رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك13-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك13-باب

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 1213 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ بەتبەشرە مەخلۇقنىڭ يۈزى ناھايتى چوڭ بولۇپ ، ئۇنىڭ بېشى مىنىڭ بېشىمدىن تۆت-بەش ھەسسە چوڭ ئىدى. ئۇنىڭ بەدىنى ئىشىكنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان بولغاچقا ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ زادى قانچىىك چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولمىدى. پالوبىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن ئېھىلىپ قالغان تۈشۈكتىن چۈشكەن نۇر ئۇنداق كۈچلۈك بولمىغاچقا ئۇنىڭ باشقا ئەزالىرىنى كۆرۈشكە ئامال بولمىدى.  ئۇ غەلىتە مەخلۇقمۇ ياكى ئالۋاستىمىدۇ؟     ئۇنىڭ ئەشۇ بەتبەشرە ، غەلىتە تەلەتىدىن ئۇنى ئالۋاستىمىكىن  دەپ پەرەز قىلدىم.
 مەن مۇشۇنداق ھاڭۋاقتىدەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم، پۈتۈن بەدىنىم شۈركىنىپ كەتتى، قورققىنىمدىن نەپەسلىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم.   ئىككى پۇتۇم ئۈزۈمنىڭ ئەمەستەكلا  بارغانسىرى بوشىشىپ ماڭا بويسۇنمايۋاتاتتى. مەن ناھايتى تەسلىكتە ئارقامغا بىر قانچە قەدەم چىكىندىم، شۇندىلا مەن ھېلىقى خانقىزنىڭ يەنىلا يەردە يېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.  كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا شۇنداق ئۆچلۈكۈم كەلدى.  لېكىن ئۇنى قۇتقۇزماسلىققا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.
 مەن خانقىزنى بىر ئۆرۈپلا قارىدىم، ھېلىقى بىر جۈپ  قول كۆرۈنمەيتتى. مەن يەنە كۆپ ئويلاپ ئولتۇرسام سۇ يەنە ئېتىلىپ كىلىدىغان لسا ئۇ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالاتتى.  مەن دەرھال ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئۇنى بىر تەرەپكە تارتتىم. كىمە ئىسكىلاتىنىڭ بىر تەرىپى كىمە پالوبىسىغا چىقىدىغان پەلەمپەيگە تۇتىشاتتى. مەن پەقەت بىر ئامال قىلىپ ئۇنى كىمە پالوبىسىغا ئېلىپ چىقساملا  دېڭىزغا سەكرەمدىم ياكى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلامدىم... ئۇ چاغدا مىنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتىم كۆپ ئىدى.
 مەن بىر تەرەپتىن بوشاپ كەتكەن پۇتلىرىمنى يۆتكىگەچ بىر تەرەپتىن پەس ئاۋازدا  ئۆز-ئۆزەمگە:" سوغۇققان بول! قورقما ! بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا تېخىمۇ سوغۇققان بولۇش كېرەك!!....." دىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئاستا-ئاستا ئارقىغا ياندىم. بىراق مىنىڭ بۇ كۆزۈم نىمىشقىدۇر ھېلىقى مەخلۇقتىن مىھرىنى ئۆزەلمەيۋاتقاندەك يەنە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارايتتى.
  ھېلىقى مەخلۇق ماڭا جىمجىت تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، مىدىرلاپمۇ قويمايتتى.  ئەگەر ئۇ ئازراق ھەركەت قىلغان بولسا ئىدى ، مەن بىر ئاز يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلغان بولاتتىم، بۇنداق تامنىڭ تۈشۈكىدەك ماڭا قاراپ تۇرىۋەرگەنسىرى بەدەنلىشىپ تېخىمۇ تىكەنلىشىپ كەتتى.   " ھەي غەلىتە ئەبلەخ! ھازىرغىچە مىدىرلىمىغاندىكىن ئەمدى مىدىرلىغۇچى بولما ، ئەگەر مەن ئەمدى پەلەمپەيگە چىقىشىمغىلا مىدىرلاپ قالىدىغان بولساڭ .................." دىگەنلەرنى ئويلىدىم مەن كۆڭلۈمدە.
 مەن شۇلارنى ئويلىغاچ ئۇنىڭغا ئەمدى قارىماسلىقنى توغرا كۆردۈم، ۋە دەرھال بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ قەدىمىمنى تىزلەتتىم. خانقىزنى پەلەمپەي ئېغىزىغا سۆرەپ ئېلىپ كەلدىم.   ئۇ يەرگە بېرىپلا بېشىمدىن تۈتۈن چىققاندەك بولدى.  بۇ پەلەمپەي ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ پەقەت پەلەمپەي جازىسىلا قالغان ئىدى.  مەن يالغۇز ئادەم بولغان بولسامغۇ بىر نىمىلەرنى قىلىپ چىقىپ كىتىش مۇمكىن ئىدى. لېكىن بۇ يەردە ئۆلەي دەپ قالغان "چىرايلىق خېنىم"دىن بىرسى تۇرسا...   ھەر ھالدا پەلەمپەينىڭ جازىسى ئۈستىدە بىر قانچە پارچە تاختاي توغرىسىغا تۇراتتى. مەن قولۇمنى سوزۇپ بىر قولۇمدا خانقىزنى تۇتۇپ كۈچەپ ئېسىلغان ئىدىم ناھايتى ئاسانلا سۇنۇپ كەتتى. تاختاي ئاللىقاچان پۈرلىشىپ كەتكەن ئىدى.
 شۇ ئەسنادا مەن ھېلىقى مەخلۇق تەرەپكە قارىدىم، ئۇ نىمىدىگەن سەۋرىچان ھە؟     ئۇ تېخىچە مىدىرلىماي تۇراتتى.   مەن ھازىر تېخىمۇ غۇۋا بوولغان جايدا، مەخلۇق بىلەن ئارىمىزدا  نۇر چۈشۈپ تۇرغان تۈشۈك(پالوبىدىكى تىشىلىپ كەتكەن جاي) بار بولغاچقا مەن مەخلۇقنى ناھايتى غۇۋا كۆرىۋاتاتتىم.   مەن مەخلۇقنىڭ ھازىرغىچە بىرەر ھەركەت قىلمىغىنى كۆرۈپ بىر ئاز خاتىرجەم بولدۇم ۋە خانقىزنى تامغا يۆلەپ ئولتۇغۇزۇپ قويۇپ ئاۋال ئۆزۈم چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم.
  ئەپسۇس ، مىنىڭ قولۇم خېلى ئۇزۇن بولسىمۇ  بىراق ناھايتى مادارسىز ئىدى. مەن ئىككى قېتىم سىناپ باقتىم ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدۇم. يامىشىپ چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە ئېغىز-بۇرنۇمنى يەرگە قاتتىق ئۇرىۋالدىم، ئاغرىقتىن يىغلاپ سالدىم. كۆڭلۈم ناھايتى غەش بولدى، شۇ يەردە تۇرۇپ خېلى ئويلاندىم، بىراق كاللامغا بىرەر ئامال كەلمەيتتى.  مەن ئالدىنقى قېتىمدىكىگە ئوخشاشلا بېشىمنى بوراپ ھېلىقى غەلىتە مەخلۇق تەرەپكە قارىدىم. ئەسلى قارىمىسام بوپتىكەن، بىلمىدىم قاچانلاردا كىلىۋالدىكىن غايەت زور چوڭ بىر نەرسە مىنىڭ كەينىمدىلا تۇراتتى، يۈزۈم ئۇنىڭ بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇراتتى، تاس قالدىم ئۇنىڭغا ئۈسۈپ سالغىلى.   قورققىنىمدىن مەن كونتروللىقىمنى يۇقاتقاندەكلا قاتتىق ۋارقىرىدىم.
 ئەگەر سىز پۈتۈن زىھنىڭىز بىلەن بىر ئىش قىلىۋاتسىڭىز بىرسى سىزنىڭ كەينىڭىزدە لام جىم دىمەي قاراپ تۇرسا  سىز ئۆرۈلۈپلا ئۇنى كۆرسىڭىز ، ئەلۋەتتە ئۆلگۈدەك قورقىسىز .  ھازىرچۇ ؟ ناھايتى چوڭ يىرگىنىشلىك ، بەتبەشرە مەخلۇقنى كۆرگەندىكى ئەھۋالىمنى تىل ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايتتى.    مەن قاتتىق ۋارقىراش بىلەن تەڭلا كىمە تېمىغا چاپلىشىپلا قالدىم.
  بۇ ۋاقىتتا مەن بۇ نەرسىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئىنىق كۆردۈم.  تۇيۇقسىز چاقماق چاققاندەكلا بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى.    مەن كىچىك ۋاقتىمدا يەنخەيدىكى بىر ساۋاقدېشىمنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم--" بىر قېتىم ئۇلارنىڭ كەنتىدىكى بىر بېلىقچى دېڭىزدىن غەلىتە بىر نەرسە تۇتىۋاپتۇ، بىر قارىسا ئادەمگە ئوخشاپ كىتىدىكەن ، ئۇنىڭ بەدىنىدە تەڭگىسىمان نەرسىلەر ئۈسۈپ چىققان بولۇپ ناھايتى قورقۇنۇچلۇق ئېكەن.        بېلىقچى ئۇ نەرسىنى ئېلىپ كەنتكە ئاپىرىپتۇ . بىراق ھېچكىممۇ بۇ نەرسىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەپتۇ.  ئۇلار مۇشۇ كەنتتىكى يۈز ياشتىن ئېشىپ كەتكەن بىر  قېرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ . بۇ قېرى ئۇنى كۆرۈپلا قاتتىق قورقۇپ ۋارقىراپ:" چاتاق بولدى ! بۇ دېڭىز مايمۇنى ئىكەن، ئۇنى دەرھال قويۇپ بىرىڭلا!  بولمىسا سەل تۇرۇپ باشقا دېڭىز مايمۇنلىرىمۇ توپلىشىپ يىتىپ كىلىدۇ، كەنتىمىزدە چوڭ ئىش چىقىدۇ !" دەپتۇ .       ھېلىقى بېلىقچى بۇنداق غەلىتە ھايۋاننى تۇتىۋالغانلىقىدىن خۇش بولۇپ  باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى قويۇپ بىرىمەن دەپ قويۇپتۇيۇ، لېكىن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ بېقىپ شەھەردىكىلەرگە ساتماقچى بوپتۇ.   شۇنداق قىلىپ بېلىقچى ئۇ نەرسىنى ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ.  نەتىجىدە ئىككىنجى كۈنى بۇ بېلىقچى تۇيۇقسىز يۇقاپ كىتىپتۇ، كەنتتىكىلەر ساق ئىككى كۈن ئىزدەپ ئۇنىڭ جەسىتىنى دېڭىز ياقىسىدىكى بىر يارنىڭ تۈۋىدىن تېپىپتۇ. بېلىقچى بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قۇرسىقى يېرىلغان بولۇپ ئىچ ئەزالىرى پاك-پاكىز يەۋېتىلگەن ئىكەن.
  ھېلىقى قېرى :" چاتاق بولدى، باشقا دېڭىز مايمۇنلىرى كىلىپ ئۆچ ئاپتۇ ، ئەگەر بىز ئۇلارغا نەزىر چىراق قىلىپ قوي، كالا كاللىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى بەرمىسەك ، ئۇلار كىلىپ بىزنىمۇ ئارامىمىزدا قويمايدۇ - دەپتۇ. ۋە  بىر قانچە كۈن پۈتۈن كەنتتىكىلەر نەزىر چىراق ئۆتكۈزىشىپتۇ.
 ئەينى چاغدا ھېلىقى ساۋاقدېشىم دېڭىز مايمۇنىنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ ماڭا كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. ئۇ ئادەتتىمۇ رەسىم سىزىشقا بەك ئۇستا بولغاچقا ئۇنى راستەكلا سىزغان ئىدى. ئاشۇ چاغدا  دېڭىز مايمۇنى دىگەن بۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ سىماسى مىنىڭ سەبى قەلبىمگە قاتتىق زەربە بولغان ئىدى. مەن تېخى بىر نەچچە كىچە ئۇخلىيالمىغان ئىدىم.    مانا ھازىر ئۇنى راستلا كۆرىۋاتىمەن، ئۇنىڭ بۇنچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
  مەن شۇلارنى خىيال قىلىۋاتقىنىمدا ، بۇ مەخلۇق يەنىلا مىدىرلىماي جىم تۇردى.  لېكىن ئۇ تامغا يۆلىنىپ ياتقان خانقىزغا قاراۋاتاتتى، ئېغىزىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىۋاتاتتى. تەلىيىگە خانقىز ھازىر ھۇشسىز ، ئەگەر ئۇ ساق بۇلىدىغان بولسا بۇ مەنزىرە كۆرسە بەلكىم قورقۇپ ئۆلۈپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى.
  مەن ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ ئارقا تەرەپتىكى تامنى بېسىپ باقتىم،   ناھايتى چۈرۈك، پورلىشىپ كەتكەن تاختاي قولۇمغا ئۇرۇندى.  شۇ چاغدا كاللامغا بىر ئەقىل كەلگەندەك بولدى. مەن ئارقامدىكى تامنى كۈچەپ ئىتتىرىدىغان بولسام ئىنىقكى ئۇ سۇنۇپ بىر تۈشۈك ئېچىلاتتى، ئەگەر مەخلۇق ماڭا ئېتىلماقچى بولسا مىنىڭمۇ چىكىنىدىغانغا يولۇم بار بولدى. يەنە كىلىپ تامنىڭ كەينى تەرىپى كىمىنىڭ قويرۇق تەرىپى بولۇپ ئۇيەردە باشقا ئەسلىھەلەر بار ئىدى، تەلىيىمگە بىرەر نەرسە تېپىپ قورال ئورنىدا ئۇنىڭغا تاقابنىل تۇرالىسام ئەجەپ ئەمەس. ..
  مەن مۇشۇنداق قالايمىقان خىياللارنى قىلىۋاتقىنىمدا كىمە پالوبىسى ئۈستىدىن غىرىس-غىرىس قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. قارىغاندا يەنە بىرەر ئادەم بۇ كىمىگە چىققاندەك قىلاتتى.   مەن ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمدا پالوبىنىڭ ئۈستىدىكى تۈشۈكتىن جاڭ چۇقۇر سەكرەپ چۈشتى، ئۇ ھۇشيارلىق بىلەن ھېلىقى تۈمۈر ئىشىككە قارىدى ،  ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاتتىق ۋارقىرىدى:" ۋاي ئانامەي!!! "
  مەخلۇق ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە بورۇلۇپ جاڭ چۇقۇرغا قاراپ ناھايتى سەت ئاۋازدا ھۆركىرىدى ۋە ئىڭىشىپلا ئۇنىڭغا ئېتىلدى.  جاڭ چۇقۇر ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن يەرگە چاپلىشىپلا قۇرالنى بەتلەپ مەخلۇققا قارىتىپ ئوق چىقاردى ، بىر پاي ئوق ئۇنىڭ  مۈرىسىگە تەككەن بولۇپ مۈرىسىدىن "گۈل "ئېچىلدۇرۇپ قويدى. جاڭ چۇقۇر يەنە قالايمىقان ھالدا مەخلۇققا قارىتىپ ئارقا-ئارقىدىن ئوق ئۈزدى.   ئوق مىنىڭ مېشىمغا تىگىدىغاندەك مەن تۈگۈلۈپلا قالدىم.
  دېڭىز مايمۇنىمۇ ناھايتى سەزگۈر ئىكەن، ئۇ بۇ قۇرالنىڭ بەك يامانلىقىنى بىلدىمۇ،   جاڭ چۇقۇرغا ئېتىلماستىن ئۇنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈپلا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھېلىقى تۈمۈر ئىشىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
 جاڭ چۇقۇر  تىزلىكتە  ئوق ئۈزگەچ يەنە ئىشىك تەرەپكە ماڭدى، كۈچەپ تىپىپ ئىشىك يېنىدىكى بىرقانچە تاختىنى سۇندۇرىۋەتتى.   مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىپ قارىغان ئىدىم، ھېلىقى مەخلۇق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشىكنىڭ ئىچىدىكى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك كۈچەپ تاتىلاۋاتاتتى. مەن دىققەت قىلىپ قارىغان ئىدىم، بىر تۈشۈكنى كۆردۈم،  بۇ ئەسلىدە ئەينى يىلى چاتاق چىققاندا كىمىنىڭ چۈكۈپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولغان تۈشۈك ئىدى.  ھازىر ئاللىقاچان  دېڭىز ئۈسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ چىقىپ  بۇ تۈشۈك پۈتۈپ قالغان بولۇپ قاچىنىڭ ئېغىزىچىلىك قالغان ئىدى.   بۇ مەخلۇق  ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇ جاڭ چۇقۇرنىڭ قورالنى ئېلىپ كىرگەنلىكىن كۆرۈپ بىر ئۇرۇلۇپا ھېلىقى ئورۇندىن ئۆزى پاتقۇدەك بىر تۈشۈك ئاچتى ۋە دىڭىز ئاستىغا قاراپ شۇڭغۇدى.
 جاڭ چۇقۇر يەنە پۇخادىن چىقمىغاندەك سۇغا قارىتىپ بىر قانچە پاي ئوق ئۈزدى.  بۇ ۋاقىتتا مەن كىمىنىڭ يېرىلىپ كىتىغاندەك بىر ئاۋاز چىقارغانلىقىنى ئاڭلىدىم، قارىسام سۇ ئاللىقاچان تىزىمىزغا كىلىپ قالغان ئىدى. يەنە مۇشۇنداق تۇرىدىغان بولساق بىزمۇ كىمە بىلەن تەڭ چۆكۈپ كىتەتتۇ. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇشقا بولمايتتى.   جاڭ چۇقۇر يۈگۈرۈپ بېرىپ ھېلىقى "چىرايلىق"نى كۈچەپ سىلكىپ:" ھەي نىڭ .. نىڭ !! " دەپ ۋارقىرىدى.  ئۇ خانقىزدىن سادا چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ . دەرھال ئۇنى يۈدىۋالدى دە   مىنىڭ مۈرەمگە دەسسەپلا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۈستىگە يامىشىپ چىقىۋالدى.  ئۇنىڭ بايىقى دەسسىگىنىدىن مەن بەللىرىم مۈكچىيىپ قۇسۇپ سالاي دىدىم.   جاڭ چۇقۇر ئۈستىدە تۇرۇپ ئىڭىشىپ قولىنى سۇنۇپ  مىنىمۇ تارتىپ چىقىرىۋالدى.


 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى