رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك12-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك12-باب

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 1183 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغىنىمدىن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاسلا قالدىم. ۋۇسەنشىڭ، چېنۋىنجىن دىگىنى دەل كەنجى تاغام بىلەن ۋېنجىننىڭ تۇلۇق ئىسمى ئەمەسمۇ؟ بۇ خاتىرىنى ئەينى يىلى ئۇلار يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان بولسا نىمە بولۇپ بۇ خاتىرە مۇشۇ ئالۋاستى كىمىسىدە پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟
 ئەگەر بۇ كىمە چۆكۈپ كىتىشتىن بۇرۇن بۇ كىمىدە ئۇلار ئىككىسى تاساددىبى ئۇچرۇشۇپ قالدى دىگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ شىشاغا كىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمۇ بىر تاساددىبىيلىقمۇ؟ .....................    بۇنداق توغرا كىلىپ قالىدىغان ئىش بولسا مەن نەچچە قېتىملاپ بەش مىليۇنلۇق كاتتا مۇكاپاتقا ئىرىشىپ بولغان بۇلاتتىم...
 مەن ئويلىنىپ قالدىم. بەلكىم بۇ ئىشلارنى ئۇنچە ئويلاپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ. بۇ خاتىرە ھېچنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. بۇ خاتىرە ئىنىقكى كەنجى تاغاملار قالدۇرۇپ قويغان نەرسە.  يەنە كىلىپ خاتىرە ئۈستىدىكى مەزمۇنغا ئاساسلانغاندا بۇ خاتىرىنى ئەينى يىلى كەنجى تاغام چېنۋېنجىنغا سوۋغا قىلغان. ۋېنجىن بۇ خاتىرىگە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرغان. بۇنداق بولغاندا بۇ خاتىرىنىڭ ئىگىسى دەل-چېنۋېنجىن.
 ئۇنداقتا بۇ ئالۋاستى كىمىسى كەنجى تاغاملارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟  ئەينى ۋاقىتتا قايتىپ كىلەلمىگەن ئوتتۇرا تىپتىكى بېلىقچىلار كىمىسى دەل مۇشۇمىدۇ؟
 مەن مۇشۇلارنى توختىماي ئويلىماقتا ئىدىم، كاللامدا نۇرغۇن سۇئاللار ئۈزۈپ يۈرەتتى، تۇساتتىن بېشىم يېرىلىپ كىتەي دەپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم.
 بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە يۇشۇرۇنغان ھەقىقى سىر ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئادەملا بىلىشى مۇمكىن. مىنىڭ ھازىرقى بىلىدىغانلىرىم پەقەت يۈزەكى تەسەۋۋۇرلار ئىدى.  بۇ ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىۋاتقان ئەڭ مەركىزى ھالقىنى مەن ھىس قىلالمايتتىم. ئەگەر كەنجى تاغام دىگەن قېرى تۈلكە ئىشنىڭ جەريانىنى ماڭا تەپسىلىيرەك ئېيتىپ بەرگەن بولسا بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئىنىق چۈشەنگەن بۇلاتتىم.
 بەلكىم خاتىرە ئىچىدىكى مەزمۇنلار ماڭا ئازراق چۈشەنچە بىرەلىشى مۇمكىن.    مەن ئەسلى بۇ خاتىرىنى يۇشۇرۇپ قويۇپ ئادەم يوق ۋاقىتتا كۆرەي دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق كۆڭلۈمدىكى كۈچلۈك قىزىقىش، ھەۋەس مىنى جىم تۇرغۇزمىدى. بۇ ئىشنى نىڭ خانقىزدىن يۇشۇرۇپ سىرلىقلاشتۇرىۋېتىشنى خالىدىم، دىمىسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇنچىۋىلا ھەزەر ئەيلەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.  مەن دەرھالا خاتىرىنى ۋاراقلىدىم.
 ۋېنجىن ئىش جىلغاندا ناھايتى ئەستايىدىل ئادەم بولۇپ، ھەر كۈنلۈك خاتىرىنى ئوخشاش بىر شەكىلدە ناھايتى رەتلىك قىلىپ يازغان ئىدى. مەن بىرىنجى بەتنى يەنى ئۇلارنىڭ يولغا چىققان كۈندىكى خاتىرىنى كۆردۈم.بۇ   7-ئاينىڭ15-كۈنى يېزىلغان بولۇپ ئۈستىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسمى تۇراتتى. يول باشلىغۇچى دەل ۋۇسەنشىڭ يەنى كەنجى تاغام ئىدى.  يەنە مېن يوۋپىڭ دىگەن بىر ئىسىم تۇراتتى.   كەنجى تاغام ئەينى ۋاقىتتا مېنيوۋپىڭنىڭ فامىلىسىنى جاڭ دىگەندەك قىلغان. مەن يەنە ئىزدەپ جاڭ چىلىڭ دىگەن ئىسىمنى بايقىدىم، ئەجىبا كەنجى تاغام دەۋاتقان مېنيوۋپىڭ دەل مۇشۇ كىشىمىدۇ؟
 يەنە بىر بەت ئۆرۈدۈم. بۇ بەتتە قەۋرىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش جەريانىدىكى ئىشلار يېزىلغان ئىدى. ھەتتا قانداق ئارغامچا ئىشلىتىلدى.............    دىگەنگە ئوخشاش كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ يېزىلغان بولۇپ كەنجى تاغام ماڭا ئېيتىپ بەرگەندىن تەپسىلىيرەك ئىدى. بۇ   ۋېنجىن قارىغاندا كەنجى تاغام دىگەن تومپاي قاقۋاشقا سېلىشتۇرغاندا ناھايتىمۇ ئەستايىدىل ئىدى. مەن بۇ ئىككى ئادەمنىڭ نىمە بولۇپ بىر يولدا ماڭغىنىنى ئويلاپ يىتەلمەيتتىم .  بۇ مەزمۇنلارنى ئەمدى كۆرۈشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. مەن يەنە ئەڭ ئاخىرقى بەتنى ئۆرۈدۈم .  مەن كۆرۈپلا ھەيران قالدىم.
 پۈتۈن مەزمۇننى ئەمەس ، بىر قانچە قۇر خاتىرىنى كۆرۈپلا كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى. ئىچىمدە كەنجى تاغامنى نەچچە مىڭنى تىللىدىم.
 ئۈستىگە :     7-ئاينىڭ 21-كۈنى    بىرىنجى قېتىم دېڭىز ئاستىدىكى قەبرىگە كىردۇق.
    ئەزالار:   ۋۇسەنشىڭ
 مەقسەت:   سول ۋە ئوڭ تەرەپلەردىكى قەبرە ئۆيلىرى ۋە كارىدۇرنى تازىلاش
 قىلغان ئىش: گاز پومپىسى بىلەن قەبرە ئىچىنىڭ ھاۋاسى ئالماشتۇرۇلدى ۋە داۋاملىق تازىلاشقا تەييارلىق قىلدۇق.
   سۇدىن چىققان قىممەتلىك نەرسىلەر: قېتىشما ياغاچتىن ياسالغان قوش سۇمرۇغنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن    جەسەت     ساندۇقى (بوۋاق جەسەت ساندۇقى)
 ئەسكەرتىش:   جىددى ئەھۋال كۆرۈلدى. ئاخىرى تولۇقلىنىدۇ.
دەپ يېزىلغان ئىدى.    بۇنىڭ كەينىدىنلا يەنە بىر خاتىرە بۇلۇپ  مۇنداق يېزىلغان ئىدى------------
7-ئاينىڭ23-كۈنى  دېڭىز ئاستى قەبرىسىگە ئىككىنجى قېتىم كىرىش
  ئەزالار : ھەممەيلەن
  مەقسەت: يوق
 قىلغان ئىش : يازدىكى بۇران-چاپقۇندىن دالدىلىنىش.
قىممەتلىك نەرسە: يوق
ئەسكەرتىش: يوق
  دىمەك بۇ خاتىرىدىن قارىغاندا كەنجى تاغام ئۇلارنى باشلاپ چۈشۈشتىن بورۇن ئۆزى بىر قېتىم قەبرىگە كىرگەن، ئۇنىڭ باندىتلارغا خاس مىجەز خاراكتىرىدىن ئۇنىڭ قۇرۇق قول يېنىپ چىقمىغانلىقى ئىنىق. ئۇ خاتىرىدە ئوڭ-سول جەبرە ئۆيلىرى تازىلاندى دەپ يازغىنى بىلەن، كىم بىلسۇن     ئۇ يەنە قانداق قىممەتلىك نەرسىلەرنى سىلاپ چىقتى.    بۇ قېرى تۈلكە بىرىنجى قېتىم كىرگەندە زادى نىمىلەرنى قىلدى؟     مىنىڭ بىردىنلا ئاچچىقىم كىلىشكە باشلىدى.
 مەن خاتىرىنىڭ قالغان قىسمىنى تىز-تىز بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتىم، ئىچىدە خېلى كارغا كىلىدىغان ئەمما ھالقىلىق بولمىغان مەزمۇنلار خېلى بار ئىدى.  مەن بۇ خاتىرىنى ئەمدى كۆرۈشنىڭ زۈرۈريىتى يوقلۇقىنى ھىس قىلىپ ، ئۇنى بايىقى خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇپ بۇرۇلۇپ خانقىزغا قارىدىم.    قارىغاندا ئۇ ماڭا دىققەت قىلمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپىتان ئۆيىنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىر پارچە تاختىدىكى چاپلىشىپ قالغان دېڭىز ئۈسۈملىكلىرىنى تارتىپ تازىلاۋاتاتتى.
 ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايتى تىز ھەم قۇپال بولۇپ ، ئۇ نەرسىلەرنى تارتىۋاتاتتى دىگەندىن كۆرە تاختىنى چېقىۋاتاتتى دىسەك توغرا بۇلاتتى.  ھېلىقى تاختىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك پاكىزلىنىپ بولغان بولۇپ داتلىشىپ كەتكەن پۇلات كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى.  ئۇ شۇ تازىلىغىنىچە كىمە گەۋدىسى بىلەن تاختاي تۇتاشقان جاينى پاكىزلاپ بولدى. بۇ تۇسۇپ قۇيۇلغان تاختاي بىلەن كىمە گەۋدىسىگە تۇتىشىدىغان تۆت تەرىپى كەپشەرلەنگەنىدى.  يەنە بىر ئىشىكمۇ بولۇپ بۇ ئىشىكمۇ پۇلاتتىن ياسالغان ئىدى. ئىشىكتا ماشىنىنىڭ رولىغا ئوخشايدىغان بىر بۇراش تەخسىسى تۇراتتى. قارىغاندا  بۇنى بۇرىغاندا ئىشىك ئېچىلسا كېرەك.
 خانقىز بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ بىر تەرەپتىن ئۆز-ئۆزىگە :" قورقما! قورقما! مەن سىنى ھازىرلا چىقىرىۋېتىمەن" دىدى.
 مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل غەلىتىلىك ھىس قىلدىم، مەن ئۇنىڭ سەل بىنورمال تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ چەبدەسلىك بىلەن پۇلات ئىشىكنىڭ ئەتراپىدىكى داتلارنى تازىلاپ بولدى.  مەن ئىشىك بىلەن ئىشىك كېشىكى ئارىسىدا يەنە بىر قەۋەت كاۋچۇك يىلىمى بارلىقىنى كۆردۈم.    بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىسكىلات پىچەتلەنگەندەك قىلاتتى.    ھېلىقى قىز بۇلارنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ھېلىقى رولغا ئوخشايدىغان نەرسىنى كۈچەپ ئايلاندۇرۇشقا تەمشەلدى. بۇ نەرسە ناھايتى ئېغىر بولۇپ ئۇنىڭ پاساردەل قوللىرى بىلەن ئۇنى ئېچىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ كۈچەپ بىرقانچە قېتىم سىنىغان بولسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى.
  مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەندەك بولدۇم. ۋە ئۇنىڭغا:" ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسە سۇغا چۆكۈپ كەتمىگەندەك قىلىدۇ، بىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئاچمىساق بۇلارمىكى، ئەگەر ئىچىدە بىرەر غەلىتە مەخلۇق بولۇپ قالسا  بىزنىڭ قولىمىزدا قۇرال يوق ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ بۇ يەردە ئۆلگىنىمىز شۇ " دىدىم.
 ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى. يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھېلىقى نەرسىنى ئايلاندۇرۇپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولىۋاتاتتى.
مەن بېشىمنى چايقىدىم،  " بۇ ئايال ھەقىقەتەن غەرەز ئۇقمايدىكەن" دىدىم  كۆڭلۈمدە.  شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئۆچلىكىم كىلىۋاتاتتى.
 مەن قولۇمنى بىلىمگە تىرەپ ئۇنىڭ ئۇ يەردە بىكارغا ئاۋارە بۇلىۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلىپ قاراپ تۇردۇم، شۇ تاپتا ئاچچىقىم يانغاندەك بولدى.  بۇ ۋاقىتتا ئۇ بۇرۇلۇپلا ماڭا قارىدى، مەن تېخى ئۇنى بىرەر ياخشى ئامال تاپقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، كىم بىلسۇن ئۇ ناھايتى سەت بىر خىل ئاۋاز چىقىرىپلا كەينىگە ئىگىلدى ئارقىدىنلا ئۇنىڭ چېچىنىڭ ئارىسىدىن ھېلىقى بىرجۈپ قۇرۇپ قالغان قول كۆرۈندى.    ئارقىدىنلا بۇ قول ھېلىقى رولنى بۇراشقا باشلىدى، بۇ قونىڭ كۈچى ناھايتى زور ئىدى.  مەن تۈمۈرگە چاپلىشىپ قالغان داتلارنىڭ چاراسلاپ ئاجرىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
 قورققىنىمدىن  يەردە ئولتۇرۇپ قالايلا دەپ قالدىم.  بۇ مەنزىرە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجە خەتەرلىك ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىدى.  بۇ بىر جۈپ قولنىڭ كۆرنمىگىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن - دە؟  ئۇ ئەسلىدە خانقىزنىڭ چاچلىرى ئارىسىدا ئىكەن ئەمەسمۇ!؟   ئۇنداقتا ھازىر مەن  بىلەن پاراڭلاشقىنى ئالۋاستىمۇ ياكى ئادەممۇ؟!
 بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئىشىكنىڭ تاقىقى تۇيۇقسىز بۇشىدى، خانقىز بىرقانچىنى ئايلاندۇرۇپلا ئىشىكنى تارتىپ ئېچىشقا تەييارلىق قىلدى.  تۇيۇقسىز ئىشىك ئىچىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋاز بىلەن تەڭ  كەلكۈنگە ئوخشاش غايەت زور سۇ ئېتىلىپ چىقتى، ئىشىكمۇ پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلدى. سۇ خانقىزنىڭ كەينىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇپ ئۇنى ئۇچۇرىۋەتتى.   مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ دەرھال ئېتىلىپ بېرىپ خانقىزنى قۇتقۇزماقچى بولدۇم، بىراق سۇ ئىككىلىمىزنى 5-6 مېتىر يىراقلىققا ئېلىپ كەتتى.
مەن ناھايتى تەسلىكتا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم  ، ئىشىكتىن يۈزلىرىگە تەڭگىسىمان بىر خىل نەرسىلەر ئۈسۈپ كەتكەن غايەت زور چوڭلۇقتىكى بىر مەخلۇق ئېتىلىپ چىقىپ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇردى.....

 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى