رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك38-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك38-باب

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 1127 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كۆز ئالدىمدا قول يەتمەيدىغان يەردىلا  تاتىرىپ كەتكەن بىر ئادەمنىڭ چىرايى كۆرۈندى. ئۇنىڭ يۈز تىرىلىرى دېڭىز يۈزىگە قانچە ئۇزۇن ۋاقىت چىلىنىپ تۇرغىنى نامەلۇم، تىرىلىرى پاختىلىشىپ كەتكەن، ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرىدىغان بىر جۈپ كۆزىنىڭ كۆز ئېقى يوق يوق، خۇددى كۆزى ئۇيىۋېلىنغان جەسەتتەك كۆرىنەتتى.

 شۇ تاپتا قورققىنىمدىن ئېلىشىپ قالايلا دەپ قېلىۋاتاتتىم. مەن قاتتىق ۋارقىراپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنى ئىتتىرىشكە باشلىدىم. جېنىمنىڭ بارىچە ئالدىغا ئۆمىلىدىم. شۇ تاپتا كاللامدا «قېچىش»دىگەن بىر ئۇقۇملا بار ئىدى.  بۇ تار يولدىن ئىككى ئادەم ئۆتەلمەيتتى. بوتولكا بىلەن ئىككىمىز تار يولدا قىسىلىپ قالدۇق، مەن مىدىرلىيالماي قالدىم، مەن بوتولكىنى سىلكىشلەپ تۇرۇپ:« ئالۋاستى! سۇ ئالۋاستىسى باركەن!» دەپ قاتتىق ۋارقىرىدىم.  بوتولكا قولى بىلەن ئېغىزىمنى تۇتىۋېلىپ پەس ئاۋازدا:« ۋارقىرىما! سۇ ئالۋاستىسى نەدىكەن؟» دەپ سورىدى.

مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئالاقزادە بولغان ھالدا ئارقا تەرەپنى كۆرسەتتىم. « ئالۋاستى ئەنە، ئالۋاستى..........» گەپنىڭ يېرىمىنى دەپ بۇلا-بولمايلا ھاڭۋېقىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە ھېچنىمە يوق ئىدى. ھېلىقى ئادەم يۈزى، ھېلىقى چاچ، ھەتتا ئازراق سۇ سىرغىپ چۈشكەن ئەھۋالمۇ يوق. شۇ تاپتا قولۇم سىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. سىمىز ماڭا ئالىيىپ:« ھۇ ئاناڭنى! ئالۋاستى سەن ئۆزۈڭ!»دىدى.

 مەن نىمە قىلىشنى، نىمە دىيىشنى بىلەلمەيلا قالدىم. ئارقىدىن ئىسىمنى يىغىپ ئۇياق-بۇياقنى ئىزدەشكە باشلىدىم. راستىنلا ھېچنىمە يوق. بىراق بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس، بايىقىسى راست بولغان ئىشلار تۇرسا، بۇنىڭ بىر خىيالى تۇيغۇ بولىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئەجىبا بۇ قەدىمىي قەبرىدە يۈرىۋىرىپ مىنىڭ نىرۋامدىن مەسىلە چىقىشقا باشلىغانمىدۇ؟    يۈرىكىم ئەنسىز سوقماقتا، كاللامدا چىگىش خىياللار، شۇ تاپتا مەن بۇ ئىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەيلا قېلىۋاتاتتىم.

 سىمىز مىنىڭ چىرايىمنىڭ كۆكىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ماڭا تەسەللىي بەردى، ۋە:« بولدى، ئۆزۈڭنى بېسىۋال، نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاستا-ئاستا سۆزلە»دىدى.

 مەن كىكەچلىگەن ھالدا بايام ناھايتى نۇرغۇن چاچنى، يالىڭاچ تەنلىك ئايالنى كۆرگەنلىكىمنى، ئۇنىڭ مىنى سۆيمەكچى بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ دەل سۇ ئالۋاستىسى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئارقىدىن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدىم. سىمىز مىنىڭ بۇ ھالىمغا سەۋر قىلالماي:« شىياۋۋۇ، سەن چۈش كۆرمەيۋاتقانسەن؟ نەدىكى سۇ ئالۋاستىسىكەن ئۇ؟ ئەگەر شۇنداق دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ سىنىڭ يېنىڭغا بارغۇچە مىنىڭ ئۈستۈمدىن ئۆمىلەپ ئۆتىشى كېرەكقۇ، لېكىن مەن ھېچنىمىنى سەزمىگەن تۇرسام»دىدى. ئۇ يەنە مۈرەمگە ئۇرۇپ قويۇپ :« سەن ئەمدىلا يىگىرمە نەچچە ياشقا كىرگەن ئەركەك، سىنىڭ چۈشۈڭدە يالىڭاچ ئاياللارنى كۆرىشىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. مەنمۇ سەندەك ۋاقتىمدا پات-پات شۇنداق چۈش كۆرەتتىم، بۇ دىگەن نورمال ئەھۋال»دىدى.

 مەن ئاچچىقىمدا:«ھۇ  پور كۆتەك! تۇلا مىنىڭ چىشىمغا تەگمە، كىسىپ ئېيتىمەنكى ئۇ ھەرگىز چۈش ئەمەس!»دىدىم. شۇنداق دىگىنىمچە بوينۇمنى ئېچىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپ:« ئىشەنمىسەڭ تۇتۇپ كۆر، بايا ئۇ ئالۋاستى ھۆل قوللىرى بىلەن بوينۇمنى سىلىغان»دىدىم.  سىمىز بىلەن بوتولكا ھەر ئىككىلىسى سىلاپ كۆرۈپ بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى. بوتولكا تۇرۇسقا قاراشقا باشلىدى. ئۇ تۇرۇستى سۇ تامچىلاپ بوينۇمنى ھۆل قىلىۋەتكەن دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي. مەن ئۇنىڭغا:« بۇ قەبرىنىڭ تاملىرى ناھايتى پۇختا، سۇ تامچىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس»دىدىم.

 سىمىز ئەجەبلەنگەن ھالدا:« بۇ بىر ئادەم ئاران-ئاران پاتىدىغان تار يولدا بىرەر نەرسە سىنىڭ ئۈستۈڭگە ياماشسا مىنىڭ سەزمەسلىكىم مۇمكىنمۇ؟»دىدى.

 «سەن ئۇخلاپ قالغان ئوخشايسەن، شۇڭا سەزمىگەن بولىشىڭ مۇمكىن»دىدىم-مەن سىمىزگە.

 سىمىز ئاچچىقلىنىپ:« سەن مىنى نىمە چاغلاپ قالدىڭ؟ مەن بىرەر نەرسە ئۈستۈمدىن ئۆمىلەپ ئۆتسە سەزمىگۈدەك دەرىجىدە ھاڭۋاقتى ئەمەس! يەنە كىلىپ بۇنداق يەردە ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئۇيقۇسى كەلسۇن؟ ئىشەنمىسەڭ قاراپ باقە ئۈستۈمدە ئاياق ئىزى بارمىكىن»دىدى، شۇنداق دىگىنىچە ئۆرۈلۈپ دۈمبىسىنى كۆرسەتتى.

 بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ كۆڭلۈم ئازراق ئارامىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قارىدىم. قارىدىميۇ يۈرىگىم قارتتىدە قىلىپ كەتتى. كىم بىلسۇن، ھېلىقى نەرسە دەل سىمىزنىڭ دۈمبىسىگە چاپلىشىپ تۇراتتى. ئۇ بۇرۇلغىنىدا ھېلىقى نەرسىنىڭ ئېغىزى بۇرنۇمنىڭ ئۇچىغا تەگدى. مەن قورققىنىمدىن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك كەينىمگە قاچتىم. بىراق ئىككى قەدەم ماڭا-ماڭمايلا پۇتۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇنغاندەك بولدى. قارىسام پاقالچىقىمغا بىر مۇنچە چاچ يۆگىشىپ قاپتۇ. مەن ئۇنى تارتىپ ئاجراتماقچى بولدۇم، بىراق ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىدىم. ئارقىدىنلا كۆپ مىقداردىكى چاچ مىنىڭ ئۈستى-بېشىمغا قاراپ يۆگىشىشكە باشلىدى. بۇ چاچلار ئاستا-ئاستا مىنىڭ ئېغىزىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىشكە تەمشەلدى. مەن بۇرۇندىنلا بىرەر نەرسە يىگىنىمدە ئېغىزىمدا قىل ياكى چاچ دىگەندەك نەرسىلەر بولۇپ قالسا بەكلا سەسكىنىپ كىتەتتىم. شۇڭلاشقىمۇ بار كۈچۈم بىلەن قولۇمدا ئېغىزىمنى چىڭ تۇتىۋالدىم. بۇ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە بوتولكا مىنىڭ ياقامدىن تۇتۇپ سىلكىشلەپ تارتتى. كىم بىلسۇن ئۇنىڭ قولىمۇ چاچلار ئارىسىدا قېلىپ قولىنى مىدىرلىتالمىدى. بۇرۇلۇپ قارىسام سىمىز چاچلار ئارىسىدا قېلىپ تۇڭغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى، ئۇ توختىماي تولغىنىۋاتاتتى.  ھېلىقى بەتبەشرە چىراي كۆرۈنمىدى. ئەتراپ ھەممىسى چاچ.

 بوتولكا كۈچەپ قولىنى چاچلار ئارىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ مەندىن:« سەرەڭگە ياكى چاقماق دىگەندەك نەرسە بارمۇ؟ بۇ نەرسە ئوتتى قورقىدۇ!»دىدى.  مەن بىلىمدىكى سومكىنى سىلاشتۇرۇپ بىر تال چاقماقنى ئالدىم.   بۇ چاقماق ئەينى چاغدا كىمىدە بېلىق شورپىسى يىگەن چېغىمىزدا كاپىتان مىنى چىراقنى ياندۇرۋېتىشكە بۇيرۇغاندا بەرگەن چاقماق شۇ ئىدى. مەن چىراقنى ياندۇرۇپ بولۇپ ئۇنى ئۇدۇللا سومكامغا سالغان ئىدىم. بۇ نەرسىنىڭ بۇ يەردە جاننى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.

 مەن ئالدىراش ھالدا چاقماقنى ياندۇرۇپ بەدىنىمدىكى چاچقا ئوت ياقتىم. چاچلار گەرچە نەم بولسىمۇ بىراق ھەر قېتىم ئوت ياققاندا بىر سىقىم چاچ كۆيۈپ كىتەتتى. مەن بىردەمدىلا ئۇ مەرەزدىن قۇتۇلدۇم. ئالدىراش سىمىز تەرەپكە ئېتىلدىم. تۇيۇقسىز يېنىمدىكى چاچلار دۈۋىسى ئىچىدىن بىر ئادەمنىڭ چىرايى كۆرۈندى، تاس-تاس قالدى مىنىڭ دۈمبەمگە يامىشىپ چىققىلى.

 مەن ئۇنى كۆرۈپلا يۇشۇرنۇپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ بېشىمنى پەس قېلىپ پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ مۇش ئاتتىم. بۇ مۇش راستلا كارغا كەلدى. پالاق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا ھېلىقى نەرسىنىڭ بۇرنى ماخچىيىپ كەتتى، ئارقىدىنلا قاپقارا سۇ چىقىپ كەتتى. قولۇمدىكى چاقماق تېخى ئۆچمىگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا يەنە بىر مۇش ئاتماقچى بولۇپ قولۇمنى كەينىمگە تارتىشىمغا ھېلىقى نەرسە بىر مىدىرلاپلا ئارقىسىغا ياندى.

 مەن بۇلارنى كۆرۈپ«بۇ بولىدىغان ئامالكەنغۇ، بۇ ئالۋاستى مۇشتىن قورقىدىكەن»دىگەنلەرنى ئويلىدىم. بىردىنلا روھلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر قەپەس تۇتۇشماقچى بولدۇم.

 ھېلىقى چىراي چاچلار ئارىسىغا يۇشۇرنىۋالغان بولۇپ ناھايتى بىچارە كۆرىنەتتى. ئۇ ئوتنى كۆرۈپ ئەمدى بىز تەرەپكى كىلىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا بوتولكا نەلەردىندۇ بىر تۇتام قەغەزنى تېپىپ كىلىپ چاقماققا تۇتۇپ ئوتلىغاندىن كېيىن ئالۋاستى تەرەپكە يېقىنلاشتى. ئۇ مەخلۇق بۇ ئوتنى كۆرۈپ چىقىرىغىنىچە ئارقىغا قېچىشقا باشلىدى. سىمىزمۇ چاچلار دۈۋىسىدىن ئازات بولدى. بوتولكا بۇ پۇرسەتتە سىمىزنىڭ بەدىنىدىن بۇشاشقا باشلىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇتام چاچنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

 بوتولكا ھېلىقى نەرسىنى قىستاپ خېلى بىر يەرلەرگىچە قوغلىۋەتكەندىن كېينلا بولدى قىلدى. ئۇنىڭ قولىدىكى قەغەز كۆيۈپ بولاي دەپ قالغان ئىدى. مەن سىمىزگە قارىدىم. ئۇنىڭ بۇرنى ۋە ئېغىزىدا چاچ تۇراتتى، چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. مەن يۈگىرەپ بېرىپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە قاتتىق بىرنى مۇشتلىدىم، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن بىر تۇتام چاچ ئېتىلىپ چىقتى، توختىماي يۆتىلىپ كەتتى.مەن ئۇھ تارتتىم. سىمىزنىڭ ئۆپكە سىغىمى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن، ھېلىمۇ تەلىيىمىز باركەن،  ئەگەر بۇ چاچلار ئۆزى چىقىپ كىتىپ نەپەس ئالمىغان بولسا ئۇنى سۈنئى نەپەسلەندۈرۈشكە توغرا كىلىپ قالغان بولسا قانداقمۇ قىلاردۇق؟ دىگەن خىياللار كەچتى كاللامدىن.

 سىمىز ھاسىراپ كەتتى، يۆتىلىپ بۇرنى، ئېغىزىدىكى چاچلارنى چىقىرىشقا باشلىدى. «ۋاي ئانىمەي! ئۇ زادى قانداق نەرسە؟»دەپ سورىدى-ئۇ.

 مەن قولۇمدا تېخىچە يېنىقلىق تۇرغان چاقماقنى ئۆچۈردۈم. ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا چاقماق يېنىۋىرىپ قولۇمنى كۆيدۈرگەن ئىدى. بوتولكىمۇ مەندىن قېلىشمايتتى. ئۇ قوللىرىنى سىلكىشلىگىنىچە:« ئۇ جادۇگەر ئايال ئالۋاستى!»دىدى.

 مەن تاغدىكى بەزى چوڭلارنىڭ بۇ نەرسە توغرىلۇق ئېيتىپ بەرگەن رىۋايەتلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بىراق ئىشەنمەيتتىم. «راستلا جادۇگەر ئايال ئالۋاستى دىگەن نەرسە مەۋجۇتمۇ؟»دەپ سورىدىم-مەن.

 بوتولكا بېشىنى لىڭشىتىپ:«مەنمۇ بۇ نەرسىنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بىراق بۇ توغرىسىدا رىۋايەتلەر ناھايتىمۇ كۆپ، ھەممىسىنى خاتا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ»دىدى.

 مەن ناھايتى غەلىتىلىك ھىس قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭدىن تەپسىلى ئەھۋالنى سورىدىم، ئۇمۇ بېشىنى چايقىدى. پەقەتلا:« بۇ ئالۋاستى سۇ ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، كۆپىيىدۇ. مەن پەقەت ئۇنىڭ ئوتتىن قورقىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرەلەيمەن، باشقا تەرەپلىرى ماڭا نامەلۇم. خۇددى تىرىك مۇردىغان ئوخشاش، بىز تىرىك مۇردىنىڭ قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىمىزغۇ؟ بىراق ئۇنىڭ نىمىشقا شۇ نەرسىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم بولمىغىنىدەك. بىراق مىنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتقىنى بۇ نەرسىدە يەنە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى باركەن، بىز چۇقۇم قاتتىق پەخەس بولىشىمىز كېرەك. ئۇ نەرسە بىزنىڭ كەينىمىزگە يۇشۇرىنىۋالغان بولىشى مۇمكىن»دىدى.

 سىمىز:« بۇ قەبرىنىڭ قەبرە ئورنى ناھايتى ياخشى تاللانغان دەپ ئويلىغان ئىدۇق، شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا بۇ يەردە شۇنچە كۆپ غەلىتە نەرسىلەر يۇلۇقىدۇ؟»دىدى.

 بۇنى مەنمۇ ئىنىق جەزىملەشتۈرەلمەي قېلىۋاتاتتىم.   بىردىنلا ئىلگىرى جادۇگەر ئايال ئالۋاستى توغرىسىدا كۆرگەن ماتىرياللىرىم ئىسىمگە كەلدى. بۇ نەرسە تاغدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە سىھىر ۋە ئاجايىپ-غارايىباتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىراق دېڭىز ياقىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەردە جاھاندىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك ئالۋاستى دەپ قارىلىدۇ. نىمىشقا بۇنداق پەرق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم. ئادەتتە دېڭىز ياقىسىدىكىلەرنىڭ دىيىشىچە بۇ نەرسىنى باشقىلار تۇتىۋالسا پۇت-قولىنى كىسىپ تاشلاپ تىرىك پېتى يەرگە كۆمىۋېتىدۇ.  يەنە بەزى رىۋايەتلەردە دىيىلىشىچە بۇ نەرسە ھامىلدار ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھامىلدار ئاياللارنى قەبرە ئىگىسىگە ھەمراھ  بولىدۇ دەپ تىرىك پېتى دەپنە قىلغاندا پەيدا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. يەنە كەنجى تاغامنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا دىگەن بەزى گەپلىرىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ.

 مەن شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقىنىمدا، بوتولكا سەل تۇرۇپ ھېلىقى نەرسىنىڭ يەنە كىلىشىدىن ئەنسىرەپ بىزگە تىز ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەشكە شەرەت قىلدى. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىدىن ئاڭلانغان ئاۋاز ئەمدى ئاڭلانمىدى. بۇ ئاۋازنىڭ نىمىنىڭ ئاۋازى ئەكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. بىز باياتىندىن بىرى بۇ يەردە ھېلىقى ئالۋاستى بىلەن بىر قەپەس تۇتۇشتۇق، بەلكىم ئۇ نەرسە بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ قالغان بولىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال بىز ئۈچۈن خەتەرلىك. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇشقا بولمايتتى.

 مەن سىمىزگە قارىدىم ئۇنىڭ ھالىمۇ ياخشىلانغان ئىدى. قارىغاندا ئۇمۇ بۇ يەردە تۇرۇشنى خالىمىدى بولغاي بىزدىن بەكرەك مېڭىشقا ئالدىرىدى. سىمىز قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ بېلىگە ئېسىپ  قويدى، بۇنداق بولغاندا كەينىدە ماڭغانلارمۇ ھەرۋاقىت ئەتراپنى كۆزۈتۈپ ماڭغىلى بولاتتى. مەنمۇ چاقماقنى قولۇمدا چىڭ سىقىملىغىنىمچە ئالدىغا ماڭدىم.

 بىز يەنە ئالدىغا قاراپ بىر ھازا ئۆمىلىدۇق. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ يۈنىلىشى  بىردىنلا «» خېتى شەكىلدە ئۈستىگە قاراپ ئۆزگەردى. مەن يانغا قارىدىم، بۇ ئۆڭكۈر ئەسلىدە قېزىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قەبرە تېمىغا تاقاشقان ئىدى، مۆلچەرىمچە ئۈستى دەل دېڭىز سۈيى بولىشى مۇمكىن. بۇ يەرنى كولىغاندا كولاش يۈنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ چىقىش يولى ئىزدىگەندەك قىلاتتى. قارىغاندا بۇ جىيېلىيەنخۇەنمۇ بىزگە ئوخشاش قەبرىنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ كىتىشنى ئويلىغان.

 بىز بۇ تار ئۆڭكۈرگە كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى، قارىغاندا بۇ قەبرىنىڭ ئومۇمىي دائىرى ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس، ئىنىق قىلىپ ئېيتقاندا بۇ قەبرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس، مەسىلە ئۇنىڭ ئىگىزلىكىدە. مەن كۆڭلۈمدە بۇ قەبرىنىڭ ئىگىزلىكىنى 30مېتىر ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلدىم. ئۇنداق بولغاندا ھەر 3 مېتىرنى بىر قەۋەت دەپ ھېسابلىساق، 10 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىگىزلىكى بىلەن ئوخشاش دىگەن گەپ.

 ھازىر كەينىمىزگە قايتايلى دىسەكمۇ ئامال يوق ئىدى. بىز يەنە داۋاملىق ئۈستىگە قاراپ ئۆمىلدۇق. تەخمىنەن بىرتال تاماكىنى چىكىپ بولغۇچىلىك ۋاقىت ياماشقاندىن كېيىن بوتولكا مىدىرلىمىدى. مەن ئۇنى ئىتتىردىم، ئۇ پەس ئاۋازدا:« يول تۈگىدى!»دىدى.

 مەن گاڭگىراپلا قالدىم. بۇنداق بولىشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئالدىراش ئۆمىلەپ بېرىپ ئالدىغا قارىدىم، دەرۋەقە ئالدىمىزدا يول قالمىغان ئىدى. ئالدى تەرەپ چوڭ كۆك رەڭلىك تاش بىلەن تۇسۇپ قويۇلغان ئىدى. مەن كۈچەپ ئىتتىرىپ باقتىم، بۇ تاش ناھايتى ئېغىر ئىدى، بىراق ئۇنى بىرنىمە قىلىپ مىدىرلىتالىساقلا يول ئېچىلىدىغاندەك قىلاتتى. مەن ۋە بوتولكا ئىككىمىز بىرلىكتە كۈچەپ ئۈستىگە كۆتۈردۇق، تاش ئازراق ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ كىچىككىنە يۇچۇق كۆرۈندى. يۇچۇقتىن ئۈستىدىكى قەبرە ئۆيىدىن يۇرۇقلۇق كۆرۈندى. بىز ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمىزدا قولىمىز بۇشىشىپ كەتتى، ئارقىدىنلا ھېلىقى تاش غايىپ بولدى.






جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى