رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك10-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك10-باب

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 1054 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قۇرۇپ قالغان ھېلىقى بىر جۈپ قول ئىنىقكى ئادەمنىڭ قولى بۇلۇپ قۇرۇپ قالغان قاقشالدەكلا كۆرىنەتتى. بۇ بىر جۈپ قول خانقىزنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ قالغان ئىدى. بۇ خىل كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى. مەن بۇنداق بولۇپ كەتكەن تۇرسام ئۇ خانقىز قانچىلىك قورققاندۇ-ھە!؟  قورققىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم چىلىق-چىلىق تەر بولۇپ كەتتى.
 بۇ بىر جۈپ قول مىدىرلىماي خانقىزنىڭ بەدىنىدە ساڭگىلاپ جىم تۇراتتى.  قارىماققا ئۇنىڭ كىيىمىدىكى زىننەت بۇيىمىدەكلا كۆرىنەتتى. خانقىزنىڭ چاچلىرى قالايمىقان بولغاچقا قولنىڭ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ قايسى قىسمىدا ئىكەنلىكىنى ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى.
 خانقىز بەك قورقۇپ كەتكەن بولۇپ پۈتۈن بەدىنى تىتىرەشكە باشلىدى. ئەگەر ئادەتتىكى ئاياللار بولىدىغان بولسا بۇنداق ئەھۋالدا ئاللىقاچان ھۇشىدىن كىتىپ يېقىلغان بولاتتى. مەن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ماغدۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى، شۇ تاپتا ناھايتى خەتەرلىك ھالەتكە بېرىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
 كاپىتان بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دېڭىز تەرەپكە بىر قانچە قېتىم باش ئۇردى، ئۇ نىمىلەرنىدۇ پىچىرلاشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى چۈشەنمىدىم. بىراق ئۇنىڭ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەرۋاھلاردىن ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلەۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلدىم. ئۇ مۇشۇنداق بىر قانچە قېتىم تەكرارلاپ بىر نىمىلەرنى پىچىرلىغاندىن كېيىن، ئىككى پارچە يېرىم چەمبەر شەكىلدىكى ياغاچ پارچىسىنى ئېلىپ پالوبا ئۈستىگە قارىتىپ تاشلىدى- خۇددى پال ئېچىۋاتقاندەكلا.  ئۇ بىر قېتىم تاشلاپ نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقتى. ئارقىدىن يەنە بىرقانچە قېتىم باش ئۇرىۋېتىپ بولۇپ يەنە تاشلىدى. مەن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ تىتىرەشكە باشلىغانلىقىنى كۆردۈم، قارىغاندا بايىقى ئىشنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغاندەك قىلاتتى.
 مەن بۇ خىل كۆز قاراشقا ئەزەلدىن ئىشەنمەيتتىم، بىراق كاپىتاننىڭ بۇنداق تەقۋادارلىقىغا قاراپ ئۇلارنى قاملاشمىغان ئىش قىلىپ سالارمۇ دەپ بىرئاز ئەنسىرەشكە باشلىدىم. چۈنكى بۇ ئادەملەر بۇخىل قائىدە-يۇسۇنلارغا بەك ئەھمىيەت بىرەتتى، ئەگەر بايىقى پالنىڭ نەتىجىسىدە مىنى بىر ئالۋاستىكەن دەپ ئايان بولغان بولسا، ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەستىن مىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشتىن يانمايتتى، بۇ چاغدا مەن ھەرقانچە يالۋۇرغىنىم بىلەنمۇ بىكار ئىدى.
 دەل مۇشۇ چاغدا ھېلىقى خانقىزنىڭ قورققىنىدىن قاتتى ۋارقىرىشى بىلەن تەڭ، خانقىز خۇددى ئارقا تەرەپتىن تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرىغان ئادەمدەك كەينىگە تۈگۈلدى. قۇلىدىكى رىشاتكىنى چىڭ تۇتالمىدىمۇ ياكى ھېلىقى بىر جۈپ قول ئۇنى تارتتىمۇ بىلمىدىم كەينىدىن بىرسى سۆرىگەندەكلا ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ ئاخىرىدا بىر ئۆرۈلۈپلا ئالۋاستى كىمىسىگە چىقىپ قالدى. خانقىزنىڭ كىمىگە چۈشۈشى بىلەن تەڭ ئالۋاستى كىمىسى تىز-تىز يۈرۈپ كەتتى.  مەن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم-دە، كۆپ ئويلىنىپ تۇرمايلا دەرھال سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولدۇم، مەن ئەمدىلا قەدەم ئېلىشىمغا كاپىتان ئېتىلىپ كىلىپ مىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇسىۋالدى، ۋە ماڭا:" بولدى قىل! ئەمدى ئامال يوق! ئالۋاستى كىمىگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنى قۇتقۇزۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئۆزۈڭنى بىكاردىن  بىكار ئۈلۈمگە تۇتۇپ بەرمە!!!" دەپ ۋارقىرىدى.
 كاپىتان ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ مەن ئۇنى چۆرىۋېتەلمىدىم. كىمىدىكى باشقا كىشىلەر ھەممىسى ھاڭۋېقىپلا قالغان ئىدى، مەن كۆڭلۈمدە ئۇلارنى نەچچىنى تىللىدىم.  بۇ چاغدا جاڭ چوقۇر ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يۈگۈرۈپ كىلىپ لەڭگەر ئارغامچىسىنى  تارتىپ سۆرۈپ كۈچەپ بىر چۆرىگەن ئىدى لەڭگەرئارغامچىسىنىڭ  بىر ئۇچى ئالۋاستى كىمىسىگە چۈشتى، ۋە كىمىنىڭ قىرغىقىغا ئىلىشىپ قالدى. ئالۋاستى كىمىسى ناھايتى تىز مېڭىۋاتاتتى، بىردەمدىلا لەڭگەر ئارغامچىسى تارتىشىپ تۈپتۈز بولۇپ قالدى. بىزنىڭ كىمە قاتتىق سىلكىنىپ ئالۋاستى كىمىسىگە سۆرىلىپ ماڭدى.
 كاپىتاننىڭ قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتتى، ئۇ قولىغا پىچاقنى ئېلىپ ئارغامچىنى كەسمەكچى بولغان ئىدى، تۇيۇقسىز ئۇرۇلغان بىر مۇشنىڭ زەربىسىدە ئۇ يەرگە پالاققىدە يېقىلدى، جاڭ چوقۇر ئۇنى خېلى قاتتىق ئۇرغاندەك قىلاتتى. باشقا كىمە خىزمەتچىلىرى بۇنى كۆرۈپ ھەممىسى جاڭ چوقۇرغا يۇپۇرلۇپ كەلدى. جاڭ چوقۇر چاققانلىق بىلەن قولىغا بىر تاپانچىنى ئېلىپ ئۇنى كاپىتاننىڭ بېشىغا تىرىدى، ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا:" ھەممىڭ مىدىرلاشما!  بولمىسا ئۇنى ئېتىۋېتىمەن!!!" دىدى.
 كىمىدىكى باشقا خىزمەتچىلەر بۇخىل ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىغان بولۇپ ، يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. جاڭ چوقۇر ماڭا:" شىياۋۋۇ ، مەن بۇلارغا قاراپ تۇرىمەن، سەن دەرھال بېرىپ خانقىزنى قۇتقۇزغىن!" دىدى.
 مەن ئېغىزىمنى ئېچىپلا قالدىم. مەن خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ نىمە؟  ئۇ مۇشۇنداق دەھشەتلىك دولقۇندا مىنى سۇ ئۈزۈپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇز دىمەكچىمىدۇ؟؟.......       جاڭ چوقۇر ماڭا ئالىيىپ تۇرۇپ ئارغامچىنى كۆرسەتتى، ۋە :" ياشلار يۈرەكلىك بولىدىغان! نىمە قاراپ تۇرىسەن، تىز بول!!" دىدى.
 مەن بېشىمنى چايقىدىم. مەن ئەزەلدىن تەنتەربىيە جەھەتتە ناھايتى ئاجىز تۇرسام، سۇ ئۈزۈپ بارىدىغان ئىش بولسا مىنىڭ ئۆلىدىغىنىم ئىنىق، ئارغامچىغا يامىشىپ بارغان تەقدىردىمۇ، يامىشىپ بېرىپ بولغۇچە ھېرىپ ئۆلەي  دەپ قالىدىغان تۇرسام،  بۇنداق ھالىتىم بىلەن قانداقمۇ ئادەم قۇتقۇزالارمەن؟........
 مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا ئالۋاستى كىمىسى تەرەپتىن نىڭ خانقىزنىڭ قاتتىق چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئارغامچىغا يامىشىشقا تەمشىلىۋاتاتتى، بىراق بىرنەرسە ئارقا تەرەپتىن تارتىۋاتقاندەك ئۇنى ئالغا ئىلگىرلەتمەيتتى. ئۇ كىمە قىرغىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ:" ۋۇ ئەپەندىم، مىنى قوتقۇزىۋېلىڭ!! مىنى قۇقۇزىۋېلىڭ!!..." دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
 مەن ئۆزۈمنى قاتتىق بىر كاچات ئۇردۇم، ۋە ئۆز-ئۆزۈمنى:" ۋۇ شىيې دىگەن ئەبلەخ ! سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ؟!" دەپ تىللىدىم.
 بۇ بىر كاچات مىنى ئويغىتىپ سەگەكلەشتۈردىمۇ ياكى مىنى گالۋاڭ قىلىپ قويدىمۇ بىلمىدىم، مەن بىردىنلا غەيرەتكە كىلىپ:" ئۆلسەم ئۆلگىنىمنى كۆرەرمەن" دىدىم، ئۆز-ئۆزۈمگە.   
 مەن چوڭقۇر نەپەس ئالدىم، ئاندىن سۇ ئۈزۈش كۆزەينىكىنى تاقىدىم، ئايىغىمنى سېلىۋىتىپ كالامپايلارچە ئارغامچىنى تۇتتۇم. ئالدىمدا غايەت زور دېڭىز دولقۇنى ئۆركەشلەيتتى، ئارغامچا پات-پات سۇغا چۆكۈپ كىتەتتى.  
 ئارغامچىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 20مېتىر كىلەتتى، ناھايتىمۇ مەزمۇت ئىدى. ئەگەر پۇت-قولى چاققان بولسىلا ئانچە خەتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئەڭ چوڭ چاتاق ئارغامچا سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كىتەتتى. مۇشۇنى ئويلاپ يۈرۈگۈم ئەنسىز سوققاندەك بولدى.
 مەن توغۇلۇپ ھازىرغىچە بۇنداق دەرھال قارار قىلىدىغان، جان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىغان  ئىدىم.  مەن ئىككىلىنىپ كىمە قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ قىمىرلاشقا باشلىدىم. ئاخىرى ئاستاغىنە ئارغامچىغا ياماشتىم. مەن كىنولاردىكى ئالاھىدە خادىملاردەك بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ پۇت-قولۇمنى تەڭلا ئىشقا سېلىپ، بىر تەرەپتىن ياماشقاچ بىر تەرەپتىن دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. بىرنەچچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا شىددەتلىك بىر دولقۇن كىلىپ مىنى ئارغامچا بىلەن قۇشۇپ سۇ ئاستىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى. مەن بېشىمنى سۇ ئۈستىگە چىقارغان ۋاقتىمدا دىمىم سىقىلىپ يۈزلىرىم كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى.  بىرىنجى قېتىملىق دولقۇندىن بىخەتەر ئۆتتۈم، مەن دولقۇننىڭ ھەركەتلىنىش قانۇنيىتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ قارشى تەرەپكە ئامان ئىسەن بارالايدىغانلىقىمغا ئىشەندىم.
 شۇنداق قىلىپ مەن ھەر قېتىم دولقۇنغا دۇچ كەلگەندە ھەركەت قىلماي ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇپ جىم تۇردۇم، دولقۇن ئۆتۈپ كەتكەندە بىر نەچچە قەدەم ئالدىغا ياماشتىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى ئىسىمدە يوق، نىمىلا بولمىسۇن مەن ئالۋاستى كىمىسىگە يېقىنلاپ قالغان ئىدىم.  تۇساتتىن باياتىنقىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بىر دولقۇن ئۇرۇلۇپ كىلىپ مىنى نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇققا ئېلىپ كىرىپ كەتتى. مەن قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم. مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئارغامچىنى تۇتىۋالدىم، ۋە كۆزۈمنى ئېچىپ سۇ تىگىگە قارىدىم. مەن تۇيۇقسىز ئاجايىپ غەلىتە بىر مەنزىرىنى كۆردۈم، كىمىنىڭ ئاستى تەرىپىدە بىردانە داتلىشىپ كەتكەن، دېڭىز ئۈسۈملۈكلىرى لىققىدە چاپلىشىپ ئۈسۈپ قالغان بىر تۈمۈر زەنجىرنى كۆردۈم، بۇ زەنجىر ناھايتىمۇ ئۇزۇن ئىدى. غەلىتە يېرى شۇكى بۇ ئارغامچىنىڭ  ئۇچى يوق ئىدى. سۇ ئاستىدا يەنە بىر غايەت چوڭ بىر نەرسە غۇۋا كۆرۈندى. مەن ئېغىزىمدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىپ تېخىمۇ تەپسىلى قاراي دەپ تۇرغىنىمدا ئارغامچا مىنى تۇيۇقسىز سۇ ئۈستىگە چىقىرىپ قويدى. ۋە مىنى ئۈستىگە كۆتۈردى. مەن دولقۇننىڭ چۇقىسىدا تۇراتتىم. مەن پەسكە قارىغان ئىدىم، ھېلىقى خانقىزنىڭ ناھايتى غەلىتە بىر قىياپەتتە كىمە ئىسكىلاتى تەرەپكە ئىلگىرلەۋەتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ قالدىم، ئۇنى تارتىۋاتقىنى دەل بايىقى بىر جۈپ قۇرۇپ قالغان قول ئىدى. قارىغاندا ئۇ ناھايتى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى، پۇت-قولى ئۆزىنىڭ ئەمەستەكلا .      دەل شۇۋاقىتتا بايىقى دولقۇن بىر ئاز جىمىدى، مەن دەرھال ئالۋاستى كىمىسىگە يامىشىپ چىقىۋالدىم.




 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ.
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى