رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك34-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك34-باب

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 781 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر ئىش بولدى دىسە. تىرىك مۇردا دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ سەكرەپ-سەكرەپ دىگەندەك ھەر كەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ كۈلگىنى بىر قىزىقارلىق ئىش-تە؟ جاڭچىلىڭ كۆڭلىدە قاتتىق جىددىيلەشتى ۋە ئارقىسىغا بىر قەدەم ياندى. ھۇشيارلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى، ئۇ كۆڭلىدە ئۇ جەسەتتىن كىلىدىغان تۇيۇقسىز زەربىگە تەييارلىق كۆرىۋاتاتتى.  ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى جەسەتنىڭ ئۈستى تەرەپنى كۆرىسىتىپ تۇرغان قۇلى بىردىنلا تۈپتۈز بولۇپ ئالدى تەرەپنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ بىلەن تەڭلار ئۆينىڭ ئىچى غۇۋالىشىپ بايامقى نۇر چېچىپ تۇرغان مەرۋايىتتەك نەرسىلەرمۇ كۆرۈنمىدى.
 ئۇلار بۇ ئۆيگە كىرگەن ۋاقىتتا باتارىيەنى تىجەش ئۈچۈن قولچىرىقىنى ئۆچىرىۋېتىشكەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى بىر قانچەيلەن قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتى. جاڭچىلىڭ گەرچە ئۆي ئىچى غۇۋالاشقان بولسىمۇ، بىراق پۈتۈنلەي قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى بايقاپ، ئالدىراپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۈستىگە قارىدى. ئۇ شۇندىلا ئۆينىڭ تۆت تەرىپىدىكى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى يۇرۇقلۇقنىڭ ئۆچمىگەنلىكىنى بايقىدى، خۇددى گۇگۇمدىكى ئۇزنغا سۇزۇلغان كۇچىدا يېنىپ قالغان يول چىرىقىدەك پەقەت بىر بولۇڭنىلا يۇرۇتۇپ تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا چەتتە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسىنىڭ تىتىرەپ تۇرۇپ:« تام، تام تامدا بىر ئادەمنىڭ چىرايى باركەن!!»دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
 جاڭچىلىڭ قاتتىق چۈچۈپ بېشىنى بۇراپ شۇنداق قارىغان ئىدى، شەرق تەرەپتىكى ھېلىقى يۇرۇق بولۇڭدىكى نۇرنىڭ يۇرىقىدا تامدا ناھايتىمۇ چوڭ بىر ئادەمنىڭ چىرايىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى.
 جاڭچىلىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر مەيدان«ئويۇن»نىڭ باشلانغانلىقىنى پەملەپ، سەل جىلە بولغان ھالدا تاش تەخسە ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، شەرق تەرەپتىكى ھېلىقى تام تەرەپكە كىلىپ سىنچىلاپ قاراپ ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە تامغا ئويۇلغان ئادەم چىرايى ئىكەنلىكىنى كۆردى. بۇ ئويما رەسىم نۇرنىڭ كىسىشىشى ئارقىسىدا ئاندىن كۆزگە ئىنىق چېلىقاتتى، بولمىسا پەرق قىلغىلى بولمايتتى، بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق بولۇپ ئادەم ھازىرقىدەك جىددىيلىشىپ تۇرغان پەيتتە تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىلىنەتتى.
 جاڭچىلىڭنى تويۇقسىز توك سوققاندەك بولدى. ئۇ سىنچىلاپ قارىغان ئىدى ئەسلىدە تامدىكىسى بىر ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئىكەن. رەسىمنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا بۇ قەبرە قۇرۇلىشى تاماملانغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشتەك قىلاتتى. ئۇ كۆرىۋاتقان رەسىمدىكى ئەرش ئوردىسى بىر ناھايتى تىك بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ياسالغان ئىدى. تاغنىڭ چۇقىسىدىكى بۇلۇتلارنى قۇيۇق تۇمانلار ئورىۋالغان، بۇ تۇمانلار بۇ قۇرۇلۇشنىمۇ قورشىغان بولۇپ قارىماققا خۇددى ئاسمان بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن تۇيغۇ بىرەتتى. جاڭچىلىڭ تاغ ئۈستىدىكى قۇرۇلۇش مەنزىرىسىنى كۆرۈپ بۇنىڭ زادى قايسى تاغ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالدى.
 ئۇ بۇرۇلۇپ قارىغان ئىدى قالغان تاملاردىمۇ يۇقارقىدەك ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر كۆرۈندى. ئۇ ئالدىراش جەنۇپ تەرەپتىكى تام تۈۋىگە بېرىپ قاراشقا باشلىدى. ئۇ ئەرش ئوردىسىنىڭ ئاستىدىكى بىر ھاڭدا تاشنىڭ يۈزىنى سىلىقلاپ بىر ئاسما يول ياسالغانلىقى يوللارنىڭ بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەنلىكىنى، سەپ-سەپ ئىشچىلارنىڭ كىرانغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بىلەن غايەت زور چوڭلۇقتىكى بىر تاۋۇتنى ھېلىقى يوللار ئارقىلىق ئۈستىگە كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى، مىيت ئۇزىتىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ بولسا تارتىش يۈنىلىش بۇيىچە تاۋۇتنى ئۈستىگە قولى بىلەن ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.  بۇ ۋاقىتتا جاڭچىلىڭ ئاھ ئۇرۇپ قويدى. بۇ رەسىمدىكىسى ئىنىقكى بىر قەبرە ئىكەن، ئۇنداقتا تاۋۇتقا سېلىنغىنى كىمدۇ؟
 ئۇ ئارقىدىن غەرپ تەرەپتىكى تامغا قارپ ماڭدى. بۇ تامدىكى رەسىملەر تېخىمۇ غەلىتە ئىدى. رەسىمدە ھېلىقى يوللاردا ئوت كۆيىۋاتقان بولۇپ مىيتنى ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كېيىن كىرىش ئېغىزىنىڭ ئاشكارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ يەرنى كۆيدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇنداق قىلغاندا قەبرە قازغۇچىلارنىڭ بۇ يەرنى پاراكەندە قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى. جەنۇپپەرەس بولسۇن ياكى شىمالپەرەس بولسۇن ھېچكىممۇ بۇنداق ئىگىز چۇققىغا چىقىپ قەبرە قېزىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.
 ئۇ تا ھازىرغىچە بۇنداق غەلىتە قەبرىگە يولۇقۇپ باقمىغان ئىدى، ئىختىيارسىز ھەيران قالدى. ئۇ ئالدىراش ئەڭ ئاخىرقى تامدىكى رەسىمنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى، ئۇقاراپلا ھەيران قالدى. ئۇ يۈگۈرگەن پېتى بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال رەسىمنىڭ ئالدىغا باردى ۋە رەسىمگە قاراپ ھەيران قالدى. چۈنكى بۇ رەسىم ناھايتى ئاددى بولۇپ  تاغ چۇقىسىدىكى ئەرش ئوردىسى تۇيۇقسىزلا غايىپ بولغان، پەقەت ئاپئاق قارلا كۆرىنەتتى، چوڭقۇر ھاڭ ئاپئاق بۇلۇتلار بىلەن ئورىۋېلىنغان.  جاڭچىلىڭ بۇلارغا قاراپلا بۇنىڭ قار كۆچۈش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى.
 ئۇ ئوت كۆيۈپ بۇ يەرنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى ئۆرلەتكەن بولسا، ئەرش ئوردىسىنىڭ ئەتراپىدىكى قارلار ئاستا-ئاستا ئىرىپ چوڭ كۆلەمدىكى قار كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن دىگەنلەرنى پەرەز قىلدى. بۇ قار پەقەت ئەرش ئوردىسىنى ئورىۋېلىپلا قالماي پۈتۈن تاغ باغرىنى تولۇق يۆگىگەن، بۇ ھەيۋەتلىك ئوردا پۈتۈنلەۇ قار ئاستىدا قالغان.
 ئۇ بۇلارنى كۆرۈپ ئېغىر خۇرسىندى. پەلەكتىكى ئەرش ئوردىسىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مۇنداق بولغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. قارىغاندا بۇ قەبرىنىڭ باش لاھىيىىگۈچىسى ۋاڭساڭخەي يۇقارقى ئەھۋاللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان، ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگەك مىۋىسىنى قارلار دۆۋىسى ئارىسىدا سىرلىقلاشتۇرۇپ يۇشۇرغان.  ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ داڭلىق مىۋىسىنىڭ ياسىلىش ۋە يۇقۇلۇش جەريانىنى رەسىملەر ئارقىلىق بايان قىلىشىمۇ ئۇنىڭ سىرلىقلىق تۈسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولاتتى. ئۇ بۇنداق زور ئىجادىيىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بايقالماي مەڭگۈ سىر پېتى تۇرۇپ قالسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مانا مۇشۇنداق سىرلىق ئۇسۇلدا خاتىرە قالدۇرۇپ قويغان.
 ھازىرقى ئەڭ نامەلۇم بولغان مەسىلە شۇكى_ بۇ قەبرىگە زادى كىمنىڭ كۆمۈلگەنلىكى ئىدى. جاڭچىلىڭ يەنە غەمگە پاتتى.  بۇ چاغدا ۋېنجىن ۋە باشقا بىرقانچەيلەن بولۇڭدىكى ئەينەكنى يۆتكىمەكچى بولىۋاتاتتى. جاڭچىلىڭ بۇنى كۆرۈپ ئازراق غەلىتىلىك ھىس قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن نىمە قىلۋاتقانلىقىنى سورىدى. ۋېنجىن ئالدىراش ھالدا:" مەن بايام ئۈچىنجى تاغىنىڭ مۇشۇنداق ئەينەك ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ئارقىدىن غايىپ بولغانلىقىنى كۆردۈم!" دىدى.
 جاڭچىلىڭ شۇندىلا ئۈچىنچى تاغىنى ئىسىگە ئېلىپ، ئالدىراش يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇلارغا ياردەملەشتى. بۇ ئىككى مېتىر ئىگىزلىكتىكى مىستىن قاپلانغان ئەينەك ناھايتىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلار خېلى كۈچەپ ئاران دىگەندە يېرىم مېتىرچە مىدىرلىتالىدى. كۆپچىلىك ھاسىراشقىنىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەينەك كەينىگە قارىغان ئىدى، ئەينەكنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كىرىش ئېغىزىنى كۆردى. جاڭچىلىڭ قولچىرىقىنى تەڭلەپ قاراپ باققان ئىدى، ئىچى قاپقاراڭغۇ كۆرۈندى. بۇ كىرىش ئېغىزى زادى قەيەرگە تۇتىشىدىغاندۇ؟
 كەنجى تاغا ئالدىنقى كۈنى قەبرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى قىياس قىلغاندا بىز تۇرىۋاتقان بۇ ئۆينىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. بىراق جاڭچىلىڭ بۇ قەبرىنىڭ كەنجى تاغا ئېيتقاندەك ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغان.
 ئۇ قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ باشقىلارنى باشلاپ ئىچىگە قاراپ ماڭدى. قولچىرىقىنىڭ باتارىيىسى تۈگەي دەپ قالغان بولۇپ ناھايتى بوش ياناتتى. ۋېنجىن ئەڭ ئالدىدىكى ۋە ئەڭ ئارقىسىدىكى ئىككى ئادەمنىلا قولچىرىقىنى ياندۇرۇپ مېڭىشقا، باشقىلارنى قولچىراقنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرىدى. بۇ ئۆتۈشمە يول ناھايتى كەڭ بولۇپ تۆت ئادەم قاتارلىشىپ ماڭالايتتى. خولىڭ جاڭچىلىڭ بىلەن ۋېنجىننىڭ ناھايتى يېقىن ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئازراق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا خولىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مەجبۇرى سوقۇلۇپ كىردى. جاڭچىلىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، ھۇشيارلىق بىلەن ئالدى تەرەپنى كۆزەتتى. ئالدى تەرەپتە بىر نەرسە مىدىرلاۋاتقاندەك كۆرۈندى.
 بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى تېخىمۇ قۇيۇقلىشۋاتقان تۇمان ۋە مۇدھىش پۇراق ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ مۇدھىش پۇراق بارا-بارا قۇيۇقلىشىپ ئادەمنى سەسكەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا جاڭچىلىڭ كەينىگە بۇرۇلۇپ ۋېنجىندىن سورىماقچى بولدى. ئويلىمىغان يەردىن جاڭچىلىڭنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقانلار يەرگە يېقىلغان ئىدى. ۋېنجىن بېشىنى كۆتۈرۈپ جاڭچىلىڭغا بىر مەرتەم قارىدى-دە، ئۇمۇ ھۇشىدىن كەتتى.
 جاڭچىلىڭ بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ دەرھال نەپەس ئالماي قولى بىلەن بۇرنى ۋە ئېغىزىنى ئىتىۋالدى. كىم بىلسۇن ئۇ ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدى. ئۇ قانداقتۇر بىرخىل تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان بىئاراملىقنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى قىيناشقا باشلىغانلىقىنى سەزدى ۋە ئارقىدىنلا يەرگە يېقىلىپ پۈتۈنلەي سېزىمىنى يۇقاتتى.  بىر ھازادىن كېيىن ئۇ كۆزىنى زورىغا ئېچىپ ئالدىغا قارىدى، بۇ چاغدا كەنجى تاغا ئۇنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراۋاتاتتى.
 سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بوتولكا گەپ قىستۇردى:" مەن ھۇشۇمغا كىلىپ قارىسام دوختۇرخانىنىڭ كىسەل كارۋىتىدا يېتىپتىمەن، ھېچنىمە ئىسىمدە يوق. شۇ ئىش بولۇپ بىرقانچە ئايلاردىن كېيىن بەزىبىز ئىشلار ئازراق ئىسمگە كەلگەندەك بولدى. يەنە بىر قانچە يىللاردىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ كاللىسىدىن ئازراق چاتاق چىققانلىقىنى ھىس قىلدىم."
 مەن گەپ قىستۇردۇم، "سەن ئۆزۈڭنى قېرىپ كەتكەندىن ھىس قىلىپ قالدۇڭمۇ ؟ "   ئۇ مىنىڭ سۇئالىمغا پىسەنت قىلماي ئۇلاپلا سۆزىنى داۋام قىلدى_" مەن بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلمەيمەن. بىراق مەن ئۈچ ئاي ئىلگىرى سىنىڭ كەنجى تاغاڭنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇنى بىر كۆرۈپلا كۆزۈمگە ناھايتى تۇنۇشتەك كۆرۈندى، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ئىسىمگە ئېلىش ئۈچۈن سىلەرگە ئەگىشىپ لۇ بېگىنىڭ قەبرىسىگە باردىم."  سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ بۇرۇلۇپلا ماڭا قارىدى ۋە:" مىنىڭ ۋاڭ بېگىنىڭ قەبرىسىدە سىنىڭ كەنجى تاغاڭنى ئۇچرىتىپ قالغىنىم ناھايتىمۇ غەلىتە ئىش!" دىدى.
 مەن ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى بىلمىدى. بوتولكا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ:" سىلەر ھېلىقى مىس تاۋۇتنىڭ ئىچىدىن ئالغان كىتاب ئەمەلىيەتتە ساختا، ئۇ كىتاب ئاللىبۇرۇن سىنىڭ كەنجى تاغاڭ تەرىپىدىن ئېلىپ كىتىلگەن" دىدى.
 مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم." قۇرۇق گەپ! ئۇ كىتابنى سەن ئېپكەتكەن ئەمەسمىدىڭ!؟"دىدىم-مەن.
 بوتولكا ماڭا سوغۇققىنا قاراپ قۇيۇپ:" ياق مەن ئەمەس، دەل سىنڭ كەنجى تاغاڭ. كەنجى تاغاڭ ۋە داكۈي ئىككىسى بىر دەرەخنىڭ كەينىدىن تۈشۈك كولاپ قەبرىگە كىرگەن. بۇمۇ بەلكىم داكۈينىڭ نىمىشقا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك؟" دىدى.
 مەن بۇلارنى ئاڭلاپ تەرلەپ كەتتىم، ئادەتتىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك جىددىيلەشتىم. مەن كەنجى تاغام تەرەپتە تۇراي دىسەممۇ بىراق نۇرغۇن ئەھۋاللار چاقماق كەبى كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن داكۈينىڭ نىمىشقا زەھەرلىنىپ قالغانلىقىنى، ئەسلىدىنلا ناھايتى سەگەك تۇرغان فەنزىنىڭ نىمىشقا بىز يەر يۈزىگە چىققىنىمىزدا ئاللىقاچان ھۇشىدىن كەتكەنلىكىنى، مەن ۋە سىمىز ئىككىمىزنىڭ تېخى ھېلىقى قەبرىدىن چىقىپ بولالماي تۇرسان كەنجى تاغامنىڭ نىمە بولۇپ بىزدىن ئاۋال چىقىپ بىنزىن توڭىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئويلاشقا باشلىدىم.
 مەن قالغانلىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. دۇنيادىكى ھەممە نەرسە يالغاندەك، كىمنىڭ راست، كىمنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قېلىۋاتاتتىم. مەن خۇددى كونتروللىقىنى يۇقاتقاندەك ئۆز –ئۆزۈمگە:" ياق، ياق، ئىش بۇنداق ئاددى ئەمەس. كەنجى تاغام زادى نىمىشقا مۇشۇنداق قىلىدۇ؟!" دىدىم.
 بوتولكا ماڭا ناھايتى سوغۇق نەزىرى بىلەن قاراپ:" ئەگەر ئۇ ئادەم راستىنلا سىنىڭ كەنجى تاغاڭ بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ باشقا نىيىتى يوق، بىراق............." دەپلا ئېغىر ئۇھ تارتتى.
 مەن ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدىم. بىراق كۆڭلۈمدە بوتولكىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىۋاتاتتىم. مەن ئىختىيارسىز ئاچچىق كۈلدۈم. مەن ئەسلىدە كەنجى تاغام ماڭا قانچە قېتىم يالغان گەپ قىلغاندۇ دەپ ئويلايتتىم، بىراق ھازىر كەنجى تاغام ماڭا زادى قانچە قېتىم راست گەپ قىلغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.
 مەن ئىشنىڭ بۇنداق ئۆزگۈرۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، بىراق ھازىر بۇلارغا باش قاتتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق. زادى كىمنىڭ راست كىمنىڭ يالغانلىقىنى بىز بۇيەردىن چىقىپ كىتەلىسەك ئاندىن بىلىش مۇمكىن، ئەگەر چىقىپ كىتەلمەي مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسەك ئۇ چاغدا بۇنى بىلگەننىڭمۇ نىمىگە پايدىسى.
 مەن دەرھال ئىسىمنى يىغىپ، ئۆزۈمنى سەل توختىتىۋالدىم.  بۇ چاغدا سىمىز ئاللىقاچان تاش ئابىدىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغان ئىدى. ئۇ تاشنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنى تاراۋاتاتتى. « ئۆلگۈر سىمىز! سەن نىمە قىلىۋاتىسەن؟! سەل تەخىر قىلىپ تۇرساڭ بولمامدا؟» دەپ ۋارقىرىدىم مەن قاپىقىمنى تۈرۈپ.
 ئۇ بېشىنى بۇراپ ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى دوراپ:« كەمىنە چاچ تاراۋاتىمەن، چېچىمنى تاراپ قويغانغا سىنىڭ جېنىڭنى ئالمايدۇ!سەن نىمە كوتۇلدايسەن!؟»دىدى.    مەن ئامالسىز قالدىم. ئۇنىڭغا:« ئەجىبا سەنمۇ پەلەك ئوردىسىنى كۆرۈپ باقماقچىمۇ؟» دىدىم.
 _«ئەلۋەتتە، ئۇنداق ھەيۋەتلىك، كەم تېپىلىدىغان مەنزىرىنى كىمنىڭمۇ كۆرگۈسى كەلمىسۇن؟ بۇنداق پۇرسەتنى مەن قانداقمۇ قولدىن بىرەي. بىز بۇ يەرگە دائىم كىرمەيمىز -دە. بۇ قېتىم بىزنىڭ ئازراق بايلىققا ئىرەشىلىمىزدە گەپ يوق. مىڭ جاپادا بۇ يەرگە كىرگەن ئىكەنمىز قۇرۇق قول قايتساق بولمايدۇ-دە!»دىدى سىمىز.
 -« ھۇ ئاناڭنى، ئەتىدىن شۇنچە دىققەت قىلىپ ئاڭلاۋاتاتتىڭ سىنىڭ مەقسىدىڭ شۇ بايلىق ئۈچۈنمىدى!؟» دىدىم مەن.
 ئۇ يەنە قايىل بولماي-«سەن بۇنداق دىسەڭ بولمايدۇ، مىنىڭ پەلەك ئوردىسىغا كىرىشىمدە باشقا بىر ئالاھىدە سەۋەب بار. سىلەر بىلەمسىلەر؟» دىدى.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

 

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى