدىمى ئويما يىزىققا قارىغاندا چۈشۈنۈش ئاسانراق ئىدى . رەسىملەر ئارىسىدىكى چوڭ دەرەخ ئويۇلغان رەسىمگە كۆزۈم چۈشتى . رەسىندە ئىنتاھىن چوڭ دەرەخ سىزىلغان بولۇپ دەرەخنىڭ ئاستىنقى تەرەپ قورساق قىسمىدا چوڭ بىر يىرىق بار ئىدى . يىرىقتا نۇرغۇنلىغان ئىسكىلىتلار جەسەت ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ ئەتراپىدا سانسىزلىغان كىشىلەر ھۆرمەت بۈلدۈرىۋاتاتتى .
   كەنجى تاغام ئاۋايلاپ تۇرۇپ قاشتىشى پاتۇرۇلغان تاختىنى نەخ ئىككىگە بۆلۈپ تەسلىكتە ئاكۈينىڭ سومكىسىغا سالدى . مەن كۆتۈرۈپ باقسام ناھايتى ئىغىر بولۇپ ئىش قىلىپ مەن بۇ نەرسىنى كۆتۈرەلمەيىتىم .
    مۇ نەرسىنىڭ سومكىغا سىلىنىشى بىلەن ئاكۈيگە جان كىردى بولغاي ھىچنىمە دىمەي ئويما رەڭلىك تاختىنى قومۇرماقچى بولىشىغا كەنجى تاغام دەرھال : " ئاناڭنى ، مۇردىنىڭ پوقىنى كۆرسەڭمۇ ھۇشۇڭدىن كىتىدىكەنسەن ، لىكىن پۇل دىسە جىنىڭنىمۇ سەپ بىرىدىكەنسەن ، ئاستىدا پەقەت بىر قەۋەت قالدى ، ئىھتىيات قىلغىنىمىز ياخشى  " دەپلا قۇلىقىنى جەسەت ساندۇقىغا يىقىپ بىزگە شەپە چىقارماسلىق توغرىسىدا قول ئىشرىسى قىلدى .
   ئالاھىزەل نەچچە ئون دەقىقىدىن كىيىن كەنجى تاغام چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ئىچىدىن نەپەس ئالغان ئاۋاز چىقىۋاتىدىغۇ ؟ " دىدى . ھەمىمىز ئۇنىڭ گىپىدىن ھەيران بولۇپ نەچچە دەقىقىدىن كىيىن ئىسىمىزگە كەلدۇق . بەلكىم كەنجى تاغام ساندۇق ئىچىدىن جىن - ئالۋاستىنىڭ تىپىرلىغان ياكى چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندىن دىگەن بولسا ئاسانراق ئىشىنەر بولغىيتۇق ، لىكىن ئىچىدىن نەپەس ئالغان ئاۋازنىڭ ئاڭلىنىشىغا ھەمىمىزنىڭ دىگۈدەك ئەقلىمىز يەتمەي قالدى. شۇڭا ئاكۈي ھەيران قالغىنىدىن ئاستىنقى ئىڭىكى چۈشۈپ قالايلا دىگەن ھالەتتە بىزگە : " ئىچىدىكى ساندۇققا تىرىك ئادەم سىلىنغانمۇ قانداق ؟  .... " دىدى .
     كەنجى تاغام دەرھال : " ئوسرۇق ،  ئاناڭنى سىسىق ئىغىزىڭنى يۇم ! " دىدى دە ، يىنىدىن قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقىنى چىقىرىپ قولتۇقىغا قىسىۋالغاندىن كىيىن ماڭا كۆز ئىشارىسى قىلىشىغا دەرھال قولۇمدىكى مىلتىقنى ساندۇققا بەتلىدىم . ئاكۈي قولىغا لوم تۆمۈر ئىلىۋالغان بولۇپ ھەممىمىز تەڭلا ساندۇقنىڭ ئاستىدىن چىققان نەرسىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندۇق . 
     كەنجى تاغام : " تۈف .. تۈف.. " دەپ ئالقىنىغا بىر نەچچىنى تۈكۈرۈپ ، بىشىنى ئىككى تەرەپكە ھەركەتلەندۈرۈپ ئۆزىگە ئازراق غەيرەت پەيدا قىلىپ لوم تۆمۈرنى ئويما راسىم تاختا ئاستىغا تىقىپ كۈيەي دىيشىگە ئارقامدىن بىرسىنىڭ : " توختاڭ !! " دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
   ۋارقىرىغىنى قاچانلاردا ھۇشىغا كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۆلگۈر سىمىز ئىدى . ئۇ بىزگە قول شىلتىپ تۇرۇپ : " بولمايدۇ ! قەتئى بولمايدۇ !بۇنداقلا ئاچساق چوقۇم چاتاق چىقىدۇ ، ئاناڭنى ئازراقمۇ كىپەن ئوغۇرلاش تەجىربىىسى يوق دۆت ئىشەكلەر كىپەن ئوغۇرلشقا چۈشىدىكەن تىخى . ۋۇ تەرەتخانىدا قول چىراق تۇتىدىغانغانلار ئۆلگۈڭلار كەلدىمۇ ؟ '" دىدى .
   كەنجى تاغام : " ھىم " دەپ دىمىغىنى قاققاندىن كىيىن : " سىمىز يولداش سىزنىڭچە قانداق ئاچىمىز ؟ " دەپ سورىدى .     سىمىز كەنجى تاغامنى كۆز ئىشارىسى بىلەن كەينىگە ياندۇرغاندىن كىيىن قوش قاتلىق جەسەت ساندۇقى بىلەن ئىچىدىكى ئويما رەڭ رەسلملىك كىچىك ساندۇقنىڭ ئارلىقىغا بارمىقىنى تىقىپ بىردەم سىلىغاندىن كىيىن بىرلا كۈچەپ رەسىملىك ساندۇقنى پۈتۈن پىتى قومۇرىۋالدى . دەل شۇ دەقىقىدە ھەممىمىز دىگۈدەك جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىن ئىنتاھىن سوغۇق ھەم ئىچىنىشلىق چىقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىدۇق . ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ قورۇققىنىمدىن قولۇمدىكى قۇرال چۈشۈپ كەتكىلى تاسلار قالدى .
   سىمىز دەرھال ئارقىغا سەكرەپ : " كەينىڭلارغا يىنىڭلار ! " دەپ ۋارقىرىدى . مەن دەرھال كەينىمگە داجىپ قۇرالنى جەسەت ساندۇقىغا بەتلىدىم . دەل شۇ پەيىتتە ئىچىدىكى كىچىك ئويما رەسىملىك ساندۇق تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندەك ئۆزلىكىدىن ھاۋاغا كۆتۈرلدى . بۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى قەدىمى قەۋرىدە ئەمەس بەلكى فانتازىيەلىك فىلىمدە رول ئىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم . يا ئاللا ، قەدىمكى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىجاد قىلىش روھى نىمىدىگەن كۈچلۈك .
    دەل شۇ دەقىقىدە جەسەت ساندۇقىدىن ئۇچىسىغا قاپقارا رەڭلىك ساۋۇت كىيگەن بىرسى يەتقان يىرىدە ئولتۇرشىغا مەن قورۇققىنىمدىن ئوق چىقىرىش ئۈچۈن مىلتىق تەپكىسىگە قولۇمنى ئاپارسام سىمىز ماڭا قاراپ : " ئوق چىقارما ، ئۇنىڭ كىيىۋالغان ساۋۇتى بىباھا گۆھەر ، بۇزىۋەتمەيلى " دىدى .
    مەن بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى قارا ساۋۇتلۇق ۋۇشاڭ بىگىنىڭ چىرايىنى ئىنىق كۆردۈم . ئۇ ئىنتاھىن ئاز ئۇچرايدىغان نەم جەسەتكە تەۋە بولۇپ چىرىيى ئاقىرىپ كەتكىنىدىن  يۈزى ئاستىدىكى سۆڭىكىمۇ كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى . كۆزى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ ئۆلگەن ۋاقىتتا ئىنتاھىن قىينالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . بىشىدكى بەش ئەزاسىنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ خۇددى سىسىپ كەتكەن تاۋۇزغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى . بۇلارنى كۆرۈپ : " بۇ لۇشاڭ بىگى ھىلىقى ساھىپجامالنى نەچچە مىڭ يىل ئۆز ئەسلى بىلەن ساقلاپ قاپتۇ ، ئۆزىنىڭ چىرايىنى نىمىشقا ساقلاپ قالالمىغاندۇ ؟ " دىگەنلەر خىيالىمدىن كەچتى . ھەممىمىز تەڭلا قاراپ جەسەتنىڭ كەينىگە ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇرۇلمىنى كۆردۇق . ئەسلىدە جەسەت كەينىدىكى قۇرۇلما ساندۇقنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ ئىچىلىشى بىلەن ھەركەتكە كىلىپ جەسەتنى تىرەپ ئولتۇرغۇزىدىكەن ئەمەسمۇ ... ناۋدا بۇ كۆرۈنۈشنى توخۇ يۈرەك كىپەن ئوغۇرلىرى كۆرسە ھوشىدىن كىتىشى مومكىن ئىدى . لۇشاڭكام بىزنى بەك كىچىك كۆرۈپ قاپتۇ ، بىز بۇنداق نەرسىلەردىن قورۇقمايتۇق .
    ھەممىمىز دىگۈدەك ھىلىقى جەسەتكە تىكىلدۇق . ئۇ ئۈستىگە كىيىۋالغان ساۋۇتنىڭ ئالتۇن ياپراقلىق قاشتىشى كۆز قويۇلغان ئىسىل ئۇرۇش كىيىمى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . لىكىن نىمە ئۈچۈندۇر ئالتۇن ساۋۇت ئۈستۈدىكى قاشتىشى كۆزلەرنىڭ ھەممىسى قارىداپ كەتكەن بولۇپ مەن جەسەتكە تىخىمۇ يىقىن كىلىپ ئۇنىڭ كۆكرىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ پەسىيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم ئىغىزىمدىن چىقىپ كىتىشكە تاسلا قالدى . ئۇنىڭ نەپەس ئىلىۋاتقانلىقى ئىنىق بولۇپ بۇرنىدىن بىرخىل سوغۇق ھاۋا ئىقىمى چىقىۋاتاتتى . بۇ ۋاقىتتا ئاكۈي ھەيران بولغىنىدىن ئىغىزىنى كاماردەك ئىچىپ : " ئۇ ... ئۇ ... ئۇ ئەبلەخ تىرىكمۇ نىمە ؟ " دىدى كىكەچلەپ .
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى