رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك7-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك7-باب

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 917 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

- خاتىرە 1-بۈلەك 7-باب 100 دىن ئارتۇق ئادەم بېشى
    
   قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن . نۇرغۇن قالايمىغان چۈش كۆردۈم . چۈشۈمدە بىر ئاق كىيىملىك ئايال ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغۇدەك . مەن ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۈگۈرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ قارىسام دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرغۇدەك . شۇڭا قايتا – قايتا يۈگۈرۈپ بىرىپ قارىسام كۆرگۈنۈم يەنىلا دۈمبىسى بولغۇدەك . نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى تازا ئاڭقىرالماي ھاڭۋىقىپ تۇرغان چىقىمدا تۇيۇقسىز ئۇ ئايالنىڭ ئىكىلا تەرىپى دۈمبىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قورقۇپ بىرلا ۋارقىراپ ھۇشۇمغا كىلىپ كۆزۈمنى ئاچسام كۆز ئالدىمدا ئوتقاشتەك بولۇپ تاۋلانغان كۈن پىتىش ئالدىدىكى ئاسمان نامايەن بولدى .  
   " ئويغاندىڭىزمۇ ؟ " دىدى پەنزې ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ .   
  يورۇقلۇققا كۆنەلمەي كۆزۈمنى نەچچە رەت ئىچىپ يۇمدۇم . پەنزې ئاسماننى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ : " كۆرمىدىڭىزمۇ؟ بىز ئاخىرى چىقىۋالدۇق " دىدى .  
  مەن ئارقا مىڭەمنى سىلاپ تۇرۇپ : " مىنى ئۇرغان سەن سولتەكمۇ ؟ " دەپ سورۇدۇم .   
  " ئۇرمىسام بولمايتى ، كەينىڭگە قارىما دەپ تۇرساق ، سەن سولتەك تاس قالدىڭ ھەممىمىزگە زىيانكەشلىك قىلغىلى ؟ " دىدى پەنزې .   
   پەنزېىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا بايا يۈز بەرگەن ئىشلار يالىت قىلىپ كاللامدىن ئۆتۈشى بىلەن تەڭ ئۆزەممۇ بىلمەيلا  دۈمبەمنى سىلاپ ھىلىقى نەرسىنىڭ بار – يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرمەكچى بولدۇم . پەنزى قاقاقلاپ كۈلۈپ :" خاتىرجەم بول ، يوق  " دىدى . " ئۇ قانداق نەرسە ؟؟ " دەپ سورۇدۇم مەن ئالدىراپ . 
   كىچىك ئاكاش ھىلىقى نەرسىنى مۇردا قارانچۇقمۇ ؟ قونچىقىمۇ بىر نەرسە دەيدىغۇ ، ئەمىلىيەتتە ھىلىقى ئاق كىيىملىك ‹‹ ساھىپجامال ›› نىڭ روھى بولسا كىرەك ، ئۇ سەندىكى مۇسبەت كۈچتىن پايدىلىنىپ ئۆڭكۈردىن چىقماقچى بولغان . بىراق تەپسىلاتىنى كىچىك ئاكاش بىزگە سۆزلەپ بەرمەي تۇرۇپلا ‹‹ بۇخاراغا ›› ساياھەتكە ماڭدى ، پەمىمچە بۇ ئاكاشنىڭ تىگى – تەكتى ئاددى ئەمەس ، ئۇ قانداق سىھرى – كارامەت ئشلەتتىكىن تاڭ ؟! قولىنى بىر كۆتىرىشى بىلەن ھىلىقى نەچچە مىڭ يىللىق ‹‹ ساھىپجامال ›› مۇردا تىزلاندى دىسە ، ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ " دىدى بىر تەرەپتە پالاق ئۇرىۋاتقان كەنجى تاغام . 
   مەن ئولتۇرۇپ كىمىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا قىسىلىپ تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتقان بوتۇلكا بىلەن ئاكۈينى كۆرۈپ كۆڭلۈم خىلىلا تىنچلىنىپ قالدى . t} zffe-  
   ئۆڭكۈرگە كىرىشتىن بۇرۇن ئادەتتىكىدەك كۆرۈنگەن بۇ سۇ يۈزى ئەمدىلىكتە ماڭا باشقىچە گۈزەل بىلىنىشكە باشلىدى . مەن كەنجى تاغامدىن : " ئۇزادى نىمە ئادەم ؟؟؟ " دەپ سورۇدۇم   
   كەنجى تاغام بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " مەن راستىنلا بىلمەيمەن ، چاڭشادىكى دوستۇمغا قولىدىن ئىش كىلىدىغان ، تەجىربىسى بار بىرىنى تونۇشتۇرۇشنى ھاۋالە قىلسام دوستۇم ئۇنى تونۇشتۇردى . پەقەت ئۇنىڭ فامىلىسى جاڭ ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ، مەن يول بۇنى ئۇنى كۆزۈتۈپ كەلدىم . بۇ ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئۇخلاش بىلەن ھاڭۋىقىش بولسا كىرەك . مەنغۇ ئۇنىڭ تىگى – تەكتىنى بىلمەيمەن ، بىراق ئۇنى تونۇشتۇرغان دوستۇم بىزنىڭ بۇ يولدا خىلىلا ئابرويى بار ، شۇڭا ئۇ تونۇشتۇرغان ئادەمدىن خاتىرجەم بولسا بولىدۇ " دىدى 
   مەن تاغامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بۇ ئادەمنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك سىرلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . كەنجى تاغاممۇ بۇنداق دىگەن يەردە مەن يەنە كىمدىن سورايتىم . مەن ئالدىمغا قاراۋىتىپ پەنزېدىن : " كەنىتكە كىلەيلى دىدىقمۇ ؟ " دەپ سورۇدۇم . پەنزې قايتۇرۇپلا : " ئالدىمىزدىكى شۇ بولسا كىرەك ؟ " دىدى . G`B e~NU  
    كەنجى تاغام ئالدىمىزدىكى يۇلتۇزدەك چاقناۋاتقان چىراق نۇرىنى كۆرسۈتۈپ : " قارىغاندا بۇ كەنىت بىز ئويلىقىنىمىزدەك ۋەيرانە ئەمەس ئىكەن ، توك باردەك قىلىدۇ " دىدى
  كەنىتكە يىتىپ كەلگىنىمىزنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ كۆز ئالدىمدىن " ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ، كاۋاپ قىلىنغان ياۋايى ھايۋانلار ، چىچىنى سامساق قىلىپ ئۆرىگەن سەھرا قىزلىرى ئۆتكەندەك بولۇپ ئازراق ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم  
   بۇ ۋاقىتتا چۆكۈشكە ئاز قالغان شەپەقنىڭ ئاجىز نۇرىدا ئوڭ يىنىمىزدىكى ئىككىلا تاغدا بىر توپ ئىشەك مىنگەن ئادەملەرنى كۆردۈم . قارىغاندا ئۇلارمۇ كەنىتكە كىرمەكچى بولسا كىرەك . چۈنكى ئۇلار تۇرغان تاغ ئانچە ئىگىز بولمىغاچقا مەن ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ بۇ كەنىتنىڭ يەرلىك ئادەملىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . بىز بىر كىچىك ئۆتەڭدىن ئۆتۈپ كەنىتكە كىردۇق . كەنىت ئىغىزىدىكى كىچك بالا بىزنى كۆرۈپلا " جىن كەلدى ..! ! " دەپ ۋارقىرىدى  
   مەن ھاڭۋىقىپ ھىلىقى بالىنى توسۇپ قالماقچى بولغان بولساممۇ بىراق بۇ سەھرا شۇمتىكى بەكلا تىز يۈگرەيدىكەن . قىچىپ كەنىتكە كىرىپ كەتتى . ئۆڭكۈرگە كىرىشتىن بۇرۇن كىمە كەينىدىكى سالغا چىقىرىلغان كالا يۇۋاشلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى .  ھەقىقەتەن ياخشى كالا ئىكەن . پەنزې ھەربىيلىككە بىرىشتىن بۇرۇن يۇرتىدا چارۋىچىلىق قىلغان بولۇپ ھازىر كالا ھەيدەشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئەڭ ياخشى ئۈستىگە ئالغۇچى بولغانتى .      
    قىرغاققا چىققان ۋاقىتا ئاكۈي ھۇشىغا كەلگەن ئىدى ، ئاۋال كەنجى تاغام ئۇنى ئەيىپلەپ بىرنەچچىنى ئۇرىۋەتتى ئارقىدىنلا پەنزېمۇ بىرنەچچىنى دەسسىدى . بوتۇلكىغا نىمە ئىش بولدىكىن تاڭ ، پەقەتلا ھۇشىغا كەلمىدى . ھەممىمىز بىرىپ ئۇنى يۆلەپ كالا ھارۋىسىغا چىقىرىۋىتىپ ، بوتۇلكىنىڭ بەدىنى 17 ياشلىق قىزنىڭ بەدىنىگە ئوخشاش يۇمشاق بولۇپ ئادەمگە خۇددى سۆڭەك – ئۇستىخىنى يوقتەك تۇيغۇ بىرەتتى . ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كەنجى تاغام يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىرسىدىن قەيەردە ياتاق ، مىھمانخانا بارلىقىنى سورىدى . ھىلىقى ئادەم بىزگە نىرۋا كىسەللىرىگە قارىغاندەك قارىۋەتكەندىن كىيىن : " سىلەر بۇ يەرنى قەيەر دەپ ئويلاپ قالدىڭلار ؟ بىزنىڭ كەنىتتە ئاران 30 نەچچە تۈتۈن ئائىلە بار . مىھمانخانىمىش تىخى ، كەنىتنىڭ مىھمان كۈتۈشىگە بىرىپ بىقىڭلار " دىدى  
   بىز كەنىتكە كىرىپ ھىلىقى ئادەم دىگەن ‹‹ ئەرۋاھ ئۇۋىسى ›› غا ئوخشاش ‹‹ مىھمان كۈتۈش ›› نى تاپتۇق . ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز . ئىچىنىڭ شارائىتى خىلىلا يامان ئەمەس ئىكەن ، ئەڭ موھىمى تىلفۇن بىلەن ئىسسىق سۇ بار ئىكەن ھەمدە يىپىنچىلىرمۇ خىلىلا پاكىز بولۇپ بۇ كەنىتكە نىسپەتەن ‹‹ مىھمان كۈتۈش ›› نى ‹‹ بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانخانا ›› دىسە بولاتتى . ھەممىمىز يۇيۇنۇپ – تارىنىپ بەدىنىمىزدىكى غەيرى پۇراقلارنى يوقاتقاندىن كىيىن ‹‹ مىھمان كۈتۈش ›› نىڭ پەستىكى ئاشخانىسىدا تاماق يىدۇق . مەن ئاتايىن ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىگەن بوتۇلكا ئۈچۈن قان تولۇقلايدىغان ‹‹ كۇلى باقىسى ›› نىڭ جىگىرىدىن ئازراق شورپا قىلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزدۈم  . نىمىلا دىگەن بىلەن بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ قۇتقۇزغان ئادەمدە ، ئەرزىيدۇ .   
   بىز ئازراقتىن پىۋا ئىچكەچ ياتاق مۇلازىمى قىزچاقنى گەپكە سالدۇق . كەنجى تاغام  : " سىڭلىم سىلەرنىڭ بۇ يەر يامان ئەمەسكەن ، سىرتىمۇ سىمۇنتنى قوپۇرۇلغان ، ئىچىمۇ سىمۇنتتىن قوپۇرۇلغان ، سىلەر بۇ سىمۇنتنى قىچىر بىلەن توشۇپ كەلمىگەن بولغۇيدىڭلار ھەقاچان ؟؟!! " دەپ سورىدى .  
    مۇلازىم قىزچاق : " ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ ؟ قىچىر بىلەن توشۇپ كەلگىلى بولمايدۇ . بىزنىڭ بۇ كەنىتكە خىلىلا بۇرۇن تاشيول ياسالغان ، تىخى ‹‹ ئازاد ›› ماركىلىق يۈك ماشىنىسىمۇ كەلگەن . بىراق بۇ يول بىر قانچە يىل ئىلگىرى تاغ ئىتىگى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ يولنى توسۇپ قويدى . تاغ ئىتىكى يىرىلىپ تىخى بىر چوڭ داڭقان چىققان ، ئاخىرىدا ئۆلكىدىن خىلى كۆپ ئادەم كىلىپ كۆرۈپلا نىمە تىللاشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى نەرسە دەمدۇ ئىش قىلىپ شۇنىڭغا يىقىنراق بىر ۋاقىتنىڭ گىپىنى قىلىپ دۆلەت گۆھىرى دەپ ئىلىپ كىتىشتى . بىراق يول بىلەن كارى بولمىدى . سىلەر دەپ بىقىڭلار ئادەمنىڭ قورسىقى كۆپمەمدۇ ياقمۇ ؟ كىيىن كەنىتتىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ ئۆزىمىز ياسىماقچى بولغان، بىراق پۇل يوق ، ياسىيالمىدۇق " دىدى 
  كەنجى تاغام يەنە سورىدى : " ئۇنداقتا ھىلىقى سۇ يولىچۇ ؟ 
    " سۇ يولى ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى يول ، نەچچە ئون يىل بولدى ئۇ يەردىن ئادەم ماڭمىغىلى ، بىرەرسى سىلەرنىڭ مال – دۇنيارىڭلارنى كۆزلەپ سىلەرنى سۇ يولىغا باشلىغان بولىشى مومكىن . سىلەر سىرىتتىن كەلگەنلەر ئىھتىيات قىلىڭلار . بۇ سۇ يولى ئىنتاھىن خەتەرلىك . كەنتىمىزدىمۇ قانچىلىغان  ئادەم مۇشۇ دەريادا ئۆلۈپ كەتتى . بىراق بىرەرسىنىڭمۇ جەسىتى تىپىلمىغان . بوۋامنىڭ دىيشىچە تاغ ئىلاھى يەۋەتكەنمىش ؟ "  دىدى مۇلازىم قىز . مەن كەنجى تاغامغا قاراۋىتىپ كۆڭلۈمدە : " ئاناڭنى ، ئىزدىگىنىڭ قانداق يول باشلىغۇچى ؟ قارىغاندا ئىزدىگىنىڭ قاراقچى ئىكەن " دىدىم . تاغاممۇ خىجىل بولۇپ قولىدىكى يىرىم بوتۇلكا پىۋىنى بىراقلا كۆتۈرىۋىتىپ : " توغرا بۇ كەنىتتە سىرىتتىن كەلگەنلەر كۆپمۇ ؟ " دەپ سورىدى . 
  " سىز بۇ مىھمانخانىنى كىچىك كۆرمەڭ ، سىزگە ئىيىتسام سىرىتتىن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇشۇ مىھمان كۈتۈشتە تۇرىدۇ . بولۇپمۇ چوڭ داڭقان بايقالغاندىن كىيىن كىلىدىغان ئادەملەر تىخىمۇ كۆپىيىپ كەتتىغۇ تاڭ . يەنە بەزىلەر دەريانىڭ ئۇ قىتىدا داچا ياسىماقچى بولىۋاتىدۇ " دەپ جاۋاپ قايتۇردى مۇلازىم قىز .
  كەنجى تاغام ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپلا ۋاقىراپ كەتتى : " سىكەي.... ئۇنچىلىك ئەمەستۇ ؟ بۇ تاغ ئىدىرلىق چەت جايدا داچا قۇرماقچى ؟ ئۇنداقتا بۇ ئادەم چوقۇم مۇھاجىر ياكى كىپەن ئوغۇرسى .  
   ھىلىقى قىزچاق كەنجى تاغامنىڭ ئىپادىسىدىن قورقۇپ كەتتى . پەنزې تاغامنى تارتىپ تۇرۇپ : " كەنجى بىگىم ، يىشىڭىز بىر يەرگە باردى ، بۇنداق ئاسان ھاياجانلانسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق " دەپلا مۇلازىم قىزغا قاراپ : " ھىچقىسى يوق ، كەنجى بىگىم نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئويلاپ يىتەلمىگەن بولسا كىرەك " دىدى . مەن كەنجى تاغامنىڭ پەس ئاۋازدا ئىغىزىنى بۇزغانلىقىنى ، ئاندىن زورىغا بىرنى كۈلىۋىتىپ مۇلازىم قىزدىن سورىغانلىقىنى كۆردۈم : " ھەي !! سىلەرنىڭ بۇ جايدا ساياھەت قىلىدىغان  مەنزىرلىك  ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان جاي بارمۇ ؟  
  مۇلازىم قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : " سىلەر بىر قانچىڭلار ساياھەتكە كەلمىگەن ئوخشايسىلەر ؟ مىنىڭچە ‹‹ ئالتۇن قازغىلى ›› كەلگەنلەرغۇ دەيمەن ؟؟ " دىدى
     بىزنىڭ جاۋاپ قايتۇرمىغىنىمىزنى كۆرۈپ مۇلازىم قىزچاق ئورۇندۇقتا بىزگە قاراپ ئولتۇرغاندىن كىيىن  : " راست گەپنى قىلسام بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ قايسى بىرى كىپەن ئوغۇرسى ئەمەس ؟ ئەگەر سىلەر راستىنلا ساياھەتكە كەلگەن بولساڭلار قورال– جابدۇقلارنى بەك كۆپ ئىلىۋالدىڭلارمۇ قانداق ؟ " دىدى  
   كەنجى تاغام ماڭا قارىۋەتكەندىن كىيىن قىزچاققا بىر رومكا پىۋا قۇيىۋىتىپ : " ئۇنداقتا سىزمۇ كىپەن ئوغۇرسىمۇ ؟ " دىدى 
  " ھەي...!! نەدىكىنى ... نەدىكىنى ..... بوۋام ماڭا بۇ بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن  ‹‹ ئالتۇن قازغۇچى ›› لارنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ ئاز بولمىغان ياخشى جانىۋارلارنى كولاپ ئىلىپ كەتكەنلىكىنى ، ئەمىلىيەتتە ئەڭ ئىسىل جانىۋارلارنىڭ تىخىمۇ ئىچكىرسىدىكى ‹‹ ئەۋلىيا قەۋىرسى ›› دە ئىكەنلىكىنى ، بۇ كىشىلەرنىڭ كولاپ ئاچقان ئالتۇن – كۈمۈش بويۇملىرى ‹‹ ئەۋلىيا قەۋىرسىى ›› دىكى بويۇملارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن " دىدى قىزچاق  
   " ھە ... " كەنجى تاغام قىزىقىپ تۇرۇپ سورىدى . " ئۇنداقتا بوۋىڭىز كرىپ باققان ؟ " : 
 مۇلازىم قىز زىنىقىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ : " گىپىڭىزنى قارىڭە ؟ بوۋاممۇ بوۋىسىدىن ئاڭلاپتىكەن ، بۇ رىۋايەتنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ . ھىلىقى ئەۋلىيانى پەلەك شاھى زىمىنغا بىر سانغۇنغا ئايلىنىپ ئاشۇ ۋاقىتتىكى بىر پادىشاھقا ياردەم بىرىپ ئۇرۇش قىلىشقا ئىۋەتىپتىكەنمىش ، ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كىيىن ئەرىشكە قايتىپ كىتىپتىكەنمىش . ئۇنىڭ تىنى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋاختىدا ئىشلەتكەن قىممەتلىك   قورال– جابدۇقلارلىرى بىرلىكتە كۆمۈلۈپتىكەنمىش ، ئۇنىڭ قەۋرە ئورنى پادىشاھلرنىڭكىدىنمۇ ياخشىمىش ، بولمىسا قانداقمۇ ئەۋلىيا دىگىلى بولسۇن ؟ شۇنداققۇ ؟ " دەپ جاۋاپ بەردى  
   كەنجى تاغام قىزنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا سورىدى : " ئۇنداقتا  بۇ قەۋرىنى ئىزدەپ باققان ، تاپالىغانلار بارمۇ – يوق ؟ 
  " ھەي !! سىز بىلمەيسىز ؟ ئۇ يەرگە كىرىش مومكىن ئەمەس ، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تاغ ئىتىكى يىرىلغاندا ئۇ يەرمۇ يىرىلغان . سىز پەرەز قىلىپ بىقىڭە ! ؟ يىرىق ئىچىدىن قانداق نەرسە چىققاندۇ ؟ !!! " دىدى مۇلازىم قىز  
   " نىمە ؟ !! چىقسا شۇ قىممەتلىك ئاسارە – ئەتىقە چىققاندۇ  ؟ دىدى ئاكۈي .  
  " نىمە ؟ ئاسارە – ئەتىقە چىققان بولسا بۇرۇنلا باشقىلار ئىلىپ كەتكەن بولاتتى . ھازىر سىزگە دىسەم باشقىلارغا دىمەڭ " دىدى مۇلازىم قىز ئاندىن كىيىن بىر رومكا پىۋىنى كۆتۈرۈپلا قارنىغا تۆكۈۋىتىپ ئىيىتتى : " ئۇ يەردىن 100 دىن ئارتۇق تىنى يوق ئادەم بېىشى چىقتى " .
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى