رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك15-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك15-باب

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 1213 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن كۆڭلۈمدە ئازراق ھەيران قالدىم، بىراق كۆڭلۈمدە بۇ ئىھتىماللىقنى پەرەز قىلدىم. لۇ بىگىنىڭ  قەبرىسىدىن چىققانلاردىن داكۈي ئۆلدى، كەنجى تاغام يۇقاپ كەتتى، پەنزى ھۇشسىز، بوتولكا ئۆلدىمۇ ياكى تىرىكمۇ ئىنىق ئەمەس. مەن ۋە سىمىز ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق. مىنىڭچە بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى تەشكىللىگەنلەر ئىككى خىل تەييارلىق قىلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرىنجى بولۇپ تاللىغىنى سىمىز، مەن پەقەتلا قۇشۇمچە ئىدىم.
 كىمە پورتقا يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق سۈرئىتى ئاستىلىمىدى. ھېلىقى سىمىزنى بىرقانچە كۈن كۆرمەي بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك سەمرىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم. بىراق بۇرۇنقىدەكلا چاققان ئىدى. ئۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ كىمىگە سەكرەپ چىقتى، ئۆزىنى توختىتالماي ئالدىغا بىرقانچە قەدەم مېڭىپ كەتتى. مىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:" كىچىك يولداش، سەنمۇ بۇيەردە ئىكەنسەن -دە؟ قارىغاندا ئانىڭ خانقىزنىڭ خېلى يۈزى بار ئوخشايدۇ" دىدى.
 خانقىز ئۇنىڭغا قاراپ زورىغا كۈلۈپ قويدى. قارىغاندا ئۇلار ناھايتى پىششىق تۇنۇشىدىغاندەك قىلاتتى. مەن سىمىزنى تازا چۈشۈنۈپ بۇلالمايتتىم. ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىدىن خوش بۇلۇشنى ياكى قايغۇرۇشنى بىلەلمىدىم. بىراق ئۇنىڭ لۇ بىگىنىڭ قەبرىسىدىكى بىرقانچە قېتىم مىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئويلاپ ئىختىيارسىز بېشىم ئاغرىدى.
 ئۇ يۈك-تاقلىرىنى پالوبىغا تاشلاپ قۇيۇپ بىزنىڭ ئۇدىلىمىزدا ئولتۇرۇپ دۈمبىسىنى مۇشتلاپ تۇرۇپ:" ئەجەپ ھاردىما، ھۇ ئاناڭنى! سەنلەر تۇلا ئالدىرىتىپ ھالىمنى قويمىدىڭ! ......   ھە ، توغرا ، ھېلىقى جاينى ئىزدەپ تېپىشتىڭمۇ؟!" دىدى.
 ئانىڭ خانقىز بېشىنى چايقاپ :" بىراق ئەڭ ئاخىرقى بىر نوقتا قالدى، خاتالاشمىغانلا بولساق بىز ئىزدىگەن جاي دەل شۇ"دىدى.
 سىمىز:" مەن قەبرە ئىزدەش دىگەندەك ئىشلارنى ئۇقۇپ كەتمەيمەن، سىلەر تاپقاندا ماڭا خەۋەر قىلىپ قۇيۇڭلار، ناۋادا تاپالماي قالساڭلار مىنى نائىنساپكەن دەپ قالماڭلار، مەن دىيىشكەن پۇلنى جايىدا ئېلىۋىرىمەن، جىياڭخۇنىڭ قائىدىسى بۇ. سىلەر جەنۇپ پەرەسلەر" يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس "دىگەننى بىلىشىڭلار كېرەك" دىدى.
 ئانىڭ خانقىزنىڭ بۇ گەپلەردىن بېشى ئاغرىدى بولغاي، ئۇ بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ:" سىز خاتىرجەم بولۇڭ، بىز ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق. كونكىرتنى ئورۇن بەلگىلەش ئىشىغا ۋۇ ئەپەندىم مەسئۇل بولىدۇ" دىدى.
 مىنىڭ ئەسلىدە كەيپىياتىم خېلى ياخشى ئىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىردىنلا گاڭگىراپ قالدىم. مەن نىمىگە مەسئۇل بولىمەن؟ نىمىگە ئاساسەن مەسئۇل بولىمەن؟ مەن ئۇ يەرگە بېرىپ باقمىغان تۇرسام.    مەن ئالدىراش ھالدا:" مەن مەسئۇل بۇلامدىم؟ سىلەر ئۇ قەبرىنىڭ ئورنىنى بىلىدىغان تۇرساڭلا؟" دىدىم.
 نىڭ خانقىز:" بىز پەقەت قەبرىنىڭ تەخمىنى ئورنىنى پەرەز قىلغان، ئەگەر پەرىزىمىز توغرا چىقىپ قالسا بەك ياخشى بولغىنى. ئۇنداق بولماي قالسا قەبرىنىڭ ئورنىنى تېپىشتا يەنىلا سىزگە تايىنىمىز. بىزنىڭ قولىمىزدا پەقەت بىر دۈۋە قەدىمى خاتىرىلەرلا بار ، سىلەر ئۇستىلارغا ھەرگىز يەتمەيمىز. كەنجى تاغىڭىزمۇ ناھايتى زىرەك ئادەمكەن، مۇھىم ماتىرياللارنى بىزگە قالدۇرۇپ قويماپتۇ" دىدى.
 مىنىڭ ئۈستىبېشىم سوغۇق تەرلەپ كەتتى. قارىغاندا بۈگۈن كەچتە ئۇخلىماي تاغام ئەينى يىللىرى ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەرنى  ئوبدان بىر ئەسلەپ باقسام بولغۇدەك. بولمىسا ئۇ يەرگە بارغاندا كۈلكىگە قالدىغان ئوخشايمەن.  
 گۈرجەك چېپىشتا مەندە چاتاق يوق. دېڭىز ئاستىدا بىرەر ئوڭۇشسىزلىق ياكى خاتالىق كىلىپ چىقسا دېڭىزنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك دىيىشكە بولىدۇ. بۇ ساھەدە مەن كەسىپ ئەھلى  ئەمەس، بىراق قەبرىنىڭ ئورنىنى پىلانلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ھەقىقەتەن چوڭ. گەرچە مەن ئەمەلىي بېشىمدىن كەچۈرمىگەن بولساممۇ بىراق نەزىريە جەھەتتىن بىلىمىم يىتەرلىك.
 مەن ئويلىنىشقا باشلىدىم، باياتىندىن بىرى جىددىيلەشكەن كۆڭلۈم جايىغا چۈشۈشكە باشلىدى.  ۋاقتى كەلگەندە ھەممە ئىشنىڭ ئامالى بولىدۇ. ئەگەر راستىنلا مۈشكۈل ئەھۋالدا قالسام "بۇ قەبرىنىڭ ئەھۋالى سەل غەلىتە تۇرىدۇ"دەپلا قۇتۇلمامدىم.
 سىمىز ماڭا قاراپ :" ھەممە ئىش پۈتتى.  ئاران بىر شىشاغا كەلگەندە بۈگۈن كەچ ئوبدان يەپ-ئىچمەمدۇق؟! ئازراق ماغدۇرىمىزغا كىلىۋالمىساق قەبرە قېزىش دىگەن كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەمگەك جۇمۇ!" دىدى.    ئۇ شۇنداق دىگەچ يۈگۈرۈپ بېرىپ كاپىتاننى ياقىسىدىن تۇتۇپ:" كىمىدە يىڭىدىن تۇتۇلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باردۇ؟!" دەپ سورىدى.
 نىڭ خانقىزنىڭ قورسىقى ئاچمىغان بولسا كېرەك، ئۇ بىر يانغا ئۆتۈپ گەپ قىلدىمىدى.  ئەكىسچە مىنىڭ قۇرسىقىم بەك ئېچىپ كەتكەن ئىدى. يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئېغىزىمغا سۇ يىغىلىپ كەتتى،  مەنمۇ يۈگۈرۈپ باردىم.
 شىشادا سكومبېر بېلىقى،  تاسما بېلىق، چىپار بېلىقلار ناھايتى كۆپ ئىدى. باشقىلار شىشانىڭ دېڭىزى يېرىمى سۇ يېرىمى بېلىق دەپ تەرىپلىشەتتى. شۇنداق بولغاچقا بېلىقچىلار كىمىسى بېلىق تۇتقىلى چىقسا ئادەتتە بېلىق تۇتماي قايتمايتتى.  ساياھەت پەسىللىرىدە شىشاغا كىلىپ بېلىق تۇتۇش ناھايتى كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. سىمىز كاپىتاننى قىستىغاچقا كاپىتانمۇ ئامالسىز بېلىق ساندۇقىدىن بىر تال تاسما بېلىق ئېلىپ يېنىدىكى بىرىگە تەييەرلاپ چقىشقا بۇيرۇدى.
 سىمىز كاپىتاننىڭ قورقۇپ يىغلامسىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ :" ھۇ ئاناڭنى، مەن يا پۇل بەرمەيمەن دىمسەم، يا سىنى بۇلىمىسام نىمىگە بۇنچىۋالا قىلىسەن!؟؟ " دەپ تىللاپ كەتتى.
 دەل شۇچاغدا بېلىق پۇشۇرۇلغان قازان كەلدى. مەن مىزىلىك پۇراقنى پۇراپلا كۆڭلۈمدىكى بارچە غەملەرنى ئۇنتۇپ  تىزراق مەززە قىلىشنى ئويلىدىم.  ئىلگىرى شەھەردىكى ۋاقتىمدا ئۆزۈمنىڭ بۇنداق بىر نەرسە يىگۈم كەلگەنلىكى ئىسىمدە يوق.  سىمىز ئاچكۆزلەرچە كۆزلىرىنى چەكچەيتتى.  قازاننى يەرگە تۈزۈك مۇقۇملاشتۇرۇپ قويماستىلا چوكىنى ئېلىپ قولىنى سۇنۇپلا بىر پارچە بېلىق تىرىسىنى ئېغىزىغا سالدى، ئېغىزى كۆيۈپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.
 بۇ قازاننىڭ سىھرى كۈچى نىمىدىگەن زور -ھە!    ھەممەيلەن تىزلىكتە قازاننىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق. ھەتتا كىمە ئىسكىلاتىدا ئۇخلاۋاتقان جاڭ چوقۇرمۇ يۈگىرەپ چىقتى. ئۇ بېلىق شورپىسىنىڭ ھىدىنى پۇراپلا:" شىشانىڭ مۇشۇ يەرلىرى ياخشى جۇمۇ، بۇنداق ئىسىل تائامنى بىزنىڭ ئۇ يەرلەردە دائىم يىيەلمەيمىز!" دىدى.
 سىمىز جاڭ چوقۇرنى تارتىپ بىر تەرەپكە ئاپىرىۋەتتى، ۋە :" يالاقچى دىگەن بەرىبىر يالاقچى، ئۇ ئاناڭنى تۇلا ۋالاقشىما! شالاڭ قاززانغا چاچىراپ كىتىدۇ!   نىمىدىگەن يىرگىنىشلىك" دىدى.
 جاڭ چوقۇر سىمىزنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ دەرھاللا قولىنى ئۇزۇتۇپ:" ناتۇنۇش كۆرىنىسىز، ئىسىم شەرىپىڭىز نىمىكىن؟" دىدى.
 سىمىزنىڭ مىجەزى ناھايتى تۈز ئىدى، ئۇ جاڭ چوقۇرنى كۆرۈپلا نىڭ خانقىزدىن :" بۇ چوقۇر كىم ئۆزى؟" دەپ سورىدى.
 جاڭ چوقۇر بۇنى ئاڭلاپ يۈزلىرى قارىداپ كەتتى، ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا :" مىنى جاڭ ئەپەندىم ياكى جاڭ پىرافىسسور    دەڭ، بولامدۇ؟" دىدى.
 سىمىز ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. نىڭ خانقىزنىڭ ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇلاپلا:" سىزگە تۇنۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇياق جاڭ پىرافىسسور بولىدۇ . ئۇمۇ بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھەركىتىمىزدىكى مەسلىھەتچىلەرنىڭ بىرى"دىدى.
 سىمىز ئۇنىڭ راستىنلا پىرافسسور ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بايىقىدەك ھەددىن ئاشمىدى. ئالدىراش ھالدا جاڭ چوقۇر بىلەن قول ئېلىشىپ:" ھە، بەكلا سەت بولدى، مەن سىزنىڭ بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن.  مەن بىر تۈز ئادەم فامىلەم ۋاڭ، بايىقى گەپلەرنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ" دىدى.
 جاڭ چوقۇر ئاڭلاپ  زورلاپ كۈلۈپ قويدى ، :" بىلىملىك بولسۇن ياكى بىلىمسىز بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش ئادەم، بىلىملىكلەر بىلىمسىزلەردىن ئۆزگەرگەن ، پەقەتلا ئىش تەقسىماتىمىز ئوخشاشمايدۇ ........" دىدى.
 سىمىز ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئىنىق چۈشەنمىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلدى. جاڭ چوقۇر بۇ يەردىكى قىززىقچىلىقلارنى چۈشەنمەي :" ۋاڭ ئەپەندىم، سىز نىمە خىزمەت قىلىسىزكىن؟ " دەپ سورىدى.
 سىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپلا قالدى. ئۇ بەك غەلىتىلىك ھىس قىلدى. بىراق بىلىملىك ئادەم ئالدىدا ئۆزىنى بەك چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن:" مەن يەر ئاستى خىزمەتچىسى" دىدى.
 جاڭ چوقۇر بۇنى ئاڭلاپ ئىككى قولىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى، ۋە : " ئەسلىدە سىز ج خ ساقچىسى ئىكەنسىزدە؟ ئەدەپسىزلىك بوپتۇ" دىدى.
 مەن بۇنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم. سىمىز مىنىڭ كۈلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ماڭا ئالىيىپ قاراپ قويدى. ئارقىدىنلا جاڭ چوقۇرغا:" گەپ بىلەنلا بولۇپ كەتمەي ماۋۇلاردىن بىرەر ئېغىز تېتىپ باقايلى"دىدى.  ۋە شۇنداق دىگەچ باشقىلارنىمۇ يىيىشكە شەرەت قىلدى.
 مىنىڭ ئۇلارغا پەرۋا قىلماي چوكىنى ئېلىپ يىيىشكە باشلىدىم، بىرىنجى چوكا بېلىق گۆشىنى يۇتماستىلا يەنە ئىككىنىچى چوكىنى قىسىپ ئېغىزىمغا تەڭلىدىم....
 سىمىز بىر قانچە كاپام يەپلا ئارقىدىن ھاراقنىڭ غەلۋىسىنى قىلىشقا باشلىدى. نىڭ خانقىز:" بۇ كىمىدە نەدىمۇ ھاراق بولسۇن؟" دىدى.  سىمىز بۇ گەپكە ئىشەنمەي كىمە ئىسكىلاتىغا كىرىپ ئۇ يەردىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان ئۆرۈپ-چۆرۈپ ھاراق ئىزدەشكە باشلىدى. ۋە بىردەمدىلا كۈلگەن پېتى بىر كۇزا ھاراقنى قۇچاقلاپ چىقتى. كاپىتان بۇنى كۆرۈپ چىرايى ئۆڭدى. ئۇ  :" بۇ دىگەن لوڭ بىگىم ئىچىدىغان ھاراق" دىگىنىچە بېرىپ ئۇنىڭدىن تالاشتى.
 سىمىز قاتتىق ئاچچىقلىنىپ:" نىمانداق كۆپ قۇرۇق گەپ بۇ!!؟ سىنىڭ بۇ سېسىق ھارىقىڭنى لوڭ بىگىم ئىچىدىغان بولسا ، سىنىڭ بۇ ئەبجاق كىمەڭنى مۇسادىرە قىلىۋالىدۇ!!!!" دىدى.  ۋە شۇنداق دىگىنىچە ئۆزىنىڭ سومكىسىدىن بىر بوتولكا ئېر گوتو
(二锅头)نى ئېلىپ كاپىتانغا تۇتقۇزۇپ:" قېنى بۇنى ئالە! لوڭ بىگىم بۇنى تېتىپ باقسۇن! كۆردۈڭمۇ بۇ دىگەن خوڭشىڭ ئېرگوتوۋ(红星二锅头)، بۇنىڭ ياخشى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانسەن!؟ " دىدى.
 كاپىتان بىر تەرەپتە ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى، ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەيتتى.   سىمىز ھاراقنىڭ پىچىنى بۇزۇپ بىزگە قۇيدى. بۇ ھاراق يامان ئەمەس ئىدى.  بىز بولىشىغا يەپ-ئىچتۇق. بىر پەس دېڭىز بۇرىنى ئاي بېشىمىزغا كەلگەنگە قەدەر داۋام قىلىدى.
 سىمىز ئاخىرقى بىر يۇتۇم ھاراقنى ئىچىۋېتىپ قاتتىق بىرنى كىكىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى رۇسلاپ تۈز ئولتۇرۇپ بىزگە:" كۆپچىلىك، ھەممىمىز يەپ تويدۇق، ئەمدى رەسمى ئىش توغرىسدا سۆزلىشەيلى!" دىدى.




 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ.
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى