رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك35-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك35-باب

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 937 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن ئۇنىڭغا:« سىنىڭ ئىچىڭدە نىمە ئويلاۋاتقىنىڭنى كىم بىلىدۇ، دىگىڭ كەلمىگەن بولسا بوپتۇ، بىراق شۇنى دەپ قۇيايكى بىزنىڭ ھازىر قىيىن ئەھۋالدا تۇرىۋاتقىنىمىزنى ئىسىڭدىن چىقارما، جان بولسا جاھان دەپتىكەن»دىدىم.
سىمىز ماڭا :« جىددىيلەشمە، مەن دىمەكچى بولغان بۇ گەپ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن ناھايتىمۇ مۇناسىۋەتلىك. سەن باياتىندىن بىرى بوتولكىنىڭ(جاڭچىلىڭ)ھېلىقى پەلەك ئوردىسىنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان ئۆي توغرىسىدا دىگەنلىرىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە قارىغاندا ئۇ ئۆي بىز تۇرىۋاتقان بۇ يەردىن خېلىلا ئىگىز، بۇنىڭغا ئاساسەن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى ئەگەر بىز ئۇ يەرگە كىرسەك دېڭىز يۈزىگە خېلىلا يېقىنلاپ قالىمىز دىگەن گەپ، سەن بۇ قەبرىنىڭ دېڭىز يۈزى بىلەن بولغان ئارلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟ مۆلچەرىمچە ھېلىقى ئۆينىڭ ئۆگزىسى دەل بۇ قەبرىنىڭ ئەڭ ئۈستى تەرىپى بولىشى مۇمكىن. ئەگەر چىقىپ كەتمەكچى بولساق دەل ئاشۇ جاي بىزنىڭ چىقىش يولىمىز بولىشى مۇمكىن»دىدى.
مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدىم يۇرىغاندەك بولدى.  مەن بىز سۇ ئاستىدىكى بۇ قەبرىگە كىرگەن چېغىمىزدا سۇ بېسىمىنى ئۆلچەش سائېتىگە قارىغان ئىدىم، سائەتتىكى سانغا ئاساسەن بىز ھازىر 13مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنمىز دەپ ئويلىغان، ھازىر كۆلنىڭ ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز يەنە ئون نەچچە مېتىر تۆۋەنلىدۇق دىگەن گەپ، دىمەك بىز ھازىر 20ياكى30مېتىر چوڭقۇرلۇقتا دىگەن گەپ.  مۇشۇ بۇيىچە ھېسابلىغاندا پەلەك بىز ھازىر كىرمەكچى بولغان ئۆينىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ سۇ يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 10مېتىر كىلىدۇ دىگەن گەپ. سىمىزنىڭ دېگىنى راستىنلا توغرا.
باياتىندىن بىرى بوتولكا(جاڭچىلىڭ)نىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش بىلەنلا بولۇپ كىتىپ بۇ ئىنچىكە نوقتىلارغا دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن. مەن سىمىزگە خۇرسەنلىك بىلەن قارىدىم، ئۇمۇ ماڭا قارىدى. بۇ ئادەم قارىماققا ناھايتى قۇپال كۆرۈنگىنى بىلەن ناھايتى سەزگۈر ئىدى. قارىغاندا بۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن بىرەر ئىشنى يۇشۇرغىلىمۇ بولمىغۇدەك.
مەن ئۇلارغا:« سىمىز ھەقىقەتەن دۇرۇس ئېيتتى. بىراق بىزنىڭ قولىمىزدا ھېچقانداق قۇرال بولمىسا، ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىكى خىشلارنى نىمە بىلەن چاقىمىز؟ شۇڭلاشقا بىز ئاۋال بىرەر مىتالغا چاغلىق قۇرال تېپىپ ئاندىن ھەركىتىمىزنى باشلىساق بولارمىكىن. يەنىلا تىزراق بولايلى، يەنە تۇرىۋىرىدىغان بولساق دېڭىز دولقۇنىنىڭ پەسىيىش ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ»دىدىم.
مەن ئېغىزىمدا مۇنداق دىگىنىم بىلەن بىرەر مىتال قۇرال تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشنمەيتتىم. چۈنكى بىز بۇ يەرگە كىرگەندىن بۇيان بىزگە ئۇچرىغىنى ساپلا ساپال قاچا بولىۋاتاتتى. بۇ ئىش تازا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى. بۇمۇ بەلكىم مۇشۇ قەبرە ئىگىسىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك.  ھازىرقى بىردىنبىر ئامال ئارقا تەرەپكى ئۆتۈپ ئىزدەپ بېقىش، ئەگەر ئۇ يەردىمۇ بولمىسا ئۇ چاغدا راستىنلا نەس باستى دىگەن گەپ.
سىمىز مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. « بۇنى مەن ئويلاپ قويدۇم. ھېلىقى ئۆينىڭ تۆت تەرىپىدە ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن مىس ئەينەك بار ئەمەسمۇ؟ بىز ئاشۇ ئەينەكلەرنىڭ پۇتىنى ئېلىپ ئاشۇنى قۇرال ئورنىدا ئىشلەتسەك بولىدۇ.»دىدى.
مەن سىمىزنىڭ ناھايتى ئىشەنت بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى. مەن ئۇنىڭغا:« ئۇنداقتا بوپتۇ، ئەمىسە بىز مۇشۇ بۇيىچە كىلىشتۇق، ئىشنى كىچىكتۈرمەيلى، تىزراق ھەركەتلىنەيلى. بىراق سۇنى دەپ قۇياي ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن سىنىڭ باشقا نەرسىلەرگە چېقىلىشىڭغا روخسەت يوق. بۇ يەردە ھەممە يەردە توزاق بار ئىكەن، كۆتۈلمىگەن ئىش يۈز بىرىپ ئەرزىمەس نەرسىلەر ئۈچۈن جېنىمىزنى سېلىپ بەرسەك بولمايدۇ. ۋاقىت دىگەن تېخى ئۇزۇن.»دىدىم.
سىمىز بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇي خىشلاردىن باشقا ھېچنىمىگە چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن ئۇنىڭ يەنە بايلىق خۇمارىنىڭ تۇتۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ گەپنى ئۇ بىزار بولۇپ ئاچچىقلانغانغا قەدەر بىرقانچە قېتىم جىكىلىدىم. مەن يەنە جاڭچىلىڭدىن ھېلىقى جاينىڭ كونكىرتنى قورۇلمىسىنى ئىنىق سورىغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئىشلار ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئۇلار بىلەن بىر قۇر سۆزلەشتىم. ئاۋال ھېلىقى كىرىش ئېغىزىنى تاپتۇق،  ئارقىدىن ئۈچىمىز بىر-بىرلەپ ھېلىقى ئۆيگە كىرىدىغان يولغا كىردۇق. سىمىز ئاۋال ماڭدى، ئارقىدىن بوتولكا ماڭدى، مەن ئەڭ ئاخىرىدا ماڭدىم. بىردەم مېڭىپلا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرىلىۋالدىم.
مەن بوتولكىنىڭ بايانلىرىدىن بۇ يول توغرىسىدا خېلى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدىم. دەسلەپ ماڭغىنىمىزدا ھېچنىمىنى ھىس قىلمىدىم، بىراق بارا-بارا بۇ يولنىڭ تۆت تەرپىدىكى تاملار يۇقاپ كەتكەندەك بولدى. مەن ئوتتۇرىدا ماڭغاچقا باشقا نەرسىدىن جىق قورقمىدىم، بىراق بۇ يەردىكى ئادەتتى تاشقىرى جىمجىتلىق مىنى بارا-بارا قورقۇتىۋاتاتتى. بىزنىڭ ماڭغاندىكى ئاياق تىۋىشىمىزدىن باشقا ئاۋاز يوق، خۇددى بىر غەلىتە مەخلۇق كەينىمىزدىن پالاقشىپ قوغلاپ كەلگەندەك ئادەمنى بىئارام قىلاتتى.  سىمىز بۇلارنى ھىس قىلمايتتى. بۇ يول سەل تار بولغاچقا ماڭغاندا قىينىلىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئاغرىنىپ:« ھۇ ئاناڭنى! بۇ يولنى زادى كىم ياسىغان بولغىيتتى؟! بۇ ئىنىق بىز سىمىزلەرنى تۆۋەن كۆرگەنلىك بولماي نىمە!؟ پەلەك ئوردىسىغا چىقىدىغان يول بۇنداق بولىدىغان بولسا ھېچكىمنىڭ ئۇ يەرگە چىققۇسى كەلمىگۈدەك!»دىدى.
مەن ئۇنىڭغا:« بۇنداق دىگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەرنى مۇشۇنداق لاھىيىلىشىدە مەلۇم سەۋەب بولىشى مۇمكىن، بەلكىم بوشلۇقنى تىجەش، قەبرە گەۋدىسىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغان بولىشى مۇمكىن، ئۇ سىمىزلەرنىڭ بۇ يەردىن ماڭىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان-دە»دىدىم.
سىمىز تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى، ئۇنىڭ سىمىز گەۋدىسى تامنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قېلىپ ماڭالمىغان ئىدى. «كىم سىنى پو ئاتسۇن دەپتۇ!؟ ئۆزۈڭنىڭ يۈزىگە كاچاتلا ئەمدى»- دىدىم مەن كۈلۈپ.
سىمىز ئالدى-كەينىگە مىدىرلاپ باققان بولسىمۇ ماڭالماي قالدى. ئۇ جىلە بولۇپ:« شىياۋۋۇ، سەن تۇلا مىنى زاڭلىق قىلما! باياتىندىن ناھايتى ياخشى مېڭىۋاتاتتىم، قانداقسىگە بىردەمدە بۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟» دىدى.
مەن تـۆت تەرەپكە قارىدىم ۋە :« بەلكىم بۇ يول بارغانسىرى تارلىشىپ بارسا كېرەك، سەن كەينىڭگە ئازراق يېنىپ باققىن »دىدىم ئۇنىڭغا.
سىمىز كۈچەپ كەينىگە قاراپ تارتىشقان بولسىمۇ يەنىلا مىدىرلىماي ئۆز ئورنىدا تۇراتتى. « ياق ئۇنداق ئەمەسكەن، بۇ يول راستلا تارلىشىپ قاپتۇ. نىمىدىگەن سىرلىق! شىياۋۋۇ قارىسام ئەھۋال چاتاقتەك تۇرىدۇ»دىدى-سىمىز.
بىز بۇ يەرگە كىرگەندىن باشلاپ بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ ئالدىغا مېڭىۋىرىپتۇق، تامغا راستلا دىققەت قىلماپتۇق. كاللامغا قانداقتۇر بىر غەلىتە خىياللار كىلىۋالدى. شۇ ئەسنادا ئىككى تەرەپتىكى تامنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى سەزدىم، خۇددى ئىككى تام بىرىكىپ كىتىدىغاندەكلا.
بوتولكىمۇ تامنى سىلاپ بېقىپ:« راست شۇنداقكەن، ۋاقىت قالمىدى، بىز دەرھال كەينىمىزگە يېنىپ چىقىپ كىتەيلى. بۇ يەردىن چىقىپ بولۇپ ئاندىن پىلان تۈزەيلى!»دىدى.
بۇ راستلا چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر تام راستلا بىرىكىپ قالىدىغان بولسا بىز ئۈچىمىز ئۈچ تال قۇتۇرماچقا ئوخشاپ قالاتتۇق. بوتولكا بىلەن ئىككىمىز كەينىمىزگە قاراپ يۈگۈردۇق. سىمىز بىزنىڭ تىز يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ بەدىنىنى كۈچەپ يانغا بۇرىدى، ۋە جىددىيلەشكەن ھالدا:« ساقلاپ تۇرۇڭلا، ساقلاپ تۇرۇڭلا، ھۇ ئاناڭنى! ئۈزۈڭلا بىلەنلا بولۇپ كەتمەڭلا!!!» دەپ ۋارقىرىدى.
مەن ئەزەلدىن بۇنداق تىز يۈگۈرۈپ باقمىغان ئىدىم، خۇددى پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشلەتكەندەك. مەن يۈگۈرۈپ چىقىش ئېغىزىغا كەلگىنىمدە ئىككى تەرەپتىكى تام خېلىلا بىر-بىرىگە يېقىنلاپ قالغان ئىدى، ھەتتا مەنمۇ بەدىنىمنى يانتۇ قىلىپ ئاران ئۆتەلىدىم. سىمىز ئۇدۇل ماڭالمىغاچقا بەدىنى يانتۇ قىلىپ يانچە ماېڭىۋاتاتتى. بوتولكا قولىنى سوزۇپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولدى، ئۇ تۇيۇقسىز ۋارقىراپ:« ھۇ ئاناڭنى! بىرسى ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى بۇزىۋېتىپتۇ!!!» دىدى.
بۇنى ئاڭلاپ سىمىزنىڭ چىرايى كۆكىرىپ كەتتى، « ھۇ ئىتنىڭ كۈچىكى!! نەس باسقان پەلەك ئوردىسى(ساماۋى ئوردا)!! تىزراق بىر ئامال تېپىڭلار!! بولمىسا بىز مۇشۇ يەردە تۈگىشىمىز»دىدى-ئۇ.
مەن جىددىيلىشىشكە باشلىدىم، ئىككى تەرەپتىكى تامنىڭ بارغانسىرى يېقىنلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆلگەندىنمۇ بەكرەك بىئارام بولىۋاتاتتىم. بىراق شۇ تاپتا يەنە نىمە ئامال بولسۇن!؟ بۇنداق ئەھۋالدا بىرەر مۆجىزە يۈز بىرىپ قالمىسا ھەرقانچە ئەۋلىيا بولسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. « يەنە نىمە ئامال بولسۇن!؟ ئالدىمىزغا يۈگىرەيلى، ئالدىمىزدا بىرەر كىرىش ئېغىزى بولۇپ قالمدۇ تېخى!« دىدىم-مەن.
بوتولكا مىنى تارتىپ:« ئۇ تەرەپكە بارغۇچە 10مىنۇتچە ۋاقىت كىتىدۇ، ئۈلگۈرەلمەيمىز، بىز ئۈستىگە قاراپ باقايلى !»دىدى.  شۇنداق دىگەچ ئىككى پۇتىنى ئىككى تەرەپتىكى تامغا تىرەپ تۇرۇپ ئۈستىگە ياماشتى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، قاپقاراڭغۇلۇقتىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. مەن بوتولكىنىڭ بۇ ئامالىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، بىراق بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا بۇ ئامالنىمۇ سىناپ باقماي بولمايتتى، ھەر ھالدا بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتكەندىن ياخشىراق. سىمىزگە ئۈستىگە يامىشىشنى ئېيتىپ مەنمۇ ياماشتىم.
بۇ يول تارلىشىپ قالغاچقا ئىككى پۇتىمىزنى ئىككى تەرەپكە تىرەپ تۇرۇپ يامىشىشقا بەك ماس كىلەتتى. بىز ئۈستىگە قاراپ ئون مېتىردەك ياماشتۇق. سىمىز ياماشقاچ:« يەنىلا ماۋۇ بۇرادەرنىڭ كاللىسى ئىشلەيدىكەن. ئىككى تامنىڭ ئارىسىدا قېلىپ پىرەنىكتەك مىجىلىپ ئۆلگەندىن كۆرە ئۈستىگە چىقىپ ئۆزىمىزنى تاشلاپ ئۆلسەك ياخشىراق!» دىدى.
مەن بۇلارنى ئويلىماپتىكەنمەن، سىمىزنىڭ دىگىنىمۇ توغرا، ئۈستىگە چىقىپ ئۇ يەردىن چۈشۈپ كىتىپ ئۆلسەك تامنىڭ ئارلىقىدا قېلىپ مىجىلىپ ئۆلگەندىن ياخشى ، تامنىڭ ئارلىقىدا قېلىپ مىجىلىپ ئۆلسەك نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق-ھە! سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىدىكى سۈڭەكلىرىڭىزنىڭ قاراس-قۇرۇس قىلىپ ئىزىلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىشىڭىز قانداق تۇيغۇدا بولىسىز!؟ مەن مىجىلىپ ئۆلگەندىن ئۈستىدىن چۈشۈپ كىتىپ ئۆلۈشكە رازى!    بۇ چاغدا بوتولكا ئۈستى تەرەپتە تۇرۇپ:« قالايمىقان خىيالنى ئاز قىلايلى! ھېلىقى تاۋۇتنىڭ ئاستىدىن تۈشۈك ئاچقىنىمىز ئىسىڭلاردا بارمۇ؟»دىدى.
«ئەلۋەتتە ئىسىمىزدە، بىراق ئۇ ئىشنىڭ بىز بىلەن نىمە ئالاقىسى بولسۇن؟»دىدى-سىمىز. شۇنداق دەپ بولۇپلا ئارقىدىن يەنە:« ھە، چۈشەندىم، سەن ئاخىرقى نەپسىمىز قالغۇچە ۋاز كەچمەيلى دىمەكچىمۇ؟»دەپ قويدى.
بۇنى ئاڭلاپ بوتولكا:« ياق ، قەبرە قازىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قەبرىنىڭ تاملىرى بىلەن ھەپىلىشدۇ، تامدىن تۈشۈك ئېچىپ قەبرە ئىچىگە كىرىدۇ، قىين ئەچۋالدا قالغاندا يەنە شۇ تامدىن تۈشۈك ئېچىپ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ.»دىدى.
مەن ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم،« سىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇڭ مۇشۇ تامنى تىشىپ...............»دىدىم مەن .
مەن بوتولكىنىڭ ئەقلىگە قول قويىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ نىمىشقا ئۈستىگە يامىشايلى دىگىنىنى ئەمدى چۈشەندىم. ئەسىلىدە بۇ قېلىن تامدىن تۈشۈك ئاچىمىز دىيىش بىراق قۇرۇق خىيال بولۇپ بىزنىڭ بىردىنبىر ئاچالايدىغان تۈشۈكىمىز دەل ئۈستى تەرەپتىكى تامدا بولىشى مۇمكىن.
شۇنداق پاراڭلاشقاچ بىز ئۈستىگە چىقىپ بولغان ئىدۇق. مەن ئۈستى تەرەپنى قولۇم بىلەن ئۇرۇپ باقتىم. ئەھۋال بىز مۆلچەرلىگەندەك ئىدى. ئۈستىدىكى خىشلەرنىڭ ھەممىسى ئىچى كاۋاك خىشلار ئىدى. ئەگەر قۇرال بولسىلا تۈشۈك ئېچىش ئانچە تەس ئەمەس. بىراق مەن تۆت ئەتراپكقا قارىدىم، ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ.
«بۇرادەر، سەن بۇ يولنى خېلى ئۇزۇن دەۋاتاتتىڭ، ئەگەر بىز ئىزدەۋاتقان كىرىش ئېغىزى يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولسىچۇ؟»دىدى.
« ئىنقكى بۇ يەرگە بىزدىن بۇرۇن كىرگەنلەرمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان ، نىمىلا بولمىسۇن ئۇلار بۇ يەردىن چىقىپ كىتەلىگەن ئىكەن  ئۇلار چىقىپ كەتكەن چىقىش ئېغىزى مۇشۇ يېقىن ئەتراپتا. »دىدى-بوتولكا.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سىمىز ئىككىلىمىز قايىل بولدۇق. بىز تام بىلەن تۇرۇس ئارلىقىدا سىلاشتۇرۇپ ئىزدەشكە باشلىدۇق. بوتولكا بىلەن مىنىڭ بەدىنىمىز ۋىجىكرەك بولغاچقا تام ئۈستى بىلەن بىزنىڭ بەدىنىمىز ئارلىقىدا بىر مۇش پاتقۇدەك جاي بار ئىدى. بىراق سىمىزگە تەس بولىۋاتاتتى، ئۇ پەقەت قۇرسىقىنى ئىچىگە تارتسىلا ئاندىن ھەركەت قىلالايتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ « سەن خاتىرجەم بولساڭ بولغۇدەك سىنىڭ ھەممە يىرىڭ گۆش تامغا ئۇرۇلۇپ كەتسەڭمۇ ئاسانلىقچە يارلانمايسەن»دىدىم. ئۇ ئاچچىقلاپ:« قۇرۇق گەپنى ئاز قىل!» دىدى.
بىز ئەڭ چەتتىن باشلاپ ئىچىگە قاراپ ئون نەچچە مىتىرچە ئۆمىلەپ ئىزدىدۇق. بىراق ھېچنىمە بايقىمىدۇق، شۇ تاپتا نۇرغۇن جىسمانىي كۈچىمىز خۇراپ بولغان ئىدى. پۇتۇم بارغانسىرى بۇشىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئەگەر مۇشۇنداق ئىزدەپ تاپالمىساق، سىمىزنىڭ دىگىنىدەك ئۇ كىرىش ئېغىزى باشقا بىر تەرەپتە بولسا ئۇ چاغدا مۇشۇ ھالىم بىلەن ھېرىپ ئۆلىدىغاندەك قىلاتتىم. ئەگەر مۇشۇنداق ئۆلىدىغانلىقىمنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام دېڭىز مايمۇنىغا يەم بولۇپ ، ياكى تىرىك مۇردىغا يەم بولۇپ ئۆلگەن بولسام بۇنىڭدىن ياخشىراق بولاركەن.
بۇ ۋاقىتتا ئالدى تەرىپىمدىكى بوتولكا قولچىرىقىنى ماڭا قاراتتى، ئۇ بىزنى بۇ ياققا كىلىڭلار دەۋاتاتتى. سىمىز بىلەن ئىككىمىز چىقىش ئېغىزى تېپىلغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدۇق. خۇشاللانغان ھالدا ئۇ تەرەپكە باردۇق. بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىدۇق. بىز ئىختىيارسىز ھاڭ-تاڭ قالدۇق. ئۈستىدىكى خىشنىڭ ئۈستىدە قان بىلەن يېزىلغان خەت تۇراتتى. خەتتە« ۋۇ سەنشىڭ(كەنجى تاغا)ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى، ھېچقانداق چىكىنىش يولى قالمىدى، ناھەق ئۆلۈپ كەتتىم، ھەممەيلەنگە ساۋاق بولسۇن!_ شىيە لىيەنخۇەن»دەپ يېزىلغان ئىدى.
مەن بۇنى كۆرۈپ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى. بۇ يا پالۋانلارنىڭ رومانلىرى بولمىسا ، بۇ زادى نىمە دىگەن گەپ؟ ئۇ ئادەم زادى كىم؟ ئۇ نىمىشقا ماڭا كەنجى تاغام زىيانكەشلىك قىلدى دەيدۇ؟
« بۇ جىېلىيەنخۇەن دىگىنى ئارخلوگلار ئەتىرىتىگە باش بولغان ئادەم ، قولىدا يىلان قاشلىق مىس بېلىقنى سىقىملاپ تۇرۇپ مارجان خادا تاشلىرى بار ھېلىقى جايدا ئۆلۈپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم شۇ»دىدى-بوتولكا.
مەن ئاھ ئۇردۇم، بېشىم يەنە قالايمىقانلىشىپ كەتتى.  بوتولكا مىنى بىر تەرەپكە ئىتتىرىپ « ئۇ ئادەم بۇ يەرگە خەت يېزىپ قويغان ئىكەن كىرىش ئېغىزى مۇشۇ يېقىن يەردىلا دىگەن گەپ، ھازىر ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدغانغا ۋاقىت يوق، بىز تىز ئالدىغا ماڭايلى !»دىدى.
مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياماشقاچ جىيې لىيەنخۇەن دىگەن بۇ ئىسىم ماڭا نازايتى تۇنۇشتەك بىلىندى. تۇيۇقسىز بوۋامنىڭ ئۇنى تىلغا ئالغانلىقى يادىمغا يەتتى.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى