رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك17-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك17-باب

ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 863 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قەبرىگە كىرىش ئېغىزى كىمىگە يېقىن جايدىلا بولوپ، دېڭىز تىگىدىن پارتىلىتىپ بىر ئورەك ھاسىل قىلىنغان، قەبرىنىڭ كىرىش ئېغىزى دەل ئاشۇ ئورەكىنىڭ تىگىدە ئىدى.  مەن بۇنى كۆرۈپ كەنجى تاغامنىڭ ئۇسۇلى كۆز ئالدىمغا كەلدى. كەنجى تاغاممۇ ئادەتتە قەبرە قازسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەبرە ئېغىزىنى ئېچىپ بولۇپ، قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ گۈمۈرۈلۈپ چۈشمەسلىككە كۆزى ئىلگەندە ئاندىن ئىچىگە كىرەتتى.  قارىغاندا كەنجى تاغامنىڭ بۇ تېخنىكىسى ئۆزگەرمىگەن ئىدى.
 مەن يەنە بىر قانچە پارچە تاشنىڭ كىرىش ئېغىزى تەرەپكە قويۇلغانلىقىنى. بۇمۇ كەنجى تاغامنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىگە بەكمۇ ئوخشايتتى.
 بۇ يەردىن ئاساسىي قەبرە ئورنى كۆرۈنمىدى. مەن ۋە جاڭ چۇقۇر بۇ يەرگە ئوبدان قاراپ بۇ يەردىن قوشۇمچە قەبرە تەرەپكە كولانغانمىكىن دەپ پەرەز قىلدۇق. كەنجى تاغامنىڭ ئېيتقىنى بۇيىچە بولغاندا قۇشۇمچە قەبرە تاملىرىنىڭ خىشلىرى بەك نىپىز بۇلاتتى.
 بىز تەخمىنەن بەش مىنۇتچە ئىزدىدۇق. قارىغاندا داۋاملىق ئىزدەۋىرىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى. سىمىز ماڭا قاراپ ئالقىنىنى پۇلاڭلاتتى. ئۇ كىرىمىزمۇ ياكى كىرمەيمىزمۇ؟دەپ سورىماقچى ئىدى.   نىڭ خانقىز غەۋۋاسلار سائېتىگە قارىۋەتكەندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتتى.
 بىزنىڭ ھازىرقى جابدۇقلىرىمىز بۇرۇنقىدىن ئىلغار بولۇپ ھەم يىنىك، ھەم ئەپچىل ئىدى. بىز ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆڭكۈر ئېغىزىدا توختاپ ئوكسىگىن تۇڭى قاتارلىقلارنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، كىمە ئۈستىدىكى دىيىشىۋالغان قول ئىشارەتلىرىنى بىر قۇر مەشىق قىلدۇق.  ھەممەيلەن چاتاق يوقلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن سىمىز ئەڭ ئالدىدا بايىقى ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن ئىچىگە قاراپ ئۈزدى.  بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق.
 بۇ ئۆڭكۈر ناھايتى تەرتىپسىز كولانغان بولۇپ، بەزى جايلىرى كەڭ، بەزى جايلىرى تار ئىدى. قارىغانسىرى غەلىتە بىلىنىشكە باشلىدى.   قارىغاندا بۇ ئادەم كولىغان ئۆڭكۈرگە ئوخشىمايتتى. ئەگەر بۇ ئۆڭكۈرنى كەنجى تاغام كولىغان بولسا، ئۇ بىر گۈرجەك-بىرگۈرجەكتىن تەرتىپلىك كولىغان بولاتتى.بىراق بۇ ئۆڭكۈرنىڭ تاملىرىدا ئۇيەر-بۇيەرلەردە ئاندا ساندا كاتەكلەر بولۇپ ناھايتى قالايمىقان ئىدى. قارىغاندا بۇ جەزمەن بىرەر غەلىتە ھايۋان كولىغان جايدەك قىلاتتى.
 بىز گاھ تىز-گاھ ئاستىلاپ 20 نەچچە مىتىرچە ئۈزدۇق. بارا-بارا ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن چۈشكەن يۇرۇقلۇق كۆرۈنمىدى.  بىز شۇنداق ئۈزۈپ كىتىۋاتقىنىمىزدا ئۆڭكۈرنىڭ يۈنىلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ قۇدۇققا ئوخشاش يەر تىگىگە قاراپ ماڭدى.  مەن ناھايتى غەلىتىلىك ھىس قىلدىم. بۇ ئۆڭكۈر قەبرە مەركىزىگە بارماي تۇرۇپلا نىمىشقا يەر ئاستىغا قاراپ كولانغاندۇ؟  
 گەپ قىلىشقا تېخى ئامال يوق.     مەن كۆڭلۈمدىكى بۇ تۈگۈنلەرنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم. بىز مۇشۇ قۇدۇققا ئوخشايدىغان ئۆڭكۈر ئېغىزىغا كىلىپ بىر ئاز ئارام ئالدۇق.  ئارقىدىن يەنە ھەركەتنى باشلىدۇق. سىمىز قولى بىلەن بىزنى «ئېھتىيات قىلىڭلار!» دەپ ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى بىرىنجى بولۇپ ئۈزۈپ كىرىپ كەتتى. مەن بىر دەستە نۇرنىڭ توختىماي ئاستىغا قاراپ كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ نۇر ئاخىرىدا كىچىكلەپ بىر كىچىك چىكىتچىلىك قالدى. مەن كۆڭلۈمدە:« بۇ ئۆڭكۈر نىمانداق چوڭقۇردۇ؟» دەپ ئويلىدۇم.   بۇ ۋاقىتتا سىمىز تۆۋەندە تۇرۇپ چىراقنى پۇلاڭلىتىپ بىزگە ئىچىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلدى.  شۇنىڭ بىزمۇ ئارقا-ئارقىدىن پەسكە شۇڭغۇدۇق.   مەن غەۋۋاسلار سائېتىگە قارىدىم، بىز يىگىرمە مىتىرچە چوڭقۇرلۇققا چۈشۈپ بولغان ئىدۇق.  مەن ئەزەلدىن بۇنداق چوڭقۇر چۈكۈپ باقمىغان بولغاچقا بەدىنىم بەرداشلىق بىرەلەمدۇ-يوق بىلمەيتتىم.
  بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ ئاستىغا بىر كەڭرى بوشلۇق كولانغان ئىدى.  شۇ يەرگە كىرگەندە ئاندىن قەبرىنىڭ تاملىرىنى كۆردۇق. تامدا ماشىنا سوقۇلۇپ كىرىپ كەتكەندەكلا بىر يوغان تۈشۈك تۇراتتى. قارىغاندا ئادەم قولى بىلەن ئاچقاندەك ئەمەس.  ئادەتتە قەبرە قازغۇچىلار ئىھتىيات بىلەن خىشلارنى بىر-بىردىن ئېلىپ تاملاردىن تۈشۈك ئاچىدىغان.  ھازىرقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا چوڭ بىر نەرسىنىڭ تامغا ئۇرۇلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بۇلاتتى. سىزمىز بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق. سىمىز قولى بىلەن ئېچىلغان تۈشۈكنى كۆرسىتىپ دېڭىز مايمۇنىنىڭ شەكلىنى ئىشارەت قىلدى. ئۇ « بۇ تۈشۈكنى دېڭىز مايمۇنى ئاچقانمىدۇ؟» دىمەكچى ئىدى.
 مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ «شۇنداق»دەپ، ئۇنىڭ پىكىرىنى قۇۋۋەتلىدىم. ھەمدە دۈمبىسىگە ئېسىۋالغان سۇ ئاستى قۇرالىنى كۆرسەتتىم. ئۇ قۇرالنى ئېلىپ قۇرالنىڭ بىخەتەرلىك قۇلۇپىنى ئاچتى. ئارقىدىن بايىقى ئېچىلغان چوڭ تۈشۈكتىن ئىچىگە كىردى.
 بۇ مىنىڭ ئىككىنجى قېتىم قەدىمىي قەبرىگە كىرىشىم بولۇپ، گەرچە ناھايتى ھاياجانلىنىۋاتقان بولساممۇ، بىرىنجى قېتىمقى بېشىمدىن كەچۈرگەنلىرىمنى ئويلاپ تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى.  بولۇپمۇ سۇ ئاستىدا قەبرىگە كىرگەندە پۇت-قول يا تۈزۈك ئىشلىمىگەن. ئەگەرگە خەتەرگە يولۇقۇپ قالساق قۇرۇقلۇقتىكىگە ئوخشاش جاننى تىز ئېلىپ قاچقىلى بولمىسا .
 قەبرە يولى مەن ئويلىغاندى كەڭرى ئىدى. مەن چارلاش چىرىقىنى تېخىمۇ يۇرۇق قىلىپ تەڭشىدىم ۋە قولۇمدىكى سۇ ئاستى قولچىرىقىنىمۇ ياندۇردۇم.  سىمىزگە يېقىن ئەگىشىپ ماڭدىم. بىرقانچە چىراقنىڭ يۇرۇقىدا بۇ يەر خېلى ئىنىق كۆرۈندى. پۈتۈن قەبرە ئىچىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولدى. مەن قەبرىنىڭ تېمىغا قارىدىم، دەرۋەقە تامغا كەنجى تاغام ئېيتىپ بەرگەن ئادەم يۈزىنىڭ رەسىمى ئۇيۇلغان ئىدى. يەنە تېخى رەسىمدىكى ئادەمنىڭ پىشانىسىگە بىر قىسىم غەلىتە ھايۋانلارنىڭ رەسىمىمۇ ئويۇلغان بولۇپ، ناھايتى نەپىس ئويۇلغان ئىدى.    مەن بىر تەرەپتىن ئۈزگەچ ، بىر تەرەپتىن تامدىكى ئويما رەسىمگە قارىدىم. قارىغانسىرى غەلىتىلىك ھىس قىلىشقا باشلىدىم. بۇ ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسى قەبرىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇچرايدىغان ھايۋانلار ئىدى.  بۇ ھال ماڭا بىر ئاز غەلىتە بىلىندى.
 مەن شۇنداق كىتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر چىراينىڭ ئۈستىگە خۇددى يىلان قاشلىق مىس بېلىققا ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ئويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز جىددىيلەشتىم.  مەن سىمىزنى ئالدىراش تارتىپ توختاتتىم. ئۇنىڭغا بۇ ئويما رەسىمنى كۈزىتىپ بېقىشنى ئېيتتىم. ئۇ ئالدىغا قاراپ ئۈزۈپ كىتىۋاتقان بولۇپ، تامدىكى رەاسىملەرگە دىققەت قىلمىغان ئىدى. ئۇ بۇرۇلۇپ قاراپ بېقىپ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. قارىغاندا ئۇ بىرەر غەلىتە ئەھۋال بايقىمىغان ئىدى.  ئۇ قولىنى چىقىرىپ داۋاملىق ئۈزىۋىرىشنى ئىشارەت قىلدى.  مەن ئۇنى توختاشقا ئىسارەت قىلىپ ، ئۆزۈم تامغا يېقىن بېرىپ كۈزىتىشكە باشلىدىم.  ئويما رەسىمدە ئۈچ دانە يىلان قاشلىق مىس بېلىقنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقى تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر چەمبەر ھاسىل قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى نورمال ، قالغان بىرىنىڭ ئۈچ كۆزى بارئىدى.  بۇ زادى نىمىنى بىلدۈرىدىغاندۇ؟  بۇ رەسىم ئۇيۇلغان ئادەمنىڭ يۈزى ئىنىقكى ئايال بولۇپ، بىراق ئۈستىگە قالايمىقان نەرسىلەر چاپلىشىپ كەتكەن بولغاچقا ناھايتى كۆرۈمسىز كۆرىنەتتى. قارىسا ئادەمنى بىر ئاز بىئارام قىلاتتى.
 مەن تېخىمۇ تەپسىلى كۆزۈتۈپ تەكشۈرمەكچى بولدۇم. بۇ ۋاقىتتا كەينىمدىكى نىڭ خانقىز مىنى ئالدىمغا مېڭىشقا دەۋەت قىلدى.  ئامالسىز سىمىزگە ئەگەشتىم. تەلىيىمگە مەن ئۇزۇنراق كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىغان بۇ ئويما رەسىم ھەر ئون-ئون بەش مىتىردا بىر قېتىم ئۇچراپ تۇردى.  مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا كەلگىنىمدە تەپسىلىي قارايتتىم. بەك روشەن پەرق بولمىسىمۇ  بىراق ئۇنىڭدا بىرەر مەنە باردەك قىلاتتى.  شۇنداق قارىغاچ مېڭىپ بۇ ئويما رەسىم بەشىنجى قېتىم كۆرۈگەندە ئاندىن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن كۆرگەن بىرىنجى رەسىمدىكى ئايالنىڭ كۆزى يومۇلغان ھالەتتە ، ئىككىنجىسى ئازراق ئېچىلغان ...... بەشىنجىسىگە كەلگەندە ئاساسەن تولۇق ئېچىلىپ بولغان ئىدى.
 مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم. سىمىزنى تارتىپ ئۇنى ئەمدى ئالدىغا ماڭماسلىققا دەۋەت قىلدىم ۋە سۇ ئاستىدا ئىشلىتىلىدىغان رەسىم سىزىش تاختىسىنى چىقىرىپ ئۈستىگە:« ئويما رەسىمدىكى ئايالنىڭ كۆزى بارا-بارا  يۇمۇلغان ھالەتتىن ئېچىلغان ھالەتكە ئۆزگەردى، مەن بىرەر مەسىلە بارمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن» دەپ يازدىم.  يېزىپ بولۇپ تامنى كۆرسەتتىم.
 سىمىز تامدىكى ئادەمنىڭ چىرايىنى سىلاپ باقتى. ئۇ بېشىنى چايقاپ :« مەن دىققەت قىلماپتىمەن. بۇ پەقەتلا بىر ئويما رەسىمغۇ شۇ،   سەن بەك كۆپ ئويلاپ كىتىپسەن» دەپ يازدى.
 مەن ناھايتى كەسكىن ھالدا بېشىمنى چايقىدىم. ۋە ئۇنىڭغا قۇرالنى تەييار قىلىۋېلىشنى ئىشارەت قىلدىم. ئۇ مىنىڭ بۇنچە كەسكىنلىكىمنى كۆرۈپ ئىلاجىسىز مەن دىگەن بۇيىچە قىلدى.  ئۇزۇنغا بارمايلا بايىقىدەك ئويما رەسىم يەنە ئۇچرىدى. سىمىز مىنىڭ بايىقى گەپلىرىمدىن ئازراق قورققان بولسا كۋرەك، ئۇمۇ توختاپ چىراقنى تەڭلاپ قاراپ باقتى. بۇ رەسىمدىكى ئايالنىڭ كۆزى تولۇق ئېچىلىپ بولغان، ئالدىغا تىكىلىپ تۇراتتى. سىمىز رەسىمگە قاراپ بىردەم تۇرىۋېتىپ ، بىرەر غەيرى ئەھۋال بايقىمىغاندەك ، ماڭا - ھېچ ئىش يوق- دەپ ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن داۋاملىق ئۈزۈشكە باشلىدى.  مەن بۇ ئويما رەسىمگە يېقىن بېرىپ قاراپ باقتىم، قولۇمنى ئۇنىڭ كۆزىگە تىقىپمۇ باقتىم، ھېچقانداق ئىنكاس يوق.  مەن ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلغاندەك بېشىمنى چايقاپ قويدۇم.  بۇ قەبرە ياسىغۇچىنىڭ قەبرە ئىچىگە كىرگەنلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى بولىشى مۇمكىن .    مەن مۇشۇ رەسىمدىن قورقۇپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى چۈشۈردۈم دىسە!....   سىمىز مىنى ئۇرۇپ قويۇپ ئەمدى ئۇنداق خىياللارنى قىلماسلىققا ئىشارە قىلدى.
 بىز داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ئۈزدۇق. مەن كەنجى تاغامنىڭ بىر توزاققا يولۇققانلىقىنى، ھەم شۇ توزاقتىن بۇلاق ئىغىزىغا كىرىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئىسىمگە ئالدىم.   بىراق تاغام تىلغا ئالغان توزاق زادى قەيەردىدۇ؟
 تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيال كەلدى،    بۇنداق داۋاملىق ئۈزىۋىرىشمۇ ياخشى ئامال ئەمەس، بۇ قەبرە يولىنىڭ قەيەرگە تۇتىشىدىغانلىقى نامەلۇم، ئەگەر ئىچىدە ئېزىپ قالساق تېخىمۇ چاتاق. كەنجى تاغامنىڭ ئېيتقىنى بۇيىچە بولغاندا ھېلىقى توزاق مۇشۇ جايدا بولىشى كېرەك.   بىز ئەڭ ياخشىسى شۇ جاينى تاپقىنىمىز تۈزۈك. گەرچە ئازراق ۋاقىت كەتسىمۇ بۇنداق مېڭىۋەرگەندىن ياخشىراق.  مەن شۇلارنى ئويلاۋاتقىنىمدا ئالدىمدا كىتىۋاتقان سىمىز تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. مەن ئۆزۈمنى توختىتالماي ئۇنىڭ كاسىسىغا ئۈستۈم. ئالدىدا بىرەر ئەھۋال كۆرۈلگەن چېغى دەپ ئويلاپ  دەرھال زىھنىمنى يىغدىم.  ئەسلىدە ئالدى تەرەپ بىر يوغان تاش بىلەن تۇسىۋېتىلگەن بولۇپ يولىمىزنى تۇسۇپ قويغان ئىدى.  بۇ تاش ناھايتى سىلىق بولۇپ ئۈستىدە يېزىق دىگەندەك نەرسىلەر كۆرۈنمەيتتى.  مەن خېلى ئۇزۇن سىلاشتۇرۇپ باقتىم، بىراق ھېچنەرسە بايقىمىدىم. نىڭ خانقىز رەسىم تاختىسىغا:« قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ يازدى. «مۇشۇ ئەتراپتا كىرىش ئېغىزىبولىشى مۇمكىن، بىز ئوبدان ئىزدەپ باقايلى»دەپ يازىدم جاۋابەن.   
 ئۇلار ھەممىسى باشلىرىنى لىڭشىتتى. سىمىز تامنىڭ ئۇيەر-بۇ يەرلىرىگە مۇشتلاپ تامنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.  مەن خاتىرىلەردە تىلغا ئېلىنغان بار؛ىق يىپ ئۇچىلىرىنى ئەسلەپ چىقتىم. قولۇمدىكى خەنجەر بىلەن تامنىڭ يېرىقلىرىنى سانجىپ باقتىم. بىراق يەنىلا ئىلگىرلەش يوق.    ھېلىقى تاش يەنە ئۆز بېتى يولىمىزنى تۇسۇپ تۇراتتى.  ئازراق ئاچچىقىم كەلگەندەك بولدى.     مەن بورۇلۇپ ، سىمىز بىرەر نەرسە بايقىدىمىكىن دەپ ئۇ تەرەپكەت قارىدىم. ئۇ دەرۋەقە ھاڭۋېقىپلا تۇرۇپ قالغان ئىدى.  مەن ئۇنى ئۇرۇپ قويۇپ تاختىغا :« نىمە بايقىدىڭ؟» دەپ يازدىم. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ناھايتى غەلىتە ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ، تاختىغا:« دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئۇزۇن چېچى بارمۇ؟»دەپ يازدى.       مەن ئۇنىڭ نىمىشقا تويۇقسىز بۇنداق سوئالنى سورىغانلىقىدىن ئەجەپلەندىم.  دېڭىز مايمۇنىنىڭ ئۇزۇن چېچى بارمۇ-يوق ، بۇنىڭغا تازا دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن.  مەن ئويلىغانلىرىمنى تاختىغا يازدىم.  ئۇ تامنىڭ يېرىقىنى كۆرسەتتى. مەن ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم، تامنىڭ يېرىقىدىن بىر تۇتام قاپقارا چاچ چىقىپ قالغان ئىدى.  مەن چۈچۈپ كەتتىم.   بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟   ئەجەبا تاشنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئادەم بارمىدۇ؟
 سىمىز يۈرەكلىك ھالدا قولىنى سوزۇپ چاچنى تۇتماقچى بولغان ئىدى، چاچ ئىچىگە قاراپ كىرىپ كىتىشكە باشلىدى، ئاخىرى ھېلىقى يېرىقتىن پۈتۈنلەي ئىچىگە كىرىپ كەتتى.    سىمىز رەسىم تاختىسىغا:« تامنىڭ كەينىدە ئالۋاستى باركەن!» دەپ يازدى.


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى