رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك37-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك37-باب

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 1078 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن سىمىزنىڭ سۇئالىنى ئاڭلاپ بىلمەيمەن دىگەن مەقسەتتە دۇلۇمنى قېقىپ قويدۇم. بىز ھېلىقى قەبرە يولىدا گۈلسىمان ئوقيالارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن بەدىنىمدە جاراھەت ئىزى پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان ئىدىم، مەن كىيىمىمنى ئۆرۈپ قاراپ باقتىم، ھېلىقى جاراھەتلەر ئاللىقاچان ياخشىلىنىپ كەتكەن ئىدى. مەن سىمىزگە :" بۇ يەر بەكلا نەم بولغاچقا شۇنداق بولىۋاتامدىكىن"دىدىم.
سىمىزنىڭ بەدىنى راستلا بەك قىچىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ :" ئۇنداقتا بۇنى ۋاقىتلىق داۋالايدىغان چارە يوقمۇ؟ باياتىن قاتتىق تەرلىگىنىمدىن كېيىن تېخىمۇ بەكرەك قىچىشىپ كىتىۋاتىدۇ"دىدى. ئۇ شۇنداق دىگەچ بەدىنى تامغا سۈركەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن قان تېمىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن بۇنى كۆرۈپ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم، ۋە دەرھال ئۇنىڭ كىيىمىنى ئۆرۈپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگەقارىدىم. ئۇ توختىماستىن قولى بىلەن قاشلاۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ قولىغا ئۇرۇپ قويۇپ، قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ قارىدىم. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ھېلىقى گۈلسىمان ئوقيا تەگكەن جاي قىزىرىپ ئاپئاق تۈككە ئوخشايدىغان نەرسىلەر ئۈسۈپ چىققان ئىدى. "سەن يۇيۇنمىغىلى قانچىلىك بولدى؟" دىدىم مەن.
"نىمە ؟ يۇيۇندۇڭمۇ؟ بۇ دىگەن مىنىڭ شەخسى ئىشىم، بۇنىڭغاجاۋاب بىرەلمەيمەن"دىدى-سىمىز.
"ھۇ پور كۈتەك! مەن ساڭا چاقچاق قىلغىنىم يوق! دىسەم قورقۇپ كەتمە قارىغاندا سەن زەھەرلىنىپ قالغاندەك قىلىسەن يەنە مۇشۇ پېتى بىر مەزگىل ئۆتسە سىنىڭ بەدىنىڭدىن ئېتىزدىن ئۈنگەنگە ئوخشاش ئاق تۈكچىلەر ئۈسۈپ چىقىدۇ."دىدىم-مەن.
"نىمە!؟ ئاق توكچە؟ تۇلا گەپنى يورغىلاتماي زادى نىمەبولغانلىقىنى دىگىنە!" دىدى-سىمىز قورقۇپ.
مەن بوتولكىغا قاراپ قاپىقىمنى تۈرۈپ قويدۇم، قارىغاندا ئەھۋال راستلا چاتاقتەك تۇراتتى. بوتولكا سىمىز تەرەپكىرەك سۈرۈلۈپ سىمىزنىڭ دۈمبىسىدىكى جاراھاتنى قولى بىلەن سىققان ئىدى قاپقارا قان چىقتى. ئۇ پەس ئاۋازدا ماڭا:" قارىغاندا ھېلىقى ئوقيادا بىر سىر باردەك قىلىدۇ"دىدى.
مەن سەل غەلىتىلىك ھىس قىلدىم، قائىدە بۇيىچە بولغاندا مەنمۇ ئوق يىگەن تۇرسام، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بولسام ئاندىن توغرا بولاتتىغۇ، ئەجىبا مىنىڭ بەدىنىم مۇشۇنداق ئالاھىدىمىدۇ؟ مەن دەرھال بەدىنىمدىكى يارا ئىزىنى ئېچىپ گۇمانلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلۈردۈم.
بوتولكا مىنىڭ بەدىنىمدىكى جاراھەتكە قارىدى، ئۇ ئۇھ تارتىپ قويۇپ ماڭا قارىدى، قارىغاندا ئۇمۇ بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا سىمىز تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدى. ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭا:" نىمە تۈك ئۇ؟؟ بېشى بار ئايىغى يوق گەپنى ئاز قىلىپ گەپنىڭ ئىنىقىنى دىگىنە!نەگە تۈك ئۈنۈپتۇ؟؟ " دىدى.  ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ھېلىقى يارىنى سىلاشقا تەمشەلدى، مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ:" مىدىرلىما! قارىغاندا سەن تىرە كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك قىلىسەن، مۇنداق قىلە، بىز يەنە بىر قاراپ باقايلى!"دىدىم.
قارىغاندا ئۇنىڭ بەدىنى قاتتىق قىچىشى كىتىۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇ تپتا ئۇ چىدىيالمايلا قالدى. مەن بوتولكىغا:" مۇنداق كىتىۋەرسە بولمايدۇ، بىز تىزرەك بىر ئامال تېپىشىمىز كېرەك، مەن باشقىلاردىن مۇشۇ كىسەلگە چىدىيالماي ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلانىڭمۇ چىققانلىقىنى ئاڭلىغان "دىدىم.
سىمىز:" ھۇ ئاناڭنى!!! ھازىرلا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغۇم كىلىۋاتىدۇ، بۇلالماي قالدىم. يا بولمىسا سەن تىرە كۆچۈرۈش ئوپراتىسىيەسىگە ئوخشاش ئاشۇ قىچىشىپ مىنى قىينىغان بىر قانچە پارچە تىرەمنى كىسىپ ئېلىۋەت !"دىدى.
مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا تىرە كىسىلىگە گىرىپتار بولغان، يەرلىك داۋالاش ئۇسۇلىغۇ بار، بىراق بەك كۆڭۈلنى ئىلەشتۈرىدۇ.
" تىرىنى كەسكەن بىلەن بولمايدۇ، قارىغاندا ئۆزۈڭچە مەندە گۆش كۆپ دەپ ئويلاپ قاپسەن-دە ؟ مەندە بىر دۇرا بار شۇنى ئىشلىتىپ باقايلى، بۇنى سۈرتكەندە بەكلا ئاغرىيدۇ، سەن چۇقۇم چىدىشىڭ كېرەك"دىدىم-مەن.
بوتولكا بۇنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ قالدى، سىمىزمۇ ھەيران بولۇپ:" سىلەر شەھەرلىكلەرنى -زە، سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىن ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ! قەبرە ئوغۇرلىغاندىمۇ ئاشۇنداق دۇرا دىگەنلەرنى ئېلىۋالىدىغىنىڭنى ئويلىماپتىكەنمەن"دىدى.
"مەن ئىلگىرى ئاشۇ خىل كىسەلنىڭ دەردىنى تارتقاچقا، يەنە كىلىپ دوختۇر نەم ھاۋادا كىسەلنىڭ يەنە قوزغۇلۇغ مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقاچقا ئېلىۋالغان"دىدىم-مەن. شۇنداق دىگەچ دورىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قولۇمغا پەلەي كىيىپ سىمىزنىڭ دۈمبىسىگە دورىنى سۈركىدىم.  سىمىزنىڭ بۇنداق چىدىماس ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن. كىم بىلسۇن دۇرىنى ئەمدى سۈركىشىمگىلا ئۇ قاتتىق ۋارقىراپ كەتتى ۋە مەندىن قېچىشقا باشلىدى. ۋە مىنى تىللاپ:" ھۇ ئەبلەخ! نىمە بۇ سۈركىگىنىڭ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە مىنى ئۆلتۈرسەڭچۇ؟ ۋاي ئانامەي مەن چىدىيالمىدىم!!!! "دىدى.
شۇ تاپتا سىمىز تامنىڭ بۇلۇڭىغا قىسىلىپ ماڭىدىغان يولى تۈگىگەن ئىدى. دۇرىنى سۈركەپ بولدۇم ۋە ئۇنىڭدىن :" سەن نىمىدىگەن چىدىماس نەرسە؟ قېنى دىگىنە يەنە قىچىشىۋاتامدۇ؟ " دەپ سورىدىم.
سىمىز تامنىڭ بولۇڭىدا بىردەم تىپىرلىغاندىن كېيىن پەسكۇيغا چۈشتى، ئارقىدىنلا:" شىياۋۋۇ بۇ نەرسە بولىدىكەن جۇمۇ! سىنىڭ قولۇڭدىكى بۇ قانداق دۇرا ماركىسى نىمە؟ بەك قالتىسكەن!" دىدى.
ئەمەلىيەتتە مەندىكى ھېلىقى قۇتىدا ھېچنىمە يوق بولۇپ مەن ئۇنىڭ يارىسىغا تۈكۈرۈپلا قويغان ئىدىم. ئەگەر ئۇ بۇنى بىلىدىغان بولسا مەن بىلەن ئېتىشقىنى ئېتىشقان .  بوتولكا بۇنى سىزىپ قالغان بولۇپ بېشىنى چايقاپ كۈلدى. مەەن بوتولكىنىڭ تۈنجى قېتىم چىن يۈرىگىدىن كۈلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بۇندىن بۇرۇنقى بوتولكا دائىم ئاچچىق كۈلەتتى. قارىغاندا ئادەملەر كۆپرەك ئالاقە قىلسا، بىر-بىرىنى چۈشەنسە ئاندىن مىھىر پەيدا بولىدىكەن.
بىراق ئۇ كۈلۈپ بولۇپلا ئاۋالقىدەك سۈرلۈك قىياتكە قايتتى، ۋە بىزنى ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىشارەت قىلدى. بىز يېرىم تال تاماكىنى چىكىپ بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۈستىگە ياماشتۇق، بوتولكا تۇساتتىن توختاپ:" ئالدىمىزدا بىر ئاچا يول باركەن"دىدى.
مەن قىسىلىپ چىقىپ قارىدىم راستىنلا ئوڭ ۋە سولغا قاراپ ئىككى تۈشۈك ئېچىلغان ئىدى. مەن قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ سول تەرەپتىكى يوغا قارىدىم ئۇ پەقەت ئالدىغا ئازراقلا كولىنىپ توختاپ قالغان، خىشلار دۈۋلەپ قويۇلغان ئىدى، قارىغاندا بۇ ئۆلۈم يولى بولسا كېرەك. بۇ يول قۇشۇمچە قەبرە ئۆيىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ ئۇ يەردىن بىرەر نەرسىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇسىۋېتىلگەندەك قىلاتتى. ئۇ تۇسىۋېتىلگەن ئىكەن ئۇنداقتا بىردىنبىر چىقىش يولى دەل ئوڭ تەرەپتىكىسى، بوتولكا ماڭا قارىدى قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ ئويلىغىنى ئوخشاش ئىدى. بىز گەپ قىلىشمايلا ئوڭ تەرەپكە قاراپ ياماشتۇق.
راست گەپنى قىلسام مەن چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە  بۇنداق ئۇزۇ ۋاقىت ئۆمىلەپ باقمىغان ئىدىم. شۇ تاپتا پۈتۈن بەدىنىم تەرلەپ كەتكەن ئىدى. ئادەتتىكى تۇپا جاي بولىدىغان بولسا بۇنداق ئېغىر كەلمەيتتى، بىراق بۇ يەرنىڭ ھەممىسى خىش ئۇۋاقلىرى بولغاچقا ئادەمىڭ بەدەنلىرىنىڭ ساق يېرىنى قويمايتتى.
بوتولكا تۇساتتىن توختاپ قالدى، ئۇ قولىنى ئېغىزىغا ئاپىرىپ گەپ قىلماسلىق توغرىسىدا ئىشارەت قىلدى. سىمىز بۇنى كۆرەلمىگەچكە پەس ئاۋازدا مەندىن:" يەنە نىمە ئىش بولدى؟" دەپ سورىدى.
مەن ئۇنى گەپ قىلماسلىققا بۇيرۇدۇم. بۇ ۋاقىتتا بوتولكا قولچىرىقىنى ئۆچىرىۋەتكەن ئىدى. مەن سىمىزمۇ ئۇنى دوراپ دەرھال قولچىرىقىنى ئۆچۈردۇق. بىردىنلا بىز قاپقاراڭغۇلۇقتا قالدۇق. ھەممە يەر تىپتىنىچ ئىدى. مەن بۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، بۇ قەبرە ئىچىدە بوتولكىنىڭ گېپى توغرا چىققاچقا ئۇنىڭ دىگىنى بۇيىچە قىلماي بولمايتتى.
بىز مۇشۇ پېتى بىردەم تۇردۇق، ئۈستى-بېشىمىزدىكى تەرلەرمۇ قۇرۇشقا باشلىدى. كۆپ ئۆتمەيلا ئۈستىمىزدىن بىر نەرسىنىڭ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى. خۇددى ئادەم مېڭىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ زادى كىمدۇ؟ ئۈستى تەرەپ زادى قەيەردۇ؟ ئانىڭمىدۇ ياكى كەنجى تاغاممىدۇ؟
مەن شۇنداق خىيال قىلىۋاتقىنىمدا تۇيۇقسىز بوينۇمنىڭ قاتتىق قىچىشقانلىقىنى بىر نەرسىنىڭ مېڭىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. مەن خىيالىمدا بۇ ئۆلگۈر سىمىز ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئاچچىقىمدا ھېلىقى نەرىىنى تۇتۇپ مۇجۇقلاپلا ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ قولۇمنى بوينۇمغا ئاپارغاچ كەينىمگە قارىدىم، قارىسام سىمىزنىڭ يۈزى ناھايتىمۇ كىچىكلەپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يۈزىنى ئاپئاق چاچلار يۆگىۋاپتۇ، بۇ زادى نەدىن كەلگەن بۇنچە كۆپ ئاق چاچتۇ؟ سىمىزنىڭ بەدىنىدىن ئۈنۈپ چىققان چاچنىڭ بۇنچە كۆپ بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
مەن قەبرە ئىچىدە يولۇقتۇرغان ھېلىقى ئادەم يۇتىدىغان چاچنى ئويلاشقا باشلىدىم، نەپسىم قىسىلىۋاتاتتى. قولچىرىقىنى ياندۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم، ھېلىقى نەرسە بىلەن بولغان ئارلىقىم ئاران بىر قانچە سانتېمىتىرلا كىلەتتى. ئەگەر مەن قولچىرىقىنى ياندۇرساملا ئۇنىڭ بىلەن كۆزىمىز ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قارىشىپ قالاتتى.

بۇ قورقۇنۇچقا مەن ھەرگىزمۇ چىدىيالمايتتىم. مەن شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقىنىمدا ھۆل بولۇپ كەتكەن بىر قول كىلىپ يۈزۈمنى سىلىدى، ناھايتىمۇ سوغۇق، بارماقلىرى ئۆتكۈر ئىدى. بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى، يۈز تىرىلىرىم ئىختىيارسىز تىتىرەيتتى. ھېلىقى قول بوينۇمنى سىلاپ ئۆتۈپ ئارقىغا ياندى. كەينىدىنلا ئۇ نەرسىنىڭ بېشى مەن تەرەپكە سۈرۈلۈپ چاچلىرى يۈزلىرىمگە چاپلاشتى، كۆڭلۈم ئېلىشىپ چىشىمنى چىشلەپ ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالدىم. تۇيۇقسىز ھېلىقى چاچلار ئارىسىدىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋاز ناھايتىمۇ تۆۋەن ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ " سەن كىم؟"دىگىنىنى ئىنىق ئاڭلىيالىدىم. مەن تېخىمۇ قورقۇپ كەتتىم. ئارقىدىنلا بۇ ئايالنىڭ بەدىنى مەن تەرەپكە يېقىنلاشتى ۋە مىنىڭ قوينۇمغا كىردى. ئۇ ئىنچىكە قوللىرىنى مۈرەمگە قويدى، ئارقىدىن بوينۇمنى قۇچاقلىدى. مەن غال-غال تىتىرەيتتىم.  بۇ ئايال ناھايتىمۇ كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزى ئاستاغىنە مىنىڭ قۇلۇقۇمغا چاپلاشتى، ئۇ نەپەسلەنگەندە چىقارغان ھاۋا شۇنچىلىك سوغۇق ئىدى. ئۇ پەس ئاۋازدا:" مىنى قۇچاقلاڭ"دىدى.  مەن بارا-بارا سىھىرلەنگەندەك بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. گەرچە قارشىلىق كۆرسەتكۈم بولسىمۇ، بىراق قوللىرىم ماڭا بويسۇنمايۋاتاتتى. مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭ بېلىنى قۇچاقلىدىم. ئۇ ئايال ئۈستىگە ھېچنەرسە كەيمىگەن بولۇپ  تىرىلىرى ناھايتى سىلىق ئىدى. شۇ تاپتا خىياللىرىم قالايمىقانلاشتى. ئۇ ئايال ئاغىزىنى مىنىڭ زاڭىقىمغا يېقىن ئېلىپ كىلىپ خۇددى "مىنى سۆيۈڭ"دەۋەتقاندەك ئاستا مىدىرلىدى، مەن بارا-بارا كونتروللىقىمنى يۇقاتتىم ۋە ئۇنى سۆيمەكچى بولدۇم.   دەل شۇ چاغدا بوتولكا تۇيۇقسىز قولچىرىقىنى يۇرۇتتى. مەن تىزلىكتە ئىسىمنى يىغىپ قوينۇمدىكى"نەرىسىنىڭ"نىمىلىكىنى ئىنىق كۆردۈم، قۇيقا چاچلىرىم تىك بولۇپ كەتتى.






جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى