رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك30-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك30-باب

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 960 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوتولكا شۇنداق دەپ بولۇپلا مىنىڭ ياندۇرۇپ سورىغان سۇئاللىرىم بىلەن كارى بولماي تىز-تىز قەدەملەر بىلەن پەسكە قاراپ يۈگۈردى. مەن ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولالايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەندەك بولۇپ، بۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋېتىشنى خالىمىدىم-دە، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.
 كۆلنىڭ تىگىدىكى تۇمان توختىماستىن ئۈستىگە ئۆرلەۋاتاتتى. مەن ئون نەچچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا قۇيۇق تۇمان ئارىسىغا كىرىپ قالدىم. كۆرۈش ئارلىقى بارغانچە غۇۋالىشىپ كەتتى. مەن ھېلىلا ھېچ بولمىغاندا سىمىزنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيتتىم، مانا ئەمدىلىكتە پەقەت غۇۋا چاقناپ تۇرغان چىراق نۇرىدىن باشقا نەرسە كۆزۈمگە چېلىقمىدى. سىمىز مەندىن يۈرەكلىك بولغاچقا يوغان-يوغان قەدەملىرى بىلەن بىردەمدىلا مىنى نەچچە قەدەم كەينىدە قالدۇردى.     مەن بارا-بارا سىمىزنىڭ قولىدىكى قولچىرىقىنىڭ نۇرىنى كۆرەلمەيۋاتاتتىم.
 شۇ تاپتا مەن ئازراق قورقۇشقا باشلىدىم.  مەن قۇيۇق تۇمانلار ئارىسىدا تۇرىۋاتىمەن، تۆت ئەتراپىمنى ئىنىق كۆرەلمەيتتىم، كۆردۈم دىگەندىمۇ كۆرۈش ئارىلىقى يېرىم مېتىرغىمۇ بارمايتتى. بۇ خىل ھىسيات قاپقاراڭغۇدا تۇرغاندىنمۇ بەكرەك سۈرلۈك بىلىندى.
 كۆل يۈزى بىلەن كۆل تىگىنىڭ ئارىلىقى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس بولۇپ، بىر تال تاماكىنى چىكىپ تۈگەتكۈدەك ۋاقىت ئۆتكەندە پۇتۇمنىڭ سوغۇق بىلىنگەنلىكىنى ھىس قىلدىم، مەن ئەسلىدە كۆل تىگىدىكى سۇغا دەسسىگەن ئىدىم.  ئەسلىدە كۆلنىڭ تىگىدىكى سۇ پۈتۈنلەي ئېقىپ چىقىپ كەتمىگەن بولۇپ، ھۇشۇققا كەلگۈدەك سۇ بار ئىدى.  ئەسلى كۆلنىڭ تىگىدە تېخىچە سۇ بولغاچقا كۆلنىڭ تىگى تەكشى كۆرۈنگەن ئىدى.
 مەن بۇ يەرنى كۈزۈتۈپ ئۆزۈم تۇرىۋاتقان بۇ جاينىڭ دەل تۇماننىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى. مەن كۆلنىڭ تېمىنى سىلاشتۇرۇپ بىرقانچە قەدەم ماڭدىم، شۇ ۋاقىتتا سىمىزنىڭ :"دىققەت قىل! ئالدىڭدا سۇ كىرىپ كىتىدىغان تۈشۈك باركەن، ئۇنىڭغا دەسسىۋالمىغىن!" دىگىنىنى ئاڭلىدىم.
 مەن پۇتۇم بىلەن سىلاشتۇرۇپ باقتىم، راستلا قاچىنىڭ ئېغىزىچىلىك چوڭلۇقتىكى تۈشۈكلەر بار ئىدى. قارىغاندا بۇ يەردىن ماڭغاندا كۆپرەك ئىھتىيات قىلمىسا بولمايدىغاندەك قىلاتتى.  بۇ ۋاقىتتا سىمىز تۇمانلار ئارىسىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ مىنى ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشقا بۇيرۇدى.
 مەن بېشىمنى لىڭشىتقىنىمچە ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. بىرقانچە قەدەم ماڭمايلا تۇيۇقسىز ئالدىمدا قاپقارا بىر نەرسىنىڭ سىماسى پەيدا بولغاندەك بولدى. سىمىز بۇنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان بولۇپ، ھېچ قورققاندەك قىلمايتتى. ئۇ مىنى تۇلا سۆرەلمىلىك قىلماي تىزراق مېڭىشقا ئۈندىدى. مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىپ يېقىن بېرىپ قارىسام بايىقى كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى تاشتى ياسالغان مايمۇن ھەيكىلى ئىدى. بۇ تۆت دانە تاش مايمۇننىڭ ئىگىزلىكى ئادەمنىڭ بېلىگە كىلەتتى. ئۇلار تاش ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. بۇ نەرسىنىڭ بۇ يەردە يولۇققىنى ماڭا تازا ئەجەبلىنەرلىك بىلىنمىدى.
 مەن ھازىر خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدىم، ئالدىمغا يەنە بىر قانچە قەدەم ماڭدىم.ھېلىقى تۆت دانە تاش مايمۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىردانە ئىككى مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاش ئابىدىنىڭ چۇقچىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. بوتولكا شۇ تاپتا قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ ئابىدىگە سىنچىلاپ قاراۋاتاتتى.  مەن ئۇنىڭغا يېقىنلاپ:" قانداق، بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ بىر نەرسە ئىسىڭگە كەلدىمۇ؟" دەپ سورىدىم.
 ئۇ ئابىدىنىڭ ئاستىدىكى تەگ تاشنى كۆرسەتتى، مەن تاشنىڭ ئۈستىگە بىر قانچە قاتار خەت ئويۇلغانلىقىنى كۆردۈم.  سىمىز بۇنىڭغا قاراپ چۈشىنەلمەي مەندىن ئۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى سورىدى. مەن:" بۇ يېزىقتىكى مەزمۇنلاردىن بىلىۋالغىلى بولىدۇكى_ قەبرە ئىگىسى بىر ساماۋى قەسىر سالدۇرۇپتۇ، ساماۋى قەسىرگە تۇتىشىدىغان يول دەل مۇشۇ ئابىدىنىڭ ئىچىدە ئىكەن. ئەگەر سىنىڭ تەلىيىڭ بولسا بۇ ئىشىك ئېچىلىدىكەن، سەن مۇشۇ ئىشىكتىن مېڭىپ ساماۋى قەسىرگە چىقالايدىكەنسەن"دىدىم.
 سىمىز تاش ئابىدىگە قاراپ قويۇپ:" پوقنى ئىشىك بولامدۇ!!؟" دەپ، تىللاپلا كەتتى.
 مەن ئۇنىڭغا:" بۇ يەردە دىيىلگىنى ئىككى بىسلىق گەپتەك قىلىدۇ، بۇنى ئوخشىمىغان ئادەم ئوخشىمىغان مەنىدە چۈشىنىدۇ. بۇنىڭ دىمەكچى بولغىنى_ ئەمەلىيەتتە بۇ تاش ئابىدىنىڭ ئىچىدە بىر ئىشىك يوق، بەلكى باشقىچە بىر يۇشۇرۇن مەنانى ئۇقتۇرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن"دىدىم.
 سىمىز جىلە بولۇپ:" ئاناڭنى! بۇنىڭدا يەنە نىمە مەنە بولسۇن!؟ يا مەن بىر خەتنىمۇ تۇنۇمىسام..............."دىدى.
 مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغانتىم، تاش ئابىدىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ناھايتى سىلىق، ۋە پارقىراق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم_خۇددى سۈزۈك قاشتېشىدەكلا. بىراق ئۈستىدە يېزىق دىگەندەك نەرسە يوق. مەن سەل تېڭىرقاپ قالدىم، ۋە :" بۇ يەردە تەلىيىڭ بولسا ئېچىلىدۇ دەپتىكەن، قارىغاندا بىزنىڭ تەلىيىمىز يوق ئوخشايدۇ"دىدىم.
 سىمىز "تۈفىي..!"دىگىنىچە پەسكە ئېڭىشىپ يەرنى سىلاشتۇرۇشقا باشلىدى، ئۇ :" مىنىڭ ساماۋى قەسىردىن تەلىيىم بولمىسا كېرەك يوق، پەقەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قىممەت باھالىق نەرسىلەر بولسىلا كۇپايە...." دەپ غودوڭشىۋاتاتتى.
 مەن بورۇلۇپ بوتولكىغا قارىدىم، ئۇنىڭ چىرايى سەتلىشىپ كەتكەن ئىدى. قارىغاندا بىر ئىشلار ئىسىگە كەلگەن ئوخشايدۇ. مەن ئۇنڭدىن سۇئال سورىسام ئۇ پىسەنت قىلىپمۇ قويمايتتى،  كۆزى بۇ تاش ئابىدىگە مىختەك قادالغان ئىدى.  قارىغاندا ئۇ بىر نەرسە ئىزدەۋاتقان بولسا كېرەك. مەن ئازراق غەلىتىلىك ھىس قىلدىم، ئالدىمىزدىكى شۇ بىر تاش ئابىدە تۇرسا، بۇنداق بىرىلىپ قاراپ كەتكۈدەك نىمە ئىش بولغاندۇ؟  
 سىمىز قوللىرىنى قېقىشتۇردى، مەن بورۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئەسلىدە ئۇ سۇ ئىچىدىن بىر دانە سۇ ئۈزۈش كۆزەينىكى تېپىۋالغان ئىدى. سىمىز ئۇ نەرسىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:" قارىغاندا بۇ يەرگە نۇرغۇن ئادەم كىلىپ باققان ئوخشايدۇ"دىدى.
 مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇ نەرسىگە قارىدىم، ۋە:'' كەنجى تاغام ئەينى يىلى بۇ يەردىن قايتىپ چىققنىدا ھېچقانداق سۇ ئۈزۈش ئەسۋابلىرى يوق ئىدى. قارىغاندا بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ ئوخشايدۇ. سەن يەنە قاراپ باققىن ئوكسىگىن تۇڭى بارمىكىن" دىدىم.
 گېپىم تۈگىمەستىلا سىمىز سۇدىن بىر دانە ئوكسىگىن تۇڭىنى كۈتۈرۈپ ئالدى. ئۇ سىناپ بېقىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى يەرگە تاشلىۋەتتى. ئارقىدىن:" بۇ يەردە ساپلا ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر بارئىكەن ئەمەسمۇ، بىلگەن بولسام بۇيەرگە چۈشۈپ قۇرۇق ئاۋارە بولماس ئىكەنمەن. بىز يەنىلا تىزراق ئۈستىگە چىقىپ كىتەيلى، ناۋادا بۇ كۆلنىڭ سۈيى قايتىدىن تۇلۇپ ئەسلىگە كىلىپ قالسا ئۇ چاغدا ئۇچۇپمۇ ئۈلگۈرەلمەيمىز!"دىدى.
 مەن سۇ ئورنىغا قارىدىم، قارىغاندا سىمىزنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى باردەك قىلاتتى. بىز ئىككىمىز بېرىپ بوتولكىغا بۇ گەپنى ئېيتمقاقچى بولۇپ تاش ئابىدە تەرەپكە ماڭدۇق.   ئاپلا! بۇ يەردە ھېچكىم يوق.  مەن ئۇنى چاقىردىم ، يەنىلا جاۋاب يوق.  يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلدى.   بۇ ئەبلەخ جىندەك بىردەم تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، يەنە تۇيۇقسىز يۇقاپ كىتىدۇ، لېكىن بۇ قېتىم يۇقاپ كەتمەسلىكى كېرەك.   مەن شۇلارنى خىيال قىلغاچ سىمىزگە ھەممە جاينى ئىزدەشنى بۇيرۇدۇم. گەرچە تۇمان قۇيۇق بولسىمۇ، بىراق بۇ جاي بەك چوڭ بولمىغاچقا بىز بىردەمدىلا ھەممە جاينى ئالا قويماي ئىزدىدۇق. ئاخىرى ئۇنى كۆل تېمىنىڭ تۈۋىدىن تاپتۇق. ئۇ تۈگۈلۈپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇراتتى، كۆزلىرى ئالدى تەرەپتىكى بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ كۆزلىرىگە قارىدىم.   ئاپلا !~  ئەھۋال چاتاق! ئۇ خۇددى ئۈلۈككىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
 مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدۇم.   ئۇ ناھايتى پەس ئاۋازدا:" مەن، مەن 20يىل ئاۋالقى ئىشلارنى ئىسىمگە ئالالىدىم...." دىدى.




جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى