رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك32-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك32-باب

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 1224 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھېلىقى غايەت زور ئادەم كۆلەڭگىسىنىڭ ئىگىزلىكى تاش ئابىدىنىڭ ئىگىزلىكىچىلىك كىلەتتى. بېشى ۋە بوينى بارلىقىنى غۇۋا پەرق قىلغىلى بولاتتى. بۇ ئىنىقكى ئادەمدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ ئىگىلىپ تۇرغان ھالىتى ئادەمگە ناھايتى قورقۇنۇچلۇق تۇيغۇ بىرەتتى، كۆرگەن ئادەم ئىختىيارسىز تىتىرەك بېسىپ كىتەتتى.
 ۋېنلىڭ تەرلەشكە باشلىدى. ئۇلار بىر سەپ بولۇپ تاش پەلەمپەي بىلەن كۆلنىڭ تىگى تۇتىشىدىغان جايدا تۇراتتى. ھېلىقى غايەت زور ئادەم كۆلەڭگىسى بىلەن بولغان ئارلىقى يېقىنمۇ ئەمەس، يىراقمۇ ئەمەس ئىدى. كۆلنىڭ ئىچىدىن توختىماي قۇيۇق تۇمان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىۋاتقاچقا بىر نەچچە ئادەمنىڭ قولىدىكى قولچىرىقىنىڭ يۇرىقىدا كۆل ئىچىدىكى بۇ مەخلۇقنىڭ ئادەم ياكى ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى ئىنىق پەرق قىلغىلى بولمايتتى. ھېلىلا ھەممەيلەن كۆل ئىچىدە پەقەت تۆت دانە تاش مايمۇن ۋە ھېچقانداق خەت يېزىلمىغان تاش ئابىدىدىن باشقا نەرسە يوق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن تۇرسا، بۇ غايەت زور چوڭلۇقتىكى«ئادەم»زادى قاچانلاردا بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالغاندۇ-ھە؟    بۇنى ھېچكىم سەزمىگەن ئىدى.
 يەنە كىلىپ بۇ ئۆلگۈر جاڭچىلىڭمۇ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالغان ئىدى. ئۇ ئاۋالقىدەكلا تاش ئابىدىگە قاراپ خىيالغا چۆمگەن ئىدى. ئۇنىڭ زادى نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى.  شۇ تاپتا ۋېنجىيەن ئاچچىقتىن يېرىلاي دەۋاتسىمۇ، جاڭچىلىڭغا چېچىلغۇسى بولسىمۇ يەنىلا چىشىنى چىشلەپ تۇرىۋاتاتتى. ئۇ پەقەت كەينىدە تۇرغان باشقا ئادەملەرگە مىدىرلىماسلىقنى ئىشارە قىلدى.
 تەخمىنەن بەش-ئالتە مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، ھېلىقى ئادەم كۆلەڭگىسى ئاۋالقىدەكلا مىدىر-سىدىر قىلماي تۇراتتى.
 بۇ ۋاقىتتا خولىڭ چىداپ تۇرالماي پەس ئاۋازدا:« ھەي، شىياۋجاڭ، سەن ئۇ يەردە نىمىگە ساراڭدەك ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن؟ تىزدىن بىز تەرەپكە قايتىپ كەل!»دىدى.
 ۋېنجىيەن قورققىنىدىن ئالدىراشلىق بىلەن خولىڭنى گەپ قىلىشتىن توسىدى.    جاڭچىلىڭ بىلەن ھېلىقى مەخلۇقنىڭ ئارلىقى ناھايتى يېقىن بولۇپ، ناۋادا ئۇ نەرسىنى چۈچۈتۈپ قويساق بۇنداق يېقىن ئارلىقتا ئۆزىمىزنى ئېلىپ قېچىشمۇ تەسكە چۈشەتتى. ئەڭ ياخشى ئامال ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ جىم تۇرۇش ئىدى.
 ۋېنجىيەن ئەھۋالنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدى.   گەرچە قەدىمى قەبرە ئىچىدە قورقۇنۇچلۇق ئىشلار كۆپ بولسىمۇ، بىراق سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداق نەرسىگە يولۇقۇپ قالغانلىقىڭنى ئىنىق بىلەلىسەڭلا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىلى بولاتتى. ئۇنداق بولماي ئالاقزادە بولۇپ كەتسەڭ، ئۇ ھالدا ھالىڭ خەتەرلىك بولاتتى.
 ۋېنجىيەن _ بۇ يەردە تىرىك مۇردا بولىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇ قەبرە ئورنى ناھايتى ياخشى تاللانغان، شىشا تاقىم ئاراللىرى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئادەملەرنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئەڭ ئاز ئۇچرىغان. ئارالدىكى چۇقچىيىپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان چۇقىلار دېڭىز ئاستىدا بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ گىرەلىشىپ سۇ ئاستى ئەجدىرھاسىنى شەكىللەندۈرگەن. سۇ ئاستى ئەجدىرھاسى سۇدىن ئۇچۇپ چىقىپ پەلەككە كۆتۈرۈلۈپ ئاخىرىدا پەلەك ئەجدىرھاسى بولىدۇ.   يەنە بىر جەھەتتىن يەر شارائىتى ئىلمىدىمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ يەر دەل كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. بۇنداق جايدا تىرىك مۇردا بولىشى مۇمكىن ئەمەس........... دىگەنلەرنى خيالىدىن ئۆتكۈزدى.  ئۇ شۇلارنى ئويلاۋېتىپ تۇيۇقسىز:«  ئۇ مەخلۇق تىرىك مۇردا بولمىسا، ئۇنداقتا چۇقۇم ئادەم ياكى بىرخىل ھايۋان بولىشى مۇمكىن! ئەگەر شۇنداق بولۇپلا قالسا بىز بۇنچە كۆپ ئادەم ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تېتىيالايمىز! » دىدى.
 بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى:« مىنىڭچە بولغاندا ئاۋۇ تاش مايمۇننىڭ ئۈستىدە بىرەر نەرسە قويۇپ قۇيىشى مۇمكىن ئەمەس!»دىدى.
 ۋېنجىيەننىڭ كۆز ئالدى يۇرىغاندەك بولدى. ئۇ تويۇقسىز:« ئۇ كەنجى تاغا بولۇپ قالمىسۇن يەنە!؟ ئۇ ھۇشىغا كەلگەن بولسا بىزنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كىرگەن بولمىسۇن يەنە! بۇ قېرى تۈلكە بىزنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمىغىنىمىزغا ئاچچىقى كىلىپ بىزنى تازا بىر قورقۇتۇش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلىۋاتقان بولمىسۇن يەنە!؟» دىگەنلەرنى ئويلىدى.
 ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ بەك ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولىدۇ. ۋېنجىيەن شۇلارنى ئويلاپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:« ۋۇسەنشىڭ! ئەمدى ئويۇنىڭنى يىغۇشتۇر! تىز بۇياققا چۈش!!!» دەپ توۋلىدى.
 ئەگەر ئۇ راستىنلا كەنجى تاغا بولۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئاشكارلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ قايتىپ چۈشەتتى. ئۇنىڭ مىجەزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنداق ئىشلارنى قاقاھلاپ كۈلۈپ قۇيۇپلا ئۆتكۈزىۋىتەتتى.
 كىم بىلسۇن ۋېنجىننىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭلا ھېلىقى كۆلەڭگە قولىنى سوزدى. قارىغاندا ئۇ باشقىلارنى گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
 ۋېنجىن ئۇ ئادەمنىڭ قولىنى سوزغانلىقىنى قول شەكلى، بەدەن قۇرۇلىشى، بوي ئىگىزلىكى قاتارلىقلارنىڭ كەنجى تاغا بىلەن ھېچ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاچچىقىدا يەرگە قاتتىق بىرنى دەسسىدى  ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ ھېلىقى تاش مايمۇننىڭ بېشى ئۈستىگە چىقىپ كەنجى تاغىنىڭ قولىقىنى راسا سوزدى.
 بۇ ئۇنىڭ كەنجى تاغىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئامالى ئىدى. چۈنكى ئۇلار قەتئى ئۇرۇشماسلىققا  دىيىشكەن، پەقەت ۋېنجىيەن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە كەنجى تاغىنىڭ قولىقىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويسا بولاتتى. ئادەتتە مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ قالسا كەنجى تاغا قاپلاندەك يۈرىكى بولسىمۇ ھەددىدىن ئاشالمايتتى.
 كىممۇ بىلسۇن ۋېنجىيەن تاش مايمۇننىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ قولىنى ئۇنىڭ قولىقىغا ئاپىراي دەپ بولغىچە، ھېلىقى تاش مايمۇن ئۈستىدىكى ئادەم ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ ئۇنىڭ ئېغىزىنى قولى بىلەن تۇتىۋالدى، ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا:« گەپ قىلما، مەن شىياۋجاڭ! ئۆزۈڭ ئاستىغا قارا!» دىدى.
 ۋېنجىننىڭ ئاچچىقى قاتتىق كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدى. ئۇ راستىنلا جاڭچىلىڭنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ قانداقسىگە تاش مايمۇننىڭ ئۈستىدە بولۇپ قالىدۇ!؟
 بۇ توغرا ئەمەسقۇ!  تاش مايمۇننىڭ ئۈستىدىكىسى جاڭچىلىڭ بولسا، ئۇنداقتا تاش ئابىدىنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغىنى كىم؟!!
 ئۇ يەنە ئويلاشقا باشلىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ تاش ئابىدىنىڭ ئالدىدا بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ قولىدا قولچىرىقى بار ئىدى. شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئىچىدە جاڭچىلىڭ بىر ئادەملا كەم بولغاچقا ئۇ دەرھاللا ئولتۇرغان ئادەم دەل جاڭچىلىڭ دەپ ئويلىغان. ئەجىبا ئۇ ..............؟؟؟؟
 ئۇ دەرھال تاش ئابىدىنىڭ تۈۋىگە قارىدى. ئۇ ئادەم ھەممەيلەنگە ئوخشاش غەۋۋاسلار كىيىمى كىيىۋالغان، بەدەن شەكلىدىن قارىغاندا باشقا بىرسى ئەمەس دەل كەنجى تاغا.
 بىراق كەنجى تاغا سەل غەلىتە كۆرىنەتتى. ۋېنجىن سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى. ئەسلىدە كەنجى تاغا تاش ئابىدىنىڭ تۈۋىدىكى ناسايتى سۈزۈك بىر پارچە تاشقا قاراپ ئولتۇرۇپ چېچىنى تاراۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئادەمنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇراتتى.
 كەنجى تاغا بىردەم چېچىنى تارىدى.ئارقىدىن خۇددى يېڭى تويى بولىدىغان كىلىنچەك تارىنىپ ياسىنىپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئەينەككە قارىغىنىغا ئوخشاش .
  تاش ئەينەكتىكى كەنجى تاغا كۈلۈمسىرىگەندەك قىلاتتى. ناھايتىمۇ قورقۇنۇچلۇق كۆرىنەتتى. ئەگەر ئادەتتىكى ۋاقىت بولىدىغان بولسا بۇ ناھايتىمۇ كۈلكىلىك ھىسابلىناتتى. بىراق ھازىر.................
 ۋېنجىننىڭ بەدىنى شۈركىنىپ كەتتى. ئۇ ھەتتا كۈچەپ نەپەسلىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.
 پەستىكى باشقا ئادەملەر تاش مايمۇننىڭ ئۈستىدە ئىككى ئادەمنىڭ قۇچاقلىشىپ مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋەقە كەنجى تاغا ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى.  خولىڭ جاڭچىلىڭدىن ئەنسىرەپ يۈگۈرگىنىچە تاش ئابىدىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە بىرنى ئۇردى، ۋە :« جاڭچىلىڭ سەن زادى نىمە قىلىۋاتىسەن؟ زادى نىمە ئىش يۈز بەردى؟»دىدى.
 بۇ ۋاقىتتا راستىنلا كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى. تاش مايمۇن ئۈستىدە ئولتۇرغان جاڭچىلىڭ ئۇنى تۇسىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدى.   بۇ ۋاقىتتا تاش ئابىدە ئالدىدىكى ئادەم ئاستا ئورنىدىن تۇردى. خولىڭ ئۇنىڭ كەنجى تاغا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق چىرقىراپ كەتتى. ئارقىدىن ئاچچىقلاپ تۇرۇپ:« ۋۇ سەنشىڭ! بۇ سەنمىدىڭ!؟ سەن ئۇيقۇڭنى ئۇخلىغىلى بارماي بۇ يەردە زوڭزىيىۋېلىپ نىمە قىلۋاتىسەن!؟» دەپ ئۇنى تىللاپ كەتتى.
 كەنجى تاغا خولىڭنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز يۈزىنى قولى بىلەن توسۋالدى ۋە قورقۇنۇچلۇق ۋارقىراپ خولىڭنى يەرگە يېقىتتى ئارقىدىنلا ئارقىسىغا يۈگۈردى.  جاڭچىلىڭ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىنى كۆرۈپ تاش مايمۇن ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپلا ئۇنى قوغلىدى. بىراق جاڭچىلىڭ خولىڭنىڭ يېنىدىن ئۆتىۋېتىپ ئۇنىڭ يارلانغان -يارلانمىغانلىقىغا قارىدى. خولىڭ جاڭچىلىڭنىڭ ئۆزىگە ھىسداشلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھاياجاندا ئورنىدىن تۇرۇپ جاڭچىلىڭنى قۇچاقلىدى. بىراق چاتىقى كەنجى تاغا قېچىپ كەتتى.
 جاڭچىلىڭ چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ قۇچىقىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كەنجى تاغىنى قوغلىماقچى بولدى، بىراق بۇ چاغدا كەنجى تاغا ئاللىقاچان قۇيۇق تۇمانلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ كۆلنىڭ تېمى تەرەپكە بېرىپ بولغان ئىدى.
 جاڭچىلىڭ:« ھەممەيلەن ئۇنى تۇسىۋېلىڭلار! ئۇنى چىقىپ كەتكىلى قويماڭلار!»دەپ ۋارقىرىدى.  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالدىدا كىتىۋاتقان كەنجى تاغا بەدىنىنى بۇراپلا خۇددى تامنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەندەك قىلدى، كەنجى تاغا كۆرۈنمىدى.  تۇمان قۇيۇق بولغاچقا ھەممىنى ئىنىق كۆرۈشكە ئامال يوق ئىدى.
 جاڭچىلىڭ يۈگۈرۈپ كۆل تېمى بۇيىغا كەلدى، بىراق ئادەمنىڭ سايىسىمۇ يوق. ئۇ دەرھال توختىدى، ئۇ كەنجى تاغىنىڭ تامنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپلا كىرىپ كەتكىنىگە ئىشەنمەيتتى.
ئۇ شۇ جايىدىلا بىردەم تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىنلا قولى بىلەن تامنى سىلاشقا باشلىدى. بىراق كۆز ئالدىدىكىسى راستىنلا بىر تام تۇرسا ، بۇ مۇمكىن ئەمەس!!  جاڭچىلڭ تامنى تەپسىلى سىلايتتى. ئۇ بىردىنلا بىر ئىشنى بايقىغاندەك توختاپ قالدى. ئەسلىدە بۇ تام ناھايتى ئاستا ھەركەتلىنىۋاتاتتى.
 ئۇنىڭ بېشى قايغاندەك بولدى. ئەسلىدە بۇ تام، بۇ كۆل ھەممىسى بىر توشاق ئىكەن-دە!!!
 ئۇ تۇيۇقسىز بۇ قەدىمى قەبرىنىڭ دۇنيادا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان سىرلىق قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىلىغانلىرىنىڭ خۇددى بىر كىچىك بالىچىلىكلا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.
 بىراق بۇ توزاقنىڭ مەقسىدى نىمە؟ ئۇلار بۇ كۆل ئىچىگە چۈشكەن بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە بۇ يەردە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولغاندەك ئەمەس، ئەجىبا بۇ ۋاڭساڭخەي بۇ قەبرە ئىچىدە ئايلىنىپ ھەركەت قىلىپ تۇرىدىغان رىستۇران ياسىغانمىدۇ!!؟
 جاڭچىلىڭنىڭ گېپى بۇيىچە ئېيتقاندا جۇڭگۇدىكى قەدىمى قەبرىلەردىكى ھەرقانداق بىر غەلىتە تۇزاق ئۇنىڭ ئۈچۈن ناتۇنۇش ئەمەس ئىدى.
 ئۇنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ قەدىمى قەبرە ناھايتى ئاددى ھەركەت پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. ئۇ بىر تەرەپتىن ئويلىغاچ بىر تەرەپتىن تامنىڭ باشقا جايلىرىنى سىلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئازراق سان پەيدا بولغاندەك قىلدى. بۇ تامدا چۇقۇم بىر كىرىش ئېغىزى بار، باياتىن كەنجى تاغا يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقاندا تام ئايلىنىپ تامدىكى كىرىش ئېغىزى ئېچىلغان گەپ ، شۇنىڭ بىلەن كەنجى تاغا ھېچ كۈچىمەيلا تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەن.  ئۇ شۇلارنى خىيال قىلغاچ تامنى سىلاۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر ئىشىكنىڭ ئورنىنى بايقىدى. بىراق بۇنداق ئىشىكتىن ئون نەچچە يەردە تۇراتتى. كەنجى تاغا بۇنى قانداق بايقىغاندۇ؟  
 ئۇنىڭ بېشى يەنە قاتتى، تۇيۇقسىز ئۇ ئۆز-ئۆزىگە : « بۇ يۆتكىلىشچان غەلىتە ئىشىك ئەمەسمۇ!!!؟» دىدى.
تەرجىمە قىلغۇچى: نىران(جىمجىت)




جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى